Ukij Tuz Tom ھەققىدە تالاشمىلار

بۇ سەھىپىگە UKIJ ئەزالىرى ۋە UKIJ غا ئەزا تور بەتلەر تەتقىق قىلىۋاتقان تەتقىقات تۈرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە تەتقىقات ئۇيۇشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار قويۇلىدۇ.
Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

Ukij Tuz Tom ھەققىدە تالاشمىلار

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » چارشەنبە ئىيۇل 30, 2008 7:29 pm

بىلىك توربېتىدە Ukij Tuz Tom ھەققىدە ئەھمىيەتلىك تالاشمىلار بولىۋاتىدۇ، كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ، كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس دېگەندەك مۇتەخەسىسلەرنىڭ ۋە ئەزالارنىڭ بۇ ھەقتىكى تېمىغا ئىشتىراك قىلىشىنى، ئۆزلىرى بىلگەن تالانت ئىگىلىرىگە بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
[url]http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=18933[/url]
[url]http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=18972[/url]
[url]http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=18974[/url]



Erdewil
يازمىلار: 27
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئۆكتەبىر 06, 2007 2:58 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Erdewil » پەيشەنبە ئىيۇل 31, 2008 1:55 am

ئورۇنلۇق پىكىرلەر ھەقىقەتەنمۇ كۆپ يېزىلىپتۇ،مۇمكىن بولسا مۇشۇ مەسىلىنى تېخىمۇ تېز ھەل قىلساق بولاتتى......

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » پەيشەنبە ئىيۇل 31, 2008 4:18 am

[size=5][align=center]UKIJ Tuz Tomنى ئۆلچەمسىز دىگىلى بولمايدۇ!
UKIJ قاراپ چىققان، ئويغان كىرگۈزگۈچ بويىچە ئۇرۇلۇپ كىلىۋاتقان، كۇرمىڭلىغان ماقالىلىرىڭىزنىڭ كىينلىكىدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ![/align][/size]

ئەمدىكى مەسىلە، ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچنى نىمەدەپ ئىشلەتكەن سىز؟
بۇنى ھىچكىم سورىماقتا يوق، UKIJنىڭ كىچىككىنە، ئىشلەتكۈچىلەرگە ئاسانلىق يارىتىش ئۈچۈن ئارتۇقچە قوشۇپ قويغان كودلارغا ئىسىلىۋىلىپ، بۇنى بانا قىلىپ ئاتالمىش چوڭ نامدا ئۆلچەمسىز ئاتالغۇسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، UKIJنىڭ مۇشۇنداق يىتىم قىلىۋاتقان، ئاكتىپلىق سۇسلاشقان، ھەقىقىي مەنىدىكى ئورتاقلىق ھاسىل قىلىنغان ھالەتنى شەكىللەندۈرمەكتە يوق، UKIJ نى چۈشۈرۈشكە ياكى شۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا (ئەمىلىيەت شۇنداق بولۇپ قىلىنۋاتمامدۇ-مانا؟) نۇمۇس قىلمامسىلەر؟

[u]مەن ئۆزۈمنى UKIJنىڭ ئەزاسى دەپ قارايمەن، [/u]دەپ ئىنكاس يازغانلار نىمە ئۈچۈن بۇ يەرگە توككىدە بىر چىكىت قويۇشقا ئىرىنىسىلەر؟ (ھەم ئىرىندىڭلار، بۇنىڭغا يەنە بانا سەۋەب كۆرسەتمەكچىمۇ سىلەر؟ (Eagle ئۇستاز؟) شۇ قارارىڭلارنى مۇشۇنداق ئىتتىپاقلىق سورۇنىغا (ئىتتىپاقلىق بىخ سۈرگۈزۈزۈشكە تىگىشلىك بولغان، ھەم شۇنداق قىلىشىمىزغا زۆرۈر بولغان، شۇنداق قىلىشقا يىتەكلەش بەكــــــــــــــــــــــــــــــــمۇ زۆرۈر بولغان سورۇنغا ) يىزىشقا ئەجىبا نۇمۇس قىلامسىلەر؟
يەنە بۇنىڭغا بانا سەۋەب كۆرسىتىپ، نىمە دىمەكچى سىلەر؟

نۇرغۇن مەسىللەردە كىشىلەرنى قايمۇقتۇرماي، مۇشۇ سورۇنغا كىلىپ، ئاۋۋال باشقا باشلار بىلەن باش قوشۇپ، مۇنداق مۇنداق ئىش، دەپ بار مەسىلەھەت قىلىشىپ، ئاندىن ئاممىغا مۇنداق مۇنداق ئىش دىسە بولمامدۇ؟ خەقنى قورقۇتۇشنىڭ، سەن ئىشەنگەن نەرسە مانا مۈشىنچىلىك، دەپ ئۆزىنى ئۆزى سىسىتىشنىڭ نىمە ھاجىتى؟

مەن يەنە بىر قىتىم دەپ قوياي:
UKIJ قاراپ چىققان، ئويغان كىرگۈزگۈچ بويىچە بويىچە ئۇرۇلۇپ كىلىۋاتقان، كۇرمىڭلىغان ماقالىلىرىڭىزنىڭ كىينلىكىدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ!


(ئىشىنىمەنكى، UKIJ فونتلىرىنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتقانلارنىڭ %95تى، ئويغان كىرگۈزگۈچتىن پايدىلىنىپ خەت كىرگۈزىدۇ، بۇنداق زور سالماقنى تاشلاپ قويۇپ، ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچنى ئىشلەتكەننى تازا تىلغا ئالماي، بۇنى تازا كۆپتۈرۈپ نىمە قىلماقچى سىلەر؟ (باشقىنى ئانچە تىلغا ئالمىغانلىق، كۆپتۈرگەنلىك بولىدۇ).

بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىتتىپاقلىق، بىرلىكنى نىشان قىلغانلار يۈرۈكى ئىچىشىپ، كۆيۈپ كەتسىمۇ، يەنە چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ، مۇشۇ ئەتراپتا ھەر دائىم تەييار، لىكىن تەييار تۇرغان بىلەن ئىش تاڭاتمايدۇ، بىرلىك، UKIJ دەپ توۋلايدىغانلار، كۆيۈنىدىغانلار ھەقىقەتەن كۆپ، بۇنىسى بىلىك مۇنبىرىدىكى تالاشمىلاردىن، بۇنىڭغا دىققەت قىلىغانلاردىن مەلۇملۇق.

مەن خەت نۇسخىسىنى تۈزىتىش مەسىلىسىدە، ئارتۇقچە ھەرىپلەرنى چىقىرۋەتسەكلا بولىدىكەن دەپ قارىدىم، بۇنىڭلىق بىلەن ئويغان كىرگۈزگۈچنى ئىشلەتكەنلەر يەنە داۋاملىق يىڭى خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىۋەرسە، ھىچقانداق چاتاق چىقمايدۇ.
خەت نۇسخىسى نامىنى، ھەرپلەرنىڭ قۇرۇلما شەكلى ئۆزگۈرۈشىنى قاتتىق ساقلاپ قالغان ئاساستا باشقا تىخنىكىلىق مەسىللەر بىر تەرەپ قىلىنىپ، يىڭى نەشىر نومۇرى ئىچىگە يىزىلىپ ئىلان قىلىنسا بولامدىكىن دەپ قارايمەن.

[size=4]تىخنىكىلىق مەسىللەر غەيرەت توختى كەنجى، مۇھەممەد ئابدۇللا، ۋارىس ئا.جانباز، ئالىم ئەھەت، تۇرسۇنجان سۇلتان، "ئەلپىدا"، "ئىرپان"، ... ... ئەپەندىلەردەك كەسپ ئەھلىلىرىنىڭ تەھلىلى بويىچە بولسا.[/size]

باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » پەيشەنبە ئىيۇل 31, 2008 4:44 am

ئەسسالامۇئەلەيكۇم،

UKIJ Tuz Tom دا ھەقىقەتەنمۇ مەسىلە ساقلانغان، بولۇپمۇ Unicode دا يوق نەرسىلەرنى قوشۇپ قويغان، بۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئارتۇق قوشۇلغانلىرىنى چوقۇم ئۆچۈرۈش كېرەك. بولمىسا ئۇنى Unicode فونتى دېيىشكە بولمايدۇ.

قارىغاندا UKIJ ئەزالىرى بار ئىكەنسىلەر ھە؟ مەن تېخى ھەممەيلەننى تومۇز ئىسسىقتا چاڭقاپ كېتىپ، سۇ ئىزدەپ كەتكەن ئوخشايدۇ، 9-ئايغىچە ساقلاپ باقاي دەپ ئويلىغان ئىدىم.

Ubuntu نى تەرجىمە قىلىشقا قاتنىشىمەن سەپ مەيدىسىنى ئۇرغانلار قېنى؟ تەرجىمە بېتىگە كىرىپ قاراپ بېقىڭلار، يېقىندىن بېرى ئىلگىرىلەش يوق. 10-ئايدا Ubuntu نىڭ يېڭى نەشرى چىقىدۇ. شۇنىڭغىچە [url]https://translations.launchpad.net/ubuntu/hardy/+lang/ug[/url] بەتتىكى مەزمۇنلارنىلا تەرجىمە قىلىپ تۈگەتسەك بولاتتى.......

بولمىسا UKIJ تاقامدۇق؟
غەيرەت كەنجى

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » پەيشەنبە ئىيۇل 31, 2008 7:53 am

UKIJ ئەزالىرىدىن پېقىر دائىم زىيارەتتە بولۇۋاتىمەن. دوكلات قىلغۇدەك ئىش ياكى مۇنازىرە تېمىسى بولمىغاچقا بىر نەرسە يازالمىدىم.
باشقا ئەزالارمۇ بەلكىم linux نىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولسا كېرەك.
«Ukij Tuz Tom ھەققىدە [color=Blue]تالاشمىلار[/color]»نى باش بەتتىن كۆرۈپ كىرىپ بىدار ئەپەندىمنىڭ تەۋسىيە ئادرىسنى كۆردۈم . قارىسام 3 ئادرىس بار ئىكەن بۇنىڭ 2 سىنى 2-3 كۈن بۇرۇن كۈلكە ئەپەندىمنىڭ زورى بىلەن كۆرگەن ھەم تولۇق ئوقۇپ چىققان ئىدىم.
شۇ چاغدا ئۇ تېمىنىڭ نېمىشقا ( Ukij توغرىسىدىكى تېما بولغاچقا) بۇ يەرگە يوللىنىپ مۇنازىرە قىلىنمىغانلىقىنى پەقەتلا چۈشىنەلمىگەچكە ، بۇ يەرگە بىر تېما يوللاپ بېقىشنى ئويلىغان بولساممۇ font ھەققىدە ساۋاتسىز بولغاچقا بۇ ئىشنى كەسىپ ئەھلىلىرىگە قالدۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆرگەن ئىدىم.

[quote]UKIJ Tuz Tomنى ئۆلچەمسىز دىگىلى بولمايدۇ!
UKIJ قاراپ چىققان، ئويغان كىرگۈزگۈچ بويىچە ئۇرۇلۇپ كىلىۋاتقان، كۇرمىڭلىغان ماقالىلىرىڭىزنىڭ كىينلىكىدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ![/quote]
توغرا دەيسىز :victory: Ukij Tuz Tom بىزگە نۇرغۇن قولايلىقنى، بىرلىككە كېلىشنى، يېڭى يۈزلىنىشنى بەرگەن ( ھەم بەرگۈسى)، بىز بۇرۇنقى ئۆلچەمسىز فونتلار مەسىلىسىنى كود ئالماشتۇرغۇچ ئارقىلىق بولسىمۇ ھەل قىلالىغان يەردە Ukij Tuz Tom دىكى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالماسلىقىمىز مۇمكىن ئەمەس.
Ukij Tuz Tom فونتلىرىدا ھەقىقەتەن ئىلگىرىلەش بولمىدى. بولىىدىغان ۋاقتىمۇ كەلگەن ئىدى. ( مانا ھازىر كەلگەندەك تۇرۇدۇ)
بەرھەققى خالىس نىيەتلىك، ئەل ئۈچۈن يۈرىكى ئويغاق، ئۈن-تىنسىز تەر تۆكۈۋاتقان ئەركەكلىرىمىز يەنىلا بار ھەم بۇ سەپ زورىيىۋاتىدۇ. شۇ ئەزىمەتلەر يەنە بىر ئۇيۇشۇپ ئەينى چاغدىكى Unecode چاقىرىقىدەك چاقىرىقنى چاقىرايلى! ئىشىنىمەنكى بۇ مەسىلىنى ئوڭشاش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا كۆپ كۈچ كەتمەيدۇ.
(قالدىسىنى كەچتىرەك يازارمەن)

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Intil ، ۋاقتى: 2008-7-31 13:56 [/i]]

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » پەيشەنبە ئىيۇل 31, 2008 9:23 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Alim_Ahat[/i] ، ۋاقتى: 2008-7-31 11:05 [url=http://bbs.bilik.cn/viewthread.php?tid=18972&page=7#pid141991][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
...
ئوخشاش بىر مىللەتنىڭ تىل-يېزىقىدىكى ئوخشاش بىر ھەرپكە ئوخشىمىغان (قوش) كود بېرىش يۇنىكود نىزامنامىسىغا خىلاپ، شۇڭا، مېنىڭ UKIJ Tuz Tom غا بېرىدىغان پىكىرىم:
(1) بىرلىككە كېلىنگەن ئۇيغۇرچە ئۆلچەمگە يات بولغان ھەرپلەرنى ئالماسلىق، ئارتۇق بولغان ئۆلچەمسىز كودلانغان ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش.
(2) فونت نامىنى ئۆزگەرتىش. ئۇنداق بولماي داۋاملاشقانسىرى UKIJ نىڭ ئوبرازىغا يامان تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
(3) UKIJ نىڭ باشقا فونتلىرىدىكى سەۋەنلىكلەرنىمۇ تۈزىتىش. يۇنىكود ئۆلچىمى ئىشلىتىلگەن UKIJ فونتلىرىغا نىسبەتەن ئىلگىرى 2 قېتىملىق چوڭ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلغان ئىدى (بىخلان ئوتتۇرغا قويغان سۇزۇش بەلگىسىنى ئۇنتۇپ قېلىش،...قاتارلىق). بۇ قېتىم تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىقىش، 4-، 5-قېتىملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلمىسۇن. ئەسلىدىكى ھەرپلەرنى سىكانېرلاپ ياسىغۇچىلارنى ئاپتورى دەپ ھۆرمەت قىلىش، فونتنى Save As (باشقا نامدا ساقلاپ مېنىڭ) قىلىۋالغانلارنى ئاپتورى دېمەسلىك، UKIJ فونتىدىكى بارلىق مۇۋاپىق بولمىغان يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ تۈزىتىش.
(4) مۇمكىن بولسا UKIJ مۇ خۇددىي Unicode.org (ئورگىنى)غا ئوخشاش نازارەتچىلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش رولىنى ئۆتەپ، UKIJ غا توپلاشقان ھەۋەسكارلار ياسىغان فونت نامى ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ UKIJ نامىدا باشلانماسلىقىنى، ئەسلىي ئاپتورىغا ھۆرمەت قىلىشىنى كۆپچىلىكنىڭ يەنە بىر قېتىم ئويلىشىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنداق بولغاندا، ھەۋەسكارلار UKIJ غا داۋاملىق توپلىشىدۇ. مەسىلە كۆرۈلسە، شۇ ئىشنى قىلغانلار جاۋابكار بولىدۇ، UKIJ تەنقىدكە دۇچار بولماستىن، شۇ ئىشنى قىلغانلارنى ئاشكارە تەنقىد قىلالايدۇ، UKIJ نىڭ نوپۇزى تېخىمۇ ئاشىدۇ. [/quote]

ئالىم ئەھەت ئەپەندى تولىمۇ ئورۇنلۇق پىكىر قىپتۇ، بۇ ناۋاتتەك گەپ بولدى.

[quote]ئەمما، Uighursoft Arial دېگەن فونتنى باشقىلار UKIJ ئۈچۈن يۇنىكود ئۆلچىمىدە ئۆزگەرتىپ ياسىغاندىن كېيىن، UKIJ تور بېكىتىدە UKIJ Tuz Tom دەپ ئېلان قىلىندى. شۇڭا ئۆزگەرتىلىپ ياسالغان UKIJ Tuz Tom كۆرۈلگەن مەسىلىلەرگە مەن بىۋاسىتە مەسئۇل بولالمايمەن، لېكىن، [u]فونت توغرىلىق ھەر قانداق تېخنىكىلىق ياردەمدە بولۇشنى خالايمەن[/u].[/quote]

بۇنىڭلا ئەمەس، يەنە نۇرغۇن خەت نۇسخىلىرىدا ئۇيغۇر سوفتنىڭ بىر كىشلىك ھەسسى بار، بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كىرەك. خەت نۇسخىلىرىنىڭ ئەسلى ئاپتۇرلىرىنى قوغداش، نامىنى ساقلاپ قىلىش ئىشىنى مەنمۇ خۇددى ئالىم ئەھەت ئەپەندىگە ئوخشاشلا كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن، ھەم تەلەپ قىلىپ كىلىۋاتىمەن. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئالىم ئەھەت ئەپەندى ئىيتقان نۇرغۇن سەۋەبلەر بىلەن ئوخشاش.

ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنىڭ جۈملىدىن ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ بۇ ئىشقا ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولغانلىقى تولىمۇ ياخشى بولدى، بۇ قىتىمقى خەت نۇسخىسى ئىشى ئاساسلىقى UKIJ خەت نۇسخىلىرىدا بولغان ئىكەن، بۇنىڭدا UKIJ ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇشى كىرەك،
بۇ قىتىمقى تورداشلار ئوتتۇرغا قويغان UKIJ فونتلىرىدىكى تېخنىكىلىق مەسىللەرنى تۈزىتىشكە، شەكىل ئۆزگۈرۈشىنى قاتتىق ساقلاپ قالغان ئاساستا، تىخنىكلىق ياردەمگە ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنى، جۈملىدىن ئالىم ئەھەت ئەپەندىنى UKIJ نامىدىن تەكلىپ قىلىمەن. "ئەلپىدا"، "ئىرپان" ئورۇنلىرىنىڭمۇ ھازىرقىدەكلە تىخنىكىلىق مەسلىھەتتە بولىشىنى يادىغا سالىمەن.
بۇ ئىشنى تەشكىللەشكە سۆز ئاچقان ئىرپان شىركىتىگە كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر، UKIJ مۇ دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنىڭ مۇشۇ تۈر ئۈچۈن كۈچ قوشۇش ئىپادىسىگە ئاساسەن، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىگە ئەمەس، كىچىكلا بولسىمۇ كومپيۇتېر ئۇپراش، توك پۇلىسى ئۈچۈن ئازغىنە بولسىمۇ 500يۈەن ئاتىدى، ھازىرچە جىق سەرمايىمىز يوق، ئىش ھەققىڭلارنى [u]خەلق ئۈچۈن[/u] دەپ قويدۇق. :) :loveliness:

[color=Gray](بۇنداق قوشۇمچە ئىشلاردا بۇرۇنراق مۇشۇنداق بىرلىككە كىلىپ، يۇقارقى ھەرقايسى ئۇيغۇر سوفت، ئىرپان، ئەلپىدا خىزمەتخانىسى، ... دەك ئورۇنلارنىڭ باشقا مەھسۇلاتلار ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.)[/color]

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » پەيشەنبە ئىيۇل 31, 2008 4:12 pm

بىلىكتىكى [url]http://bbs.bilik.cn/viewthread.php?tid=18972&page=10#pid142049[/url] نىڭ 97- قەۋىتىدە مۇنداق بىر خۇلاسە خەرەكتىرلىك ئىنكاس چۈشكەن، ئەسلى تېمىنى تولۇق كۆرۈشكە ۋاقتى ئالدىراش ئۆلىمالىرىمىزغا قالدۇرۇشنى لايىق كۆردۈم.
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]FinalFantasy[/i] ، ۋاقتى: 2008-7-31 21:41
بۇ تېما قايسى تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىپ كېتىپ بارىدۇ ئەمدى؟ پىكىرلەر بەك چېچىلىپ كەتتىغۇ؟ مەن بىر نەچچە سوئاللارنى سوراپ، بىر يىغاي جۇمۇ:

1. زادى UKIJ Tuz Tom فونتىنى ئۆزگەرتەمدۇق ياكى ئۆزگەرتمەمدۇق؟ يەنى:
1.1 شارائىت پىشىپ يېتىلدىمۇ؟
1.2 كونا سىستېمىلار ۋە/ياكى كىرگۈزگۈچلەرنى ئويلىشامدۇق؟
1.3 قايسى ئۆلچەمنى ئاساس قىلىمىز؟

2. بۇ فونتنىڭ نېمىسىنى قانداق ئۆزگەرتىمىز؟ يەنى:
2.1 پەقەت ئاشۇ ئىككى قاغۇشتەككۈر ئارتۇقچە ھەرپنى ئېلىۋەتسەكلا بولامدۇ؟
2.2 ھەر خىل يېزىقلارنى ئارىلاش بىر تەرەپ قىلغان ۋاقىتتا كۆرۈلىدىغان سان-سىفېر، ھەرپ-بەلگە ۋە تىنىش بەلگىلەرنىڭ رازمېرى بىردەك بولماسلىق مەسىلىسى ھەل قىلىنامدۇ يوق؟
2.3 ئىنگىلىزچە، قازاقچە، قىرغىزچە، تۈركچە، ئەرەبچە، پارىسچە، ئوردۇچە، رۇسچە ۋە/ياكى يەنە باشقا يېزىقلارنىڭ ھەرپىلىرىنى قوشامدۇق؟
2.4 باشقا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ھەرپ-بەلگىلەرنى قوشامدۇق-قوشمامدۇق؟
2.5 ھەمزىنى ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆزگەرتىپ ئالامدۇق ياكى ئەسلى ئەرەبچە پېتىچە ساقلاپ قالامدۇق؟
2.6 «ئىنچىكە» ۋە «توم» دەپ ئايرىم ئىككى فونت ياسامدۇق؟

3. يېڭى فونتنى باشقا نام بىلەن ئاتامدۇق ياكى ئەسلى نامى پېتىچە ئاتامدۇق؟

4. بۇ ئىشقا ئالاقىدار ئورگانلار ۋە/ياكى كىشىلەر:
4.1 كىم ئۆزگەرتىشكە مەسئۇل؟ UKIJ؟
4.2 كىم يېتەكچىلىك قىلىدۇ؟ UKIJ؟
4.3 كىم قول سېلىپ ئىشلەيدۇ؟ «ئۇيغۇرسوفت»؟ «ئەلپىدا»؟
4.4 كىملەر قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ؟ UKIJ؟ «ئىرپان»؟ داڭلىق ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى؟ تورداشلار؟

5. يېڭى فونتقا 8، 9، 10، 11، 12 زازمېرلاردا چېكىتلىق خەت ئامبىرىنى قوشامدۇق ياكى قوشمامدۇق؟

6. يېڭى فونت ClearType تېخنىكىسىنى قوللامدۇ ياكى قوللىمامدۇ؟

7. يېڭى فونتىى «ئىرپان ئېلېكترون لۇغىتى» قاتارلىق ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەردە ئىشلىتىشكە بولامدۇ يوق؟ ئەگەر بولمىسا، قانداق قىلىمىز؟ (چېكىتلىك خەت ئامبىرى قوشۇش؟)

8. يېڭى فونتنى ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ UI (ئارايۈزى) دە ئىشلەتكىلى بولامدۇ يوق؟ (يەنە شۇ چېكىتلىك خەت ئامبىرى؟)

9. يېڭى فونت ھازىرقى ياخشىراق ھېسابلانغان فونتلاردىن ئۆرنەك ئالامدۇ ياكى ئالمامدۇ؟ مەسىلەن، «ئەلپىدا يۇنكود سىستېما»، «ئەلكاتىپ تور» ۋەھاكازالار...

10. بۇ يېڭى فونتى كىم (UKIJ؟) قانداق ئۇسۇلدا ئاكتىپ تەشۋىقات قىلىدۇ؟

11. يەنە قانداق تېخنىكىلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت؟

بولدى، تورداشلار، قالغان ئارتۇق گەپلەرنى قويۇپ، مۇشۇ ئىشنىڭ پوسكاللىسى بولغان يۇقىرىقى 11 سوئالنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇلاھىزە ئېلىپ بارساق. بۇ سوئاللارنى مەن مۇشۇ تېما ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن بارلىق يازمىلارنى بىر قۇر كۆزدىن كەچۈرۈش ئارقىلىق يىغىنچاقلاپ چىقتىم. كەم قالغان جايلىرى بولسا، تولۇقلاپ مۇنازىرە قىلساق بولىدۇ. ھەممىمىزنىڭ زېھنىمىز چەكلىك، چەكلىك بولغاندىمۇ بەك چەكلىك، شۇڭا مۇشۇ چەكلىك زېھنىمىزنى ھەقىقىي ئەھمىيەتلىك يۇقىرىقى 11 سوئالغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر جاۋابقا ئېرىشەيلى، بولمىسا، مۇنازىرە قۇرۇق پاراڭ بىلەن تولۇپ كېتىپ، ئۇزۇنغا سوزىلىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەممىمىز ھالىمىزدىن ياكى كۆڭلىمىزدىن كېتىمىز. بۇ ئىشنى داۋراڭ سېلىپ باشلىدۇق، ئەمدى چوقۇم نەتىجە چىقارمىساق، ھەممىمىزگە سەت بولىدۇ، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىمىز، ئەڭ مۇھىمى ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ ئادا قىلمىغان بولۇپ، ئۆزىمىزگە يۈز كېلەلمەي، شۇنداق بىر كۈنلەردە ئىچىمىزدە ئۆكۈنىمىز.

قېنى ئەمىسە، تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ئىلمىي پوزىتسىيە، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، تېخنىكىلىق ئۇسۇلدا تەھلىل قىلايلى.
[/quote]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Bidar-Qutlan ، ۋاقتى: 2008-7-31 22:15 [/i]]

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » پەيشەنبە ئىيۇل 31, 2008 7:00 pm

UKIJ نىڭ بىز ئۈچۈن قىممىتى قالمىدى دېسە، UKIJ غا ئىگە بولىدىغانلار يوق دېسە، بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغانلار يوق دېسە ھەرگىز ئىشەنمەيمەن.

tayir
يازمىلار: 28
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئىيۇن 02, 2007 4:05 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان tayir » شەنبە ئاۋغۇست 02, 2008 3:32 am

بۇ قېتىم تۈزتۈپ ئېلان قىلىندىغان خەت نۇسقىسى ئەڭ ئاخىرقى ئۆلچەملىك خەت نۇسقىسى بۇلۇپ قېلىشىنى ئۈمۈت قىمەن .

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » يەكشەنبە ئاۋغۇست 03, 2008 6:50 pm

[url]http://www.izdinix.com//ShowPost.asp?ThreadID=33259[/url]
[url]http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=28972[/url]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار