جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

wikipedia ئۇيغۇرچىسى ھەققىدە

يېزىلغان: پەيشەنبە ئاپرىل 23, 2009 1:04 pm
تەرىپىدىن يوللانغان aturantekin
wikipedia ئۇيغۇرچىسى بىر ئىككى يىل بۇرۇنلا بارلىققا كەلگەن بۇلۇپ ئېلان قىلىنغان مەزمۇن 1168 پارچىغا يەتتى. بەت سانى 4,715گە يەتتى.
[url]http://ug.wikipedia.org/wiki/Bash_Bet[/url]
مەن تورداشلارغا بۇ يەرگە ئازدۇر كۆپتۇر كۈچ چىقىرىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
wikipediaنىڭ يېڭى مۇلازىمەتلىرى بار بۇلۇپ بۇلاردىن ياخشى پايدىلىنالايمىز.
Commons
Wikiquote
Wikispecies
Wikinews
Wikibooks
Wikiversity
Wiktionary
Wikisource
Meta-Wiki

«تاما،تاما،كۆل تولار»دېگەن گەپ بار،ھەركىم ئازدۇر كۆپتۇر كۇچ چىقارساق بۇ يەردىن ياخشى پايدىلىنالايمىز.
بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرتۆۋەندىكى ئادرىستا بار.
بىلىك مۇنبىرىدە:
[url]http://www.bilik.cn/?dp-bbsthread-21786.html[/url]
ئىزدىنىشتە بۇرۇن ئېلان قىلىنغان ماقالە:
[url]http://www.izdinix.com/ShowPost.asp?ThreadID=33977[/url]
Uyenglishمۇنبىرىدىكى wiki ۋە Google Knol نىڭ پەرقى:
[url]http://www.uyenglish.com/bbs/read.php?tid=166[/url]
يەنە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا بولىدىغان يەرلەرنى ئۇيغۇرچە قىلساق.
ئەڭ مۇھىمى ئىملا خاتالىقىنى تۈزەتسەك بەك ياخشى بۇلاتتى.
مەن نورمالدا ماقالە يوللاپ تۇرۇۋاتىمەن. تەرجىمە قىلىۋاتقانلار بارمۇ؟
تورداشلارغا بۇ يەرگە كۈچ چىقىرىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

يېزىلغان: جۈمە ئاپرىل 24, 2009 9:59 am
تەرىپىدىن يوللانغان Computer
ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىۋىتىپسىز، مەن قوللايمەن.

ئىملا خاتالىقلىرى خىلى باردەك قىلىدۇ، ى ھەرىپىنىڭ ئورنىغا ي چىقىۋاپتۇ، كىرگۈزگۈچىڭىزدە مەسىلە بارمۇ قانداق؟ ياكى كۆچۈرۈپ چاپلىغان بولسىڭىز مەنبە تىكىستلەردە مەسىلە باردەك قىلىدۇ.

يېزىلغان: جۈمە ئاپرىل 24, 2009 11:59 am
تەرىپىدىن يوللانغان aturantekin
1.مەن بەزى سۆزلەرنى يېزىپ Googleدا ئىزدەپ باقتىم. wikipedia دە بار بولغان نەرسىلەرنى Google كۆرسىتىپ بېرەلمىدى. بۇ مىنىڭ خاتالىقممۇ ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ؟

2. بەزى بەلگىلەرنى نورمال كىرگۈزەلمىدىم. ماتېماتكىلىق فورمۇلا ئۇسۇلنى قوللانسىمۇ بولمىدى. مەسلەن: كىسلاتادىكى ھىدروگېن ئوڭ يۇقىرى تەرىپىگە قويماقچى ئىدىم.
[url]http://ug.wikipedia.org/wiki/%D9[/url] ... 4%D8%A7%D8%AA%D8%A7

3. ئىنگىلىزچە نۇسخىسىدا باش بەتنىڭ مەزمۇنى داۋاملىق ئالمىشىپ تۇرىدۇ. بىز مۇ باش بەتتىكى مەلۇم يەرلەرنى ھەپتىدە ياكى كۈندە ئالمىشىپ تۇرىدىغان قىلالامدۇق؟

4.«خۇشتار» سۆزى خاتا يېزىلىپ قاپتىكەن، مەن ئۇنى توغىرلىساممۇ ئەسلىدىكى خاتا خەت يەنە باش بەتتە ئەسلىدىكى ھالەتتە قاپتۇ. بۇنى قانداق ئۆزگەرتەلەيمىز؟
[url]http://ug.wikipedia.org/wiki/%D9[/url] ... 4%D8%AA%D8%A7%D8%B1
بىلگەنلەر چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسا ياخشى بۇلاتتى.

يېزىلغان: شەنبە ئاپرىل 25, 2009 10:19 am
تەرىپىدىن يوللانغان Apple
بۇنىڭ باش بېتىدىكى ئىملا خاتالىقلارنى تۈزەتكىلى بولغان بولسا ياخشى بولاتتى.
نۇرقۇت ئەتىرتىدىكىلەر بۇنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىمىز دەۋاتقان،بۇ ئىشلار قانداق بولدىكىن؟

يېزىلغان: پەيشەنبە ماي 28, 2009 11:03 am
تەرىپىدىن يوللانغان aturantekin
يەنە بۇ يەردە ھازىر باشقۇرغۇچى يوق.
مەن باشقۇرغۇچى بۇلۇپ خزمەت قىلاي دىسەم ئەپلەشتۇرلمىدىم. ئارامىزدىكى پىدائىلاردىن بىر قانچە كىشى باشقۇرغۇچى بولسا ياخشى بۇلاتتى.
بۇنداق بولغاندا مەزمۇنلارنىڭ تۇرلىنىشگە ۋەە بەزىلىرنىڭ ئۆزگەرتىلمەيدىغان مەزمۇن بۇلىشى قاتارلىقلارنى ئىشلارنى ياخشى قىلغى بۇلاتتى،
يۇقىردا ئۆزۇم يازغن تەھرىرلەشكە ئائىت ماتىماتكىلىق ۋە خىميىۋىلىك فورمۇلا يېزىش ئىشىنى ھەل قىلدم.