Locale ھەققىدە

بۇ سەھىپىگە كومپىيۇتېر ۋە كومپىيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش خارەكتېرىنى ئالغان ماقالىلار قويۇلىدۇ.
باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

Locale ھەققىدە

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » چارشەنبە مارت 24, 2010 8:32 pm

كومپيۇتېردا locale دەيدىغان بىر ئاتالغۇ بار بولۇپ، ئۇنى ئۇيغۇرچە يەرلىك ئۇچۇر دەپ قارىساق بولىدۇ. يەرلىك ئۇچۇر ئىشلەتكۈچىگە كومپيۇتېر ئېكرانىدا ھەمىشە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان، ئىشلەتكۈچىنىڭ تىلى، دۆلىتى، پۇل بىرلىكى، ھەپتە، ئايلارنىڭ نامى، ۋاقىت ۋە چېسلانى يېزىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار نەرسىلەرگە مۇناسىۋەتلىك پارامېتىرلارنىڭ توپلىمىدۇر.
مۇشۇ پارامېتىرلار توغرا يېزىلمىسا يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن مەزمۇنلار ئادەتكە ئۇيغۇن بولمىغان شەكىلدە كۆرۈنۈپ ئىشلەتكۈچىگە نۇرغۇن قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
Linux مۇھىتىدا يەرلىك ئۇچۇرلار بىرلا ھۆججەتكە مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، بىز بۇ ھۆججەتنى يەرلىكلەشتۈرۈش ھۆججىتى دەپ ئاتايمىز. دۇنيادىكى ھەممە تىللارنىڭ مۇشۇنداق يەرلىكلەشتۈرۈش ھۆججىتى بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭمۇ مۇشۇنداق ھۆججىتى بار، بىراق ئازراق خاتالىقمۇ بار.
يەرلىكلەشتۈرۈش ھۆججىتى مەلۇم بىر قېلىپلاشقان قۇرۇلمىغا ئېگە. تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىكى PDF ھۆججىتىدە يەرلىكلەشتۈرۈش ھۆججىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنىڭ يەرلىكلەشتۈرۈش ھۆججىتىنى يېزىش جەريانى بايان قىلىنغان.
[url=http://kenjisoft.homelinux.com/ubuntu-locale-1.1.pdf]بۇ يەردىن كۆرۈڭ[/url]


غەيرەت كەنجى

cukkunt
يازمىلار: 29
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاۋغۇست 28, 2008 10:21 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان cukkunt » دۈيشەنبە ماي 02, 2011 6:34 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەزكۇر ھۆججەت PDF شەكلىدە بولغاندىكىن ، بۇ ھۆججەتنى ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا ئېلان قىلىشقا بولارمىكىن؟
_________________
[url]http://kenjisoft.homelinux.com/ubuntu-locale-1.1.pdf[/url]

ئىنكاس يوللاش

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار