[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • "تېلېۋىزوردا" دېگەن سۆزنىڭ ئىملاسى
جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

"تېلېۋىزوردا" دېگەن سۆزنىڭ ئىملاسى

يېزىلغان: چارشەنبە دېكابىر 05, 2007 7:08 am
تەرىپىدىن يوللانغان gheyret
بۇ قېتىمقى ئىملا ئامبىرىنى ھاسىل قىلىشتا پايدىلىنىلغان خام ئامباردىكى سۆز سانى 1901076.(سۆزلۈكلەرنىڭ كۆپ قىسمى توردىن توپلانغان). بۇنىڭ ئىچىدىن ئىملا ئامبىرىنىڭ ئىچىگە كىرگىنى 590000 دىن سەل ئاشىدۇ.
دېمەك ھەر 3 سۆزنىڭ ئىچىدە 2 سۆزنىڭ ئىملاسى خاتا دېگەنلىك. تۆۋەندە "تېلېۋىزوردا" دېگەن سۆزنىڭ خاتا يېزىلغانلىرىنى كۆپچىلىككە سۇندۇم. كۆرۈپ بېقىڭلار. بۇنى كۆرۈپ قانداق ئويغا كەلدىڭلار؟

تىلۋوزۇردا
تېلۋوزۇردا
تىلىۋوزۇردا
تېلىۋوزۇردا
تىلۋىزۇردا
تېلۋىزۇردا
تىلىۋىزۇردا
تېلىۋىزۇردا
تېلېۋىزۇردا
تىلۋۇزۇردا
تېلۋۇزۇردا
تىلىۋۇزۇردا
تېلىۋۇزۇردا
تىلۇۋۇزۇردا
تېلېۋۇزۇردا
تىلۋېزۇردا
تېلۋېزۇردا
تىلىۋېزۇردا
تېلىۋېزۇردا
تىلېۋېزۇردا

يېزىلغان: چارشەنبە دېكابىر 05, 2007 8:10 am
تەرىپىدىن يوللانغان Computer
بۇ ئىشلار راستنلا مەۋجۇت، لىكىن ساپ %100توغرا يازىمەن دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، دىققەت قىلىۋاتىمىز، ھەم بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆڭۈل بۆلىدىغانلار كۆپيۋاتىدۇ. ھەم دىققەت قىلىۋاتىدۇ، دىققەت قىلمىسا باشقىلار تەرىپىدىن پەشۋا يەيدىغان ئىشلارمۇ كۆپقۇ؟ :lol

تىلۋىزۇردا دىگەن سۆزنى خىلى خىلى ئادەملەر توغرا يازالماسلىقى مۇمكىن، بىز مەخسۇس كىتاب يازغۇچىسى بولمىغاندىكىن مۇنداق مۇرەككەپ سۆزلەرنى ئايرىمىقىمىز تەس. ھەم بۇنداق بولىشى تەبىئىي ئەھۋال دىسەك بولار.
لىكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئۇيغۇر يىزىقى مۇنداق، دەپ باھا بەرگىلىمۇ بولمايدۇ.
دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

يېزىلغان: جۈمە دېكابىر 07, 2007 2:50 pm
تەرىپىدىن يوللانغان alimjan15
مېنىڭچە كومپيۇتېردا خەت كىرگۈزىدىغان ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك كوررېكتورلۇق قىلىش ئىقتىدارى قېتىش لازىم. بولۇپمۇ word قا. ئويلىشىپ باقساڭلارمۇ بوپتىكەن. كوررېكتورلۇق يۇمشاق دېتالىنى ھەقسىز تارقاتساڭلار.

يېزىلغان: شەنبە دېكابىر 08, 2007 3:19 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Newruz
تىلىمىزغا چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ۋە يېڭىدىن ياسالغان سۆزلەرنىڭ شۇنداقلا ى ئې دەك سۆزۇق تاۋۇشلارنىڭ يەنى كېلىپ شىۋە كەلتۇرۇپ چىقارغا تەلەپپۇزدىكى خاتالىقنىڭ ئىملا خاتالىقىغا بەرگەن تەسىرى بەك زۆر. قانداق ئوقۇلسا شۇنداق يېزىلىدىغان يېپىشقاقلىققا ئاساسەن تەلەپپۇزنى توغۇرلىساق ئۇزۇن مەزگىل تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ.
تىلىمىزدىكى ئىملا، ئەسلىدە تەلەپپۇزدىكى خاتالىقنىڭ ئاز كۆپلىگى ساپايىمىزنى بەلگۇلەيتى. لېكىن، بەزىدە ئىملا خاتالىقىغا ۋە يېزىق ئۆزگەرتىشكە، ئېتىقاتنى ئۆزگەرتىشكە ئەڭ كۆپ يول قويغانلىقىمىزغا قاراپ ئويلۇنۇپ قالىمەن....

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Newruz ، ۋاقتى: 2007-12-8 21:21 [/i]]