[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻐﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ
جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻐﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﺎﮬﺎﺳ

يېزىلغان: پەيشەنبە ماي 31, 2007 12:08 pm
تەرىپىدىن يوللانغان arkuyghur
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻐﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ


ﺋﺎﻣﯧﺮﻛﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ، ﭘﯩﺴﺨﻮﻟﻮﮒ ﺟﯩﻚ ﮬﻮﻧﺘﯧﺮ


ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ---ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﻣﻮﻧﯩﻴﺎﺯ . ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﺭﻩﺗﻠﯩﮕﯘﭼﻰ----- ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ ﻗﻮﻳﭽﻰ( ﺷﯩﺨﻮ )<< ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﺘﺎ ﻛﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ>> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻼﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.
ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﻪ ------- ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻟﺪﻩ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ.ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﺮﺍﺕ ﺷﯘ ﺑﻮﻟﺪﯗﻛﻰ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﻪﻧﺎﺩﯨﻜﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﯧﺨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﻤﻪﭘﺘﯘ . ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺰ ﻗﺎﻻﺭﻛﻪﻧﻤﻪﻥ . ﺯﺍﯞﯗﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺧﯩﺸﺘﻪﻙ ، ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻠﻼ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻠﯩﻚ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﭖ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﯘﻡ ﻳﻮﻕ . ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﭽﻪ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺘﺎ ﺋﯩﺴﻼﮬ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﻼ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯜﭺ ﻧﻮﻗﺘﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .
1-ﺑﺎﭖ . ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ << ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ >> ﻗﺎ ﺋﯩﺰﺍﮬﺎﺕ
ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﯩﻠﻰ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻤﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﻣﺎﺧﺘﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﺪﺍ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﻗﻤﺎﭘﺘﯘ . ﺑﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺭﻭﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﻣﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﺧﺘﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭘﺘﯘ . ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﻤﻪ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﯩﻤﯘ ﻳﯩﻞ ﺳﺎﻧﺎﭖ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﻧﯩﺸﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯘﺋﺎﺭﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺴﺎ ، ﻛﯧﻠﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺳﺎﭘﺎ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﮬﺎﺯﯨﺮ << ﺋﯧﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﺴﺎ ، ﺋﻪﺗﻪ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ 20-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 70- ﻳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﻛﻰ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﺍﻏﺎ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ، ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻟﺸﯩﺮ ﻧﺎﯞﺍﻳﻰ . . . ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯩﺘﯜﻙ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺵ ﺗﻪﺟﺮﺑﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﻣﻪﻱ، ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻨﯩﯔ ﺳﯘﺧﯘﻟﻤﯩﻨﯩﺴﻜﻰ ، ﻛﯘﯕﺰﻯ ﻛﻪﺑﻰ ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺴﯩﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺩﻩﭖ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪﻧﺴﯩﺮﻯ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﺋﯘ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻼﺭ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻴﺴﻰ ، ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻼﺭ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺷﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﻣﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﯨﻘﻠﻪﻧﺪﯛﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺶ-- ﺋﯘﻻﺭ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ . << ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺶ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺳﺘﯘﺭﻯ ﺳﺎﻧﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ﻳﯜﺯﮔﯩﻤﯘ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ 8-10 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﯚﻟﯜﻡ ، ﮔﯘﺭﭘﭙﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ، ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ . . . ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺧﺎﺩﯨﻤﯩﻨﯩﯔ 40 - 50 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ .
ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ << ﺋﯩﺨﭽﺎﻣﻼﺵ>> ﻧﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰﺩﯨﻦ ﭼﯜﺷﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯘﺩﯗﻡ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺋﯩﺨﭽﺎﻣﻠﯩﺪﯗﻕ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻻﻱ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺯﻭﺭﻣﯘ-ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺕ ﻛﯧﻠﻪﯕﺴﯩﺰﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯘ . << ﺷﯩﺘﺎﺕ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﯨﺘﻤﯩﺰ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ . ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯩﺘﺎﺕ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﺸﻨﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﺎﻱ-ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ << ﺷﯩﺘﺎﺕ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﺸﻘﺎ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮔﯘﺭﭘﭙﯩﺴﻰ >> ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺷﯩﺘﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﭙﺘﯘ .
ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ << ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ >> ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻰ ---- ﺋﯚﺯ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﯜﻟﮕﻪﻥ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﺋﯩﻜﻪﻥ . . .
ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺱ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﺪﺍ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭ ﺩﯦﻴﯩﻠﺴﻪ ﺋﯘ ﺧﻮﺭﯨﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﻗﻮﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﯩﻜﻪﻥ !


-ﺑﺎﭖ. ﺧﻮﺭﯨﺘﯩﺶ

ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﭖ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ _ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ .
ﺑﯘ ﺋﺎﺯ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ، ﻛﯚﭖ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﯩﻚ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﭙﺘﯘ . ﺋﯘﻻﺭ << ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﻰ << ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ، ﻛﯚﭖ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ، ﻛﯚﭖ ﭼﺎﺭﮬﯩﺘﯩﺶ >> ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺳﺎﻧﻠﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺷﯘﯕﺎ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﮕﻪ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻮﻏﯘﺭﻟﯘﻕ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻛﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺶ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻟﯩﺴﻪ، ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﺴﯩﺰ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺭﺗﺎﻟﯩﺴﺎ، ﺷﯘ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﺪﻧﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﻛﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﻛﻮﻳﯩﺪﺍ ﭘﺎﻻﻗﻼﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﮬﺎﺭﺩﯗﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ، ﺋﻮﻥ ، ﺋﻮﻧﺒﻪﺵ ﺧﯩﻞ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﺎ ﺗﯜﺯﺳﻪ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﻛﯧﭽﻪ-ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ، ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ 20-25 ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﺎ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﯜﭼﯜﻧﭽﻰ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﻤﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺗﺎﭘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . . .
ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯧﭽﻪ-ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻟﻤﺎﻱ ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﺟﻪﺩﯨﯟﻩﻝ ، ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﮬﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺧﯘﺩﺍ ﺩﻩﺭﺱ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﯘﺩﻩﻛﻤﯘ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻤﯘ ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻘﻰ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﻛﻮﻧﺴﭙﯩﻜﻨﻰ ﻛﯧﻠﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ .
ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ << ﮔﯘﺭﭘﭙﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ >> ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻛﺎﻧﺴﯩﭙﯩﻜﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ-ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﺗﯜﭖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﻪﺕ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﯟﺍﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎﻡ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯚﺳﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺷﯘﯕﺎ ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﻰ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻛﻮﻧﺴﯩﭙﯩﻜﻜﻪ ، ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﺪﯨﻦ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭﮔﻪ ، ﺩﻩﭘﺘﻪﺭﺩﯨﻦ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭﮔﻪ ، ﺩﻩﭘﺘﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯧﯖﻰ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . . .
ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﮬﺎﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻤﯘ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﮬﺎﻻﺵ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﻨﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﺷﻘﺎ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪ، ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺴﯘﻥ ، ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯘﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭙﻘﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺳﻪﻝ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ -- ﺩﻩ ، ﻻﻳﺎﻗﻪﺗﺴﯩﺰ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺷﯘﯕﺎ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩﻙ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﮬﯩﭽﻘﺎﻳﺴﯩﺴﻰ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺳﻮﺑﯩﻜﺘﯩﭗ ﺟﻪﺭﻳﺎﻥ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﻘﺎﻥ ، ﻣﯩﺨﺎﻧﯩﻚ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ .
ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﺸﯘ ﻳﺎﺯ ﺗﻪﺗﯩﻠﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺷﻪﻧﺒﻪ- ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺧﯩﻼﭖ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ--- ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﻛﺎﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﮔﻮﻣﯘﺵ ، ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺱ . . . ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﭘﻜﻪ ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ... ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺭﻩﺋﯩﺲ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻏﺮﯨﻴﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻰ ، ﺋﺎﻗﺴﯘ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ، ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﺪﻩ ﺗﺎﻻﻱ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺷﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯﯛﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ .
ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﻛﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﯘﺩﯨﺮﻟﯩﺮﻯ ﺩﻩﻝ ﻣﻮﺷﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻜﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﺎﻗﺸﺎﺗﺴﺎ ، ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﺋﯜﻧﯜﻣﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻣﻪﻟﯩﻜﻪ ﻗﯩﻼﻟﯩﺴﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺩﻭﻛﺘﻮﺭ ، ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ... ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻛﻪﻡ ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺱ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﺗﯜﺭﯛﻟﯜﻙ ﺷﻪﻛﻠﯩﯟﺍﺯﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯚﻧﯜﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺑﯘ ﺷﻪﻛﯩﻠﯟﺍﺯﻟﯩﻘﻘﺎ ﭼﯩﺪﺍﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻪﺵ-ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﺑﺎﺭﻣﺎﻳﻼ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﯨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ << ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ >> ﮔﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﯘ ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪ - ﮬﻪ !؟
ﺷﯘﯕﺎ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ . ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻳﻮﻕ . ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﻳﻮﻕ . ﻗﻪﺳﺘﻪﻥ ﺧﻮﺭﯨﺘﯩﺸﻼ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ !

يېزىلغان: پەيشەنبە ماي 31, 2007 12:54 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Tilchin
بۇ چەتئەللىك ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئەجەللىك نۇقسانلىرىنى ئەينەن ئېچىپ بەرگەن. بۇلارنى بىز كۆمەرمەيۋاتامدۇق، ئۆزگەرتىشنى خالىمايمىزمۇ ياكى قۇربىمىز يەتمەيۋاتامدۇ؟؟؟؟:(

يېزىلغان: پەيشەنبە ماي 31, 2007 1:05 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Saqal
ئۇيغۇر مائارىپى ... دېگەندەك ' ئۇيغۇر' ، 'ئۇيغۇرنىڭ ' دىن باشلانغان 'ئۇيغۇر xxx ' دەك سۆزلەرنىڭ ئۆزىدىلا مەسىلە بار، 'ئۇيغۇرنىڭ' مەۋجۈت ئەمەس.

ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى -چوڭ بولمىسىمۇ بىر جەمئىيەت بولىشى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشىشى ياخشى ئىش، ئەمما، بۇ تور بەتكە يوللىنىدىغان مەزمۇنلار كومپيۇتىر تېخىنىكسىغا ئائىت ماقالە، خەۋەر، سۇئال-جاۋاپلار بىلەن چەكلەنسە دىگەن ئويۇم بار، باشقۇرغۇچىلار قانداق قارايدىكىن ؟

يېزىلغان: پەيشەنبە ماي 31, 2007 1:20 pm
تەرىپىدىن يوللانغان AKRAM-AHMAT
.......

يېزىلغان: پەيشەنبە ماي 31, 2007 4:44 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Alpha
مائارىپىمىزدا ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان ، ھازىرمۇ جەنۇبى شىنجاڭدىكى بەزى مەكتەپلەردە يەنە يېڭى تۈركۈمدە ئۆگىنىش ئۆگىنىشلەر باشلىنىپ كېتىپتۇ . مېنىڭچە ئوقۇتقۇچىلار ئۆز كەسپىنى تېخىمۇ كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ ئۆگەنسە ياكى بولمىسا ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرگە ئۆتكۈزسە بۇنىڭ پايدىسى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ دەپ قارايمەن ؛

يېزىلغان: جۈمە ئىيۇن 01, 2007 6:32 am
تەرىپىدىن يوللانغان Newruz
بۇ ئەپەندى دەۋەتقىنى ئۇيغۇر مائارىپى ئەمەس. بۇ غەرپ ئەمەس شەرق. شەرقلا ئەمەس سوتيالىستىك دۆۋلەت. بۇ ئۇيغۇرلار تەرجىمە قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان دەرسلىك ۋە تەلەپلەر «كومۇنىستىك جوڭگوچە (خەنزۇچە مائارىپ ئاساسىدىكى) مائارىپ». دەپ ئاتايمىز. قارىماققا بۇ جەمئىيەت بىلەن ھىچ بىر ئالاقىسى يوقتەك كۆرىنىدۇ. ئۇيغۇر يۇمتاللىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېلان قىلغاندا ئۇيغۇر پىسخىكىسى ۋە كۆنۈكمىسىگە ماس كېلىشى كېرەك. شۇڭا ئۇيغۇر مائارىپى توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى قوللايمەن.

بىز كومپىيۇتېردا ۋە مۇزىكا، يۇمتال توغرىسىدا دىگەندەك دەرسلەرنى تۇزگەندە ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مائارىپىدىن پايدىلىنىشىمىز كېرەك. ئارتۇقچە سۆز ئىشەككە يۈك. بۇ ھەقتە تېمىدىن چەتنىمەي كۆمپىيۇتېر ئوقۇتىشى توغرىسىدا كۆپرەك توختالساق...

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Newruz ، ۋاقتى: 2007-6-1 12:40 [/i]]

يېزىلغان: جۈمە ئىيۇن 01, 2007 10:39 am
تەرىپىدىن يوللانغان heqteyur
مەنمۇ ساقال بۇرادەرنىڭ پىكىرىنى قوللايمەن ، بۇ يەردە ئامال بار كومپيۇتېر بىلىملىرى بىلەن چەكلەنسەك ياخشى بولارمىكىن !!!:victory: