[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • [ULY] تىلكومغا يەنە بىر تەكلىپ -
جەمئىي3 بەتنىڭ 2 - سى

يېزىلغان: پەيشەنبە ماي 31, 2007 6:25 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Alyar
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Oyghan[/i] ، ۋاقتى: 2007-5-31 14:54 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=377&ptid=69][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،


1. ئۇ كىشى قاتناشقان يىغىندا ھازىرقى ULY نىڭ 6 يىلدىن بۇيان ئىشلىتىلىپ بىرلىككە كېلىپ بولغانلىقى توغرىسىدا پىكىر بېرىلمەپتۇ.

2. ھازىرقى ULY بىلەن ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى ۋە سىلاۋيان يېزىقى ئارىسىدا بىر-بىرىگە ئايلاندۇرالايدىغان قوراللارنىڭ بارلىقى، تور بېكەت ۋە باشقا يۇمشاق دېتاللارنىڭ ياسىلىپ ئاممىۋىي ئاساسى يارىتىلغانلىقى خەۋەر قىلىنماپتۇ.

3. ھەرپلەرنىڭ چاستوتىسى توغرىسىدا پىكىلەر بولماپتۇ. دېمەك: «ئە» ھەرپىنىڭ چاستوتىسىنىڭ «ئې» دىن 3.5 ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىدەك پاكىتلار ئۇ كىشى قاتناشقان يىغىندا تىلغا ئېلىنماپتۇ.

4. چېكىتلىك ھەرپلەرنى كومپيۇتېردا كىرگۈزۈش ئۇسۇلى توغرىسىدا پىكىرلەر بولماپتۇ. دېمەك بۇ جەھەتتىمۇ ä گە قارىغاندا e نى ئىشلىتىشنىڭ ئەۋزەللىكى ئېنىق چۈشەندۈرۈلمەپتۇ.

5. يىغىنغا قاتناشقان كۆپ ساندىكى كىشىلەر، بولۇپمۇ پىشقەدەملەر، توردا قانداق پىكىرلەرنىڭ بولىۋاتقانلىقى ۋە قانداق خىزمەتلەرنىڭ ئىشلەنگەنلىكىدىن بىخەۋەر ئىكەن...
[/quote]

بۇ يىغىنغا تېلكومدىن ياسىن ئىمىن ئەپەندىم، ئۇيغۇرسوفت شىركىتىدىن ئالىم ئەھەت ئەپەندىم قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان تۇرسا بۇنداق گەپلەرنىڭ بولۇنمىاسلىقى مۈمكىن ئەمەس. بۇنداق پاكىتلارنىڭ سۆزلەنگەنلىكىگە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ يۇقارقى ئىككى ئەپەندى گۇۋاھ بۇلالايدۇ.

مەن شەخىسلەرنىڭ ئىسمىنى تور يۈزىدە ئاشكارىلاشنى ياقتۇرمۇدۇم. بۇنداق قىلىش ئىسمى ئاتالغان شەخىسلەرگە تولىمۇ پايدىسىز.

بىز مەسىلىنى توغرا ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدەنسەك.

يېزىلغان: پەيشەنبە ماي 31, 2007 6:53 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan
مەن پەقەت ئۆزەم ئېگەللىگەن ئىشلارنى ئۆز پېتىچە خەۋەر قىلىپ قويدۇم خالاس. شەخسلەرنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىشىم پەقەت ئۇ گەپلەرنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇش ئۈچۈن.

بەلكىم ئارسلان ئەپەندى ھەممە يىغىنغا تولۇق قاتنىشالمىغاندۇ... ماڭا پەقەت ئۆزى قاتناشقان يىغىندىكى ئىشلارنىلا دەپ بەردى. ئارسلان ئەپەندىم بەلكىم ھەممە يىغىنغا تولۇق قاتنىشالمىغان بولىشىمۇ مۇمكىن.

ھازىر بىزگە نامەلۇم بولىۋاتقان مەسىلىلەر تۆۋەندىكىچە:

[quote]1. بۇ مەسىلە توغرىسىدا تىلكوم زادى قانچە قېتىم يىغىن ئاچتى؟ يىغىن قاچان ئېچىلدى؟ قانچە ئادەم قاتناشتى؟

2. بۇ تۈرگە ھازىر قانچە ئادەم قاتنىشىۋاتىدۇ؟

3. ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ULY توغرىسىدىكى 6-يىلدىن بۇيان توردا ئىشلەنگەن خىزمەتلەردىن يىغىنغا قاتناشقان ھەممە كىشى خەۋەردارمۇ-يوق (بولۇپمۇ، تورغا چىقىشقا ۋاقتى يوق پىشقەدەم ئۇستازلار)؟[/quote]

بۇ تەكلىپنى بېسىپ چىقىرىپ، تورغا چىقىشقا ۋاقتى يوق پىشقەدەم ئۇستازلارنىڭ ئۆز قولىغا قەغەز يۈزىدە يوللاپ بەرمەكچىمىز. شۇڭا تەكلىپكە تولۇقلىما پىكىرلەر بولسا تېزراق قوشۇڭلار...

يېزىلغان: جۈمە ئىيۇن 01, 2007 11:24 am
تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan
مەن بۇ لايىھەنى كۆرۈپلا بىز ئۇزۇندىن بىرى تەقەززا بولغان «يانتىرەك»نىڭ تولىمۇ مۈشكۈلچىلىكتە، بەكمۇ كىچىككەن بولسىمۇ، ھەرھالدا مەۋجۇت بولغانلىقىدىن خۇرسەن بولدۇم ھەم ئەندىشە قىلغان بىرقانچە ھەرپ(Q, X, H, Gh)لەرنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىدىن رازى بولدۇم، بىراق كىچىككىنا پەرقنى كۆرۈپ كۆڭلۈم يېرىم بولغان بولسىمۇ، چوڭ جەھەتتىن پەرقنىڭ ئازلىقىغا قاراپ، «كارايىتى چاغلىق بىر پەرقكەنغۇ» دەپ ئويلاپ، «قوللاش»نى مۇۋاپىق كۆرۈپ، سىناق تەرىقىسىدە بىلىۋالغا يېڭى لايىھە بويىچە تېما يوللاپ باقتىم، مەزكۇر يېزىقتىكى ماتېرىيالنى يېزىق ئۆرۈگۈچ ئارقىلىق لاتىن يېزىقىغا ئۆرۈتكۈزدىم، ئاندىن eنى äگە ئالماشتۇرغۇزدۇم، ئاندىن éنى eگە ئالماشتۇرغۇزدۇم، نەچچە ئون قۇر تىمىدىكى e ھەرىپى 300دىن ئاتۇق بولۇپ چىقتى، é ئون نەچچە بولۇپ چىقتى، يېزىق ئايلاندۇرغۇچ ۋە ھەرپ ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئانچە قىينالمايلا يېڭى ئۆلچەم بويىچە پۈتتۈرەلىگەن بولساممۇ، ئەمما بىرقانچە قۇر ئىنكاس يېزىش ئۈچۈن، تولىمۇ قىينالدىم، بىزنىڭ تىلىمىزدا «ئە» تاۋۇشى كۆپ قوللۇنىلمىغان بولسا، يۇقۇرىدا ئېيتقىنىمدەك، «كارايىتى» چاغلىق ئىش بولغان بىلەن، كۆپ قوللىنىدىغان بۇ ھەرپ ئۈچۈن ئاددى ئىش بولمايدىكەن، 300 قېتىم «ئە»نى چىقىرىش ئۈچۈن 300 قېتىم «e»نى بېسىپ تاماملىغىلى بولسىمۇ، «ä»نى چىقىرىش ئۈچۈن 300 قېتىم «Shift»نى، 300 قېتىم «"»نى، 300 قېتىم «a»نى بېسىشقا توغرا كىلىدىكەن، دېمەك كونۇپكىنى 600 قېتىم بىھۇدە ئارتۇق باسىدىكەنمىز، بۇنى ئەڭ تىز خەت باسىدىغان ئادەمنىڭ ۋاقتىنى ئۆلچەم قىلغاندىمۇ نەچچە مىنۇت ۋاقتى ئىسراپ بولىدىكەن، بۇنداق كۆپ ئىشلىتىدىغان ھەرپلەر بىكاردىنلا «Shift» بىلەن «"» دىن ئىبارەت بويۇنتۇرۇققا چىتىپ قويۇلسا، بىرەر بويۇنتۇرۇق چۈشۈپ قالغان كۈنى ئەجەللىك خاتالىقلارغا يول ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن، مۇئەللىمنىڭ دەپ بېرىشىچە بىر چاغلاردا سوۋىت ئىتتىپاقىدا بولغانمۇ ياكى بىزنىڭ ئەلدە بولغانمۇ بىر گېزىتكە «قىزىل بايراق» دېگەن سۆز «قىرىل بايراق» دەپ بېسىلىپ قىلىپ، گىزىتخانىدىكى نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ تۇرمىدا يېتىشىغا سەۋەپ بولغان ئىكەن، يېڭى ئۆلچەمدە بىر ھەرپنىڭ ئوخشىماسلىقى ئەنە شۇنداق ۋاقىت، ئىقتىساد ئىسراپ چىلىقىغا سەۋەپ بولۇپلا قالماي، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز خاتالىقلارنى ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن. كۆكتاش ئەپەندىم بۇ ھەقتە ياخشى ستاتستىكا قىلىپتۇ.
تىل - يېزىق كومېتىتىدىكى بىر تونۇشۇم بىلەن تېلېفۇندا كۆرۈشۈپ، پىكىرىمنى ئەيتسام، يېقىندا(قاچانلىقىنى بىلمەيدىكەن) يەنە يېغىن ئېچىلىپ قىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى، مۇمكىن بولغاندا بۇنى مۇناسىبەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزۈشنى، بۇ ئورگاننىڭ «تىل ۋە تەرجىمە» ژورنىلىغا ماقالا قىلىپ يوللاشنى ئەيتتى.
مېنىڭ يەنە بىر تەكلىبىم، مۇمكىن بولسا، تەكلىپ سۇنۇپلا قالماي يەنە بىز گېزىت ياكى «تىل ۋە تەرجىمە» ژورنىلىغا «ئالاھىدە ھەرپ»لەر ئۈستىدە پاكىتلىق توختۇلۇپ، بىر پارچە ماقالا ئېلان قىلساقمىكىن؟ يەنە بۇ ئىشقا بۇرۇن كۆڭۈل بۆلگەن ھازىر مەركەزدىكى رەھبەرلىرىمىزگىمۇ ئۇچۇر قىلساقمىكىن؟

يېزىلغان: دۈيشەنبە ئىيۇن 04, 2007 4:48 pm
تەرىپىدىن يوللانغان izdän
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار!، قېرىنداشلار!
Bidar-Qutlan ئەپەندىمنىڭ مۇنبەر كېلىشىمنامىسىگە خىلاپ سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەنلىكىدىن، ھەم باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇنىڭغا يول قويغانلىقىدىن ناھايىتى ئەپسۇسلاندىم. (بۇ ئىلمىي جەمئىيەت تور بېتىنىڭ مۇنبىرىمۇ؟......)
مەنمۇ ئارسلان مۇئەللىم قاتارىدىكى يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ بىرى بولۇش سالاھىتىم بىلەن ۋارىس ئەپەندىمنىڭ يازمىسىغا بەزى ئىزاھلارنى بېرىشنى توغرا تاپتىم.
يىغىن كۈن تەرتىپىدە، ئالدى بىلەن بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ مەقسەت مۇددىئاسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، (ئەلۋەتتە بۇ مەقسەت بىر نەچچە كۈن بۇرۇن يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا يەتكۈزۈلگەن، ھەممىسى مەلۇم تەييارلىق بىلەن كەلگەن، قۇرۇق قول كەلگەنلەر يوق)، ئاندىن جەمئىيەتتە قوللىنىلىۋاتقان ھەرخىل ۋارىيانتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشلىرى سۆزلەندى. ئۇلارنىڭ تەتقىقات جەريانىدا ئىشلىگەن خىزمەتلىرى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلدى(بۇ جەرياندا ULYبىلەن ياسالغان تور بەتلىرى توغرىسىدىمۇ بەزى ئىستاتىسكىلارنى قىلغانلىقى سۆزلەندى). ئاندىن ھەر بىر ھەرپ ئۈستىدە ئايرىم توختىلىپ، بىردىن بىردىن مۇزاكىرە قىلىندى. قىسقىسى ۋارىس ئەپەندىم يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان 5 تۈرلۈك مەسىلىدىن «يېزىق ئارىسىدا بىر-بىرىگە ئايلاندۇرۇش قوراللىرى»نى كېيىنكى قېتىمغا قويغاندىن سىرت باشقا مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەڭ كۆپ تالاش تارتىش بولغان ئىدى. ناھايىتى ئەپسۇس، ۋارىس ئەپەندىمگە بۇ خەۋەر.......
ئەمدى ۋارىس ئەپەندىمنىڭ سوئالىغا كەلسەك: (بۇ سوئاللارنى ۋارىس ئەپەندىمنىڭ يازغىنىغا ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ)
1. تېلكومنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا قەيەردە، قانچە قېتىم، كىملەر بىلەن يىغىن ئېچىشى مۇھىم ئەمەس، بۇنى 10،9 يىل مابەينىدە ULYئىزدىنىپ كۆپ ئەجىر قىلغان ۋارىس ئەپەندىم ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىن ھەرپىگە ئايلاندۇرۇش لايىھىسىنىڭ قانداقتۇر بىرنەچچە قېتىملىق يىغىن بىلەن ھەل بولىدىغان مەسىلە بولماستىن، زور ئىلمىي تەتقىقات تەلەپ قىلىدىغان تۈر ئىكەنلىكىنى، مەسىلىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى يىغىن سانىدا ئەمەس بەلكى يەكۈننىڭ ئىلمىيلىكىدە ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ.
2. بۇ تۈرگە قاتناشقان ئادەم سانىدىن مېنىڭمۇ خەۋىرىم يوق ئىكەن. مېنىڭچە بۇ بەك مۇھىم بولمىسا كېرەك، مۇھىمى بۇ تۈر دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكى تىل-يېزىق كومىتېتى تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان، تېلكوم تىل تەتقىقات باشقارمىسى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ئىشلىگەن، ئىشلىگەندىمۇ ناھايىتى ئەتراپلىق ئىزدىنىپ، مول ماتېرىياللارنى توپلاپ، ئىلمىي يەكۈن چىقارغان.
3. ھازىر ئىشلىتىۋاتقان(توغرىسى:ھازىر بىر قىسىم كىشىلەر ئىشلىتىۋاتقان) ULY ۋەULY توغرىسىدا ئىشلەنگەن خىزمەتلەردىن يىغىنغا قاتناشقۇچىلاردىن ھەممىسى خەۋەردار، ئەمما قانچىلىك خەۋەردار ئىكەنلىكى ماڭا نامەلۇم.
تورداشلارغا تەۋسىيەم:مەسىلىنىڭ بىر تەرىپىنىلا كۆرمەستىن ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزسەك، بىز نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرىمىز دېگەن باش تېما ئۈستىدە ئوبدانراق ئويلانساق،يەنى ئاساسى مۇددىئانى ياسىن ئىمىن ئەپەندىم بىلك تورىدا تونۇشتۇرغاندەك بۇ لايىھىنىڭ بېكىتىش ھەرگىزمۇ يېزىق ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلمايدۇ پەقەت ياردەمچى قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىلىدۇ، كومپيۇتېر ساھەسىدە چوقۇم شۇنى ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، ئەگەر بۇ لايىھىدىكى «ä»نى كىرگۈزۈشنى بىئەپ كۆرسىڭىز، ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇر يېزىقىدا كىرگۈزسىڭىز ھېچقانداق قىيىنچىلىق بولمايدۇ، ئاخىرىدا پروگراممىنىڭ ياردىمىدە لاتىن يېزىقىغا ئايلاندۇرۇۋالسىڭىزلا كۇپايە، ( ULY نى دەسلەپ بېكىتكەن مەزگىلدە ئۇيغۇر يېزىقىنى بىۋاسىتە كىرگۈزۈشتە قىيىنچىلىق بولغاچقا ھەرپلەرنىڭ تەكرارلىقى ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېلىنغان، فونېتىكىلىق ئاھاڭىغا سەل قارالغان). يەنە بىر نۇقتىدىن بۇ لايىھە بېكىتىلگەندىن كېيىن كىملەر قوللىنىدۇ، نېمىگە قوللىنىدۇ مەسىلىسىگە پىكىر يۈرگۈزگىنىمىزدە بۇ لايىھىنىڭ ئاساسلىق رولى بىزنىڭ تىلىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش، دۇنياغا تونۇتۇش جەھەتتە زور رول ئوينايدۇ، يەنى بۇ لايىھىنى پەقەت ئۆزىمىز پايدىلىنىش ئۈچۈن بېكىتمەيمىز بىزنىڭ ھازىرقى يېزىقىمىز بىزنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقىلىشىش ئېھتىياجىمىزدىن تامامەن چىقالايدۇ، ئەمما بىزنىڭ تىلىمىزنى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن بۇ لايىھىنىڭ رولى تولىمۇ زور، بىز ھەرپلەرنى فونېتىكا جەھەتتىن خەلقئاراغا يېقىنلاشتۇرساق بۇنىڭ نېمە زىيىنى؟ ئەڭ ئاددىيسى: لاتىنچە بىلىدىغان ئەمما ئۇيغۇرچە ئۆگەنمىگەن بىر ئادەم بۇ لايىھە بويىچە يېزىلغان ئۇيغۇرچە خەتنى توغرا تەلەپپۇزدا ئوقۇيالىسا بۇنىڭ نېمە زىيىنى؟... (é نىڭ ئۈستىدىكى بەلگە ئۇرغۇ بەلگىسى بولۇپ يەنىلا e ئوخشاش تەلەپپۇز قىلىنىدىكەن، e «ئە» تەلەپپۇز قىلىنمايدىكەن) شۇڭلاشقا مەسىلىنىڭ بىر تەرىپىگە ئېسىلىۋالمايلى.
ئاخىرىدا ئەسكەرتىدىغىنىم، 6 يىل مابەينىدە ULY ئۈستىدە نۇرغۇن ئىزدەندۇق، نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلدۇق، خېلى تور بېكەتلەر ياسالدى ھەم بەزى يانداش قورال پروگراممىلار ياسالدى. بۇنىڭغا 6 يىللىق ئەمەس 10 يىللىق ئەجىر سىڭدى، ئەمما بىز ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئويلانساق يەنى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بىلەن قىلىنغان ئىشلارنى سېلىشتۇرساق بىزنىڭ قىلغانلىرىمىز «ئاممىۋى ئاساس سېلىندى» دېگەن «قالپاق»نى كۆتۈرەلەمدۇ؟، تېخنىكا جەھەتتىن ئېيتقاندىمۇ يېڭى لايىھە يۇقىرىقى خىزمەتلەردە بەزى قايتىلانما ئەمگەكنى كەلتۈرۈپ چىقارسىمۇ لېكىن يېڭى لايىھە سەۋەبلىك ئۇ خىزمەتلەر بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ. «كۆنگەن ياخشىمۇ؟ - كۆيگەنمۇ؟»، كۆنگىنىمىز ئۈچۈن كۆيگىنىمىزنى قۇربان قىلمايلى بۇنىڭدىكى خاسىيەت--كۆيدۈرەلىگەنلىكىدە.

يېزىلغان: دۈيشەنبە ئىيۇن 04, 2007 11:21 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan
سالام ھۆرمەتلىك «izdän» ئەپەندىم (نام-شەرىپىڭىزنى بىلمىگەن بولغاچقا شۇنداق ئاتىشىمغا رۇخسەت قىلغايسىز)،

يازمىڭىز بەزى تەپسىلاتلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىزغا خېلى ياردەم بەردى، رەھمەت. مەن يۇقىرىدىكى يازمامدا ئەسكەرتكەندەك، مەن پەقەت ئارسلان ئەپەندىم ماڭا دەپ بەرگەن ئىشلارنىلا ئۆز پېتىچە يازدىم، ئۇلارنى مەن ئۆزەم تېپىۋالغان گەپلەر ئەمەس (بۇ ئىش توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي ئىشلارنى بىلىشنى زۆرۈر دەپ قارايدىغانلار بولسا ماڭا خەت يازسا بولىدۇ). ئۇنى پەقەت ئېنىق بولمىغان مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈنلار يازغان. ئارلىقتا ئۇقۇشماسلىق بارمۇ-يوق بىلمىدىم، ئەگەر كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىلغان بولسا، ئۇ كىشى بەلكىم ھەممە يىغىنلارغا قاتنىشالمىغان بولىشى مۇمكىن. بۇ تۈر توغرىسىدىكى تەپسىلاتلار تولۇق بولمىغاچقا (يۇقىرىدىكى يازمىغا قاراڭ)، يىغىنقا قاتناشتى دەپ ئاڭلىغان كىشىلەرنى ئىزدەپ-سوراپ يۈرۈپ تەپسىلاتلارنى ئۇققىمىز ۋە ئۇلارغا ئۆز پىكىرىمىزنى بايان قىلىشقا توغرا كەلدى. ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەرگىزمۇ قورقۇنچلۇق ياكى زىيانلىق ئىش ئەمەس...

نېمىلا بولمىسۇن، بۇ ھەقتە ياسىن ئىمىن ئەپەندى ۋە سىزنىڭ بۇ ئىش توغرىلىق بەزىبىر تەپسىلاتلارنى توردا بايان قىلىپ بىزنى خەۋەردار قىلغانلىقىڭلارغا كۆپچىلىك نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن. پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، پەن-تەتقىقات ساھەسىدە ئاشكارا بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش ئىنتايىن ياخشى ئىش. بۇ لايىھە توغرىسىدىكى تەكلىپ پىكىرلىرىمىز تولۇقلاندى، نۆۋەتتە بۇ تۈرگە ۋە يىغىنغا قاتناشقانلارغا يوللىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. تەكلىپنىڭ ئاخرقى نۇسخىسى مۇشۇ يازمىغا جاۋاب شەكلىدە توردا ئېلان قىلىنىدۇ.

izdän ئەپەندى، ئەگەر سىزدە يىغىنغا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ (ھازىرچە بىزگە 5 كىشىلا مەلۇم) ئالاقىلىشىش ئادرېسى ياكى تىزىملىكى بولسا ماڭا email دا يوللاپ بەرسىڭىز ([email]oyghan@gmail.com[/email]). بىز تورغا چىقالايدىغانلار ئۇستازلار ۋە تەتقىقاتچىلارغا تەكلىپنى email شەكلىدە، تورغا چىقىشقا ۋاقتى يوق پىشقەدەم ئۇستازلارغا قەغەزگە بېسىپ چىقىرىپ يوللىماقچى.

ئاخىرىدا، مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ قوپال سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن يازمىلارنى تازىلاپ تۇرۇشىنى سورايمەن.

يېزىلغان: سەيشەنبە ئىيۇن 05, 2007 12:06 am
تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan
[size=5]تەكلىپنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسىنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى[/size] [url]http://www.ukij.org/oyghan/Downloads/Tilkomgha_Yene_Bir_Teklip_ULY.doc[/url] دىن كۆرۈڭ...

ئاساسلىق تولۇقلانغان ياكى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە:
=====================================================
[color=Magenta][size=5][align=center]شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتىغا تەكلىپ
[/align][/size][/color]
مۆھتەرەم رەھبەرلەر، ئۇستازلار، تەتقىقاتچىلار،

ئالدى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلىنىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاھىدە مەبلەغ چىقىرىپ، تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەنلىكىنى ئالقىشلايمىز.

... جەدۋەللەر قىسقارتىلدى...

[align=center][color=Magenta][size=6]سۆز بېشى[/size][/color][/align]

ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىپ كەلگىنى ۋە ئەشۇ مۇبارەك يېزىقىمىزدا نۇرغۇن ئېسىل ئەسەرلەرنى يېزىپ خاتىرىلەپ دىلىمىزنى بىلىم بىلەن يورۇتۇپ كېلىۋاتقىنى ھەقىقەت. ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىمىز كۆپ قېتىملىق ئىسلاھاتلار ئارقىلىق بۈگۈنكىدەك تاكاممۇللاشتى، قېلىپلاشتى. شۇنداقلا نۇرغۇن تەتقىقاتچىلارنىڭ تىرىشىشى بىلەن، كومپيۇتېرنى ئۆز ئىچىگە ھەر قانداق ئۇچۇر-تېخنىكىسى ساھەسىدە ئىشلىتىشكە بولىدىغان ھالەت شەكىللەندى.

ۋەتەن ئىچى سىرتىغا تەڭ نەزەر سالساق، ئۇيغۇر تىل تاۋۇشلىرى يەنە سىلاۋىيان ۋە لاتىن ھەرپلىرىدىمۇ ئىپادىلىنىپ كېلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. ئۇيغۇر تىل تاۋۇشلىرىنىڭ سىلاۋىيان ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلىنىشىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز قېلىپلاشتۇرۇپ بولغاچقا ئۇ توغرىلىق پىكىر قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.

بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر تىل تاۋۇشلىرىنىڭ بەزى ساھەلەردە لاتىن ھەرپلىرى بىلەنمۇ ئىپادىلىنىپ كېلىۋاتقىنى بىر مەۋجۇدىيەت (1-جەدۋەلدىكى 18 خىل ئوخشىمىغان لايىھىگە قاراڭ). ئەمما، لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىلىرىنىڭ كۆپ خىل ھەم قالايمىقان بولىشى دەرھال قېلىپلاشتۇرمىسا بولمايدىغان زۆرۈرىيەت. لاتىن ھەرپلىرىنى ئاساسلىق يېزىق سۈپىتىدە ئىشلەتمەيدىغان ئەرەبلەر، ياپونلار، كورىيەلىكلەر، پارسلار، يەھۇدىلار... نىڭمۇ ئۆز تىللىرىنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەيدىغان ۋە خەلقئارالىق ئۆلچەملەشتۈرۈش تەشكىلاتى — ISO نىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن لايىھىسى بار[3] . ئۇلارنىڭ شۇنداق بىر ئۆلچەمنى بارلىققا كەلتۈرۈشى ھەرگىزمۇ يېزىق ئىسلاھاتى قىلغىنى ئەمەس بەلكى ئەمەلىي مەسىلىلەرگە تۇتقان ئوبېيكتىپ پوزىتسىيىسى. قىسقىسى، باشقا مىللەتلەرنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىغا ئاساسەن ئۇيغۇر تىل تاۋۇشلىرىنىڭ لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلىنىشىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ھەرگىزمۇ زىيانلىق ئەمەس.

بەت ئاستى ئىزاھاتى: [3] ئەرەب ھەرپلىرىنىڭ لاتىنچە يېزىلىش ئۆلچىمى: ISO 233:1984؛ ياپونچە ھەرپلەرنىڭ لاتىنچە يېزىلىش ئۆلچىمى ISO 3602؛ كورىيە يېزىقىدىنىڭ لاتىنچە يېزىلىش ئۆلچىمى ISO/TR 11941:1996 ؛ پارسچە ھەرپلەرنىڭ لاتىنچە يېزىلىش ئۆلچىمى ISO 233-3:1999؛ ئىبراي (يەھۇدى) يېزىقىنىڭ لاتىنچە يېزىلىش ئۆلچىمى ISO 259:1984. تەپسىلاتىنى [url]http://www.iso.org/iso/en/prods-services/ISOstore/store.html[/url] دىن ئىزدەڭ.

... قىسقارتىلدى... (باشقا ئىزاھاتلارنى [url]http://www.ukij.org/oyghan/Downloads/Tilkomgha_Yene_Bir_Teklip_ULY.doc[/url] دىكى تەكلىپنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسىنىڭ Word ھۆججىتىدىن كۆرۈڭ)

[align=center][color=Magenta][size=5]ئىككى لايىھىنىڭ نامى توغرىسىدا[/size][/color][/align]

«لايىھە A» نىڭ بىزگە ھازىرچە مەلۇم بولغان ئاتىلىشى «ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرىگە ئايلاندۇرۇش لايىھىسى» بولۇپ لايىھىنىڭ ماھىيىتى ئېنىق ئىپادىلەنگەن ھەمدە «خاتا سىگنال» بېرىشتىن ساقلانغان. ئەمما، نامى بىر ئاز ئۇزۇن بولۇپ كەتكەن. بۇ نام كۈندىلىك تۇرمۇشتا لايىھە نامىنى ئاتاشقا توغرا كەلگەندە قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

«لايىھە B» ھازىر «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» دەپ ئوقۇلۇپ ھەم قىسقارتىلىپ ئۇ ل ي ياكى ULY دەپ يېزىلىپ لازىم بولغان ساھەلەردە ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ نام قىسقىراق بولغاچقا كۆپ ساندىكى تورداشلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۆلچەمنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتەلمىگەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ULY غا ياكى ئۇنى ئۆلچەملەشتۈرۈشكە قاتناشقانلارنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنى چۈشەنمەسلىكى سەۋەبىدىن « ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتىش يېزىق ئىسلاھاتى قىلغانلىق...» دېگەندەك خاتا تەشۋىقات تارقىتىشى بىلەن ئاز ساندىكى تورداشلار «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» دېگەن نامنى ئىشلىتىشتىن ئېھتىيات قىلماقتا. ULY نى باشتىن-ئاخىر توغرا تەشۋىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتىگە ئەزا تور بېكەتلەر ۋە بىلىك كۇلۇبى قاتارلىقلار تەشۋىقاتقا يېتىشەلمىگەن بولسىمۇ ئەزەلدىن «يېزىقى ئىسلاھاتى قىلىمىز» دېمىگەن ھەم دېمەيدۇ.

«لايىھە A» ۋە «لايىھە B» لەرنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىملا قائىدىسى ۋە ئىشلىتىلىدىغان ساھەلىرىمۇ ئاساسەن ئوخشاش بولغاچقا، نامىنىڭ قانداق ئاتىلىشىدىن قەتئىينەزەر ماھىيەت جەھەتتىن ئۇلار پەرقلەنمەيدۇ. قايسى خىل نامنى قوللايدىغانلارنىڭ ئاز-كۆپلىكى توغرىسىدا تەشكىللىك ھەم ئىشەنچلىك راي سىناش ئېلىپ بېرىلمىغان بولغاچقا، بۇ جەھەتتە ئېنىق ستاتىستىكىلىق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. شۇڭا، تىلكومدىكى ئۇستازلارنىڭ ھازىرغىچە تەۋسىيە قىلىنغان ناملار توغرىسىدا تور، مەكتەپ ياكى جەمئىيەت ئاممىسىدىن تەشكىللىك ئاساستا راي سىناش ئېلىپ بېرىشىنى، ياكى لايىھىنىڭ نامىنى قايتىدىن ئويلىشىپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

... قىسقارتىلدى...

[align=center][size=5][color=Magenta]«ئە» ۋە «ئې» ھەرپلىرى توغرىسىدا[/color][/size][/align]
[color=Magenta]«لايىھە A» نىڭ ئاساسى:[/color]
2000-يىلى 14- دېكابىردىكى يىغىندا قارار قىلىنغان ھازىرقى «لايىھە A» غا ئوپمۇ-ئوخشاش لايىھىدىمۇ «ئە» نى «ä» بىلەن، «ئې» نى «e» بىلەن ئىپادىلەش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھەمدە شۇنداق قىلىشنىڭ ئاساسى مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن:

1.

يېزىلغان: شەنبە ئىيۇن 16, 2007 7:09 am
تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]izdän[/i] ، ۋاقتى: 2007-6-4 22:48
Bidar-Qutlan ئەپەندىمنىڭ مۇنبەر كېلىشىمنامىسىگە خىلاپ سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەنلىكىدىن، ھەم باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇنىڭغا يول قويغانلىقىدىن ناھايىتى ئەپسۇسلاندىم. (بۇ ئىلمىي جەمئىيەت تور بېتىنىڭ مۇنبىرىمۇ؟......)[/quote]
سالام izdän ئەپەندىم.
مېنىڭ يۈرۈگۈم بەكلا ئاجىز ئادەم، ئۇنداق قورقۇنۇشلۇق ئىبارىلەرنى ئىشلەتمىگەن بولسىڭىز.
قايسى سۆزۈم مۇنبەر كىلىشىم نامىسىگە خىلاپ سۆزلىكىنى ھىچ بىر ئاڭقىرالمىدىم:L ، تەلىم بەرسىڭىز.
ھۆرمەت بىلەن:
بىدار قۇتلان

يېزىلغان: دۈيشەنبە ئىيۇن 18, 2007 10:18 am
تەرىپىدىن يوللانغان Tilchin
يېقىندا شىنجاڭ پەلىسەپە- ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدە ئۇيغۇر تىلىنى لاتىن يېزىقى بىلەن ئىپادىلەشنىڭ ناھايىتى غەلىتە بىر خىل لايىھىسىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇلانما [url]http://www.xjass.com/c/Article/ShowArticle.asp?ArticleID=931[/url]
بۇ ئەمدى نىمە ئىشتۇ؟

يېزىلغان: دۈيشەنبە ئىيۇن 18, 2007 4:03 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Yawuz
تەكلىپنىڭ لايىھىسىنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم، ناھايىتى ئەتراپلىق ۋە ئىلمىي تەييارلىنىپتۇ، شۇڭا بۇ تەكلىپنى تىل - يېزىق كوممېتېتىدىكى مۇشۇ ئىشقا قىزغىن قاتنىشىپ كېلىۋاتقان ياسىن ئىمىن ئەپەندى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە يەتكۈزسەكمىكىن، « ياپسام پىشامۇ، كۆمسەم پىشارمۇ » دەپ ئولتۇرۇپ، ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋېتىپ، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويمايلى.

يېزىلغان: سەيشەنبە ئىيۇن 19, 2007 4:40 am
تەرىپىدىن يوللانغان majeed
eger bu lahiye waxtida birlikke kilip , teshwiq qilinmay mushundaq arqigha sürülse, bezi munasiwetsiz orunlar qilidighan ish tapalmighandek, öz aldigha lahiye tüzüp( mana pelsepe tetqiqatorunlirimu bir lahiye tüzüp chiqiptu), ishni téximu murekkep qiliwétidu.
shunga her halda tézraq bolghinimiz yaxshimikin.