قۇربان ھېيت سالىمى ۋە مۇراجىئەتنامە

بۇ سەھىپىگە UKIJ ئەزالىرى ۋە UKIJ غا ئەزا تور بەتلەر تەتقىق قىلىۋاتقان تەتقىقات تۈرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە تەتقىقات ئۇيۇشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار قويۇلىدۇ.
Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

قۇربان ھېيت سالىمى ۋە مۇراجىئەتنامە

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » يەكشەنبە نويابىر 21, 2010 10:57 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم قېرىنداشلار،

قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! (كېچىكىپ بولسىمۇ). قۇربان ھېيت ھاياتلاردىن ئەھۋال سوراش، ئالەمدىن ئۆتكەنلەرنى ئەسلەش ۋە ھەمدۇسانا ئوقۇش، شۇنداقلا ئۆزئارا كەچۈرۈم سورىشىپ مۇناسىۋەت ياخشىلاش قاتارلىقلارغا ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغان بولغاچقا، مەن بۇ پۇرسەتتە ھەربىرىڭلارنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ ھېيتىڭلارنى تەبرىكلەيمەن؛ ھازىدار بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن سەبرى-تاقەت تىلەيمەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىت سىلەر بىلەن توردا سىردىشالمىغانلىقىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن.
گەرچە ئالاقىلىشىش مۇمكىن بولمىغان ياكى مەن «يوقاپ كەتكەن» مەزگىللەردە توردا ئۇچرىشالمىغان بولساقمۇ، شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى مەن ھەر ۋاقىت سىلەرنى ئويلاپ تۇردۇم. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بۇرۇن ئۇيغۇر كومپيۇتېر ساھەسىدە ھەمكارلىشىش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، بىرلىككە كەلتۈرۈش ... قاتارلىق ئىشلاردىن ئۈمىد ئۈزگەن ئىدىم. بىر مەزگىل تىڭىرقاش ئىچىدە قايسى يولدا مېڭىش كېرەكلىكى ھەققىدە كۆپ ئويلىنىپ ۋاقتىمنى ئىقتىسادىي يولدىلا مېڭىشقىلا سەرپ قىلىپ خېلى ياخشى ئۈنۈم ياراتقان بولساممۇ، تورداشلار ۋە ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئىزدىنىش كاللامغا خۇددى ھېچبولبىغاندا تۇنجى مۇھەببەتتەك ئورناپ كەتكەنلىكىنى تولىمۇ ھېس قىلدىم. بۇ يىل يازدا ۋەتەنگە قىلغان سەپىرىدە ئۈرۈمچىدىكى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال بازىرىغا بېرىپ ھەيران قالغۇدەك ئۇيغۇرچە دېتال ئۇچراتمىدىم. ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ، لۇغەت ياساپ ساتقان ياكى فونت نامىغا ئۆز ئىسمىنى قوشۇپ ئۆزگەرتىپ فونت ياساپ ھەددىدىن زىيادە باي بولۇپ كەتكەن ياكى نام شۆھرەت قازىنىپ كەتكەن ئادەم بارلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسىنىڭ تارايتىلىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارغا بولغان ئىھتىياج ئازىيىپ بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، 2004-يىلى UKIJ نى قۇرغان ۋە كېيىن ئەزا بولغان بارلىق تەتقىقاتچىلارغا (يەنى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە: ئابدۇرېھىم، ئالىم ئەھەد، غەيرەت توختى كەنجى، مەمەت ئەردەم، مەمتىمىن ئەليار، مۇھەممەد ئابدۇللا) ۋە باشقا ھەمكارلىشىشنى خالايدىغان تېخى تونۇشۇش پۇرسىتىم بولمىغان بارلىق كومپيۇتېرشۇناسلارغا قايتىدىن مۇراجىئەت قىلىپ داۋالغۇش ھالىتىدە تۇرغان ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشقا چاقىرماقچىمەن.

[size=6]1) UKIJ نىڭ رولى ۋە پائالىيەت دائىرىسىنى بېكىتىش[/size]
مېنىڭ تەكلىپىم: UKIJ نى قايتىدىن تەشكىللەپ، رولى W3C ۋە Unicode Consortium غا ئوخشاپ كېتىدىغان ماكرو جەھەتتىن يېتەكچىلىق قىلىدىغان، ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە مۇھىم شۇنداقلا قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇققاندا ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىپ قارار چىقىرىدىغان ئورۇنغا ئايلاندۇرايلى. ئۇيغۇر كومپيۇتېرشۇناسلار ۋە ھەۋەسكارلار ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرمەي، ئەشۇ قارارغا ھۆرمەت قىلىدىغان ھەم شۇ بويىچە ئىش كۆرىدىغان بولسۇن.
[size=6]2) تور بېكەت قۇرغۇچىلار ئورتاق ئىشلىتىدىغان فونت نامى گورۇپپىسى تەۋسىيە قىلىش[/size]
بۇ پىكىرىمنى چۈشىنىشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى تور بېكەتلەرنىڭ مېنىڭ كومپيۇتېرىمدا كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ بېقىڭ:

[img]http://www.oyghan.com/images/xjyw.png[/img]
تىلكوم تور بېكىتى
[img]http://www.oyghan.com/images/xjtsnews.png[/img]
تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
[img]http://www.oyghan.com/images/xinjiang.png[/img]
ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت تورى
[img]http://www.oyghan.com/images/uighursoft.png[/img]
ئۇيغۇرسوفت تورى
[img]http://www.oyghan.com/images/bilik.png[/img]
بىلىك تورى

يۇقىرىدىكىلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يۇقىرىدىكى تور بېكەتلەردىكى ئۇيغۇرچە تېكستلەر گەرچە Unicode ئۆلچىمى ئىشلەتكەن بولسىمۇ، ئۇ مىساللاردىكى بىلىك تور بېكىتىدىن باشقا بېكەت مەزمۇنى مېنىڭ كومپيۇتېرىمدا «نورمال» كۆرۈنمەيدۇ. چۈنكى مېنىڭ كومپيۇتېرىمدا پەقەت UKIJ فونتلىرىلا بار، ئۇيغۇرسوفت، تىلكوم - UKK ، ئەلپىدا ... قاتارلىق فونتلار يوق.
بۇ خىل «ھادىسە» ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ ئاۋارىچىلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن بىز ئورتاق مەسلىھەتلىشىپ « ئورتاق ئىشلىتىدىغان فونت نامى گورۇپپىسى » قۇرۇپ چىقىپ CSS ياكى HTML كودىدا ئىشلىتىدىغان «font-family» نىڭ قىممىتىنى بەلگىلەپ بەرسەك...
بۇ گورۇپپا ئۈچۈن مېنىڭ تەۋسىيە قىلىدىغىنىم: نۆۋەتتە بىر قەدەر كۆپرەك ئومۇمىيلاشقان ئۇيغۇرسوفت، تىلكوم ۋە ئويغان كىرگۈزگۈچ ئىشلىتىدغان فونتلاردىن ھەر بىرىدىن بىر دانە. يەنى مۇنداق شەكىلدە.[code]font-family: 'UKIJ Tuz Tom', 'ALKATIP XXX', 'UKK XXX';[/code]بۇ يەردىكى فونت نامى (ياكى XXX) نى كۆپچىلىك بىرلىكتە تاللىساق، يەنە قوشۇشقا توغرا كېلىدۇ دېسەك تولۇقلاپ 5 تىن ئاشۇرۇۋەتمىسەك. گورۇپپىدىكى ھەممە فونت نامىنى قوشۇش شەرتى بىلەن فونت نامىنىڭ تەرتىپىنى تور بېكەت قۇرغۇچى ئۆزى بەلگىلىسە بولىدۇ.

[size=6]3) UKIJ فونتلىرىنى يېڭىلاش، سەرخىللاشتۇرۇش[/size]
UKIJ فونتلارنىڭ ئەسلى ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى ئاشكارا ئىتراپ قىلىشنى نۇمۇس دەپ قارىمايدىغان ئورۇن. UKIJ نىڭ 3-قېتىملىق فونت تۈزىتىش پائالىيىتى توغرىسىدا تەكلىپ ئېلان قىلىنغىنى 2 يىل بولدى. توختاپ قالغان بۇ پائالىيەت يېقىندا قايتىدىن جانلىنپ [url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=834[/url] دا داۋاملىلىشىۋاتىدۇ. شۇ ۋەجىدىن [url]http://www.ukij.org/fonts[/url] دىكى فونتلارنى ياسىغان بارلىق فونت ئۇستىلىرىنىڭ قايتىن بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزلىرى ياسىغان فونتلارنى يىتىم قالدۇرماي پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى سورايمەن. پەرىزىمچە ھەممىمىزنىڭ مەقسىدى يىغىپ كەلسە بىر. يەنە چېچىلىپ يۈرسەك ئاخىرىدا زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا ئۇيغۇر.

بۇ پائالىيەتكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىدىغىنىم ئۇيغۇرسوفت شىركىتى دىرېكتورى ئالىم ئەھەد. ئالىم ئەپەندى UKIJ نىڭ ئەزاسى مەزگىلىدە ئۆزى تۇنجى قېتىم ياسىغان UKIJ Basma نى UKIJ غا سوۋغات قىلغان. UKIJ Tuz (Bold), UKIJ Zilwa, UKIJ Tuz Tom لارنى [url]http://www.ukij.org/fonts[/url] دىكى تىزىملىكتە ئىسمى بار تەتقىقاتچىلار 2004-يىلىدىن باشلاپ Unicode ئۆلچىمىدە ياساپ UKIJ فونتلىرىغا قوشقان، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەسلى ئاپتورى يەنىلا ئالىم ئەپەندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە UKIJ Tuz Tom ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان فونتلارنىڭ بىرى. بۇ فونتلارنى ئۆز نامىدا ئۇيغۇرسوفت ھازىر تارقىتىۋاتقان فونتلار بىلەن قەدەمداش يېڭىلاشنى ئالىم ئەپەندى ئۈستىگە ئالسا... ئالىم ئەپەندى، بۇ پۇرسەتتە سىزنىڭ UKIJ غا قايتىدىن ئەزا بولۇپ كىرىشكە تەكلىپ قىلىمەن. بۇ تېمىغا يازما شەكلىدە ئىپادە بىلدۈرگەيسىز.

تورداشلارغا سالامەتلىك، ئۇيغۇر كومپيۇتېرشۇناسلارغا بىرلىك تىلەپ،



Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » دۈيشەنبە نويابىر 22, 2010 6:29 am

ۋەئەلەيكۇم ئەسسىلام !
سىزنىڭمۇ ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. UKIJ نىڭ ھېيت مەزگىلىدە قايتىدىن جانلانغانلىقىدىن سۆيۈندۈم.
ئۇزۇن بوپتىكەن توردا دىدارلاشمىغىلى.

majeed
يازمىلار: 67
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 23, 2007 5:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان majeed » سەيشەنبە نويابىر 23, 2010 3:08 am

ئويغان ئەپەندىمنىڭ يوللىغىنى كىشىنى ئويغا سالىدىغان سالمىقى ئېغىر مۇراجەتنامە ئىكەن .
ئۇيغۇر فونتلىرىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى ۋە بىرلىككە كەلمەسلىكى ( ھازىرغىچە ئۇيغۇرلاردا تور بەت، يانفۇن ۋە باشقا ئۇچۇر ۋاستىللىرىدا لاتىن، خەن ، .. قاتارلىق يېزىقلار بىلەن ياخشى ماسلىشىدىغان بىرمۇ فونت يوق ئىكەن ) كىشىنى ئويغا سالىدىغان ۋە «ئۇيغۇر» ( ئۇيۇشقاق) دىگەن نامنىڭ بۇ ئىشلىرىمىزغا تولىمۇ ماس كەلمىگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان مىسال بوپتۇ .:$

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » سەيشەنبە نويابىر 23, 2010 1:28 pm

[quote]1) UKIJ نىڭ رولى ۋە پائالىيەت دائىرىسىنى بېكىتىش
[/quote]
مەنغۇ UKIJ نى يەنىلا ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقى- تورچىلىقىدىكى خالىس يىتەكچى دەپ بىلىمەن، ئويغان ئەپەندىم ۋە باشقا ئۇستازلارنىڭ كۆڭلىدە سان بولسا ئوتتۇرىغا قويسا ئاڭلاپ باقساق.
[quote]2) تور بېكەت قۇرغۇچىلار ئورتاق ئىشلىتىدىغان فونت نامى گورۇپپىسى تەۋسىيە قىلىش
[/quote]
ukij tor ياكى uyghur tor دېگەندەك نامدا قىلساقچۇ؟
[quote]3) UKIJ فونتلىرىنى يېڭىلاش، سەرخىللاشتۇرۇش
[/quote]
بۇ ئىشقا خەت نۇسخىسى ئۇستىلىرىدىن ئالپ سوفتنىڭ ئىزچىل كۈچەۋاتقانلىقىنى غەيرەت ئەپەندىم ۋە ئويغان ئەپەندىمنىڭمۇ سىناش ، تەكلىپ بىرىشتە كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىزچىل كۆرۈۋاتىمەن.

[quote]UKIJ فونتلارنىڭ ئەسلى ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى ئاشكارا ئىتراپ قىلىشنى نۇمۇس دەپ قارىمايدىغان ئورۇن. UKIJ نىڭ 3-قېتىملىق فونت تۈزىتىش پائالىيىتى توغرىسىدا تەكلىپ ئېلان قىلىنغىنى 2 يىل بولدى. توختاپ قالغان بۇ پائالىيەت يېقىندا قايتىدىن جانلىنپ [url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=834[/url] دا داۋاملىلىشىۋاتىدۇ. شۇ ۋەجىدىن [url]http://www.ukij.org/fonts[/url] دىكى فونتلارنى ياسىغان بارلىق فونت ئۇستىلىرىنىڭ قايتىن بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزلىرى ياسىغان فونتلارنى يىتىم قالدۇرماي پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى سورايمەن. پەرىزىمچە ھەممىمىزنىڭ مەقسىدى يىغىپ كەلسە بىر. يەنە چېچىلىپ يۈرسەك ئاخىرىدا زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا ئۇيغۇر.

بۇ پائالىيەتكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىدىغىنىم ئۇيغۇرسوفت شىركىتى دىرېكتورى ئالىم ئەھەد. ئالىم ئەپەندى UKIJ نىڭ ئەزاسى مەزگىلىدە ئۆزى تۇنجى قېتىم ياسىغان UKIJ Basma نى UKIJ غا سوۋغات قىلغان. UKIJ Tuz (Bold), UKIJ Zilwa, UKIJ Tuz Tom لارنى [url]http://www.ukij.org/fonts[/url] دىكى تىزىملىكتە ئىسمى بار تەتقىقاتچىلار 2004-يىلىدىن باشلاپ Unicode ئۆلچىمىدە ياساپ UKIJ فونتلىرىغا قوشقان، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەسلى ئاپتورى يەنىلا ئالىم ئەپەندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە UKIJ Tuz Tom ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان فونتلارنىڭ بىرى. بۇ فونتلارنى ئۆز نامىدا ئۇيغۇرسوفت ھازىر تارقىتىۋاتقان فونتلار بىلەن قەدەمداش يېڭىلاشنى ئالىم ئەپەندى ئۈستىگە ئالسا... ئالىم ئەپەندى، بۇ پۇرسەتتە سىزنىڭ UKIJ غا قايتىدىن ئەزا بولۇپ كىرىشكە تەكلىپ قىلىمەن. بۇ تېمىغا يازما شەكلىدە ئىپادە بىلدۈرگەيسىز.
[/quote]
مانا ھازىرنىڭ ئۆزىدە بۇ چاقىرىقنىڭ يوللانغىنىغا 30 سائەتتىن ئېشىپتۇ، مۇشۇنچىلىك ۋاقىتتا تۇنجى قېتىملىق خەت نۇسخىسى ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلارنىڭ بۇ چاقىرىقنى كۆرمەي قالىدىغىنىغا ياكى خەۋەرسىز بولىشىغا ئىشەنگىلى بولماس؟
يۇقۇرىدا گەپ خېلى ۋەزنى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. ئۇلار بىر بولسا بۇنىڭ ئىلھامىدا ئىش باشلىدى ( مۇمكىنچىلىكى تۆۋەن)، بىر بولسا ...
ئۆزىنى كومپيۇتېرچى سانايدىغان، ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشنى خالايدىغان، ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىرىنىڭ ئىختىيارىي توپى- ئىتتىپاقلىقىمىىزنىڭ بەلگىسى بولغان ukij غا ئەزا بولۇشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغان ئوت يۈرەك يىگىتلىرىمىز كۆپىيىدۇكى ئازايمايدۇ دەپ ئىشىنىمەن.
يۇقۇرىدا دېيىلگەن 3.0 ۋە 3.0.1 لەر بۇنىڭغا دىلىل بولالايدۇ.

Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

سالام

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » چارشەنبە نويابىر 24, 2010 2:56 pm

مەن ھازىرلا كۆردۈم. مەنچە ھەرقايسى تور بېكەتلەردە مۇراجەتنامىنى تەھرىرلەپ تارقىتايلى. بۆلۈنگەننى بۆرە يەر. شىركەتلەرنىڭ ئۆز ئوبرازىنى تىكلەشنىڭ ياخشى پۇرسىتى. تېلىۋىزورغا مىليونلاپ ئېلان بەرگەندىن ئازراق ھۆشۈر_ زاكىتىمىزنى ئايىمايلى. بىلىمنىڭ پىتىرىنى، زاكىتىنى ئايرىيلى. يىلدا ئۇ ك ئى ج دا بىر مەسىلە بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرايلى. مېلى بىلىمى يوقلار خىجالەت بولماي مېنى كىم نىمە ئىشقا بۇيرۇيدىكىن دىمەي...كۈندە بىر سائەتتىن يىلدا 30 سائەت ۋاقتىنى چىقارسۇن تەشۋىقاتنى قىلىشىپ بەرسۇن. بىلىمى بارلار بىلىمىنى پۇلى بارلار پۇلىنى چىقارسۇن. تەرجىمىنى تۇتساق باھا تالاشتۇرۇپ ئىشچى ئىشلىتەيلى. نۇرغۇن ئوت يۈرەك ياشلار پۇل چىقىردىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنۇملۇك يەرگە ئىشلەتسەكلا يەنىمۇ كۆپ چىقىردىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇرۇن سىناپ بەرگەنلەر بولدى. ئاشكارە ھېساۋاتتىن كۆرگەنسىزلەر. بۇنداق ئىشلار باشقا ئەللەردە بەك كۆپ بىزدە بۇرۇنمۇ بار ئىدى بىزمۇ ئۇلاشتۇرۇپ داۋاملاشتۇرۋالساق. بىلىملىك ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلىرىمىز بار ئۇلار ئىش تاپقىچە مۇئاش بېرىپ ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ. ھەقلىق ئەزا ۋە ھەقسىز تۇرغۇزساقمۇ بولىدۇ. ئىقتىسادىي باغلانمىدىن ئايرىلساق كۆڭۈللەر ھېرىپ قالىدۇ. ئەلبەتتە ئۆلمىگەن جاندا ئۈمۈت بار.

بېكەت فونىتنى بىرلىككە كەلتۇرگەندە نۇرغۇن ياشلارنىڭ باشقىلارنىڭ كۆمپىيۇتېرىغا فونت قاچىلغانلىقىنى كۆردۈم. پىدائىي تەشۋىقاتچىلارنىمۇ كۆردۈم. ئۇلار تورىمىزغا ئەزا ئەمەس. لېكىن، ئۇيغۇر بولماق شەرەپلىك ۋەزىپىلىرىنى ئادا ئەتتى. ئۇلارغا كۆپ تەشەككۈلەر بولسۇن.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Newruz ، ۋاقتى: 2010-11-24 21:01 [/i]]

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » پەيشەنبە نويابىر 25, 2010 3:50 pm

بىز مۇنۇ تەۋسىيەنى يوللىدۇق ، كۆرۈلىشى ئوبدان بولىۋاتىدۇ
[url]http://www.yolyar.com/amma/show.asp?id=14[/url]

Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » جۈمە نويابىر 26, 2010 4:09 pm

asusلاپتوپلار 5800 ئىدى ھازىر 3500 بولىۋاتىدۇ. كۆزنەك 7 قاچىلاقلىق. بۇنى كۆزدە تۇتۇپ Intil
ئەپەندىنىڭ تۆۋەندىكىدەك بەت ئارسىغا قىستۇرۇشنى ياكى css قا قىستۇرىشىنى تەلەپ قىلىمەن. ھەممە بارلىق تورلارنىڭ بىر قانچە فونتنى ئىشلىتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. بولمىسا چاپاق ئۇلانماي كۆرىنىدىكەن. تور بەتنىڭ ئوبرازىغا تەسىر قىلىدىكەن.


/* Unicode Uyghur erabic Font */
font,th,td,p {font-family: UKIJ Tuz Tom, Microsoft Uighur, ALKATIP Tor Tom, ALKATIP Basma Tom, Verdana, Arial, sans-serif,;}
span lang="ar-sa"

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » شەنبە نويابىر 27, 2010 8:08 am

Newruz ئەپەندىم، رەھمەت سىزگە. مەن بۇنى تېخنىك باللارغا ئېيتاي، بىجىرىۋەتسۇن.

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » شەنبە نويابىر 27, 2010 2:08 pm

بىلىكتىكى تېما [url]http://www.bilik.biz/bbs/thread-23009-1-1.html[/url] غا يازغان جاۋابىمنى بۇ يەرگىمۇ كۆچۈرۈپ قويدۇم.
==========================
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،

ئالىم ئەپەندىم، تۇرسۇنجان ئەپەندىمنىڭ 3-پىكىرىمگە بەرگەن جاۋابلىرى، شۇنداقلا باشقا تورداشلارنىڭ 1- ۋە 2-پىكىرىمگە قايتۇرغان ئىنكاسلىرىدىن بۇ تېما ئارقىلىق ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ئېنىق بولۇپ بولدى. قىلغان ئىشىمىزنىڭ نەتىجىلىك بولۇشى ئۈچۈن ھەر بىرەيلەننىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق ئايرىپ تۆۋەندىكىدەك خۇلاسە ئارقىلىق بۇ تېمىغا يازىدىغان پىكىرىمنى ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن:

1- توغرىسىدا پىكىرلەر خېلى يېتەرلىك بولغاچقا UKIJ مۇدىرىيىتى ئەشۇ پىكىرلەرنى ئىچكىي قىسىمدا ئويلىشىپ پات ئارىدا ukij.org دە ئۇقتۇرۇش چىقىرىدۇ.

2-پىكىرىم توغرىسىدا قانداق قىلىشنى 3-پىكىرىمنىڭ نەتىجىسى چىققاندا [url]http://www.ukij.org[/url] دا داۋاملىق مەسلىھەتلەشسەك.

3-پىكىرىمدە تىلغا ئېلىنغان فونتلارنى ئالىم ئەپەندىم، تۇرسۇنجان ئەپەندىمنىڭ جاۋابىغا ئاساسەن تۇرسۇنجان ئەپەندىم تۈزىتىشكە مەسئۇل بولىدۇ. مەن UKIJ مۇدىرىيىتىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشكەن ئاساستا بارلىق UKIJ فونتلىرىنىڭ تۈزىتىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولاي.

UKIJ مۇدىرىيىتىىدىكىلەر يەنە فونت تۈزەشكە قويىلىدىغان تەلەپلەرنى قايتىدىن كۆرۈپ چىقىپ [url]http://www.ukij.org/fonts[/url] دىكى بارلىق فونتلارنىڭ تۈزىتىلىشى ۋە قايسى خىل ئىجازەتنامىدە تارقىتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا [url]http://www.ukij.org[/url] دە ئۇقتۇرۇش چىقىرىدۇ.

UKIJ فونتلىرىنى مەخسۇس تۈر سۈپىتىدە سىستېمىلىق باشقۇرۇش ھەم ھەمكارلىشىپ تۈر ئىشلەشنى يولغا قويۇش ئۈچۈن Google دا SVN ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان تۈر تەسىس قىلىندى. تۈر ئادرېسى. [url]http://code.google.com/p/ukijorgfonts[/url] . فونت ئۇستىلىرى بۇندىن كېيىن خالىغان ۋاقىتتا بۇ تۈرگە قاتنىشىپ UKIJ تەلەپ قىلغان شەرتلەرگە ئاساسەن يېڭىلاش ئېلىپ بارسا بولىدۇ (بۇ تۈرگە قاتنىشىشنى خالايدىغانلار google email ئادرېسى ئېچىپ مەن بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ) . UKIJ رەھبەرلىرى يېڭىلىقلارنى قەرەلىك تەكشۈرۈپ، ئەزالارنىڭ سىنىشىدىن ئۆتسە فونتلارنىڭ نۇسخىسىنى يېڭىلاپ تارقىتىدۇ. بۇ پەقەت SVN ئارقىلىق تۈر باشقۇرۇشنى بىلىدىغان فونت ئۇستىلىرىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەييارلاندى.

پىكىرلەرنىڭ چېچىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ سىنايدىغان فونتلارنى پەقەت [url]http://ukijorgfonts.googlecode.com/files/ukijorgfonts.zip[/url] دىنلا چۈشۈرۈشىنى ۋە [url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=834[/url] دىكى فونت سىناشقا ئاكتىپ قاتنىشىپ فونتلارغا ئائىت پىكىرلەرنى [url]http://www.ukij.org[/url] دا بېرىشىنى سورايمەن.

ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن، مەن دىققىتىمنى UKIJ فونتلىرىنىڭ تۈزىتىلىشىگە مەركەزلەشتۈرەي. مۇمكىن بولسا بۈركۈت ئەپەندىم [url]http://www.bilik.biz/bbs/thread-23032-1-1.html[/url] دىكى تېمىنى باشلىغان بولغاچقا، Microsoft Uighur دېگەن فونتقا ئائىت پىكىرلەرنىڭ نەتىجىسىنى چىقىرىشقا مەسئۇل بولسا...

ھۆرمەت بىلەن،

ۋارىس ئا. جانباز

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » شەنبە نويابىر 27, 2010 5:31 pm

ئىشلار ئىزىغا چۈشكىلى تۇردى، ئاخىرىدا دىققىتىمىزنى چېچىۋالساق، قىلغان ئىشلىرىمىز چېچىلاڭغۇ بولۇپ قالىدۇ، ۋارىس ئەپەندىمنىڭ ئاخىرقى چۈشۈرگىسى جايىدا بولدى. ھەر كىم ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالدۇق، مېنىڭ قولۇمدىكى ئىشلارمۇ بىر نەچچە كۈنگە قالماي ئاخىرلىشىدۇ، قالغىنى سىناش ۋە ئېلان قىلىش ئىشلىرىدا قالدى.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار