يانفۇن كىتابلىرى ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆز

بۇ سەھىپىگە كومپىيۇتېر ۋە كومپىيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان ۋە ھېس قىلغان مەسىلىلەر ھەققىدىكى مۇلاھىزە، مۇھاكىمە خارەكتېرلىك ئەسەرلەر قويۇلىدۇ.
Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يانفۇن كىتابلىرى ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆز

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » شەنبە ئىيۇل 17, 2010 5:27 pm

[size=4]مەن بۇ يازمامدا نېمە ئۈچۈن يانپۇن كىتابى ياسايمىز، ھازىر قانداق ياسىلىۋاتىدۇ ۋە قانداق ياسىشىمىز كېرەك دېگەن مەزمۇنلاردا كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.

يانپۇن كىتابى قاچاندىن باشلاپ بارلىققا كەلدى بىلمەيمەن، ئەمما ماڭا بۇنداق بىر كىتابقا بولغان ئىھتىياج تۇغۇلغىلى بىرقانچە يىل بولۇپ قالدى، سەۋەپ مۇنداق:
تور بەتلەرگە كىرگىنىمدە گەرچە كۆڭۈل ئېچىش خەرەكتىرىدىكى كۆرگۈلۈكلەرگە بىرىلمىسەممۇ، مەن كۆرىۋاتقان توربەتلەردىكى ئىسىل يازمىلارنىڭ كۆپلىكىدىن ۋاقىت يېتىشتۈرۈپ بولالمايدىغان چاغلىرىم كۆپ بولاتتى، بەزى يازمىلارنىڭ ھەجىمىنىڭ كۆپلىكىدىن تور يۈزىدە باشتىن ئاياغ ھەممىنى كۆرۈپ، بارلىق ۋاقتىمنى ئۇنىڭغا سەرپ قىلىشنى خالىمايتىم، تور ئالدىدا ئولتۇرغاندا بىرلا يازمىنى ئەمەس، قىسقا - قىسقا يېزىلغان كۆپرەك بىرنەرسىلەرنى كۆرىۋىلىشنى ئىستەيتىم. شۇڭا ھەجىمى جىق، مەزمۇنى ياخشى يازمىلارنى ساقلاپ قويۇپ كىيىن كۆرۈشكە قالدۇراتتىم، بىراق، بۇنداق نىسيىلىك بارغانچە كۆپۈيۈپ، ھىچ بىرى كۆرۈلمەيلا كومپيۇتېرىمدىن يوقاپ كىتەتتى، ياكى ئەستىن كۆتۈرىلىپ كىتەتتى، يەنە يېڭى - يېڭى نىسى كۆرۈنمىلەر كۆپۈيۈپ ماڭاتتى، ھەرقىتىم ئاشۇ يازمىلارنى كۆرگىلى كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا كەلگىنىمدە، پۇستانى تورنى ئېچىپ باقايچۇ؟ قانداق يېڭىلىق باركىن؟ شۇلارنى كۆرۈۋىتىپ ئاندىن كومپيۇتېرىمدىكى ساقلاپ قويغىنىمنى كۆرەي دەپ تور دۇنياسىغا ئېلنىشىپ قىلىپ، ياندىكى «موللام»غا قاراشقا پۇرسەت تاپالمايتىم، كومپيۇتېرنىڭ يېنىدا بولمىغاندا ئۇ يازمىلارنى كۆرۈشكە تېخى ئىمكان بولمايتى، ھەممىنى قەغەزگە بېسىۋىلىپ كۆرۈشكىمۇ ئىمكان بولمايتى، مانا مۇشۇنداق سەۋەپلىك كومپيۇتېرسىزمۇ كۆرۈشكە بولىدىغان بىرەر چارە تېپىشنى ھەمىشە ئويلاپ قالاتتىم، ئەقلى تېلىفۇندا شۇنداق ئىمكانىيەتلەرنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مەقسىدىم ھەل بولغاندەك بولدى، دېمەك يانپۇن كىتابىنى ئەنە شۇنداق مەقسەتتە ياسايدىكەنمىز. يىنىمىزدا كومپۇتېر بولمىغان شارائىتتا، ئۇزۇن ئۆچۈرەتلەردە، باشقىلارنىڭ يولىغا قاراپ كۈتۈشلەردە، ئاپتوموبىللار بىلەن يىراق سەپەرگە ماڭغاندا، چىراق يوق قاراڭغۇ كىچىلەردە يانپۇن كىتابىنى ئوقۇش تولىمۇ قولاي ۋە ھوزۇر بىرىدىكەن، ئەنە شۇنداق مەقسەتلەردە يانپۇن كىتابىي ياسىساق كېرەك.

تېلېپۇنۇمغا ئۇيغۇر يېزىقىنى تونۇتالمىغاندىن كېيىن يېزىق تونۇتۇشقا ھاجەت بولمايدىغان يازمىلارنى كۆرۈش ئىستىكىدە [url]http://uyphone.com/down/list/70_1.html[/url] دەك تور بەتلىرىدىن بىرقانچە يانپۇن كىتابلىرىنى چۈشۈرۈپ كۆرۈۈپ باقتىم، كىتابنىڭ يانپۇنۇمدا نورمال ئوقۇغىلى بولغىنىدىن خۇرسەن بولسام، بىرقىسىم كىتابلارنىڭ سۈپىتىدىن كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى، ئىملانىڭ توغرا بولىشىغا ئىتىبار بېرىلمەيلا قالماستىن، كىتابنىڭ سۈپىتىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس. كىتابنى باشقىلار بەھرى ئالسۇن دەپ جاپا تارتىپ تۈزۈپ، ئۇنىڭ ئىملاسىغا، سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىلمىسە، بۇ قانداقمۇ كىتاب بولسۇن؟ كىچىك بالىنىڭ مەشق دەپتىرىنى كىتاب دېۋالغاندەكلا ئىش ئەمەسمۇ؟ ئانا تىلىمىزغا ھۆرمەتسىزلىك ئەمەسمۇ؟ ھازىر يۇمتاللاردا ھەرخىل ئېلكىتابلارنى ياساش ئومۇملىشىۋاتىدۇ، كىتابلارنىڭ سانى كۆپۈيىۋاتىدۇ، ئەمما سۈپەت نازارەتچىلىكى بولمىغىنى ئۈچۈن، ئۆلچەمسىز «كىتاب»لار كىتابچىلىقىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا پايدىسىز بولىۋاتىدۇ، كەڭ كىتابچىلىرىمىزنىڭ بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىنى، ساننى ئەمەس، سۈپەتنى قوغلىشىنى، سۈپىتى ياخشى بولمىغان، ئىملاسىغا ئەھمىيەت بەرمىگەن «كىتاب»لارنى تور بەتلەردە تارقاتماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن.

ياسالغان كىتابلاردىن قانائەت ھاسىل قىلمىغىنىم ئۈچۈن، مەنمۇ بىر ياساپ باقمايمۇ دېگەن ئوي بىلەن نەچچە پارچە «كىتاب» ياسىدىم، ياسىغانلىرىمنى تېلپۇنۇمدا تەكرار سىناق قىلىپ، ئاخىرى بىر «قېلىپ»نى تۇرغۇزىۋالدىم، شۇ قېلىپ بويىچە ياسىغان كىتابلىرىمنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا بەرگەن ئىدىم ياخشى چىققانلىقىنى ئېيتىشتى، باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن كىتاب ياساش ئۇسۇلۇمنى سۆزلەپ بېرەي.

[color=Blue]1- توردىكى ياخشى يازمىلارنى كوپيۇتېرغا چۈشۈرۋىلىش ئۇسۇلى.[/color]
بەزى توربەتلەردە يازمىلارنى تورسىز ئادەم ئوقۇيالمىسۇن دەمدىكىن، كۆچۈرۋىلىش چەكلەنگەن ئىكەن، مەن كۆچۈرۋىلىش چەكلەنگەن بولسۇن ياكى چەكلەنمىسۇن، كۆچۈرمەكچى بولغان يازمىنىڭ ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ، ۋوردنى ئېچىپ، ۋوردنىڭ ھۆججەت ئېچىش كۆزنىكىدىكى ھۆججەت ئىسمى يازىدىغان جايغا يازمىنىڭ ئادىرىسىنى چاپلاپ بولۇپ، 打开 نى ئىجرا قىلدۇرسام، ئۇ يازما ياۋاشلىق بىلەن كومپيۇتېرىمنىڭ ۋورد سۇپىسىدا نامايەن بولىدۇ.

[color=Teal]2- يازمىلارنى تەھرىرلەش ۋە بەت ياساش ئۇسۇلى.[/color]
1) كومپيۇتېرىمغا چۈشكەن بۇ ئولجىنى ئالدى بىلەن doc ھالەتتە ساقلاتقۇزىمەن، ئاندىن ئارتۇق چۈشىۋالغان بەت ئۈستىدىكى، ئاستىدىكى ھەرخىل قاشقىلىرىنى بىر - بىرلەپ ئۆچۈرۈپ تاشلايمەن. ۋوردنىڭ تىزىملىك ئىستونىدىكى (格式(Oنىڭ ئەزالىرىدىن (样式和格式(Sنى پەرمان - بەردار ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويۇپ، Ctrl+A ئارقىلىق يازمىنى تولۇق تاللاپ، 样式和格式 چەپراس تۇرىۋاتقان ئوڭ تەرەپ كۆزنەكتىكى 清除格式نىڭ خىزمىتىنى ئىشلەتكۈزىۋىتىمەن، بۇ جەرياننى بېسىشىمدىكى سەۋەپ تور بەتلەردىن چۈشۈرۈلگەن يازمىلاردا ئابزاس ئايرىلغاندا ئىككى ئابزاسنىڭ ئارىلىقىدىكى بوش قۇر زىيادە كەڭ، بەزى بەتلەرنىڭ قۇر ئاخىرىغا بىر قۇر خەت كىلىش ئىمكانىيىتى بولسىمۇ بوش قويۇپ قويىدىغان ئەھۋاللار بەك ئەۋارە قىلىۋەكەن ئىدى، xjcfan.com دىكى ئۇستازلارنىڭ تەلىمى بىلەن بۇ ھۈنەرنى ئۆگىنىۋالدىم.
2) يازمىنىڭ خەت شەكلىنى بىردەك ئەلكاتىپ تور توم ياكى ئۇ ك ئى ج تۈز تومغا كەلتۈرۈپ، خەت چوڭلىغىنى 18كە توغۇرلايمەن. بەت شەكلىنى ئوڭدىن سولغا، بەت يۈزىنى (格式(Oنىڭ ئىككىنجى قۇردىكى ئەزاسىنىڭ 对齐方式 سىنى 低度调整غا توغۇرلايمەن.
3) تور بەتلەردىكى قۇر يۆتكەش بىلەن ۋوردتىكى قۇر يۆتكەش بەلگىسى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، توربەتنىڭ قۇر يۆتكەش بەلگىسىنى ۋوردنىڭ قۇر يۆتكەش بەلگىسىگە ئۆزگەرتمىگەندە ئابزاس ئاخىرىدىكى قۇرنىڭ ھەرپلىرى زىيادە سوزۇلۇپ كېتىپ بەتنمىڭ كۆركەملىكىگە، ئوقۇشقا نۇقسان يەتكۈزۈپ قويىدىكەن، شۇڭا ۋوردنىڭ تىزىملىك ئىستونىدىكى (编辑(Eنىڭ ئەزالىرىدىن (替换(Eنى ئەۋارە قىلىپ، (1) l^نى p^گە ئالماشتۇرغۇزىۋىتىمەن- دە، بارلىق تىك شەكىللىك قۇر ئالماشتۇرۇش بەلگىسى يانتۇ شەكىللىك بەلگۈگە ئايلىنىدۇ، (2) ئۇنىڭدىن كېيىن ئالماشتۇرۇش كۆزنىكىنى يەنە مۇنداق بىرقانچە ئىشقا ئىشلىتىمەن، يېزىق كىرگۈزىشنى ئېنگىلىزچە ھالەتكە توغۇرلاپ قويۇپ، ئالماشتۇرۇلماقچى بولغان ئوبىكىت كۆزنىكىگە سىزىقچە «-»نى كىرگۈزىمەن، ئالماشماقچى بولغان ئوبىكىت كۆزنىكىگە يېزىق كىرگۈزىشنى ئۇيغۇرچە ھالەتكە توغۇرلاپ قويۇپ، سىزىقچە «-»نى كىرگۈزۈپ ئالماشتۇرغۇزسام، قۇر بېشىغا ئۆتىۋالغان سىزىقچىلارنىڭ ھەممىسى رەقەمنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ، قۇر بېشىدا ئەسلىدە بولۇشقا تىگىشلىك رەقەملەر ئۆز جايىنى تاپىدۇ. (3) توربەتلەرگە قارايدىغان بولساق بەزىلەرنىڭ يوللانمىسىدا پەش، چىكىت، تىرناقلەرنىڭ ئورنى بىلەن بوش ئورۇننىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، پەش، چىكىت، تىرناقلەر كىينكى سۆزگە چاپلىشىپ كىلىپ، ھەتتا بۇ بەلگىلەر قۇرنىڭ بېشىغا كىلىۋالىدىغان ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىمىز، بۇمەسىلىنىمۇ ھەل قىلىش ئۈچۈن يۇقۇرىدىكى ئۇسۇلنى قوللۇنۇپ، خەت كىرگۈزگۈچنى ئۇيغۇرچە ھالەتكە توغۇرلاپ قويۇپ، 1- كۆزنەككە ئالدى بىلەن بىر بوش ئورۇننى قويىۋىتىپ، ئاندىن مۇناسىبەتلىك تىنىش بەلگىسىنى كىرگۈزىمەن، ئاستىدىكى كۆزنەككە ئالدى بىلەن 1- كۆزنەككە كىرگۈزگەن تىنىش بەلگۈسىنى كىرگۈزىۋىتىپ، ئاندىن بىر بوش ئورۇننى قويۇپ، بارلىق خاتا ئورۇندا تۇرىۋالغان بوش ئورۇنلارنى تىنىش بەلگۈسىنىڭ كەينىگە يۆتكەتتۈرىۋىتىمەن. بۇ يەردە يەنە تەكرار خاتا يېزىلغان سۆزلەر بولسا مۇشۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىپ، توغرا سۆزگە ئالماشتۇرغۇزىۋىتىمەن، مەسىلەن «دەرىس»نى «دەرس»كە.
4) بارلىق مەزمۇنلارنى باشتىن - ئاخىر تەپسىلى ئوقۇپ چىقىمەن، بۇ جەرياندا ئىملادا كەتكەن يەر بولسا تۈزىتىمەن، ئوخشاش بىر سۆزدە خاتالىق تەكرار كۆرۈلسە يۇقۇرىدىكى ئۇسۇل ئارقىلىق تۈزەتكۈزىمەن، يازمىلاردىكى چوڭ كىچىك ماۋزۇلارنى دەرىجىسى بويىچە بوياپ ماڭىمەن، ئەركىن سىدىق ئەپەندىمنىڭ ماقالىلىرىغا ئوخشاش بەزى يازمىلاردا ئىزاھات بېرىش ئىھتىياجى بىلەن بېرىلگەن ئېنگىلىزچە سۆزلەرمۇ بىزنىڭ يېزىقىمىزغا ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئەھۋاللار ئۇچراپ قالىدۇ، بۇنى ئىمكان قەدەر ئەسلى ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويىمەن، بۇ باسقۇچتا يازمىنىڭ مەزمۇنىدىن كۆرە يېزىق ھالىتىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىمەن.
5) يۇقۇرىدىكى تەييارلىق خىزمەتلەر ئەستايىدىللىق بىلەن تولۇق پۈتكەندىن كېيىن، خەتنىڭ كەڭلىگىنى ۋوردنىڭ فورمات ستونىدا Aنىڭ بېقىنىدىكى تاللاش تىزىملىكىدىن %82گە توغۇرلايمەن، ئىزاھات خاراكتىرلىك سۆز ياكى ئېنگىلىزچە سۆزلەر بولسا ئۇنى ئىھتىياجقا قاراپ %30گىچە تار ھالەتكە كەلتۈرىمەن، قۇرلارنىڭ كەڭلىگىنى (格式(Oنىڭ ئىككىنجى قۇردىكى ئەزاسىدىن (行距(Nنى 固定值گە توغۇرلاپ، قىممىتىنى 22 قىلىمەن، بەت شەكلىنى 文件دىكى 页面设置 ئارقىلىق، ئاستى-ئۈستى، ئوڭ-سوللاردىن قالدۇرىدىغان گىرۋەكنىڭ قىممىتىنى 0.3厘米 كە ئۆزگەرتىمەن، بەتنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى تەڭشىگەنسدە كەڭلىگىنى 8厘米گە، ئىگىزلىكىنى 9.3厘米كە توغۇرلاپ بولۇپ، مۇقىملاشتۇرىمەن.
6) ياسالغان ئالقانچىلىك بەتلەرگە قايتىدىن نەزەر سېلىپ، بايا بوياپ قويغان ماۋزۇلارنىڭ رەڭگى، خەتنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، نۇسخىسى قاتارلىقلارنى تەڭشىگەندىن كېيىن، بەت ئاستىدىكى ئاىىرقى قۇرغا ماۋزۇلا كىلىپ، بىرەر قۇرمۇ مەزمۇن بولمىغان بولسا، ماۋزۇ تۆپىدىكى مەزمۇنلاردىن بىرەر ئارتۇق سۆزنى ئېلىۋىتىش ياكى كەڭلىك پىرسەنتىنى %82دىن %78گە قەدەر %1 دىن قىسقارتىش ئارقىلىق ئامال قىلىپ، ماۋزۇ ئاستىغا بىرەر قۇر مەزمۇن كەلتۈرگۈزىمەن. ئەڭ ئاخىرىدا توربەتنىڭ نامىنى قىستۇرىمەن.

[color=Red]3- يانپۇن كىتابى ياساش[/color]
يۇقۇرىدىكى تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن [url]http://xjcfan.com/a/Down/2010/0511/850.html[/url] دە ئوتتۇرغا قويغان ئۇسۇل ئارقىلىق مىنۇت ئىچىدە بىر كىتابنى تەييارلاپ بولىمەن.
بۇنداق ياسالغان كىتابنىڭ خەتلىرى چوڭ، كۆركەم چىقىدىكەن، بىر بەتكە 11 قۇر، بىر قۇرغا 2دىن 5كىچە سۆز سىغىدىكەن. چوڭ - كىچىك يانپۇنلارنىڭ ھەممىسىگە ئاساسەن ماسلىشىدىكەن.

[color=Magenta]4- كىتابگاھ[/color]
بۇ ياسىغان كىتابلىرىمنى ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى ۋە ئىھتىياجى بارلارغا سۇنۇش ئۈچۈن بىر ئىشەنچلىك ھەقسىز بوشلۇق لازىم بولىۋاتىدۇ، قىرىنداشلىرىمىزنىڭ سىناقتىن ئۆتكەن بوشلۇقلارنى تەۋسىيە قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.


[color=Purple]5. مەن ياسىغان كىتابلار[/color]
[url]http://erturk.cn[/url]، [url]http://www.meripet.org[/url]، [url]http://www.uyghurlar.tv[/url]، [url]http://uyghuracademy.com[/url]لاردا يېقىندىن بىرى ئېلان قىلىنغان يۇقۇرى سەۋىيىلىك، ساغلام ماقالا ۋە رۇمانلاردىن ئىبارەت ئىدى. بوشلۇققا ئىرىشسەم بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمەن.

ئۇستازلارنىڭ ئالدىدا ئارتۇق سۆزلەپ قويغان بولسام كەچۈرگەي، كەم سۆزلەپ قويغان بولسام تولۇقلاپ بەرگەي، خاتا سۆزلەپ قويغان بولسام، تەنقىت ۋە كۆرسەتمە بەرگەي.

ئەسكەرتىش: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەت يازغان «كاۋاپچىنىڭ ئايالى» دېگەن رۇماننى ئىشلەپ بولغان ئىدىم، ئاپتۇرنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالاقىلىشالمىدىم، كىۇ-كىۇسىغا سۆز قالدۇرسام جاۋاپ بولمىدى، ئالاقىلىشالايدىغانلار بولسا ماڭا ۋاكالىتەن ئالاقىلىشىپ بەرگەن بولساڭلار، كىۇ-كىۇرىمغا ئاپتۇر ئۆزى ئۇچۇر قالدۇرغان بولسا.[/size]
«توغرىسى» يانفۇنمۇ؟ يانپۇنمۇ؟ سۈرۈشتە قىلماستىنلا يانپۇن دەپ ئېلىۋەتتىم. (ساپ ئۇيغۇرچە سۆزدىن بىرسىگىمۇ پايدىسى تەگمەيدىغان بىر ھەرپ بولسىمۇ بارا - بارا كونۇپكىدىن ئازلامدىكىن دەپ:lol )

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Bidar-Qutlan ، ۋاقتى: 2010-7-17 23:58 [/i]]



Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » شەنبە ئىيۇل 17, 2010 6:44 pm

تۆۋەندە بىرقان چە بوشلۇقنى تەۋسىيە قىلاي.
[url]http://www.isendr.com[/url] تىزىملىتىش بىھاجەت، ساقلاش ۋاقتىنى 30 كۈن بولىشى مۇمكىن. ئىشلىتىش ئۇسۇلى [url]http://www.intil.biz/bil/show.asp?id=1608[/url]
بۇ يەردىكى تور دىسكىلىرىنىڭ ساقلاش مۇددىتى ئۇزۇنراق. قىسقىسىنىڭ 60 كۈن
[url]http://xj-idc.com/html/mail/index.htm[/url]
[url]http://www.namipan.com/index.php[/url] دا ئۇزۇن تۇرۇدۇ، چۈشۈرۈش قورالى كىتىدۇ
[url]http://www.qupan.com[/url] نىڭدا ئۇزۇن تۇرۇدۇ، چۈشۈرۈش قورالى كەتمەيدۇ.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » شەنبە ئىيۇل 17, 2010 6:50 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Bidar-Qutlan[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-17 23:27 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2741&ptid=564][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
«توغرىسى» يانفۇنمۇ؟ يانپۇنمۇ؟ سۈرۈشتە قىلماستىنلا يانپۇن دەپ ئېلىۋەتتىم. (ساپ ئۇيغۇرچە سۆزدىن بىرسىگىمۇ پايدىسى تەگمەيدىغان بىر ھەرپ بولسىمۇ بارا - بارا كونۇپكىدىن ئازلامدىكىن دەپ )
[/quote]
ھەرىپ ئازلىتىدىغان جاي مۇۋاپىق بولسۇن، ئىجات قىلغۇچىلار Fun دەپتىكەن بىزمۇ فۇن دەيلى « ف » ھەرىپى يوقاپ كەتمىسۇن. ( ژ نى ئۇنتۇپلا قېلىۋاتقىنىمىزدەك)

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » شەنبە ئىيۇل 17, 2010 6:57 pm

مۇنازىرە باشقا ياققا بۇرىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بۇ يەردە ژ ۋە ف لار ئۈچۈن ئارتۇق گەپ قىلغىم يوق. مۇمكىن بولسا بۇ ھەقتە ئايرىم تىما ئاچايلى.

koktash
يازمىلار: 54
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 31, 2007 5:37 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان koktash » يەكشەنبە ئىيۇل 18, 2010 8:32 am

ياخشى تېما ئىكەن. يانفون كىتابلىرىنى ياساش ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن!
زىيادە بولسىمۇ قوشۇپ قويىدىغان كۆز قارشىم ئىنتىل ئەپەندىنىڭكى بىلەن ئوخشاش. «ف» ھەرپى تۈركىي تىللار دىۋانىدىمۇ تىلغا ئېلىنغان. بۇ ھەرپ تۈرك تىللىرىدا ئەسلىدىنلا بار تاۋۇش. شۇڭا بۇنى « ئۇيغۇرچە تەلەپپۇزغا توغرا كەلمىدى» دەپلا ئېلىۋېتىش ياكى چەتكە قېتقىش خاتا.
«ھازىرقى زامان ئەدەبىي تىلى»مۇ دەل ئەسلىي ئىملانى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، غۇلجا ۋە ئۈرۈمچى شىۋىسىغا تاقاپلا تۈزۈلگەن ئەدەبىي تىلدىن ئىبارەت. ئەينى ۋاقىتتىكى «چاغاتاي تىلى» شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ئورتا ئاسىياغا ئورتاق تىل ۋە ئورتاق يېزىق بولۇپ شەكىللەنگەن، ھەتتا ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيەلەرگىچە تەسىرى بولغان. لېكىن ھازىرچۇ، ھەممە تۈركىي مىللەت ئۆز شىۋىسى بويىچە ئىملا لايىھەلەپ، بىر-بىرىنىڭ خېتىنى ئوقۇيالمايدىغان ھالەتكەن كېلىپ قالدى. ئەگەر شىۋە بويىچە يەنە داۋاملىق بۆلۈشكە توغرا كەلسە،ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىنى يەنە 10 نەچچە تىلغا بۆلىۋېتىشكە بولىدۇ.
تىل- تەرەققىياتىنىڭ كاپالىتى شۇكى، ئىملانى شىۋىگە ئاساسەن ئۆزگەرتمەسلىك. مېنىڭچە بولسا، بارلىق تۈركىي مىللەتلەر ئەسلىدىكى چاغاتاي ئاساسىدىكى ئىملاغا كۆچسەك ئەڭ ياخشى بولاتتى (تېمىدىن سىرت گەپ قىلىپ قويدۇم، كەچۈرۈڭ).

«يانفون كىتابى»نى ئىخچاملاشتۇرۇپ مۇنداق ئاتىساق قانداق بولار؟
تېلېفوننىڭ ھازىر خەلقئارادا (بولۇپمۇ ئىنگلىزچىىدا) «فون» (Phone) دەپلا ئاتايدۇ، «كىتاب»نى قەدىمكى تۈركچىدە «پۈتۈك» دەپ ئاتايدىغانلىقى غۇۋا ئىسىمدە بار. شۇڭا بۇنى «فون پۈتۈك» دەپ ئاتىلساق قانداق بولۇر؟

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » يەكشەنبە ئىيۇل 18, 2010 9:22 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم كۆپچىلىك. بىدار قۇتلان ئەپەندىمنىڭ ئىزدەنگىنىگە تەشەككۈر،
سىزدەك سۈپەت ۋە توغرا بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغان كشىلەر بۇ يانفۇن كىتابلىرى ئىشلىرىغا ئەجىر سىڭدۈرسە ھەممىز خۇشال بۇلىمىز ئەلۋەتتە.
ئەگەر خالىسىڭىز بىر نەچچە كۈن بۇرۇن بىرسىدىن سېتىۋالغان [ئېلكىتاب] نامىدىكى تور نامىنى سىز ئۈچۈن ماڭدۇرۇپ بىرىشكە تەييارمەن. ئەنگە ئالدۇرۇش ۋە بوشلۇق قاتارلىقلارنى تەييار قىلىپ بۇلۇپ سىزگە تەمىنلەيمەن. ئەگەر بۇلىدۇ دەپ قارىسىڭىزلا.

koktash
يازمىلار: 54
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 31, 2007 5:37 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان koktash » يەكشەنبە ئىيۇل 18, 2010 10:27 am

بارىكاللا، ئەلتېكىن ئەپەندى!
مۇشۇنداق بىرسىمىز باش، بىرسىمىز قول چىقىرىپ ھەمكارلاشساق، ئىشلىرىمىز ئۇتۇقلۇق بولغۇسى!!!

serqut
يازمىلار: 6
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە يانۋار 11, 2008 5:24 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان serqut » يەكشەنبە ئىيۇل 18, 2010 11:40 am

يانفون دېتاللىرى ۋە يانفون ئېلكىتابلىرىغا مەنمۇ بەك قىزىقىمەن. قۇتلان ئەپەندىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرىگە ئاپىرىن!

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » دۈيشەنبە ئىيۇل 19, 2010 7:35 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Eltekin[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-18 15:22 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2758&ptid=564][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم كۆپچىلىك.
ئەگەر بۇلىدۇ دەپ قارىسىڭىزلا.[/quote]
ۋەئەلەيكۇم ۋەسسالام ھەممىڭلەرگە.

بولىدۇ.

pengiyar
يازمىلار: 14
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئىيۇل 23, 2010 5:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان pengiyar » جۈمە ئىيۇل 23, 2010 6:19 am

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم بىداركا، ئۇزۇن بولدى ئالاقىلاشمىغىلى، بىز ئەسلى ئالاقە قىلىپ باققان، لېكىن مەن ھازىر توردىكى ئىسمىمنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىم ئۈچۈن سىز بەلكىم مېنى تۇنىيالمايسىز، مەن ئىلگىرىكى بىلىك مۇنبىرىدىكى azghun23 بولىمەن. سىزنىڭ مۇنۇ يازمىڭىزنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم، ناھايىتى تەپسىلىي يېزىپسىز، پۇرسەت بولسا بۇنىڭ رەسىملىك چۈشەندۈرۈلۈشىنى يېزىپ قالدۇرساق باشقىلار تېخىمۇ ئاسان بىلەلەمدىكىن دەيمەن. ئەگەر سىزنىڭ بۇنىڭغا ۋاقتىڭىز يەتمىسە ۋاقتىم چىققاندا مەن سىزگە ۋاكالىتەن ئىشلەپ قوياي (لېكىن قاچان ۋاقتىم چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلالمايمەن) سىز ئېلكىتابنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا ياخشى توختىلىپسىز، مەنمۇ بۇنى كۆپ تەكىتلەپ كەتتىم، خېلى ئۈنۈمى بولغان بولسىمۇ لېكىن بەزى ھەۋەسكارلىرىمىز زادى بۇنىڭغا دىققەت قىلماي سەندىن مەن قالامدىم دەپ سۈپەتكە دىققەت قىلماي، شۇ سانننىلا قوغلىشىپ كىتاب ياساپ تارقىتىۋاتىدۇ. بىز چوقۇم بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.
ئەمدى سىزگە كېرەكلىك بولغان بوشلۇق مەسىلىسىگە كەلسەك، مەن ئۇزۇندىن بېرى ئىزچىل سىناق قىلىشتىن ئۆتكەن بوشلۇقلارنى تەۋسىيە قىلاي:
[url]http://good.gd/[/url] بۇ ناھايىتى ئىشەنچلىك بوشلۇق (ئىشقىلىپ مەن ئىشلىتىپ كۆرگىلى بىر يىلدىن ئاشتى، ئابرال ئىلكىتابلىرىمۇ مۇشۇ يەردە، ئابرال ئەپەندىمۇ ئىزچىل مۇشۇ بوشلۇقنى ئىشلىتىدۇ.) سىزنىڭ يەككە ھۆججىتىڭىز 20MB دىن ئېشىپ كەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا بۇنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
[url]http://www.rayfile.com/zh-cn/[/url] بۇمۇ ناھايىتى ئىشەنچلىك، مەن ئىشلىتىپ كۆرگىلى 3-4 يىل بولۇپ قالدى، لېكىن بۇ بوشلۇقنى ئىشلىتىش ئۈچۈن چوقۇم ئۇنىڭ قىستۇرمىسىنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھۆججەتلىرىڭىز بەك چوڭ بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
[url]http://ishare.iask.sina.com.cn/[/url] بۇ سىنا تورىنىڭ بوشلۇقى، مەن ھازىر ئەڭ ياقتۇرۇپ قالغان بوشلۇق، يەككە ھۆججەتكە بولغان چەكلىمىسى 50MB، لېكىن ھۆججەتكە تەستىق تۈزۈمىنى يولغا قويغان، ئىشەنچلىك بوشلۇق. [url]http://iask.sina.com.cn/u/1647100324/ish[/url] بۇ يەردە مەن مەزكۇر بوشلۇققا يوللىغان بارلىق ماتىرىياللار بار، مەن سىزنىڭ مۇشۇ بوشلۇقنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئاخىرىدا ئەڭ ئىشەنچىلىك بولغان بوشلۇق مىكروسوفت شىركىتىنىڭ SkyDrive دەپ ئاتىلىدىغان 25GB لىق بوشلۇقى، لېكىن بۇ يەردىن باشقىلار ماتىرىيال چۈشۈرۈشنى تازا بىلىپ كەتمەيدىكەن. لېكىن بۇ بەك ئىشەنچىلىك بوشلۇق، پەقەت سىز بىر تال ئېلخەت ئىلتىماس قىلىسىڭىزلا سىز SkyDrive دىن 25GB ھەقسىز بوشلۇققا ئېرىشىسىز.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار