جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

ھاردۇقىمىز مۇشۇنىڭدا چىقتى

يېزىلغان: پەيشەنبە ماي 03, 2007 6:49 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
بىلىك & ئىنتىل تەرجىمە گۇرۇپپىدىكىلەر 5 ئاي ئەجىر قىلىپ «ئۇيغۇرچە Windows XP » نى دەسلەپكى قەدەمدە پۈتتۈرۈپ قېرىنداشلارغا سۇنغان ئىدۇق. ئەليار ئەپەندى قاتارلىق بىرقانچەيلەن ئاتايىتەن خوتەن دىيارىدىن بىزدىن ھالسوراپ قەشقەرگە كېلىپ بىزگە ھاردۇق چېيى بەردى ، بۇ بىزگە زور مەدەت بولدى ھەمدە راسلا ھاردۇقىمىز چىققاندەكلا بولۇپ قالدۇق. يەنە ئىنتىل ۋە بىلىكدىكى توردىشىمىز ئەلرايى يازغان مۇنۇ شېئىر ۋە بىلىكتىكى Musicfan ئەپەندىنىڭ بۇنى ناخشا قىلىپ ئىشلىشى بىزنىڭ ھاردۇقىمىزنى تولۇق چىقىرىۋەتتى.

ئالىپ ،قادىر ، ئىنتىللار،

ئەلنى سۆيگەن ئوغلانلار.

ئەل ئىشقىدا ئوتي بولۇپ ،

مەشئەل بولۇپ يانغانلار،



ئالقىش يەنە ھەشقاللا ،

تۇتاي گۆھەر مىڭ تىللا .

بەخت ئامەت يار بولسۇن،

رەھمەت قىلسۇن بىر ئاللا.



دۇئا ئالدىڭ دۇر ئالدىڭ،

ھاياتىڭغا نۇر ئالدىڭ.

كەلگۈسىمىز يولىغا،

ئۈزۈلمەس بىر قۇر ئالدىڭ.

ئەل ئۈچۈن كۆيسەك ئەل بىزنى سۆيىدۇ
[url]http://www.intil.cn/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=21277[/url]

يېزىلغان: شەنبە ماي 05, 2007 11:46 am
تەرىپىدىن يوللانغان Polat1971
بۇ ئىش ئۇيغۇر كومپىيوتېر ساھەسىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز بىر ئىش بولدى .


[size=5][/size][color=Red]ئەزىمەتلەرگە تەشەككۇر ![/color]

ئارلىق يېقىنراق بولغان بولسا مەنمۇ چاي تۇتۇشقا تەييار ئىدىم ، تۇگۈمەس ئالدىراشچىلىقلار ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرالماي تەرجىمە خىزمىتىگە قاتنىشالمىغانلىقىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن ......

يېزىلغان: شەنبە ماي 05, 2007 5:06 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Alyar
[wma]http://www.intil.cn/3xp/intil.wma[/wma]

يېزىلغان: يەكشەنبە ماي 06, 2007 10:07 am
تەرىپىدىن يوللانغان Sherari
Musicfan ئەپەندىنىڭ ۋە شېئىر ئاپتۇرىنىڭ ئەجرىگە ھەشقاللا!
بىزگە بۇنداق ناخشا - شېئىر توقۇپ، بىزنى، شەخسەن مېنى بەك خېجىل قىلىپ قويدۇڭلار! مەن بۇنداق چوڭ مەدھىيەگە لايىق ئەمەسمەن. گەرچە كىچىككىنە بىر ئەمگەك قىلغان بولساممۇ، بۇنچىلىك قىلمىساڭلار بولاتتى. چىن كۆڭۈلدىن ئېيتىلغان بىر ئېغىز «رەھمەت» مەن ئۈچۈن يېتەرلىك.
«قولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما» دەپتىكەن، بۇندىن كېيىن ئاللاھ خالىسا بۇنىڭدىنمۇ ياخشى مىۋىلەرنى ئەلگە سۇنۇشقا تېرىشىمىز!
تۆۋەنچىلىك بىلەن تەشەككۈر ئېيتىپ: شەرارى