جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

ئاتامانلار: ئۇيغۇر تىلى نامرات تىل ئەمەس

يېزىلغان: يەكشەنبە ئاۋغۇست 08, 2010 2:52 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
« ئۇيغۇر تىلى نامرات تىل ئەمەس » دېسەم باشقىچە ئويلاپ يۈرمەڭ « ئۇيغۇر تىلى سۆزگە ( تىلغا) نامرات ئەمەس» دېمەكچىمەن.
« تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن تارتىپ خەلق داستانلىرى ، ئوقۇسا لېرىك تۇيغۇ بېرىدىغان غەزەللىرىمىزگىچە بىلىدىغان تورداشلار ئالدىدا بۇنى ئىسپاتلاپ پاكىت كەلتۈرۈپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك.
تۆۋەندىكى سۆھبەتكە نەزەر سالىلى:
...
- بۇ قانداق نام بولدى؟
- قانداق؟
- تور نامىڭىزنى ئوقۇسام بىرخىل ، سىزنىڭ ئۇيغۇرچە يازغىنىڭىز بىرخىلغۇ؟
- ئۇنداق ئەمەسقۇ؟
- ئوبدان قاراپ بېقىڭە، ئەسلى تور نامىنى مۇنداق ئالسىڭىز توغرا بولاتتى.
- ھەئە، شۇنى ئالاي دېسەم باشقىلار ئېلىپ بوپتىكەن.

1- تەھلىل: كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى مەلۇم بىر ئاتامان ( بېكەت باشلىقى) كۆڭلىدىكى توربەت قۇرۇش ئۈچۈن كۆڭلىگە ياققان ئىسىمنى ئىزدىگەن ئەپسۇسكى ئۇ ئىزدىگەن تور نامىنى باشقىلار ئېلىپ بولغان . شۇنىڭ بىلەن تور نامىغا E ئىشلىتىشكە تېگىشلىك جايغا I نى، I ئىشلىتىشكە تېگىشلىك جايغا E نى ئىشلىتىپ تورنامى ئالغان، ئۇيغۇرچە نامىنى ئۆزى ئارزۇ قىلغان بويىچە يېزىپ توربەت ئاچقان.
2- تەھلىل: مەلۇم بىر ئاتامان ( بېكەت باشلىقى) كۆڭلىدىكى توربەت قۇرۇش ئۈچۈن كۆڭلىگە ياققان ئىسىمنى ئىزدىگەن ئەپسۇسكى ئۇ ئىزدىگەن تور نامىنى باشقىلار ئېلىپ بولغان . شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىدىكى تور نامىنى ئېلىش ئۈچۈن تور نامىدىكى مەلۇم ھەرىپنى ئارتۇق يېزىپ تور نامىغا ئىگە بولغان.
3- مەلۇم بىر ئاتامان ( بېكەت باشلىقى) كۆڭلىدىكى توربەت قۇرۇش ئۈچۈن كۆڭلىگە ياققان ئىسىمنى ئىزدىگەن ئەپسۇسكى ئۇ ئىزدىگەن تور نامىنى باشقىلار ئېلىپ بولغان . شۇنىڭ بىلەن ئۆزى ئالىدىغان تور نامىنىڭ ئالدىغا بىر- ئىككى ھەرىپنى قوشۇپ كۆڭلىدىكى تور نامىغا ئىگە بولغان.
يۇقارقى ئۈچ تۈرلۈك مىسالدىكىنىڭ ھەممىسىدە شۇ توربەتلەرنى زىيارەت قىلغۇچى تور نامىنى « ھۈسەن» دەپ ئوقۇيدۇ ئەمما توربەتتىكى ئۇيغۇرچە ئىسمى « ھەسەن» بولۇپ چىقىدۇ. زىيارەتچى ئاشۇ توربەتلەرنى باشقىلارغا تەشۋىق قىلىشتا « ھۈسەن» دەمدۇ؟ ياكى « ھەسەن» دەمدۇ؟ ئاشۇ توربەتنى زىيارەت قىلغۇچىلار شۇ توربەتكە بىۋاستە كىرەمدۇ ياكى ئۇلىنىشلارنى بېسىپ كىرەمدۇ؟
دېمەك ،بىر قىسىم تورداشلار بىلىپ- بىلمەي ئۇيغۇرچە يېڭى ئاتالغۇ پەيدا قىلىپ قويدى دېگەن گەپ.
تورنامى تاللاش خۇددى بىر بوۋاققا ئىسىم قويغاندەكلا مۇھىم ئىش. تور نامىنىڭ يېزىلىشى بىلەن ئوقۇلىشىنىڭ بىردەك بولىشى ، باشقىلار خاتا ئوقۇپ قالمايدىغان بولىشى شۇ توربەتنىڭ تونۇلىشى ۋە تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.
سىز ياقتۇرىدىغان تورنامىنى باشقىلار ئېلىپ بولغان بولسا بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق. مەن بۇ يەردە ، بولغىنىم سەن ئۆزەڭ باشتا ئويلىغان ئىسىمنى چوقۇم ئېلىشىڭ كېرەك دېمەكچى ئەمەس.
سىز ئازراق ئەقىل ئىشلەتسىڭىز، ئىزدەنسىڭىز بۇ مەسىلىنى تامامەن ھەل قىلالايسىز.
ئۆيىڭىزدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھاتلىق لۇغىتى باردۇ؟ تۈركى تىللار دىۋانىچى؟ قۇتادغۇ بىلىگچۇ؟ خەمسە ناۋايىچۇ؟ ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىچۇ؟ بۇلارمۇ بولمىسا بىرەر پارچە رومانغۇ باردۇ؟ ئۇمۇ يوق بولسا ياخشى تەرجىمە قىلىنغان كىنو-پىنولارغۇ باردۇ؟ بۇلارمۇ يوق بولسا كۈندە تورغا چىقىۋاتىسىزغۇ؟ توردا يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلەر قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ.
تور لۇغەتلىرىدىن؛ يۇلغۇن، ئىرپان، ئۇيغۇرسوفتنىڭ بار.
ئوكيان ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى بېتى بار.
يەنە ھەرقانداق بىر توربەتكە كىرسىڭىز سىزگە ياخشى ئىسىم تاللىشىپ بىرىدىغان خالىس تورداشلار بار.
ئۇيغۇرچە ئىزدەش بەتلىرىگە «ئاتالغۇ» دەپ يېزىپ ئىزدىسىڭىز تۈرلۈك ئاتالغۇلارنى بىردەمدە تېپىپ بىرىدۇ.
مانا شۇنداق شارائىت تۇرسا ئىسىم تاللاشتىن ئەنسىرەپ يۈرۈشمۇ ئىشمۇ؟
ھۆرمەتلىك ئاتامان، سىزدىن كەتسە بىراز ئىزدىنىش كىتىدۇ، دەرھال ھەركەتلىنىپ توغرا بولغان تور نامىنى ئىشلىتىڭ. تور بېتىڭىزنىڭ تونۇلۇشى ۋە تەرققىياتى ئۈچۈن، مۈجىمەل ئاتالغۇلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ياخشى نامدىن بىرنى ئىزدەڭ. توربەت ئۈچۈن تارتىۋاتقان جاپايىڭىزنىڭ ئالدىدا ياخشى بىر نام ئۈچۈن نەچچە ئون يۈەن سەرىپ قىلسىڭىز تامامەن ئەرزىيدۇ.

مەنبە: [url]http://www.intil.biz/home/thread-349-1-1.html[/url]

يېزىلغان: دۈيشەنبە ئاۋغۇست 09, 2010 6:01 am
تەرىپىدىن يوللانغان majeed
ئۇيغىر تىلىنى مۇشۇ بەزىبىر ئاتالمىش «ئاتامان» ،«تور بەت باشقۇرغۇچىلار»، «ۋېۋىسكا، ماركا لايىھىلىگۈچى»، «فوتوشوپچى»، ... لار بۇزۇۋاتىدۇ .
ئىسىمنى قىسقا قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇزۇنراق بولسىمۇ توغرا بولسا ھەممە كىشى ئۇ ئىسىمنى ئوبدانلا ئېسىدە تۇتۇۋالىدۇ .
تور نامى سودىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا 'ئانا تىلىمىزنى بۇزۇپ ئوينىماڭلار!!! ' دىگۈم كىلىدۇ .

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: majeed ، ۋاقتى: 2010-8-12 20:31 [/i]]

يېزىلغان: پەيشەنبە ئاۋغۇست 12, 2010 10:01 am
تەرىپىدىن يوللانغان EnQa
سىزمۇ دىققەت قىلىڭ، «لاھىيە»، ئەمەس «لايىھە». كۆپىنچە كىشىلەر مۇشۇ ئىككى سۆزنى ئالماشتۇرىۋالىدۇ. توغرىسى لايىھە، لايىھەلەش، لايىھەلەيمەن، لايىھەلىگەن....

يېزىلغان: پەيشەنبە ئاۋغۇست 12, 2010 12:47 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
majeed دەرھال تۈزىتىۋېلىڭ.

يېزىلغان: جۈمە ئاۋغۇست 13, 2010 5:51 am
تەرىپىدىن يوللانغان Newruz
بىر مىللەتكە بالا كەلسە قوشلاپ كېلىدىكەن------------ تىلىمىز نامرات ئەمەس، كىشىلىرىمىز نامراتلىشىپ كەتتى. لايىھە ۋە لاھىيا بولسۇن كۆپلىگەن كىشىلىرىمىز نىمىچۈن تىلىمىزغا تېڭىلغان بۇ سۆزنى توغرا ئاتىيالمايدۇ؟ تەگ سەۋەبى نەدە؟ كۆپ كىشىلىرىمىز توغرا تەلەپپۇز قىلالمىسائەلۋەتتە تەپەككۈر قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ! (مەن بۇ ھەقتە كۆپ سۆزلىمەكچى ئەمەس) مېنىڭ مەرھۈم بوۋام مەكتەپنى مەتەپ، دوسكىنى داسكا، مۇئەللىمنى ماللىم ياكى ئۇستاز ئاتايتتى. كېيىن بىلسەم چەت تىلدىن كىرگەن سۆزلەرنى كونىلار توغرا تەللەپپۈز قىلالمايدىكەن.
ئەگەر مۇمكىن بولسا تىل-ئاغدۇرما سالۇنى ئېچىپ قويساقمىكىن دەيمەن.
تىلىمىز نامرات ئەمەس، يازغۇچىلىرىمىزنىڭ مەنتىقىلىق( لوگىكىلىق) قاراشلىرى سۇسلىشىپ كەتتى. مەن بىر مىسال كەلتۈرەي: ساقال قويغانلارلا ئەر ئەمەس، بالا تاپقانلارلا ئەر ئەمەس، ئەر كۆرۇنگەنلارلا ئەر ئەمەس. ئەلنىڭ غېمىنى يىگەنلەر ...ئەركەكلەردۇر(قۇمۇل ئەدەبىياتىدىن ئېلىندى). مەن بۇ يازمىنى باشقىلارغا ئوقۇپ بەرسەم ئەپسۇسكى، كۆپچىلىك ماقۇل كۆرۈپ « توغرا ئەرنىڭ ئىچىدە ئەربار» دىيىشتى. يېزىق، سۆز مىللەتنىڭ قېنىدۇر. جۈملە، قوشۇمچىلار گۆشىدۇر. مەنتىقە تىلنىڭ ئۇستىخىنىدۇر. تىل مىللەتنىڭ جېنىدۇر. سۆز كۆپچىلىكنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشىپ ئاساسىي لۇغەت تەركىۋىگە كىرگىنى بىلەن مەنتىقە ۋە يازمىنىڭ ئورامى ھەممە ئادەمنىڭ ئېتىراپىنى كۈتمەيدۇ بەلكى، پەقەتلا تەپەككۈر ئىگىسىنىڭ قۇرالىدۇر. بۇ قۇرالغا ئىگە بولمىغان يازمىچىنىڭ يازمىسى بەزىدە كۈلكىلىك، بەزىدە تېتىقسىز، بەزىدە ئىپتىدائىي چىقىپ قالىدۇ.
مەنچە ئىنساننى جىنسى بويىچى ئەر-ئايال ئاتىساق. ماددىي جەھەتتىن يېشىغا قاراپ ئوغۇل ، يىگىت، ئاتا، قىران، بوۋاي دەيمىز. مەنىۋىيەت جەھەتتىن مەنىۋى ئوغۇل،مەنىۋى ئەر، مەنىۋى ئاتا، مەنىۋى بوۋا دەپ ئاتايمىز.مەنىۋىي ئەرلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىغا قاراپ؛ روھى ئەر ، غالىپ ئەر،ئائىلىدىن ھالقىغان ۋەتەن ۋە مىللەتنى ئويلايدىغان ئەر، دىنىي ئەر دەپ ئايرىيمىز. روھىيەت نۇقتىسىدىن ئاتىلارنى: ھامىي ئاتا،ئائىلىدىن ھالقىغانئاتا( ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ، دىنىمىزنىڭ ھامىي ئاتىلىرى ) دەپ ئايرىيمىز؛ روھىيەت نۇقتىسىدىن بوۋايلارنى: ئاقساقال، ھامىي بوۋاي ، مىللەتنىڭ ۋە دىنىمىزنىڭ پىشۋا بوۋايلىرى دەپ ئايرىيمىز.
دېمەك، بىزگە توغرا كۆرۈنگەن ماۋۇ يازمىدىكى ئەر ئاتالغۇسى كەڭ دائىرىدىكى ئاتالغۇ بولۇپ، مەنىۋىي ئەر ئىچىدىكى ۋەتەن مىللەتنىڭ ھامىيلىرىنىلا ھەقىيقىي ئەر دەيمىز دەپ تۇرىۋالساق. بۇغداي تۇرىدىكى قارا بۇغدايلا بۇغداي دېگەندەك مەنتىقىلىق خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولمايمىزمۇ؟!

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Newruz ، ۋاقتى: 2010-8-15 07:26 [/i]]

يېزىلغان: جۈمە ئاۋغۇست 13, 2010 12:00 pm
تەرىپىدىن يوللانغان majeed
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]EnQa[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-12 16:01 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3254&ptid=595][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
سىزمۇ دىققەت قىلىڭ، «لاھىيە»، ئەمەس «لايىھە». كۆپىنچە كىشىلەر مۇشۇ ئىككى سۆزنى ئالماشتۇرىۋالىدۇ. توغرىسى لا ... [/quote]
ئەنقا ئەپەندىمنىڭ تۈزەتكەنلىكىگە رەھمەت، ئىنكاسىمدىكى خاتا ئاتالغان ئاتالغۇنى تۈزىتىپ قويدۇم

يېزىلغان: يەكشەنبە ئاۋغۇست 15, 2010 5:07 am
تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Newruz[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-13 11:51 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3320&ptid=595][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئەگەر مۇمكىن بولسا تىل-ئاغدۇرما سالۇنى ئېچىپ قويساقمىكىن دەيمەن.[/quote]
ئالدىنقى يىللاردا ئىزدىنىش تورىدىكى قىزغىن تورمەنلەرنىڭ ھەھۇسى بىلەن «ئانا تىلىم([url]www.anatilim.com[/url])»نى بىر ئوبدان قۇرىۋالغان ئىدۇق، بۇ توربەت قۇرۇلغاندىن كېيىن گاھ قىززىپ، گاھ سويۇپ، تىل - يېزىق كومېتىتىغا يېقىندىن ماسلىشىپ، پەرمانلىرىنى يۇقۇرى ئاۋازدا قوللاپ، بارلىق ئىجتىمائىي، سىياسى ھاۋالاردىن خالى ھالدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كېتىۋاقان ئىدى، ئەپسۇس ھازىر بۇ توربەت ئېچىلماس بولۇپ كەتتى، سەۋەپ نېمە؟ مەن بۇ توربەتنىڭ ھازىرغىچە ئەسلىگە كەلمەسلىكىنى بىزنىڭ «ئوتتەك قىززىپ، مۇزدەك سويىدۇ»غان ئېسىل ئەنئەنىمىزنىڭ شاراپىتىدىن، ئۇنىڭغا ئىگە بولىۋاتقان بۇرۇنقى «ئاتا»لارنىڭ ھېرىپ ھېرىپ قىلىپ، ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان «ئاتا»لارنىڭ بولمىغانلىقىدىنمىكىن دەپ ئويلۇدۇم.

يېزىلغان: پەيشەنبە ئاۋغۇست 19, 2010 9:07 am
تەرىپىدىن يوللانغان salahiddin
بىر ئىشنى چوقۇم بىر مۇنبەر قۇرۇپ قىلمىسىمۇ بولىىدكەنغۇ؟ مەسىلەن :
« يالغۇز ئوغۇل» دېگەن نېمە؟ دېگەن تېما ئوبدانلا قىززىپتۇ.