Ubuntu نى تەرجىمە قىلىشتا نىمىگە ئەھمىيەت بېرىمىز

بۇ سەھىپىدە ئاساسلىقى قوللىنىشچان كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، كومپىيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇچۇر تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى قويۇلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

Ubuntu نى تەرجىمە قىلىشتا نىمىگە ئەھمىيەت بېرىمىز

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » سەيشەنبە ئاۋغۇست 19, 2008 8:23 am

Start .......باشلاش.......دەپ تەرجىمە قىلماي «باشلا»، «باشلات» دەپ تەرجىمە قىلساق. مانا مۇشۇنداق بىز دائىم قوللىنىدىغان بۇيرۇقلارنى كەلگۈسىگە ماسلاشتۇرۇپ ئاغدۇرساق. قاراپ باقسام باشقا تۈركىي مىللەتلەرمۇ شۇنداق ئەپتۇ. كېيىنكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىلارغا تىل ئۆگەتكەندە ھامىنى مۇشۇنداق تەرجىمە قىلىدىغان بولغاندىكىن. دائىم «ئاچ» دېگەن تەرجىمىنىمۇ «ئېچىش» دەپ تەرجىمە قىلىپ ھەرىپلەرنى قەستەن ئۇزارتىپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ «جانلىق، ئىخچام، يېپىشقاق» ئالاھىدىلىگىگە ھۆرمەت قىلمايۋاتىمىز. شۇڭلاشقىمۇ باشقا تىلدىكى بىر بەتلىك ئاغدۇرما ئىككى بەت ئاغدۇرۇلماقتا. خەتلىك كىنولاردىمۇ ۋە ئاۋاز بەرگەن فىلىملارمۇ چۈشۈنىكسىز بولۇپ قالماقتا. بولسا سۈپەت قۇشۇمچىلىرىنى قوشىۋەرمەي 7 بوغۇمدىن ئارتۇق ئاغدۇرمىغا يول قويمىساق.

Restart.....قايتا قوزغىتىش ....قايتا قوزغۇتۇش ........دەپ خاتا ئاغدۇرمايلى، خەنزۇچىدىن سۆزمۇ-سۆز تەرجىمە قىلىشتىن ساقلىنايلى. Restart ئىقتىدارى ئارقىلىق كۆمپىيۇتېرنى ئىنسان ئۇخلاپ قوپقانغا ئوخشاش ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. كومپىيۇتېر(پروگىرامما) تىزىملىكتىن چېكىنىپ 0 نۇقتىدىن باشلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. "يېڭىدىن باشلا"، «يېڭىدىن باشلات» دەپ ئالساق. دەل مۇشۇ ئىقتىدارىغا ماس كېلىدۇ. قايتا ئاتالغۇسى بىلەن يېڭى ئاتالغۇسىنىڭ پەرقى زۆر. مەسىلەن: قايتا-قايتا ياساش، يېڭى-يېڭى ياساش. يېڭى-يېڭى كۈلكە، قايتا-قايتا كۈلكە. قايتا-قايتا ئىمتىھان، يېڭى-يېڭى ئىمتىھان....

ھۆرمەت بىلەن: ئا س نەۋرۈز

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Newruz ، ۋاقتى: 2008-8-19 14:34 [/i]]



abral30
يازمىلار: 1
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئىيۇل 18, 2008 4:12 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان abral30 » يەكشەنبە ئاۋغۇست 24, 2008 8:55 am

مېنىڭچىمۇ كومپىيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى تەرجىمە قىلغاندا بولۇپمۇ، ھەر خىل يۇمشاق دىتاللاردىكى بۇيرۇقلارنى تەرجىمە قىلغاندا ئسىم ياكى بۇيرۇق پېئىلدىن پايدىلىنىش كېرەك. ئاچ، ياپ، تاقا، جەزىم، بىكار،
ئىناۋەتسىز، ساقلا، كۆچۈر، چاپلا، ئۆچۈر،توختات دىگەندەك. پەقەت بولمىغاندا، سۆز تاپالمىغاندا ئاندىن ھالەت پېئىللىرىدىن پايدىلانسا دىگەن ئۈمىددىمەن.

Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » چارشەنبە ئاۋغۇست 27, 2008 3:38 am

مىنىڭ قۇلۇمدىكى تەرجىمىمۇ تۈگەي دەپ قالدى پات يېقىندا يوللايمەن !
يۇقاردىكى مەسلىگە كەلسەك ! بۇنىڭغا چوڭلار (سۆز ياسىغۇچىلار) تەرجىمىنى قايتا بىر كۆرۈپ چىقامدىكىن ئەمسە !!

Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » چارشەنبە سېنتەبىر 10, 2008 3:40 pm

ئاۋاز كارتىسى---ئۈن كارت، ئۈن تاختا، ئۈنتاخ
سۈرەت كارتىسى...سىن كارت، سىن تاختا، سىنتاخ
ئانا تاختا....
تور كارتىسى...تور كارت، تور تاختا، تورتاخ
..................
مۇشۇ بانىدا يېڭى سۆزلەرنى ئۇيغۇر تۈركچىسىگە ئاغدۇرۇپ قېلىپلاشتۇرساق. كېيىنكى تەرجىمىلەردە مۇشۇ لۇغەت ئىشلىتىلسە...غەيرەت ئەپەندى قانداق قارايدىكىن. شۇنداق لۇغەت تۇزگىلى بولامدۇ. سىز بۇنى قىلىپ باققان ئىدىڭىزغۇ؟!

Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » پەيشەنبە سېنتەبىر 11, 2008 3:17 pm

[quote]ساھران ئەپەندىگە تەكلىپ:
سىز خېلى جىق پروگراممىلارنى تەرجىمە قىلدىڭىز، تەجرىبە توپلىدىڭىز، شۇڭا مۇمكىن بولسا مۇشۇ ئەمگەكلەر ئاساسىدا بىر ئاتالغۇلار ئامبىرى ياسىسىڭىز قانداق بولار. بۇنى لۇغەت شەكلىدە قىلسىمۇ ياكى Wiki نى ئىشلىتىپ قىلسىمۇ بولىدۇ، شۇنداق بىر ئامبار بولسا تەرجىمە ئىشلىرى تېخىمۇ قېلىپلاشقان ۋە تېخىمۇ تېزلەشكەن بولاتتى. ھەم شۇ ئامبارنى ئىشلىتىپ تەرجىمىنى ئاپتوماتلاشتۇرغىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن.[/quote]

غەيرەت ئەپەندى [url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=365&extra=&page=2[/url] مەنبەدىكى مۇنۇ يازمىڭىزنى كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم...دىمىسىمۇ بۇ بەك مۇھىم ئىشكەن.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار