جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

FireFox ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە پىكىر بېرىڭ

يېزىلغان: پەيشەنبە دېكابىر 04, 2008 8:41 am
تەرىپىدىن يوللانغان Sahran
[align=center]FireFox ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتىنىڭ تەرجىمىسىگە پىكىر بېرىڭ[/align]
تورداشلارنىڭ كۈچ چىقىرىپ ياردەملىشىشى بىلەن موزىللا شىركىتىنىڭ تور كۆرگۈسى Firefox نىڭ ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتى پۈتتى. بۇ تەرجىمە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى [url]https://l10n.mozilla.org/narro/narro_project_list.php?l=ug[/url] تور بېتىدىن كۆرەلەيسىز.
ئىلگىرى ئۇيغۇرچە يەرلىكلەشتۈرۈلگەن يۇمشاق دېتاللاردىكى پېئىللار يەنى كومپيۇتېردىكى بۇيرۇقلار ئىسىمداشقا ئۆزگەرتىلىپ تەرجىمە قىلىنغان، مەسىلەن: copy كۆچۈرۈش، cut كېسىش، paste چاپلاش دېگەندەك، يېقىندا باشقا تىلدىكى تىل ھۆججەتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈش ئارقىلىق بۇ خىل تەرجىمىنى بۇيرۇق شەكلىدە ئېلىپ مۇۋاپىق ئۆزگەرتىپ چىقتىم.
يەنى copy كۆچۈر، cut كەس، paste چاپلا دېگەندىن بۇيرۇق شەكلىدە ئېلىپ تىل ھۆججىتىنى پۈتتۈردۈم، ئۇنىڭدىن باشقا ھەر بىر تىزىملىك ۋە كۆزنەكلەردىكى تەڭشەكلەرگە تېز كۇنۇپكا ئەسلىدە ئىنگلىزچە كۇنۇپكىلاردا تىرناق ئىچىدە ئەسكەرتىلىپ ئېلىنغان ئىدى، ھازىر تېز كۇنۇپكىلارمۇ ئۇيغۇرچە ھەرپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، تېز كۇنۇپكىنى ئۇيغۇرچە ھەرپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشتا مۇنداق پرىنسىپقا ئەمەل قىلىندى:
1- ئۇيغۇرچە تەرجىمە تېكستىدە ئەسلىدىكى ئىنگلىزچە تېز كۇنۇپكىغا ماس ئۇيغۇرچە ھەرپ بولسا شۇ پېتى ئېلىندى.
2- باشقا تېز كۇنۇپكىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالمىغان ئەھۋالدا سۆزنىڭ بىرىنچى ھەرپى ئېلىندى )ئا ئە ئو دېگەندەك ھەمزىلىك ھەرپلەرنىڭ ھەمزىنىڭ ئارقىسىدىكى ھەرپ ئېلىندى(.
يۇقىرىقى تەرجىمە ۋە تېز كۇنۇپكىدا ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى ئىشلىتىش تېخى تۇنجى قېتىملىق سىناق بولغانلىقى ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپ پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئېلىپبەلىك يېزىق ئىشلىتىدىغان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز يېزىقىدىكى ھەرپلەرگە تېز كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرغان شۇنداق بولغاچقا Firefox يۇمشاق دېتالىنىڭ تىل ھۆججىتىدە تېز كۇنۇپكىنى ئۇيغۇرچە ھەرپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشىنى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپ پۈتتۈردۈم، تەپسىلىي كۆزەتسەڭلار يەنە بەزى كۇنۇپكىلارنىڭ تېخىچە تىرناق ئىچىدە ئىنگلىزچە ھەرپلەر بىلەن تېز كۇنۇپكا ئىپادىلەنگەنلىكىنى بايقايسىلەر.

تۆۋەندىكىسى Firefox نىڭ ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈش سۈرەتلىرى

[IMG]http://i709.photobucket.com/albums/ww98/SahranPhoto/Firefox3/firefox01.jpg[/IMG]

[IMG]http://i709.photobucket.com/albums/ww98/SahranPhoto/Firefox3/firefox02.jpg[/IMG]

[IMG]http://i709.photobucket.com/albums/ww98/SahranPhoto/Firefox3/firefox03.jpg[/IMG]

[IMG]http://i709.photobucket.com/albums/ww98/SahranPhoto/Firefox3/firefox04.jpg[/IMG]

[IMG]http://i709.photobucket.com/albums/ww98/SahranPhoto/Firefox3/firefox05.jpg[/IMG]

[IMG]http://i709.photobucket.com/albums/ww98/SahranPhoto/Firefox3/firefox06.jpg[/IMG]

يېزىلغان: پەيشەنبە دېكابىر 04, 2008 8:49 am
تەرىپىدىن يوللانغان Sahran
Firefox توركۆرگۈگە ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈش ھۆججىتىنى قاچىلاش ئۇسۇلىنى [url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=394[/url] تېمىدىن كۆرۈڭ: تۆۋەندىكىسى ئەڭ يېڭى ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتى ۋە كۆرۈنۈش ئالماشتۇرۇش دېتالى

[url=http://web.bilik.cn//sahran/soft/Firefox%203-ug.zip]Firefox نىڭ ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتى[/url]

[url=http://releases.mozilla.org/pub/mozilla.org/addons/1333/quick_locale_switcher-1.6.7.1-fx+mz+tb+sb+sm.xpi]Firefox نىڭ يېزىق كۆرۈنۈشىنى ئالماشتۇرۇش دېتالى[/url]

يېزىلغان: پەيشەنبە دېكابىر 04, 2008 1:26 pm
تەرىپىدىن يوللانغان gheyret
مۇبارەك بولسۇن، بۇ قېتىم خېلى كۆپ خاتالىقلار تۈزىتىلگەندەك قىلىدۇ. ئالدىنقى قېتىم بىر قىسىم Menu لارنى چەكسەم خاتالىق چىقىۋالغان ئىدى، بۇ قېتىم تېخى بايقىمىدىم.
داۋاملىق يېڭىلاپ تۇرۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

كۆپ رەھمەت

يېزىلغان: جۈمە دېكابىر 05, 2008 6:07 am
تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k
مەنمۇ ئۇيغۇرچە قىلىۋالدىم، لىكن تاللاش تۈرلىرى دىئالوگ رامكىلىرىدىكى خەتلەرنىڭ خەت نۇسخىسىنى UKIJ Tuz Tomغا توغىرلايدىغان جاينى تاپالدىم. نەدىن توغىرلايدىغاندۇ؟

يېزىلغان: جۈمە دېكابىر 05, 2008 10:23 am
تەرىپىدىن يوللانغان Awral
مەنمۇ ئۇيغۇرچە قىلىۋالدىم، لىكىن Firefox نىڭ ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈش ھالىتى سىز رەسىمدە كۆرسەتكەندەك ئوڭدىن سولغا بولماي ، سولدىن ئوڭغا بولۇپ قالدى، ھەمدە ئۇيغۇر تور بىكەتلەرنى ئاچقاندا بەت سىيرىلما كالتىكى ئاپتوماتىك سولغا توغۇرلانماي يەنىلا ئوڭ تەرەپتە تۇرىدۇ. بۇنى قانداق ئوڭشايدۇ ؟ تەڭشەيدىغان يىرىنى تاپالمىدىمغۇ ؟

يېزىلغان: شەنبە ئاپرىل 25, 2009 10:27 am
تەرىپىدىن يوللانغان Apple
نېمىشقا ھازىرغىچە firefox نىڭ باش بېتىدىن بىۋاستە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بار firefox نى چۈشۈرگىلى بولمايدۇ؟

يېزىلغان: چارشەنبە ئىيۇل 28, 2010 2:36 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin
ھازىر ئوتتۈلكىنىڭ 3.6 نەشىرى چىقتى. ئۇيغۇرچە تىل بولاقچىسى قانداق بولدىكىن؟ قانداق ئۇچۇرلار بار؟ ساھران ئەپەندىمنى ساقلاۋاتىمىز. :)

يېزىلغان: پەيشەنبە ئىيۇل 29, 2010 12:36 pm
تەرىپىدىن يوللانغان gheyret
[url]https://launchpad.net/~ubuntu-l10n-ug[/url] دىن خېلى جىق سىستېمىلارنىڭ تەرجىمە رايونىغا كىرەلەيسىز.

يېزىلغان: چارشەنبە سېنتەبىر 22, 2010 5:36 pm
تەرىپىدىن يوللانغان adil
مەن Ubuntu Linux تا Firefox 3.6 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۇشۇرگەنتىم لىكىن ئۇنى يەشكەندىن كىيىن چىققان ھۆججەتلەرنى نەگە كۆچۈرۈشنى بىلەلمدىم. مۇشۇنىڭغا بىر يول كۆرسەتسەڭلار! 3.5 نىڭ xpi ھۆججىتىنى 3.6 دە قوللىمايدىكەن. 3.6 نىڭ xpi ھۆججىتى ھەم يوقكەن. بولسا شۇ xpi ھۆججىتىلا قوشۇپ قويۇلسا بەك ياخشى بولاتتىكەن. ھىلىمۇ تەڭ تەرجىمە قىلىپ كىلىۋاتقىنىڭىزنى كۆرۈپ ناھايىتى خوش بولدۇم. رەھمەت! ئاللاھ ئەجرىڭىزنى يەردە قويمىغاي!