كومپىيۇتىر دوكتۇرى دىلشات ھېزىۋۇللا نى بىلەمسىز

بۇ سەھىپىگە كومپىيۇتېر ۋە كومپىيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش خارەكتېرىنى ئالغان ماقالىلار قويۇلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

كومپىيۇتىر دوكتۇرى دىلشات ھېزىۋۇللا نى بىلەمسىز

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » چارشەنبە ئۆكتەبىر 10, 2007 5:43 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم،
نۇرغۇن تورداشلارغا مەلۇم، بۇ يىل يازلىق تەتىلدە ئەنگىلىيە BBC رادىئوسى دا خىزمەت قىلىۋاتقان كومپىيۇتىر پەنلىرى دوكتۇرى ياشقىنا كەلگەن ئۇيغۇر بالىسى دىلشات ھېزىۋۇللا ۋە ئۇيغۇر سوفىت شىركىتى شۇنداقلا ئۇيغۇر جەمىيىتىدە تىلىۋىزىيە ئىلانى ئىشلەش ساھەسى ۋە كومپىيۇتىر گىرافىك سەنئىتى جەھەتتە سىستىمىلىق بىلىمگە ئىگە قارلۇق شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى پەخىردىن قاتارلىق ياشلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرى تەرەققىياتى ۋە بۇندىن كىيىنكى يۈزلىنىشى توغرىسىدا XJTV دا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى. سۆھبەتتىن ئاۋال بىلىك تور بىكىتى شۇنداقلا بەزى تور بىكەتلەردە ياش دوكتۇر دىشات ھېزىۋۇللا نىڭ ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىدا نۇرغۇن مۇۋاپىقيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى، شۇ ياش 1990-يىللارنىڭ بېشىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجلەرنى شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى ۋە شۇنداقلا شىركەتلەرنىڭ تا ھازىرغىچە نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقنى ئاڭلىغان ئىدۇق ۋە ئىچىمىزدە تۇلىمۇ ھەيران بولغان ھالدا پەخىرلەنگەن ئىدۇق.
بۇ يىل يازدا ئۇنىڭ شىنجاڭ تىلىۋىزىيىسىدە پەيدا بولىشى بىلەن نۇرغۇن تورداشلار ئۇنىڭ ياپ-ياشلا بىر يىگىت ئىكەنلىكىنى كۈرۈپ ھاياجانلاندى ...ھەيران بولدى ۋە خۇشاللاندى. چۈنكى بۇندىن كىيىن ئۇنىڭ ئاشۇ كومپىيۇتىر تېخنىكىسى بىلەن ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرىغا زور تۆھپە قۇشىدىغانلىقا ئىشەندى. ئۇ سۆھبەتتىمۇ شۇنى تىلغا ئالغان ئىدى.
ئەمما، يەنە زور كوپچىلىك تورداشلار دىشات ھېزىۋۇللا توغرىسىدا تۇلۇق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس. شۇڭا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىللىرىنى بىلىشنى خالايدىغان تورداشلار ئۈچۈن دىلشاد ھېزىۋۇللا ھەققىدە بىلىدىغان دوسلارنىڭ بىلىدىغانلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشساق دىگەن ئۈمۈد تە.
قېنى ، قۇلىقىمىز سىزدە. ..



Erdewil
يازمىلار: 27
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئۆكتەبىر 06, 2007 2:58 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Erdewil » چارشەنبە ئۆكتەبىر 10, 2007 2:33 pm

ۋاھ! ئالامەت ئىش بوپتۇ جۇمۇ، بۇ يىگىت ئۇيغۇرنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى!
ھەممىمىز ئۆ:D ز ئورنىمىزدا كۈچىمىزنى نامايەن قىلايلى....

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » جۈمە ئۆكتەبىر 12, 2007 5:03 am

ئۈزى كىرىپلا تۇنۇشتۇرامدىكىن يە؟

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » يەكشەنبە ئۆكتەبىر 14, 2007 3:07 am

يېقىندىن بىرى «ئىككى ئاساسەن» دېگەن بۇ خىزمەت بىلەن شەنبە، يەكشەنبىلا ئەمەس، ھەتتا دۆلەتنىڭ بايرىمى بولغان ئۆكتەبىرنىڭ 1. كۈنىدە بولمىسۇن ياكى روزا ھېيتتا بولمىسۇن بىرەر كۈنمۇ دەمىلىش پۇرسىتى بولمىدى، بۈگۈن يەكشەنبە ھەم ھېيىتنىڭ 2. كۈنى بولىشىغا قارىماي، خىزمەتتە ئولتۇرۇپ تىمەن:L تورغا كىرەلمىگىنىمگىمۇ، تېلۋىزور كۆرەلمىگىنىمگىمۇ نەچچە ئاي بولۇپ قاپتۇ:Q ، دىلشات ئەپەندى، قارلۇق ئەپەندىلەرنى تېلۋىزوردا بولسىمۇ دىدار كۆرەلمەي ئەپسۇسلىنىپ قالدىم، مۇمكىن بولسا ئۇ سۆھبەتنى توردىن كۆرگىلى بولامدىكىن، ئۇچۇر بەرگەن بولساڭلار، چۈشۈرۈپ كۆرسەم.

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » يەكشەنبە ئۆكتەبىر 14, 2007 3:59 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم،
ئاۋاز ھۆججىتى بار. تىلىۋۇزۇردىن كۈچۈرۋالغانلىقىنى بىلىك كۇلۇنبىدا بىر نەچچەيلەن گىپىنى قىلغان ئىدى. ئەپسۇس... ئۇلار پەقەت ئاۋز ھۆججىتىنى يوللاپتىكەن.
مەن ئەتىگىچە يوللاپ قۇياي.

Computer
يازمىلار: 88
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 3:53 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Computer » پەيشەنبە ئۆكتەبىر 18, 2007 10:48 am

ھاي، قېنى يوللايدىغان بۇرادەر؟
تىخىچە يوللىمىدىڭىزمۇ؟
مەنمۇ بىر كۆرەپ قوياي دىگەن.................
ھە، راسىت ھەقسىز رەسىم يوللىغىلى بولىدىغان بوشلۇقتىن بىرنى تەۋسىيە قىلغان بولساڭلار، ھەجەپ ياخشى بولاتتى.

ProgramFan
يازمىلار: 3
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئۆكتەبىر 08, 2007 6:37 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان ProgramFan » جۈمە ئۆكتەبىر 19, 2007 8:54 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Eltekin[/i] ، ۋاقتى: 2007-10-14 09:59 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=751&ptid=142][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم،
ئاۋاز ھۆججىتى بار. تىلىۋۇزۇردىن كۈچۈرۋالغانلىقىنى بىلىك كۇلۇنبىدا بىر نەچچەيلەن گىپىن ... [/quote]

بۈگۈن 5 كۈن بوپقالغان چىغى . يوللاپ بولغان بولسىڭىز مەن كۆرمەي قالدىممۇ نىمە؟

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » پەيشەنبە نويابىر 01, 2007 1:19 pm

[quote]ھە، راسىت ھەقسىز رەسىم يوللىغىلى بولىدىغان بوشلۇقتىن بىرنى تەۋسىيە قىلغان بولساڭلار، ھەجەپ ياخشى بولاتتى.[/quote]
Hexun.comنى تەۋسىيە قىلىمەن. ماڭا 3 يىلچە بولدى، ئىشلىتىۋاتقىلى.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار