symbian سىستىمىسى غا ئۇيغۇرچە فونىت ياساش

بۇ سەھىپىگە UKIJ ئەزالىرى ۋە UKIJ غا ئەزا تور بەتلەر تەتقىق قىلىۋاتقان تەتقىقات تۈرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە تەتقىقات ئۇيۇشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار قويۇلىدۇ.
geek
يازمىلار: 4
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ماي 26, 2007 6:30 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان geek » چارشەنبە ماي 14, 2008 11:56 am

KVT Symbian Font Converter ئارقىلىق ttf نى gdr غا ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىپ كۆردىڭىزمۇ ؟



Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » پەيشەنبە ماي 15, 2008 6:31 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم،
گىىك ئەپەندىمنىڭ ئىنكاسى بىلەن KVT Symbian Font Converter نى ئەسلى شىركەت تور بىكىتىدىن چۈشۈرۈپ مۇۋاپىقيەتلىك ھالدا سىمبيان سىستىمىسى فونتى DGR غا ئايلاندۇرۇلدى. يەنى UKIJ Tuz Tom خەت نۇسقىسى مۇۋاپىقەتلىك ھالدا يانفۇن خەت نۇسقىسىغا ئايلاندى. براق يانفۇنغا بىۋاستە كۈچۈرۈپ كەلگەندە يەنىلا نۇرمال خىزمەت قىلالمىدى.
ئەمما، بەزى DGR خەت نۇسقىللىرىنى FontRouter.ini يول باشلىغۇچى ھۆججەت بىلەن كونتۇرۇل قىلىدىغاندەك قىلىدۇ..
نۆۋەتتە جۇڭگۇدىكى داڭلىق FontRouter پىروگىراممىسى يازغۇچى oasisfeng ئەپەندىم بىلەن UKIJ نامىدىن ئالاقە قىلىۋاتىمەن. ئۇ بىزنى قولاليدىغانلىقىن بىلدۈردى، ئۇ ھازىر مەيلى چەتئەللەردە بولسۇن ياكى جوڭگۇدا بولسۇن FontRouter يانفۇن فونىت قوزغاتقۇچى پىروگىراممىسى يازغۇچىسى بۇلۇپ، يانفۇن ئىشلەتكۈچى ئۈزى سىرىتتىن قوشماقچى بولغان ھەرقانداق فونىت قا FontRouter قوزغاتقچىسى ۋە كونتورۇل FontRouter پارامىتىىرى ئارقىلىق فونىت نى يانفۇن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدۇ.
oasisfeng ئەپەندىم دەل FontRouter فونىت قوزغاتقۇچىسى ياسىغۇچى پىروگىراممىر.
كەچتە ئۇ مەخسۇس مۇشۇ فونىتقا FontRouter.ini يول باشلىغۇچى پارامىتىرىنى يىزىپ بەرسە نەتىجىسى نى تورداشلارغا سۇنىمەن.
گىك ئەپەندىمگە رەھمەت.

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » شەنبە ماي 17, 2008 5:19 am

بۇ يەردە ئازراق مەسىلە بايقالدى...
سىمبييان 2- ئەۋلات يانفۇنغا ماس كىلىدىغان قوزغاتقۇچ پروگىرامما FontRouter نىڭ 2005-يىلى ياسالغان كونا نەشىرى قاچىلاندى..

ئۇيغۇرچە GDR خەت نۇسقىسى ياسىدىم. ( ئەمما، UKIJ خەت نۇسقىللىرىغا خەنزۇچە فونىت بەلگىلەر قۇشۇلمىغاچقا ئۇيغۇرچە يانفۇندا خەت لەر نۇرمال ئەمما خەنزۇچە خەت ۋە سىستىما خەتلىرى نۇرمال چىقمىدى. شۇڭا
ئۇيغۇرچە ھەرىپلەر قۇشۇلغان خەنزۇچە خەت نۇسقىسى كىرەك بۇلىدىكەن. ئالىپ ئەپەندىم ئىشلىگەن 宋体 خەت نۇسقىسىنىڭ سىغىمى چوڭ بولغاچقا GDR خەت نۇسقىسىغا ئايلاندۇرۇشقا مۈمكىن بولمىدى. سىغىمى 3~3 مىگابايىتتىن چوڭ بۇلۇپ كەتمىسە نۇرمال ئايلاندۇرۇشقا بۇلىدىكەن)
ئاندىن بۇ فونىت نى سىغىم كارتىسىدىكى ( فىلاش كارتا)سىدىكى پروگىرام ھۆججىتى ھۆججەت خالتىسىدىكى فونتىس مۇندەرىجىگە قۇيۇپ ، بەلگىلەنگەن FontRouter نىڭ INI باشقۇرۇش ھۆججىتىنىمۇ شۇ مۇندەرىجىگە قويساق ئىشلەيدۇ.
بىراق، مەسىلە خەنزۇچە خەتلەرنى پەقەت كۆرسىتىپ بىرەلمەيدۇ.
[img]http://pic.papge.com/?Mark=getPic&x=200805/_XCMS_2008_5_16_21593585342.jpg[/img]
تۈۋەندىكسى فونىت مۇندەرىجىسىدىكى قۇيۇلغان ھۆججەتلەر
[img]http://pic.papge.com/?Mark=getPic&x=200805/_XCMS_2008_5_16_22113267009.jpg[/img]
FontRouter.Sis نى س دېسكىغا قاچىلىغاندىن كىيىن يانفۇن قوزغىلالمىدى. قاتتىق فورماتلىدىم.
فورماتلاپ بولغاندىن تىلىفۇننى قوزغاتتىم. خەنزۇچە خەتلەر نۇرمال كۈرۈنمىدى.
[img]http://pic.papge.com/?Mark=getPic&x=200805/_XCMS_2008_5_16_22143664406.jpg[/img]

شۇنداقتىمۇ ئىنگىلىزچە خەتلەر نۇرمال. دىمەك، خەت نۇسقىسى يەنى GDR شەكىللىك ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسى مۇۋاپىقيەتلىك ئىشلىدى. بىراق، خەنزۇچە ھەرىپلەر كىرگۈزۈلمىگەچكە كۆرسىتىپ بىرەلمىدى.
خاتىرە دەپتەردىكى ئۇيغۇرچە ھۆججەت.
[img]http://pic.papge.com/?Mark=getPic&x=200805/_XCMS_2008_5_16_2212897375.jpg[/img]
بىراق، ئۇيغۇرچە تۇنىسىمۇ كىچىككىنە بىرئۇلانماسلىق مەسىلىسى مەۋجۈتكەن.

1. ە ھەرپى نۇرمال ئۇلانمىدى. 2. بەزى سۆزلەر مايماق كۈرنىۋاتىدۇ.( بۇ بەك ھەيران قالارلىق مەسىلە ئىكەن.).

ئەگەر سىغىمى 2~3 مىگابايىتتىن ئاشمىغان، ئۇيغۇرچە ھەرىپلەر قۇشۇلغان بىر خەنزۇچە خەت نۇسقسىى بولغان بولسا نوكيا تىپلىق تىلىفۇنلارنىڭ سىمبىيان سىستىمىلىق نۇسقىللىرىدا ئۇيغۇرچە قوللاش ئەمەلگە ئاشقان بۇلاتتى.....

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » شەنبە ماي 17, 2008 9:39 am

سالام ئەلتىكىن ئەپەندى،
QuickWordنىڭ ئۆزىدە، مەلۇم ئابزاس جۈملىنى تاللىۋالغاندىن كىيىن، شۇ ئابزاسقا قارىتا خەت نۇسخىسىنى تاللايدىغان يەردىن خەت نۇسخىسىنى مەن بىرمۇ بىر تاللاپ كۆرسەم، ئەرەبچە خەت نۇسخىسىغا يىقىنراق بىر خەت نۇسخىسىدا، ئۇيغۇرچە Word ھۆججىتىم بىنورمال ھالەتتە، بەزى ھەرپلەر كاتەكچە، يەنە يۇقارقىدەك ە ھەرىپى ئۇلانمىغان ھالەتتە كۆرۈنگەن ئىدى.
QuidkWordنىڭ يىڭى نەشىرىدە (3.0نەشىرىغۇ دەيمەن)، TureType خەت نۇسخىسىنى قوللايدۇ، دەپ ئاڭلاپ، چۈشۈرۈپ سىناپ باقسام مۇۋەپىقىيەتلىك قىلالمىغان ئىدىم، QuickWordنىڭ يەنىلا كونا نەشىرى ياخشىكەن دەپ 2.1.3.0 نەشىرىنى ئىشلىتىۋاتىمەن. (تىلفۇنۇم S60 V2 )

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار