ھاردۇقىمىز مۇشۇنىڭدا چىقتى

بۇ سەھىپىگە UKIJ ئەزالىرى ۋە UKIJ غا ئەزا تور بەتلەر تەتقىق قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ۋە ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچىلىقىدا بارلىققا كەلگەن كومپىيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى قويۇلىدۇ.
Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

ھاردۇقىمىز مۇشۇنىڭدا چىقتى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » پەيشەنبە ماي 03, 2007 6:49 pm

بىلىك & ئىنتىل تەرجىمە گۇرۇپپىدىكىلەر 5 ئاي ئەجىر قىلىپ «ئۇيغۇرچە Windows XP » نى دەسلەپكى قەدەمدە پۈتتۈرۈپ قېرىنداشلارغا سۇنغان ئىدۇق. ئەليار ئەپەندى قاتارلىق بىرقانچەيلەن ئاتايىتەن خوتەن دىيارىدىن بىزدىن ھالسوراپ قەشقەرگە كېلىپ بىزگە ھاردۇق چېيى بەردى ، بۇ بىزگە زور مەدەت بولدى ھەمدە راسلا ھاردۇقىمىز چىققاندەكلا بولۇپ قالدۇق. يەنە ئىنتىل ۋە بىلىكدىكى توردىشىمىز ئەلرايى يازغان مۇنۇ شېئىر ۋە بىلىكتىكى Musicfan ئەپەندىنىڭ بۇنى ناخشا قىلىپ ئىشلىشى بىزنىڭ ھاردۇقىمىزنى تولۇق چىقىرىۋەتتى.

ئالىپ ،قادىر ، ئىنتىللار،

ئەلنى سۆيگەن ئوغلانلار.

ئەل ئىشقىدا ئوتي بولۇپ ،

مەشئەل بولۇپ يانغانلار،



ئالقىش يەنە ھەشقاللا ،

تۇتاي گۆھەر مىڭ تىللا .

بەخت ئامەت يار بولسۇن،

رەھمەت قىلسۇن بىر ئاللا.



دۇئا ئالدىڭ دۇر ئالدىڭ،

ھاياتىڭغا نۇر ئالدىڭ.

كەلگۈسىمىز يولىغا،

ئۈزۈلمەس بىر قۇر ئالدىڭ.

ئەل ئۈچۈن كۆيسەك ئەل بىزنى سۆيىدۇ
[url]http://www.intil.cn/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=21277[/url]



Polat1971
يازمىلار: 24
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 1:58 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Polat1971 » شەنبە ماي 05, 2007 11:46 am

بۇ ئىش ئۇيغۇر كومپىيوتېر ساھەسىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز بىر ئىش بولدى .


[size=5][/size][color=Red]ئەزىمەتلەرگە تەشەككۇر ![/color]

ئارلىق يېقىنراق بولغان بولسا مەنمۇ چاي تۇتۇشقا تەييار ئىدىم ، تۇگۈمەس ئالدىراشچىلىقلار ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرالماي تەرجىمە خىزمىتىگە قاتنىشالمىغانلىقىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن ......

Alyar
يازمىلار: 65
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 5:12 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alyar » شەنبە ماي 05, 2007 5:06 pm

[wma]http://www.intil.cn/3xp/intil.wma[/wma]

Sherari
يازمىلار: 16
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 27, 2007 6:40 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Sherari » يەكشەنبە ماي 06, 2007 10:07 am

Musicfan ئەپەندىنىڭ ۋە شېئىر ئاپتۇرىنىڭ ئەجرىگە ھەشقاللا!
بىزگە بۇنداق ناخشا - شېئىر توقۇپ، بىزنى، شەخسەن مېنى بەك خېجىل قىلىپ قويدۇڭلار! مەن بۇنداق چوڭ مەدھىيەگە لايىق ئەمەسمەن. گەرچە كىچىككىنە بىر ئەمگەك قىلغان بولساممۇ، بۇنچىلىك قىلمىساڭلار بولاتتى. چىن كۆڭۈلدىن ئېيتىلغان بىر ئېغىز «رەھمەت» مەن ئۈچۈن يېتەرلىك.
«قولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما» دەپتىكەن، بۇندىن كېيىن ئاللاھ خالىسا بۇنىڭدىنمۇ ياخشى مىۋىلەرنى ئەلگە سۇنۇشقا تېرىشىمىز!
تۆۋەنچىلىك بىلەن تەشەككۈر ئېيتىپ: شەرارى

ئىنكاس يوللاش

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 3 ۋە 0 مېھمانلار