Ukij Tuz Tom ھەققىدە تالاشمىلار

بۇ سەھىپىگە UKIJ ئەزالىرى ۋە UKIJ غا ئەزا تور بەتلەر تەتقىق قىلىۋاتقان تەتقىقات تۈرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە تەتقىقات ئۇيۇشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار قويۇلىدۇ.
Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » دۈيشەنبە ئاۋغۇست 04, 2008 11:13 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم كۆپچىلىك.
يۇقىردا FinalFantasy ئەپەندىم بىلىكتىكى ئىنكاسىدا ياخشى تەكلىپ ۋە پىكىر بىرىپتۇ. سۇئاللارمۇ ناھايتى جايدا قۇيۇلۇپتۇ.
مىنىڭچە بۇ مەسىلە بەك داۋراڭ سېلىنىپ باشلانغان. ئەسلىدە بۇنچە داۋراڭ سېلىپ نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇشنىڭ زۈرۈرىيىتى يوق ئىدى. مەسىلە ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپ ئاۋام خەلىق خەۋەردار بولغانىكەن ئەلۋەتتە ياخشى نەتىجە چقىرىشىمىز كىرەك.

يۇقرىدا تاھىر ئەپەندىم ئېيتقاندەك بۇ قىتىمقى تۈزۈتۈلمە نۇسقىسىنىڭ مىنىڭچە ئەڭ ئاخىرقى ئۆلچەملىك دەپ كىسىپ ئېيتىشقا بولمايدۇ. تەرەققىيات ۋە يېڭىلىنىش داۋامىدا يۇنىكود ئورنىگىنىدا تەرەققىياتلارغا ماسلىشىپ ئۆزگىرىش بولمايدۇ دەپ كىسىپ ئېيىتقىلى بولمايدۇ.
UKIJ Tuz tom نىڭ كومپىيۇتىر تارىخىمىزدا ئەھمىىتى ۋە رولى ئالاھىدە زور، ئىشىلتىلىش سالمىقى ھەممىدىن كۆپ بۇلۇپ كەلدى.
بۇ فونىتنىڭ كىيىنلىكىگە تېخىمۇ كۈڭۈل بۆلىشىمىز زۈرۈر.
بىلىك كۇلۇبىدا بۈركۈت ئەپەندىم بەك ياىشى ئىنكاس ۋە تېمىلارنى ئوتتۇرغا قۇيۋاتىدۇ.
مۈمكىن بولسا يۇقارقىلارنى ھەل قىلىشنىڭ تېىخىمۇ ياخشى ۋە ئاسان چارىسىنى ئوتتۇرغا قويسا .



Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » پەيشەنبە ئاۋغۇست 07, 2008 2:57 am

Perhat_k
ئەپەندىنىڭ مەرتلىكىگە ئاپىرىن. شەخسىي نامىدا 500 سوم ئىئانە قىلىمەن دەپتۇ. مەسىلى پۇل بىلەن ھەل بولۇپ كېتىشىمۇ 100% ئىزدىنىش بولمىسا كېرەك. ئۇ ك ئى ج نامىدىن ئىئانە قىلىنسا ئەلۋەتتە مۇدىريەت قارىرىنى ئېلىنىشى كېرەك. ئالدىنقى نۆۋەت ### ئەپەندى ئۇ ك ئى ج نامىدىن بىرىنى ئۇبۇنتۇ نى تەرجىمە قىلىشقا باش بولۇڭ دەپ تەكلىپ قىلدى. بولسا ئاۋال تەكلىپ قىلىشتىن بۇرۇن شۇ كىشى بىلەن كېڭىشىپ بېقىش كېرەك. بۇنداق ئىشلارغا شەخسىي نام بىلەن ئۇ ك ئى ج نامىنى تەڭ ئورۇنغا قويۇۋالمىساق.
فونت ئىشىدا مەسىلە زۆر ئەمەسكەن. لېكىن، كۆزگە ئىلمىغان چوماقنىڭمۇ بىزگە چاتىقى كۆپ. ئەينى چاغدا ى ە دەك توت ھەرىپ مەسىلىسىنى ئەسلەپ ئوتسەك بولىدۇ. ئەينى چاغدا [url]http://www.ukij.org/fonts/[/url] دا ھەربىر فونتنىڭ ياسىغان ئىگىسى بار(ئەلۋەتتە ئىگىسى كىم بولسا شۇنى يازدۇق)، ئۇ ك ئى ج جەمئىيەتكە شىركەت نامىدا ئەمەس شەخسىي نامىدا تىزىملانغان دوستلار ياساپ چىققان. ئەسلى ياسىغۇچى ۋە ئۆزگەرتىپ ياسىغۇچىنى فونت ئىچىگە قوشۇشقا قوشۇلىمەن. شىركەت مەبلەغ چىقىرىپ تەشكىللىگەن بولسا پالانى شىركەتتىن پالانىچى ياسىدى ۋە ئۆزگەرتتى دەپ ئالساق بولىدۇ. ھەلا دىسە قۇربانلىق بېرىشتىن قېچىپ شىركەتنىلا، ئۆزنىلا ئويلاپ ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىشلىرىنى ئاقسىتىپ قىيساپ يۇرمەيلى.
كىم تەشكىللەش مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنداق ئويۇم بار. مەلۇم شىركەت يەنە بىر شىركەتنى ئۆز شىركىتى نامىدىن فونت ياساشقا تەكلىپ قىلىشى تەس(شىركەتلەر ئارا رىقابەت ۋە دوستلۇق تەڭ مەۋجۇت بولىدۇ ئەمەسمۇ؟!). ھەق بېرىپ ئۆز ئالدىغا ياسىشى تېخىمۇ تەس. بىرەر شەخسنىڭمۇ شۇ. شۇڭا شىركەتلەر ۋە شەخسلەر [url]http://www.ukij.org/fonts/[/url] دىكى كىشىلەر بىلەن بىللە ئۆزگەرتىپ ئەمگەك قوشۇپ ئۆز يۇمتاللىرىدا ئىشلەتسە شىركىتىچۈن ئايرىم فونت ياساشتىن قۇتىلىدۇ ئەمەسمۇ. شىركەت ۋە شىەخسلەرنىڭ شۇنداقلا [url]http://www.ukij.org/fonts/[/url] غا قاتناشقان ئەزالارنىڭ ئۆزلىرىنى مەلۇم قىلىشى ۋە تەكلىپ قىلىنىشى زۆرۈر.
فونت بۆلۈمىمىز بارغۇ، ئەگەر ئەزالىرى كېمىپ قالغان بولسا تولۇقلاپ قوبۇل قىلساق بولىدۇ. ئۇنىڭ مەسئۇل كىشىسىمۇ بارغۇ....قېنى ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولغان ئىشنى تەشكىللەپ بىر باشقا ئېلىپ چىقىدىغان ۋاقت كەپتۇ....مەن ئۇشبۇ بۆلۈمدە بولمىغاچ ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ ھەقتە بىلىمىم كۆپ بولمىغاچ بۇ ئىشقا كۆپ ۋاقت ئاجرىتالمايمەن. يەنە بىر سەۋەپ ئولۇمپىيە دەپ سايدا يول توساپ، چازا قۇرۇپ بەك ئالدىراش. ئۇ يەردە تورمۇ يوق تىلفۇنىممۇ ئاران تارتىدۇ.

غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندى بىرەر جەمئىيەتنى تاقاشقا توغرا كەلسە ئاممىۋى ئاساسى بارمۇ يوقلىقىغا قاراش كېرەك. دۆۋلەت ۋە قايسى بىر پارتىيە گۇرۇھمۇ شۇنداققۇ. قوللىغۇچىلى بولمىسا ھالاك بولىدۇ ياكى قايتا تەشكىللىنىدۇ.:) جەمئىيەتنى قوللاۋاتقانلار بار يەردە بۇ سۆز قىيداشقۇ دەيمەن. ئۇبۇنتىنى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشماق ئىدىم ساقلاپ مۇشۇ كۇنگە قالدىم. ئېنگىلىزچە سەۋيەم ياخشى ئەمەس. شۇندىمۇ تەرجىمىگە قاتناشقۇم بار. قانداق قاتنىشىدۇ. تەتىلمۇ بولۇپ قالدى كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خالس تۆھپە قوشۇشى مۇمكىن. بولسا مەخسۇس [url]http://www.ukij.org/ubuntu[/url] تەرجىمە مەركىزى تەييارلانغان بولسا. مەن خوڭئېن سوفىتنىڭ بىر تەرجىمە بېتىنى كۆرگەن شۇنداق بىر تور ياسالسىمۇبولاتتى، كېيىن تەرجىمە ئىشلىرىچۈن سۆزلەر ئامبىرى بولۇپ كەلگۈسى زۆر ھەجىمدىكى تەرجىمىلەرگە ئاساس بولۇپ قالاتتى. شۇنداقلا تەرجىمە ھەۋەسكارلىرىنىڭ ماكانى بولاتتى. بۇ پەقەت تەكلىپ...

ھۆرمەت ئېھتىرام بىلەن: ئا س نەۋرۈز

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Newruz ، ۋاقتى: 2008-8-7 09:17 [/i]]

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » پەيشەنبە ئاۋغۇست 07, 2008 3:50 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Newruz[/i] ، ۋاقتى: 2008-8-7 08:57 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=1822&ptid=393][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
...
ئۇ ك ئى ج نامىدىن ئىئانە قىلىنسا ئەلۋەتتە مۇدىريەت قارىرىنى ئېلىنىشى كېرەك. ئالدىنقى نۆۋەت ### ئەپەندى ئۇ ك ئى ج نامىدىن بىرىنى ئۇبۇنتۇ نى تەرجىمە قىلىشقا باش بولۇڭ دەپ تەكلىپ قىلدى. بولسا ئاۋال تەكلىپ قىلىشتىن بۇرۇن شۇ كىشى بىلەن كېڭىشىپ بېقىش كېرەك. بۇنداق ئىشلارغا شەخسىي نام بىلەن ئۇ ك ئى ج نامىنى تەڭ ئورۇنغا قويۇۋالمىساق.
... [/quote]

[size=4]ھەقىقەتەن شۇنداق بوپ قالدى، تولىمۇ خىجىلمەن. مەن بۇندىن كېيىن دىگىنىڭىز بويىچە قىلاي.[/size] :$ :handshake

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » يەكشەنبە ئاۋغۇست 10, 2008 3:30 am

[url]http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=19072[/url]

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » يەكشەنبە ئاۋغۇست 10, 2008 7:18 am

تېما « Ukij Tuz Tom ھەققىدە تالاشمىلار» ئەپسۇس بۇ مۇنازىرىچىلەر نېمىشقا بۇ يەرگە كىرمەيدۇ؟ بۇ تالاشمىغا 10 كۈندىن ئاشتى بىرەر ئىلگىرىلەش بولدىمۇ يوق؟ ئەمەلىي خىزمەت باشلاندىمۇ؟ قانداق پىلان تۈزۈلدى؟

باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » دۈيشەنبە ئاۋغۇست 11, 2008 12:12 am

[quote]غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندى بىرەر جەمئىيەتنى تاقاشقا توغرا كەلسە ئاممىۋى ئاساسى بارمۇ يوقلىقىغا قاراش كېرەك. دۆۋلەت ۋە قايسى بىر پارتىيە گۇرۇھمۇ شۇنداققۇ. قوللىغۇچىلى بولمىسا ھالاك بولىدۇ ياكى قايتا تەشكىللىنىدۇ. جەمئىيەتنى قوللاۋاتقانلار بار يەردە بۇ سۆز قىيداشقۇ دەيمەن. [/quote]

قوللىغۇچىلىرى بولۇپلا ھېچ ئىش قىلمىغان تەشكىلاتنىڭ نېمە رولى بار؟ ئۇنىڭ مەۋجۇت بولغىنىدىن بولمىغىنى ياخشى. سىز دەپ بېقىڭە، UKIJ ھازىر نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ UKIJ دىكى كىم نېمە قىلىۋاتىدۇ؟


[quote] ئۇبۇنتىنى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشماق ئىدىم ساقلاپ مۇشۇ كۇنگە قالدىم. ئېنگىلىزچە سەۋيەم ياخشى ئەمەس. شۇندىمۇ تەرجىمىگە قاتناشقۇم بار. قانداق قاتنىشىدۇ. تەتىلمۇ بولۇپ قالدى كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خالس تۆھپە قوشۇشى مۇمكىن.[/quote]

ھەممە ئادەم شۇنداق دەيدىكەن، شۇڭا ئەلدانىش ئەپەندى بۇ توغرىلىق ماتېرىيال تەييارلىدى، تەييارلىغان ماتېرىيالغا قارىتا ھەممەيلەن «ياخشى بولۇپتۇ» دېيىشتى، بىراق ھېچ كىم «ماتېرىيال بويىچە قىلسام مۇنداق يەر قاملاشمىدى»، «مۇنداق يېرىنى قىلالمىدىم دېگەن» سوئالدىن بەرسىمۇ يوق، بۇنىڭ ئۆزىدىنلا «بۇ ماتېرىيالنى ئوقۇپ چۈشىنىشكە تىرىشقان ئادەم يوق دېيەرلىك» دېگەن خۇلاسىنى چىقىرىشقا بولىدۇ.
ئەسلى مەن ئىنگلىزچە بىلمەيدىغانلارنى كۆزدە تۇرۇپ، بۇرۇنقى Gnome نى تەرجىمە قىلىش سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىپ يېڭى بىر سىستېما تەييارلىغان ئىدىم(يۇقىرىقىدەك سوئاللار چۈشسە، ئاندىن ئۇنى ئاشكارىلاي دەپ ئويلىغان). ئۇنداق سوئالدىن بىرىمۇ يوق.
مېنىڭچە سىز دېگەن بۇ ئىش(سىزگە قارىتىپ دېمىدىم) ، باھانىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
كۆپچىلىك دېگەن گېپىم ئارتۇق كەتكەن بولسا كۆچۈرۈڭلار، UKIJ دىكى ئىشلارنى زورلاش بىلەن ئەمەس، قىزغىنلىق، مىللەتكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قىلىمىز ۋە قىلىۋاتىمىز. ھەممەيلەن شۇ نىيەتتە بۇ يەرگە يىغىلغان، بىراق نەتىجە قانداق بولۇۋاتىدۇ، ئويلاپ كۆرۈڭلار......
غەيرەت كەنجى

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » دۈيشەنبە ئاۋغۇست 11, 2008 8:11 am

[size=4][color=Magenta]ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەيلى.
بىز مۇشۇ «ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىق» نىڭ دەردىنى ھېلىمۇ ئاز تارتمىدۇق. :'( ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كېلىپ ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىنىڭ بىردىن-بىر خالىس يېتەكچىسى UKIJ مۇ شۇنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتەرمۇ؟
خوش، UKIJ نىمۇ يوقىتارمىز، مۇشۇ UKIJ دەك بىز تەلپۈنىدىغان، ئاغزىغا قارىغۇدەك بىرەر توربەت پەيدا بولارمۇ؟ ياكى ھازىر بارمۇ؟
بىز لىللا ، خالىس تەشۋىقاتچىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق. (ئاللاھ ئىگەم يەنە يەتكۈزگەي مۇشۇنداق يىگىتلەرنى)، ئۇنىڭ ئورنىنى باسقۇدەك ئادەمنى مەن تېخى تور دۇنياسىدا ئۇچراتمىدىم. شۇنداقتىمۇ UKIJ نى بۇنداقلا يوققا چىقارمايلى. بىر ئەزاسى قالسىمۇ كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە قىلغۇدەك ئىشىمىزنى قىلىپ تۇرايلى. [/color][/size]

ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما، شىر چورۇقۇڭنى قۇرۇتما.
ئەسكى چاپان يامغۇردا ياخشى، يامان تۇققان ئۆلگەندە ياخشى.

Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » دۈيشەنبە ئاۋغۇست 18, 2008 11:59 am

[quote]
قوللىغۇچىلىرى بولۇپلا ھېچ ئىش قىلمىغان تەشكىلاتنىڭ نېمە رولى بار؟ ئۇنىڭ مەۋجۇت بولغىنىدىن بولمىغىنى ياخشى. سىز دەپ بېقىڭە، UKIJ ھازىر نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ UKIJ دىكى كىم نېمە قىلىۋاتىدۇ؟[/quote]
مۇشۇ يازمىنى يازغانلار ھايات بالىلار....مۇشۇلار كۆمۈلۈپ قالماسلىقچۈن قۇرۇتتەك ئۆمۈلەۋاتىدۇ؟!:P

[quote]ھەممە ئادەم شۇنداق دەيدىكەن، شۇڭا ئەلدانىش ئەپەندى بۇ توغرىلىق ماتېرىيال تەييارلىدى، تەييارلىغان ماتېرىيالغا قارىتا ھەممەيلەن «ياخشى بولۇپتۇ» دېيىشتى، بىراق ھېچ كىم «ماتېرىيال بويىچە قىلسام مۇنداق يەر قاملاشمىدى»، «مۇنداق يېرىنى قىلالمىدىم دېگەن» سوئالدىن بەرسىمۇ يوق، بۇنىڭ ئۆزىدىنلا «بۇ ماتېرىيالنى ئوقۇپ چۈشىنىشكە تىرىشقان ئادەم يوق دېيەرلىك» دېگەن خۇلاسىنى چىقىرىشقا بولىدۇ.[/quote]
مانا مەن ئىلگىرى كۆرمەپتىمەن ئەمەسمۇ...:L ھەي ئىدارەئالمىشىپ چاتاق بولدى كۈندە تورغا چىقالمايۋاتىمەن. ئاران 6 كۈن دەم ئالىمەن ئولۇمپىيەمۇ ئوتۇپ كېتەر...مەن ئىلگىرى بىلىك ئىنتىل تەرجىسىگە ئاز بولسىمۇ قاتناشقان ئىدىم شۇنداق تەرجىمە ھۆججەت بولىقى ئەۋەرتىپ بېرىدۇ دەپتىمەن پ د ف ھۆجىتىنى ئوقۇپ بۇنى ئەمدى بىلدىم. ئىشتىن سىرت دۇكاننىڭ ئىشلىرىغا قارىشىپ بولۇپ تەرجىمىگە كىرىشىمەن. كېچىكىپ قالغىنىمنى...6 كۈننى بوش قويۇۋەتمەي...
غەيرەت ئەپەندى باشلىق تەرجىمىگە قاتناشقان بارلىق ئەل سۆيەر بالىلارغا ئالىي ئېھتىرامىمنى بىلدۇرىمەن.
ھۆرمەت بىلەن: ئا س نەۋرۈز

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Newruz ، ۋاقتى: 2008-8-18 18:00 [/i]]

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » پەيشەنبە سېنتەبىر 04, 2008 9:49 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق يازمىلارنى ئوقۇپ چىقالمىدىم، كۆپچىلىكنىڭ ئەيىبكە بۇيرىماسلىقىنى ئۆتۈنىمەن...

ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ كودى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك 2004-يىل 17-يانۋاردا بىرلىككە كېلىپ بولغان، تەپسىلاتىنى [url]http://www.ukij.org/fonts/history/Birlik.htm[/url] دىن كۆرۈڭ.

[img]http://www.ukij.org/fonts/history/Uyghur-Unicode-Jedwili.gif[/img]
(ئەسكەرتىش: يىغىنغا قاتناشقانلار بىردەك 0626 دىكى ھەرپنىڭ باش شەكلىنىڭ ئورنىغا، كۆرۈنۈشلۈك بولىشى ئۈچۈن، ئ قويۇۋېتىلسە خاتالىق دەپ قارىمايدىغان بولغان.)

ئارىلىقتىكى بېسىپ ئۆتكەن ئېگىز-پەس يوللار ئۈستىدە قايتا توختالماي. ئەشۇ قېتىملىق يىغىندىن كېيىن ياسالغان UKIJ, ئۇيغۇرسوفت ۋە تىلكوم فونتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئۈچۈن ئىشلەتكەن كودلىرى بىردەك بولۇپ كەلدى. [url]http://www.ukij.org/fonts[/url] دىكى فونتلارغا قاراڭ.

2006-يىلى مارت ئېيىدا تۇرسۇنجان سۇلتاننىڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن فونتلار يېڭىلانغان. ئەگەر فونتلاردا مەسىلە بايقالغان بولسا (تورداشلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تېزلىكتە ئوقۇپ خاتالىقنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلەلمىدىم)، تۇرسۇنجان سۇلتان ۋە [url]http://www.ukij.org/fonts[/url] دا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان كىشىلەر فونتلارنىڭ نامىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا داۋاملىق تۈزىتىپ يېڭىلاشتىن يالتايمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

تورداشلارنىڭ ئانالىزىدا [url]http://www.ukij.org/fonts[/url] دىكى بىر قىسىم فونتلار ئىچىدە ھەرپلەرنىڭ تەكرارلىنىپ قالغانلىقى بايان قىلىنىپتۇ. ئەگەر ئۇ تەكرارلىنىش [url]http://www.unicode.org/charts/PDF/U0600.pdf[/url] دىكى بەزى ھەرپلەر تەكرارلانغاندەك بولغان بولسا ھەم كودى [url]http://www.unicode.org/charts/PDF/U0600.pdf[/url] دىكىگە ئوخشاش بولغان بولسا ئۇ خاتالىق ئەمەس. چۈنكى [url]http://www.unicode.org/charts/PDF/U0600.pdf[/url] نىڭ ئىچىدىمۇ تەكرارلانغان ھەرپ-بەلگىلەر بار. ئۇنىڭلىق بىلەن unicode ئۆلچەمسىز دېسەك بولمايدۇ. مەن تورداشلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تولۇق ئوقىمىغان بولغاچقا ئالدىراپ يەكۈن چىقارماي تۇراي. قارىغاندا بەزىبىر ھەرپلەرنىڭ ئارتۇقچە بولۇپ قالغانلىقى «UKIJ فونتلىرى ئۆلچەمسىز» دەپ مۇبالىغىلاشتۇرۇۋېتىلگەندەك قىلىدۇ... مۇمكىن بولسا، ئەگەر تۈزىتىش خىزمىتى تاماملانمىغان بولسا، بىرىڭلار چۈشىنىشلىكرەك تەپسىلىي بىر دوكلات تەييارلىغان بولساڭلار... ئىشنى تەرتىپلىكرەك قىلساق.

ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ كودى بىرلىككە كەلگىلى 4 يىلدىن ئاشتى. تۆت يىلدا بىر بالا تۇغۇلۇپ يۈگۈرەلىگۈدەك سەۋىيىگە يېتىدۇ. بىز تېخىچە فونت فونت دەپ تىمسىقلاپ يۈرىمىز... بىر قىسىم ھەۋەسكارلار باشقىلارنىڭ قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن ئەمگەك مېۋىسىنى ھۆججەت نامى ۋە فونت نامىنى ئۆزگەرتىۋېلىپلا فونت ئىجاد قىلغۇچى بولىۋېلىپ ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىنى قالايمىقان قىلغان بولسا ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ.

[url]http://www.ukij.org/fonts[/url] دىكى ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ كودى ئۆلچەملىك، يەنى ئۇ يۇقىرىدىكى رەسىمدىكى ئۇيغۇرلار كومپيۇتېرشۇناسلار تاللاپ چىققان كودقا ئۇيغۇن.

مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈنجى قېتىم ئۇيغۇرچە فونت ياسىغانلاردىن (مەيلى قايسى ئۆلچەمدە بولسۇن) پەقەت تۇيغۇن ئوسمان، نىجات، مەرھۇم ئابدۇراھمان ئابدۇقادىر، ئالىم ئەھەت ۋە ئالىم ئابدۇللا قاتارلىق ئەپەندىلەرلا بار ([url]http://www.ukij.org/fonts[/url] دىكى بەتنىڭ ئاستىدىكى مەزمۇنلارغا قاراڭ). ئۇلارغا قانچىلىق رەھمەت ئېيتساقما، قانچىلىق ئالقىشلىساقمۇ پۈتۈنلەي ئەرزىيدۇ. ئۇلارنىڭ مېھنىتىنى ئىتراپ قىلىش، ئەمگىكىنى ھۆرمەتلىشىمىز لازىم. ئۆز ئارا ئىتراپ قىلىشساق ھەرگىز بىر نەرسىمىز كەملەپ كەتمەيدۇ.

بۇرۇنقى ئۆلچەمسىز ئۇيغۇرچە فونتلارنى ئۆلچەمگە چۈشۈرۈپ ئۆزگەرتىپ ياسىغانلار گەرچە «تۈنجى قېتىم ئۇيغۇرچە فونت ياسىغانلار» بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ تۆھپىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. لېكىن، باشقىلار ياسىغان فونتنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇشتەك نۇمۇس قىلىشقا تىگىشلىك ئىللەتلەر بايقالسا (بىلمىدىم، شۇنداق قىلسا قانچىلىك پايدا چىقاركىن) چوقۇم تۈزىتىش كېرەك.

Sawut
يازمىلار: 9
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ماي 26, 2007 10:55 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Sawut » سەيشەنبە سېنتەبىر 09, 2008 6:12 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Oyghan[/i] ، ۋاقتى: 2008-9-5 03:49 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=1867&ptid=393][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
قارىغاندا بەزىبىر ھەرپلەرنىڭ ئارتۇقچە بولۇپ قالغانلىقى «UKIJ فونتلىرى ئۆلچەمسىز» دەپ مۇبالىغىلاشتۇرۇۋېتىلگەندەك قىلىدۇ... [/quote]

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ۋارىسجان ئەپەندى:
UKIJ ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن ئىسسىق - سوغۇقلارنى بېشىدىن كەچۈردى . بىرلىك ئۈچۈن ھارماي -تالماي كۈچ چىقىرىپ ، UKIJ نىڭ يىغىنلىرىدا ھاسىل قىلىنغان بىرلىكنىڭ ئاخىرقى ھېساپتا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتىكى يەرلىك ئۆلچىمىگە ئايلانغانلىقىغا كۆز يۇممايمىز ھەم ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمىز. تالاشمىنى دەسلىۋىدە كۆرگەندە ياكى تولۇق كۆرمىگەندە سىز ھىس قىلغاندەك «مۇبالىغىلاشتۇرۇۋېتىلگەندەك» ھېسياتقا كەپ قالمىز . ئەمما، رېئاللىق ھامىنى رېئاللىق . بىرلىك ئۈچۈن ئەڭ كۆپ خىزمەت قىلغان UKIJ Tuz Tom قاتارلىق فونتلاردا ھاسىل قىلىنغان بىرلىككە ئەمەل قىلىنمىغان . تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ :
[img]http://web.bilik.cn/eagle/ukij1.PNG[/img]

[img]http://web.bilik.cn/eagle/ukij2.PNG[/img]

دىمەك يۇقۇردىكى رەسىملەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ھازىر بىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان «ئۇ ك ئى ج تۈز توم» فونتىدا بەزى ئۇيغۇرچە ھەرپلەرگە بىردىن ئارتۇق ئورۇن ۋە نومۇر بېرىلگەن، خۇددى قىزىل رەڭلىك كاتەكتە كۆرسىتىلگەندەك. مەسىلەن، «ە» ھەرىپىگە 3 يەردىن ئورۇن بېرىلىپ، ئوخشاش بولمىغان 3 خىل نومۇر (كود) بېرىلگەن بولۇپ، بۇلار 0629 (خاتا، ئۆلچەمسىز), 0647 (خاتا، ئۆلچەمسىز), 06D5 (توغرا، ئۆلچەملىك) دۇر.
يەنە بۇنداق قوش كودلاش ئەھۋالى يەنە «ى» ھەرىپىدىمۇ مەۋجۇت .
يەنە كېڭەيتىلگەن رايوندىكى «ھ» ھەرپىدىمۇ ساقلانغان بولىشى مۈمكىن .
مېنىڭ قارىشىمدا، بۇ خاتالىق چوڭ خاتالىق بولمىسىمۇ ئانچە كىچىك خاتالىقمۇ ئەمەس . چوڭ خاتالىق ئەمەس دېيىشىمدىكى سەۋەپ ۋورد دېگەندەك يېزىق بىر تەرەپ قىلىدىغان قوارللاردا سىز ياسىغان «ئويغان» ياكى «ئەل كاتىپ 5.0» دېگەندەكلەرنى ئىشلەتكەچكە قالايمىقانچىلىق يۈز بەرمەيدۇ؛ كىچىك خاتالىقمۇ ئەمەس دېيىىشمدىكى سەۋەپ ، تور يۈزىدىكى كىرگۈزگۈچلەرنىڭ ئايرىم بىر قىسمى ھەقىتەنمۇ ئۆلچەمسىز، ئۇلاردا خەت كىرگۈزگەندە خاتا كودنى يوللاپ بېرىدۇ. ئاشۇ خاتا كودقا UKIJ Tuz Tom قاتارلىق فونتلاردا ئورۇن بېرىلگەچكە ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچكە «چاپان يېپىپ» توغرا كۆرۈنگەندەك خاتا تۇيغۇ بەرگەن . بۇلارنى بايقاش جەريانىغا غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندى گۇۋاھ .
خاتالىقنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى ، قانداق ھەل قىلىش ھەققىدىمۇ بىرلىك ھاسىل قىلىندى ، تۈزۈتۈش باسقۇچىغىمۇ قەدەم قويۇلدى .
سىزدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىمىز بۇ يەرنى تاشلىۋەتمەي قىممەتلىك پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار