جەمئىي3 بەتنىڭ 2 - سى

يېزىلغان: جۈمە ئۆكتەبىر 26, 2007 8:58 am
تەرىپىدىن يوللانغان Saqal
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Eltekin[/i] ، ۋاقتى: 2007-10-25 21:02 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=804&ptid=155][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
XJTV ئۇيغۇرچە بۆلىمىدىكىلەرنىڭ « سىمسىز ئاڭلاش ئىقتىدارى» دەپ ئاتىغانلىقىنى ئاڭلاپ كۈلكەم قىستاپ كەتتى.ئارق ... [/quote]

سىمسىز ئاڭلاش ئىقتىدارى ؟:lol

لۇغەتكە قېتىلىپ كەتسە كېرەك يوق. بۇنىڭ نىمىلىگى ، نەدىن كەلگەنلىگىگە ئېنىق چۈشەندۈرۈش بېرىلسە بولىدۇ. ھازىرقى لۇغەتلەرگە ئوخشاش، مەسىلەن، Bluetooth دەپ ئىزدىسەك « كۆك چىش» دەپلا چىقىرىپ بېرىپ قاراپ تۇرسا قېيىپ كېتىدىغان گەپ، نىمىنىڭ چىشى كۆك بولىدىغاندۇ دەپ :Q

ئۇيغۇرچە لۇغەتلەر بەكلا نامرات !!! كېڭەيتسەك بولاتتى، سۆزلۈك مىقدارىنىلا ئەمەس، چۈشەندۈرۈشلىرىنى، مىساللىرىنى ! ئاۋۇ ئىنگىلىسلارمۇ لۇغەتلىرىنى يىلدا بىر يېڭىلايدىكەن .

يېزىلغان: جۈمە ئۆكتەبىر 26, 2007 11:42 am
تەرىپىدىن يوللانغان Teklimakan
ئەلتېكىن ئەپەندى ھەقىقەتەن ئەتراپلىق پىكىر قىپتۇ !
ئەمما ئاۋۇ ئېنگلىزچە ھېكايىدىن قارىغاندا بۇ سۆزنى يەنىلا < كۆكچىش > دەپ ئالساق بولىدىغان ئوخشايدۇ ،
< جاھاندىكى ئىشلار > پروگراممىسىدىمۇ < كۆكچىش > دەپ تونۇشتۇردى !
بۇ ئاتالغۇنى كۆپ قىسىم كىشىلەر بىلىدىغان بولغاندا < نىمىنىڭ چىشى كۆك بولىدىغاندۇ ؟ > دەپ يۈرمەيمىز !
كۆكچىش دىگەن ئاتالغۇ كەش ، دوپپا دىگەن سۆزلەردە ئومۇملاشقاندا كۆنۈپ قالىمىز !
يېڭى چاغدا ئەلۋەتتە ئاڭلاتقان مەنىسى ئىپادىلەيدىغان مەنىسىدىن يىراق بولۇپ قالدى دەپ گۇمان قىلىشىمىز مۇمكىن ! ئاڭلاتقان مەنىسىنى ئىپادىلىگەن مەنىسىگە يېقىن قىلىمىز دىېسەك گەپ ئۇزراپ كېتىدۇ ،ھەم بۇ ئاتالغۇنى ئومۇملاشتۇرالماي ئۇزۇن يول يۈرۈپ كېتىمىز !
ئەگەر تورداشلار قوشۇلسا بۇندىن كېين ( بۇندىن بۇرۇن ئاتاۋاتقان بويچە ) كۆكچىش دەپ ئاتاۋېرەيلى

يېزىلغان: دۈيشەنبە ئۆكتەبىر 29, 2007 3:05 pm
تەرىپىدىن يوللانغان enqer
سىلەرچە «كۆكچى» دەپ ئاتىساق قانداق بولار؟!                                                                                                    

يېزىلغان: شەنبە نويابىر 03, 2007 4:30 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Erdewil
يەنىلا ئەسلىدىكى مەنبەگە ئەھمىيەت بەرسەك بولارمىكىن دەيمەن! بېشىمىزنى قاتتۇرۇپ يەنە خاتا سۆز ئىشلىتىپ يۈرمەيلى يەنە.
< كۆكچىش > > دەپ ئومۇملاشتۇرايلى!!!!:)

يېزىلغان: دۈيشەنبە نويابىر 05, 2007 3:20 am
تەرىپىدىن يوللانغان Abdikadir
مىنىڭچە بولغاندىمۇ يەنىلا كۆكچىش دەپ ئۇمۇملاشتۇرغىنىمىز مۇاپىق .

يېزىلغان: دۈيشەنبە نويابىر 05, 2007 1:44 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
كۆك قۇلاق، نۇرقۇلاق دېسىچۇ؟

يېزىلغان: پەيشەنبە نويابىر 29, 2007 6:13 am
تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]qewandaz[/i] ، ۋاقتى: 2007-11-28 23:45
مەن ئەلتېكىن ئەپەندىنىڭ <كۆكنۇر> ئاتالغۇسىغا قوشۇلىمەن،باشقا تۈردىكى ئىسىملارنىڭ ئالدىدا ياكى ئارقىدا يەنە باشقا ئىسمى بار ،مەسىلەن: كۆكنۇرلۇق دېسكا دىگەندەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى سۆزلەرنىڭ قوش مەنىسى بار ۋە ھەر قايسى مەنىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا چۈشەندۈرۈلگەن.شۇنىڭ ئۈچۈن <كۆكنۇر> ئاتالغۇسىنىمۇ قوش ئىزاھات ئارقىلىق چۇشەندۈرسەك بولامدىكىن دەپ ئويلايمەن، قالغىنىنى كەڭ تورداشلارنىڭ يەنىمۇ ئويلىنىشىنى ئۈمۈت كىلىمەن ،ئەمما شەخسەن ئۆزۈم ئەلتېكىن ئەپەندىنىڭ پىكرىگە قىتىلىمەن. [/quote]


-----------------------------------------------------------------------
[size=2][color=DimGray]يۇقاردىكى يازمىنى يېڭى ئەزا qewandaz يوللاپتىكەن، بۇ تىيمىغا "ئىنكاس" دىگەن كونۇپكىنى باسماي، "تىيما مەلۇم قىلىش" دىگەن كونۇپكىنى بىسىپ پىكىرىنى يازغاچقا، (ياكى ھىساۋاتىنى تىزىملاتقاندىكى ئىلخەتنى ئىچىپ ئاكتىپلاشتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن) بۇ پىكىر يازمىسى ماڭا ئۇچۇر شەكلىدە كەپ قاپتۇ. مۇشۇ تىيمىغا يوللاپ قويدۇم.
qewandazغا: تىزىملاتقاندىكى ئىلخەت ئادرىسىڭىزنى ئىچىپ، كەلگەن ئاكتىپلاش ئادرىسىنى بىر چىكىۋىتىشىڭىزنى ئەسكەرتىمەن.[/color][/size]

يېزىلغان: يەكشەنبە دېكابىر 09, 2007 7:38 am
تەرىپىدىن يوللانغان Moorshidi
Bluetooth نى كۆكنۇر دەپ ئالساق، ئۇ چاغدا ياپونىيىنىڭ سونى شىركىتىنىڭ يېڭى ئۆلچىمى بولغان Blueray نى نېمە دەپ ئالارمىز؟ قۇياش نۇرى بىلەن ئارىلىشىپ كەتسىغۇ مەيلى، لېكىن مۇشۇنداق ئوخشاش تۈردىكى تېخنىكىلىق ئاتالغۇ بىلەن ئارىلىشىپ كەتسە بولماس.
مېنىڭچە ياخشى ئىزدەنسەك چوقۇم مۇۋاپىق ئاتالغۇ تېپىلىدۇ.

يېزىلغان: جۈمە يانۋار 18, 2008 9:29 pm
تەرىپىدىن يوللانغان ataka
مېنىڭچە bluetoth نى بىزمۇ خەلىقارا ئۇقۇم بۇيىچە< بلۇتۇز> دەپ ئاتىساق بۇلامدىكىن!

يېزىلغان: دۈيشەنبە ئىيۇن 09, 2008 9:59 pm
تەرىپىدىن يوللانغان oghuzkb
مەنچە بلۇتۇز بولىدىكەن. بۇ بىر ئىسىم بولغاندىن مۇشۇنداق قوبۇل قىلساقمۇ بولار. بىز ئىجاد قىلمىغاندىن كىيىن،
شۇ ئىجاد قىلغانلارنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن بولسىمۇ شۇنداق ئالساق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بلۇتۇز ھەم ئىخچام،
ئۇمۇملىشىشىمۇ ئاسان بولىدۇ.Blueray disk نى كۆكنۇر دەپ ئالساق ياخشى كەلگىدەك.