جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

كومپىيۇتىر دوكتۇرى دىلشات ھېزىۋۇللا نى بىلەمسىز

يېزىلغان: چارشەنبە ئۆكتەبىر 10, 2007 5:43 am
تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم،
نۇرغۇن تورداشلارغا مەلۇم، بۇ يىل يازلىق تەتىلدە ئەنگىلىيە BBC رادىئوسى دا خىزمەت قىلىۋاتقان كومپىيۇتىر پەنلىرى دوكتۇرى ياشقىنا كەلگەن ئۇيغۇر بالىسى دىلشات ھېزىۋۇللا ۋە ئۇيغۇر سوفىت شىركىتى شۇنداقلا ئۇيغۇر جەمىيىتىدە تىلىۋىزىيە ئىلانى ئىشلەش ساھەسى ۋە كومپىيۇتىر گىرافىك سەنئىتى جەھەتتە سىستىمىلىق بىلىمگە ئىگە قارلۇق شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى پەخىردىن قاتارلىق ياشلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرى تەرەققىياتى ۋە بۇندىن كىيىنكى يۈزلىنىشى توغرىسىدا XJTV دا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى. سۆھبەتتىن ئاۋال بىلىك تور بىكىتى شۇنداقلا بەزى تور بىكەتلەردە ياش دوكتۇر دىشات ھېزىۋۇللا نىڭ ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىدا نۇرغۇن مۇۋاپىقيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى، شۇ ياش 1990-يىللارنىڭ بېشىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجلەرنى شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى ۋە شۇنداقلا شىركەتلەرنىڭ تا ھازىرغىچە نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقنى ئاڭلىغان ئىدۇق ۋە ئىچىمىزدە تۇلىمۇ ھەيران بولغان ھالدا پەخىرلەنگەن ئىدۇق.
بۇ يىل يازدا ئۇنىڭ شىنجاڭ تىلىۋىزىيىسىدە پەيدا بولىشى بىلەن نۇرغۇن تورداشلار ئۇنىڭ ياپ-ياشلا بىر يىگىت ئىكەنلىكىنى كۈرۈپ ھاياجانلاندى ...ھەيران بولدى ۋە خۇشاللاندى. چۈنكى بۇندىن كىيىن ئۇنىڭ ئاشۇ كومپىيۇتىر تېخنىكىسى بىلەن ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرىغا زور تۆھپە قۇشىدىغانلىقا ئىشەندى. ئۇ سۆھبەتتىمۇ شۇنى تىلغا ئالغان ئىدى.
ئەمما، يەنە زور كوپچىلىك تورداشلار دىشات ھېزىۋۇللا توغرىسىدا تۇلۇق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس. شۇڭا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىللىرىنى بىلىشنى خالايدىغان تورداشلار ئۈچۈن دىلشاد ھېزىۋۇللا ھەققىدە بىلىدىغان دوسلارنىڭ بىلىدىغانلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشساق دىگەن ئۈمۈد تە.
قېنى ، قۇلىقىمىز سىزدە. ..

يېزىلغان: چارشەنبە ئۆكتەبىر 10, 2007 2:33 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Erdewil
ۋاھ! ئالامەت ئىش بوپتۇ جۇمۇ، بۇ يىگىت ئۇيغۇرنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى!
ھەممىمىز ئۆ:D ز ئورنىمىزدا كۈچىمىزنى نامايەن قىلايلى....

يېزىلغان: جۈمە ئۆكتەبىر 12, 2007 5:03 am
تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin
ئۈزى كىرىپلا تۇنۇشتۇرامدىكىن يە؟

يېزىلغان: يەكشەنبە ئۆكتەبىر 14, 2007 3:07 am
تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan
يېقىندىن بىرى «ئىككى ئاساسەن» دېگەن بۇ خىزمەت بىلەن شەنبە، يەكشەنبىلا ئەمەس، ھەتتا دۆلەتنىڭ بايرىمى بولغان ئۆكتەبىرنىڭ 1. كۈنىدە بولمىسۇن ياكى روزا ھېيتتا بولمىسۇن بىرەر كۈنمۇ دەمىلىش پۇرسىتى بولمىدى، بۈگۈن يەكشەنبە ھەم ھېيىتنىڭ 2. كۈنى بولىشىغا قارىماي، خىزمەتتە ئولتۇرۇپ تىمەن:L تورغا كىرەلمىگىنىمگىمۇ، تېلۋىزور كۆرەلمىگىنىمگىمۇ نەچچە ئاي بولۇپ قاپتۇ:Q ، دىلشات ئەپەندى، قارلۇق ئەپەندىلەرنى تېلۋىزوردا بولسىمۇ دىدار كۆرەلمەي ئەپسۇسلىنىپ قالدىم، مۇمكىن بولسا ئۇ سۆھبەتنى توردىن كۆرگىلى بولامدىكىن، ئۇچۇر بەرگەن بولساڭلار، چۈشۈرۈپ كۆرسەم.

يېزىلغان: يەكشەنبە ئۆكتەبىر 14, 2007 3:59 am
تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم،
ئاۋاز ھۆججىتى بار. تىلىۋۇزۇردىن كۈچۈرۋالغانلىقىنى بىلىك كۇلۇنبىدا بىر نەچچەيلەن گىپىنى قىلغان ئىدى. ئەپسۇس... ئۇلار پەقەت ئاۋز ھۆججىتىنى يوللاپتىكەن.
مەن ئەتىگىچە يوللاپ قۇياي.

يېزىلغان: پەيشەنبە ئۆكتەبىر 18, 2007 10:48 am
تەرىپىدىن يوللانغان Computer
ھاي، قېنى يوللايدىغان بۇرادەر؟
تىخىچە يوللىمىدىڭىزمۇ؟
مەنمۇ بىر كۆرەپ قوياي دىگەن.................
ھە، راسىت ھەقسىز رەسىم يوللىغىلى بولىدىغان بوشلۇقتىن بىرنى تەۋسىيە قىلغان بولساڭلار، ھەجەپ ياخشى بولاتتى.

يېزىلغان: جۈمە ئۆكتەبىر 19, 2007 8:54 am
تەرىپىدىن يوللانغان ProgramFan
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Eltekin[/i] ، ۋاقتى: 2007-10-14 09:59 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=751&ptid=142][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم،
ئاۋاز ھۆججىتى بار. تىلىۋۇزۇردىن كۈچۈرۋالغانلىقىنى بىلىك كۇلۇنبىدا بىر نەچچەيلەن گىپىن ... [/quote]

بۈگۈن 5 كۈن بوپقالغان چىغى . يوللاپ بولغان بولسىڭىز مەن كۆرمەي قالدىممۇ نىمە؟

يېزىلغان: پەيشەنبە نويابىر 01, 2007 1:19 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan
[quote]ھە، راسىت ھەقسىز رەسىم يوللىغىلى بولىدىغان بوشلۇقتىن بىرنى تەۋسىيە قىلغان بولساڭلار، ھەجەپ ياخشى بولاتتى.[/quote]
Hexun.comنى تەۋسىيە قىلىمەن. ماڭا 3 يىلچە بولدى، ئىشلىتىۋاتقىلى.