جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

«خەت نۇسخىللىرى»نى ئۆزگەرتىلى

يېزىلغان: پەيشەنبە ئىيۇن 14, 2007 5:34 am
تەرىپىدىن يوللانغان Sherari
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
UKIJ نىڭ باش بېتىدە قىزىل رەڭلىك خەت نۇسخىلىرىنى چۈشۈرىدىغان ئۇلانما بار. لېكىن بۇ ئۇلانمىنىڭ يېزىلىشى خاتا بولۇپ قالغان! يەنى «[color=Red]خەت نۇسخىللىرى[/color]» دەپ يېزىلىپ قالغان. ئىملا خاتالىقىغا ھەر ۋاقىت كەسكىن ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىنسا، بىزنىڭ بۇ توردىكى بىكىتىمىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كومپيۇتېر ساھەسىدە يول باشلىغۇچىلىق رولىنى ئوينايدىغان بىكەت! بىز كىچىككىنە خاتالىققا سەل قارىساق، كونىلار ئېيتقان« چوڭ بېشىنى ئاچسا، كىچىك يەنە بىر يېرىنى ئېچىپتۇ» دېگەندەك ئىش بولۇپ قالمىسۇن. سېنىڭ بىكىتىڭدە پالانى خەت خاتا ئىكەن، دېسەك. ئۇلارنىڭ UKIJ دا مۇنداق خاتالىق تۇرغان يەردە، مېنىڭ نىمە بوپتۇ، دېيىشى مۇقەررەر.
ياخشى ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى، ئاندىن باشقىلار ئەگىشىدۇ!

يېزىلغان: پەيشەنبە ئىيۇن 14, 2007 5:48 am
تەرىپىدىن يوللانغان bulak
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Sherari[/i] ، ۋاقتى: 2007-6-14 11:34 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=456&ptid=90][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
«خەت نۇسخىللىرى»نى ئۆزگەرتىلى [/quote]
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
خەت نۇسخىلىرىنى ئۆزگەرتىلى دەپتىكەنسىز UKIJ خەت نۇسخىلىرىنى قايتىدىن ئىشلەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن. :lol ئەسلىدە ئىملا خاتالىقىنى دوكلات قىلىشكەنتۇق.
بىزلەرمۇ ئىنكاس يازغاندا ئىملاغا قاتتىق دىققەت قىلايلى!

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: bulak ، ۋاقتى: 2007-6-14 11:49 [/i]]

يېزىلغان: شەنبە ئىيۇن 16, 2007 4:29 am
تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]bulak[/i] ، ۋاقتى: 2007-6-14 11:48
ئەسلىدە ئىملا خاتالىقىنى دوكلات قىلىشكەنتۇق.
بىزلەرمۇ ئىنكاس يازغاندا ئىملاغا قاتتىق دىققەت قىلايلى![/quote]
سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزدىكى پىكىر چۇڭقۇرلىقىدىن قارىغاندا ئىملا ھەققىدە پىكىر قىلىپسىز، ئەمما تۆۋەندىكى ئاخىرقى ئىنكاسىڭىز ماڭا ئىملا بىلەن مەزمۇن ئۇقۇمىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويغاندەك تەسىرات بەردى.
«بىزلەرمۇ ئىنكاس يازغاندا ئىملاغا قاتتىق دىققەت قىلايلى!» ئەمەس، «ئىنكاس يازغاندا ئىملاغىلا ئەمەس، سۆزىمىزنىڭ مەنىسىگىمۇ دېققەت قىلايلى!» دېمەكچى بولسىڭىز كېرەك.

يېزىلغان: شەنبە ئىيۇن 16, 2007 4:34 am
تەرىپىدىن يوللانغان Sherari
Bidar-Qutlan ئەپەندىنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشەنگىنىگە تەشەككۈر.:handshake

يېزىلغان: شەنبە ئىيۇن 16, 2007 12:06 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Nezeri
تەكلىپىڭىز ناھايتى ياخشى بوپتۇ . سىز ئېلان كەسپىدە ئوقۇغانمۇ ؟ ماۋزۇنى بەك نوچى قويۇپسىز ( چاقچاق ) .
مەنمۇ ئۇزۇندىن بىر بىر قىسىم تور بەتلەرنىڭ ئېملا خاتالىقىغا ھەتتا ئۇقۇم خاتالىقىغا دىققەت قىلمىغانلىقىدىن رەنجىپ يۈرەتتىم . ھەممەيلەن ئورتاق تىرىشساق بۇنداق خاتالىقلار چوقۇم ئازىيىدۇ . مەن بۇ توربەتتىكى بارلىق باشقۇرغۇچى ،ئەزالارنىڭ ئېنتايىن ئەستايىدىللىقىغا ئېشىنىمەن . بىر قىسىم خاتالىقلارغا كەلسەك ئالدىراشچانلىقىتن كىلىپ چىققان بولۇشى ئېنىق . شۇڭا ھەممەيلەن توغرا چۈشۈنۈپ ، ئۆزئارا كۆيۈنۈپ ئۇيغۇر كومپيۇتېر چىلقىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بۇ تور بەتنى تىخىمۇ ياخشى مۇكەممەل قىلىپ قۇرۇپ چىقساق .