تۇرسۇنجان سۇلتان (ئالپ سوفت) ئەپەندىگە ئوچۇق خەت

بۇ سەھىپىگە UKIJ ئەزالىرى ۋە UKIJ غا ئەزا تور بەتلەر تەتقىق قىلىۋاتقان تەتقىقات تۈرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە تەتقىقات ئۇيۇشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار قويۇلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

تۇرسۇنجان سۇلتان (ئالپ سوفت) ئەپەندىگە ئوچۇق خەت

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » چارشەنبە مارت 05, 2008 3:07 pm

[size=3]سالام تۇرسۇنجان ئەپەندى، ياخشىمۇ سىز؟
يىقىنقى بىر نەچچە قىتىمقى ئالاقىمىزنى تىلغا ئالمىغىنىمىزدا، ئۇزۇن بوپتۇ سىز بىلەن ئالاقە قىلىشمىغىلى.
خىزمەتلىرىڭىز ئالدىراش، شىركەت ئىشلىرىڭىز ئالدىراشلا دەيسىز، ھە، ئالدىراشكەن، دەپ بىلدىم، ئەلۋەتتە ھەممەيلەن ئىشتىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا ئاندىن مۇشۇنداق باشقا ئىشلارغا ۋاقىت ئاجرىتالايدىكەنمىز. بۇرنقىدەك، يەنى 2004-، 2005-يىللىرىدىكىدەك باكارچىلىق دەۋرى ئاخىرلاشقان چىغى، ھەممەيلەننى تۇرمۇش ئۆز ئالدىغا سالدى بولغاي، نۇرغۇن ھەۋەسكارلارمۇ يوقاپ كەتتى. ئەلۋەتتە، ھەممەيلەننىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولسا، خۇددى ئۇلۇغ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىمىز ئالدىنقى ئەسىرلەردە ئوتتۇرغا قويغان "ھەممە قورساق توق، تۇرمۇش خاتىرجەم باياشات بولغان ھاللىق سەۋىيگە يەتكۈزۈش" نىشان قىلىنغان پىلانىمىز ئەمەلگە ئاشسا ئاندىن باشقا ئىشلارغا ۋاقىت چىققاندەك.
شۇ ۋەجىدىن نۇرغۇن نۇرغۇن قولداشلىرىمىز بۇ تور دۇنياسىدىن ئۆزىنى تارتتى بولغاي نۇرغۇنلىرىنىڭ ئىزىنى كۆرمەس بوپ كەتتۇق، بەزىلىرىنى ئاندا ساندا بارلىقىنى بىلىپ تۇرىۋاتىمىز.

مۇشۇ كۈنلەردە بىلىك مۇنبىرىدە خەت نۇسخىلىرى توغۇرلۇق قايناق بەس مۇنازىرىلەر باشلىنىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ خىلى ئەتراپلىق بايان قىلىنغان ئىنكاس پىكىرلىرىڭىزنى كۆرۈپ سىز يادىمغا يەتتىڭىز، بۇرۇنقى بىر قىسىم ئالاقىلىرىمىز، سىزنىڭ UKIJ ئۈچۈن 2-قىتىملىق خەت نۇسخىلىرىنى رەتلەشتە پىداكارلىق بىلەن ئىشلەپ كەتكەنلىرىڭىز بىر بىرلەپ يادىمغا يەتتى.
يەنە، سىزنىڭ تور بىتىڭىزنى ئىچىپ، نىمىش قىلىۋاتىدۇ، دىگەن مەقسەتتە قاراپ باقتىم، ئىلگىرلەشلەر ھەقىقەتەن زوركەن، ئۇيغۇرچە يانفۇن، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ئىلىكترون بويۇملىرىغا ھۇجۇم قىپسىز، ھەم قارىسام باھاسىمۇ مۇۋاپىق، خىلى كۆپىمىز قوبۇل قىلالايدىغان دەرىجىدە ئىكەن، نىمىشقا بۇرۇن كۆرمىگەن بولغىيتتىم، دەپ قالدىم. تۆۋىنى 430يۈەنلىك ئۇيغۇرچە يانفۇن ئىكەن، MP3، كۆپ ۋاستىلىق ساقلاش كارتىسى، سۈرئەتلىك ناخشا، ... قاتارلىقلارنى قوللايدىكەن، كۆك چىش ئىقتىدارى بار يانفۇننى كۆرۈپ باقسام 800يۈەندىن سەل ئۆرە ئىكەن شۇ. نوكىيانىڭ قىممەت باھالىق قىش تىلفۇنلىرىغا سىلىشتۇرغاندا جىق ئەرزان ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ساپ ئۇيغۇرچە. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرچە ئىلىكترون مەھسۇلاتلىرىڭىزمۇ خىلى باركەن، ئۇلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ باقمىدىم. باشقا مۇنبەر، تور بەتلەردە تونۇشتۇرۇشلارنى كۆرمەپتىمەن. ھەقىقەتەن ئالدىراشلىقىڭىزغا چۇشلۇق جىم تۇرماپسىز.

خەت نۇسخىلىرى مەسىلىسىدە سىز ئۆتكەن يىلنىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلاپلا بىرقانچە قىتىملاپ خەت نۇسخىلىرىنى يەنە تېخنىكىلىق تۈزىتىش توغىرىسىدا ئالاقىلەرنى قىلىدىڭىز، لىكىن UKIJ دە كۆپ مۇنازىرە قىلىنمىدى، ھەم [b]خەت نۇسخىلىرىنى تۈزىتىشتىن باشقا خىزمەتلەرنى ئىلىپ بىرىش[/b] ئىددىيسى كۈچلۈك بولغاچقا بۇ توغۇرلۇق كۆپ ۋاقىت ئاجرىتالمىدۇق.

يۇقارقىدەك ئىشلار، ئۇندىن باشقا يىقىندىن بىرى UKIJ دە دائىمىي ئەزالار ئارىسىدا ئىلىپ بىرىلغان مۇھىم پىكىر ئىلىشلاردا سىز توغۇرلۇق بەزى پىكىرلەر بولۇندى، مەسىلەن، سىزنى يىڭى نۆۋەنلىك UKIJ رەئىسلىكىگە ۋارىس ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە قويۇش قاتارلىق تەكلىپلەر چۈشتى، لىكىن سىز كۆرمىدىڭىزمۇ ئەتىمالىم پىكىرلىرىڭىزنى يازالمىدىڭىز، شۇنىڭ بىلەن مەن سىزگە ئىلخەت يوللاپ تىيما ئادرىسىغا تەكلىپ قىلدىم، سىز مۇنبەرگە كىرگەندىن كىيىن ھىساۋاتىڭىز توڭلىتىلىپ قالغانمۇ ئەيتاۋۇر ئىنكاس يازالماي، ماڭا جاۋاب خەت يىزىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىكىڭىز ھەققىدە ھەممەيلەنگە ئۆزھىرخالىق ئىيتىدىغانلىقىڭىزنى، ۋە 3-ئايدىن كىيىن قىسمەن ھالدا چوقۇم ۋاقىت ئاجرىتىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈردىڭىز. (كۆپ تەشەككۈر.)

ئەمدى، مەن نۆۋەتتىكى بىر قىسىم مەسىللەرنى كۆزدە تۇتۇپ، سىز توغۇرلۇق بەزى سۇئاللارنى ئاشكارا تاشلاشنى مۇۋاپىق تاپتىم، بۇ UKIJنىڭ خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا مىنى ئەيپكە بۇيرىماسلىقىڭىزنى ئۈمد قىلىمەن.

[color=Magenta]1) ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا UKIJ خەت نۇسخىلىرىدىكى تېخنىكىلىق مەسىللەرنى تۈزىتىش ھەقىقەتەن زۆرۈرمۇ؟ زۆرۈر بولسا تىخنىكىلىق مەسىللىلەر يەنى Unicode 4.0 ۋە 5.0 قاتارلىقلارنى سىلىشتۇرۇشتا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى، بىزنىڭ ھەرپلىرىمىزنىڭ كود ئورنىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولۇندى، تەپسىلىي ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتكەن بولسىڭىز.[/color]

[color=Magenta]2) ئەگەر راسىتنلا تېخنىكىلىق ئۆزگەرتىشلەر ئىلىپ بىرىلسا، خەت نۇسخىلىرىدا ئۆزگەرتىش ئىلىپ بىرىلىدۇ دىگەن گەپ، بۇ تېخنىكىلىق ئۆزگەرتىش دىگەن گەپ قايسى مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ مەسىلەن، خەت قۇرۇلما شەكلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟ ياكى كود ئورنى، بەزى كەم قالغان ھەرپ بەلگىلەر قوشۇلامدۇ؟ بۇ ئىككىسى ئىككى مەسىلىمۇ قانداق؟ قۇرۇلما ئۆزگۈرۈشى بولسا، بۇ خەت نۇسخىسى ئەسلىدىكى خەت نۇسخىسى بولماي قالىدۇ. ئۇنداقتا ئۇنىڭغا يىڭى نام بىرىش كىرەكمۇ قانداق؟[/color]
بۇ سۇئالنى سوراشتىكى مەقسەت، UKIJ Tuz Tom خەت شەكلى، بارلىق خەت شەكىللىرىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا جىق ئۆزگىرىش بولغانلىقى مەلۇم، [url=http://www.alplar.com/downloads/old_ukij/index.htm]سىز قالدۇرغان سىلىشتۇرما بەتتىن[/url] كۆرۈشۈمچە خەت نۇسخىسىدا خىلى ئۆزگىرىشلەر بوپتۇ.
ئەسلى خەت نۇسخىسىدىكى ئە گە قاراپ باقايلى:
[img]http://www.alplar.com/downloads/old_ukij/old/ae3.gif[/img]

ئەمدى تۆۋەندىكى يىڭى "تۈزۈتۈلگەن" نۇسخىسى:
[img]http://www.alplar.com/downloads/old_ukij/ae3.gif[/img]

ئۇندىن باشقا مسىاللار:

كونىسى:
[img]http://www.alplar.com/downloads/old_ukij/old/b1.gif[/img]
يېڭىسى:
[img]http://www.alplar.com/downloads/old_ukij/b1.gif[/img]

ئىككى رەسىمدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى ئەسلى خەت نۇسخىسى ئۆلچەمسىز ئەمەس بەلكى، خەت ئۇستىخىنى ھۆسىنخەت يازغۇچىلارنىڭ يىزىش ئۇسلۇبىغا ئىنتايىن ماس كەلگەن، ئىنتايىن تەبىئىي چىققان. بۇنى ھۆسىنخەت يازىدىغانلار شۇ بارلىق ئىككى سىلىشتۇرمىغا قاراپ باقسۇن، شۇلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقساقمۇ بولىدۇ. تۈزىتىلگەندىن كىيىنكىسى خۇددىي كومپىيۇتېردا ياسالغانلىقى، بەكمۇ ئۆلچەملىك (تۈز) بوپ كەتكەنلىكى، خەت نۇسخىسىنىڭ ئەسلى گۈزەللىكى ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكى مەلۇملۇق، دىمەك بۇ بۇرۇنقى UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى ئەمەس.

ئۇندىن باشقا، ھەقىقەتەن كونا نۇسخىدا بەزى ئورۇن مەسىلىسى توغرا بولمىغان ئىكەن، مەسىلەن:
كونىسىدا:
[img]http://www.alplar.com/downloads/old_ukij/old/ch4.gif[/img]

يىڭىسىدا:
[img]http://www.alplar.com/downloads/old_ukij/ch4.gif[/img]

يەنە خىلى بىر قىسىم مىساللار قالدۇرۇلدى، باشقىسىنى بۇ سىلىشتۇرما بەتتىن كۆرگەيسىزلەر:
[url=http://www.alplar.com/downloads/old_ukij/index.htm]http://www.alplar.com/downloads/old_ukij/index.htm[/url]

يۇقاردىكى سىلىشتۇرمىلاردىن باشقا يەنە:
[quote]
[color=DimGray]بىخلان ئەپەندىنىڭ تۆۋەندىكى بىر ئىنكاسىغا سەل قارىمايلى:[/color]
... ...
3. كىچىكرەك يېزىلغان ھالىتى بىلەن چوڭراق يېزىلغان ھالىتىدە شەكىل ئۆزگىرىشى بولماسلىقى كېرەك، مەسىلەن: سىزگە كىچىك نۇمۇرلۇق خەتنى يېزىپ كۆرسىتىپ، ئاندىن باشقا خەت نۇسخىلىرىدا چوڭ نۇمۇرلۇق خەت يېزىپ، شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى قايسىسى بايامقى كىچىك نۇمۇرلۇق خەت نۇسخىسى شۇ دېسە بىلگىلى بولىدىغان بولۇشى كېرەك، بۇنىڭدىن سىز چېكىتلىك خەت نۇسخىسىنىڭ كىچىكلىتىلگەن ھالىتى چوقۇم ئۇنىڭ چوڭايتىلغان ھالىتىدىكى ئومومىي شەكلىنى ساقلاپ قېلىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلالايسىز. كىچىك بولغاندا چېكىتلىك ھەرپ گەۋدىسى ئىشلىتىلىپ، چوڭايتىلغاندا ۋېكتورلۇق ھالىتى ئىشلىتىلگەچكە، ئىككىسىدە ئاز- تولا پەرق كۆرۈلىشى تەبىئىي ئىش، لېكىن، پەرق زور بولماسلىقى كېرەك.
[url=http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=16436&page=6#pid123955]ئەسلى مەنبە[/url]
[/quote]

يەنە ئۇندىن باشقا، UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى كۆپلىگەن تور بەتلەردە ئاساسلىق خەت نۇسخىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن زور كۆلەمدە ئوموملىشىپ بولدى، بۇ خەت نۇسخا قۇرۇلمىسىدا كۆپ ئۆزگىرىش بولسا [u]بۇ مەسئۇلىيەتنى UKIJ زىممىسىگە ئىلىشى كىرەكمۇ قانداق؟[/u]
UKIJ فونت بۆلۈمىنىڭ غوللۇق باشقۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

[u]ئەگەر خەت نۇسخىسىدىكى قۇرۇلما ساقلاپ قىلىنىپ، پەقەت تېخنىكىلىق مەسىللەرلا تۈزىتىلسە بەكمۇ ياخشى بولاتتى.
ئەگەر تور بەتكە ماسلاشتۇرىمىز دەيدىكەنمىز، ئۇنداقتا ئۇ UKIJ Tuz Tom بولماي قالىدىكەن، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا يۇقاردىكى مەسىللەرنى ئويلاشقاندا يىڭى نام قويۇش (مەسىلەن UKIJ Tor دىگەندەك) تەكلىۋىنى بىرىمەن.[/u]


[color=Magenta]3) UKIJ مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە تۇرۇپ قالدى، كۆپلىگەن ماڭا ئوخشاش قولداشلار دائىم كۆڭلىدە UKIJنى ئويلاپ تۇرىدۇ، لىكىن بۇرۇنقىدەك يۇقىرى ھاسىلاتلارنى بەرپا قىلالمايۋاتىمىز، بىز زادى قانداق قىلىشىمىز كىرەك؟ پۈتۈنلەي يوقاپ كەتمىسەكمۇ قولىدىغان كىلىدىغانلار مۇشۇنداق ئەتراپتا تۇرۇپ ئاز تولا مىدىراپ تۇرساق، چوڭ نەتىجە ياراتقۇچىنى ساقلايمىزمۇ؟ ياكى چىچىلىپ كىتىشىمىز كىرەكمۇ؟[/color] مۇشۇ ھەقتە ئويلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باققۇم بار.

(يەنە بىر سۇئالىم بار ئىدى، ئۇ شىركىتىڭىز بىلەن UKIJ ھەمكارلىقى، بۇ ئارقىلىق ئىككىلا تەرەپكە نەپ يەتكۈزىلىدىغان ئىشلار ئىدى، يۇقارقىلار تۈگىگەندە ئايرىم ۋاقىتتا يوللاي.)

پىكىرلىرىم ئازراق چىچىلىپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن، ھەم خەت نۇسخىلىرى ئىشىدا بەزىدە سىزگە ئىغىر كىلىشى مۇمكىن، دەپ ئويلىدىم، بۇنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىشلەتكۈچىلىرى ئۈچۈن بولغانلىقى ئۈچۈن، نەتىجە ھەممىگە پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىيتىشقا توغرا كەلدى، پىكىرلىرىمنى ياخشى نىيەتتە، ياخشى تەرەپتە دەپ، سەمىمىي، ساپ ھالدا ئويلىنىپ، ماڭا باشقىچە ئويدا بولماسلىقىڭىزنى بەكمۇ ئۈمد قىلىمەن.
[/size]

[color=Gray]ئەگەر يەنىلا بۇرۇنقى نامىڭىزدا مۇنبەرگە كىرەلمىسىڭىز، مۇنبەر باشقۇرغۇچى تۈرىدىكى ئەزالار ئەسلى نامىڭىزنى ئوڭشاپ قويغىچە باشقا يىقىنراق نامدا تىزىملىتىپ (ئىلخەت ئادرىسىڭىزغا كەلگەن دەلىلەش كودىنى ئاكتىپلىغاندىن كىيىن) ئىنكاس يازغاچ تۇرۇڭ.[/color]



Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » جۈمە مارت 07, 2008 10:51 am

ياخشىمۇسىز پەرھات، بۇ يازمىڭىزنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم، ئەمدى سورىغان سوئاللىرىڭىزغا جاۋاب بېرىپ ئۆتەي.
ئالدى بىلەن ئۆزۈمنىڭ ھازىر مەشغۇل بولىۋاتقان ئىشلىرىمدىن ئازراق خەۋەر بېرىپ ئۆتەي، يېقىندىن بېرى ھەقىقەتەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، بەلكىم مەن ئەمەس ماڭا ھەممە كىشىلەر شۇنداق ئالدىراشتەكلا بىلىندى. يېقىندىن بېرى بىرقانچە ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بەزى تۈرلەرنى ئىشلەۋاتقان ئىدۇق، بۇنىڭ نەتىجىلىرىمۇ خېلى ياخشى بولىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە شىركىتىمىز ئىشلىگەن يۇمشاق دېتال ۋە بىرقىسىم يېڭى خەت نۇسخىلىرى ھەرقايسى ئورۇنلاردا ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ئىشلىتىلىش قىممىتىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ سىڭدۈرمە دىتاللىرىدىكى نەتىجىسى خېلى ياخشى.
مەن ئۇ كى ئى ج نىڭ 2-قېتىملىق خەت نۇسخىسىنى تۈزىتىش ئىشلىرى باشلانغاندىلا، خەت نۇسخىسى ۋە كود ئورنى مەسىلىسىنىڭ بەك مۇھىملىكىنى كۆپ تەكىتلىگەن ئىدىم، ئەسلىدە شۇ قېتىم ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ ئىشلار سۇسلاشتۇرۇلماسلىقى كېرەك ئىدى، بۇنىڭدا مېنىڭمۇ بەلگىلىك مەسئۇلىيىتىم بار. ئەگەر بىز بۇ خىزمەتلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىپ ماڭغان بولساق، ھازىرقىدەك بەلكىم ۋىستادا ف ھەرىپى خاتالىقى، قازاق يېزىقىدىكى ھەمزە مەسىلىسى، قازاقچە كىرگۈزۈش داۋامىدىكى 二义性 مەسىلىرى دېگەندەك مەسىلىلەر بەلكىم ھازىرقىدەك بولۇپ كەتمەسلىكى مۇمكىن ئىدى. بۇ ئىشلارغا دېگەندەك كۆڭۈل بۆلۈپ كېتەلمىدۇق.
مېنىڭ ھازىرقى كۆز قارىشىممۇ، بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە خەت نۇسخىلىرىنىڭ خەت شەكلى ۋە كودلىرىغا بولغان يۈكسەك دەرىجىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىقىمىزنى ئاشۇرۇش. بۇلاردىكى مەسىلىلەرنى بالدۇرراق ھەل قىلىپ، خاتالىقلارنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈپ، ئىشلەتكۈچىلەرنى خاتىرجەم قىلىشتىن ئىبارەت.
شۇڭا، مەن يەنىلا باشقا چوڭ يۇمشاق دېتاللارغا قارىغاندا، خەت نۇسخىسى ۋە كود ئورنى مەسىلىسىگە بەكرەك قىزىقىمەن، بۇ بىزنىڭ ئۈچ ۋاق تاماقتىن ئايرىلالمىغىنىمىزدەك، خەت نۇسخىسىمۇ بىزنىڭ كومپيۇتېردىكى ھەرقانداق بىر مەشغۇلات ھەم خىزمەتلىرىمىزدە بىزگە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىل.
تۆۋەندە سوئاللىرىڭىزغا جاۋاب بېرىپ ئۆتەي:
[quote]1) ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا UKIJ خەت نۇسخىلىرىدىكى تېخنىكىلىق مەسىللەرنى تۈزىتىش ھەقىقەتەن زۆرۈرمۇ؟ زۆرۈر بولسا تىخنىكىلىق مەسىللىلەر يەنى Unicode 4.0 ۋە 5.0 قاتارلىقلارنى سىلىشتۇرۇشتا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى، بىزنىڭ ھەرپلىرىمىزنىڭ كود ئورنىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولۇندى، تەپسىلىي ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتكەن بولسىڭىز.
[/quote]
مېنىڭچە UKIJ نىڭ خەت نۇسخىلىرىدىكى تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ھەقىقەتەن زۆرۈر، ئەگەر كىچىككىنە بىر ھالقىغا سەل قارىساق، چوڭ تېخنىكىلىق مەشغۇلاتلارنىڭ بىر پۈتۈنلىكىگىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يۇنىكودنىڭ 4.0 ۋە 5.0 دىكو كود ئورنىدا چوڭ پەرق يوق، ئۇيغۇرچە كونا يېزىقتا ئۆزگۈرۈش يوق، يېڭىلىقلارمۇ يوق، پەقەت ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىدىكى ق، ھ، ژ ھەرپلىرىنىڭ بۇرۇنقى 6 خىل شەكلىگە ئايرىم كود ئورنى بەلگىلەنگەن، ئەسلىدە بۇنىڭ ئورنىغا ھازىرقى كونا يېزىقىمىزدىكى <ئە> بىلەن <ئى> نىڭ كود ئورنى مەسىلىسى ھەل بولغان بولسا بەك ياخشى ئىش بولاتتى. مېنىڭچە مەسىلە يەنىلا ئۆزىمىزدە، يۇنىكودنىڭ 4.0 ۋە 5.0 نەشرلىرىدە ئېنىق كۆرسۈتۈپ ئۆتكەن كود ئورۇنلىرىنى ئۆزلىرىمىز خالىغانچە ئىشلىتىپ، تەپسىلىي كۆرۈپ باقمايلا خەت نۇسخىسى ۋە يېزىق كىرگۈزگۈچ ئىشلەپ، تولدۇرۇۋالغۇسىز خاتالىقلارغا سەۋەب بولىۋاتىمىز، مېنىڭچە بۇ يەردە يۇنىكودتىكى كود ئورنىنىڭ قانداق بولۇشى مۇھىم ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىز قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزغا قانچىلىق سەمىمىيەت ۋە ئېھتىياتچان پوزىتسىيە توتالىغان-توتالمىغانلىقىمىزدا دەپ قارايمەن، مەسىلە يەنىلا ئۆزىمىزدە، شۇڭا ئاۋال ئۆزىمىزدىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىشىمىز كېرەك.

[quote]2) ئەگەر راسىتنلا تېخنىكىلىق ئۆزگەرتىشلەر ئىلىپ بىرىلسا، خەت نۇسخىلىرىدا ئۆزگەرتىش ئىلىپ بىرىلىدۇ دىگەن گەپ، بۇ تېخنىكىلىق ئۆزگەرتىش دىگەن گەپ قايسى مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ مەسىلەن، خەت قۇرۇلما شەكلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟ ياكى كود ئورنى، بەزى كەم قالغان ھەرپ بەلگىلەر قوشۇلامدۇ؟ بۇ ئىككىسى ئىككى مەسىلىمۇ قانداق؟ قۇرۇلما ئۆزگۈرۈشى بولسا، بۇ خەت نۇسخىسى ئەسلىدىكى خەت نۇسخىسى بولماي قالىدۇ. ئۇنداقتا ئۇنىڭغا يىڭى نام بىرىش كىرەكمۇ قانداق؟[/quote]
بۇنىڭدا، بىرىنچىدىن ھازىرقى يېڭى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ خەت نۇسخىلىرىمىزنى ئەلالاشتۇرۇش زۆرۈر. يېڭى تېخنىكىلار دېگەندە بىرلا 1) بىرلا خەت نۇسخىسى ھالىتىدە خەت شەكلىنىڭ ئىنچىكە ۋە توم شەكلى بولۇش؛ 2) ھەرپلەرنىڭ نىسبىتىنى ئەڭ كىچىك دەرىجىدە كونترول قىلىش، بۇ دېگەنلىك ھەرقايسى يېزىقتىكى ھەرپلەرنىڭ ئىگىز-پەسلىكى، شەكىلدىكى ئوخشاشلىقى، توم-ئىنچىكلىكى، ئۇچۇق ۋە سىللىق تەڭشىلىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ 3) ClearType تېخنىكىسىغا ماس كەلتۈرۈش؛ 4) خەت نۇسخىسىنىڭ ھەر خىل مەشغۇلات سىستېمىلىرىدا نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ يەنى Windows ، Linux ، Mac OS لاردا نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، ھازىرقى خەت نۇسخىلىرىمىز ئەمەلىي سىناقلاردىن ئۆتۈپ Windows ۋە Linux لاردا ناھايىتى نورمال ئىشلەۋاتىدۇ، Mac OS تا يەنە ئازراق مەسىلىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئېنىقلىق ۋە سۈپەت جەھەتتە Windows ۋە Linux لاردىكىدىن كۆپ ياخشى ( Mac OS تىكى مەسىلىلەرمۇ ئۇزۇنغا قالماي ھەل قىلىنىدۇ).
ئىككىنچى، خەت نۇسخىسى بىر نەشر يېڭىلاندى دېگىنى، بۇ خەت نۇسخىسىدىكى ھەرپ شەكىللىرىدىمۇ ۋە كود ئورنىدىمۇ مەسىلىلەر بولغان بولسا ھەل قىلىندى دېگەنلىك، ئەگەر خەت شەكلىدە مەسىلە بولماي كود ئورنىدا مەسىلە بولسا، پەقەت كود ئورنىلا تۈزىتىلىدۇ، كود ئورنى توغرا بولماي خەت شەكلىدە مەسىلە بولسا خەت شەكلى تۈزىتىلىدۇ. شۇڭا بۇ ئىككىسىنى ئايرىۋېتىشكىمۇ بولمايدۇ دەپ قارايمەن. ھازىر ياسىغان خەت نۇسخىلىرىمىز يۇنىكودنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ بېكىتكەن ئەڭ يېڭى كود ئۆلچەملىرى بويىچە كودلىنىلدى، ئەگەر كود ئورنىدا ئۆزگۈرۈش ياكى يېڭىلىنىش ۋە ياكى تولۇقلاش ئېلىپ بېرىلسا، بۇ خەت نۇسخىلىرىغا دەل ۋاقتىدا تۈزىتىش ئېلىپ بارالايمىز، ئەمما خەت شەكلىدىكى مەسىلىلەرنى بۇنداق تېز بىرتەرەپ قىلىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ئىشلىشىمىز زۆرۈر، بۇ خىل تۈزىتىش مەشغۇلاتى ئىنتايىن ۋاقىت ئالىدىغان ئىش بولغاچقا مۇشۇنداق دېدىم.
خەت نۇسخىسى يېڭىلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا بىر قىسىم خەت شەكلىنىڭ سىلىقلىنىشى تۈپەيلى ئاز-تولا ئۆزگۈرۈش بولىدۇ، بەئەينى كوررېكتورلۇق خىزمىتىگە ئوخشاش، بۇنىڭلىق بىلەن يېڭى بىر خەت نۇسخىسى بارلىققا كەلدى دەپ قارىساق بولمايدۇ. مىكروسوفتنىڭ سىستېما خەت نۇسخىسى Alrial دېگەندەك خەت نۇسخىلىرى نەشرىنىڭ يېڭىلىنىشىمۇ نەچچە قېتىملىق بولغان، ئاددىيلىقتىن-مۇكەممەللىككە قاراپ ماڭغان، ئەمما نامىدا ئۆزگۈرۈش بولمىدى، ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرى دەسلەپكى مەزگىلىرىدە پەقەت ئۇيغۇرچە كودلاش ئورنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسا، كېيىنچە قازاقچە، قىرغىزچە كود ئورنىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەرەبچە كود ئورۇنلىرىنى تولۇقلاپ، ھازىرقىدەك خېلى مۇكەممەل بولغان ھالەتكە كەلدى، بۇ خىل مۇكەممەللەش يەنە داۋاملىشىشى مۇمكىن، ئەمما نام ئۆزگۈرىشى بولمايدۇ دەپ قارايمەن.
[quote]تۈزىتىلگەندىن كىيىنكىسى خۇددىي كومپىيۇتېردا ياسالغانلىقى، بەكمۇ ئۆلچەملىك (تۈز) بوپ كەتكەنلىكى، خەت نۇسخىسىنىڭ ئەسلى گۈزەللىكى ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكى مەلۇملۇق، دىمەك بۇ بۇرۇنقى UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى ئەمەس.[/quote]
بىز كومپيۇتېردا دېمەك مۇشۇنداق ئەلالاشتۇرغان، سۈپىتى يۇقىرى بولغان خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلىتىشىمىز كېرەك، بۇنداق بولغاندا بۇ خەت نۇسخىسىنى ھەقىقىي OpenType لىق خەت نۇسخىسى دېيەلەيمىز، ئۇندىن باشقا بۇ خىل خەت نۇسخىسىغا ClearType قوللىتىلسا، ئۇنىمى تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. ئەگەر بۇرۇنقى Tuz Tom نامىدىكى خەت نۇسخىسىنىڭ مەيلى كود ئورنى بولسۇن، ياكى خەت شەكلىدە بولسۇن خاتالىق بەك كۆپ، ھازىر توردا ئىشلىتىۋاتقانلىرىنىڭ بەزىلىرى يېڭىسى بەلىلىرى يەنىلا كونىسى، بۇ يەردە شۇنى سوراش مۇمكىنكى، بىز كونىنى ئىشلىتىشىمىز كېرەكمۇ؟ ياكى يېڭىسىنىمۇ؟ ھازىر مەن تۈزىتىپ چىققان UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى بۇرۇنقى UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدىن مەيلى خەت شەكلىدە بولسۇن، كود ئورنىدا بولسۇن خېلى كۆپ پەرقى بار، ھەم كۆپ يېڭىلاندى، ئەلۋەتتە بۇنىڭغا UKIJ Tor دەپ نام بەرسەكمۇ بولىدۇ، مېنىڭچە يېڭى بىر نامنى كۆپەيتكۈچە، مۇشۇ خەت نۇسخىسىنى بۇرۇنقى UKIJ Tuz Tom نىڭ ئورنىغا دەسسىتىش كېرەك، بۇنىڭ ئەھمىيىتى: 1) بۇ خەت نۇسخىسىنىڭ ھەممە ھەرپلەردىكى غول كەڭلىكى ئوخشاش، چېكىت-پەشلىرى ئېنىق. 2) 8pt دىن 16pt غىچە بولغان چېكىتلىك خەت ئامبىرى قوشۇلغان 3) ClearType نى قوللايدۇر. 4) Windows، Linux ۋە Mac OS لاردا سىناق قىلىنغاندىن كېيىن ھەممە جەھەتتىن نورمال، كۆرۈنۈشى سۈرۈك ھەم ئۇچۇق، سۇسلىشىش ئالامىتى كۆرۈنمەيدۇ. 4) ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ھەرپلەر ۋە ئۇيغۇرچە يېڭى يېزىق ھەرپلىرىنىڭ كود ئورنى يۇنىكود 5.0 نەشرى بىلەن بىردەك. 5) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى <ھ> ۋە <ئى> ھەرپلىرىنىڭ تۆت خىل يېزىلىش شەكلى تولۇق ئېلىغان، قازاق يېزىقىدىكى ھەمزىنىڭ كود ئورنى توغرا، قازاق يېزىقىدىكى 二义性 مەسىلىسىمۇ ھەل قىلىنغان. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن تۈزىتىشلەر ئېلىپ بېرىلدى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھازىرقى خەت نۇسخىلىرىمىز بۇرۇنقىغا قارىغاندا خېلى كۆپ ياخشىلاندى، مېنىڭچە يېڭىلانغانلىرىنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە، يەنە تۈزىتىش ئېلىپ بېرىشقا توغرا كەلسە، يەنە تۈزىتىش كېرەك.
سىز ئېتقانداق، ھازىرقى تۈز توم خەت نۇسخىسى بۇرۇنقى UKIJ Tuz Tom ئەمەس، بۇنى يېڭى خەت شەكلى دەپ تونۇش كېرەك. ئەمما، سىزنىڭ خەە شەكلىدىكى گۈزەللىك ئۆزگىرىپ كەتكەن دەپسىز، مەن سىزنىڭ مۇشۇ بىر گېپىڭىزگە قوشۇلالمايمەن:'( ، كەسپىي خەت نۇسخىسى ئىشلىگۈچى ھەرگىز بۇنداق خەت نۇسخىسى ئىشلىمەيدۇ، بۇ خەت نۇسخىسىدا كود ئورنى توغرا بېكىتىلگەن دەپ قارىغان تەقدىردىمۇ ئۆلچەمسىز خەت نۇسخىسى دەپ قاراشقا بولمايدۇ. خەت شەكلى ئېكران يۈزىدە بىزگە ئادەتتىكى خەت نومۇرلىرى ھالىتىدە ئۇچۇق كۆرۈنگىنىلا ھېساب ئەمەس، ئەمەلىي چوڭىيىش ۋە كىچىكلەش جەريانىدا خەت شەكلىدە سۇسلىشىش ۋە خوراش يۈز بەرمەسلىكى، ھەرپ بىلەن ھەرپ ئۇلانغان چېگرا دەلمۇ-دەل بولغان بولۇشى، خەتلەردە ھەرىسىمان نۇقتىلارنىڭ ئاز بولۇشى تولىمۇ مۇھىم. شۇڭا، بىر ياخشى خەت نۇسخىسىنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن بەزىدە بىر ئاي ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ قېتىمقى UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى سىستېما خەت نۇسخىسى ۋە ئېكران خەت نۇسخىسى ھېسابىدا ئىشلەنگەن، مەيلى ئەڭ كىچىك ھالىتىدە بولسۇن ياكى ئەڭ زور دەرىجىدە چوڭايتايلى، خەت شەكلى ھەرۋاقىت بىزگە ناھايىتى سىللىق ۋە سۈزۈك كۆرۈنىدۇ. :handshake
[quote]يەنە ئۇندىن باشقا، UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى كۆپلىگەن تور بەتلەردە ئاساسلىق خەت نۇسخىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن زور كۆلەمدە ئوموملىشىپ بولدى، بۇ خەت نۇسخا قۇرۇلمىسىدا كۆپ ئۆزگىرىش بولسا بۇ مەسئۇلىيەتنى UKIJ زىممىسىگە ئىلىشى كىرەكمۇ قانداق؟
UKIJ فونت بۆلۈمىنىڭ غوللۇق باشقۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟[/quote]
UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى ھەقىقەتەن ھازىر خېلى كۆپ تور بېكەتلەردە ۋە يۇمشاق دېتاللاردا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، بۇ قېتىمقى خەت نۇسخىسىنىڭ يېڭىلىنىشى بۇ تور بېكەتلەرگە پايدىلىق ئېلىپ كېلەيدۇكى، زىيىنى يوق. ئەمەلىيەتتە ھازىر ئىشلىتىۋتقانلىرىنىڭ بىر قىسمىمۇ 2-قېتىملىق تۈزىتىلگەن خەت شەكلى، بۇ بۇرۇنقىسىدىن خېلى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان، بۇ قېتىملىق خەت شەكلىدە تۈپتىن ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلىنغىنى بىلەن، توم خەت شەكلىنى ساقلاپ قالدى، شۇنداقلا بۇنى يەنىلا UKIJ Tuz Tom نىڭ يېڭى نەشرى دەپ قاراشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، بۇنى يېڭى نام بىلەن ئاتىماي بۇرۇنقى كونا UKIJ Tuz Tom نىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى شۇنداقلا، بۇرۇنقى UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىنى ئەمدى تارقىتىشنى ۋە ئىشلىتىشنى توختۇتۇش كېرەك دەپ قارايمەن. يېڭى ياسالغان UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى قاتمۇ-قات سىناقلاردىن ئۆتكۈزۈلدى، مېنىڭچە بۇ خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىۋاتقان تور بېكەتلەر چوقۇم بۇ خەت نۇسخىسىنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ.

[quote]ئەگەر خەت نۇسخىسىدىكى قۇرۇلما ساقلاپ قىلىنىپ، پەقەت تېخنىكىلىق مەسىللەرلا تۈزىتىلسە بەكمۇ ياخشى بولاتتى.
ئەگەر تور بەتكە ماسلاشتۇرىمىز دەيدىكەنمىز، ئۇنداقتا ئۇ UKIJ Tuz Tom بولماي قالىدىكەن، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا يۇقاردىكى مەسىللەرنى ئويلاشقاندا يىڭى نام قويۇش (مەسىلەن UKIJ Tor دىگەندەك) تەكلىۋىنى بىرىمەن.
[/quote]
مېنىڭچە بۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، بۇنىڭغا يېڭى نام بەرمەي، كەسكىن ھالدا بۇرۇنقى خەت نۇسخىسىنىڭ ئورنىنى دەسسەتكۈزۈش كېرەك، بۇ تور ۋە يۇمشاق دېتال تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق، ھازىر سىستېما خەت نۇسخىلىرىدىن Uyghur Ekran ،UKIJ Tuz Tom ، 宋体 دىن ئىبارەت ئۈچ خەت نۇسخىسى بار، بۇ ئۈچ خەت نۇسخىسىنى سىستېما خەت نۇسخىسى ۋە يۇمشاق دېتال ئېچىش، تور بەت ياساشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك خەت نۇسخىلىرى دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ، شۇڭا مۇشۇ ئۈچ خەت نۇسخىسىنى بىرلىك قىلىپ يۇمشاق دېتال ۋە تور بەت ياساش خىزمەتلىرىنىڭ خەت نۇسخىسى ئوبېكتى قىلىشقا بولىدۇ. بۇ ئۈچ خەت نۇسخىسىنى ھەر قايسى تور بېكەتلەر ئۆزلىرىدە ئىشلىتىشتىن سىرت يەنە كەڭ تەشۋىق قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇشقا كۈچ چىقارسىمۇ ياخشى بولاتتى. ئەلۋەتتە، بۇ خەت نۇسخىلىرى پۈتۈنلەي ھەقسىز تارقىتىلىدۇ.
[quote]3) UKIJ مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە تۇرۇپ قالدى، كۆپلىگەن ماڭا ئوخشاش قولداشلار دائىم كۆڭلىدە UKIJنى ئويلاپ تۇرىدۇ، لىكىن بۇرۇنقىدەك يۇقىرى ھاسىلاتلارنى بەرپا قىلالمايۋاتىمىز، بىز زادى قانداق قىلىشىمىز كىرەك؟ پۈتۈنلەي يوقاپ كەتمىسەكمۇ قولىدىغان كىلىدىغانلار مۇشۇنداق ئەتراپتا تۇرۇپ ئاز تولا مىدىراپ تۇرساق، چوڭ نەتىجە ياراتقۇچىنى ساقلايمىزمۇ؟ ياكى چىچىلىپ كىتىشىمىز كىرەكمۇ؟ مۇشۇ ھەقتە ئويلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باققۇم بار.[/quote]
يىلنىڭ تۆت پەسلى ئوخشاش بولمىغىنىدەك، دەرۋەقە ھازىر UKIJ بۇرۇنقىدەك جانلىق بولماي قېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل بولۇشى مۇمكىن، مېنىڭچە بۇ بىر ۋاقىتلىق مەسىلە، ھەممىنى ۋاقىت بەلگىلەيدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، UKIJ مۇ بۇرۇنقىدەك قايناق تاشقىنلىققا تولغان تېخنىكا ۋە بىلىم ئىگىلەش بۇلىقىغا ئايلىنالايدۇ. ھازىر UKIJ تور بېكىتىلا ئەمەس باشقا مۇنازىرە تور بېكەتلىرى ۋە شىركەت تور بېكەتلىرىمۇ بۇرۇنقىدەك قايناق ئەمەس، ھەممىسىدە چېكىنىش باركى، زور تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەش كۆپ ئەمەس. شۇڭا UKIJ نى يوقالدى دەپ قارىساق بولمايدۇ، بۇمۇ ۋاقىتلىق مەسىلە. بەلكىم، بىرقانچە ۋاقىتلاردىن كېيىن بۇرۇنقى قاينام قىزغىنلىقلار يەنە باشلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. ھازىر تۇرمۇش ۋە خىزمەت رېتىمى ھازىر شەھەرلەردە بەك تېز بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، كۈنلەرنىڭ قانداق ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئايلار ۋە يىللارنىڭ قانداق ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىمۇ بۇرۇنقىدەك قىزغىنلىقلارنى توردا كۆرۈش تەس بولۇپ قالدى. بىرنەچچە يىل ئىلگىرى كۈندۈزلىرى خېلى كۆپ ئىشلارنى تۈگىتىپ، كەچلىكى ئانچە-مۇنچە تور دۇنياسىدا ھاردۇق چىقارغىلى بولاتتى، ھازىر كۈندۈز بىلەن كەچنىڭ پەرقى يوقالغاندەك، كېچە-كۈندۈز دېمەي ئىشلەيدىغان ئەھۋاللار بەك كۆپ، ئۆزۈمنى مىسالغا ئېلىپ ئېيتساممۇ، مەن ھازىر تولا ۋاقىتلاردا تورغا چىقالمايمەن، ئارىلاپ ئېلخەتلىرىمنى كۆرۈشكە ئۈلگۈرمىسەم، توردا بەك مۇھىم ئىشلار بولمىسا ئانچە ۋاقىت چىقىرالماس بولۇپ قالدىم.
[quote]پىكىرلىرىم ئازراق چىچىلىپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن، ھەم خەت نۇسخىلىرى ئىشىدا بەزىدە سىزگە ئىغىر كىلىشى مۇمكىن، دەپ ئويلىدىم، بۇنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىشلەتكۈچىلىرى ئۈچۈن بولغانلىقى ئۈچۈن، نەتىجە ھەممىگە پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىيتىشقا توغرا كەلدى، پىكىرلىرىمنى ياخشى نىيەتتە، ياخشى تەرەپتە دەپ، سەمىمىي، ساپ ھالدا ئويلىنىپ، ماڭا باشقىچە ئويدا بولماسلىقىڭىزنى بەكمۇ ئۈمد قىلىمەن.[/quote]
پىكىرلىرىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق ۋە جايىدا بوپتۇ، مەن خەت نۇسخىلىرى ئىشىدا ھەرگىز ئۆزۈمنى چەتكە ئالمايمەن، خەت نۇسخىسىغا ئائىت ھەرقانداق ئىش بولسا قاتنىشىشنى خالايمەن. بۇندىن كېيىن بۇ ئىشلارنىڭ بالدۇرراق ئىزىغا چۈشۈپ، بۇنىڭدىن باشقا كومپيۇتېردا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قول تۇتۇپ قىلىش كېرەك. مەسىلەن: كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش؛ كومپيۇتېردا ئىملا خاتالىقىنىڭ كۆرۈلۈشىنى دەل ۋاقتىدا تۈزىتىش ئىقتىدارى بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزىق كىرگۈزگۈچ؛ سىڭدۈرمە يۇمشاق دېتاللىرى دېگەندەك قىلىدىغان ئىشلار بەك كۆپ. مۇھىمى بۇ يازمىدا خەت نۇسخىسى توغرىسىدا بولغاچقا خەت نۇسخىسى توغرىسىدا سۆز بولۇندى، بۇندىن كېيىن باشقا يېڭى تېخنىكىلار توغرىسىدىمۇ بولسا كۆپرەك پىكىرلىشىپ تۇرارمىز. بۇ قېتىم خەت نۇسخىسى توغرىسىدا بىلىك ۋە ئىنتىللارغا تېما يوللىشىمدا، مەن يېڭى ياسالغان خەت نۇسخىلىرىنىڭ ھەرقايسى كومپيۇتېر بۆلەك پروگراممىلىرىدىكى ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولغانلىقى، ئۈنۈمىنىڭمۇ ئويلىغاندەك بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ خەت نۇسخىلىرىنى شىركىتىمىز ۋە ھەمكارلاشقۇرىلىرىمىز، شۇنداقلا خېرىدارلىرىمىزنىڭلا پايدىلىنىشىدىن، بولۇپمۇ بۇنى جەمئىيەت ۋە خەلققە يۈزلەندۈرۈش كېرەكلىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ خەت نۇسخىلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە يېڭىلىقلىرى توغرىسىدا يازما يوللىدۇم، بۇ خەت نۇسخىلىرىنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرگە چوقۇم قۇلايلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

ئالپسوفت

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » سەيشەنبە مارت 11, 2008 5:57 am

سالام تۇرسۇنجان ئەپەندى ئەستايىدىل جاۋاب يازغانلىقىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر.

ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلىمى جەمئىيتى ئۆز ئۇيغۇر تىلىمىزدىن باشقا قىرىنداش مىللەت تىللىرىغا قارىتامۇ تېخنىكىلىق يىتەكلەش، ياردەم، ئىشلەتمىلەرنى ئىلىپ بىرىش ـــــ UKIJ ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق، ھەم ئاقىلانە تاللاش بولغان توغرا يول.
شۇ ۋەجىدىن يىڭى خەت نۇسخىلىرىغا قىتىلغان قازاقچە، قىرغىزچە ھەرپ بەلگىلەرمۇ UKIJ خەت نۇسخىلىرىنىڭ ئىشلىتىش كۆلەم ئورنىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

بۇ قېتىم سىز تۈزەتكەن خەت نۇسخىلىرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى قالدۇرسىڭىز، بىز ئۆزىمىز تەپسىلىي بىر كۆرۈپ باقساق، بولۇپمۇ تور بەتلەردە كەڭ كۆلەمدە ئوموملاشقان UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىنىڭ قۇرۇلما، شەكىل ئۆزگىرىشىنى ھەرخىل چوڭلۇقلاردا ئۆزىمىز بەلگىلەپ، بۇرۇنقى لايىھە ماتىرىياللىرىمىز، تور بەتلەردىكى لايىھىلىرىمىزنى بىر سىلىشتۇرۇپ باقساق دىگەن ئۈمدتىمەن.
ئەگەر ئوخشاش نومۇرلۇق خەت نۇسخىسىدا شەكىل ئۆزگىرىشى ۋە خەت نۇسخىسى قۇرۇلمىسىدا بەك چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان بولسا، ئەلۋەتتە ھەممە تىزلا قوبۇل قىلالامدىكىن، ئۇنىڭ ئەكىسچە بولسا، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ نۇرغۇن لايىھە ماتىرىياللىرى، تور بەت ياسىغۇچىلارنىڭ نۇرغۇنلىغان لايىھە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ئۆزگىرىپ كىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن باشقا نام قويۇش تەكلىۋىنى بىرىمەن.
بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى ــــ رەسمىي تارقىتىشتىن ئاۋۋال، بىز بىر سىلىشتۇرۇپ ئىشلىتىپ باقساق دىگەن ئۈمدتىمەن.
يىڭى خەت نۇسخىلىرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى قالدۇرسىىڭىز سىناپ باقىدىغانلار پىكىر بەرسە دىگەن ئۈمدتىمەن.

بۇنىڭغا ئالدى بىلەن UKIJ ئەزالىرىنىڭ سىناپ بىقىشىنى تەكلىپ قىلىمەن.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Perhat_k ، ۋاقتى: 2008-3-11 12:00 [/i]]

Obraz
يازمىلار: 64
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 1:00 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Obraz » جۈمە مارت 14, 2008 7:22 am

مەنمۇ مۇشۇ يېڭى ukij نىڭ ۋىكتۇرلۇق خەت نۇسخىسىنىڭ تېزرەك چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىشنى ساقلاپ ئولتۇرىمەن .
بۇلۇپمۇ ie7 دە خەت نۇسخىسىنىڭ سەت كۆرۈنۈپ قېلىشىنى كۆپۈنچە كىشىلەر ئوڭشىيالمايدىغىنى سەل ئاۋارىچىلىق كەلتۈرىۋاتىدۇ ..
ئاۋۇ uyghru ekran خەت نۇسخىسىمۇ سەل ئىنىچكە ، ھەم سۇزۇلۇپ كىتىدىغان ئەھۋالى سەل ئۆزگەرسە ، مۇقىم بىر خەت نۇسخىسنى تور بەتتە دائىملىق ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن .

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » شەنبە مارت 15, 2008 7:29 am

مەن ھازىر بۇ يېڭى خەت نۇسخىسىنى تۈزىتىۋاتىمەن، ئالدىنقى يازمامدا ئېيتقاندەك، تارقىتىلىشتىن ئاۋۋال بۇ خەت نۇسخىسىدىكى چېكىتلىك خەت ئامبىرىغا تېخىمۇ كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ كۆرۈپ چىقىشىم كېرەك، ئاندىن ئەرەبچە زەر-زىۋېرلىرىنىڭ توغرا ئورۇنلىشىشىغا ۋە ئۇلىنىشىغىمۇ دىققەت قىلىش زۆرۈر ئىكەن، بەزى تورداشلار مۇشۇنىڭغىمۇ ئېتىبار بېرىشنى تەكىتلەپتۇ. مۇشۇ ئىشلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن بىر ھەپتىچە ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. مەن ئامال بار تېزرەك تۈگىتىپ، سىزگە ئەۋەتىپ بېرەي، ھەمدە چۈشۈرۈش ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قوياي.

تۇرسۇنجان سۇلتان

Obraz
يازمىلار: 64
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 1:00 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Obraz » شەنبە مارت 15, 2008 11:26 am

(تۇرسۇنجان سۇلتان) ئەپەندىم ، قارىسام يۇقىرقى ئىنكاسىڭىز تەستىقلىنىشنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ ، شۇڭا سىزنى (ئالاھىدە تەكلىپلىك ئەزا) سالاھىيىتىگە كۆتۈرۈپ قويدۇم ، يۇقارقىدەك تەتقىقات تېمىلىرىڭزىنى داۋاملىق ukij سورىنىدىمۇ ئەركىن ئوتتۇرغا قۇيىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمىز .

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » شەنبە مارت 15, 2008 11:35 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Obraz[/i] ، ۋاقتى: 2008-3-15 17:26 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=1375&ptid=283][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
(تۇرسۇنجان سۇلتان) ئەپەندىم ، قارىسام يۇقىرقى ئىنكاسىڭىز تەستىقلىنىشنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ ، شۇڭا سىزنى (ئالاھىدە تەكلىپلىك ئەزا) سالاھىيىتىگە كۆتۈرۈپ قويدۇم ، يۇقارقىدەك تەتقىقات تېمىلىرىڭزىنى داۋاملىق ukij سورىنىدىمۇ ئەركىن ئوتتۇرغا قۇيىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمىز . [/quote]

ما ئىشنى كۆرۈڭ، مانا دائىمىي ئەزالار كىرىپ تۇرمىسا، سالام سائەت بولمىسا، مۇشۇنداق بىر بىرىمىزنى تونىمايدىغان گەپ. :D

تۇرسۇنجان سۇلتان ئەپەندى ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلىمى جەمئىيتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، بۇرۇنقى تىزىملاتقاندىكى نامى alip ئىدى، شۇ بويىچە كىرىپ (ئالاھىدە باشقۇرۇغۇچى سالاھىيتىدە) مەشغۇلات قىلاتتى، ئۇزۇن بولدى كىرمىگىلى، شۇنىڭ بىلەن مەخپىي شىفىرىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ. ماۋۇ يىڭى نامدا تىزىملاتقىنى.
شۇ دەرىجىگە كۆتۈرۈپ قويساق، ياكى بۇرۇنقى نامى مەخپىي شىفىرىنى Alpsoft نامىغا مۇنبەر ئۇچۇرى قىلىپ ئەۋەتىپ بەرسەكمۇ بولىدۇ.

Obraz
يازمىلار: 64
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 1:00 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Obraz » شەنبە مارت 15, 2008 11:59 am

ھە ! قايتىدىن Alpsoft ئەپەندىم مۇنبەر دائىمىي ئەزالىق سالاھىيىتى ئەسلىگە كەلدى ، ئىلگىركى alip نامىنىڭ پارۇلى ئۆزگەرتىلىپ قىسقا ئۇچۇر يوللاندى ، ئۆزگەرتىۋالسىڭىز .

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار