ئۇيغۇر تىلى ئېچىرقاپ كەتتى !

بۇ سەھىپىدە ئاساسلىقى قوللىنىشچان كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، كومپىيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇچۇر تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى قويۇلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
tee520
يازمىلار: 7
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئۆكتەبىر 28, 2007 3:58 pm
ئالاقىلىشىش:

ئۇيغۇر تىلى ئېچىرقاپ كەتتى !

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان tee520 » يەكشەنبە ئۆكتەبىر 28, 2007 5:29 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار !

ئالدى بىلەن كېسەل تارتىپ ياتقان «ئانا تىلىم » تورىغا چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى ۋە ھېسداشلىقىمنى بىلدۈرىمەن . سەۋەبى مەركۇز تور بەت ئەسلى ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، يېڭى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق جىددى ھەم تەخىرسىز ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان ، ئەينى چاغدا ئىزدىنىش مۇنبىرىدە نۇرغۇن ئاۋاز ۋە قوللاشقا ئىرىشىپ ئاجايىپ زور ئۈمىد بىلەن قۇرۇلغان تور بەت ئىدى . بىراق ھازىر مەزكۇر تور بەتتە ئاران ئىككى (مەن بىلەن قوشۇپ) ئادەم زىيارەت قىلماقتا ، يېقىنقى ئەڭ يۇقىرى رىكورت 11 . مۇنداقچە ئېيتقاندا كېسىلى خېلىلى ئېغىر ! ئەينى چاغدا قوللىغان ئاۋازلار شۇنداقلا يوقاپ كەتتى . يا ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن چاپىنىنىڭ پېشىنى تارتىۋالغىلى بولمىغان ...ئەھۋال شۇنداق ئىكەن بۇ تور بەت ئۆز رولىنى قانداق جارى قىلدۇرىدۇ ؟

«تىل- مىللەتنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنى» دەپ توۋلىغان ئىدۇق ، بىراق ئانا تىلىمىزنى خارلاپ قويدۇق ، ھېلىھەم خارلاۋاتىمىز . رەھمەتلىك « ئاپتونۇم رايونلۇق تىل- يېزىق كومىتىتى » شۇنداقلا كېتىپ قالغاندەك قىلىدۇ ، خەلقنىڭ ئارزۇ- ئۈمىدى ۋە ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايۋاتىدۇ . ھېلىمۇ مىڭ شۈكرى ! « ئۇيغۇر » دېگەن ئىسىمنىڭ ئىنگىلىزچە يېزىلىشىنى بولسىمۇ قېلىپقا سېلىپ بەردى. ئۇلارغا رەھمەت !
ئەمدىكى ئۈمىد ئۆزىمىزدە ،ئۆزۈڭنىڭ نەرسىسىنى ئۆزۈڭ قەدىرلىمىسەڭ كىم قەدىرلەيدۇ ؟ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىن تارتىپ خەنزۇچە ئوقۇتۇش ئومۇملىشىپ كەتكىلىۋاتىدۇ ،شۇنداق بولسا سەبىيلەر چۈچۈك ئانا تىلى ئاران چىققاندا خەنزۇچىغا كۆچۈپ « باجى (خەنزۇ تىلى 8- دەرىجە ئىمتاھانى )» لاردىن ئۆتۈپ مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئۇچۇرۋىتىدىغان ئوخشايدۇ !

ھەر قايسىمىز تارىخـتا ياشىغان ئوغۇزخان ،سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ، قاراخان ......لارنىڭ ئەۋلادىغۇ ؟ شۇلارنى بىر كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەيلى ! مەھمۇد قەشقەرىنڭ شام يۇرىقىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ، تۈركى تىللىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشۈنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەيلى !ئۇلارنىڭ كۆزلىرى تالغان ، ئۇيقىلىرى قىينىغان بولغىيتى ! بىزدە ھېچ بولمىسا شۇلاردىن قالغان ئانا تىلنى بولسىمۇ ساقلاپ قالالىغۇدەك ، قەدىرلىيەلىگۈدەك ئىرادە باردۇ ؟

......................................
...................................... بىر مۇنچە كۆپ چىكىت ۋە قۇرۇق ئاھۇ-زارلارنى قويۇپ تېزراق تەدبىر قوللانساق قانداق؟

مۇنداق ئويلىدىم ، ئاۋال « ئۇيغۇركومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيتى » تەرىپىدىن بىر سەھىپە تەسىس قىلىنسۇن ، « سەھىپىىنىڭ نامى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، قېلىپلاشتۇرۇش دېگەندەك...» بۇ سەھىپىدە مەخسۇس يېڭى ئاتالغۇلارغا ئىسىم قويايلى . مۇنازىرىنى ئانا تىلىم تورىدا ياكى باشقا يەردە قىلىپ ئۇ سەھىپىگە ئۆلچەملىشىپ بولغان ئۆلچەملىك ئىسىمنىڭ ئىنگىلىزچە ، خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە نامىنى ئېلان قىلايلى . ھەر قايسى تور بەتلەر ۋە تورخۇمارلار شۇ يەردىن تېپىپ ئىشلەتسۇن ۋە مۇشۇنداق ئومۇملاشسۇن ، ھېچكىممۇ قايتا تالاش-تارتىش قىلمىسۇن ! بايامۇشۇ سەھىپىدە « كۆك چىش » ھەققىدە تېما بوپتىكەن بىرسى قوشۇلسا بىرسى قوشۇلماي ئۇ ئۇينىغا بۇ بۇينىغا تولغاپ يۈرۈپتۇ . بۇنداق بولسا ھېلىغۇ كۆك چىشكەن خېلى خېلى چىشلارمۇ ئۆز جايىغا چۈشەلمەيدۇ.مۇشۇنداق ئەھۋالنىڭ ئالدىنى يۇقىرىدا دېگەندەك سەھىپىنى تەسىس قىلساق چوقۇم ھەل بولىدۇ . « ئۇيغۇركومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيتى » نىڭ باشقا سەھىپىلىرى ئۆز يولىدا ماڭسىمۇ بىز قۇرماقچى بولغان بۇ سەھىپە چوقۇم ھەمكارلىقنى قاتتىق كۈچەپ مېڭىشى كېرەك . مەسىلەن يۇقىرىدا دېگەندەك ئانا تىلىم تورى بىلەن ھەمكارلىشىپ يېڭى ئاتالغۇنى تورداشلار شۇ يەردە مۇنازىرلەشسە ، بۇ سەھىپىدە چوقۇم بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەملىك ناملار ۋاقتى ۋاقتىدا ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئېلان قىلىنالىشى كېرەك . گېزىت - ژۇرناللار قانداق ئاتىسامەيلى،چۈنكى ئۇلارغا بىزنىڭ ھازىرچە كۈچىمىز يەتمەيدۇ ، ھەم كومپيۇتېرغا، ئۇچۇرغا مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر ئۇلارغا قارىغاندا توردا كۆپرەك بولۇنىدۇ ، شۇڭا تورنىڭ ئۈنىمى بەكرەك چوڭ بولىدۇ . بۇ خىزمەتنى ئىشلەيدىغان ئادەم چوقۇم ئانا تىلنى سۆيىدىغان ، مۇشۇنداق تەخىرسزلىكنى قاتتىق ھېس قىلغان بولۇشى كېرەك. مەن بۇ يەردە ئۆزۈمنىمۇ قاچۇرمايمەن ، ماڭا تاپشۇرسا مەن چوقۇم قىلىمەن ھەم نۇرغۇن تورداشلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىمغا ، خىزمەتنى ياخشى قىلالايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يېتىدۇ . ئەلۋەتتە بۇ كۆپچىلىكنىڭ خالىشى ، ئۇ ك ئى ج نىڭ قوللىشى ۋە بىردەملىك قىزغىنلىق ئەمەس مەڭگۈلۈك ئىرادە بىلەن چىڭ تۇرۇپ ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدۇ .
ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ كېيىن بىزنىڭ تەسىرىمىزگە ئۇچىرار ياكى ھەمكارلىشىپ بىزبىلەن تەڭ ماڭار ،چۈنكى بىلىشىمچە گېزىت- ژۇرنال ۋە تېلىۋۇزۇردا ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان ۋە يازىدىغانلار چوقۇم ئۇيغۇرلار ياكى ئۇيغۇر تىلىغا پىششىقلار . ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئاللا خالىسا نېسىپ بولۇپ قالار . بۇ يەردە شىنجاڭ تىل يېزىق كومىتىتىدىن ئۈمىد كۈتمەيمەن !
ئىزدىنىش ، دىيارىم ،سەلكىن ، شەبنەم ... دېگەندەك ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلاشساق بولىدۇ . شۇ سەھىپىدىكى قېلىپلاشقان ئاتالغۇلارنى ھەمكارلاشقان ئورۇنلار تەشۋىق قىلىپ بەرسە ئۈنۈمى چوڭ بولار ، قارىسام ھازىر ئۇيغۇرچە چايخانا ۋە مۇنازىرىلەردە نەچچە يۈز ئادەمنىڭ بىرلا ۋاقىتتا تورغا چىقىشى ۋە مەلۇم مەزگىللىك زىيارەت سانى خېلى يۇقىرى ئىكەن. بىر قانچە ئادەم ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىېت ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى تىلغا مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ۋاقتى- ۋاقتىدا قېلىپلاشتۇرماقچى بولغان ئاتالغۇلار ھەققىدە مەسلىھەتلەشسە ، شۇ تىلشۇناس ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىكرىنى ئالسا بولىدۇ .
بۇ يەردە مەخسۇس ئۇچۇر ، تور ،كومپيۇتېرغا دائىر سۆزلەنى ئومۇملاشتۇرامدۇق ياكى پۈتكۈل ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاچ قېلىپ ئېزىقىۋاتقان ئەبجەش سۆزلەرنى ئومۇملاشتۇرامدۇق بۇنى مەسلىھەت قىلارمىز . ئەسلى كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇلارنىلا ئويلىغان ئىدىم، ئەلۋەتتە بۇنىڭ دائىرسىمۇ بەك چوڭ ۋە خېلى مۈشكۈل .
يۇمشاق دېتال ئېچىۋاتقان ، تور بەت ياساۋاتقان ، مەلۇم كەسىپنى ئۆگىنىش جەريانىدا ئانا تىلىدىن مۇۋاپىق سۆز تاپالماي تەمتىرەپ قېلىۋاتقان ،ساپ ئانا تىلدا سۆزلەشنى ئۈمىد قىلىدىغان ئەمما ئاجايىپ سەۋەپلەر تۈپەيلى سۆزلىيەلمەي ئانا تىلىغا خىيانەت قىلىۋاتقان ... ئانا تىلىنىڭ ئېچىرقىغان نالىسىنى تىنىمسىز ئاڭلاۋاتقان ئەمما ياردەم قولىنى سونالمىغانلار بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىزغا ، مۇشۇ ئىشنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە ، ئۇ ك ئى ج ، ئانا تىلىم ۋە ھەر قايسى چوڭ تور بەتلەر ( چوڭ ، تەسىر دائىرسى بار تور بەتلەرنىڭ تەشۋىقات ۋە ئومۇملاشتۇرۇشتىكى رولى چوڭ بولارمىكىن ) نىڭ قوللىشىغا مۇھتاج !


ئاخىرقى مەقسەت شۇ ! ئۇيغۇر تىلى ئېچىرقاپ كەتتى ، كېسەلگە قان يېتىشمىگەندەك تىلىمىزغا ئاتالغۇ يېتىشمەيۋاتىدۇ ! كېسەلمۇ قان يېتىشمەي ۋاقتىدا تولۇقلانمىسا ئۆلىدىغۇ ؟
ئاتالغۇ خىزمىتىنى جىددى ئىشلەيلى ، كۆپچىلىك ئۆز ئارا قوللايلى ، ھەر قايسىمىز شەخسىيەتچىلىك ۋە مەنمەنچىلىكنى تاشلاپ ، بىر بىرىمىزنى يارىتىپ مۇشۇ ئىشنىمۇ بولسىمۇ بىرلىكتە قىلايلى !



Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » دۈيشەنبە ئۆكتەبىر 29, 2007 9:52 am

بەزى ئىشلار سىز دىگەندەك ئۈنچىۋالا ئىغىرمۇ ئەمەس.
شۇ ۋەجىدىن مۇنبەردە ھىچكىم ھاكاۋۇرلۇق قىلغىنى يوق،
ھەم ئۇنداق سۆز جۈمىلىلەرمۇ ئۇچرىمىدى.
سىز بىزگە ئوخشاش جىم تۇرىۋالماي، مانا مۇشۇنداق ھەل قىلايلى دىگەن تىما ئىكەن ئۇ، خەقنى ئۇنى بۇنى دىمەي، ياخشى پىكىر، ياخشى ئاتالغۇ ئويىمىز بولسا ئوتتۇرغا قويايلى، بىرلىكتە ھەل قىلايلى. تىيما يوللىغۇچىنىڭ مەقسىتىمۇ دەل شۇ.

سىز بۇ تىيمىدا ئوتتۇرغا قويغان مەسىلىمۇ دەل شۇنداق، مەسىللەرنى ھەل قىلىپ بولۇپ، ياخشى پىكىرىڭىز، شۇ ئوتتۇرغا قويغان مەسىللەرگە ئىلمىي يوسۇندا، ئىلىمىي اساسى بىلەن تەكلىپ پىكىرىڭىزنى ئوتتۇرغا قويۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىپ بولۇپ، ئاندىن مۇنداق، مۇنداق دەپ پىلانىڭىزنى ئوتتۇرغا قويۇڭ.

كۆيۈنۈشنى ئاۋۋال ھەممە مۇنبەردە ئىپادىلەڭ، ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى ھەرگىزمۇ مۇنبەر تور نامى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ، نەدە ئىلان قىلىنىشى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئىشنىڭ مۇۋاپىق ھەل قىلىنىشى، خالاس.

ئۇيغۇر تىل ئاتالغۇلىرىنى قىلىپلاشتۇرۇشتا دەل سىز ئىيتقاندەك ئانا تىل تور بىتىمىز بولغانلىقىدىن خۇشالبىز، جەمئىيتىمىز ئۇيغۇرچە تەرجىمە، ئاتالغۇلار، تىلشۇناسلىق بۆلۈمىدە Tilchin ۋە Yawuz،saralik,Intil ئەپەندىلەر بار. سىز شۇلار بىلەنمۇ پىكىرلىشىپ بىقىڭ.
بىرلىكتە كۈچ چىقارغايمىز.:handshake

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » دۈيشەنبە ئۆكتەبىر 29, 2007 6:22 pm

« ئۇيغۇر تىلى ئېچىرقاپ » كەتكىنى يوق ئانا تىلىمىزنى سۆيىدىغانلار كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ. سىلەرگە لازىملىقى ھەمكارلىق، پائالىيەتچانلىق.
توردا بۇنداق تېما يوللاش بىلەن توردىكىلەرنى مەجبۇرىي يىغقىلى بولمايدۇ.
سىلەر نېمىشقا دائىقم « ئۇيغۇر تىلى ئېچىرقاپ كەتتى ! » دەپ تېما يوللايسىلەر؟ مۇشۇنداق تېما ھەر يىلى ئاز دېگەندە 1 قېتىم يوللىنىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق يوللاشنىڭ (چاقىرىقنىڭ) زۆرۈرىيىتى توغرىسى پايدىسى بولدىمۇ؟ مېنىڭچە باشقىچە ئۇسۇل ئارقىلىق رولۇڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ باقساڭلار قانداق؟ مەسىلەن يۇلغۇننىڭكىدەك توردا ئىملا تەكشۈرۈش، ئۇيغۇر ئېدىت دېتالى دېگەنلەردەك ئىشلارنى دېمەكچىمەن، يەنە بىر تەرەپتىن تور بېتىڭلاردىكى ھەل بولغان تېمىلارنى تەشۋىق قىلساڭلارمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
ئىنكاسىم قوپالراق كەتكەن بولسا ئەپۇ قىلارسىز.

TwoSak
يازمىلار: 26
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 10:44 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان TwoSak » سەيشەنبە ئۆكتەبىر 30, 2007 11:30 am

مۇنداق تېمىنىڭ يوللىنىشى تەبئىي ئەھۋال . تورداشلارنىڭ ukij دىن كۈتكەن ئۈمىدى بىز ئويلىغاندىنمۇ ئارتۇق . مەن بۇ توغرىسىدا تورداشلار قىلالايدىغان بىر نەچچە قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي :
1 . ئۇيغۇر تىل ئاتالغۇلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدا « تىل ۋە تەرجىمە » دېگەن بىر ژۇرنال بولىدىغان ، بولسا « ئاتا تىلىم » تور پونكىتىنى مۇشۇ ژۇرنال بىلەن ھەمكارلاشسا ؛ بىر تەرەپتىن ژۇرنالنى ماقالە مەنبەسى بىلەن تەمىن ئېتىپ يازغۇچىنى ژۇرنال ئارقىلىق قەلەم ھەققىگە ئىگە قىلسا ؛ ئىككىنچى تەرەپتىن ژۇرنال ئېلان قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ژۇرنال مەزمۇنىنى توردا ئېلان قىلىپ ژۇرنالنى كۆرەلمەي قالغان تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشتۇرسا ؛
2 . يېڭى چىقىۋاتقان ئاتالغۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يېڭى ئىجاد قىلىنغان مەلۇم بىر خىل نەرسە ياكى يېڭىدىن بايقالغان شەيئىلەرنىڭ ئاتالغۇسى بولماقتا . مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بۇ خىلدىكى ئاتالغۇلارنى تەرجىمە ئومۇملاشتۇرۇش سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا بولىۋاتىدۇ . تىل - ئاتالغۇنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىشى ناھايىتى مۇھىم ئىش بولسىمۇ ، ئەمما يالغۇز سۆزنىڭ ئاتالغۇسى توغرىسىدىكى مۇنازىرە تورداشلارنى زىرىكتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن . مۇمكىن بولسا UKIJ تور پونكىتىدا « پەن - تېخنىكا يېڭىلىقلىرى ۋە ئۇيغۇر ئاتالغۇلار » دېگەن سەھىپىدىن بىرنى ئاچساق . يېڭىدىن چىققان ئاتالغۇغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر پارچە خەۋەر ياكى بىرەر بۆلەك مەزمۇننى شۇ سوزنىڭ باشقا تىلدىكى ئاتىلىشىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا تەرجىمە قىلىپ يوللىساق ، تورداشلار شۇ ئاتالغۇنىڭ ئالدى كەينىدىكى مەزمۇنغا ئاساسەن ئاتالغۇ تەرجىمىسىنىڭ مۇۋاپىق بولغان ياكى بولمىغانلىقى توغرىسىدا مۇنازىرە ئىلىپ بارساق . قاملاشمىغان يەرلىرى بولسا ئوز ئارا تولۇقلىما قىلىشساق ، ئاخىرىدا مۇقىملاشقان ئاتالغۇ تەرجىمىسىنى « ئاتا تىلىم » تورى تەشۋىق قىلسا ؛
3 . « ئانا تىلىم » تورى ئۆزىگە ئەزا بولغان ئەزالارنىڭ ئىلخەت ئادرىسىدىن تولۇق پايدىلانسا . مەلۇم بىر خىل ئاتالغۇغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەرجىمىلەرنى ئىلخەت ئارقىلىق يوللاپ مەسلىھەتىنى ئالسا . زورۇر تېپىلغاندا ئاۋازغا قويۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ شۇ ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى مۇقىملاشتۇرسا ؛
4 . مەلۇم بىر مەزگىلنى قەرەل قىلىپ تىل تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىملىرىمىزغا قىلغان خىزمەتلەر توغۇرلۇق دوكلات بىرىپ ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئىلىپ تۇرساق . تىل - تەتقىقات مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىل قىلىپ ئۇلارنى « ئانا تىلىم » تور پونكىتىنىڭ مۇتەخىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ بىرىشگە تەكلىپ قىلساق . ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش جەھەتتە بەلگىلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كىيىن ، تىل ئاتالغۇلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ھەققىدە بىرەر يىغىن ئىچىپ ئاممىنىڭ يۈكسەك ئېتىبارىنى قوزغاتساق ؛
5 . مۇمكىن بولسا ukij غا ئەزا بولغان تور پونكىتلىرى « ئاتا تىلىم » تور پونكىتىنى تەشۋىق قىلىپ ، يېڭىدىن پەيدا بولغان سۆزلەرنى ئانا تىلدا تەرجىمە قىلىپ ئاتاشنىڭ تەخىرسىز خىزمەت ئىكەنلىكىنى توغرىسىدا تورداشلارغا تەشۋىق قىلىپ بەرسە ؛
6 . ئاخبارات ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان مۇخبىر تورداشلار بولسا ، گېزىت ۋە ژورنالدا « ئانا تىلىم » تور پونكىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە رولى توغرىسىدا بىرەر خەۋەر ئېلان قىلىپ ئاممىغا ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىشنىڭ توردىمۇ ئىلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويسا ؛
7 . ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەردىن ئوزبەك ، قازاق ، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەر ئوز تىلىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى يۇقىرى كوتۇرۇش ئۇچۇن بىر مۇنچە سىياسەتلەرنى تۇزۇپ چىقىپ ، ئوز مىللىتىنىڭ تىل جەھەتتىكى خاسلىقىنى تىخىمۇ روشەن نامايان قىلىۋاتىدۇ . بۇ جەھەتتە بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىمىز ئۇلاردىن ئۆگىنىدىغان نەرسە كوپ ئىدى . ئەپسۇس ، تورداشلار بولسىمۇ تور يۈزىدە تۈركىي مىللەتلەر بىلەن تىل ئاتالغۇسى جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرساق . ئوز ئارا ئاتالغۇدا قىينىلىۋاتقان مەلۇم بىر سوزنىڭ تەرجىمىسىنى ئورتاق تەتقىق قىلساق ، ئوز ئارا تولۇقلىما قىلىشساق .

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » پەيشەنبە نويابىر 01, 2007 12:57 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بۇرادەرلىرىم.
ماڭا 6- ئايدىن بىرى تورغا كىرگىدەك ۋاقىت بولمىدى، بىلىكك تاقىلىپ قاپتۇ، ئانا تىلىم چۆلدىرەپ قاپتۇ، بۇلاردىن بىرھەپتە ئىلگىرى خەۋەر تاپتىم، كۆڭلۈم بەكلا يېرىم، ئاللاھ خالىسا بىر - بىرىمىزنىڭ ئۆزئارا قوللىشى، تىرىشىشى بىلەن ئىشلار ئوڭشىلىپ كىتەر.

يۇقارقى تېمىغا كەلسەك، بىزنىڭ ئاجايىپ دوستلىرىمىز باركى، تىلى قانچىلىك ئەبجەش، گادىرماش بولۇپ كەتسە رازىكى، ئۆزىنىڭ قانچىلىك تىل دىۋانىسى بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلمايدىكەنكى، بىرسى قانداق بىر يېڭى ئاتالغۇنى ئوتتۇرىغا قويسىلا ئۇنىڭ قانچىلىك ئومۇملىشىش ئىھتىماللىقىنىڭ بولىشىدىن قەتئىي نەزەر چوقۇم قارشى قوپىدىكەن. شۇڭا نۇرغۇن تىرىشچان دوستلىرىمىز ھېرىپ قالدى، بىھۇدە تىل - ئاقارەتلەرنى ئاڭلاۋىرىپ زىرىكتى بولغاي؟

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Bidar-Qutlan ، ۋاقتى: 2007-11-1 19:06 [/i]]

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » يەكشەنبە نويابىر 04, 2007 5:31 pm

ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىشىدا بىرقانچە ئادەمنىڭ پىكرىنىڭ بىرلىككە كىلىشى شۇ ئاتالغۇنىڭ ئۆلچەملىك بولغانلىقىنى ئىسپاتلىمايدۇ شۇڭا مەلۇم كىشىلەر پىكىردە بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن ئۇ ئاتالغۇ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ رايىنى ئېلىپ ئاندىن ئېلان قىلىش كېرەك.

tee520
يازمىلار: 7
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئۆكتەبىر 28, 2007 3:58 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان tee520 » شەنبە نويابىر 17, 2007 5:15 am

بۇ تېما مۇشۇنداق جاۋاپسىز قالامدۇ ؟ قاچانغىچە ؟
ئۇ ك ئى ج نىڭ مەجبۇرىيىتى بەك ئېغىر . بۇنى ئونۇتماڭلار .

Computer
يازمىلار: 88
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 3:53 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Computer » دۈيشەنبە نويابىر 19, 2007 6:01 am

TwoSak ياخشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ، شۇ بويىچە قىلسىڭىزلارمۇ نۇرغۇن ئىش بوپ كىتىدۇ.
جاۋاب دىگەن شۇ، TwoSakنىڭ پىكىرىگە ئوبدان قارىڭىزلەر-ئەنە.
قالغىننى ئۆزىڭىزلارمۇ ئويلاشمامسىلەر.

duldul128
يازمىلار: 3
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇل 06, 2008 2:11 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان duldul128 » شەنبە ئىيۇل 12, 2008 7:56 am

تىل-يېزىق تەتقىقات مەركىزىدىكىلەر نېمە ئىش قىلىدىغاندۇ؟ خىزمىتىڭلارنى باشقىلارغا يۇكلەپ قويمىساڭلار!!!

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار