كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمئىيتىدىكىلەر گە تەكلىپ!

بۇ سەھىپىگە كومپىيۇتېر ۋە كومپىيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان ۋە ھېس قىلغان مەسىلىلەر ھەققىدىكى مۇلاھىزە، مۇھاكىمە خارەكتېرلىك ئەسەرلەر قويۇلىدۇ.
KenJiBay
يازمىلار: 5
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە فېۋرال 24, 2009 12:10 pm
ئالاقىلىشىش:

كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمئىيتىدىكىلەر گە تەكلىپ!

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان KenJiBay » يەكشەنبە يانۋار 15, 2012 9:36 am

[color=Blue][font=UKIJ Esliye][size=5] ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم UKIJ جامائەتلىرى بىزدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ دىسە تولا گەپ لىكىن بىزدە خەلقئارالىق بىرلىككە كەلگەن خەت نۇسخىسى يوق دىيەرلىك، بۇنداق دىسەم بەزىلەر باغۇ دىيىشى مۇمكىن، شۇنداق با دىسەك پەقەت WindowsVista ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇرى نەششىرىدىلا با، لىكىن بىز ئۇيغۇرلاردا مۇشۇ سىسىتىمىلارنى ئىشلىتىدىغان ئادەم قانچىلىك؟ مۇشۇ سىستىلاردىكى بىشى uighur دىن باشلانغان خەت نۇسخسىنىڭ ئىشلىتىلىشى قانچىلىك؟ پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيتىگە ۋە ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى كومپىيوتىر بىلىدىغان، ئۇيغۇرچە يىزىق بىر تەرپ قىلىشنى بىلىدىغانلارغا نىسبەتەن ئىلىپ ئىيتقاندا ئۇنى ئىشلىتىدىغانلار قانچىلىك؟ %30 گىمۇ بارمايدۇ. UKIJ ، Alkatip، Alip ,Ukk قاتارلىق ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش يۇمشاق دېتاللىرىنى ياسىغان ئادەم ئوخشاش بولمىسىمۇ خەلقئارالىق يۇنىكود كود ئۆلچىمى بويىچە ئوخشاش ئۆلچەم قوللىنىپ ياسالغان بولغاچقا بۇ كىرگۈزگۈچلەرنىڭ خەت نۇسخىلىرىنى ئارىلاش كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. بىراق ELPIDA ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچ بولغاچقا يۇقارقى خەت نۇسخىلىرى بىلەن ئارىلاش كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ، ئەلپىدانىڭ يۇنىكودلۇق يەنى ئۆلچەملىك خەت نۇسخىلىرى تارقىتىلىپتۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. لىكىن مىنىڭ ھازىرغىچە ئۇچراتقىنىم ELPIDA ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچ ۋە ئۆلچەمسىز خەت نۇسخىسى. ELPIDAئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچ بولغاچقا مۇشۇ خەت نۇسخىىسىنى ئىشلىتىپ يىزىلغان ئۇيغۇرچە ماتىرىياللارنى باشقا خەت نۇسقىلىرى قوللىمايدۇ بۇ ھەممىمىزگە ئايان، شۇنىڭ ئۈچۈن قانداقلا بولمىسۇن ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچنى يوقىتىشىمىز زۈرۈر ئىدى. لىكىن بەزىلىرىمىز ELPIDA نى ئۆلچەملىك يۇنكودقا ئايلاندۇردىغان قوراللار خلى كۆپ تۇرسىمۇ ئۆلچەملىك يۇنىكودقا ئايلاندۇرۋىلىپ قول ئۈزۈش ئۇياقتا تۇرسۇن ھەتتا Win7 دەك ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسى تەمىنلەنگەن سىستىمىغىمۇ ELPIDA نى قاچىلاپ يۇرىۋاتىمىز.بۇ ئىش قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە بولۇپمۇ مائارىپ ساھەسىدە ناھايتى ئىغىركەن. مائارىپچىلار مائارىپ ساھەسىدە ئۆلچەملىك كىرگۈزگۈچلەرنى ئوموملاشتۇرۇش ئۇياقتا تۇرۇپ ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچتىن قول ئۈزەلمەي يۇرسە باشقا ساھەدىكىلەر،،،،،ھەي! ئەمدى بىز ئۇيغۇرلارغا نىمە دىگۈلۈك؟ ئۇيغۇر دىگەن ئۇيۇشقاق دىگەن گەپكە تۈفى دەي دىسە تىخى! شۇڭا ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىپ يۇرىۋاتقانلار ماتىرياللىرىمىزنى ئۆلچەملىك يۇنكودقا ئايلاندۇردىغان قوراللار ئارقىلىق ئۆزگرتىۋىلىپ ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچتىن قول ئۈزۈڭ. بۇنىمۇ قىلالمىسىڭىز مەن پالانى ئورۇننىڭ ياكى پالانى مەكتەپنىڭ كومپىيۇتىر باشقۇرغۇچىسى دوپ ئوزىڭىزنى داملاپ يۇرمەي بىرىپ ،،،،،،، قىلىڭ. بەلكىم بۇ گەپلەرگە بەزىلەرنىڭ ئاچچىقى كىلىپ كومپىيۇتىر ئۇيغۇرچىنى تونىسا، ئولچەملىك بولامدۇ ئۆلچەمسىز بولامدۇ ئۇيغۇرچە بىر تەرەپ قىلغىلى بولسىا بولمىدىمۇ دەپ بىر نىمەلەرنى دەپ تىللاۋاتقان بولىشىڭىز مۇمكىن. بۇ يەردىكى گەپ ئۇيغۇرچىنى تونۇش، بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى ئەمەس. ئۇيغۇرچىنى تونۇتۇش بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىلا بولسا 98-يىلى ھەل قىلىنىپ بولغان بۇ ئشلارغا كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمئىيتىدىكىلەر ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەرنىڭ خەلقئارالىق يۇنىكود ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۇۈرش توغۇرسىدا مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياسىغۇچىلار بىلەن تالاش-تارتىش قىلىپ يۇرىدىغانغا ئۇلار قىلغىلى ئىش تاپالماي قاپتىكەنمۇ ياكى بىشى چۆگىلەپ ساراڭ بوپ قاپتىكەنمۇ؟
بىزدەWinXp ئىشلىتىدىغانلار كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ. ھەم بۇنىڭغا قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەردىن بىر قانچىسى بولغاچقا بىرسىمىز بىر كىرگۈزگۈچنى يەنە بىرسىمىز يەنە بىر كىرگۈزگۈچنى ئىشلەتكەچكە ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ ئۇيغۇرچە بىر ماتىرىيالنى ئۇرۇپ رەتلەپ بىسىپ چىقارغۇدەك قىلىپ تەڭشەپ ئاقسۇ ياكى قەشقەردىكى بىرسىگە يوللاپ بەرسەك بىرسىمىزدە بار خەت نۇسخى يەنە بىرسىمىزدە بولماسلىق تۇپەيلىدىن ئۇ ماتىرىيالنى قايتىدىن تەڭشەشكە توغرا كىلىدۇ. بىر ھەپتە ئىلگىرى بىر يىغىندا بىرەيلەن ئوزىنىڭ پىلانىنى PowerPoint دا كۆرسەتمىلىك سۆزلەشكە توغرا كەپ قىلىپ تەييارلغان ماتىيالىنى ئىچىۋىدى كومپىيۇتىر يىزىقنى تونۇمىدى، بۇ كىشى ئشلەتكەن خەت نۇسقىسى Ukk رۇقى خەت نۇسقىسىكەن، كومپىيۇتىرغا قاچىلانغىنى بولسا ئەلكاتىپ، ھەر ئىككىلىسى ئۆلچەملىك بولغاچقا كۆرسەتمىلىك ماتىرىيالنىڭ خەت نۇسخىسىنى ئەل كاتىپ رۇقى خەت نۇسخىسغا تەڭشىسەك گەرچە خەت نۇسقىسى ۋە نامى ئوخشاش بولسىمۇ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخساش بولمىغاچقا ماتىرىيالنىڭ قىلىپىدا ئۆزگۈرۈش بولۇپ كىتىپ يىرىم سائەتتەك ۋاقىت ماتىرىيالنى قايتا تەڭشەشكە كەتتى، شۇ جەرياندا بىر خەنزۇ يولداش مەندىن: سىلەرنىڭ نىمىشقا كومپىيۇتىردا يىزىقىڭلار قالايمىقان، ما ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ بىرماتىرىيالنى بىسىپ يەنە بىر ئىشخانىغا ئاچقىسا تونۇمايدىكەن دەپ سوراپ قالدى، بۇنىڭغىمۇ لايىقىدا جاۋاب بەردىم.قارىماققا بۇ ئىش ناھايتى ئاسانلا ھەل قىلغىلى بولىدىغاندەك قىلغان بىلەن لىكىن بىزدە ئىغىر دەرىجىدە خەت نۇسقىسى قالايمىقانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىۋاتىدۇ. ئەگەر ئىشەنمىسىڭىز ئۇيغۇر ھۆسنىخەت كىتابلىرىغا قاراپ بىقىڭ، ئەسلىيە خەت نۇسقىسى، رۇقى خەت نۇسخىسى، باسما خەت نۇسقىلىرىنىڭ قانچىخىل نۇسقىسى باركەن. بىرخىللا نۇسقىسى بار، بىزدىكى كىرگۈزگۈچلەرگە قاراپ بىقىڭ قانچىخىل نۇسخىسى باركەن. قوليازما خەت نۇسخسىنىڭ بىر-قانچەخىل بولغىننى كۆرگەن، لىكىن يۇقارقى خەت نۇسخلىرىنىڭمۇ تاس قالىدۇ ئون- يىگىرمە خىل چىكەتكىلى. خەنزۇلارنىڭكىگە قاراپ بىقىڭ بەش- ئالتىلا خەت نۇسقىسى بار، بۇ ئۇلارنىڭ خەت نۇسقىلىرىنىڭ ئازلىقىدىن ئەمەس، توردىن ئىزدىسىڭىز ئۇلارنىڭمۇ نۇرغۇن خەت نۇسقىلىرى بار.بۇ خەت نۇسقىلىرى Windows تىلا ئەمەس linux قاتارلىق سىستىمىلاردىمۇ ئورتاق بىرلىككە كەلگەن. شۇڭا دۇنيانىڭ ما بۇلۇڭىدا تۇرۇپ دۇنيانىڭ يەنە بىر بۇلۇڭىدىكى بىرسىگە ماتىرىيال يوللاپ بەرسە ئۇنى قايتا تەھىرلەشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇلارنىڭمۇ سوگۇ، جىيا جيا دىگەندەك بىز كۆپ ئىشلىتىدىغان كىرگۈزگۈچلىرى با، ئۇنى قاچىلىسىڭىز ئۇلارنىڭ كومپىيۇتىرىڭىزدىكى ئالتە دانە خەت نۇسقىسى سەككىز، سەككىزى ئون بوپ قالمايدۇ(ئايرىم بىر قىسىملىرىنى ھىسابقا ئالمىغاندا)، ئۇ كىرگۈزگۈچلەر پەقەت خەنزۇچە سۆز ئابىرىغا سۆزلۈك قوشىدۇ خالاس.
بىزنىڭ يۇمشاق دىتال ئىنژىنىرلىرىمىز كىرگۈزگۈچ ياساۋاتىدۇ ،،ياساۋاتىدۇ بىرەسى ما تۆت-بەش خەت نۇسقىسىدا بىرلىككە كىلىپ نامىنى ئۇيغۇر Uyghur basma, Uyghur esliye, Uyghur tuz قىلىپ ئۆزىمىز نىڭ كىرگۈزگۈچلىرىمىزگە قوشۇپ تارقىتايلى دىگەن گەپنى قىلىپ باقمىدى. كىرگۈزگۈچ ياسىساق بولىدۇ، بۇرۇنقى ھالەتتە ياساۋەرمەي بولسا ھەرىپلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۆت-بەش خەت نۇسقىسىدا ئورتاق بىرلىككە كىلىپ بولسا بىزمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لوغىتىنڭ سۆز ئامبىرنى قوشۇپ ياسىساق(ئاددىغىنىسى ئارىمىزدىمۇ خەلق دىگەن خەتنى توغرا يازالمايدىغانلار ناھايتى كۆپ) بىز ۋە بىزدىن كىيىنكى ئەۋلاتلىرىمىزغىمۇ ناھايتى ياخشى بولاتتى. شۇڭا ئۇيغۇر بولىدىكەنمىز بۇ بىر ئويلىنىشقا تىگىشلىك بىر مەسىلە بوپ قالدى. مىنىڭ پىكىرىم ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيتىدىكىلەر بۇ ئشقا باش بولۇپ ئۇيغۇرچە ھەرىپلەرنىڭ چوڭ- كىچىكلىك ئۆلچىمىنى بىكىتىپ بەرسە، بەش-ئالتە خەت نۇسقىسىنى ئوخشاش بىر نامدا بىرلىككە كەلتۈرسىكەن. كۆپچىلىك مۇشۇ توغۇرسىدا بىر ئويلىنىپ باقساق، ھەم ئۆزىمىزنىڭ كۆز قاراشلىرمىزنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقساق.
تەپەككۈرۈم چىچىلىپ كىتىپ ئىنىق مەخسەتنى ئوتتۇرغا قويالماي يازماممۇ ئۇزىراپ كەتتى كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشىنىشى سورايمەن.[/size][/font][/color]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: KenJiBay ، ۋاقتى: 2012-1-15 16:31 [/i]]



nuruz
يازمىلار: 11
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 07, 2009 10:39 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان nuruz » يەكشەنبە يانۋار 15, 2012 12:57 pm

بەلەن تەكلىپ، بالدۇرلا شۇنداق قىلىش كېرەك ئىدى، بولۇپمۇ يۇنىكودسىز كىرگۈزگۈچلەرنى قەتئىي توختىتىش كېرەك!

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » يەكشەنبە يانۋار 15, 2012 2:21 pm

UKIJ سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىنى بۇرۇنلا ئويلاشقان بولغاچقا [url=http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=431]2008- يىلى 3- قېتىملىق فونت تۈزىتىش[/url]چاقىرىقىنى چىقارغان ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىمۇ چىققان.
سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەپ:
1- خەت نۇسخىسى ياسايدىغانلار ياكى ياساۋاتقانلاردا پىكىر بىرلىكى بولۇنمىدى.
2- بەزى خەت نۇسخىلىرى [url=http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=431]2008- يىلى 3- قېتىملىق فونت تۈزىتىش[/url]چاقىرىقىدىن بۇرۇن ياسالغان ياكى كەسىپ ئەھلىلىرى بىلەن كېڭىشىش ۋە بىرلىكتە سىناپ پىكىر ئېلىش ئېلىپ بېرىلمىغان. ھەركىم ئۆزەمنىڭ توغرا دەپ قارايدىغان، يىراقنى كۆزلىمەيدىغان شەخسىيەتچىلىكنىڭ نەتىجىسى.
3- بىزنىڭ خەت نۇسخىلىرىمىز خەلقارالاشمىدى (سىستېمىلارغا قوشۇلمىدى)، خەلقارالاشقان خەت نۇسخىلىرىغا قوشۇلمىدى.
4- بىزنىڭلا ئەمەس باشقىلارنىڭ خەت نۇسخىسىنى ئېلىپ ئېيتساقمۇ ئورتاق خەت نۇسخىسى ئىشلەتمەي ئالاھىدە خەت نۇسخىسى ئىشلىتىپ تەييارلىغان ھۆججەتنى باشقا كومپيۇتېردا ئاچسا خەتنىڭ بىنورمال كۆرۈنۈشى بار ئىش. بۇ مەسىلىنى شۇ ھۆججەت بىلەن شۇ ھۆججەتتە ئىشلىتىلگەن خەت نۇسخىلىرىنى قوشۇپ ساقلاش (ئېلىپ يۈرۈش) ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىش نۆۋەتتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇشى مۇمكىن.
يۇقارقىلار مېنىڭ شەخسىي قارىشىم.
بۇ مەسىلىلەر بارا- بارا ھەل بولىۋاتىدۇ، ھېلىھەم بولسىمۇ ms uighur دېگەندەك خەت نۇسخىلىرى پەيدا بولدى ۋە سىستېمىغا قوشۇلىۋاتىدۇ.
ئىشىنىمەنكى ھەممىمىز بۇ مەسىلىنىڭ مۇھىملىقى ھەم ئۆزىمىزنىڭ ھازىرقى مەجبۇرىيەت، كەلگۈسىدىكى مەسئۇلىقيىتىمىزنى كۈنسىرى تونۇپ يىتىۋاتىمىز. بۇ ئىشلارمۇ ئۇھاققا قالماي ھەل بولۇپ كىتىدىغانلىقىغا ئىشىنەيلى.

Nezeri
يازمىلار: 53
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئىيۇن 06, 2007 4:51 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Nezeri » يەكشەنبە يانۋار 15, 2012 2:51 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Intil[/i] ، ۋاقتى: 2012-1-15 20:21 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=4259&ptid=916][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
UKIJ سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىنى بۇرۇنلا ئويلاشقان بولغاچقا 2008- يىلى 3- قېتىملىق فونت تۈزىتىشچاقىرىقىنى چىقا ... [/quote]
مەنمۇ يازاي دەپ تۇرغان. ئابلەتكام ئوبدان جاۋاب بېرىپتۇ.

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » شەنبە يانۋار 21, 2012 9:12 pm

KenJiBay ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ پىكىرلەر تامامەن توغرا ئېيتىلغان، تېمىدا بايان قىلىنغان ئىشلار ھەقىقەتەنمۇ مەۋجۇد، بۇ پىكىرلەر بۇرۇنمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىراق كۆپ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەل بولماي كەلدى. يەنە كېلىپ، بۇ پىكىر ھازىر قويۇلمىغان تەقدىردىمۇ، كېيىن يەنە چوقۇم ئوتتۇرىغا قويۇلىشى مۇمكىن ئىدى، چۈنكى مەن ئۆزۈممۇ شۇنداق ھېس قىلىپ كېلىۋاتاتتىم. ئەسلىدە بۇ تەخىرسىز ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى، بىراق سەل قاراپ كېلىۋاتىمىز.
مەزمۇر تېمىغا ئۆزۈمنىڭ كۆز قاراشلىرىنى قويۇشتىن ئاۋۋال، تېمىدىكى بىر قانچە سوئال ياكى ئېنىقسىز بولۇپ قالغان نۇقتىلارغا ئىزاھات بېرىپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
ھازىر ئۆلچەمسىز يېزىق كىرگۈزگۈچلەر مەۋجۇدمۇ؟ دېگەن سوئال بىزنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ، ئەگەر يوق دېسەك پۈتۈنلەي يالغان گەپ قىلغان بولىمىز. ئۆلچەمسىز يېزىق كىرگۈزگۈچلەرنىڭ داۋاملىق تۈردە ئىشلىتىلىشى ۋە بۇ ئارقىلىق كېلىپ چىقىۋاتقان ئاۋۋارىچىلىقلارنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى مۇنداق چۈشىنىشكە بولىدۇ. 1) ھازىر كومپيۇتېردا ئۇيغۇر يېزىقىنى بىرتەرەپ قىلغۇچىلار ياكى ئىشلەتكۈچىلەر ئومۇمەن ھەقسىز يۇمشاق دېتاللارغا بەكلا كۆنۈپ كەتتى. شۇڭا پۈتۈنلەي ھەقسىز تارقىتىلغان، كودى ئەكس تەھرىرلەنگەن ياكى يېشىپ تارقىتىۋېتىلگەن كونا نەشردىكى يېزىق كىرگۈزگۈچلەرنى تاللاپ ئىشلىتىش ئەھۋالى ئېغىر. بۇ خىلدىكى يېزىق كىرگۈزگۈچلەرنىڭ كۆپىنچىلىرى خېلى يىللاردىن ئىلگىرى ياسالغان، ئۇ ۋاقىتلاردا كود ياكى خەت نۇسخىلىرى توغرىسىدا ناھايىتى ئېنىق بولمىغان ئۆلچەملەر مەۋجۇد ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا ياسالغان بىر قىسىم يېزىق كىرگۈزگۈچلەر ئۆز ۋاقتىدا يۇنىكود ئۆلچىمىدە بولمىسىمۇ ئۆلچەملىك ھېسابلىناتتى، بىراق ھازىرقى كۈنىمىزگە كەلگەندە ئۇلار ئۆلچەمسىز يېزىق كىرگۈزگۈچلىرى دەپ ئاتالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ يېزىق كىرگۈزگۈچلەر خەلقئارا ۋە دۆلەت ئۆلچەملىرى بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم ۋە پرىنسىپلارغا ئاساسەن يېڭىلىنىپ ياسالدى. بۇ خىل يېڭىلانغان نەشردىكى يېزىق كىرگۈزگۈچلەر ھەر يىلى دېگۈدەك يېڭى ئۆلچەم ۋە قائىدىلەر ياكى يۇمشاق دېتالنىڭ ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى سەۋەبىدىن يېڭىلىنىپ تۇرۇلدى، ھەمدە بۇ يېڭىلانغان يېزىق كىرگۈزۈش يۇمشاق دېتاللىرى ئومۇمەن شىركەتلەر تەرىپىدىن ياسىلىپ بازارلاشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن ھەقلىق سېتىۋېلىنىدىغان مەھسۇلات ئىدى. بىراق، ئىشلەتكۈچىلەر ئارىسىدا يېزىق كىرگۈزسىلا بولىدىغۇ، ھاجەتتىن چىقسىلا بولىدىغۇ دېگەن كۆز قاراش، ھەمدە ھەقسىز يۇمشاق دېتاللارغا تايىنىۋېلىش خاھىشى ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن كۆپ ھاللاردا كونا نەشردىكى يۇمشاق دېتاللارنى داۋاملىق ئىشلىتىپ كەلمەكتە، مەزكۇر يازمىدا بايان قىلىنىۋاتقان «ئۆلچەمسىز يېزىق كىرگۈزگۈچلەر» دېيىلگەنلەر يۇقىرىدا مەن بايان قىلغان بۇرۇنقى كونا نەشردىكى يېزىق كىرگۈزگۈچلەرنى كۆزدە تۇتىشى كېرەك دەپ قارايمەن. 2) خاتالىق سادىر قىلمايدىغان ئادەم ۋە خاتالىق سادىر بولمايدىغان ئىش يوق، مىكروسوفت شىركىتىمۇ ۋىندوۋسقا ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچ سەپلەش داۋامىدا خاتالاشقان، شۇڭا ھازىرقى يېڭى نەشرىدە بىز خاتا ياسالغان (كونا) ۋە تۈزىتىلگەن نەشردىكى ئىككى ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچنى كۆرەلەيمىز. شۇنداق بولغانىكەن، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا يۇنىكود ئۆلچەمىگە ئۇيغۇر يېزىقى ئىلتىماس قىلىنىۋاتقان ۋاقىتلارنىڭ ئالدى-كەينىدە ياسالغان بىر قىسىم يېزىق كىرگۈزگۈچلەرنىمۇ خاتالىقلاردىن خالىي بولالمىغان دەپ چۈشىنىش كېرەك. بۇ ئىشلار تارىخ بولۇپ قالدى، يۇمشاق دېتال ئىشلىگۈچىلەر بۇ تارىخى باسقۇچلاردىكى ئۆلچەم ۋە يېڭىلىنىشلارنى باشتىن كەچۈردى، ھەم خاتالىقلارنى تۈزىتىپ يۇمشاق دېتاللارنى يېڭىلاپ تۇردى. بىراق ئىشلەتكۈچىلەر بۇ توغرىسىدا كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىگە قايسى قۇلاي كەلسە شۇنى ئىشلىتىپ كەلگەنلىكتىن، مەزمۇر تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتقان بەزى مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تاشقى جەھەتتىن زورايتىپ تۇردى. بەلكى بۇ يەردە يۇمشاق دېتال ئىشلىگۈچىلەرنى ئىچكى ئامىل دەپ قارىغاندا، ئۇلارنىڭ نەچچە يىللار ئاۋۋال قىلغان ئەمگەكلىرى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن يېزىق كىرگۈزگۈچلەرنى ھازىرقى تارىخى باسقۇچتا «ئۆلچەمسىز»، «گۇناھ» دەپ قاراش مېنىڭچە مۇۋاپىق ئەمەس. ھەم بۇنىڭلىق بىلەن مەن يۇمشاق دېتال پروگراممىچىلىرىنى ئاقلىغىنىممۇ ئەمەس. مۇھىمى مەسىلىگە قانداق قاراش، مەسىلىنى قانداق چۈشىنىش، ھەم قانداق ھەل قىلىشتۇر.
ئاندىن يۇقىرىدىكى بايانلارغا ماس ھالدا قىستۇرۇپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈمكى، ئەلپىدا يېزىق كىرگۈزگۈچ يۇمشاق دېتالى رايونىمىزدا ناھايىتى بۇرۇن ياسالغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۆز ۋاقتىدىكى شارائىتتا (يۇنىكود تېخى ئېنىق بولمىغان ۋاقىتلاردا) ناھايىتى ئىلغار يېزىق كىرگۈزگۈچ بولۇپ، ئۇنىڭ كېيىن يۇنىكودنى ئۆلچەم قىلىنغان ئاساستا نەشرى كۆتۈرۈلۈپ ياسالغان نۇسخىلىرىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىدى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ مۇقىم بولۇشى، قۇلايلىق بولۇشى نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەرنى رازى قىلغان بولسا، خەت نۇسخىلىرىنىڭ كۆركەملىكىمۇ ئىشلەتكۈچىلەرگە ناھايىتى كۆپ ھوزۇر بېغىشلىغان ئىدى. مەن ئەلپىدا يېزىق كىرگۈزگۈچىسىنى ئىشلىگەن پروگراممىرنى كۆپ بىلىپ كەتمەيمەن، بىراق بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ناھايىتى نادىر مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم، مەنمۇ نەچچە يىللار ئىلگىرى ئەلپىدا يېزىق كىرگۈزگۈچتىن (بۇ ۋاقىتتا سېتىۋالغان ئەلپىدا يېزىق كىرگۈزگۈچ يۇنىكودلۇق ئىدى) بىردانە سېتىۋېلىپ ناھايىتى راھەتلىنىپ ئىشلەتكەن. ھازىرمۇ ئەلپىدا يېزىق كىرگۈزگۈچلىرى ۋە ئۇنىڭدا تەمىنلەنگەن خەت نۇسخىلىرى خېلى كۆپ يەرلەردە ئىشلىتىلىنىۋاتىدۇ. بىراق يازمىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىشلەتكۈچىلەر ئەلپىدا يېزىق كىرگۈزگۈچىسىنىڭ بۇرۇنقى نەشردىكى نۇسخىلىرىنى ئىشلەتكە كېرەك، شۇڭا خاتالىقلارنىڭ ۋە توقۇنۇشنىڭ يۈز بېرىشى ئېنىق. شۇڭا، مۇمكىن قەدەر بۇرۇنقى ئۆلچەمسىز يېزىق كىرگۈزگۈچ ۋە خەت نۇسخىلىرىنى تۈپتىن يوقىتىمىز دەيدىكەنمىز، ئۇنداقتا ھەقلىق ئۆلچەملىك ئىشلەنگەن يۇمشاق دېتاللارغا يۈزلىنىشىمىز، ھېچ بولمىغاندا داۋاملىق ئىشلىتىدىغان يېزىق كىرگۈزگۈچ ۋە خەت نۇسخىلىرى ئۈچۈن بولسىمۇ ئازراق چىقىم قىلىپ قويۇش كېرەك دەپ قارايمەن.
يەنە، شۇنىمۇ ئېيتىش كېرەككى بىر قىسىم شىركەت ۋە شەخسلەر ئۆزىنىڭ كەلگۈسى مەنپەئىتىنى ئويلاپ بۇرۇنقى كونا نۇسخىدىكى يېزىق كىرگۈزگۈچلىرىنى بىراك قىلىۋەتمەي ياكى توختىتىۋەتمەي، يېڭى نەشرىنى چىقىرىۋالغاندىن كېيىن، كونا نەشرىنى توردا ھەقسىز تارقىتىپ نۇرغۇنلىغان ئىشلەتكۈچىلەرگە ۋە يېزىقچىلىق ئىشلىرىغا تولدۇرۇۋالغۇسىز زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى. مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاشلار ھەقىقىي ئۆلچەمسىز يېزىق كىرگۈزگۈچ ۋە خەت نۇسخىلىرىنى ئاشكارا تارقاتقۇچىلاردۇر، بۇنداقلار ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن كونا نەشردىكى يۇمشاق دېتاللىرىدىن ئاسانلىقچە ۋاز كېچىشنىمۇ خالىماي، ھەر تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كونا نەرسىسىنى «قولدىن چىقىرىش» نى ئويلاپ، گەرچە ھەقسىز تارقاتقان بولسىمۇ، بۇ خىل ھەقسىز زەھەرلەر ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەمگىكىنى نابۇت قىلىپ زەھەرلىمەكتە، ھەم نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولماي كېلىشىگە سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە. ھەتتا، بۇلار كونا نەشردىكى نۇسخىسىنى ھەقسىز تارقىتىپ بولۇپ، ئۆزىلىرىنىڭ يۇنىكودقا ئۇيغۇنلاشتۇرغان ھەقلىق نۇسخىلىرىنى بازارغا سالغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆزىدىن ساقىت بولۇپ كەلدىكى، كونا نەشرى بىلەن يېڭى نەشرىنىڭ بىر-بىرى بىلەن توقۇنۇش ھاسىل قىلىشى ئاقىۋەت پۈتۈن يېزىق كىرگۈزگۈچلەرگە ۋە خەت نۇسخىلىرىغا بېرىپ تاقالدى، ھەتتاكى بۇ خىل زىددىيەتلەر مەلۇم بىر خىل يېزىق ئايلاندۇرغۇچ دەپ، خەت نۇسخىسى ئالماشتۇرغۇچ دەپ دېگەندەك نۇرغۇن چىرايلىق ناملار قويۇلغان «قۇلايلىق ئايلاندۇرغۇچ» لارنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن كونا بازىرى بىلەن يېڭى بازىرىنى بىر-بىرىگە مۇۋاپىقىيەتلىك ئۇلىۋالدى.
ئەمدى مەزكۇر تېمىدىكى خەت نۇسخىلىرىنى ئۆلچەمگە كەلتۈرۈش، ياكى بىرنەچچە خەت نۇسخىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش دېگەن مەسىلىگە كەلسەك. بۇنىڭدا پەقەت خەت نۇسخىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش بىلەنلا ھەل بولۇپ كېتىدىغان ئىش ئەمەس. ئەگەر، مۇشۇنداق بولغان بولسا ئىدى، 2-3 يىلدىن بۇيان ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن UKIJ نامىدىكى خەت نۇسخىلىرى ئاللىقاچان بارلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بىردىن-بىر تاللىشى بولۇپ قالاتتى. بىراق ئىش بۇنداق ئاسان ئەمەس، بۇ مەسىلە نۇرغۇن تەرەپلەرگە تاقىشىدۇ، مەسىلەن: شىركەتلەرنىڭ مەنپەئىتى، شەخسلەرنىڭ شان-شەرىپى، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشى، گۈزەللىك كۆز قارىشىمىز، كۈنۈش ئادىتىمىز دېگەندەك سانىغۇسىز ئۆتكەللەردىن ئۆتىشى كېرەك.
ئۆلچەمسىز يېزىق كىرگۈزگۈچلەرنى تازىلاپ، خەت نۇسخىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرىمىز دەيدىكەنمىز تۆۋەندىكىدەك ئىشلارنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك.
1. ئۆلچەمسىز يېزىق كىرگۈزگۈچ ۋە ئۆلچەملىك يېزىق كىرگۈزگۈچلەر ئوتتۇرىسىدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان بارلىق يۇمشاق دېتاللارنى ياساش، تارقىتىش، تەشۋىق قىلىشنى توختىتىش لازىم. بۇ ئۆسمىنى تازىلىماي تۇرۇپ ئۆلچەمسىز يېزىق كىرگۈزگۈچلەرنىڭ تۈپتىن يوقىتىش تەس. مۇشۇنداق «ئالماشتۇرۇش» ئېلىپ بارىدىغان يۇمشاق دېتاللار بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆلچەمسىز يېزىق كىرگۈزگۈچلەرنىڭ داۋاملىق تۈردە مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇپ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كومپيۇتېرىغا توختىماستىن قاچىلىنىشىغا يېشىل چىراق يېقىپ بېرىۋاتىدۇ.
2. يېزىق كىرگۈزگۈچ ۋە خەت نۇسخىلىرى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشلەر، ئىلمىي بايانلار، تەشۋىقاتلار ئاز ئەمەس، بىراق بۇنى ئوقۇغانلار، چۈشەنگەنلەر، بىلگەنلەر قانچىلىق ئىكەنلىكى مانا بىزگە تولىمۇ ئايان ئىشلارنىڭ بىرى. شۇڭا، ئۆلچەملىك يېزىق كىرگۈزگۈچ ۋە خەت نۇسخىلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن يېڭىچە بىر ئۇسۇل قوللىنىش كېرەك. بۇنى ھەربىر يۇمشاق دېتال ئىشلىگۈچى شىركەت، يۇمشاق دېتال ساتقۇچى، پروگراممىرلار، ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەردىن باشلىشىمىز لازىم. سۇنىڭ بېشىدىن تارتىپ سۇنىڭ ئاخىرىغىچە تۇتمىغاندا يەنىلا ئۆسمە مەۋجۇد بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ.
3. لىنۇكس مەشغۇلات سىستېمىسى ھېسابلانغان يۇبۇنتۇ (Ubuntu) نىڭ كېيىنكى يېڭى نەشرلىرىدە UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى قوشۇلىدىغان خەۋەرلەرنى ئاڭلىدۇق، بەلكىم قوشۇلۇپ بولۇنغانلىقى ھەم مۇمكىن. دېمەك، UKIJ خەت نۇسخىلىرىنى بىر قىسىم سىستېمىلار، يۇمشاق دېتاللار، توربەتلەر ئۆزىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىغا ئاللىقاچان يىغىنچاقلاپ بولدى، ھەمدە ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئەندىزىسىنىمۇ كۆرسىتىپ بەردى. شۇڭا، UKIJ خەت نۇسخىلىرىنى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىنى ئۆلچەمگە كەلتۈرۈش ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ ھەم مۇشۇنداق شەرت شارائىتلارنى ھازىرلىغان دېيىشكىمۇ بولىدۇ. يېڭىدىن Uyghur .... دىن باشلانغان Uyghur Tuz ، Uyghur Esliye دېگەندەك خەت نۇسخىلىرىنى ياساش تەس ئەمەس، بىراق بۇ ئىشنى يەنىلا كۆپەيتىۋېتىدۇ، ھازىر UKIJ نىڭ ئۆزىدىلا بار بولغان خەت نۇسخىلىرى ئىچىدىن 6-10 گىچە خەت نۇسخىسىنى تاللاپ چىقىرىپ، ھەربىر يۇمشاق دېتال ۋە سىستېمىلاردا بىرلىككە كەلگەن خەت نۇسخىسى قىلساق نېمە دەپ بولمايدۇ، بۇ خەت نۇسخىسى UKIJ دېگەن نامدىن باشلانسا نېمە بوپتۇ؟ Uyghur دېگەن نام بىلەن باشلانسا ھەم نېمە بولماقچى، ھەم بۇ بىزگە قانداق ئۆزگۈرۈشلەرنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟
4. ۋىندورۋس، لىنوكس، ماكىنتوش دېگەندەك مەشغۇلات سىستېمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىنكى بىرنەچچە خەت نۇسخىلىرىنى سىستېمىلىرىغا قوشۇۋېتىش تەكلىپىنى بېرىشمۇ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى. مەسىلەن، مىكروسوفت شىركىتى ۋىندوۋسقا رايونىمىزدا ئىشلەنگەن خەت نۇسخىلىرىدىنمۇ قوشۇشنى قوبۇل كۆرسە، ئۇنداقتا بىز ئۇنىڭ بۇرۇن ياسىغان Microsoft Uighur دېگەن خەت نۇسخىسىغا ئوخشاش، Uyghur xxx ياكى Uighur xxx دېگەندەك ناملارنى قويۇپ بىرلىككە كەلگەن دەپ تەمىنلىمىسەكمۇ، ئەگەر خەت نۇسخىلىرىمىزنى ئۇ شىركەتلەر ھەقىقەتەن قوبۇل قىلىپ سىستېمىلىرىغا قوشۇشنى مۇۋاپىق كۆرسە UKIJ نامىدىكى خەت نۇسخىلىرى بولسىمۇ ۋە ياكى شىركەت نامىدىكى خەت نۇسخىلىرى بولسىمۇ قوشۇۋېرىدۇ، ۋىندوۋس ۋە لىنۇكسنىڭ ئىچىدە تەمىنلەنگەن سىستېما خەت نۇسخىلىرىنىڭ ئىچىدىمۇ شىركەتلەر ۋە شەخسلەر ياسىغان خەت نۇسخىلىرىنى كۆپ كۆرىمىز. بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ۋىندوۋس ۋە لىنۇكسلار ئۈچۈن مەخسۇس مەبلەغ سېلىپ ياسالغان ياكى تۈر قىلىپ تۇرغۇزۇلۇپ ياسالغان خەت نۇسخىلىرىمۇ بار، ھەم شىركەت ۋە شەخسلەر ھەقسىز ھەدىيە قىلغان خەت نۇسخىلىرىمۇ بار.
5. رايونىمىزدا يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شىركەتلەرمۇ ھازىر ئومۇمەن بىرلىككە كېلىنىۋاتقان UKIJ خەت نۇسخىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا سىڭدۈرۈشى كېرەك، يەنى ئۆزىنىڭ خەت نۇسخىلىرى بىلەن بىللە مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇش، ياكى پەقەتلا بىرلىككە كېلىنىۋاتقان UKIJ خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلىتىش يولىنى تۇتۇش كېرەك. بۇ يەردە بىرلىككە كېلىنىۋاتقان UKIJ خەت نۇسخىلىرى دېگەندە، ھازىر UKIJ دە مەۋجۇد ھەقسىز تەمىنلىنىۋاتقان خەت نۇسخىلىرى رايونىمىزدىكى يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى ۋە شەخسلەر ياسىغان ياكى ئۆزلەشتۈرگەن نادىر خەت نۇسخىلىرىنى بىريەرگە جەملەش، ناملىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق ھازىرقىدەك ھالەتكە كەلگەن. شۇڭا، خەت نۇسخىلىرىنى بىرلىككە كۈلتۈرۈش خىزمىتىنى ئەمدى باشلايمىز ئەمەس، بەلكى نەچچە يىلدىن بۇيان باشلىنىپ بولۇنغان ئىشلاردۇر. پەقەت يۇقىرىدا ئېيتىلغان ھەرتۈرلۈك ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىنلا، بۇ مەسىلىلەر تەلتۈكۈس ھەل بولۇپ كەتمىدى. بەزى شىركەتلەر UKIJ خەت نۇسخىسىنى پەقەتلا مەھسۇلاتلىرىغا قاتمايدۇ، بەزىلىرى ئۆزىنىڭ خەت نۇسخىلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەمىنلەيدۇ، ئىشلەتكۈچىلەرمۇ ھەم شۇنداق، كۆزىگە قايسى خەت نۇسخىسى چىرايلىق كۆرۈنسە شۇنى تاللاپ ئىشلىتىۋېرىدۇ، توغرىمۇ-خاتامۇ، ئۆلچەملىكمۇ-ئۆلچەمسىزمۇ قاراپ ئولتۇرمايدۇ. UKIJ خەت نۇسخىلىرى شۇنداق ئۆلچەملىك، سۈپەتلىك ھەم كۆپ بولۇشىغا قارىماي يەنىلا يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇد بولۇشى، ھەمدە UKIJ خەت نۇسخىلىرىدىن ھېچ بولمىغاندا بىرنەچچىنى تاللاپ ئومۇمى ھالدىكى بىرلىككە كەلگەن خەت نۇسخىسى بولالماسلىقىدىكى تۈپكى سەۋەبلەرنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن بەك تەس.
يۇقىرىقىلار مېنىڭ بۇ يازمىغا بەرگەن شەخسىي كۆز قاراشلىرىم.

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » پەيشەنبە يانۋار 26, 2012 7:42 am

ئالىپ ئەپەندىمنىڭ پىكرى ئوبدان پىكىر بوپتۇ.
تېما ئېگىسى ئېيتىپ ئۆتكەن مەسىللەر ناھىيە يېزىلاردا مەۋجۈت مەسىلە. بۇ مەسىللەرنىڭ يۇقالماسلقىدىكى يەنە بىر ھالقىلىق مەسىلە شۇكى، كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچى خادىمنىڭ بىلىم سەۋيىسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتىك بۇلىشى مۇمكىن.

Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » پەيشەنبە يانۋار 26, 2012 4:06 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Eltekin[/i] ، ۋاقتى: 2012-1-26 01:42 PM [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=4266&ptid=916][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
تېما ئېگىسى ئېيتىپ ئۆتكەن مەسىللەر ناھىيە يېزىلاردا مەۋجۈت مەسىلە ... [/quote]

بۇنداق دېگىلى بولماس ، چوڭ چوڭ شەھەرلەردىمۇ ، ئەشۇ شەھەرلەردىكى ئۈنۋىرسىتلاردىمۇ ئومۇمىي يۈزلۈك مەۋجۇت ....بىرنەچچە يىل ئىلگىرى نەچچە يۈز بەتلىك ئاسپىرانىتلىق ماقالىسى مۇشۇ ئەلپىدا تۈپەيلى تاس قالغان ، دىسىرتاتسىيەدە چاتاق چىققىلى . :L :L

بايا ئىيتىپ ئۆتكەن جىق بىلىم سەۋىيەمۇ كەتمەيتى ، قايسىنىڭ ئۆلچەمسىز قايسىنىڭ ئۆلچەملىك ئىكەنلىكىنىمۇ كۈچەپ تەشۋىق قىلىش زۆرۈردۇر. بۇنىڭدا پاراڭلاشقۇ ، مىكرو بىلوگ، ئالاقە تورىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كومپيۇتېر كەسپى بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلارغىمۇ ئاكتىپ تەشۋىق قىلىش كىرەك.

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » پەيشەنبە يانۋار 26, 2012 7:34 pm

سەۋەنلىكلەرنى ئىشلەتكۈچىلەرگە قويماسلىق لازىم. چۈنكى، ئىشلەتكۈچىلەر شۇ يېزىق كىرگۈزگۈچنىڭ ئۆزىگە قۇلايلىق بولۇشىنى ئىستەيدۇ، كاشىلا پەيدا بولمىغۇچە ئۇنى نورمال «يۇمشاق دېتال» دەپ ئىشلىتىدۇ. ھەم كۆپىنچە ئىشلەتكۈچىلەر ئۆلچەملىك ۋە ئۆلچەمسىز دەپ ئايرىلىۋاتقان يېزىق كىرگۈزگۈچلەرنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ. مەسىلەن يەنە، بىر قىسىم ئىشلەتكۈچىلەر بۇرۇن ئۆلچەمسىز يېزىق كىرگۈزگۈچتە كىرگۈزگەن نۇرغۇنلىغان ماتېرىياللىرى بار بولۇپ، ئۇنى «ئايلاندۇرغۇچ» لار بىلەن يۇنىكودلۇق قىلىپ ئايلاندۇرۋالماقچى بولغاندا فورماتى ياكى شەكلى ئۆزگۈرۈپ كېتىش، خەت نۇسخىسىنىڭ چوڭ-كىچىك بولۇپ قېلىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىنمۇ، بۇرۇن ئۆزى كىرگۈزگەن ماتېرىياللاردىن ۋە ئۆلچەمسىز يېزىق كىرگۈزگۈچلەردىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدۇ، ھەم داۋاملىق شۇنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. يەنە مۇنداق ئەھۋاللارمۇ بار، مەلۇم بىر ئىدارە ياكى ئورگاندا كومپيۇتېر ئىشلىتىغا مەسئۇل خادىم مەلۇم بىر خادىمنىڭ كومپيۇتېرىغا يۇمشاق دېتال قاچىلاپ بېرىش داۋامىدا، ئىشلەتكۈچى تەلەپ قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا كومپيۇتېر خادىمى ئۇنىڭغا ئۆلچەملىك يېزىق كىرگۈزگۈچلەرنى قاچىلاپ بېرىشى مۇمكىن، ئەگەر ئىشلەتكۈچى ئۆزىنىڭ بۇرۇن XXX يېزىق كىرگۈزگۈچىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، ھەم شۇنىڭغا كۈنۈپ كەتكەنلىكىنى، شۇنىلا قاچىلاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالسا، كومپيۇتېر خادىمى ئىلاجىسىز ئىشلەتكۈچىنىڭ رايىغا باقىدۇ.
شۇڭا، نۇرغۇن ئەھۋاللاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھازىرقى يۇنىكودلۇق ئۆلچەملىك يېزىق كىرگۈزگۈچلەر بىر يولدىكى نەرسىلەر بولسا، ئۆلچەمسىز يېزىق كىرگۈزگۈچلەر ئاللىقاچان «ئالماشتۇرغۇچ» (ئاچال) لارنىڭ ياردىمىدە باشقا بىر يولغا كىرىپ كەتكەن. بۇ ئىككىسىنى بىر يولغا ئەكىرىپ، ئاخىرىدا ئۆلچەملىك يېزىق كىرگۈزگۈچلەرنى ئىشلىتىش ۋە تەشۋىق قىلىشقا شەرت-شارائىت يارىتىش تولىمۇ تەسلىشىپ كەتتى. يەنى بۇ ئىشلار يېپى ئۈزۈلگەن لەگلەكلەردەك بولۇپ كەتتى دېسەكمۇ بولىدۇ، ئاۋۋال بۇ ئىككىسىنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ۋە باغلاش ئۈچۈن، ئاچاللارنى يوقىتىش كېرەك، ئاندىن ئىشلەتكۈچىلەر يولنى كۆرەلەيدۇ.
كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىقمۇ، بۇ مەسىلىلەرنى خېلى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ، يەنى كونا نۇسخىدىكى يېزىق كىرگۈزگۈچلەر ئىچىدە ئۆلچەمسىزلىرىنى ئىشلىتىۋاتقان ئىشلەتكۈچىلەرگە مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئىلغار، ياخشى بولغان ئۆلچەملىك يېزىق كىرگۈزگۈچلەرگە ھەقسىز ئالماشتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىق توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، كونا نۇسخىدىكى ئۆلچەمسىز يېزىق كىرگۈزگۈچلەرنى ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ سانىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، بۇ توغرىسىدىمۇ ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.
ئاندىن ھەرقايسى توربېكەت، كومپيۇتېرچى خادىملار ھەرۋاقىت ئۆلچەملىك يېزىق كىرگۈزگۈچلەرنى تەشۋىق قىلىش، تەۋسىيە قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا، تېخىمۇ كۆپ ئىشلەتكۈچىلەرگە ياردەم قىلغىلى بولىدۇ.

dolkun731
يازمىلار: 3
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇن 29, 2010 11:26 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان dolkun731 » يەكشەنبە فېۋرال 05, 2012 5:49 am

ئورۇنلۇق تەكلىپ، بۇنى قەتئىي قوللاش كېرەك!
مەن ئالدىنقى يىلى 9-ئايدا چىگرا يېزىدا ئوقۇتقۇچىلىق ئورنىغا چىقتىم. گەرچە ئەسلى شىتاتىم «كومپيوتېر كەسپى» بۇيىچە قۇبۇللانغان بولساممۇ ماتى** دەرسى بېىۋاتىمەن، قۇشۇمچە مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ «كاتىپى» بۇلۇپ نۇرغۇن ھۆججەتلىرىنى، ئارخىپ ماتېريالىرىنى تەھرىرلەش، «ئىككى ئاساسەن ئارخىپى»نى ئىشلەش... قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ كىلىۋاتىمەن. بۇ جەرياندا مۇشۇ ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچ، خەت نۇسقىلىرى ھۆججىتىنىڭ كەلتۈرگەن ئاۋارچىلقىدىن دەششەت زىرككەن ئىدىم. كۈچۈمنىڭ يېتىشچە مەكتەپتىكى كومپتوتېرلارغا ئۆلچەملىك كىرگۈزگۈچ ۋە خەت نۇسقىلىرىنى قاچىلاپ كېلىۋاتىمەن. ئەمما مائارىپتا ئاشۇ ئەينى ۋاقتىدا شۇنداق ئەزقاتقان، بۈگۈن كېلىپ ئۆلچەمسىز بۇلۇپ قالغان مۇشۇ «ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچ» لەردە كىرگۈزۈلگەن ماتىرياللارنىڭ كۆپلىكى تۈپەيلى ئۇنىڭدىن ئايرىيالماي يۈرىمىز. (بولمىسىغۇ ئۆلچەملىك كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئايلاندۇرۇش دېتالىنى ئىشلىتىشنى ئۈگۈتۈپ قويغان بولساممۇ ئۇلار يەنىلا بۇنى ئاۋارچىلىق كۆرىۋاتىدۇ. شۇنچە چۈشەندۈرسەممۇ .............ئەپسۇس)

مەنچە بۇنى ھەلقىشىشتىكى ئەڭ ياخشى كۈچ: ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى، ئۇلارنىڭ مەجبۇرلاش خارەكتىرلىك ھۆججىتى.
يەنى: ئەگەر ئۇقتۇرۇش، ماتىرياللارنى تەھرىرلەشتە ئۇلار چىقارغان «ئۆلچەم-ئەندىزسسى» بولغان بولسا ھەممە شۇ ئۆلچەمگە بويسۇنسا ماتىرياللار بۇنداق بولمايتى دەپ ئويلايمەن. ئەمما بۇ بىر خام خىيال بۇلۇپ قالىدىغۇ دەيمەن. سۈيۈملۈك بۇ ھۆكۈمىتىمىزدىن ئازىراق مەبلەغ ياكى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش بولغان بولسا بىزنىڭ نۇرغۇن زىھنىمىز، كۈچىمىز تىجىلىپ قالغان بۇيەردە يەنە تالىشىپ يۈرمىگەن بۇلاتتۇق.

eltekin26
يازمىلار: 3
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە دېكابىر 01, 2010 7:52 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان eltekin26 » يەكشەنبە فېۋرال 05, 2012 10:02 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Eltekin[/i] ، ۋاقتى: 2012-1-26 13:42 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=4266&ptid=916][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئالىپ ئەپەندىمنىڭ پىكرى ئوبدان پىكىر بوپتۇ.
تېما ئېگىسى ئېيتىپ ئۆتكەن مەسىللەر ناھىيە يېزىلاردا مەۋجۈت مەسى ... [/quote]

ئىسمىمىز ئوخشاش ئىكەن. مەن تېخى سىزنى مەن ئوخشايمەن دەپ قاپتىمەن.

مېنىڭچە بىزنىڭ يېزىقىمىز كومپيۇتېر ساھەسىدە خېلىلا ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ، كومپيۇتېر ئۇستىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن نۇرغۇن مۇرەككەپلىكلەر ئاسانلىشىپ، پات ئارىدا كاشلىسىز يېزىشىمىز ئەمەلگە ئاشقۇسى. بۇنىڭ ئۈچۈن يېزا ۋە شەھەردىكى كىشىلىرىمىز بىلىمىنى ئوخشاشلا ئاشۇرىشى كېرەك.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار