بىلىك تورىدىكى راي نەتىجىسى

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

بىلىك تورىدىكى راي نەتىجىسى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » جۈمە ماي 02, 2008 7:51 pm

[quote]راي سىناش تۈرى ( كۆپ تاللاش: كۆپ بولغاندا 3 تۈرنى تاللىيالايسىز، ) قاتناشقان ئادەم سانى 47

1. UKIJ مەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك لېكىن، كارىم يوق. باشقا شىركەتلەر، تور بەتلەر، ئىدارە ئورگانلار بارغۇ. 0 (0.00%)

2. UKIJ مەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ خەلقئارادىكى ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ھەۋەسكارلىرىچۈن كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئۆتەيدۇ. 43 (36.13%)

3. UKIJ نىڭ نامى خاتا قويۇلغان، ئۆزگەرتىش كېرەك. 1 (0.84%)

4. UKIJ نامدا خاتالىق يوق. گەپ ياخشى ئۇيۇشالمىدۇق. خالىس تۆھپە ئاز بولدى. ياخشى ئادەت يېتىلدۇرشىمىز كېرەك. 35 (29.41%)

5. UKIJ مەن ئىئانە قىلمايمەن. يېقىندىن بىرى ئۇنىڭ رولى بولمايۋاتىدۇ ياكى ئۇنىڭ قىلىدىغان ئىشى تۈگىدى. 2 (1.68%)

6. UKIJ يېقىندىن بىرى قولۇم قىسقا... 4 (3.36%)

7. UKIJ غا مەن ئىئانە قىلىمەن. 34 (28.57%)[/quote]

مەنبە: [url]http://bbs.bilik.cn/viewthread.php?tid=17816&extra=page%3D1[/url]
خۇلاسە شۇكى رايدىن كۆرۈنۈپ تۈرۈپتىكى UKIJ داۋاملىق ساقلاپ تەرەقىي قىلدۇرىشىمىز ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىمىز چۈشۈنۇكسىز ئەھۋاللارغا ئىزاھات بېرىپ تۇرىشىمىز كېرەككەن.

ئىئانىنى بىر يىل بولدى يىغمىغىلى تەشۋىق قىلمىغىلى. بايقىشىمچە يەنە ۋارس ئابدۇكېرەم جانباز ئەپەندى پۇل چىقىرىپ تۇردىغۇ دەيمەن. پۇلنى بىرەرىمىز چىقارساقمۇ چوڭ ئىش ئەمەسلىكى ھەممىمىزگە ئايان. پەقەت تورداشلارنىمۇ قاتناشتۇرۇپ بۇ شەرەپكە تەڭ ئىگە قىلماقنى ئىستەيمىز شۇ. مەن بۇ يىل يىغاي دىسەم. ھەر ئايدا ئىككى ھەپتە تورمۇ يوق تاغلىق يېزىغا چىقىپ ئىشلەيدىغان بولۇپ قالدىم. شۇڭا ئىئانە بەرگۈچىلەرنىڭ ئەخۋالىنى ۋاقتىدا تورغا يوللاش ياكى مۇقىملاش ئىشىدا كۆپ قولايسىزلىقلار كۆرۈلىشى مۇمكىن. بولسا مۇدىريەت نامىدا ۋارسجان بىر قارار بەرگەن بولسىڭىز. ئاممىدىن يىغامدۇق. ئاۋاز نەتىجىسىدىن كۆردىڭىز يەنە نامسىز ئىئانە بەرگۈچىلەرمۇ چىقىشى مۇمكىن. ياكى ئۆزىمىزلا تۆلىۋېتەمدۇق. بىزگىغۇ بۇ كۆپ پۇل ئەمەس بىر نۆۋەت يىغقان پۇل بۇ كەمگىچە يەتتى. ئەلۋەتتە سىزنىڭ كۈچىڭىز جەدۋەلدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ زۆر بولدى. ھەممە ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىشلىرىنى قوللاپ قوللاپ پۇل ۋە زېھىن ئاجراتقان دوستلارغا يەنە بىر چوڭققۇر تەشەككۈرىمنى بىلدۇرىمەن. ئەسلى مەن بۇ خەتلەرنى ئېمائىل يوللاپ يازساممۇ بولاتتى. لېكىن، قارىمامسىز كىشىلەرنىڭ بىزدىن تەلەپ قىلىدىغىنىنىڭ كۆپلىكىنى، بۇ يەردە بولىۋاتقان ھەممە ئىشقا زۆر دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىدىكەن. ئىلگىركىدىنمۇ ئاشكارە، دېمۇكىراتىك بولىشىمىزنى ئۇمۇت قىلىدىكەن. بولسا خەلقئارالىق يىغىنلارغا بارغان ۋە ئىلمىي ماقاللىرىڭىزنى تورغا چاپلاپ تۇرۇڭ(گەرچە تەرجىمە قىلمىغىنى بولسىمۇ). قالغان مۇدىريەت ئەزالىرىنىڭمۇ چاپلاپ تۇرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.
يەنە بىر ئىش ئىلگىكى ئېمائىلىمغا تولا ئەخلەت خەتلەر كىرىدىغان بولىۋالدى. شۇڭا ئىشلەتمەيۋاتىمەن. يېڭى ئېمائىلدا خەت يازدىم جاۋابىڭىزغا تەشنامەن.

[url]ftp://newruz.vicp.net:22/ukij.org/2007.rar[/url]
مانا بۇ بارلىق ھېساۋات نەتىجىلىرى....بۇرۇنقى بوشلۇقتا بار ئىدى ھازىرمۇ بارمۇ بىلمىدىم.
مەسلىھەتچىلەر بۆلىمىدىن: ئا س نەۋرۈز
....................................................
شەھرىزات ۋە نەۋرۈز تورنامى توختۇتۇلۇپ [url]http://www.torsodisi.com/[/url] ئېچىلدى.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Newruz ، ۋاقتى: 2008-5-3 01:54 [/i]]



Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » شەنبە ماي 03, 2008 5:23 pm

ھەرقانداق ئەزا بۇ تېمىدىكى تەكلىپ-پىكىرنى دوپپىسىنى يېنىغا ئېلىپ قويۇپ بىر ئوقۇۋېتىشى كېرەك
[url=http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=17762&page=3] UKIJ زادى قانداق نىمە ؟ [/url]
يەنە بىرقانچە تېمىدىمۇ ئوبدان تەكلىپلەر بار.

Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » يەكشەنبە ماي 04, 2008 4:03 am

ئىنتىل ئەپەندى ئاۋال بىز ئۇ ك ئى ج غا چۈشكەن پىكىرلەرنى يىغىنچاقلاپ باقايلىچۇ. قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ. مەن راي سىناش جەريانىدا چۈشكەن پىكىرلەرگە جاۋاپ بېرىپ باقتىم. ئايرىم تېمىغا مۇلاھىزەمنى ئوتتۇرىغا قويۇمەن.
ئىقتىساتنى ھەممە چىقارسا، بۇ كوپچىلىكنىڭ دەپ تونۇيدىغان دائىم بۇ بېكەتنىڭ ھەققىنى بىر ئادەملا چقارسا، شۇ ئادەمنىڭ دەپ تونۇيدىغانلارنى يوق دىيەلمەيمىز. مىڭ سوم بىر چوڭ پۇلمۇ ئەمەس. بىرەر ئىقتىسادى يامان ئەمەس ئادەم كۆتىرەلەيدۇ. بۇ يەرگە ئەزالار ھەممىسى ئۆز ئالدىغا كۆتىرەلەيدۇ. ماڭا ئۇچۇر بەرگەن كىشىلەر توربوشلۇققا قانچىلىك پۇل كېتىدۇ دەپ سورىغاندا...مەن مۇشۇنداق جاۋاپ بەرگەن ئىدىم. قانۇنسىز دەپ قاراپ بۇ تورغا ئاكتىپ ئاۋاز بەرمىگەن دوستلارنىڭ قانۇن ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكىنى بىلمەك تەس ئەمەس. يەنە بىرى ۋەتەن ئىچىدىكى تەتقىقات ۋە شىركەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تەتقىقات تۇرى بار ئۇلار ئۆز يېنىغا ئادەم تارتىپ ئۇ ك ئى ج توغرىسىدا كىشىلەرنى ئۆز كۆلەڭگۇسىدىن ئۆزى قورقۇشىنى كۈتىدۇ. دۆۋلەت ئۇ ك ئى ج نى تاقاش تەكلىۋىنى بەرسە ۋەتەندىكىلەر ئاندىن بۇ يەرگە كىرمىسە بولىدۇ. ئۆزەڭلەر بىلىسىلەر شەخسىي ئاچقان بەتلەرنىڭ ئۆمرى كۆپ بولسا شۇ شەخسنىڭ ئۆمرى بىلەن تەڭ. تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇنازىرە ۋە ئاممىغا ئېچىۋەتكەن مۇنبەرلىرى بارمۇ؟! ئۇقۇم مەسىلىسىدە كىشىلەر دائىم خاتا مەنتىقىدە بولماقتا. ئۇيغۇر دىگەن سۆز ئۆزىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ھىس قىلىشالمايلا قالماستىن. سىلەر دەپ سۆزلەيدىغانلار كۆپ. مەسىلەن: ئۇيغۇرنى دوت دەپ تىللىسا بۇ سۆزنىڭ ئورامىغا ئۆزىنىڭمۇ تەۋەلىكىنى ھىس قىلىشمايدۇ. ئۇيغۇر كومپىيۇتېر جەمئىيىتى ئۇيغۇر ھەۋەسكارلىرىنىڭ يىغىندىسى. ئەزا بولۇش ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئىشلەشنى كۆرسىتىدۇ. ئەزا بولمىغانلىق ئۇيغۇر ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھەۋەسكارلار جەمئىيىتىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنى بىلدۇرمەيدۇ. پەقەت ۋاقتى ۋە زېھنى قۇۋىتىنىڭ يېتىشمىگەنلىكىنى بىلدۇرىدۇ. ئۇلار ئۇ ك ئى ج دا مۇھىم تېمىلار بولسا، ئاۋاز قوشۇپ تۇرىدۇ. سىز ئۇيغۇر ھەۋەسكارلار توپىغا تەۋە بولماي نەگە تەۋەسىز؟! باشقا مىللەتكە تەۋەمۇ يا. مۇشۇنداق جەمىيەت ئۇيغۇرغا بەكمۇ لازىم. بۇ دۆۋلەتنىڭ بېجىغا تايانغان بىر تەتقىقات ئورنى ئەمەس. مەلۇم بىر شەخسكىمۇ تەۋە ئەمەس.

مەن ئۇ ك ئى ج نىڭ ئەزالىرىدىن، ئەزا بېكەتلىرىدىن ئاۋال سوراپ باقايچۇ مۇشۇ بىر يىلدا سىزنىڭ بېكىتىڭىز ۋە سىز نىمە ئىش قىلىپ بەردىڭىز. ئۇ ك ئى ج غا خۇلاسىڭىزنى تاپشۇرۇپ بېقىڭچۇ. شۇ ئاساستا بىزمۇ ئۇ ك ئى ج نىڭ يىللىق خۇلاسىسىنى چىقىرايلى. ئاۋال ھەر ئەزانىڭ خۇلاسىسى بولماي تۇرۇپ ئۇ ك ئى ج نىڭ خۇلاسىسىنى چىقارغىلى بولسۇن. كۆپلىگەن ئەزالار ئۆز تورپونكىتىدا يىللىق خۇلاسىسىنى چىقارسۇن. ئاندىن بۇ جەمىيەتنىڭ مۇنبىرىگە چاپلاپ قويسۇن. ھەر كومپىيۇتېر ھەۋەسكارى ۋە شىركەتلەر ئۆز خىزمىتىدىن ئۆز خەلقىغە ۋە خېرىدارلىرىغا جاۋابىنى بېرىپ باقسۇنچۇ؟

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » يەكشەنبە ماي 04, 2008 4:54 am

ئەلتىكىن ئەپەندىنىڭ بىلىك مۇنبىرىگە يوللىغان تىيمىسى ھەقىقەتەن ئىسىل تىيما ئىدى، ساقلىۋالمىغىنىمغا يۈز مىڭ پۇشايمان.

شۇ تىيمىنى يوشۇرۇپ قويماي، ئىچىپ قويغان بولسا ئىدى، نۇرغۇن نۇرغۇن ئىشلار ئايدىڭىلىشاتتى، شۇ تىيما بولغاچقا مىنىڭ كۆپ پىكىر قاتناشتۇرغۇم كەلمىدى،
شۇ تىيمىنى تۆلەپ بەرسۇن ئەلتىكىن ئەپەندىگە!:Q

[size=6]ھەممە جاۋاب شۇنىڭ ئىچىدە.[/size]

چىچىلىپ كەتمەيلى قىرىنداشلار، نەۋرۇز ئەپەندىنىڭ دىگىنىدەك، [size=6]يالغۇز ئاتنىڭ چىڭى چىقماس![/size]

بىلىكتە بەزەنلىرىمىز ھەممە (مەلۇم بىر توربىكەتلەر، مەلۇم بىر توپ، ...) UKIJ دەپ كىتىپسىلەر، ھەي قىرىنداشلىرىم، ھەي قىرىنداشلىرىم،،،،، چىچىلىپ كەتمەيلى، ھەممە ئۈچۈن ئۆزى ماڭغان يول توغرا يولمىدۇ؟ توغرا يولنى كەڭ مەنىدىن ئاللا دىلىمىزغا سالسۇن،،،، ئەليار ئەپەندىنىڭ بىرلىك ئۈچۈن سوققان يۈرەكلەر يىغلايدۇ دىگەن گىپى يادىمغا كىلىۋاتىدۇ..............

قولىمىزدىن كەلسە UKIJ ئۈچۈن قىلىپ بەرگۈمىز بار، نى نى ئىشلارنى ،،،،،،،،.........
كۈچ قوشالايدىغانلار، قوشۇشنى خالايدىغانلار، ۋاقتى چىقىدىغانلار كىلىڭلار، ھەقىقەتەن مائاش بىرەلمەيمىز،،،،،،،، بەكمۇ خىجىلمىز،،،،،،،،،،.........

UKIJ ئىقتىساس ئىگىلىرىگە مۇھتاج، بىلىكتىكى ئوت يۈرەكلەرگە، بۈركۈت ئۇستازغا، فانتازىيە، بىخلان، .... تەكلىماكان، .... يەنە نۇرغۇن نۇرغۇنلارغا مۇھتاج بىلەمسىلەر؟

ئۆز سايىسىدىن ئۆزى ئۈركۈيدىغانلار بەكمۇ جىقكەن، ئۇنداق قىلىشىپ كەتمەڭلار قىرىنداشلار.

مەن UKIJ ئۈچۈن نىمە قىلىپ بەردىم، دىگەن گەپ توغرا ئىىيتىلغان، بىلىشىمىز كىرەككى، UKIJ ھەربىرەيلەن ئارقىلىق ئاندىن UKIJ بولغان، ئۇ سىزدىن تەركىپ تاپقان.

سۆزۈم تۈگىدى،
(پەقەت ئۈن تىنسىز ئىشلەشلا ھازىر مۇھىم بوپ قىلىۋاتسا كىرەك، ... )

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار