symbian سىستىمىسى غا ئۇيغۇرچە فونىت ياساش

بۇ سەھىپىگە UKIJ ئەزالىرى ۋە UKIJ غا ئەزا تور بەتلەر تەتقىق قىلىۋاتقان تەتقىقات تۈرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە تەتقىقات ئۇيۇشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار قويۇلىدۇ.
Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

symbian سىستىمىسى غا ئۇيغۇرچە فونىت ياساش

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » يەكشەنبە ماي 04, 2008 5:34 pm

symbian سىستىمىسى غا ئۇيغۇرچە فونىت ياساش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم،
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەرنىڭ سەۋىيىسىنىڭ ئۆسىشى بىلەن ھەممە ئادەم يانفۇن ئىشىلتىدىغان بۇلۇپ كەتتى.
ئەمما، بازارغا قارايدىغان بولساق ئۇيغۇرچە يېزىقنى قوللاش دائىرسى ئاساسەن يوق دىيەرلىك.
يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بىر قىسىم كارخانىچىلار ئۇيغۇرچە يىزىقتىكى يانفۇنلارنى ئىشلەپ چىقارغان بولسىمۇ ئەمما ئۇلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن بولمىغانلىقى ئۈچۈن بازاردا ياخشى سېتىلىۋاتىدۇ دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.
ئۇچۇر ۋە يانفۇن تېخنىكىسىنىڭ ئۈسۈشى بىلەن يانفۇن سىستىمىللىرىمۇ ئەقلى ئىقتىدارلىشىپ بارغانسىرى كىشىلەرنىڭ ئايرىلماس قۇرالىغا ئايلىنىۋاتىدۇ.
جۈملىدىم دىيارىمزىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن ئىشىلتىدىغان كىشىلەر كۈندىن كۈنگە كۈپەيمەكتە.
ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن ئىشىلتىدىغانلارنىڭ ئارىسىدا 70 پىرسەنىتكە يېقىن كىشى سىمبىيان Simbiyan سىستىمىلىق يانفۇنلارنى ئىشىلتىۋاتىدۇ.
يانفۇن بازىرىدا ئۈزىنىڭ ئىشەنچىلىك ۋە ھەققىىيلىكى بىلەن قىزغىن ئالقىشقا ئىرىشىۋاتقان Nokia تىلىفۇنلىرىمۇ ھازىر كەڭ كۈلەمدە Simbiyan سىستىمىسى ۋە شۇنىڭغا ماس ھالدىكى تىلىفۇنلىرىنى بازارغا سېلىۋاتىدۇ.
نۆۋەتتە يانفۇن ساھەسىدە بۇلۇپمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن سىستىمىللىرىدا ئۇيغۇرچە يېزىق بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرى يوق دىيەرلىك.
مەن يېقىدىن بىرى سىمبىيان (Simbiyan) سىستىمىلىق يانفۇنغا ئۇيغۇرچە فونىت قاچىلىماق بۇلۇپ Simbiyan سىسىمىسى ئىشىلتىۋاتقان خەت نۇسقىسى GDR شەكىلدىكى فونىتلارغا ئۇيغۇرچە قۇشۇش ياكى GDR شەكىللىك يانفۇن خەت نۇسقسىى ياساش ھەققىدە كۆپ ئىزدىنىپ باقتىم ئەمما يىتەرلىك مەخسەتكە يىتەلمىدىم.
ئەگەر ئۇيغۇرچە ھەرىپلەر قۇشۇلغان GDR شەكىللىك خەت نۇسقىسى ياسالسا، ئۇنى يانفۇن نىڭ فونىت مۇندەرىجىسىگە كۈچۈرسەك ئۇ ھالدا Word ۋە Notepad ھۆججەتلىرىنى بىمالال ئۇيغۇرچە يىزىشقا بۇلۇپلا قالماي ساماندەك جىق خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزچە يۇمشاق دىتاللارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلشقا تامامەن بۇلاتتى.
Font Creator ۋە Easy GDR Creater For Series 60 لار بىلەن كۆپ ئېتىشىپ باقتىم، ئەمما ئۇيغۇرچە فونىت نىمۇۋاپىقيەتلىك ھالدا يانغۇننىڭ خەت نۇسقىسىنىڭ ھۆججەت شەكلى GDR غا ساقلاپ چىقىرىشقا بولمىدى. ئەگەر مۇۋاپىقيەتلىك ساقلاپ چىقىرالىغان بولسا بەلكىم يانفۇنغا ئۇيغۇرچە فونىت ئىشلەشكە بۇلاتتى دەپ قارىدىم.
دىمەك ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسى ياساشتا UKIJ دىكىلەر ۋە بارلىق يانفۇن، كومپىيۇتىر ھەۋەسكارلىرى بىر ئىزدىنىپ باقساق دىگەن ئۈمۈدتە مەن. چۈنكى بۇ ساھە ھازىر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخى يۇرۇش قىلىنمىغان ساھە. شۇنداقلا كىشىلەر ھەل قىلالمايۋاتقان ساھە.
نۆۋەتتە پىروگىرامما يازغۇچىلار دىققەت ئىتبارىنى ئەمدى يانفۇن بازىرىغا ئاغدۇرىشىنى ، يانفۇن بازىرىدا كۈندىن كۈنگە سەرخىللىشىۋاتقان يانفۇن مەشغۇلات سىستىمىللىرىدا ئۇيغۇرچە بىر تەرەپ قىلىش تەتقىقاتلىرىدا باشلامچى بۇلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
مۇھەممەد ئەپەدىم، غەيرەت ئەپەندىم، دىلشاد ھىزىۋۇللا ئەپەندىملار بىر ئىككى كۈن ئىزدەنسە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشى مۈمكىن دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن بۇ تېمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. بۇنداق يولنى سىلەردەك كۈچلۈك تېخنىلىك كشىلەر ئېچىپ بەرمىسەڭلار بىزدەك ئەگەشكۈچىلەر نەچچە يىل بىھۇدە ئۇرۇنۇپ كۆپ ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلىۋىتىدىكەنمىز.

ھەرقايسىڭزلاردىن تۈۋەنچىلىك بىلەن بۇ ساھەگە دىققەت قىلىپ ، Simbiyan مەشغۇلات سىستىمىللىرىدا ئۇيغۇرچە بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشىڭىزلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.

مىنىڭچە كىيىنكى قىتىملىق پىلانلاردا Nokia شىركىتىگە ئۇيغۇرچە خەت نۇسقسىى ھەققىدە جەمىيەت نامىدىن ئالاقە قىلىپ باقساقمۇ بۇلىدۇ . چۈنكى بۇ جەمىيەت ئۇيغۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا Nokia تىلىفۇنلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەر ئىنتايىن كۆپ.


بۇ تەكلىپ ۋە تەلەپنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم ، ئويلىنىپ بىقىشىڭىزلارنى كۈچلۈك ئۈمد قىلىمەن.
[img]http://pic.papge.com/?Mark=getPic&x=200805/_XCMS_2008_5_16_22143664406.jpg[/img]

ھۆرمەت بىلەن: ئەلتېكىن.



Awral
يازمىلار: 34
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە فېۋرال 01, 2008 7:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Awral » دۈيشەنبە ماي 05, 2008 3:50 am

ناھايىتى ئورۇنلوق پىكىر بېرىپسىز ، بۇ مەسىلىنى مەنمۇ ئۇزۇندىن بىرى ئويلاپ كەلگەن ئىدىم . بۇ مەسىلە ھەل بولۇپ كەتسە ، ئۇيغۇر ئالاقە ئىشلىرىدىكى يەنە بىر نامايەندە بولۇپ قالغۇسى !

Awral
يازمىلار: 34
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە فېۋرال 01, 2008 7:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Awral » دۈيشەنبە ماي 05, 2008 3:53 am

ناھايىتى ئورۇنلوق پىكىر بېرىپسىز ، بۇ مەسىلىنى مەنمۇ ئۇزۇندىن بىرى ئويلاپ كەلگەن ئىدىم . بۇ مەسىلە ھەل بولۇپ كەتسە ، ئۇيغۇر ئالاقە ئىشلىرىدىكى يەنە بىر نامايەندە بولۇپ قالغۇسى !

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » دۈيشەنبە ماي 05, 2008 8:56 am

شۇنداق.بۇئىشنىمۇ UKIJ دىن باشلىساق دەپ ئۈمۈدقىلمەن.

Apple
يازمىلار: 37
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ماي 05, 2008 11:02 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Apple » دۈيشەنبە ماي 05, 2008 12:24 pm

ناھايتى ياخشى تەكلىپكەن،مۇشۇ ئىش بىر ئەمەلگە ئېشىپ كەتكەن بولسا قالتىس ئىش بولاتتى دە.UKIJ دىكى ئۇستازلار بۇنىڭغا تىرىشىپ باقسا بۇمۇ ئەمەلگە ئېشىپ قالار.



ئىملاغا دىققەت قىلىڭ بىزنىڭ جەمىيىتمىزنىڭ نامى : ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىئيتى يەنى قىسقارتىلمىسى UKIJ

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Pinhan ، ۋاقتى: 2008-5-6 10:00 [/i]]

Pinhan
يازمىلار: 42
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 5:44 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Pinhan » سەيشەنبە ماي 06, 2008 3:47 am

قۇشۇلىمەن ، بارلىق كۈچۈم بىلەن قوللايمەن ، تېلفۇنلارنىڭ ئېكران ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ، چوقۇم كىچىك رازمىدىمۇ نورمال كۆرۈندىغان خەت نۇسخىلىرى زۆرۈر دەپ قارايمەن .

tee520
يازمىلار: 7
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئۆكتەبىر 28, 2007 3:58 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان tee520 » چارشەنبە ماي 07, 2008 6:00 am

ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان يەنە بىر تەكلىپ بوپتۇ. بۇ ئىشقا تېزراق، ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارىساق.

مەنمۇ قوللايمەن! مېنىڭ نۇرغۇن دوستلىرىم قوللايدۇ!

tee520
يازمىلار: 7
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئۆكتەبىر 28, 2007 3:58 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان tee520 » چارشەنبە ماي 07, 2008 6:14 am

[url]http://www.3g365.com/viewthread.php?tid=7930&page=1&authorid=4513[/url]

ماۋۇ تېمىدا ttf نى gdr غا ئايلاندۇرىدىغان سېستىما بىلەن ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپتۇ. بايا كۆرۈپ قالدىم. پايدىلىنىپ بېقىڭلار.

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » چارشەنبە ماي 14, 2008 4:22 am

مەن كۆپ ئىزدىنىش جەريانىدا ھازىرچە سىمبىيان سىستىمىسىدىكى gdr شەكىللىك خەت نۇسقىللىرىنى ئىشلەشكە ئائىت ماتىرياللار توردا ئاشكارلانمىغان ئىكەن ھەمدە سىمبىيان ۋە نوكيا شىركەتلىرى بۇ تېخنىكىنى تېخى سىرىتقان ئاشكارلىمىغانمىش.
مەن جۇڭگۇدىكى بىرداڭلىق يانفۇن پىروگىراممىرى بىلەن كۆپ سۆزلىشىش ئارقىلىق ھازىرچە بىزگە بىرنەچچە خىل ئۇسۇلنىڭ بارلىقى ھەققىدە مەسلىھەت بەردى.
1. نوكيا شىركىتىگە ئىلتىماس سۇنۇپ ياكى تەكلىپ بىرىپ ئۇيغۇرچە خەت نۇسقسى ياساتقۇزۇش ۋە شىنجاڭغا كىلىدىغان يانفۇنغا قۇشۇپ بىرلىكتە تارقىتىش.
2. FontRouter قوزغاتقۇچ پىروگىراممىلىرى بىلەن ئادەتتىكىttf خەت نۇسقىللىرىنى يانفۇننىڭ سىرىتتتىن ئىشىلتىدىغان سىغىم كارتىسى ياكى يانفۇننىڭ C: رايۇنىدىكى فونتىس مۇندەرىجىسىگە كۈچۈرۈپ FontRouter ھۆججەتلىرىدە ئاشۇ ئۇيغۇرچە فونىتنى كونتۇرۇل قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە فونىت نى يانفۇنغا نۇرمال تۇنۇتۇش. ( بۇ ۋىندوۋس قا فونىت قوشقاندەكلا ئىش.)
3. سىيمبىيان سىستىمىسىغا ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتى ئىشلەپ بىرىش ھەققىدە نوكيا شىركىتى ياكى سىمبىيان باش مۇلازىمەت تور بىكىتىگە ئىلتىماس قىلىش ۋە ئۇيغۇرچەتىل ھۆججەتلىرىنى تەمىنلەپ بىرىش.
مىنىڭچە يۇقارقى 3 خىل مەسلىھەتنىڭ 2-تۈرىنى مەن كۆپ سىنىدىم،. ھەم ھازىرمۇ سىناۋاتىمەن. بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانى بىر قەدەر مۇرەككەپ ئىكەن. بۇنى سىناش جەريانىدا يانفۇنۇم( نوكيا 6680 )2~3 قېتىم سىستىمىسى كاردىن چىقتى. ئەلۋەتتە قاتتىق فورماتلاش ( بۇنى خەنزۇلار شۇنداق ئاتايدىكەن) ئارقىلىق زاۋۇتتىن چىققان ھالەتكە كەلتۈرگىلى بۇلىدىكەن. ئەمما قاتتىق فروماتلاش نى ھەممىلا ئادەم قىلالمايدىكەن.

ئالدىنقى يىللىرى بىلىك كۇلۇبىدا يانفۇن ھەققىدە بىر تېمىغا بىر ئىككى ئۇيغۇر ياش پىكىر قاتناشتۇرغان. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە يانفۇنغا ئۇيغۇرچە نۇرمال تۇنۇتقان ۋە ئۇيغۇرچە لوغەت ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ دىگەندەك گەپلەرنى قىلغان. بىراق. يىللار ئۆتىۋەرىدى.... ئۇنىڭ قارىسىنى كۆرمىدۇق. يالغانمۇ ياكى راستمۇ بىلگىلى بولمىدى.
ئوبدان بىر ئېلخەت تەييارلاپ نوكيا ۋە [url=http://www.google.cn/search?complete=1&hl=zh-CN&newwindow=1&client=aff-os-maxthon&hs=B8S&sa=X&oi=spell&resnum=0&ct=result&cd=1&q=symbian.com/&spell=1]سىيمبىيان[/url] تېخنىكا بۆلۈملىرىگە ئېلخەت ماڭدۇرۇپ باقساق زىينى بولماس ئىدى، چۈنكى بۇلار بىلەن مىكروسوفىت ئوخشمايدۇ. بۇلارنىڭ مەسھۇلاتلىرى پۇلى بارلىكى كىشىىلىرىمىزدە ئىشىلتىلىۋاتىدۇ. يەنە ئىستىقبالى زور. نوكيادەك دۇنيا بازىرىنى ئىگەللەش ، ھەربىر يەرشارىلىقتا بىردىن نوكيا تىلفۇن بۇلۇش سىتىراگىيىسى ئەلۋەتتە باشقا تىلدىكى مىللەتلەرنىڭ تىلىدا مەشغۇلات سىتىمىسى (يانفۇندىكى) بۇلىشنى قوللىشى مۈمكىن،. چۈنكى ئۇ نوكيا نىڭ مەسھۇلاتىنىڭ تېخىمۇ كۆپۈيىشىگە، ئومۇملىشىغا پايدىلىق تۇرسا نوكيا بۇنى چۇقۇم ھىس قىلالايدۇ.
مۈمكىن بولسا دائىمىي ئەزالاردىن بىرى ئىنگىلىزچىگە پۇختىراق بىرەيلەن نوكياغا ئېلخەت ماڭدۇرۇپ باقساق. بۇنىڭغا نە ئويلىنىش ۋە ئاۋازغا قۇيۇش كەتمەيدۇ شۇنداقلا ئېلخەت ماڭدۇرۇشقا ۋاقىتمۇ كەتمەيدۇ.
بولسا غەيرەت ياكى مۇھەممەت ئەپەندىملەرنىڭ بىرى ئۇرۇنۇپ باقسا بۇلاتتى.

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » چارشەنبە ماي 14, 2008 4:28 am

ھازىر ئۇيغۇر يانفۇن ئىشلەتكۈچىللىرى بارغانسىرى كۈپۈيىۋاتىدۇ. ھازىرقى بازار ئەھۋالىدىن قارىغاندا Symbiyan نىڭ 2 ۋە ئۈچىنچى ئەۋلات سىستىمىلىرى قاچىلانغان يانفۇنلارنىڭ بازىرى بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئىكەن. بۇلۇپمۇ 2-ئەۋلات نىڭ كۆپرەك ئىكەن.
ھازىرچە Symbiyan نىڭ 3 ئەۋلات نۇسقسى باركەن. ( بۇلارنى داڭلىق بىر ئۇيغۇر يانفۇن رىمۇنىت ، سىستىما يازغۇچىسى نىڭ سىستاستىكىسى).

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار