UKY دىكى ج بىلەن ژ ھەرىپلىرى توغرىسىدا

بۇ سەھىپىدە ئاساسلىقى قوللىنىشچان كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، كومپىيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇچۇر تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى قويۇلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
cukkunt
يازمىلار: 29
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاۋغۇست 28, 2008 10:21 am
ئالاقىلىشىش:

UKY دىكى ج بىلەن ژ ھەرىپلىرى توغرىسىدا

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان cukkunt » پەيشەنبە دېكابىر 04, 2008 1:01 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۈگۈن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا (ULY)قىسقا ئۇچۇر يوللاش زۆرۈر بولۇپ قېلىپ،<ژ> ھەرىپىنى قانداق ئىپادىلەشنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇتتۇر [url]http://www.ukij.org/teshwiq/[/url] مەزكۇر تور بېكەتكە كىردىم.شۇنداق ئىنىچكىلىك بىلەن قارىسام،<ژ> ھەرىپىنى ئىككى خىل ھەرپ بىلەن ئىپادىلەپتىمىز.يەنى، ۋە . <ج> ھەرىپىنى بولسا ھەرىپى بىلەن. ئەمدى بۇ يەردىكى سىر نەدە بولغىيتى؟:L

ھۆرمەت بىلەن،
ق .قۇددۇس
__________________
يېقىننىڭ ياقى،نىمىشقىكىن،تىما ياكى ئىنكاس يازساملا ،ئۆزۈمنىڭ ئىملاسىدىن تولا ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم ___ توغرا يازدىممۇ ياكى خاتامۇ؟:o



cukkunt
يازمىلار: 29
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاۋغۇست 28, 2008 10:21 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان cukkunt » دۈيشەنبە دېكابىر 08, 2008 5:14 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۇ تىمىغاجاۋاپ بېرىدىغان «رەھبەرلەر»يوقمۇ؟
ئاۋۇ 50-يىللاردائىشلەتكەن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى بىلىدىغانلار مۇشۇ يەرگە ئىنكاس قالدۇرۇپ قويساڭلار بوپتىكەن. يەنى، <ق> ھەرىپىنى ئاخىرىغا پەشتەك بىر بەلگىلەرنى قويۇلغان k بىلەن ئىپادىلىگەندەك...:)

Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » سەيشەنبە دېكابىر 16, 2008 1:24 am

تىلىمىزدا ئەسلىلا بۇ ژ ھەرپى يوق ئىدى. بىرنەچچە سۆزدىلا بارغۇ شۇ. قايسى بىر ئۇيغۇر چەتتىن كىرگەن پېتى ئوقۇماي ( zh ھالىتىدە ئەمەس j ھالىتىدىلا)تىلىغا ماسلاشتۇرۇپ ئوقۇۋېرىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن ئەلۋەتتە ئۇيغۇرنى ئاساس قىلىشىمىز كېرەك.

جاۋاپنىڭ نەق ئۆزى - ئەينى چاغدا تالاشتا قېلىپ بېكىتىلمىگەن بولسا كېرەك.
.......................

بوۋام مەكتەپنى مەتەپ دەيتتى، مانا بىزنىڭ تىلىمىز مەكتەپ سۆزىگە كېلىپ قېلىۋاتىدۇ. ئەمىلىيەتتە مەكتەپ سۆزى ئوقۇل سۆزىنىڭ ئورنىنى ئېلىۋالدى. ئوقۇلخانىنى سىنىپ دەپ ئاتىدۇق. ئوقۇلداش مەكتەپداشقا ئۆزگەردى. پەقەتلا ساقلانغىنى ساۋاغداش (ساۋاقداش) بولۇپ قالدى. ئەۋلاترىمىزغا قالدۇرغىنىمىز مۇشۇ ساۋاقداشنىمۇ توغرا يېزىپ ئىپادىلىمەي ساۋاغداش دەپ ئىملا قايدىسى تۇزىۋالدۇق. ئۇيغۇرلۇقنى يوقات دەپ بىرسى بۇيرۇق بېرىۋاتقان خوجايىننىڭ ئىتائەتمەن تىل قۇللىرىدەك....:'( :Q

ھۆرمەت سالاملىرىم بىلەن: ئا س نەۋرۈز

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Newruz ، ۋاقتى: 2008-12-16 18:26 [/i]]

cukkunt
يازمىلار: 29
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاۋغۇست 28, 2008 10:21 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان cukkunt » پەيشەنبە دېكابىر 18, 2008 11:59 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
دەرۋەقە،تىلىمىزنى قوغداش ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى!:)

afrasiyab
يازمىلار: 30
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇن 19, 2007 10:18 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان afrasiyab » يەكشەنبە دېكابىر 21, 2008 5:29 pm

ژ ھەرپى ئۇيغۇر تىلىدا ئەسلىدىنلا بار،ئۇ سىرىتتىن كىرىپ قالمىغان.ئۇرخۇن ئۇيغۇر يېزىقى قاتارلىقلاردىمۇ بار،خاتالاشمىسام.پەقەتلا ئىشلىتىش تەكرارلىقى يۇقۇرى ئەمەس.
بۇرۇن j , zj,zh قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىپادىلەش تەكلىپلىرى بولۇنغان،كېيىن zh تاللانغان.مەنا جەھەتتىن خاتالىق كۆرۈلمەيدىغان بولغاچقا j ئارقىلىق ئىپادىلىسىمۇ بولۇدۇ دىيىلگەن.
بۇ ھەرگىز ئۇنى چەتتىن كىرگەن فونىما دەپ قارالغانلىقتىن بولۇنغان ئىش ئەمەس.پەقەتلا ھازىر تىل ئىستىمالىمىزدا ئىشلىتىش تەكرارلىقى تۆۋەن بولغاچقىلا،ئىككى خىل شەكىلدىن بىرىنى تاللاپ ئىشلەتسە بولۇدۇ دىگەنلىك.
بۇرۇنقى يېڭى يېزىقتىكى قۇيرۇقلۇق ھەرپلەر، ,z, h, k ئايرىم ئايرىم ق ھ ۋە ژ لارنى ئىپادىلەيتى، k z h بىلەن پەش چاپلاشقان ئاجرالمايدۇ، ، غ نى Chجىپسىلشقان شەكلىدە يازاتتى،ئىككىسى ئايرىم ئەمەس،Cنىڭ ئاغزىغا h چاپلىشىپ،ئاجرالماي تۇرۇدۇ. eبۇنىڭ تەتۈرسى(بوي ئوققا دۈم كۆمرۇتۇلگىنى ) ئە نى ئىپادىلەيتى.

cukkunt
يازمىلار: 29
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاۋغۇست 28, 2008 10:21 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان cukkunt » سەيشەنبە دېكابىر 23, 2008 2:11 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بىر ھەرىپنى ئىشلىتىش تەكرارلىقى يۇقىرى ئەمەس دەپ ئاشۇنداق خالىغانچە بوزەك قىلساق بولامدۇ؟:Q
Windows Vista دىكى «ف» نى ھەجەپ ئەسلەپ قالدىم-ھا؟:L

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار