دىققەت: Bluetooth نى كۆك چىش دىمەيلى!تىز ئاۋاز قۇشۇڭ

بۇ سەھىپىدە ئاساسلىقى قوللىنىشچان كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، كومپىيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇچۇر تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى قويۇلىدۇ.
cukkunt
يازمىلار: 29
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاۋغۇست 28, 2008 10:21 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان cukkunt » پەيشەنبە ئۆكتەبىر 30, 2008 1:15 am

مىنىڭچە بىلۇتۇس دەيلى. (ئاۋۇ ئېڭگىلىسچە ئوقۇلۇشى بويىچە دەيمىنا...):)
_______________
ئىنكاسنى جىق يوللا دەيدىيا مۇنۇ مۇنبەر!:loveliness:



Sherari
يازمىلار: 16
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 27, 2007 6:40 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Sherari » چارشەنبە نويابىر 19, 2008 3:16 am

ئىز باس ئەپەندىنىڭ دېگىنى دۇرۇس! كۆكنۇر دېيىشكە قەتئى بولمايدۇ.

hanjar
يازمىلار: 17
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئىيۇل 29, 2010 9:40 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان hanjar » پەيشەنبە ئىيۇل 29, 2010 12:27 pm

بۇ Bluetooth توغرىسىدا بەك كۆپ تالاش تارتىش بۇلۇپ كېتىپتۇ . ھەممە تېمىدا دىگۈدەك بار ئىكەن . مەن بىر سېۋىتكە چىقىپ كىرگەن نەۋرە ئاكامنىڭ ئاغزىدىن كۆز
دەپ ئاتىغىنىنى ئاڭلىدىم مەنچە دىمىسىمۇ بۇ ئىسىم بولىدىكەن . كۆزنى ئىچىڭلا ، توختاپ تۇرۇڭلا كۆزنى ئاچاي ، دىگەندەك دەيمەن. بۇ چىش دىگەننىڭ ئۇنىڭ بىلەن
ئالاقىسى يوق كۆز دىسەكمۇ ئالاقسى يوق بىراق ئەمەلىيەتتە يوقتەك تۇرغان بىلەن ،يەنە ئويلاپ باقساق چۈشىدۇ Bluetooth نى ئاچقاندىن كىيىن ئىزدەپ بار تېلفونلارنى تاپىدۇ ئەمەسمۇ ؟؟؟ ھەم مەزمۇن قۇبۇل قىلىدۇ . بىز ئادەتتە نەرسىلەرنى كۆز بىلەن كۆرۈپ ئاندىن قۇبۇل قىلىش ئۆگىنىش دىگەندەك ئىشلارنى قىلمىزغۇ؟ ھەم ئادەم كۆزى بىلەن بۇ كۆزنىڭ ئارلىشىپ كىتىدۇ دەپ ئەنسىرەش ھاجەتسىز ئادەتتە مۇھىتقا قاراپ قايسى كۆزلىكىنى بىلمەك تەس ئەمەس ھەممە ئادەم بىلەلەيدۇ. مەسلەن : تېلفۇنىڭىزدا Bluetooth بارمۇ دىگەننى ؟ تېلفۇنىڭىزنىڭ كۆزى بارمۇ ؟ ياكى كۆز ئىقتىدارى بارمۇ دىسەكمۇ بولىدۇ . قېنى ئويلىشىپ بېقىڭلار..

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » شەنبە ئاۋغۇست 14, 2010 10:19 pm

Blueray disk مۇنۇنى كۆكنۇر تەخسە ( پىلاستىكا) دېسە ئەتراپىمدىكى ئاڭلىغانلار ھاڭۋېقىپ قالىدىكەن ھەيرانلىقتا.

Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » يەكشەنبە ئاۋغۇست 15, 2010 12:31 am

بۇرۇن تالاشما بولۇپ بولغانغۇ.... يەنە تالاشما قىلامدۇق؟!
ئۇيغۇرلارمۇ بىركۈنى بىرەر كەشپىيات ئېلان قىلىپ «يوغان قۇرساق»، «لاتا قوزۇق»، «خام سېمىز» دەپ ئات قويساق....چەتئەللىكلەرمۇ ھۆرمەتلەپ بۇنداق ئوخشىتىشلارنى بىزنىڭ تىلىمىزدا ئالارمۇ ياكى تەرجىمە قىلارمۇ؟:lol
:victory: يېڭى ئاتالغۇلارنى ئاۋال ھەرخىل ئاتايمىز، كېيىن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ لۇغىتىگە قارايمىز، كېيىن كىملىكنى قوللانغاندەك ئەڭ ياخشىسىنى ئېلىپ قالىمىز.
مەن كۆكنۈر، كۆكچىش دېگەندىن كۆرە بىلۇتىس دەپ ئالغان ياخشى دەپ ئۆيلايمەن. بۇنداق ئالساق ياشلارنىڭ تىلى كۆنگەن بىلەن كۆپلىگەن خەلقىمىز كۆنەلمەي لەنيا(دەنشى، بىڭشاڭ دېگەندەك) دەپ ئاتىۋېلىشىدىن قورقىمەن.
مەن يەنىلا ئۆزەم ئوتتۇرىغا قويغان «كۆكتور» دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردۇم. تېلفۇن، لاپتوپلارنى بىر-بىرىنى قىسقا ئارلىقتىن تورلاشتۇردىغان بولغاندىكىن. ئەسلىنى بۇزماي تولۇق ئاتىساق بلۇتېس سىمسىز تورى دەپ ئاتاشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇندىن كۆرە قىسقارتىپ كۆكتور دېسەكلا كىشىلەر تېزلا قوبۇل قىلغان بولاتتى. بىزدە قىزىرىپ-كۆكىرىپ دەيدىغان سۆز بار. بۇندىكى كۆكىرىپ بولسا تېز خاپىلىقنى ۋە خاپىلىقنىڭ يوقىرى پەللىسىنى يەنى قىسقاۋاقتلىق خاپىلىقنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تېخنىكىنىڭ كۆك نۈر بىلەن ئالاقىسى بولمىسىمۇ كۆكنى ئىشلىتىش كۆكىرىشنىڭ قىسقارتىلمىسى دەپ ئاتىساق قانداق دەيسىلەر. بۇ ئالاقىنىڭ قىسقا ئارلىقتىكى تور شەكىللەندۇرۇپ ئەڭ تېز قىزىرىپ -كۆكىرىپ ئۇچۇر يوللىشىنى دەيمىنا، ئۇنىڭ ئۇستىگە كۆكىرىپ قالغان ناننى يىمەيمىز، بەلكى بىر كۈنى بۇ تېخنىكىمۇ VCD دەك ئەمەلدىن قالسا كۆكىرىپ قالغان ناندەك بىراك قىلىنار قانداق دەيسىلەر؟
كۆكتورنىڭ يەشمىسى:بۇ تېخنىكىنى تىلفۇنلار،لاپتوپلار، يەنە كۆپلىگەن ئۇسكىنىلەر....ئىشلىتىلدۇ(بۇنداق ئۇسكىنىلەر بەك كۆپ). قىسقا ئارلىقتا توك ئەڭ ئاز كېتىدىغان قىسقا چاستوتىلىق رادىيو دولقىنى ئالاقىسىدۇر.
دوستلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ئېكىتاب، ناخشا يوللاشتا كۆكتورنى ئىشلىتىپ ئوخشىمىغان چاستوتىدا بىريولدا بىرگە ۋە كۆپكە ئەڭ توۋەن ئېنىرگىيە بىلەن ئۆز-ئارا ئۇچۇر يوللىشىمىز. بۇ جەرياندا تېلفۇن ۋە لاپتوپلىرىمىز قىزىرىپ-كۆكىرىپ قىسقا 2.4GHz چاستوتىدا 57.6kb/s سۈرئەتتا ئۇچۇر يوللايدۇ:loveliness: ئەمەسمۇ.



مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر:
[url]http://baike.baidu.com/view/1028.htm?fr=ala0_1_1[/url]
[url]http://baike.baidu.com/view/102014.htm[/url]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Newruz ، ۋاقتى: 2010-8-15 06:44 [/i]]

hanjar
يازمىلار: 17
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئىيۇل 29, 2010 9:40 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان hanjar » دۈيشەنبە ئاۋغۇست 16, 2010 5:40 am

نورۇز ئەپەندى دىگەن ئىسىممۇ مەنسىگە يېقىنلىشىپتۇ بولسا شۇنداق دەيلى . مەن ئاشۇ كۆكچىش دىگەننى تازا قوللاپ كەتمەيمەن . قۇلاققا ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ تەرجىمىسدەك ئاڭلىنىدىكەن .
يەنە بىرسى مۇشۇنداق تالاش تارتىش بولغان تېمىنىڭ ئاخىرى چىقمايدىكەن . ئاندىن ئۇ تالاش تارتىشنىڭ ئەھمىيىتى بولماي بىكار تالاشقان ۋاقىت ئىسراپ قىلغان بولىدىكەنمىز . بولسا بىر بىرىمىزنىڭ دىگىنىنى قوللاپ مۇۋاپىق بولسا شۇنى قوللىنايلى ئۆزىمىزنىڭ راست دەپ تۇرۋېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارايمەن . شۇڭا بولسا مۇشۇ بىرلىكە كېلىپ بولغان ئاتالغۇلارنى بىر تېما يېزىپ ئېلان قىلساق ئۇ تېما قىززىق تېمىدا تۇرۇۋەرسە ، يېڭى ئاتالغۇلار چىقسا شۇ تېمىنى تەھرىرلەپلا قوشۇپ قويساق دوپ ئويلايمەن . ئۇ چاغدا ھەم قولايلىق بولاتتى . ھەم بىر خىل بولىدۇ .

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » سەيشەنبە ئاۋغۇست 17, 2010 3:07 am

بۇ تېما
[url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=553[/url]
دا «كۆكچىش» ھەققىدە خېلە مۇزاكىرە، دەتالاشلار بولۇنغان ئىدى، كۆرۈپ بېقىڭلار.

batush
يازمىلار: 1
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئىيۇل 01, 2010 10:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان batush » پەيشەنبە سېنتەبىر 16, 2010 4:29 am

كۆكتور دىسەكمۇ بولىدىكەنغۇ.
مەنمۇ بىرەر ئسىم تەۋسىيە قىلىپ باقاي:
1. تورلاتقۇ.
2.تورچاق.
3.ئۇلاتقۇ.
4.چىشلەتكۈ.
(قالىغنىنى با مەسلىھەت مۇنازىرلىشەرمىز)

Erdewil
يازمىلار: 27
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئۆكتەبىر 06, 2007 2:58 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Erdewil » شەنبە مارت 12, 2011 7:05 pm

Bluetooth نى كۆكچىش دېسگۆ بولا،بۇ بەك ئومۇملىشىپ كەتتى ئەمەسمۇ...

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار