UKIJ زادى كىمنىڭ ؟ ئىقتىدارلىق ياشلار قېنى سىلەر؟

بۇ سەھىپىگە UKIJ ئەزالىرى ۋە UKIJ غا ئەزا تور بەتلەر تەتقىق قىلىۋاتقان تەتقىقات تۈرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە تەتقىقات ئۇيۇشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار قويۇلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

UKIJ زادى كىمنىڭ ؟ ئىقتىدارلىق ياشلار قېنى سىلەر؟

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » چارشەنبە ماي 14, 2008 4:22 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ,.
ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى نۇرمال ئەسلىگە كەلدى. تورداشلار خاتىرجەم زىيارەت قىلسا بۇلىدۇ.
ئۆتكەن ھەپتە بىلىكتە ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى تور بىكىتىنىڭ نۇرمال بولماسلىقى ، تېمىلارنىڭ تەستىقلانماسلىقى، باشقۇرغۇچىسىنىڭ يوق بۇلۇپ قالغانلىقى، رەئىسىنىڭ يوقلىقى، تەشكىللەشكە تىگىشلىك مۇھىم ئىشلارنى تەشكىللىمىگەنلىكى.... تېمىلاردا تېمىلار يېزىپ كەتتى...
بۇنىڭدىن تورداشلارنىڭ ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى تور بىكىتىگە ۋە جەمىيەتكە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلۋالغىلى بۇلىدۇ ئەمما كۆڭۈل بۈلۈش پەقەت سۆز جۈملىلەردە بۇلۇپ قالسا كۆپ ئىشلارنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ.
تورداشلارنى ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى تور بىكىتى غا ئۇيۇشۇش ھەققىدە كارنىيىمىز يىرتىلغۇچە ھەرقايسى تور بىكەتلەردە ۋاقىراپ باقتۇق. تېما يىزىپ ئۇلىنىشى قالدۇرۇپ باقتۇق... ئەپسۇس... ئۇيەرگە كىرىۋاتقانلار ئۇلىنىش قىلىش ئىلتىماسى بىرىدىغانلار ياكى چىكىنىش ئىلتىماسى تېمىسى يىزىۋاتقانلار. ئەمەلىي تېخنىكىلىق ماقالىلەرنى يېزىۋاتقانلار سانىغۇدەكلا.
نۇرغۇن تورداشلار قوللايمىز دىيىشىتى. ئەمما قوللايمىز دەپ قۇيۇپلا ئۆزلىرىنىڭ تور بىكەتلىرى ئۈچۈن كىچە كۈندۈر كومپىيۇتىر ئالدىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ پۇل تېپىش، نام چىقىرىش ، ئۈزىنىڭ شەخسىي تور بىكىتىنىڭ داڭقىنى چىقىرىش كۇيىدا بۇلۇپ كەتتى. گېزى كەلسە ئالدىنقى يىللىق تور تارىخىم بار دەپ قۇيۇدىغان تور بىكەت قۇرغۇچىللىرى تولا كۆردۈم، ھەممىسى نىمە دەيدۇ؟ ئۇيغۇر كومپىيۇتىرچىلىقىغا ئازراق تۆھپە قوشساق......ۋاھاكازالار... ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى تور بىكىتىمۇ شۇنداق نىيەتتە ئىدى...شۇ نىيەت بىلەن قۇرۇلغان ئىدى. ئىشنى باشلىغانلار باشلاپ بىزگە يول كۆرسىتىپ قويدى. يولنى باشلىغانلارنى يۇقارقى بىر تورداشنىڭ گىپى بۇيىچە ئىشنى باشلاپ قۇيۇپ ئاخىرغا چىقارمىدى دەپ خاپا بۇلامدۇق؟
ياق! ئۇلاردىن نىمىشقا خاپا بۇلىمىز. ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى تور بىكىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان نەچچە يۈزلىگەن ھەتتا مىڭلىغان تور بىكەتلەر قۇرۇلدى. ئاشۇلارنىڭ تەڭدىن تۇلىسى ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى تور بىكىتى نى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ مەقسىدىنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ. ئەمما، ھەممىسىنىڭ تەنھا بۆرە بولغۇسى كەلدى. ئۈزى يالغۇز ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ساھەسىگە تۆھپە قۇشۇشنى تاللىدى. قاراڭلار، ھازىر نەچچە مىڭلاپ ئۇيغۇرچە توربىكەتلەر بار. ئۇلارنى ئىزدەپ نىمە مەقسەت بىلەن بۇ تور بىكىتىڭىزنى قۇردىڭىز دەپ سورىسىڭىز ھەممىسى خىجىل بولماي «ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرى تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۈلۈش ئۈچۈن »دەپ جاۋاب بىرىدۇ. يەنە نۇمۇس قىلىشماي ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ QQ توپى ، بىلىك تور بىكىتىنىڭ QQ توپى، مەسىنجىردىكى توپلاردا، كۈنلۈك ئادەم سانى 200~300 ئادەمدىن كەم بولمايدىغان Chatroom لاردا تور بىكتىدىكى گوگىل ئېلانىنى چىكىپ قۇيىشىنى تەلەپ قىلىشىپ ئادرىسلارنى ئىۋەرتىپ زىرىكتۈرۋىتىدۇ. ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ QQ توپىدا ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ گىپىنى ھەپتىدە بىرەر قىتىم چىقىرىپ قېلىشسا قىلىدۇكى بولمىسا ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ تور بىكتىنىڭ ئادرىسىنى ئەمەس ئىسمىنى چىقىرىپ سېلىشمايدۇ. قوللاپ قۇيايلى دىگەن گەپ ئانچە مۇنچە چىقىپ قالمىسا ھەممىسى ئۈزىنىڭ تور بىكتىدىكى تېمىلارنى ، پائالىيەتلەرنى ماختاپ ئادرىسىنى يوللىشىدۇ. مانا بۇ " ئۇيغۇر ئۈچۈن" دىگەن سۆزلىرىنىڭ «ھەقىقىيلىكى»!
ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرى قانداق قىلغاندا مول نەتىجىلىك تەرەققىي قىلىدۇ؟
بۇنى چۈشىنىدىغانلارنىڭ ۋاقتى قىس، چۈشەنمەيدىغانلارنىڭ ۋاقتى زىيادە. ئۇلارغا كۆپ چۈشەندۈرسىمۇ كار قىلمايدۇ.
ئالدىنقى قېتىم گوگىلنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئىشلەش چاقىرىقى چىققاندا ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى بۇ ئىشنى 100% قوللايتى. ئەمما 10 غا يېقىن دائىمىي ئەزالاردىن 4~5 دائىمىي ئەزالارلا بۇ ئۇچۇرلارنى بىلەلىدى. قالغانلىرى بولسا چەتئەللەردە كومپىيۇتىر ساھەسىدە چوڭ ئىلمىي ئۇنۋانلارنى ئېلىش تەييارلىقلىرى ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن خەۋەرلىنەلمىدى.
ئاڭلىغانلار ، بىلگەنلەر بىلىكتە ئۇچۇر قايتۇرۇشتى، بىلىككە كىرەلمىگەنلەر ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ تور بىكىتىدە قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر قايتۇرۇشتى... ئەمما بەزىلەر ئۈزىچە ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى بۇ ئىشقا پاسسىپ مۇئامىلىدە بولدى دەپ ئاغرىندى. زادى كىمدىن ئاغرىنىش كىرەك؟
شۇ چاغدا مەن «مۈمكىن بولسا گوگىل غا ئىلتىماسنى ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنى نامىدىن يازساق»دىۋىدىم، شۇ سۆزنى قىلىپ قويغىنىمغا ھازىرغىچە پۇشايمان قىلىپ كىلىۋاتىمەن. مەنمۇ ئۇنچىلىك ئىشنى بىلگۈچىلىكىم بار ئىدى ئەلۋەتتە. ئەمەلىيەتتە ئۇ سۆزنى دىيىشتىكى مەخسەت ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ پايدا،مەنپەتى ئۈچۈن ئەمەس ئىدى. ھەم گوگىلنى تەرجىمە قىلىش ئىشىدا پايدا مەنپەت تۇقۇنىشىمۇ يوق ئىدى. پەقەت، توردىكى بۇ ئىشقا ئىشتىراك قىلالمايۋاتقان ئەمما خەۋەردار بۇلۇپ تۇرغانلارغا «ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرشى بىلەن » دەپ تارقالسا ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرىنى بۇندىن كىيىنكى ئۇيۇشتۇرۇشچانلىققا ، ھەمكاشتۇرۇشقا ئاز تولا كۈچ چىقىرالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش، يەنى مۇشۇنداق تەشكىللەشچانلىققا ، ئۇيۇشتۇرۇشچانلىققا ئىگە بىر جەمىيەتنىڭ بارلىقىنى توردىن سىرىتقى كىشىلەرگە بىلدۈرۈپ ، ھەمكارلاشقۇچىلارغا ، ھەمكارلىشىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك ئۇرۇن تاپالماي بىلىدىغان كومپىيۇتىر بىلىملىرىنى ئىچىدە سېسىتىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزۈش ئارقىلىق ھەمكارلىشىدىغان، ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرىغا كۈچ چىقىرالايدىغان تېخىمۇ كۆپ ياشلار، قېرىنداشلارنى بىر يەرگە جەم قىلىش ئورنى بارلىقىنى بىلدۈرگىلى بۇلارمىكىن دىگەن ئىدىم. شۇ ئىشلارنى روياپقا چىقارغانلارغا ئۇنى ئەسكەرتىپ يۈرمىسەكمۇ بىلگۈچىلىكى بارلىقىنى مەنمۇ ئوبدان بىلەتتىم. ھىلىمۇ بىلىكتىكى فانتازى ئەپەندىم، بۈركۈت ئەپەندىملەرنىڭ كۈچىشى بىلەن ئۇ ئىشلارمۇ خۇشاللىنارلىق ھالدا پۈتۈپ قالدى. شۇلارغا ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى نامىدىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. مەن ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى قۇرۇلۇپ تا ھازىرغىچە ئەتراپىدا ، بىللە بۇلۇپ كىلىۋاتىمەن. گەرچە نەزەرىيىۋىي كومپىيۇتىر بىلىمىم ۋە ئۇنۋانىم بولمىسىمۇ ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلرى ۋە تور ئىشلىرىنىڭ 2000-يىلدىن كىيىنكى بارلىق تەرەققىياتىنى بىللە باشتىن كەچۈرۈپ كىلىۋاتىمەن.
مەن نىمشىقا تور بىكەت قۇرمىدىم؟ بۇ مەن دائىم سورايدىغان سۇئال. مەندە تور بىكەت قۇرۇش قىزغىنلىقى شۇنداق يۇقىرى. ئەمما قۇرمىدىم. نىمشىقا قۇرمىدىم؟ قۇرالمامدىم؟ 2001-يىللىرى ئۈرۈمچىنىڭ بىر سائەتلىكى 5 كويلۇق تورخانىلىرىدا Frontpage بىلەن تور بىكەت ياساش ئۈچۈن Frontpage نى ياخو، دۇنيا ئىزدەش قانىلى ، ...... لاردىن ئىزدەپ نەچچە كىچە تۈنەپمۇ چىققان. ۋورد تا خېلىلا مۇكەممەل Html تور بىكىتى ياساپ مەكتەپ بۇيىچە بىردىنبىر تور بىكەت قۇرالايدىغان ئادەم دەپ نام ئالغانمۇ مەن ئىدىم. شۇ قىزغىنلىق ۋورد تا، Front page دە كىيىن dreamweaver دە نەچچە تور بىكەتنى ياساپ پۈتتۈرۈپمۇ باقتىم. بىرلا مەسىلە ئېلان قىلمىدى، سەۋەبى... بىرلا. ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەرنى پاخاللاشتۇرغۇم يوق....
مۇشۇ بىرلا جۈملە سۆز تا ھازىرغا كەلگۈچە مۇكەممەل تور بىكەتلرىىمنى ئېلان قىلىشتىن تۇسۇپ كەلمەكتە.
ئەينى يىلى بىلىك كۇلۇبىغا كىرىپ باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنىشىم بىلەن بىلىم بىرىدىغان ۋە بىلىم ئالىدىغان مۇشۇنداق بىر سورۇننىڭ بولغانلىقىدىن كۆڭلۈم ئەمىن تاپتى.ھەمدە ماس ھالدا UKIJ ئەتراپىدا ئەگىپ يۈردۇق.بىلىككە باشقۇرغۇچى بولغاندىن بىرى يەنە ئۇيغۇرچە تور بىكەت قۇرۇپ بىكەتلىرىمىزنى پاخاللاشتۇرماسلىق نىيىتىم تىخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ ، بىلىك ۋە UKIJ دىن ئىبارەت مۇشۇنداق ئىسىل بىلىم سورۇنىنى ئاۋاتلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر تور ئىشلىرىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈچەپ باقتۇق. ئەپسۇس... 2008-يىلغا قەدەم قويغاندا ھاردۇق. چۈنكى " بىلىملىكلەر " ئۆزلىرىنىڭ تور بىكەتلىرى بىلەن بىزنى كۈمىۋەتتى. بىز كۈمۈلۈپ كەتتۇق. بىلىككە 10 تېما يوللانسا 6 تىسى باشقا تور بىكەتلەردىن كەلگەن چاپلاقچىلارنىڭ تېمىسى . چاپلاقچىلار ئاۋۇپ كەتكەندە بىز سەل ئارام تېپىپ قالىدىكەنمىز.
ئەمدى UKIJ ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان ۋاقىت كەلدى دەپ قارىم. ئەپسۇس... مەنمۇ 1 كۈن كۈچەپ باقتىم، 2 كۈن باشقا تور بىكەتلەردە ۋاقىراپ باقتىم. 4 كۈن مۇنبەرلەرگە ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ تېمىللىرىنى ئاپىرىپ چاپلاپ چاپلاقچىلىق قىلىپ باقتىم. سەلكىن، دىيارىم دىگەندەك بەزى تور بىكەتلەر ئۈچۈردى ياكى تەستىقلىمىدى. بەزىسى تۈكى باركەن دىدى، بەزىسى شەكلى جىقكەن دىدى... ئاخىرى ھەممىسى ئاچچىق شاپتۇل دەپ سىلكىپ تاشلىدى. بىچارە ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى تور بىكتى ئاخىرى يىتىمچىلىكتە بۇيۇن قىسىپ يۈردى. بۇ يىل گوگىلنىڭ ئۇيغۇرچىسى نى ئىشلەش گىپى چىقىۋىدى... تەشكىللەشكە بىلىم كەملىك قىلدى. بىلىمى بارلار بولسا ئۆزى تۇرمۇش ۋە ئۈگۈنۈشلىرى بىلەن خەۋەرسىز قالدى. كىملا قىلسا بۇلىۋىرەتتى. بىلكمۇ باشتىن ئاخىر ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ 2- بېتى يەنى ياردەمچىسى ، تام دوسكىسى سۈپىتىدە رول ئۈتەپ كىلىۋاتقانلىقىنى نۇرغۇن تورداشلارغا ئايان. بىلىكمۇ ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى نامايەندە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئىشنى بىلىكتىكىلەر قىلسىمۇ ، ئىنتىلدىكىلەر قىلسىمۇ بەرىبىر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلىدۇ. خەنزۇلار ئۈچۈن قىلمايدۇ ئەلۋەتتە. بوپتۇ، شۇلارنىڭ جاپا چەككىنىمۇ شۇ ئۇيغۇر ئۈچۈن تۇرسا. تېماڭنى ياكى ئىشلىگەن ماۋۇ نەرسەڭنى ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ توربىكىتىدە يوللىۋىتىپ ئاندىن بۇ يەرگە ئەكىلىپ چاپلا دەيدىغانغا بىزنىڭ نىمە ھەددىمىز؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسى ئۇيغۇر ئۈچۈن تۇرسا. بوپتۇ قىلسۇن. ئەمەلىي قوللايلى دەپ شارائىتنى ئەنە تەييار قىلىپ مۇنبەرنى تەييار قىلىپ بەردۇق. ئەمما تور بىكتى بارلار تور بىكىتىدە ئېلان قىلدى. ئۇمۇ ئۇيغۇر ئۈچۈنغۇ.
ئاللاھقا شۈكرى. ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ تور بىكتى ھىلھەم ھايات. بەزىلەرنىڭ خىيالىدىكىدەك ئۇ »تاقىلىپ »قالمىدى. چۈنكى ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى ئەمدى بۇندىن كىيىن ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلرى ئۈچۈن جانلىق رول ئالمىسا بولمايدۇ. ئۇنىڭغا فانتازى ، بۈركۈت ئەپەندىملەردەك تەشكىللىگۈچىلەر ، سەھران ، ئالىپ ئەپەندىملەردەك سىستىما بىلەن تولا ئېتىشىدىغانلار، بىلگە، ئىنتىل دەل توردۇنياسىغا نىسبەتەن كونا پىشقەدەملەر ، نەۋرۇز، سارۋان دەك كونا پشقەدەم تور بەت تىلى يازغۇچىلار ، ئۇيغۇر-ۋېب ، ئۇچقۇن، مايوردەك يېڭى باش كۈتۈرۈپ چىقىۋاتقان سىستىمىچىلار تۇرۇپتۇ. يەنە نۇرغۇن ئىقتىدارلىق باللار بار. ھەممىسى ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنى ئاستىرىتتىن كۈزتىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ تور بىكىتىدە 2 ھەپتە جانلىنىش كەيپىياتى بولسىلا نۇرغۇن باللار بار ئۆزلىكىدىن قېتىلىدىغان. نې-نې باللار بار PHPدىن ھالقىپ ASPX, CGI لارنى يازىدىغان.كىرىدىغان تەشكىللىنەلەيدىغان تور بىكەتنىڭ تاينى يوق، ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭتور بىكىتىنى ئۇزۇندىن بىرى ئاستىرىتتىن كۈزتىۋاتقان.
قانداق جانلاندۇرىمىز؟ ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ تور بىكتىدە ئانچە مۇنچە تېما يوللاپ تۇردىغان پەقەتلا 2~3 ئەزالا بار. ھەتتا كۈندە 3~4 تېما يوللاپ ئۇدا داۋاملاشتۇرغان چاغلارمۇ بولغان. ئەمما، جانلىق ئەزالار يەنىلا كەمچىل. نۇرغۇن ئەخلەت مۇنبەرلەر بار. ئەزاسى 5 مىڭدىن ئاشىدىغان. بازىرى ئالامەت چىققان نى-نى چايخانىلار بار 2~3يۈز ئادەمدىن كەملىمەيدىغان. نى-نى كۈچۈرمىچى مۇنبەرلەر بار تېمىلارنى باشقا مۇنبەرلەردىن كۈچۈرگەننىڭ ئۈستىگە ئەزالارنىمۇ قالتىس ئۇسۇللار بىلەن يىغىپ ئەكىتىدىغان. ئەنە قاراڭلار، ئاشۇلارغا ئادەم جىق كىرىدۇ. ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ تور بىكىتىگە نىمىشقا جىق كىرمەيدۇ؟ ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ قىزغىن چاقىرىقى بىلەن تور بىكەتلەر ھازىرقى يۇنىكودلاشقان ، بىرخىللاشقان ، قولايلىقلاشقان ۋەزىيەت شەكىللەنگەنغۇ؟
كۈچنى بىر يەرگە مەزكەزلەشتۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن چېچىلاڭغۇلۇق بىلەن ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرى تەرەققىياتىنى كەينىگە چىكىدۈرۋاتقان بىر قىسىم تور بىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرى ئۈچۈن تور بىكەت قۇردۇم دىگەن گەپ پۈتۈنلەي يالغان گەپ. ئۇ يا گوگىل ئېلانى بىلەن جان بىقىشنى ئويلىدى يا بولمىسا تور بىكەت باشلىقى دىگەن «ئالى»ئۇنۋانغا ئىرىشىپ «مەرتىۋە»گە ئىرىشكۈسى كىلىپ كۈچنى ، زىھنىنى، بىلىملىك بالىلارنىڭ كۈچىنى خورىتىۋەتتى.ھەم خورىتىۋاتىدۇ...
ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرى ئۈچۈن تور بىكەت قۇردۇم دەپ تور بىكەت قۇرغان جىنىم قېرىندىشىلار، ئۈزىڭىز يالغۇز، تور بىكىتىڭىزگە ئەزا قىلدۇرۋالغان ئاشۇ بىر نەچچە سەھىپە ئەزالىرىڭىز بىلەن ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرىغا جۈملىدىن تور ساھەسىگە قانداق پايدىلارنى ئېلىپ كەلمەكچىسىز؟ تور نامىنى، بوشلۇقنى بىكارغا ئالدىڭىزمۇ؟ 2005،2006-يىلى تور بىكەت باشقۇرغۇچىسى بۇلۇش يەنى تور بىكەت قۇرغۇچى بۇلۇش مودا بولغان ئىدى. 2007-يىلى مۇنبەر قۇرۇپ ئەزا توپلاش مودا بولدى. 2008-يىلى تەكلىماكان ئەپەندىمنىڭ گەپدانلىقى بىلەن تور بىكەت، بىلوگ قۇرۇپ گوگىل ئېلانى قۇيۇپ پۇل تېپىش مودا بولدى. دىمەك مۇشۇنداق ئايىقى چىقماس ، ئادەمنى ، يېڭى تورزىيارەتچىللىرىنى چارچىتىپ ئەقلىنى خورىتىدىغان بىھۇدە مەشغۇلاتلار مودا بولۇپ كەلدى.
ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى ئاشۇنداق زىھىن خورىتىدىغان ئشلارنى ئاز قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ. گوگىل ئېلانى پۇلنى بكارغا بەرمەيدۇ! ئۇنىڭغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى سەرىپ قىلىسىز. ھىساپلاپ كەلسىڭىز سىزدىن چىقىپ كەتكەن رۇھىي، زىھنىي ۋە ئىقتىسادىي چىقىم بىلەن گوگىلنىڭ كىرىمى ھەرگىزمۇ تەڭلىشەلمەيدۇ. گوگىلنىڭ كىرىمى قارىماققا ددودودودودودوللللللاررررر بۇلۇپ كۈرۈنۈپ سىزنى دوللار خۇشاللىقى بىلەن خوش قىلغىنى بىلەن ئۇ بىر ئادەمنى ئالدايدىغان نېرىۋىڭىزدىكى پىسخىكا ئالدامچىسى خالاس.
دىمەكچىمەنكى، توردىكى نۇرغۇن تور بىكەت قۇرغۇچىلار ۋە ھەۋەسكارلار ۋاقتىنى زىھنىنى ،نۇرغۇن نەرسىللىرىنى توردا بارا بارا يۇقۇتۇپ قويماقتا. يالغۇز ئاتنىڭ دېڭى چىقماس ، دېڭى چىقسىمۇ چېڭى چىقماس! تور بىكەت قۇرغۇچىسى بۇلۇش يوغان ئىش ئەمەس. تور بىكتىم بار دىيىش 200يىلدىكىدەك ئۇنچىۋالا مودا ئىش ئەمەس. مودىدىن قالدى.

ھەرقايسى بىكەت قۇرغۇچىللىرىنىڭ 2008-يىلدا گوگىل ئېلانى ئارقىلىق پۇل تېپىشنى ئۈزىگە مەخسەت قىلىشنى راۋا كۆرمەكتە. ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ تور بىكىتى ئۈزىدە پەن تېخنىكىلىق تېمىالارنى، نەتىجىلەرنى ئېلان قلىشنى، يوللىشنى ، پىلانلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇشىنى توغرا كۆرمەيۋاتىدۇ. بۇ ئىچى تارلىقمۇ ياكى شەخسىيەتچىلىكمۇ ئىشقىلىپ بىرسى.
يىغىنچاقلاپ كەلسەك، نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ مەقسىدى بىر. ئەمما تۇتقان يول خاتا!

ئىقتىدارلىق، ئۈمۈدۋار، ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرىغا بىر كىشلىك تۆھپە قۇشۇش خيالى بارلار ، قۇلىدا پىروگىرامما يىزىش ھۈنىرى بارلار، تور بىكەت ئىشلىيەلەيدىغانلار،...قىسقىسى ئىقتىدارلىق ياشلارنىڭ ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ تور بىكىتىگە ئۇيۇشۇڭلارنى، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئورتاق نىشان بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرىغا ئۇيۇشۇپ كۈچ قۇشۇشساق.
ئەلۋەتتە پىكرىڭلارنى نەدە ،قەيەردە ئەركىن ، بىمالال ئوتتۇرغا قويساڭلار بۇلىدۇ. بىراق زىھنىڭلارنى خۇراتماڭلار. بىر تاۋۇزنى بىر ئادەم يىسە قۇرساق كۈپۈپ ئاغرىتىدۇ. بىر نەچچە ئادەم يىسە تاۋۇز بەك تاتلىق، تەملىك تېتىيدۇ. بۇنى ھەممىڭلار بىلىدىغانسىلەر. تور بىكەت قۇرغۇچىلار "ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قۇشاي دەپ ..." ئۇنداق تەنھا بىھۇدە ھېرىپ چارچاپ كەتمەڭلار. يالغۇز سەرىپ قىلىدىغان ۋاقتىڭلارنىڭ يېرىمىنى ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ تور بىكتىدە سەرىپ قىلساڭلار چۇقۇمكى سالامەتلىكىڭىزگە ۋە خەلىققە پايدىلىقتۇر!
تەنھا ھالدا ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرىغا كۈچ قۇشىمەن دىيىش خاتا بولمىسىمۇ ئەمما ئۈنىمى ئاستا ياكى ئۇزاق ياشىيالمايدۇ! بۇ ھەممىڭلارغا ئايان.ھازىرغىچە قۇرۇلغان تور بىكەتلەردىن يېنىپ ئۆچكەن يۇلتۇزدەك بىرلا ئېلان قىلىنىپ ئۈلۈپ كەتكەن تور بىكەتلەر جىق.
يالغۇز بىر ئىش قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ تور بىكتىنى ياراتمىساڭلار بىلىككە كىلىڭلار! بىلىكنى ياراتمىساڭلار ئىنتىلغا كىلىڭلار! بۇيەردىكىلەرنى ياراتمىساڭلار " ئۇيغۇر يۇمشاق دىتال ئىجادىيەت تور بىكىتى" گە بېرىڭلار. ھەممىسى ئۇيغۇر كومپىيۇتىر، تور ئىشلىرى ئۈچۈن دەپ ئورتاق بىر بىرىنى قوللاپ مەۋجۈت بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ. ھەمكارلىشىپ ئىشلەشنى تەشەببۇس قىلىپ كىلىۋاتىدۇ.
دۇنيادا بىرلا ئۇيغۇر مىللىتى بار. " ئۇيغۇر ئۈچۈن " دەپ قۇرۇلغان ساماندەك جىق شۇ تور بىكەتلەر قايسى ئۇيغۇر ئۈچۈن؟ ؟؟
ھەممىسى ئۇيغۇر ئۈچۈن بولغاندىكىن ئۇيغۇر ئۈچۈن دەپ بۇرۇندىنلا ھەرقايسىڭىزلارنى ھەمكارلىققا ، بىرلىككە چاقىرىق قىلىۋاتقان كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىگە كىلىڭلار. تور بىكىتىگە كىرگۈڭلەر كەلمىسە بىلىكنىڭ ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى مەخسۇس سەھىپىسىگە كىلىڭلار. بۇ يەرنى ياراتمىساڭلار يۇقارقى تور بىكەتلەرگە بېرىڭلار. ئەمما ھەرگىز شەخسىي تور بىكەت ياساپ " ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمەن" دەپ كۈچىمەڭ. ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرى ئۈچۈن بىرلىكتە ئىزدىنەيلى، كۈچ چىقىرايلى، ئۇيىشايلى، بىرلىشەيلى دەپ بىز بۇرۇندىنلا توۋلاپ كىلىۋاتىمىز. بىز ئاڭلىتىپ بۇلالمىغان يەردە سىز تەنھا چاقىرىق قىلىپ ھېرىپ قالسىز. كىلىڭ، بىللە توۋلايلى! ئاۋازىمىز بىرلىشىپ يىراقلارغا، مىكروسوفىت، گوگىللارغا، تاكى ياخولارغىچە، ئالمىلىق باغلارغىچە ئاڭلانسۇن!
سىز كەلسىڭىز، ھامان بىر كۈنى بىزمۇ كۇنۇپكا تاختىمىزنى ھەرقانداق سىستىمىدا ئۇيغۇرچىغا باسالايدىغان كۈنلەر كىلىدۇ. سىز كەلمىسىڭىز بۇ ئىشلار بىر كۈن كەينىگە چىكىنسە چىكىنىدۇكى ھەرگىز ئالغا بىر كۈن قەدەم باسمايدۇ!
سىز بىلمىگەن يولنى يەنە بىرسى بىلىشى مۈمكىن، سىز قىلىپ باقمىغان ئىشنى ھەمراھىڭىزدىن بىرى قىلىپ باققان بۇلىشى مۈمكىن، سىز دەسسەپ باقىمغان يولنى يەنە بىرسى دەسسەپ باققان بۇلىشى مۈمكىن، ئۇ ھالدا نۇغۇن ۋاقىت ۋە بىھۇدە رۇھىي ئىسراپچىلىق تىجىلىپ قالىدۇ. زىھنىڭىز ئۇرغۇپ تاشىدۇ.
ھەمكارلىق ئۇ بىر ئىسىل كۈچ. مىكروسوفىت شۇڭا مەشغۇلات سىستىمىسى ساھەسىدە مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇرۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇ نەچچە مىڭلىغان پىروگىراممىرلارنىڭ بىر يەرگە جەم بۇلۇپ ئىشلىگەن مەسھۇلاتى.
سىز يالغۇز تور بىكىتڭىزگە سۇلىنىۋىلىپ نىمۇ ئىش قىلالاسىز... تور بىكىتىڭىزنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇڭ. ئەمما ئاۋال ئۈزىڭىزنى كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئاندىن تەرەققىي قىلدۇرسىڭىز تېخىمۇ بازىرى چىقىدۇ.
بەزىلەر تېخى بىز ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىگە ئەزا بولساق مۇئاش بىرەمدۇ؟.،،،، نىمە ئىش قىلىپ بىرىدۇ... دەپ سوراپ قۇيىدۇ.
ئامال يوق. ھازىرچە بىكارغا ئىشلەپ ، بىكارغا تېما يوللاپ ، بىكارغا سىز ۋاقىت چىقىرىپ بىرىسىز. چۈنكى سىز بۇ يەردە يالغۇز ئۇيغۇر ئۈچۈن جاپا چىكىۋىتىپسىز، ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىگە ئۇيۇشساق ، كۆپنىڭ كۈچى چوڭ بۇلىدۇ ئەمەسمۇ" دىسەم ، پېشىنى قېقىپ قۇيىدىغانلارنى جىق كۆردۈم.
-پەيغەمبىرىمىز " بىلىمنىڭمۇ زاكىتى بار " دەپتىكەن. ئاڭلىغانمۇ؟

......
.................
نۇرغۇن بىلىملەر نۇرغۇن ئادەملىرىمىزدە كۈمۈلۈپ يېتىپتۇ. ئەنە شۇلارنى بىريەرگە جەم قىلساق بۇ چاققا Discuz دەك، ياخودەك تور بىكەتلەردىن نەچچىنى ئىشلەپ بۇلار ئىكەنمىز.
ئۇلار دەيدۇكى، گۇھەر ياتىدۇ سايدا، تۇنىمىساڭ نىمە پايدا دەپ. بىز ئۇلارنى ھوي ماۋۇيەرگە كەل دەپ ئاڭلىتىپ بۇلالمايۋاتىمىز.
قارىغاندا بۇ ئابدۇقادىر داموللام دىگەندەك " بۇ مىللەتكە ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاللاھ ئاتا قىلمىسا سىلى بىز ئاڭلىتىپ ئۇيۇشتۇرۇپ بۇلالمايمىز...." بۇلىدىغان ئوخشايدۇ.
كومپىيۇتىر ساھەسىدە ھېچ بولمىسا بىرمەزگىل ساقلاپ باقىلى.
يەنە دەپ بېشىڭلارنى ئاغرىتىدىغان بولدۇق:

ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىگە ئاۋاز قۇشۇڭلار قېرىنداشلار، ھەممىمىز ئۇيغۇر ئۈچۈن دەپ توردا لەيلەپ يۈرۋاتىمىز. توردىكى ۋاقتىمىز ھەقىقى، مەنىلىك، پايدىلىق ئۆتسۇن. توردىكى ھەربىر مىنۇت-سىكونىت ۋاقتىمىزنى ئۈزۈڭلار دەۋاتقان " ئۈيغۇر ئۈچۈن" دىگەن گىپىڭلار بۇيىچە قىممىتى بار ئۆتكۈزەيلى.
UKIJ ھەممىمىزنىڭ! ئۇ مەلۇم بىر شەخىسنىڭ ئەمەس. سىزنىڭ ھەم بىزنىڭ.


ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى تەشۋىقات بۆلىمگە ۋاكالىتەن:
ئەلتېكىن.



Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » چارشەنبە ماي 14, 2008 4:24 am

جەمىيەت قىلىپ قۇرۇش ھەققىدىكى مۇناسىۋەتلىك خەنزۇچە نىزام:





中华人民共和国国务院令(第250号)

《社会团体登记管理条例》,已经1998年9月25日国务院第8次常务会议通过,现予发布,自发布之日起施行。

总理朱镕基

一九九八年十月二十五日



第一章 总则

第一条
为了保障公民的结社自由,维护社会团体的合法权益,加强对社会团体的登记管理,促进社会主义物质文明、精神文明建设,制定本条例。


第二条
本条例所称社会团体,是指中国公民自愿组成,为实现会员共同意愿,按照其章程开展活动的非营利性社会组织。


国家机关以外的组织可以作为单位会员加入社会团体。

第三条
成立社会团体,应当经其业务主管单位审查同意,并依照本条例的规定进行登记。


社会团体应当具备法人条件。

下列团体不属于本条例规定登记的范围:

(一)参加中国人民政治协商会议的人民团体;

(二)由国务院机构编制管理机关核定,并经国务院批准免于登记的团体;


(三)机关、团体、企业事业单位内部经本单位批准成立、在本单位内部活动的团体。


第四条
社会团体必须遵守宪法、法律、法规和国家政策,不得反对宪法确定的基本原则,不得危害国家的统一、安全和民族的团结,不得损害国家利益、社会公共利益以及其他组织和公民的合法权益,不得违背社会道德风尚。


社会团体不得从事营利性经营活动。

第五条
国家保护社会团体依照法律、法规及其章程开展活动,任何组织和个人不得非法干涉。


第六条
国务院民政部门和县级以上地方各级人民政府民政部门是本级人民政府的社会团体登记管理机关(以下简称登记管理机关)。


国务院有关部门和县级以上地方各级人民政府有关部门、国务院或者县级以上地方各级人民政府授权的组织,是有关行业、学科或者业务范围内社会团体的业务主管单位(以下简称业务主管单位)。


法律、行政法规对社会团体的监督管理另有规定的,依照有关法律、行政法规的规定执行。


第二章 营辖

第七条
全国性的社会团体,由国务院的登记管理机关负责登记管理;地方性的社会团体,由所在地人民政府的登记管理机关负责登记管理;跨行政区域的社会团体,由所跨行政区域的共同上一级人民政府的登记管理机关负责登记管理。


第八条
登记管理机关、业务主管单位与其管辖的社会团体的住所不在一地的,可以委托社会团体住所地的登记管理机关、业务主管单位负责委托范围内的监督管理工作。


第三章 成立登记

第九条
申请成立社会团体,应当经其业务主管单位审查同意,由发起人向登记管理机关申请筹备。


第十条 成立社会团体,应当具备下列条件:

(一)有50个以上的个人会员或者30个以上的单位会员;个人会员、单位会员混合组成的,会员总数不得少于50个;


(二)有规范的名称和相应的组织机构;

(三)有固定的住所;

(四)有与其业务活动相适应的专职工作人员;

(五)有合法的资产和经费来源,全国性的社会团体有10万元以上活动资金,地方性的社会团体和跨行政区域的社会团体有3万元以上活动资金;


(六)有独立承担民事责任的能力。

社会团体的名称应当符合法律、法规的规定,不得违背社会道德风尚。社会团体的名称应当与其业务范围、成员分布、活动地域相一致,准确反映其特征。全国性的社会团体的名称冠以“中国”、“全国”、“中华”等字样的,应当按照国家有关规定经过批准,地方性的社会团体的名称不得冠以“中国”、“全国”、“中华”等字样。


第十一条
申请筹备成立社会团体,发起人应当向登记管理机关提交下列文件:


(一)筹备申请书;

(二)业务主管单位的批准文件;

(三)验资报告、场所使用权证明;

(四)发起人和拟任负责人的基本情况、身份证明;

(五)章程草案。

第十二条
登记管理机关应当自收到本条例第十一条所列全部有效文件之日起60日内,作出批准或者不批准筹备的决定;不批准的,应当向发起人说明理由。


第十三条 有下列情形之一的,登记管理机关不予批准筹备:

(一)有根据证明申请筹备的社会团体的宗旨、业务范围不符合本条例第四条的规定的;


(二)在同一行政区域内已有业务范围相同或者相似的社会团体,没有必要成立的;


(三)发起人、拟任负责人正在或者曾经受到剥夺政治权利的刑事处罚,或者不具有完全民事行为能力的;


(四)在申请筹备时弄虚作假的;

(五)有法律、行政法规禁止的其他情形的。

第十四条
筹备成立的社会团体,应当自登记管理机关批准筹备之日起6个月内召开会员大会或者会员代表大会,通过章程,产生执行机构、负责人和法定代表人,并向登记管理机关申请成立登记。筹备期间不得开展筹备以外的活动。


社会团体的法定代表人,不得同时担任其他社会团体的法定代表人。


第十五条 社会团体的章程应当包括下列事项:

(一)名称、注所;

(二)宗旨、业务范围和活动地域;

(三)会员资格及其权利、义务;

(四)民主的组织管理制度,执行机构的产生程序;

(五)负责人的条件和产生、罢免的程序;

(六)资产管理和使用的原则;

(七)章程的修改程序;

(八)终止程序和终止后资产的处理;

(九)应当由章程规定的其他事项。

第十六条
登记管理机关应当自收到完成筹备工作的社会团体的登记申请书及有关文件之日起30日内完成审查工作。对没有本条例第十三条所列情形,且筹备工作符合要求、章程内容完备的社会团体,准予登记.发给《社会团体法人登记证书》。登记事项包括:


(一)名称;

(二)住所;

(三)宗旨、业务范围和活动地域;

(四)法定代表人;

(五)活动资金;

(六)业务主管单位。

对不予登记的,应当将不予登记的决定通知申请人。

第十七条
依照法律规定,自批准成立之日起即具有法人资格的社会团体,应当自批准成立之日起60日内向登记管理机关备案。登记管理机关自收到备案文件之日起30日内发给《社会团体法人登记证书》。


社会团体备案事项,除本条例第十六条所列事项外,还应当包括业务主管单位依法出具的批准文件。


第十八条
社会团体凭《社会团体法人登记证书》申请刻制印章,开立银行帐户,社会团体应当将印章式样和银行帐号报登记管理机关备案。


第十九条
社会团体成立后拟设立分支机构、代表机构的,应当经业务主管单位审查同意,向登记管理机关提交有关分支机构、代表机构的名称、业务范围、场所和主要负责人等情况的文件,申请登记。


社会团体的分支机构、代表机构是社会团体的组成部分,不具有法人资格,应当按照其所属于的社会团体的章程所规定的宗旨和业务范围,在该社会团体授权的范围内开展活动、发展会员。社会团体的分支机构不得再设立分支机构。


社会团体不得设立地域性的分支机构。

第四章 变更登记、注销登记

第二十条
社会团体的登记事项、备案事项需要变更的,应当自业务主管单位审查同意之日起30日内,向登记管理机关申请变更登记、变更备案(以下统称变更登记)。




[ بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: mayor ، ۋاقتى: 2008-5-13 17:28 ] 2008/5/13 19:26

6 mayor
社会团体修改章程,应当自业务主管单位审查同意之日起30日内,报登记管理机关核准。


第二十一条
社会团体有下列情形之一的,应当在业务主管单位审查同意后,向登记管理机关申请注销登记、注销备案(以下统称注销登记):


(一)完成社会团体章程规定的宗旨的;

(二)自行解散的;

(三)分立、合并的;

(四)由于其他原因终止的。

第二十二条
社会团体在办理注销登记前,应当在业务主管单位及其他有关机关的指导下,成立清算组织,完成清算工作。清算期间,社会团体不得开展清算以外的活动。


第二十三条 社会团体应当自清算结束之日起15日内向登记管理机关办理注销登记。办理注销登记,应当提交法定代表人签署的注销登记申请书、业务主管单位的审查文件和清算报告书。


登记管理机关准予注销登记的,发给注销证明文件,收缴该社会团体的登记证书、印章和财务凭证。


第二十四条
社会团体撤销其所属分支机构、代表机构的,经业务主管单位审查同意后,办理注销手续。


社会团体注销的,其所属分支机构、代表机构同时注销。

第二十五条
社会团体处分注销后的剩余财产,按照国家有关规定办理。

第二十六条
社会团体成立、注销或者变更名称、住所、法定代表人,由登记管理机关予以公告。


第五章 监督管理

第二十六条 登记管理机关履行下列监督管理职责:

(一)负责社会团体的成立、变更、注销的登记或者备案;

(二)对社会团体实施年度检查;

(三)对社会团体违反本条例的问题进行监督检查,对社会团体违反本条例的行为给予行政处罚。


第二十八条 业务主管单位履行下列监督管理职责:

(一)负责社会团体筹备申请、成立登记、变更登记、注销登记前的审查;


(二)监督、指导社会团体遵守宪法、法律、法规和国家政策,依据其章程开展活动;


(三)负责社会团体年度检查的初审;

(四)协助登记管理机关和其他有关部问查处社会团体的违法行为;


(五)会同有关机关指导社会团体的清算事宜。

业务主管单位履行前款规定的职责,不得向社会团体收取费用。

第二十九条
社会团体的资产来源必须合法,任何单位和个人不得侵占、私分或者挪用社会团体的资产。


社会团体的经费,以及开展章程规定的活动按照国家有关规定所取得的合法收入,必须用于章程规定的业务活动,不得在会员中分配。


社会团体接受捐赠、资助,必须符合章程规定的宗旨和业务范围,必须根据与捐赠人、资助人约定的期限,方式和合法用途使用。社会团体应当向业务主管单位报告接受、使用捐赠、资助的有关情况,井应当将有关情况以适当方式向社会公布。


社会团体专职工作人员的工资和保险福利待遇,参照国家对事业单位的有关规定执行。


第三十条
社会团体必须执行国家规定的财务管理制度,接受财政部门的监督;资产来源属于国家拨款或者社会捐赠、资助的,还应当接受宙计机关的监督。


社会团体在换届或者更换法定代表人之前,登记管理机关、业务主管单位应当组织对其进行财务审计。


第三十一条 社会团体应当于每年3月31日前向业务主管单位报送上一年度的工作报告,经业务主管单位初审同意后,于5月31日前报送登记管理机关,接受年度检查。工作报告的内容包括:本社会团体遵守法律法规和国家政策的情况、依照本条例履行登记手续的情况、按照章程开展活动的情况、人员和机构变动的情况以及财务管理的情况。


对于依照本条例第十七条的规定发给《社会团体法人登记证书》的社会团体,登记管理机关对其应当简化年度检查的内容。


第六章 罚则

第三十二条
社会团体在申请登记时弄虚作假,骗取登记的,或者自取得《社会团体法


人登记证书》之日起1年未开展活动的,由登记管理机关予以撤销登记。


第三十三条
社会团体有下列情形之一的,由登记管理机关给予警告,责令改正,可以限期停止活动,并可以责令撤换直接负责的主管人员;情节严重的,予以撤销登记;构成犯罪的,依法追究刑事责任:


(一)涂改、出租、出借《社会团体法人登记证书》,或者出租、出借社会团体印章的;


(二)超出章程规定的宗旨和业务范围进行活动的;

(三)拒不接受或者不按照规定接受监督检查的;

(四)不按照规定办理变更登记的;

(五)擅自设立分支机构、代表机构,或者对分支机构、代表机构疏于管理,造成严重后果的;


(六)从事营利性的经营活动的;

(七)侵占、私分、挪用社会团体资产或者所接受的捐赠、资助的;


(八)违反国家有关规定收取费用、筹集资金或者接受、使用捐赠、资助的。


前款规定的行为有违法经营额或者违法所得的,予以没收,可以并处违法经营额1倍以上3倍以下或者违法所得3倍以上5倍以下的罚款。


第三十四条
社会团体的活动违反其他法律、法规的,由有关国家机关依法处理;有关国家机关认为应当撤销登记的,由登记管理机关撤销登记。


第三十五条
未经批准,擅自开展社会团体筹备活动,或者未经登记,擅自以社会团体名义进行活动,以及被撤销登记的社会团体继续以社会团体名义进行活动的,由登记管理机关予以取缔,没收非法财产;构成犯罪的,依法追究刑事责任;尚不构成犯罪的,依法给予治安管理处罚。


第三十六条
社会团体被责令限期停止活动的,由登记管理机关封存《社会团体法人登记证书》、印章和财务凭证。


社会团体被撤销登记的,由登记管理机关收缴《社会团体法人登记证书》和印章。


第三十七条
登记管理机关、业务主管单位的工作人员滥用职权、徇私舞弊、玩忽职守构成犯罪的,依法追究刑事责任;尚不构成犯罪的,依法给予行政处分。


第七章 附则

第三十八条
《社会团体法人登记证书》的式样由国务院民政部门制定。

对社会团体进行年度检查不得收取费用。

第三十九条
本条例施行前已经成立的社会团体,应当自本条例施行之日起1年内依照本条例有关规定申请重新登记。


第四十条 本条例自发布之日起施行。1989年10月25日国务院发布的《社会团体登记管理条例》同时废止。

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » چارشەنبە ماي 14, 2008 4:25 am

يۇقارقىسى بىلىك كۇلۇبىدىن مايۇرجان ئىسىملىك بىر ياشنىڭ ئىنكاسى.
تۈۋەندىكى قىسقىچە تەرجىمىسىمۇ شۇ ياشنىڭ.
===============================
يۇقارقىسى زۇڭلى جۇروڭجى 1998-يىلى جاكارلىغان گوۋۇيۈەننىڭ 8- دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا قاراپ چىقىرىلغان ۋە شۇ كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە ھەم يۈرگۈزۈلگەن <جەمئىيەت كوللىكتىۋىنى تىزىملاش باشقۇرۇش نىزامنامىسى> .
سىياسىي تەرجىمىگە نىسبەتەن سەۋىيەم 0 بولغانلىقتىن تەرجىمە قىلىپ مەنە خاتالىقى چىقىرىپ سىياسىي نىزامنى بۇرمىلاپ قويۇشتىن ئەنسىردىم.
لېكىن تەپسىلىي كۆز يۈگرىتىپ بولغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى شەرتلەر چوقۇم ھازىرلاش كېرەكلىكىنى بىلىۋالالايمىز :
1. جەمئىيەتكە ئەزا بولغان پۇقرالارنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغان بولىشى كېرەك ، ئېلىپ بارغان پائالىيەتلەر چوقۇم تىجارەت خاراكتىرىنى ئالمىغان جەمئىيەت تەشكىلاتى پائالىيەتلىرى بولىشى كېرەك . (UKIJ بۇ تەلەپكە چۈشىدۇ)
2.جەمئىيەت كوللىكىتىۋى قۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم مەزكۇر كەسىپكە باش مەسئۇل ئورۇننىڭ تەستىقىدىن ماقۇللىنىپ ئۆتكەن بولىشى كېرەك.(UKIJ غا نىسبەتەن بۇ كەسىپ كومپيۇتېر كەسپىي ئىشلىرى بولغاچقا بۇيەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان ئورۇن ئەگەر جەمئىيەت پۈتۈن دۆلەت خاراكتىرلىك بولسا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۇچۇر مەھسۇلات مىنىستىرلىكىنى كۆرسىتىدۇ ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە بولسا ئاپتونوم رايونلۇق ئۇچۇر مەھسۇلات نازارىتىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. خەنزۇچىسى : 新疆维吾尔自治区信息产业厅)
3.جەمئىيەت چوقۇم قانۇنىي ئىگە بولىشى كېرەك . (بۇ بەلكىم ھەممىمىزگە ئېنىق)
4.جەمئىيەت دۆلەتكە زىيان سالماسلىقى، دۆلەت بىرلىكىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنماسلىقى يەنى قانۇنىي-ئىنتىزامغا شەرتسىز بوي سۇنىشى كېرەك. (بۇ پىرىنسىپكە چاتاق يوق چۈشىدۇ)
5.تىجارەت خاراكتىرىنى ئالغان سودا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغىللانماسلىق كېرەك!!(يۇمشاق دېتال سېتىپ مانچە پىرسەنتى جەمئىيەتكە مانچە پىرسەنتى ئەزا دېگەندەك گەپلەر بۇ تەلەپكە زىتمۇ قانداق؟)
6.پائالىيەتلەر چوقۇم قانۇن يول قويغان دائىرىدە بولىشى كېرەك .قانۇنسىز قەدەم تاشلاشقا بولمايدۇ.(بۇنىڭدا چاتاق يوق)
7.پۈتۈن دۆلەتلىكنى دېمەينى يەرلىكنى دەپ تۇرىلى. يەرلىك جەمئىيەتلەرنى چوقۇم يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تىزىملاپ باشقۇرۇش ئاپاراتلىرى تىزىملاپ باشقۇرىدۇ.
8.جەمئىيەتنى قۇرۇشتا كەسپىي باشقۇرۇش ئورنىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن تىزىملاپ باشقۇرۇش ئاپاراتىغا جەمئىيەتكە مەسئۇل باش يولداش ئىلتىماس نامە سۇنىدۇ. (UKIJ غا نىسبەتەن ئاۋال شىنجاڭ ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرى نازارىتىنى ماقۇللىغىنى ئالغاندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق ئىدارە ئورگان تىزىملاپ باشقۇرۇش ئىدارىسىغا ئىلتىماس سۇنىشى مۇمكىن. 新疆维吾尔自治区事业单位登记管理局 ، مەن مۇشۇنى بىلىدىكەنمەن ، لېكىن ھەرگىزمۇ 新疆维吾尔自治区协会登记管理局دەپ ئاڭلىماپتىمەن، خاتالاشمىسام مۇشۇ شۇ )
9. چوقۇم 50 تىن ئارتۇق ئەزالىرى بولىشى كېرەك ، ياكى 30 دىن ئارتۇق ئىدارە ئورگانلاردىكى كىشىلەر بولسىمۇ بولىدۇ ، ئىدارە ئورگانغا تەۋە بولمىغان خۇسۇسىي ئەزالا ۋە ئىدارە ئورگان ئەزالىرى ئارلىشىپ توپنى ھاسىل قىلسىمۇ بولىدۇ.
10. چوقۇم ئىسمى ۋە خىزمەت ئاپاراتى بولىشى كېرەك. (بۇنىڭدا چاتاق يوق)
11. چوقۇم مۇقىم بولغان جەمئىيەت تۇرۇشلۇق ئورنى بولىشى كېرەك. (UKIJ نىڭ تېخى ئورۇن مەسىلىسى ھەل قىلىنغانمۇ يوق بىلمەيمەن)
12. چوقۇم كەسپىي تەرەپتە مەخسۇس تەربىيلەنگەن خادىملار بولىشى كېرەك. (بۇنىڭدا چاتاق يوق)
13. قانۇنلۇق بولغان ئىقدىسادىي بايلىق مەنبەسى بولىشى كېرەك.يەرلىك جەمئىيەتلەرنىڭ 3تۈمەن خەلق پۇلىدىن يۇقىرى بولغان پائالىيەت مەبلىغى بولىشى كېرەك.(ئەگەر جەمئىيەتنىڭ ھېچقانداق سىرتتىن ماددىي ياردىمى بولمىسا ، ھەمدە بارلىق ئەزا بولۇپ 50 ئادەم بولسا ، بىر ئەزا ئايدا 50 يۈەن بەدەل پۇلى تاپشۇرسا ، جەمئىيەتنىڭ بىريىللىق مىللى دارامەتى 3 تۈمەن بولىدۇ. نەنسەنگە چىقىىپ ئويناش ، ئىدارە - ئورگانلارنىڭ كومپيۇتېرلىرىنى خالىسانە رېمونت قىلىش قاتارلىق ... قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەلەرگە كەڭتاشا يېتىدۇ دەيمەن! ئەگەر بۇ پۇلغا چېقىلمىسا فوند ئويناپ كۆپەيتىۋالسىمۇ بولىدۇ [چاخچاخ])
14. مۇستەقىل خەلق ئىشلىرى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان ئىقتىدارى بولىشى كېرەك. يەرلىك جەمئىيەتلەر نامىدا <جۇڭگو>،<جۇڭخۇا> ۋە <پۈتۈن دۆلەت> دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.
15.تىزىملاتقۇچى چوقۇم تۆۋەندىكى نەرسىلەرنى ھازىرلىغان ئاساستا تىزىملاب باشقۇرۇش ئىدارىسىگە بېرىشى كېرەك :
1) ئىلتىماس نامە
2) مەزكۇر كەسىپنىڭ باش باشقۇرۇش ئورنىنىڭ ماقۇللۇق خېتى.(信息产业厅 نى ماقۇللۇق خېتى)
3) مەبلەغ تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە تۇرۇشلۇق ئورنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتى. (ئەگەر ئىجارىگە ئالغان ئورۇن بولسا ئىجارە توختامىنى كۆتۈرۈپ بارسا بولىدۇ)
4) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ يەنى باش مەسئۇل خادىمنىڭ تەپسىي ئەھۋالى ، كىملىكى .
5) يازما ماتىرياللار تولۇق بولىشى كېرەك.

گەپنىڭ پوس كاللىسى دەل يۇقارقى 15 تۈر. يۇقىردىن باشلاپ تۆۋەنگە بارلىق تەلەپكە ئۇيغۇن ھەم ئۇسۇل باسقۇچلارنى تولۇق قىلىپ ئىلتىماس يېزىلسا ، جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلىشى بىردەملىك ئىش!
ئەگەر باش مەسئۇل دۆلەت ئىچىدىكى يولداش يۇقارقى شەرتلەرگە مۇۋاپىق چۈشسە ، مەن ياردەملىشىپ UKIJ نى قانۇنلۇق جەمئىيەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئاپاراتلارنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش ، ئىلتىماس سۇنۇش ، مەبلەغ تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا ياردەمدە بولىمەن. چۈنكى بۇنداق قىلىشىم تېخى رەسمىيەتلىرى پۈتمەي تۇرۇپ ئۆزىنى جەمئىيەت دەپ ئاتىۋالغان بىر ئورۇننى راستمىي يوسۇندا قانۇن رامكىسىغا ئېلىپ ، پارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە مىللىتمىزنىڭ يەنى پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش خىزمىتىگە ھەسسە قوشۇپ ۋەتەننىڭ ئىسمى جىسمىغا خاس سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتىپاقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن!!

UKIJ نىڭ قانۇنلۇق قۇرۇلۇپ ، ئەزا قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشىنى تاپشۇرېۋېلىشىمىزنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتۈپ دوستۇڭلار : ماھىرجاندىن

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » شەنبە ماي 17, 2008 8:12 am

مۇشۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشمۇ بۇ يىللىق مۇھىم خىزمەت قاتارىغا كىرگۈزۈلسە بولاتتى.

majeed
يازمىلار: 67
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 23, 2007 5:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان majeed » چارشەنبە ماي 21, 2008 11:33 am

ئەگەر ۋاختى كەلگەندە مەنمۇ ياردەمدە بولالايمەن.
رەسمىيەت بېجىرىش قاتارلىق يۈگۈي -يېتىم ئىشلار بولسا قىلىشىپ بېرىشىم مۈمكىن.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » پەيشەنبە ماي 22, 2008 6:37 pm

UKIJ ھەممىمىزنىڭ يەنى ئۇيغۇرنىڭ.
ئەنسىرىمەڭ، ئىككىلەنمەڭ دوستۇم، بىلىم دېگەننىڭ سىنىپىيلىقى، سىياسىيۋىلىقى بولمايدۇ.
مىللىتىم دەيدىغان جۈرئىتىڭىز بولسا ئىككىلەنمەي UKIJ نى قوللاڭ.
UKIJ سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز، سىزنىڭ ئىرادىڭىز، سىزنىڭ نىشانىڭىزدۇر!

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Intil ، ۋاقتى: 2008-5-23 00:39 [/i]]

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » شەنبە ماي 24, 2008 8:01 am

ئىنتىل ئەپەندىمنىڭ پىكرى ئۇرۇنلۇق.

Nezeri
يازمىلار: 53
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئىيۇن 06, 2007 4:51 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Nezeri » سەيشەنبە سېنتەبىر 06, 2011 1:44 am

ماۋۇ تېمىنى بۇرۇن كۆرگەنتىم، ئەمما ھازىر مەزمۇنىنى تېخىمۇ ئىنىق چۈشىنىۋاتىمەن.
ئىغىزدىكى قوللاشقا قارىغاندا ئەمەلىي قوللاشنى بەكراق تەكىتلىسەك بولاتتى.
مەن بىلىكتە بىر تېما يوللاپ گەپنى راسا ئېچىتىپ بولغان. دىققەت شۇ يەردىمۇ بولغاي.
[url]http://bbs.bilik.co/thread-23089-1-1.html[/url]
[url]http://www.halastan.com/340.html[/url]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار