[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • قۇربان ھېيت سالىمى ۋە مۇراجىئەتنامە
جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

قۇربان ھېيت سالىمى ۋە مۇراجىئەتنامە

يېزىلغان: يەكشەنبە نويابىر 21, 2010 10:56 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم قېرىنداشلار،

قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! (كېچىكىپ بولسىمۇ). قۇربان ھېيت ھاياتلاردىن ئەھۋال سوراش، ئالەمدىن ئۆتكەنلەرنى ئەسلەش ۋە ھەمدۇسانا ئوقۇش، شۇنداقلا ئۆزئارا كەچۈرۈم سورىشىپ مۇناسىۋەت ياخشىلاش قاتارلىقلارغا ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغان بولغاچقا، مەن بۇ پۇرسەتتە ھەربىرىڭلارنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ ھېيتىڭلارنى تەبرىكلەيمەن؛ ھازىدار بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن سەبرى-تاقەت تىلەيمەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىت سىلەر بىلەن توردا سىردىشالمىغانلىقىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن.
گەرچە ئالاقىلىشىش مۇمكىن بولمىغان ياكى مەن «يوقاپ كەتكەن» مەزگىللەردە توردا ئۇچرىشالمىغان بولساقمۇ، شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى مەن ھەر ۋاقىت سىلەرنى ئويلاپ تۇردۇم. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بۇرۇن ئۇيغۇر كومپيۇتېر ساھەسىدە ھەمكارلىشىش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، بىرلىككە كەلتۈرۈش ... قاتارلىق ئىشلاردىن ئۈمىد ئۈزگەن ئىدىم. بىر مەزگىل تىڭىرقاش ئىچىدە قايسى يولدا مېڭىش كېرەكلىكى ھەققىدە كۆپ ئويلىنىپ ۋاقتىمنى ئىقتىسادىي يولدىلا مېڭىشقىلا سەرپ قىلىپ خېلى ياخشى ئۈنۈم ياراتقان بولساممۇ، تورداشلار ۋە ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئىزدىنىش كاللامغا خۇددى ھېچبولبىغاندا تۇنجى مۇھەببەتتەك ئورناپ كەتكەنلىكىنى تولىمۇ ھېس قىلدىم. بۇ يىل يازدا ۋەتەنگە قىلغان سەپىرىدە ئۈرۈمچىدىكى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال بازىرىغا بېرىپ ھەيران قالغۇدەك ئۇيغۇرچە دېتال ئۇچراتمىدىم. ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ، لۇغەت ياكى فونتنى ئۆز نامىدا ياساپ ھەددىدىن زىيادە باي بولۇپ كەتكەن ياكى نام شۆھرەت قازىنىپ كەتكەن ئادەم بارلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسىنىڭ تارايتىلىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارغا بولغان ئىھتىياج ئازىيىپ بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، 2004-يىلى UKIJ نى قۇر