قوش تىل ۋە ئىككى تىل بىلدۇرگىسى

بۇ سەھىپىدە ئاساسلىقى قوللىنىشچان كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، كومپىيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇچۇر تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى قويۇلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

قوش تىل ۋە ئىككى تىل بىلدۇرگىسى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » سەيشەنبە ماي 27, 2008 6:26 pm

قوش تىل ۋە ئىككى تىل بىلدۇرگىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئەل سۆيەر ياش دوستلار ئەجداد روھى ھەممىمىزگە مەدەت بولغاي! ئالتۇن بويۇڭلار ئامان بولسا «قوش تىللىق ۋە ئىككى تىللىق بىلدۇرگىسى» توغرىسىدا كېڭەش قىلىۋالايلى. «قوش» سۆزى بىلەن «ئىككى» سۆزىنىڭ پەرقلىرى زۆردۇر. مەسىلەن:
قوش كېزەك، ئىككى كېزەك.
قوش ئادەم، ئىككى ئادەم.
قوش قاپاق، ئىككى قاپاق.
قوش ۋاراق، ئىككى ۋاراق.
قوش ئامەت، ئىككى ئامەت.
يوقۇرقى مىسالدىن كورىۋېلىشقا بولىدىكى «قوش» سۆزى- تەپمۇ تەڭ مەناسىدا بىر گەۋدىنى بىلدۇرىدۇ، «ئىككى» سۆزى نىسپىي بىرلىكنى بىلدۇرىدۇ.
«قوش كېزەك» سۆزى بىر ئانىنىڭ بىرلا تۇغۇت مەزگىلىدە ئىككى بالىلىق بولغىنىنى بىلدۇرسە، «ئىككى كېزەك» سۆزى بىر ئانىنىڭ ئىككى تۇغۇت مەزگىلىدە ئىككىدىن جەمىي توت پەرزەنتلىك بولغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ.
«قوش ئادەم» يېقىن ئارىلىقتىكى ئىككى ئادەمنى كۆرسەتسە، ئىككى ئادەم زامان ۋە ماكان چەكلىمىسى بولمىغان نىسپىي يېقىن ئىككى ئادەمنى بىلدۇرىدۇ.
ئۇيغۇرلارنى 99% قوش قاۋاق كېلىدۇ دىگەن سۆز بىلەن ئادەملەرنىڭ ئىككى قاپىقى بار دىگەن سۆزدىكى «قوش» ۋە «ئىككى» سۆزىنىڭ زۆر پەرقى بولۇپ ئىككى سۆزنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتسەك مەنانىڭ زۆر دەرىجىدە ئۆزگىرەيدىغانلىقىنى ھىس قىلالايمىز.
«قوش ۋاراق» سەككىز بەتنى كۆرسەتسە، «ئىككى ۋاراق» توت بەت، سەككىز بەت، ئون ئالتى بەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.
«قوش ئامەت» قىسقاۋاقىت ئىچىدىكى ئىككى ئامەتنى بىلدۇرسە، «ئىككى ئامەت» زامان ۋە ماكان شەرتى بولمىغان ئىككى ئامەتنى كۆرسىتىدۇ.
دېمەك، «قوش» سۆزى زامان ۋە ماكاننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. «ئىككى» سۆزى ئەكسىچە زامان ۋە ماكاننىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرمايدۇ.
ئەمدى ھازىر ئىستىمال قىلىۋاتقان قوش تىللىق مۇئارىپ سۆزى ئىككى مىللەت تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆز بولۇپ خەنزۇچىدىن ساپ ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلساق «قوش تىللىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش» دەپ ئېلىنىدۇ. چىقىرۋېتىلگەن مۇئارىپ سۆزى ئاساسىي لۇغەت تەركىۋىگە سۆز قەلەندەر، تىللەمچىلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئاتالغۇدۇر. «تىل ساقچىسى(سۆز كېڭەشچىسى)» ھامان تاللاش، تۇرگە ئايرىش، شاللاش ئېلىپ بارىدۇ. كېڭەشلەر ئۇزۇلمىسىلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېپىشقاق خۇسۇسىيىتى سۆز، بوغۇم، جۇملە، ئورانلىرىدا (يىغما مەنا) ئەسلى ۋەسلىنى تاپىدۇ.
يېقىندا «قوش تىللىق مۇئارىپ» «双语教育» نىڭ نەق تەرجىمىسىمۇ توغرا ئېلىنغان بولۇپ. «ئىككى تىللىق مۇئارىپ» سۆزى بىلەن زۆر پەرقلەرگە ئىگە. بۇ ئىككى ئاتالغۇنىڭ ئورانىنى ئارىلاشتۇرۇپ ماقالا يازىدىغان ۋە ھەزىم قىلىدىغان ئاپتورلار ئالاھىدە دىققەت قىلىپ مەنا ئاۋۇندۇرىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن. ھەزىرقى قوش تىللىق ئارا ئوقۇللاردا تەبئىي پەن خەنزۇ تىلىدا، ئىجتىمائىي پەن ئانا تىلدا ئوتىلىۋاتىدۇ. مانا بۇ ھەقىيقىي مەنادىكى قوش تىللىق ئاقارتىشتۇر. سىز ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلاردا فىزىكىغا ئائىت سۆزلىسىڭىز قوشتىل بالىلىرى بىلىشمەيدۇ. پەقەتلا خەنزۇ تىلدا فىزىكىلىك مەسىلىلەرنى سۆزلەشكە مەجبۇرى بولىسىز. ئەگەر رىمۇنتخانىغا بىر خىزمەتچى قوبۇل قىلسىڭىز خەنزۇچە سۆزلەپ ئۇقتۇرماي ئامالىڭىز يوق. ئۇيغۇرچە ئاتالغۇغا نامرات دىخان كەلسە ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلىرى بىلەن چۇشەندۇرەلمەيدىغان تۇرۇقلۇق يەنە كېلىپ خەنزۇچە سۆزلىسىڭىز دېھقان تېخىمۇ بىلمەيدۇ. دىمەك، ئارىدا ئۇزىكچىلىك پەيدا بولدى دىگەن گەپ. خەنزۇ تىلىدا ئۇقۇغان ئۇيغۇر بالىسىمۇ ئوخشاشلا بولىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئىككى تىللىق ۋە كۆپ تىللىق ئەنئەنىسىگە ئىگە بولۇپ، مەدرىس پۇتتۇرگەن ئىماملار ئەرەپ تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلىدا كىشىگە ئوخشاشلا مەنا ئېيتالايتى. سودىگەرلەر بولسا ئوردوچە، پارىسچە ئەرەپچە بىلىشەتتى. شائىرلارمۇ كوپ تىللىق بولۇپ ئەسەرلىرىنى كۆپ تىللاردا ئېلان قىلىپ كەلگەن ئىدى. ھازىرقى قوش تىللىق بوغۇنلار (ئەۋلات ۋە ئەجداتلار) ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇغانلار بىر توپ، قوش تىل ئوقۇغانلار بىرتوپ، ئازاتلىقتىن ئىلگىركىلەر بىر توپ بولۇپ بىر بىرىگە تەبىي پەندىن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتا قىينىلىپ، سۆزلەردە تەبىي پەن ئاز سۆزلىنىدىغان، ئاتالغۇ تاپالمىسا تىلى تولا كەلمىگەندەك خەنزۇچە پىكىرلىشىدىغان بولۇپ قالدى. مانا بۇ قوش تىللىق بىلەن ئىككى تىللىق ئوقۇ-ئوقۇتۇشنىڭ پەرقى. ئەينى دەۋردىكى ئەرەپ پارىسچە سۆزلەرنىڭ ئەبجەشلىشىدە ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلىسە كىشىلەر دەرھال ئىنكاس بىلدۇرەلمەس بولۇپ قېلىشمۇ ئەينى دەۋىردە ئىككى تىللىق مۇئارىپ بىلەن قوش تىللىق مۇئارىپنىڭ پەرقلىرىدىن كېلىپ چىققان.
ئاخىرىدا، بىر تىل، بىر تەپەككۇر. بىر تىل، بىر مىللەت بولۇپ مەخمۇت قەشقىرىدىن كېيىن ئازاتلىققىچە ياقۇتىيەدىن تۇركىيەگىچە ئىككى ھەپتىلىك پەرق ساقلانغان بولسا(چوڭلاردىن تىڭشىسام ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى دەۋرىدە ئورتاق تىلدا گېزىت چىقىرىلغان ئىكەن.)، ھالا بۇگۇن ئالتى ئايغىچە پەقلىرىمىز ئاشكارلانماقتا...
ئاخردا دەيدىغىنىم: سۆزلەرگە كېڭەشمە بېرىپ ئىزاھلاپ تۇرغان يازمىچى ۋەكىللىك قىلغان مىللەتنىڭ تەپەككۈرى خۇشۋاق بولىدۇ. پەقەت سۆز قەلەندەرلىرىلا باشقا تىلنى ئىشلىتىشكە ئامراق كېلىدۇ. كېڭەشمە قىلمايدىغان جاھىللارلا ئىزاسىز (ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان، چۇشەنسىمۇ كىشىلەر ئىبرەت ئېلىپ مەنپەتلەنمەيدىغان) سۆز-جۇملىلىلەرنى مەجبۇرى قۇراشتۇرىدۇ.

سىزلەرگە ھۆرمەت ئېھتىراملىرىم بىلەن: ئا س نەۋرۈز يازدىم.
[url]http://www.torsodisi.com/[/url]



ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار