ULY نى يەنە ئۆگەنمەمسىز؟

بۇ سەھىپىگە كومپىيۇتېر ۋە كومپىيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان ۋە ھېس قىلغان مەسىلىلەر ھەققىدىكى مۇلاھىزە، مۇھاكىمە خارەكتېرلىك ئەسەرلەر قويۇلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

ULY نى يەنە ئۆگەنمەمسىز؟

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » چارشەنبە ئاۋغۇست 04, 2010 12:34 pm

ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى ULY نى QQ توپلىرىدا ھەدەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولساقمۇ ئاز بىر قىسىم يىراقنى كۆرەر تورداشلار بۇنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتىنى تونۇپ يەتتى شۇنداقللا قەدەممۇ قەدەم ئۇ ل ي دا يېزىشقا كۆنۈپ كەتتى ئەمما يەنە كۆپ قىسىم تورداشلار ( بۇنىڭ ئىچىدە بېكەت باشلىقلىرى كۆپ ) يەنىلا قولى قايسى كۇنۇپكىغا ئوڭ كەلسە شۇنى بېسىپ ئۇچۇر يوللاۋاتىدۇ.
تۆۋەندىكى ئۇچۇرلار دەل QQ توپلىرىدىن يىغىلغان بولۇپ بۇنى كۆرسىڭىز ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى ULY نى ئۆگۈنۈش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلماي قالمايسىز؟
دوستۇم سىز يەنىلا ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسىنى، ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى ULY نى ئۆگۈنۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارامسىز؟
[img]http://commondatastorage.googleapis.com/static.panoramio.com/photos/original/38818943.jpg[/img]
ئەلبەتتە ULY ئۇيغۇر يېزىقى ئەمەس بۇ پەقەت ئۇيغۇرچىنى لاتىنچە ئىپادىلەشنىڭ بىر شەكلى. بىزنىڭ ULY نى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشىمىزدىكى مەقسەت، يېزىقتا، ئىپادىلەشتە بىرلىك بولسۇن، ئۇقۇشماسلىقلار يۈز بەرمىسۇن دېگەندىن ئىبارەت.



Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » چارشەنبە ئاۋغۇست 04, 2010 12:39 pm

يۇقارقى رەسىمدىكى ئەھۋال بۇنىڭ تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ. ھەر قايسى بېكەت ئاتامانلىرىمۇ مۇشۇنداق چاقىرىقنى كۆپەيتسە.
بۇ يەرگىمۇ يوللاندى
[url]http://www.intil.biz/home/forum.php?mod=viewthread&tid=252[/url]

majeed
يازمىلار: 67
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 23, 2007 5:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان majeed » پەيشەنبە ئاۋغۇست 05, 2010 2:42 am

ھەر قېىتىم مۇشۇ كىيۇ-كىيۇنى ئاچقىنىمدا ، ئۇنىڭدىن كىلىۋاتقان ئانا تىلىمىزدىكى ئۇچۇرلارنىڭ دەپسەندە قىلىنىپ، پۇچۇق، كەمتۈك، مۈجىمەل ھەرىپلەر بىلەن يېزىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولىدۇ .
كەيپىياتىم ياخشى بولسا، مۇناسىۋاتلىك تور بەت ئۇلىنىشلىرىنى ۋە ئېلىپبە سېلىشتۇرمىسىنى ئىۋەتىپ بېرىمەن ، كەيپىياتىم سەل ناچار بولسا ، ئۇلارنى ساۋاتسىز ، ئانا تىلىمىزنى كۆزگە ئىلمىغۇچىلار، ... دەپ تىللاپ چۈشىمەن،
شۇنىڭ بىلەن بەزىلەر ئۈگىنىشكە بەل باغلايدۇ ( ئەمىلىيەتتە ئۇنى ئۈگىنىش ياش بالىلارغا بىر دەملىك ئىش) .
مىنىڭچە بۇنداق ئىشلارغا چېچىلماي تەربىيە قىلسا ، كۆپىنچە بالىلار قوبۇل قىلىدۇ .
ئاز ساندىكى «يېزىق ئۆزگەرتىش ئوخشايدۇ» دەپ چۈشىنىپ قالغانلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا ، بۇ لاھىيەنى ( يېزىق دەپ تەشۋىق قىلىشنى قوللىمايمەن) ھەممىمىز قوبۇل قىلالايمىز .
شۇنداق بولغان ئىكەن، ئانا تىلىمزىنى بۇزۇپ ئىشلىتىدىغان كىيۇ-كىيۇ ، تور بەت ئىسمى، ماركا ئىسمى، قاتارلىق لاتىنچە يېزىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدىغان جايلاردا ، قايەردە كۆرسەك قاراپ تۇرماي تەشۋىق قىلايلى، ئازغانلارنى توغرا يۈلىنىشكە يىتەكلەيلى.
ھەممە ئىشنى ئەتراپىمىزدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلىساق، ئانا تىلىمىزنىڭ توغرا، چۈشىنىشلىك، ئۆلچەملىك ئىپادىلىنىشگە تۆھپە قوشقان بولىمىز . ئاخىرىدا بۇ ئانا تىلىمىزنى سۆيگەنلىك بولىدۇ ، ئەلبەتتە .

salahidin
يازمىلار: 2
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئىيۇل 29, 2010 4:03 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان salahidin » جۈمە ئاۋغۇست 06, 2010 4:19 am

«تىز ئۇلاش» - مەرھۇم داڭلىق تېڭىقچى سامساق ئاخۇن يادىمغا كەلدى ماۋۇ گەپتىن. :lol ;P
xj - شۇجاڭ، شەنجاڭ. مۇ بار.
uy- كالىنىڭ قاندىغىنى ئۇي دەيدۇ؟

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: salahidin ، ۋاقتى: 2010-8-6 10:20 [/i]]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار