ئۇيغۇر كونا يېزىقىنىڭ ئىخچاملانغان نۇسخىسى

بۇ سەھىپىگە كومپىيۇتېر ۋە كومپىيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان ۋە ھېس قىلغان مەسىلىلەر ھەققىدىكى مۇلاھىزە، مۇھاكىمە خارەكتېرلىك ئەسەرلەر قويۇلىدۇ.
Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » چارشەنبە نويابىر 24, 2010 5:51 pm

قەدىمكى ئورقۇن ئۇيغۇر يېزىقىنى بەزىلەر ھازىرقى خەنزۇچە يېزىققا ئوخشاش تەسۋىرىي يېزىق ئىدى، كېيىن ئېلىپبەلىك يېزىققا ئايلانغان دېيىشىدۇ، يەنە بەزىلەر بۇ يېزىقنىڭ باش، ئوتتۇرا، ئاياغ، يالغۇز شەكىللىرىمۇ بولغان دېيىشىدۇ. مەن بۇ يېزىقلار توغرىسىدا ئىزدەنگەندىن بېرى، بۇ ئىككى خىل قاراشنىڭ تەڭ مەۋجۇدلۇقىنى بىلدىم، بۇ يېزىقنىڭ ئەڭ دەسلەپ تەسۋىرىي يېزىق بولغانلىقى تولىمۇ ئېنىق، بۇ يېزىقتىكى ي ھەرىپى ئاي شەكلىدە ئېلىنغان، ق ھەرىپى (ئوق شەكلىدە ئېلىنغان)، ئىي قوشما ھەرىپى (ئېيىقنىڭ شەكلىدە ئېلىنغان)، غ ھەرىپى (ئاققۇنىڭ قانات قېقىپ ئۇچۇۋاتقان شەكلىدە ئېلىنغان)، س ھەرىپى (ئىككى ئېقىننىڭ بىرلىشىشىپ بىر چوڭ دەرياغا ئېقىۋاتقىنىدەك ئېلىنغان)، ھەم باشقا ھەرپلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە تەسۋىرىي يېزىقنىڭ ئالامەتلىرى ئېنىق. كېيىنچە بۇ خىل شەكىلگە قاراپ ئېلىنغان مۇرەككەپ تەسۋىرىي شەكىللەر تاشقا، ياغاچقا تىغلىق ئەسۋابلار بىلەن ئۇيۇش داۋامىدا ئاددىيلىشىپ بېرىش ئارقىلىق، تەدرىجىي ھالدا ئېلىپبەلىك يېزىققا تەرەققىي قىلىپ، تاۋۇشلارنى ھەرپ-بەلگىلەر بىلەن ئىپادىلەشكە تەرەققىي قىلىپ، بىز ھازىر بىلىشكە ھەم كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالىغان ئورقۇن يېزىقىنى شەكىللەندۈرگەن ئىكەن. بۇ يېزىقنىڭ باش، ئوتتۇرا، ئاياغ، يالغۇز شەكىللىرىمۇ بار ئىدى دېگەندە، بۇ يېزىقنى ياخشىراق تەتقىق قىلىپ كۆرسەك، بۇ يېزىقنىڭ ئورقۇن ۋادىسى، يېنىسەي ۋادىسى ۋە باشقا رايونلاردىن تېپىلغان مەڭگۈتاشلاردا، بىر ھەرپنىڭ بىر قانچە يېزىلغىنىنى بايقايمىز، ئەمما شەكلى بىر-بىرىگە يېقىن، بۇ ئۇيۇش جەريانىدىكى ئۆزگۈرۈش بولۇشىمۇ مۇمكىن، چۈنكى تاشقا ئويۇش ھازىرقىدەك قەغەزگە يازغاندەك ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. لېكىن، بەزى سۆزلەردە سۆزلەرنىڭ بېشىدا كەلگەن ھەرپ، سۆزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياكى ئاخىرىدا باشقىلا بىر خىل شەكىلگە ئايلىنىپ قالغان، بۇنى تاشقا ئۇيۇش داۋامىدىكى بىخەستەلىك دېيىشكە بولمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنى ھېس قىلغان ئالىملار، مۇشۇ ئەھۋاللارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، بۇ يېزىقنىڭ باش، ئوتتۇرا، ئاياغ شەكىللىرى بار دەپ ئېيتقان. يەنە بۇ يېزىقتا سۆزلەر يېزىلغاندا ئاساسەن سوزۇق تاۋۇشلار يېزىلماي، ئۈزۈك تاۋۇش بىلەنلا يېزىلغان، ياكى بەزىدە سوزۇق تاۋۇشلار ناھايىتى ئاز ئىشلىتىلگەن، مەسىلەن: ئاي سۆزىنى يازغاندا، تۇنجى ئاينىڭ ياي سىمان شەكلىدىلا بىرلا ھەرپ يېزىلغان بولۇپ، ئوقۇغان كىشى، بۇ ھەرپنىڭ ئالدىغا ئاي دەپ ئوقۇلىدىغانلىقىنى بىلگەن، يەنە ئوق سۆزىنى يازغاندا، ئوقنىڭ شەكلىدە بىرلا ھەرپ يېزىلغان بولۇپ، بۇنىمۇ ئوقۇغاندا قىينالمىغان. بۇنىڭدىن سىرت بەزى سۆزلەرمۇ شۇنداق ئېلىنغان، مەسىلەن: تەگىن دېگەن سۆز [تگن] دەپ يېزىلغان، ئوقۇغاندا [تەگىن] دەپ ئوقۇغان. بۇ خىل قائىدە، ھازىرقى ئەرەب تىلى ۋە يېزىقىدا مەۋجۇد، گەرچە ئۇلار بىز بىلەن بىر تىل ئائىلىسىدە بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭمۇ يېزىقتا سوزۇق تاۋۇشنى تاشلاپ قويىدىغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ھەم كىشىنى ئويغا سالىدۇ.
ئورقۇن ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھايۋان تېرىسىگە ۋە قوپال ئىشلەنگەن قەغەزلەرگە موي قەلەم بىلەن يېزىلىشى داۋامىدا، كېيىنكى ئۇيغۇر يېزىقى (قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى) نى شەكىللەندۈرگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن، چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا ھايۋان تېرىسىغا ياكى كەڭلىكى تار، ئەمما ئۇزۇن قىلىپ ئىشلەنگەن قوپال قەغەزلەرگە خەتنى داۋاملىق ئوڭدىن سولغا يازغاندا، تېرىنى ياكى قەغەزنى ئۇزۇن يېيىپ يېزىشنىڭ تەسلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئۈستىدىن-ئاستىغا قارىتىپ، قەغەزنىڭ ئوڭ يۈزىدىن باشلاپ سول تەرەپقا قاراپ يېزىپ، يېزىپ بولۇنغان قىسمىنى ئوڭ تەرەپتىن سول تەرەپكە يۆگەپ ماڭغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. بەزى تەتقىقاتچىلار قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قەدىمكى ھام ياكى ئارامى يېزىقلىرىدىن، ھەم كېيىنكى سوغدى يېزىقىدىن ئىسلاھ قىلىنىپ ئۆزلەشتۈرۈلگەن دەپ قارايدىكەن. يەنە بەزىلەر قەدىمكى ھام يكى ئارامى يېزىقى، قەدىمكى سوغدى يېزىقى، ئىبراي يېزىقى، ئەرەب يېزىقلىرىنىڭ قەدىمكى ئاسىيادا ئىشلىتىلگەن ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئۆرنەك ئالغانلىقىنىمۇ ئالغا سۇرىدىكەن. بۇلار تېخى مۇقۇملاشقان يەكۈنلەر ئەمەس.
يەنە، قەدىمكى ئورقۇن ئۇيغۇر يېزىقىنى قەدىمكى گېرمانلارمۇ ئىشلەتكەن، تارىختا ئۇلار ئىشلەتكەن يېزىق رۇنىك يېزىقى دەپ ئاتالغان. شۇڭا، قەدىمكى ئورقۇن ئۇيغۇر يېزىقى ۋە گېرمانلار ئىشلەتكەن رۇنىك يېزىقىنىڭ تولىمۇ ئوخشاش ئىكەنلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ، بۇ يېزىقنى ئالىملار ئومۇمىيلاشتۇرۇپ تۈرك-رۇنىك يېزىقى دەپمۇ ئاتىغان ئىدى. ئالىملار گېرمانلار ئىشلەتكەن رۇنىك يېزىقىنىڭ قەدىمكى ياۋروپادا مەيدانغا كەلگەن لاتىن يېزىقى ۋە گرېك يېزىقلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ناھايىتى زور دەپ قارايدۇ. دېمىسىمۇ تۈرك-رۇنىك يېزىقىدىكى نۇرغۇن ھەرپ-بەلگىلەر ھازىرقى لاتىن يېزىقى ۋە گرېك يېزىقىدىكى ھەرپ-بەلگىلەر بىلەن ئوخشاش ياكى پۈتۈنلەي ئوخشاش، ھەتتا بەزى ھەرپلەرنىڭ ئوقۇلۇشىمۇ تامامەن ئوخشاش ئىدى. ھازىرقى ئىنگلىزلارنىڭ ئەجدادلىرىدىن قەدىمكى ئانگلۇ-ساكسۇنلارمۇ قەدىمكى تۈرك-رۇنىك يېزىقىغا ئوخشاش يېزىقنى ئىشلەتكەن، قەدىمكى ھۇنگېرلارمۇ شۇ يېزىقنى ئىشلەتكەن ئىدى، شۇڭا بۇ يېزىقنىڭمۇ شۇ دەۋرلەردە دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاجايىپ ھەسسىلەرنى قوشقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىن، بىز دۇنيادىكى ھەر قايسى خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ ئىنتايىن قەدىمىي ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. شۇڭا، ھازىرقى يېزىقلىرىمىز بىلەن قەدىمكى يېزىقلىرىمىزنى سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق ئاساسىدا سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىش ئىكەن.



afrasiyab
يازمىلار: 30
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇن 19, 2007 10:18 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان afrasiyab » پەيشەنبە نويابىر 25, 2010 1:30 pm

كۆپچىللىكنىڭ بەرگەن ئىجادىي باھالىرىغا ۋە پىكرىگە كۆپ رەھمەت.
بۇنىڭ قاچان ۋە قانداق بولۇپ كاللامغا كەپ قالغىنىنى بىلمەيمەن،لېكىن 4-5 يىلدىن بۇيان كاللامنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىنى ئىگەللىۋېلىپ ،باشقا ئىش قىلغۇزماي مېنى ئاۋارە قىلىپ كېلىۋاتاتتى. شۇڭا بۇ خىل ئويدىن قۇتۇلاي دىگەن نىيەتتتە(بۇنىڭ مۈمكىن بولمايدىغان ئوي ئىكەنلىكى ماڭا بەش قولدەك ئايان ئىدى،ھەم يېزىقنىڭ گېپىنى قىلىشتىن ئۆزەمنى بەك قاچۇرىدىغان بوپقالغانتىم،چۈنكى يېزىقنىڭ گېپى بولسىلا لەنەتكە قالىدىغانىم ئۆزەمگە ئايان ئىدى....) يامان چوڭ غەيرەت بىلەن تورغا يوللاپ قويغانتىم.شۇنىڭ بىلەن مۆجىزىلەرچە بۇ ئويمۇ كاللامدىن چىقىپ كەتكەندەك بولۇپ قالدى..خېلى يېنىكلەپ قالدىم.....
شۇڭا ئالدىنقى ئىنكاسلىرىمدا دىگىنىمدەك بۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئويلانغۇم يوق ئىدى... چۈنكى ماڭا نىسبەتەن بۇ بىر ئەھمىيەتسىز ئىش ئىدى.....كاللام مۇشۇنداق جىدەل بىلەن خېلى ئۇزۇندىن تولۇپ كەتتى.....
ئالپ ئەپەندىنىڭ ۋە باشقا تورداشلارنىڭ بەرگەن ئىجادىي پىكىرلىرى مېنى بۇ خىل بېسىمدىن بىراقلا بوشاتقاندەك بولدى....
ھەممىڭلارغا كۆپ رەھمەت.

Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » جۈمە نويابىر 26, 2010 5:13 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Alpsoft[/i] ، ۋاقتى: 2010-11-24 23:51 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3893&ptid=835][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
بۇ يېزىقتىكى ي ھەرىپى ئاي شەكلىدە ئېلىنغان، ق ھەرىپى (ئوق شەكلىدە ئېلىنغان)، ئىي قوشما ھەرىپى (ئېيىقنىڭ شەكلىدە ئېلىنغان)، غ ھەرىپى (ئاققۇنىڭ قانات قېقىپ ئۇچۇۋاتقان شەكلىدە ئېلىنغان)، س ھەرىپى (ئىككى ئېقىننىڭ بىرلىشىشىپ بىر چوڭ دەرياغا ئېقىۋاتقىنىدەك ئېلىنغان)، ھەم باشقا ھەرپلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە تەسۋىرىي يېزىقنىڭ ئالامەتلىرى ئېنىق. ... [/quote]
ئاتتا كېلىدىغان ئا، غازدا كېلىدىغان غ مانا بۇلار ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەزەلدىن باش ھەرپنى بىر ھايۋاننىڭ تەسۋىرىدىن ئالغانلىقى ئېنىق.
كېيىن ئۇيغۇر تىلىمىزدا بولىدىغان زۆر ئۆزگۈرۈشلەر.
1. بىرگە بىر ھەرب ئېلىش مۇقەرەرلىك.
2.جۇملىلەرنىڭ ۋە سۆزلەرنىڭ ئۇزۇراپ كېتىشىگە قانۇننىي چەك قويىلىدۇ. مەسىلەن: گەۋدىلەندۇرىدىغانلىقىنىڭ، ئايدىڭلاشتۇرۋالغانلىقىنىڭ....يەتتە بوغۇمدىن ئاشقان سۆزلەر چەكلىنىشى مۇمكىن. 11 سۆزدىن ئاشقان جۈملىلەر نەشىريات ساھەسىدىن چىقىرىلىشى مۇمكىن. بولسا يازمىچىلار ھازىردىن باشلاپ رىئايە قىلىشىنى سورايمەن.
3.كونا سۆزلەر قېزىلىپ، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقى قوبۇللىنىپ ئورتاق تىل يارىتىلىدۇ. سىرىتتىن كىرگەن سۆزلەر سىقىپ چىقىرلىشى ئېنىق، تەپەككۈر قائىيدىمىزگە چۈشمەي تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى بوغۇپ قويىشى مۇمكىن. چۈنكى، تىل- تەپەككۈر دېمەكتۈر. ئەلۋەتتە، ھەزم بولالىغىنى قالىدۇ.

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » جۈمە نويابىر 26, 2010 7:28 pm

مەن ئالدىنقى قېتىم كىتابخانىدىن چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى دېگەن كىتابنى ئېلىپ، باشتىن-ئاخىر كۆرۈپ چىقتىم، بىرىنچىدىن ئۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر تىلىنى چاغاتاي تىلى دەپ ئاتاشمۇ تازا توغرا ئەمەس، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر بىردەك ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا سۆزلەشكەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا شۇ دەۋر تىلىدىكى ئۆزگىچىلىكلەر بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى بىر پەرقلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئالىملار ئۇنىڭغا چاغاتاي تىلى دەپ نام بەرگەن. ئەمما، بەزىلەر بۇ تىلنى يەنىلا كونا ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتىشىدۇ، ئۆزبېكلەر بولسا ئەسكى ئۆزبېك تىلى دېيىشىدۇ.
مەن بۇ كىتابنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ھېس قىلغىنىم شۇ بولدىكى، بۇ كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ئاتالمىش چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ %90 پىرسەنتى دېگۈدەك ئەرەبچە، پارسچە تىللار، ئۇيغۇرچە ساپ سۆزلۈك %10 كىمۇ يەتمەيدۇ. بۇ كىتابقا جەمئىي 30 مىڭچە سۆزلۈك كىرگۈزۈلگەن، ئۇيغۇرچە ساپ سۆزلەر 2000 ئەتراپىدا ئىكەن. دېمەك، شۇ ۋاقىتتا ئەرەب ۋە پارس تىللىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا نەقەدەر كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز، شۇ دەۋرلەردىكى ئەدەبىي تىل ئاساسەن ئەرەب ۋە پارس تىللىرىدىن سۆز قوبۇل قىلىپ بېيىغان، ھەتتا ئەدەبىي تىلنى ئاددىي خەلق چۈشەنمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بەرگەن. يەكەن خانلىقىدىن كېيىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ بېكىنمىچىلىك دەۋرىگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى خەلقنىڭ ئېغىز تىلىنى ئاساس قىلىپ تەرەققىي قىلىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولغان، شۇنىڭ بىلەن كۆپلەپ ئەرەبچە ۋە پارسچىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر، ئۇيغۇرچە سۆزلەرگە ئالماشتۇرۇلغان. چۈنكى، بۇ دەۋردە ئۇيغۇر تىلى جانلىق ئېغىز تىلى ئاساسىغا قايتقان ئىدى. ئەمما، ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئوخشاش ئەدەبىي تىلنى ئىشلەتكەن ئۆزبېك خەلقى بولسا يەنىلا ئەرەب، پارس ۋە تاجىك تىللىرىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرغانلىقتىن، ھازىرقى زامان ئۆزبېك تىلىدا ئەرەبچە ۋە پارسچە سۆزلەرنىڭ ھېلىمۇ خېلى كۆپلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ پارس تىلىنىڭ كۆپ بولۇشى بۇ تىلدىكى بىر ئالاھىدىلىك.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ھ، خ، ژ، ف ھەرپلىرى بولمىغان، بۇ ھەرپلەر ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ھاياتىغا سىڭىپ كىرىشى بىلەن، ئەرەب ۋە پارس تىللىرىنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇرلار ھ، خ، ژ، ف قاتارلىق ھەرپلەرنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان، ئەمما ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىغا قاراپ باقساق بۇ تۆت ھەرپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆزلەر بەك ئاز دېيەرلىك، بولۇپمۇ ژ ۋە ف ھەرىپىنى بىز تېخىچىلىك ئۆزىمىزگە ئۆزلەشتۈرۈپ كەتكىنىمىز يوق، ھەتتا بۇ ئىككى ھەرپ ئۇيغۇر تىلىدا مەنا پەرقلەندۈرۈش رولىغىمۇ ئىگە ئەمەس، شۇڭا ف نى پ دەپ، ژ نى ج دەپ تەلەپپۇز قىلىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇد.
ھەتتا، مىلادى 840- يىلى ئورقۇن ۋادىسىدىن تارىم ۋادىسىغا، تۇرپان ئويمانلىقىغا، يارىش ئويمانلىقىغا كۆچكەن زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلار (توققۇز ئوغۇزلار) تىلىدا ق ھەرىپى ئاجىزلاشقا باشلىغان، شۇ ۋەجىدىن ھازىرقى تۈرك ۋە تۈركمەن خەلقلىرىدە ق ھەرىپى بىردەك ك ياكى گ بىلەن ئالمىشىپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن، گەنسۇغا كۆچۈپ گەنجۇ ئۇيغۇر خانىدانلىقىنى تەشكىل قىلغان سارىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەۋلادلىرى سېرىق ئۇيغۇرلار (يۇگۇرلار) دا بۇ خىل ئالامەتلەرنى كۆرۈشكە بولىدۇ، ق ھەرىپى ئاجىزلىشىشى، قاتتىق ك نىڭ ئارا گ تەلەپپۇز قىلىنىشى، چ نىڭ ئاجىزلىشىشى، ت نىڭ د غا ئالمىشىشى دېگەندەك ئالاھىدىلىكلەرنى ساقلاپ قالغان. مەسىلەن: ئىچ (ئىش)، ئىسسىق (ئىسگ)، كىتاب-پۈتۈك (پۇدىك)، تون (دون)، كۆر (گۆر)، كىچىك (كىچىگ)، چاچ (شاش)، كالا ياكى ئۇي (ئۇژ)، بەش (بەس)، ئايغىر (ئازغىر)، باش تارا (باش دارا)، تېرەك (دېرەك)، ئوغۇل-قىز (ئوگۇلگىز)، تاشلار (تاستار)، سۆزلەر (سۆزدەر)، چۈشىنىش (ئاڭنا)، چىشلە (تىستە)، ئاياق (ئازاق)، كىيمەك (گېزمەك)، قۇي (گۇز)، ئاچ (ئاش)، كۆپ (گۆپ)، كۆر (گۆر)، ئاغرىق (گېم)، دەريا (ئۇگۇس)، بىر (بىر)، ئىككى (شىكى)، ئۈچ (ۋىش، ئۇش)، تۆت (تىئورت، تۆرت)، بەش (بەس)، ئالتە (ئالتى)، يەتتە (يىتى)، سەككىز (ساقىس)، توققۇز (توقىس)، ئون (ئون)، يىگىرمە (يىگىرمو)، ئوتتۇر (خۇجون)، قىرىق (تۆرتئون)، ئەللىك (بەسئون)، ئاتمىش (ئالتئون)، يەتمىش (يەتئون،جېتئون)، سەكسەن (ساكىسئون)، توقسان (توقىسئون)، يۈز (يۈز)، مىڭ (مىڭ)، تۆمەن (ئاياق). مەن (مەن)، سەن (سەن)، ئۇ (گول)، بىز (مىس)، سىلەر (سېلەر)، ئۇلار (گولار). كەلسەڭ (سەن گېلسە)، كەلسە (ۋۇ گېلسە) دېگەندەكلەرنى مىسالغا ئېلىشقا بولىدۇ. دېمەك بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھازىرقى سېرىق ئۇيغۇر تىلى ھازىرقى تۈرك ۋە تۈركمەن تىللىرىنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئالاھىدىلىكلىرىگە ئوخشاش ئالاھىدىلىكلەرنى ساقلاپ قالغان. بۇ خىل ھادىسىلەرنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ تۇرپان، قومۇل، لوپنۇر شىۋىلىرىدىنمۇ ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ك بىلەن باشلىنىدىغان سۆزلەر تۈرك تىلىدا ئاساسەن گ بىلەن تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، ئۇيغۇر تىلىدا ق بىلەن باشلىنىدىغان سۆزلەر تۈرك تىلىدا ئاساسەن گ بىلەن تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. تۈرك تىلى ئېلىپبەسىدە ۋە تۈركمەن تىلى ئېلىپبەسىدە ق ھەرىپى يوق، ق ھەرىپى دەۋرلەردىن بۇيان گ ۋە ك غا ئاجىزلاشقان. ئەمما، بۇ ئىككى تىلنىڭ جانلىق ئېغىز تىلىدا ق ھەرىپى مەۋجۇد، يېزىقتا ئىپادىلىلەنمىگەن. يەنە، ئۇيغۇر تىلىدا ت بىلەن باشلانغان سۆزلەر تۈرك تىلىدا د بىلەن تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، مەسىلەن: تاغ (داغ)، تۇغ (دۇغ)، تۇر (دۇر) دېگەندەك. بۇ خىل ھادىسىلەر مۇشۇ ئىككى تىلدا گەۋدىلىكلەر، تارىم ۋادىسى ۋە يارىش ئويمانلىقى، تۇرپان ئويمانلىقىغا كۆچكەن ئۇيغۇرلاردا شۇ دەۋردە بۇ خىل ھادىسە كۆرۈلۈشىنىڭ بىردىن-بىر سەۋەبى بۇ دەۋردە ئىشلىتىلگەن ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا (ھازىر موڭغۇللار ئىشلىتىۋاتقان يېزىق) ك بىلەن ق (گ) بىرلا ھەرپ بىلەن پەرقلەندۈرۈلمەي يېزىلغان شەرقتىكى ئۇيغۇرلار بۇ ھەرپنى بەزىدە گ بەزىدە ق دەپ تەلەپپۇز قىلسا، غەربكە جايلاشقان ئۇيغۇرلار ك دەپ تەلەپپۇز قىلغان (توغرىسىمۇ مۇشۇنداق ئىدى، يەنى تارىم ۋادىسى، يارىش تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان غەربىي ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپپۇزى توغرا ئىدى)، پ بىلەن ب پەرقلەندۈرۈلمىگەن، شۇڭا پالتىنى بالتا، پۈتۈننى بۈتۈن دەپ ئوقۇش شۇنىڭدىن قالغان. ت بىلەن د پەرقلەندۈرۈلمەي يېزىلغان شۇڭا يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن مىساللاردىكىدەك ئەھۋال كۆرۈلگەن، چ بىلەن ج بىر ھەرپ بىلەنلا ئىپادىلەنگەن، ئۆ بىلەن ئۈ، ئو بىلەن ئۇ، ز بىلەن ج (ژ) پەرقلەندۈرۈلمىگەن. شۇڭا، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئوقۇشمۇ بەك تەس ئىدى، ئوقۇشقا تەس بولۇشىغا قارىماي ئەجداتلىرىمىز بۇ يېزىقنى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئىشلەتكەن، بۇ يېزىقنىڭ تەسىرىدە بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تىلى كېيىنكى ۋاقىتلاردا شەرقىي قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇيغۇر-ئوغۇز تىللىرىنى شەكىللەندۈرگەن بولسا، غەربىي قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇيغۇر-تۈرك تىللىرىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.
دېمەك، يېزىقنىڭ بىر تىلغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. بۇ تارىختىن بۇيان ئىسپاتلىنىپ كەلگەن ھەقىقەت. ئۇيغۇرلار مىڭ يىللاردىن بۇيان ئەرەب يېزىقىنى ئىشلىتىپ كەلگەنلىكى ۋە ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلغانلىقى ئۈچۈنمۇ ئەرەب ۋە پارس تىللىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى سالمىقىمۇ ئاز ئەمەس. مىسالەن يەنە لاتىن يېزىقىنى 100 يىلدىن بۇيان ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان تۈرك تىلى ئۆز تىلىنى خېلى ساپلاشتۇرغان بولسىمۇ، فرانسوز تىلىنى ئاساس قىلغان لاتىن تىللىرى ئائىلىسىدىن كىرگەن سۆزلەرمۇ تۈرك تىلىدا خېلى يۇقىرى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. 70 نەچچە يىل كىرىل يېزىقىنى ئىشلەتكەن قازاق، قىرغىز، ئۆزبېكلەرنىڭ ھازىرقى تىللىرىدىمۇ رۇس تىلىنىڭ تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان. تىل بىلەن يېزىق گۆش بىلەن سۆڭەكتەك بىر-بىرى بىلەن ئايرىلالمايدۇ. بىرى كەم بولسا شۇ مىللەت مەۋجۇدلۇقىنى تېزلا يوقىتىدۇ.

majeed
يازمىلار: 67
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 23, 2007 5:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان majeed » شەنبە نويابىر 27, 2010 3:52 am

مەن تېخى تۈركلەر ئېنگىلىز قاتارلىق ياۋرۇپا مىللەتلەرىنىڭ تىلىغا كەلمەي قالمىسۇن(ياۋرۇپا بىرلىكىگە كىرىش كامالىزىم ئىددىيىسىنىڭ بىر قىسمى) دەپ ق ھەرىپىىنى ك گە ئۆزگەرتىۋەتكەن بولىشى مۈمكىن دەپ قاراپتىكەنمەن .
ئەسلى ئۇنداق ئەمەسكەن دە.
:handshake

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » شەنبە نويابىر 27, 2010 1:08 pm

كۆپىنچىمىز شۇنداق ئويلاپ قالىمىز، مەنمۇ بۇرۇنلاردا شۇنداق ئويلىغان ئىدىم، مەسىلەن تۈركلەرنىڭ ق، خ، ڭ دېگەندەك ھەرپلەرنى قىسقارتىۋېتىشىنى مەن ئۇلارنىڭ ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى سەۋەبلىك بولغان دەپ ئويلايتتىم، كېيىنرەك بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ تۈركلەر تېخى ئانادولۇ تۈزلەڭلىكىگە كۈچۈپ بېرىشتىن بۇرۇنلا باشلانغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ھازىرقى زامان ئازەربەيجان تىلى ھازىرقى زامان تۈرك تىلىغا خېلى يېقىن، ئەمما ئۇلاردا ق، خ، ڭ ھەرپلىرى بار، تىل قانۇنىيىتىمۇ ئوخشاش. بۇنىڭ سەۋەبى ئازەربەيجانلارنىڭ ئەجدادلىرى ھازىرقى زىمىنلىرىغا خېلى بۇرۇنلا كەلگەن، بۇ ۋاقىتلاردىكى تۈركىي تىللاردا بۇزۇلۇش يىنىك بولغان، شۇڭا ئۇلار تۈركىي تىللاردىكى ئاساسلىق تاۋۇش سىستېمىلىرىنى تولۇق ساقلاپ قالالىغان. ئۇ تەرەپلەرگە كېيىنرەك كۆچۈپ بارغان تۈركلەر، تۈركمەنلەرنىڭ تىللىرىدا يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ئۆزگۈرۈشلەر، ئۇلار كۆچۈشتىن بۇرۇنلا باشلانغان ۋە ئۇ يەرلەرگە بارغاندىن كېيىن، ئەتراپلاردا ياشىغان بولغار، قىپچاق قەبىلىرىنىڭ تەسىرىدە تېخىمۇ تېزلىشىشقا باشلىغان ھەم 1000 يىللار مابەينىدە ھازىرقى تىللار بولۇپ شەكىللەنگەن ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە گاگائۇزلار (كۆك ئوغۇزلار) نىڭ تىلىدىمۇ تۈرك تىلىغا ئوخشاش ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، چۈنكى كۆك ئوغۇزلارمۇ تۈركلەرنى تەشكىل قىلغان سەلجۇق ئوغۇللىرى بىلەن تەڭ كۆچۈپ، ئەڭ ئالدىنقى سەپ بولۇپ ياۋروپا زىمىنىغا كىرگەن تۈركلەردىن ئىدى. ئەمما شىمالغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ قەبىلىرىدىن باشقۇرتلارنىڭ تىلىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالامەتلىرى قىسمەن ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، قىپچاق تىلى ئالامەتلىرىنىڭ كۆپلىكى سەۋەبلىك، ھازىرقى تۈركىي تىللارنى تۈرگە بۆلگەندە، بۇ تىلنى قىپچاق تىللىرى گۇرۇپپىسىغا كىرگۈزىدۇ.
شۇڭا، بەزى مەسىلىلەرنى تارىخىي نۇقتىلاردىن ئىزاھلىسىمۇ، بەزى تىل مەسىلىلىرىگە جاۋاب تاپقىلى بولىدىكەن.

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » شەنبە نويابىر 27, 2010 2:19 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

afrasiyab ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان «ئۇيغۇر كونا يېزىقىنىڭ ئىخچاملانغان نۇسخىسى» نى قوللايمەن دېيەلمىسەممۇ، بۇ خىل يېڭىچە ئىزدىنىش ئىددىيىسىنى ياقتۇردۇم. دۇنيا يېڭى ئىددىيىلەر بىلەن تەرەققىي قىلىدۇ...

koktash
يازمىلار: 54
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 31, 2007 5:37 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان koktash » چارشەنبە يانۋار 05, 2011 3:26 am

مەملىكىتىمىزدىكى قازاق، قىرغىز، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى قەشقەرلىك بىلەن تۇرپانلىقنىڭ شىۋىسىچىلىك پەرقلىنىدۇ. لېكىن ئېلىبەلىرى ئوخشىمىغان ھالەتتە لايىھەلەنگەن.
مۇمكىن بولسا، سالارلارنىمۇ نەزەرگە ئالغان ئاساستا، بۇ ئۈچ خىل ئېلىبەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاندىن ئىملانىمۇ مەلۇم دەرىجىدە بىرلىككە كەلتۈرسە، جۇڭگودىكى تۈركىي مىللەتلەر ئورتاق يېزىق ئىشلىتىشتەك نىشانغا يەتكىلى بولاتتى ...

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار