ئۇيغۇر تورچىلىقى ھەققىدە يۈزەكى ئويلار

بۇ سەھىپىگە كومپىيۇتېر ۋە كومپىيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش خارەكتېرىنى ئالغان ماقالىلار قويۇلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Awral
يازمىلار: 34
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە فېۋرال 01, 2008 7:05 am
ئالاقىلىشىش:

ئۇيغۇر تورچىلىقى ھەققىدە يۈزەكى ئويلار

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Awral » پەيشەنبە ئىيۇل 29, 2010 5:57 am

ئەسلى مەنبە: [url]http://erki.blogbus.com/logs/69396980.html[/url]
تورغا يوللىغان : ئەركى
+++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++

مېنىڭ بۇ يازمامنىڭ ماۋزۇسى تازا دىگۈدەك جەلىب قىلارلىق ئەمەس، شۇڭا چېكىلىش قېتىم سانى دىگۈدەك يۇقىرى بولماسلىقى مۇقەررەر، ھەم ھازىرقى تورداشلار ماۋزۇغا قاراپ يازما ئوقۇيدىغان، ياكى بۇنداق ئۇزۇنراق يازمىلارنى ئىنكاسقا قاراپ ئىنكاس يازىدىغان ياكى قۇر ئاتلاپ ئوقۇپلا خوش ياقسا ئىنكاس يازىدىغان بولمىسا ئاستا كۆرمىگەنگە سالىدىغان بولىۋالدى، مەن بۇ يازمىنى ھەر بىر ئۇيغۇر تور بەت قۇرغۇچىسىنىڭ ھەم ھەر كۈن مۇنبەرگە چىقىۋاتقان تورداشلارنىڭ كۆرۈپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر تورچىلىقى ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر
ئۇيغۇر تورچىلىقى ۋە تور ئەدەبىياتى يوقلىقتىن بارلىققا كىلىپ تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلۋاتقان مەزگىلدە بىر قېتىملىق ئوڭۇشسىزلىققا دۈچ كەلدى ھەم نۇرغۇن ئىشلارنى يەنە يېڭىدىن باشلاشقا توغرا كەلدى، لېكىن بۇ قېتىمقى يېڭىدىن باشلاشنىڭ تېز سۈرئەتتە ئەسلىدىكى ھالەتكە كىلىشى ۋە تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر تور بەت قۇرغۇچىنىڭ ھەم تورداشلارنىڭ تىرىشچانلىقى كېرەك.
گەپنى يەنىلا ئۇيغۇر تورچىلقىنىڭ جېنى بولغان مۇنبەردىن باشلايمىز، ھەممىمىزگە ئايان تور تاقىلىشتىن ئاۋال ئۇيغۇر ئۇنۋىرسال مۇنبەرلىرىنىڭ ئالدى بولغان ‹دىيارىم›، ‹شەبنەم›، ‹سەلكىن› قاتارلىق تور بەتلەر ئۇيغۇر تورچىلىقىدا رىقابەت ئىچىدە گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويغان ئىدى،ھەم شۇ مۇنبەرلەردىن ئازراق كېيىن بولسىمۇ ياخشى تەرەققى قىلىپ چوڭىيۋاتقان ‹قاشتېشى›، ‹رېتىم›،‹باس-باس›، ‹ئەلكۈيى›...ۋە مېنىڭ ئىسىمدە قالمىغان نۇرغۇن مۇنبەرلىرىمىز بار ئىدى.
بىر يىل بۇرۇنقى مۇنبەرلەرنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا ‹دىيارىم›، ‹شەبنەم›، ‹سەلكىن› ئۇنۋىرسال خاراكتىرلىك تور بەت بولۇپ بۇ تور بەتلەرنىڭ مۇنبەردىكى ھەر تۈرلۈك تېمىلار ۋە ‹چولپانلار زىيارىتى› پىروگىراممىسى كەڭ تورداشلارنىڭ ۋە بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.بۇنىڭدىن باشقا تور بەتلىرىمىز نۇرغۇن ياردەمگە ئىھتىياجى بار كىشىلەرگە ئىقتىسادى ھەم مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلىپ باشقا ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى قىلالمىغان ياخشى تەسىرنى ياراتقان ئىدى.
بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈپ، خاسلىق يارىتىشى مېنى بەكمۇ سۆيۈندۈرگەن ئىدى، مەسىلەن مەن ئەڭ ياقتۇردىغان خاسلىققا ئىگە تور بەتلەردىن بىر قانچىسى بار ئىدى، مەسىلەن : زىيالىلار توپلانغان ‹ئىزدىنىش› تورى، ئادەمگە كېرەكلىك ماتىريال ۋە ئۇچۇرلارنى تەمىنلەۋاتقان ‹بىلىك› تورى، تارىخىنى تېما قىلغان ‹ئورخۇن› تورى، ياخشى ئەدەبى ئەسەرلەرنى ۋە تور يازمىلىرىنى ئاۋازغا ئېلىپ تارقاتقان ‹بىلقۇت› تورى، ئەدىبلەر ۋە زىيالىيلار توپلانغان ‹بەرقى› ئەدەبىيات تورى، ‹ئۆزھال› مۇزىكا تورى، ‹جىدەلخور› ھەربى ئىشلار تورى، ‹80خالتا› تىبابەت تورى، ئۇنىڭدىن باشقا تور بەتلەر جەمگاھى بولغان ‹ئۇلىنىش› تورى ئۇيغۇر مائارىپىغا بىغىشلانغان ‹مەرىپەت› تورى، ئىنگىلىزتىلى ئۆگەنگۈچىلەرگە ياخشى ماتىرياللارنى تەمىنلەۋاتقان ‹راۋان ئا ب س› تورى ۋە مەن ئىسمىنى ئېسىمدە تۇتالمىغان كىنولارغا ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزىۋاتقان، ئۇيغۇرچە ياخشى يۇمتاللارنى ئىشلەۋاتقان نۇرغۇن ‹خاسلىق› ياراتقان تور بەتلەر بار ئىدى.
ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ ‹خاسلىق› يارىتىشىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى نۇقتىسى بولغان شەخسى بىلوگلارنىڭ مەيدانغا كىلىشى كىشىنى تېخىمۇ سۆيۈندۈرەتتى، بىلوگباس قاتارلىق بىر قانچە ياخشى بلوگلار ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇپ ئۆز خاسلىقى بىلەن نام چىقارغان 10بىلوگمۇ مەيدانغا كەلگەن ئىدى. ئەپسۇس ئۇ گۈللىنىش ۋە يۈكسىلىشنىڭ ئۆمرى بەكمۇ قىسقا بولۇپ قالدى.ئەمدى ئۇ تور بەتلەرنىڭ قايتا تىرىلىش پۇرسىتى بولامدۇ يوق، بۇ بىز ئارزۇ قىلىدىغان ئەمما ئەمەلگە ئېشىش ئاشماسلىقى نامەلۇم بولغان تېما.
ئەمدى بىز ئۈمىدنى بوران-چاپقۇندىن ساق قالغان بىر قانچە تور بەتلەرگە ھەم يېڭىدىن قۇرۇلىۋاتقان تور بەتلىرىمىزگە باغلايمىز، بۇ تور بەتلىرىمىزنىڭ مەرھۇم ‹ئەجداد› تور بەتلەرنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرتورچىلىقىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەم بۇ بىر يېڭى باشلاش بولغانكەن بۇرۇن ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزۈتۈشنىڭ يېڭى بىر پۇرسىتى. مەن بۇرۇن ساقلىنىپ كىلىۋاتقان بىر قانچە مەسلىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشى مەقسىتىدە ئوتتۇرغا قويماقچى، بۇ تورداشلانىڭ تۈزىتىشى ھەم تولۇقلىشىغا مۇھتاج ئەلۋەتتە.
[color=Blue]1.توردىكى مەنىسىز تېمىلار ۋە شۇ تېما ھەققىدە قۇرۇق مۇنازىرىلەر[/color]
بۇرۇنقى ئۇنۋىرسال مۇنبەرلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشى مۇنازىرە بولىدىغان مۇنبەر ‹ئىزدىنىش› مۇنبىرى دەپ قارايمەن، ‹ئىزدىنىش› مۇنبىرىنىڭ ئەزاسى ۋە ئادەم كىرىش قېتىم سانى ‹دىيارىم›، ‹شەبنەم›، ‹سەلكىن› مۇنبەرلىرىدەك بولمىسىمۇ بۇ يەردىكى ھەر بىر تېما، ھەر بىر ئىنكاس ئادەمنى سۆيۈندۈرەتتى. مەن بۇ يەردە باشقا مۇنبەرلەرنىڭ ياراتقان نەتىجىلىرىنى ئىنكار قىلالمايمەن، لېكىن ‹ئىزدىنىش› تورىنىڭ باشقا مۇنبەرلەردىن بولغان پەرقى ‹ئىزدىنىش› تورى يوللانغان تېمىلارنىڭ سۈپىتىگە بەكمۇ ئەھمىيەت بەردى دەپ قارايمەن، توردا بىر كۈندە چىقىدىغان يېڭى تېمىنىڭ سانى ساناقلىقلا، لېكىن بەكمۇ ئەھمىيەتلىك، مەنىلىك تېمىلار، تېمىغا قارىغاندا ئىنكاس تېخىمۇ ئادەمنى جەلىپ قىلاتتى، بۇ مېنىڭ بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ كىرەلمەي، سەييارە ‹مېھمان› ھالىتىدە كۈزىتىپ ھىس قىلغانلىرىم، بۇ مۇنبەرنىڭ قانچىلىك مىھرى ئىسسىقلىقىنى شۇ مۇنبەردە ئازا بولۇپ يۈرگەنلەر ھەقىقى ھىس قىلالايدۇ، شۇ توردىكى ‹جېك› ئەپەندىنىڭ تويى بولغاندىكى سۈرئەتنى كۆرگەندە بۇ توردىكىلەرنىڭ تورداشلىقتىن ھالقىپ قېرىنداش بولۇپ كەتكىنىنى ھىس قىلغان ئىدىم. ھەم بۇ توينىڭ ‹تورداش› نامىدىكى قېرىنداشلارنىڭ قانچىللىك قىززىتقانلىقىنى ھەم توينىڭمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئۈلگە بولغۇدەك مىللى خاسلىقتىكى توي بولغىنىنى شۇ رەسىملەرنى كۆرگەن ھەر بىر ئادەم سىز قىلالايدۇ... تېما باشقا ياققا كىتىپ قالدى، ئەسلى گەپكە قايتساق مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ھەر بىر مۇنبەر يوللىنىۋاتقان تېمىلارنىڭ سۈپىتىگە ئەھمىيەت بىرىشى تولېمۇ زۆرۈر، بۇنىڭدا تور بەت قۇرغۇچىنىڭ ۋە مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، ئەلۋەتتە. بۇرۇن ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنى ئارلاۋىتىپ بەزى تېمىلارنىڭ لاۋزىلىقى ۋە شۇ تېما ھەققىدە مۇنازىرە قىلىۋاتقان تورداشلارغا قاراپ تور بەتلەر تورداشلارنى لاۋزىلاشتۇرۇپ قويدىمۇ ياكى لاۋزا تورداشلار تور بەتلەرن تىتىقسىز قىلۋەتتىمۇ دەپ ئويلاپ قالاتتىم. ئەسلىدىلا مەنىسى بولمىغان تېملار ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىشلار، زەھەردىن ئاچچىق گەپلەر بىلەن بىر-بىرىگە ئازار بىرىشلەرگە قاراپ ئىچىم ئاچچىق بولاتتى.
ئۇزۇن گەپ قۇلاققا خوش ياقمايدۇ، گەپنىڭ قىسقىسى ھەر بىر تور بەت قۇرغۇچى ھەم ‹مۇنبەر› باشقۇرغۇچى ئۆز تور بىتىدىكى تېمىلارنىڭ سۈپەت-ساپاسىغا ئەھمىيەتە بىرىشى تولېمۇ زۆرۈر دەپ قارايمەن. بۇنىڭچۈن تېما تەستىقلىغاندا تېمىنىڭ كىلىش مەنبەسى، شۇ تېمىنىڭ ئەھمىيتى، تەسىرى ھەققىدە ياخشى ئويلىشى كېرەك. چۈنكى مۇنبەرنىڭ ئۆزى بىر ‹دەرسخانا›، بۇ دەرسخانىدا ‹يەتتە ياشتىن 70ياشقىچە› بولغانسانسىز كىشى دەرس ئېلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.‹ئوقۇغۇچىلىرىڭىز› ئۈچۈن ئېسىل دەرسلىكلەرنى تەييارلىيالىسىڭىز تور بىتىڭىزنىڭ ‹ئۇيغۇر› ئۈچۈن ئاز-تولا تۆھپىسى بولىدۇ. ئەگەر سىز شەخسى مەنپەت ئۈچۈن، ئىشى يوقلارنى توردا توپلاپ ‹ئېغىزدا دۇنيانى ئېلىش› مەقسىتىگە يەتمەكچى بولسىڭىز، ‹بىر ئايال بەشنى تۇغدى›، ‹بىر ئەر ھاراق ئېچىپ قۇستى› قاتارلىق تېمىلارنى مۇنازىرە سورۇنىغا تاشلاپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ ۋاقتىنىڭ ئەھمىيەتسىز ئۆتۈپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولۇپ، مىللەتكە زىيانكەشلىك قىلسىڭىزمۇ مەيلى ، بۇمۇ ئۆز تاللىشىڭىز.
[color=Blue]2. سەل قارىلىۋاتقان تور تەربىيەسى ۋە تەشۋىقاتى[/color]
ھەر بىر تور بەت قۇرغۇچىنىڭ تور بەت قۇرۇشتىكى مەقسىتى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم ئۇنىڭدىن مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادى ئۈنۈم ئېلىشنى ئويلىشىدۇ، ئەلۋەتتە تور بەت ئۈچۈن چېقىم بولغاندىكىن كېرىمنىڭمۇ بولۇشى ياكى شۇنداق بولۇشنى ئۈمىد قىلىش نورمال بىر ئىش. لېكىن شەخسى مەنپەتنى دەپ بىر مىللەتنىڭ ياكى بىر توپ كىشىنىڭ مەنپەتىگە سەل قاراش تولېمۇ شەخسىيەتچىلىك.مەن يۇقىردا دەپ ئۆتكەندەك بەزى تور بەتلەرنىڭ لاۋزىلىشپ قىلىشى مۇشۇ ‹شەخسىيەتچىلىك›نىڭ نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ‹ئادەم توپلاش› ئۈچۈن مۇنبەرگە شۇنداق تىتىقسىز تېمىلارنى يوللاش ياكى كىم تېما يوللىسا قانداق تېما بولسا تەستىقلاۋىرىش بولسا كېرەك. ھەر بىر تور بەت قۇرغۇچىنىڭ تىز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ئۇنداق تور بىتىنى ‹بىكارچىلار› نىڭ ماكانى قىلىۋالماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن.ئەگەر سىز تور بىتىڭىزنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلالىسىڭىز ھەم ‹خاسلىق› يارىتالىسڭىز ئۇ چاغدا ئۆزىڭىز كۆزلىگەن مەقسەتكە يىتەلىشىڭىز ھەم ‹ئۇيغۇر› غا ئازراق مەنپەئەت بىرەلىگەن بولىسىز دەپ قارايمەن. ئەمدى تور بەتلەردە يەنە بىر سەل قارىلىۋاتقان مەسىلە ‹تورچىلىق› ئاستا-ئاستا باشقا گىزىت-ژۇرنال، رادىئو-تېلىۋزىيەنىڭ ئورنىنى ئېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تور بەتلەرنىڭ تەشۋىقات كۈچىگە بەكمۇ سەل قاراۋاتىمىز. تور بەتلەر بىز ئۈچۈن ئانا تىلىمىزنى قوغداشنىڭ ھەم تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ياخشى بىر قۇرالى ئىدى، توغرا بولغان نەرسىنى تور بەتلەردە ئومۇميۈزلۈك تەشۋىق قىلىشمىز ھەم ئۇنى ئومۇملاشتۇرىشىمىز كېرەك ئىدى، تور بەتلىرىمىز بۇ جەھەتتە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئۆزىنى مەسئۇليەتتىن قاچۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ ياكى خاتالىقىنى تۈزىتىشكە سەل قاراۋاتىدۇ. مەن ئەڭ ئەددى بولغان مىسالدىن ئىككىنى كەلتۈرۈپ ئۆتەي: بىرىنچىسى، بىزنىڭ ئانا تىلىمىز بولغان ئۇيغۇر تىلىدا خەنزۇچىدىن ياكى باشقا تىللاردىن كىرگەن ئاتىسى نامەلۇم بولغان سۆزلەپ كۆپىيىپ قالدى، بەزى تىلشۇناسلىرىمىز شۇ سۆزلەرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇردىيۇ لېكىن ئۇ سۆزلەر تەشۋىق قىلىنماي قالدى، بۇ بىزنىڭ قان قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن، ئۆزى قاملاشتۇرۇپ قىلالماسلىق، قىلغاننى ياراتماسلىق پىسخىكىسىنىڭ ئىپادىلىنىش بولسا كېرەك. 12ئاينىڭ شۇنداق چىرايلىق ئۇيغۇرچە ناملىرىنى كۆرۈپ ئانا تىلىمىزنىڭ گۈزەللىكىدىن سۆيۈندۈم، لېكىن شۇ چىرايلىق ناملار ئومۇملىشالمىدى...ئىككىنچى مىسال، نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن ئېغىر زىيانكەشلىك بولىۋاتقان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ لاتېن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلىنىشىنىڭ بىرلىككە كىلەلمەسلىكى، نۇرغۇن زىيالىيلىرىمىز ۋە ئەقلى جايىدا بولغان ياشلىرىمىز ئۆلچەملىك بولغان ئۇ ل ي نى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ بەزى تور بەتلەر يەنىلا خەنزۇ تىلىنىڭ تەسىرىدە ئومۇملاشقان، خەنزۇ پىنيىن ئاسىدا بارلىققا كەلگەن كەمتۈك يېزىقنى قوللانماقتا. مەسىلەن بۇرۇنقى تور بەتلەردىن ‹بىلقۇت›، ‹بەرقى› قاتارلىق تور بەتلەر ياخشى ئومۇملاشتۇردى، لېكىن بەزى مۇنبەرلەر ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىشنى خالىمدى، توغىرىسى ئازراق چىقىمدىن كېچەلمىدى ھەم ئۆزىنىڭكىنى توغرا كۆرسىتىپ تۈرلۈك باھانىلەرنى ئىزدىدى، شەخسى مەنپەتنى دەپ بىر مىللەتكە كىلىدىغان زىيانغا كۆز يۇمدى... مەسىلەن ھازىر يېڭىدىن ئېچىلغان ‹داڭلىق› مۇنبىرىنىڭ تور بەت ئادرىسىنى ‹داڭلىك›دەپ ئوقۇشقا مەجبۇر بولدۇق، لېكىن بىزنىڭ تىلىمىزدا ‹ق› ھەرپى بار ئىدى... مۇنبەرگە تىزىملاتقان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىسمىدىمۇ خاتالىق بار، تىلىمىزنى لاتىن يېزىقىدا ئىپادىلەشتە نېمىشقا خەنزۇ پىنيىننى ئاساس قىلدىغىنىمىز كاللامدىن ئۆتمەيدۇ، ئەگەر خەنزۇ پىنيىندىن زادى ۋاز كېچەلمىسەك پۈتۈنلەي خەنزۇ يېزىقىنى قوللانساق ...؟
تور بەتلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى تېمىدىن ھەم مەسئۇليەتتىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقىنى ، خاتالىقلارنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ مېڭىشىنى تولېمۇ زۆرۈر دەپ قارايمەن.
ئەڭ ئاخىردا ھەر بىر تور بەت قۇرغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ تور بىتىنىڭ خاراكتىرىنى بەلگىلەپ ، شۇ خاراكتىردە بىر خاسلىق يارىتىشىنى ھەم شۇ خاسلىقتا ‹ئۇيغۇر› ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.ھەم تور بەتلەرگە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.



kerim805
يازمىلار: 6
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە فېۋرال 24, 2009 6:55 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kerim805 » پەيشەنبە ئىيۇل 29, 2010 3:16 pm

‹دىيارىم›، ‹شەبنەم›، ‹سەلكىن› !!!
ئەمدى قاچانمۇ بۇلاردەك توربەتلەر بولار؟!!
ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن يېزىلغان تېما! ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر!
ئۇيغۇر توبەتچىلىكىنىڭ قايتىدىن قەد كۆتۈرۈپ چىقىشىغا تىلەكداشمىز!

Yuksel
يازمىلار: 4
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:54 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Yuksel » شەنبە ئىيۇل 31, 2010 10:22 pm

ئېلان قىلىنىپ بولغان تېمىنى قايتا بۇ جايدا ئېلان قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم. قارىغاندا مەزكۇر مۇنبەردە كونا بىلىكداشلارمۇ خېلى بار ئوخشايدۇ. ئۇيغۇر تورچىلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان دوستلارنىڭ << يۈكسەل بلوگى >> دىكى مۇنۇ 2 تېمىغا دىققەت - نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

[url]http://www.yuksel.me/161.html[/url]
[url]http://www.yuksel.me/172.html[/url]

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » يەكشەنبە ئاۋغۇست 01, 2010 7:49 am

شۇڭا يېزىلىۋاتىدۇ مۇنداق نەرسە

ئەركەك ساناپ ئۆزىنى توربەت قۇرغان بېكەتچى،
كۈندە رەسىم، كىنونى يوللاپ تۇرغان بېكەتچى.

چۈشۈرمەيدۇ ئاغزىدىن ئەركەكلىكنى غۇرۇرنى،
مىللىتم دەپ مەيدىگە مۇشتلاپ تۇرغان بېكەتچى.

تەكلىپ قىلار بېتىگە ، يېڭى كىنو بار ئىمىش،
ئېلان چېكىپ قويۇڭ دەپ يىغلاپ تۇرغان بېكەتچى.

توشۇپ كەتكەن تور بېتى ياپ- يالىڭاچ رەسىمگە،
مال بازىرى قوتانغا ئوخشاپ تۇرغان بېكەتچى.
.... داۋامى [url]http://www.intil.biz/bil/show.asp?id=1731[/url]
ئانا تىلنى خارلىدى تورچى [url]http://www.intil.biz/bil/show.asp?id=1668[/url]

Yuksel
يازمىلار: 4
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:54 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Yuksel » يەكشەنبە ئاۋغۇست 01, 2010 1:01 pm

ئۇيغۇر تورچىلىقىنى باشقۇرىدىغان ، ماسلاشتۇردىغان ھېچقانداق ئورۇن ياكى تەشكىلاتنىڭ يوقلىقى ، ئۇيغۇر تور تەرەققىياتىنىڭ ئاستا، چېچىلاڭغۇ بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى.
ھۆكۈمەت تارماقلىرى پەقەت ئۇيغۇر تورلىرىنى قانۇنىي نۇقتىدىن نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ. قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر بولمىسىلا ، ئۇيغۇر تورلىرىنىڭ بۇ ئورۇنلار بىلەن چوڭ ئالاقىسى قالمايدۇ. ھالبۇكى، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇنداق ئەمەس. تور نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇرلاپ سىڭىپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى ، مەدەنىيىتىگىچە تەسىر كۆرسەتمەكتە. تور قانۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇن تەرەپلەرگە چېتىلماقتا. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسلى يېتەكلەش، باشقۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشقا مۇھتاج ئىدى. ئەمما، ئۇيغۇر تورچىلىقىدىن ئىبارەت بۇ غايەت زور پاراخوتنىڭ ھېلىھەم ھېچقانداق ماتروسى يوق ھالدا دۇنيا تور ئوكيانىدا مەنزىلىسىز، نىشانسىز لەيلەپ يۈرمەكتە.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » يەكشەنبە ئاۋغۇست 01, 2010 3:15 pm

شۇنداقتىمۇ نازارەت قىلىدىغان كۆپچىلىكنىڭ بارلىقىنى، جامائەت پىكرىنىڭ بۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك.
ئېگلې ئېيتقانداك ناچار بەتلەرنى بايقۇت قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ بېقىشقا بولىدۇ.
بولسا داڭلىق بەتلەردە شۇنداق چاقىرىق قىلىش، ئاشكارە تەنقىتلەش دېگەندەك.
ئەينى چاغدىكى « سەرسانلار» غا قارىتىلغان ئومۇمىيۈزلۈك تەنقىتنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولغان.

Yuksel
يازمىلار: 4
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:54 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Yuksel » يەكشەنبە ئاۋغۇست 01, 2010 4:50 pm

<< يۈزۈمنىڭ قېلىنلىقى جېنىمنىڭ راھىتى >> دېگەن سۆز بەزىلەر ئۈچۈن ھاياتلىق دەستۇرى بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، جامائەت پىكرىنىڭ رولى ۋە ئۈنۈمى يەنىلا چەكلىك بولماقتا. ھەتتا، پىكىر قىلغانلىقى سەۋەبلىك باشقىلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالماقتا. مەسىلەن، يۈكسەل بلوگى << كۈنسېرى سارغىيىۋاتقان ئۇيغۇر تورلىرى >> دېگەن يازمىنى ئېلان قىلىپ 3 - كۈنى نامەلۇم خاككىرنىڭ ھوجۇمىغا ئۇچرىدى. ئاز ئۆتمەي << ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىغا ئۇچۇق خەت >> نى ئېلان قىلغان قىلغاندىن كېيىن، بەزى داڭلىق ئۇلىنىش تورلىرىنىڭ بايقۇت قىلىشىغا ئۇچرىدى ...
مانا يۇقىرىقىدەك ئىشلار بىزنى تېخىمۇ ئەندىشىلىك ئويلارغا سالماقتا...

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » دۈيشەنبە ئاۋغۇست 02, 2010 4:14 pm

بۇ گەپلىرىڭىزگە مەن يۈزدە- يۈز ئىشىنىمەن.
دېمەك جامائەت پىكرىنىڭ ئۈنۈمى بار.
ئەلبەتتە بۇنىڭغا بىراز ۋاقىت كىتىدۇ، ئەمما بۇ ئىشنى مۇشۇ نىيەتتە بىردەكلىكى بارلار بىر-بىرىمىزنى قوللاپ، ئاشۇنداق بەتلەرنى بايقۇت قىلىشتىن باشلىساق بولىدۇ.
توربەتنى ئۇلىنىش تورىدا تەشۋىق قىلمىسا زادى بولمامدا؟ ئۇنىڭدىن باشقا چارە يوقما؟ ئەلبەتتە بار.
مەن بۇ ھەقتە ئويلاۋاتىمەن، كاللامغا ئۈنۈملۈك ئۇسۇل كەلمەۋاتىدۇ.
بەلكىم ۋاقتى- سائىتى پىشمىغاندۇ.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار