[تەۋسىيە] بىرقانچە ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇرچىسى

بۇ سەھىپىدە ئاساسلىقى قوللىنىشچان كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، كومپىيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇچۇر تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى قويۇلىدۇ.
Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » يەكشەنبە ئىيۇل 04, 2010 3:24 pm

[size=4]بۇ مۇنازىرىنىڭ خۇلاسىسى چىقىپ بولغاندەك، تىمتاس بولۇپ كەتتۇقا؟
ئىسمىنى يازالمايدىغان چوڭ دادامنىڭ ئاغزىدىن «ئۆمەر ئاتا(كوردلار ۋادىسى فىلىمىدىكى مويسىپىت)»غا ئوخشاش ماقال - تەمسىل، ھىكايەتلەر تۆكۈلۈپ تۇراتتى، ئەمما ئەدەبىيات كەسپىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان بۇرادەرلىرىمنىڭ ئاغزىدىن نە بىرەر تەمسىل، نە بىرەر رىۋايەت ئاڭلاپ باقماپتىمەن، ئادەملەر مەدەنىيلەشكەنچە مەدەنىي دۇنيادا بۇنداق ئۇدۇم يوقۇلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالغانمۇ ئىدىم، لىكىن كوردلار ۋادىسىنى كۆرگەندىن كېيىن ئويۇمنىڭ خاتالىقىنى ھىس قىلدىم، «كونىلىق» مۇشتىكىدە بەك يۈرەكئالدى بولۇپ كەتكەنلىكىمىزدىنمىكىن، قىممەتلىك مىراسلىرىمىزنى تاشلىۋىتىپتۇق. شۇنداق مىراسلاردىن بىرى «قوينى قاسساپ سويسۇن، ئالتۇننى زەگار سوقسۇن». مەن بۇسۆزنى كىچىكىمدە چوڭ دادامدىن بەك كۆپ ئاڭلايتىم، ئۇچاغدا مەنىسىنى يۈزەكىلا چۈشۈنۈپتىكەنمەن، يۇقۇرىدىكى بىر ئىنكاس مۇشۇ تەمسىلنى ئەسلىتىپ قويدى.
ئالتۇننى راس دېگەندەك زەرگار سوقمىسا بولمايدىغان ئوخشادۇ، زەرگار بولمىغان بىرەر كىمنىڭمۇ ئالتۇن «سوق»قىنىنى ئاڭلىمىدىم. ئەمما «قوينى قاسساپ سويسۇن» دېگەن بىلەن، چوڭ دادام قوينى ئۆزى سويىۋىرەتتى، قاسساپ چاقىرىشقا ئۈلگۈرمىگەندە رەھمەتلىك داداممۇ قاسساپلىق قىلىپ قوياتتى، دادام قاسساپلىق قىلمىسا، قاسساپنى چاقىرىپ بولغىچە قوي ھارام بولۇپ قالاتتى. ئاكا - ئىنىلەرمۇ بەزىدە [color=Blue]ئۇستا كۆرمىگەن شاگىرت[/color]تەك بىرمۇنچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىرەر پاقلاننى سويۇپ قالىدىغان چاغلىرمىزمۇ بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا قوينى قاسساپ سويسۇن دېمەي، «قوينى سويالايدىغانلار سويسۇن» دېسە توغرا بولىدىغان ئوخشايدۇ. چوڭ دادام يەنە «موللا تولا بولسا قوي ھارام بولىدۇ» دېگەن سۆزنىمۇ قىستۇرۇپ قوياتتى، ئويلاپ قالدىم بۇ تېمىدا كۆپ ئادەم پىكىر قىلسا توغرا يەكۈننىڭ چىقىشىمۇ ناتايىن ئوخشايدۇ.
خۇلاسە كالام: [color=Blue]ئالتۇننى زەرگار سوقسۇن، موللا تولا بولسا قوي ھارام بولۇپتۇ، قوينى قوي سويۇشنى بىلىدىغانلارمۇ سويىۋەرسۇن[/color].[/size]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Bidar-Qutlan ، ۋاقتى: 2010-7-4 21:44 [/i]]



Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » يەكشەنبە ئىيۇل 04, 2010 6:09 pm

[size=4]tوربەتلىرىنى ئارىلاۋىتىپ [url]http://gulistan.cn/showart.asp?art_id=985[/url] دىن
[quote]
بۇ خىل ئەسەرلەر ياكى خاس ياكى قوشنا مىللەتلەرنىڭ تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان. لېكىن، تۈرك تىلى بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى قوغدىغان. ئەڭ قىيىن بولغان ھىندىچە ۋە خەنزۇچە دىنىي ئاتالغۇلارمۇ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان. [/quote]
دېگەن سۆز دىققىتىمنى تارتىپ قويدى، مەدەنىي ھاياتىمىزدا ساقلىنىپ قالغان ساپ، بۇلغانمىغان تىلىمىزدىكى پاساھەت، بالاغەتنىڭ قانداق بارلىققا كەلگەنلىكىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.
نەچچە يۈز يىل بۇرۇن شۇنداق روھ بارىكەن، ئەجىبا ئەمدىلىكتە ئاشۇ روھتىن بىخەۋەر ھالدا كىچىككىنا قىينچىلىققا يولۇقساق، گۇناھنى تىلىمىزغا ئارتىپ، ئېنگىلىزچە، روسچە ئاتالغۇلارنى تىلىمىزغا تاڭغىلى تۇرىدىكەنمىز.[/size]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Bidar-Qutlan ، ۋاقتى: 2010-7-5 00:16 [/i]]

alipanwar
يازمىلار: 2
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئىيۇل 07, 2010 2:01 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان alipanwar » جۈمە ئىيۇل 09, 2010 11:37 am

«ئالتۇننى زەرگار سوقسۇن، موللا تولا بولسا قوي ھارام بولۇپتۇ، قوينى قوي سويۇشنى بىلىدىغانلارمۇ سويىۋەرسۇن»
ماۋۇ گەپنى قوللايمەن. بۇرۇنمۇ كۆپ مۇنازىرىلەر بۇلۇنغان، ئايىغى چىقماي نۇرغۇن ئاتالغۇلار تاشلىنىپ قالدى. ھازىرقى ۋەزىيەتتە «قاسساپ» نى چاقىرىپ بولغۇچە «ئۇيغۇر تىلى» ھارام بولۇپ بولدىغان ئوخشايدۇ. شۇڭا قوي سۇيۇشنى بىلدىغانلار سويۇۋېرەيلى، باشلامچىلار بىرەر ئاتالغۇنى يۇمشاق دېتالغا ئىشلىتىۋەتسە، كەينىدىكىلەرگە تەبىئىيلا ئۆزلىشىپ كېتىدۇ. مەن فوتوشوپ، ئېدىيۇس قاتارلىق دېتاللارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش جەريانىدا خېلى كۆپ ئاتالغۇلارنى مۇنازىرىگە قويمايلا شۇ دېتاللارغا قوشۇۋەتتىم، ھازىرغىچە بىرەرسى ماۋۇ سۆزۈڭ خاتا بولۇپ قاپتۇ دەپ باقمىدى، بەلكىم كەڭ تارقالمىغانلىقتىندۇر، ئەمما ئۇ سۆزلەر مۇۋاپىق بولسۇن-بولمىسۇن كېيىنكىلەر شۇ بويىچە ئىشلىتىدۇ. قاراپ تۇرساق، ئېلىپبە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن سىقىپ چىقىرىلدى، تىلشۇناس.... يەنە ئاللىكملەرنى كۈتۈپ تۇرساق ھېچنىمە قالمايدىغان ئوخشايدۇ.
ۋىندوۋس دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى دەرىزە، كۆزنەك دېگەنلىك بولىدىكەن. ئەينى ۋاقىتتا بېل گايتىس يېڭى مەشغۇلات سېستىمىسىغا ۋىندوۋس دەپ ئات قويساق بولامدۇ دەپ مەسلىھەت سورىغان بولسا بەلكىم نۇرغۇن ئادەم قارشى چىققان بولاتتى. پويىز رېسلىنىڭ كەڭلىكىمۇ ئىككى ئات ساغىرسىنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچەم قىلغانكەن.
بەزى ئاتالغۇلارغا بەك جاھىللىق بىلەن چوقۇم ئۇيغۇرچە سۆز ياسايمىز دەپ تۇرۋېلىشمۇ تازا ئاقىلانىلىك ئەمەسكەن، ئۇيغۇر تىلى قەدىمدىن تارتىپ ئەرەپ، پارىس تىللىرىدىن مۇۋاپىق سۆز قۇبۇل قىلىپ، لۇغەت تەركىبىنى بېيىتىپ كەلگەن. ھازىرمۇ ئېنگىلىز تىلىدىن مۇۋاپىق ئاتالغۇ قۇبۇل قىلساق بولىۋېرىدۇ. پىكسېل، فىرام دىگەندەك
تۈركچىدىن سۆز قۇبۇل قىلىشمۇ بىر ياخشى تاللاش. ئۇيغۇر تىلى يىگانە تىل ئەمەس، چوڭ تۈرك ئائىلىسنىڭ بىر قىسمى. بەزىدە بەك ئۈزۈمچىلىك قىلىپ، غەلىتە يېڭى ئاتالغۇ ياسىۋالماي، تۈركچىدىن قۇبۇل قىلساق، تۈرك مىللەتلىرى دېتاللىرىمىزنى كۆرۈپ چۈشىنەلىسە تېخىمۇ ياخشى بولمامدۇ؟! بىز ئۇنتۇلۇپ كەتكەن، نىمە دەپ ئېلىشنى بىلەلمەيۋاتقان بەزى سۆزلەر تۈركچىدە بار ئىكەن.
پېئىللارنى ئىككىنچى شەخس تىلىدا ئېلىشنى مەن قوللايمەن. قىسقا، چۈشىنىشلىك، ھەم كومپىيۇتېرغا بۇيرۇق بېرىش تۇيغۇسى شەكىللىندۇ، تۈركچە يۇمشاق دېتاللاردىمۇ شۇنداق ئالىدىكەن. مەسلەن: چېكىن، كۆچۈر، ئۆچۈر...

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » جۈمە ئىيۇل 09, 2010 4:36 pm

[size=4][quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]alipanwar[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-9 17:37 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2700&ptid=553][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
تۈركچىدىن سۆز قۇبۇل قىلىشمۇ بىر ياخشى تاللاش. ئۇيغۇر تىلى يىگانە تىل ئەمەس، چوڭ تۈرك ئائىلىسنىڭ بىر قىسمى. بەزىدە بەك ئۈزۈمچىلىك قىلىپ، غەلىتە يېڭى ئاتالغۇ ياسىۋالماي، تۈركچىدىن قۇبۇل قىلساق، تۈرك مىللەتلىرى دېتاللىرىمىزنى كۆرۈپ چۈشىنەلىسە تېخىمۇ ياخشى بولمامدۇ؟! بىز ئۇنتۇلۇپ كەتكەن، نىمە دەپ ئېلىشنى بىلەلمەيۋاتقان بەزى سۆزلەر تۈركچىدە بار ئىكەن.
[/quote]
تولىمۇ ئورۇنلۇق سۆز، بۇ قاراشلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى قوللايمەن.
[quote]ھازىرمۇ ئېنگىلىز تىلىدىن مۇۋاپىق ئاتالغۇ قۇبۇل قىلساق بولىۋېرىدۇ. پىكسېل، فىرام دىگەندەك[/quote]
بۇ جۈملىڭىزدىكى «بولىۋىرىدۇ» دېگەن سۆزىڭىزنى توغرا تاپمىدىم، بولۇپمۇ ئاخىرقى «ۋىرىدۇ» قوشۇمچىسىنى، مەن بۇ سۆزىڭىزنى مۇنداق تۈزۈتۈپ قويسام توغرىراقى تولۇقلاپ قويسام قانداق قارايسىزكىن؟
ئاتالغۇلار مەسىلىسىدە
1- ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا كەڭ قوللىنىۋاتقان سۆزلەردىن مۇۋاپىق سۆز تېپىش، مەسىلەن: كومپيۇتېر ساندۇقى(机箱)، چىرىغى، تىزىملىتىش(登录)، شۇلىلاش(扫描)، شولىلىغۇچ(扫描仪) دېگەندەك؛
2- كونا ياكى قەدىمقى تەييار سۆزلەردىن ماس كەلگەنلىرىنى بىۋاستە ياكى ئىسلاھ قىلىپ قوللۇنۇش، مەسىلەن: غەللەك(内存)، خەتلىتىش(注册)، ئىم(密码)
3- ئۇيغۇرچە سۆزلەرگىلا خاس بولغان بوغۇم ۋە سۆزلەردىن پايدىلىنىپ سۆز ياساش، مەسىلەن: يۇمتال، ئېلخەت، ئېلكىتاب.
4- تۈرك، ئۆزبەك، قازاق قاتارلىق قىرىنداش مىللەتلەردىن سۆز قوبۇل قىلىش، مەسىلەن: غەملەك،
5- قىرىنداش مىللەتلەرمۇ سىرتتىن قوبۇل قىلغان ئاتالغۇلاردا يۇقۇرىدىكى ئالدىنقى 3 ئامالنىڭ ھىچقايسىسىغا ئىمكان بولمىسا ئېنگىلىزچىدىن قوبۇل قىلىش ۋە بۇرۇن قوبۇل قىلىپ كەڭ دائىرىدە تولۇق ئومۇملىشىپكەتكەن ئاتالغۇلارنى ساقلاپ قىلىش، مەسىلەن: مائۇس.

(内存)نى تۈرۈكچىدىن ئەسلەك دەپ قوبۇل قىلىشنى ئانچە ياقتۇرمۇدۇم، ئۇنى غەللەك دېسەك مۇۋاپىق بولغىدەك ھەم تۈرۈكچىگىمۇ يېقىن بولغىدەك.
سەۋەپ ئىككى:
内存 كونكىرت نەرسە بولۇپ، ئابىستراكىت نەرسىلەرنى ۋاقىتلىق ساقلاپ بېرىش رولىنى ئوينايدۇ، ئۇنىڭ ۋاقىتلىقى بىز كومپيۇتېرنى تاقىغانغا قەدەر بولىدۇ. شۇڭا:
1) غەللەك غەللە سۆزىدىن ياسالغان بولۇپ، تىجارەت سورۇنلىرىدا تاپاۋەتلەر ئۇدۇلۇق غەللىگە كىرىپ - چىقىپ تۇرىدۇ، تاكى تىجارەت ئورنى تاقالغانغا قەدەر بۇ مەشغۇلات داۋاملىشىدۇ، تىجارەت ئورنى تاقىلىدىغاندا غەللىدىكى تاپاۋەت مۇھىم ئورۇنلارغا يۆتكىۋىتىلىدۇ، بۇ خۇددى كومپيۇتېرنىڭ غەللىكىدىكى بىر تەرەپ بولغان ئۇچۇرلار قاتتىق دىسكىلارغا كۆچۈرۈپ قويۇلغاندەك. بۇ ھەركەتنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە ھەركەتنىڭ ئورنىدىكى ئالاھىدىلىك تەبىئىي ھالدا 内存 نىڭ رولىنى ئەسلىتىپ، 内存نى غەللەك دېيىشىمىزگە ئاساس بولىدۇ.
2) ئەسلەكنىڭ مەنىسىدىنلا مەلۇمكى ئەسلەك ئەسلىنىدىغان، يادقا ئېلىنىدىغان، ھەرقانداق ئەھۋالدا كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدىغان ئابستاركىت نەرسىكى، 内存 دەك ھەرقانداق ئەھۋالدا كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان كونكىرت نەرسە ئەمەس، ئېنگىلىزلار ئەسلەك دەپ ئىسىم قويغان بولسا، ئېنگىلىزلارمۇ خاتا ئىسىم قويۇپتۇ، تۈرۈكلەر ئىنگىلىزلاردىن تەرجىمە قىلىپ قوللانغان بولسا ئۆزىنىڭ ئىشى، بىز ئىمكان قەدەر تىلىمىزغا ئەپلىك كەلگەن، مەنا جەھەتتىن ئاساسەن ماس كىلىدىغان سۆزنى قوللانساق تېخىمۇ توغرا بولمامدۇ؟[/size]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Bidar-Qutlan ، ۋاقتى: 2010-7-9 22:53 [/i]]

koktash
يازمىلار: 54
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 31, 2007 5:37 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان koktash » سەيشەنبە ئىيۇل 13, 2010 9:28 am

内存 نى "ئەسلەك"

内存نى تورداشلار "ئىچكى ساقلىغۇچ" دەپ ئېلىۋاتىدۇ، ھەم مەلۇم دەرىجىدە ئوموملاشتۇردى. بۇ سۆز ئېنىقكى، خەنزۇچىدىن سۆزمۇ- سۆز تەرجىمە قىلىنغان. لېكىن ئۇيغۇرچەسى سەل ئۇزۇن بولۇپ قالغانلىقتىن، كۆپچىلىك يەنىلا ئاساسىي جەھەتتىن "نېيسۈن" دەپ ئىشلىتىۋاتىمىز.
بۇ سۆزنىڭ ئىسمىدىن چىقىپ تۇرۇپتىكى، ئۇ مەلۇم بىر نەرسىنى ئىچىدە ساقلايدىكەن. بىلمىگەن ئادەم بولسا، كومپىيۇتېرنىڭ ھۆججەت ساقلايدىغان قاتتىق دېتالى ئوخشايدۇ دەپ خاتا ئويلاپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.
كۆپچىلىككە ئايان، كۆمپىيۇتېردا نۇرغۇن ھۆججەت بولىدۇ. قايسى ھۆججەتنى ئىشلەتمەكچى بولساق، شۇ (ئىجرادىكى) ھۆججەت内存 غا كىرىدۇ. ناۋادا، ئىجرا قىلغان ھۆججەتلەر كۆپ بولۇپ كەتسە، 内存 غا پاتمايدۇ- دە، كومپىيۇتېرنىڭ سۈرئىتى ئاستىلايدۇ ياكى قېتىۋالىدۇ. شۇڭا، كومپىيۇتېردا 内存 دىن غايەت زور كۆپ ھۆججەت بولسىمۇ، ھەممىنى تەڭ ئىجرا قىلغىلى بولمايدۇ، پەقەت بىر- بىرلەپ ئىجرا قىلىپ ئىشلىتىدىغان گەپ. 内存 چوڭىراق بولسا ، ئەلۋەتتە سۈرئەتمۇ تېزىراق بولىدۇ.
ئادەمنىڭ مېڭىسىمۇ شۇنداق. كاللىمىزدا شۇنچە جىق بىلىم، ئەسلىمە ۋە ئىدىيەلەر بولسىمۇ، ھەممىسىنى بىرلا ۋاقىتتا ئەسلەپ ۋە ئىشلىتىپ ماڭالمايمىز. پەقەتلا مەلۇم بىر بۆلىكىنى ئەسلىيەلەيمىز ۋە دەماللىققا ئىشلىتەلەيمىز. دەل مۇشۇ ئالاھىدىلىكى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئېنگلىزلار 内存 غا Memory دەپ ئىسىم قويغان. بۇنىڭ مەناسى "خاتىرە، ئەسلەش" دېگەنلىك بولىدۇ.
دېمەك، 内存 بولسا بىرنىڭ ۋە كومپىيۇتېرنىڭ كاللىسىدىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئىچىدىكى ھازىر ئەسلىيەلەۋاتقان ۋە ئىشلىتىۋاتقان ھۆججەت (ئەسلىمە) لەرنى سەھنە بىلەن تەمىنلەيدىغان بوشلۇقتىن ئىبارەت ئىكەن. 内存 قانچە چوڭ بولسا كومپيۇتېرنىڭ سۈرئىتىمۇ شۇنچە تېز بولىدۇ. بىزنىڭ خاتىرىمىز قانچە ياخشى بولسا، بەزى ئىشلارنى دەماللىققا ئەسلىيەلەيمىز. بۇ خۇددى ئادەمنىڭ "خاتىرەسى" دەك نەرسە ئىكەن.

يىغىپ ئېيتقاندا، 内存 پەقەت كومپىيۇتېر ئىچىدىكى نۇرغۇن ھۆججەتلەرنىڭ ئىشلىتىلدىغان قىسىمىنى "ئەسلىتىپ" تۇرىدىغان بوشلۇقكەن. شۇڭا 内存 گە "ئەسلەك" دەپ ئىسىم قويسا، ھەم ئىخچام ھەم ئەسلى ماھىيەتىگەن يېقىن، شۇنداقلا ئەسلى تىل - ئېنگلىزچىغىمۇ ماس كېلىدىكەن، يەنى ئەسلى تىلغا ھۆرمەت قىلغان بولىدىكەنمىز
"خاتىرە" دېسە، بۇ سۆزنى بىز باشقا يەرگە ئىشلىتىپ بولدۇق.

تورداشلارنىڭ پىكىرىچە 内存 نى "ئەسلەك"، يەنى لازىملىق ھۆججەتلەرنى 'ئەسلەپ" بېرىدىغان نەرسە دەپ چۈشەنسە، قانداق بولۇر؟

koktash
يازمىلار: 54
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 31, 2007 5:37 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان koktash » سەيشەنبە ئىيۇل 13, 2010 9:32 am

تۈرك، ئۆزبەك، قازاق قاتارلىق قېرىنداشلار ھەقىقەتەن «غەللەك» ياكى «غەملەك» دەپ ئالىپ ئىشلىتىۋاتقان بولسا، بىرلىكلىكنى ساقلاش، قېرىنداش تىللارنى بىر- بىرىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەنمۇ ئاشۇنداق ئېلىشنى قوللايمەن.

koktash
يازمىلار: 54
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 31, 2007 5:37 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان koktash » شەنبە ئىيۇل 17, 2010 10:56 am

كۈزىتىشىمچە، ئادەتتە 3 بوغۇمدىن ئېشىپ كەتكەن ئاتالغۇلار تىلىمىزغا ياخشى ئوموملىشالمايدۇ.
مەسىلەن، «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى» نى قىسقارتىپ «ش ئا ئە ت» قىلىپ يازدۇق، لېكىن بۇ 4 بوغۇم بولغاچقا، ھەم نېمە دەپ ئوقۇش ئېنىق بەلگىلەنمىگەچكە تۈزۈك ئوموملىشالمىدى. شۇڭا، تىلشۇناسلار بۇ ئاتالغۇنى ئېنگلىزچىدىكى «ناتو» (nato) غا كۆچۈرۈش توغرىسىدا پىكىر بەردى، ھەم مەلۇم دائىرىدە «ناتو» دەپ ئىشلەتتى.
بۇ ئىلھامنىڭ سايىسىدە، بىر ئوبدان تىلىمىزغا سىڭگەن «ب د ت» نىمۇ ئېنگلىزچە ئېلىپ، يى تو سەن (一套三) قىلىمىز دەپ پىكىر بەردى.
مېنىڭچە، بىر ئوبدان ئوموملاشقا ئاتالغۇنى يەنە بۇزۇپ، باشقا ھالەتكە ئېلىپ كېلىش- پەقەت بىر ئاراىچىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە بىر مەيدان زۆرۈرسىز دە- تالاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » شەنبە ئىيۇل 17, 2010 3:17 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]koktash[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-17 16:56 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2736&ptid=553][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
一套三[/quote]
ئالە شەنى ! ;P
« سامان ئارىلاشمىسا لاي بولماس » دېگەن مۇشۇمۇ نېمە؟

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » جۈمە ئىيۇل 23, 2010 5:05 am

memory 内存 بۇرۇن «ئىچكى ساقلىغۇچ» دەپ قوبۇل قىلىنىپ ئومۇملاشتۇرۇلۇپتىكەن. مەن بۇ تەرجىمىگە قايىل بولمىغان بولساممۇ، بۇرۇنقى ئومۇملىشىشنى نەزەرگە ئېلىپ، قارشى پىكرىمنى ئانچە كۆپ ئوتتۇرىغا قويمىغان.

بۇ سۆز مېنىڭ قارىشىمچە كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ئەڭ خاتا تەرجىمە قىلىنغان سۆز بولۇپ، بۇرۇنقىلار چەتئەل تىللىرىدىن ئانچە كۆپ خەۋەرسىزلا، خەنزۇچىدىن ئۇدۇللا تەرجىمە قىلىپ قويغان.

«ئىچكى ساقلىغۇچ» دىگەن بۇ سۆز دەرھاللا «تاشقى ساقلىغۇچ» دىگەن ئۇقۇمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇلار قارمۇ-قارشى نەرسىلەر ئوخشايدۇ دىگەن خاتا ئۇچۇرنى بېرىپ قويىدۇ.

ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا، تەنتەربىيە دەرسىدە مۇئەللىم «يېنىك ئاتلىتكىنىڭ تۈرلىرى يۈگىرەش، سەكرەش ...» دەپ دەرس ئۆتۈپ بولۇپ، «سۇئالىڭلار بارمۇ» دەپ سورىدى. مەن «يېنىك ئاتلىتكىنىڭ تۈرلىرىغۇ بۇلار ئىكەن، ئۇنداقتا، ئېغىر ئاتلىتكا دەپ نىمىگە ئېيتىلىدۇ، ئۇنىڭغا قايسى خىل تەنتەربىيە ھەركەتلىرى كىرىدۇ» دەپ سورىسام، مۇئەللىم سۇئالىمغا جاۋاپ بەرمەي، دەرسخانىدا مېنى تەنقىتلەپ كەتكەن ئىدى.

ناۋادا «ئىچكى ساقلىغۇچ» نى ئەمدى ئاغدۇرۇپ، يېڭىدىن تەرجىمە قىلىمىز ياكى سۆز ياسايمىز، قوبۇل قىلىمىز دەيدىغان ئىش بولسا، ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى ئۇيغۇرچە سۆز «خاتىرە» دۇر.

ناۋادا بۇ «خاتىرە» بولسا Record, 记录 بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدۇ دەپ قارالسا، بىزدە نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئېتىزدىكى ئوت بىلەن ئوچاقتىكى ئوت توقۇنۇشماي كەلگىنىنى ئەسلەپ كۆرسەك، بۇلارنىمۇ توقۇنۇشتۇرماي ئىشلىتەلەيمىز.

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » جۈمە ئىيۇل 23, 2010 7:33 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Eagle[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-23 11:05 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2850&ptid=553][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ناۋادا بۇ «خاتىرە» بولسا Record, 记录 بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدۇ دەپ قارالسا، بىزدە نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئېتىزدىكى ئوت بىلەن ئوچاقتىكى ئوت توقۇنۇشماي كەلگىنىنى ئەسلەپ كۆرسەك، بۇلارنىمۇ توقۇنۇشتۇرماي ئىشلىتەلەيمىز. [/quote]
مەن بۇ مازۇدا ئۇنى غەملەك دېيىشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدىم، سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ تەشەببۇسىمدا تېخى بىرەر مۇخالىپلىقنىڭ يوقلىقىنى ھىس قىلساممۇ، ھەم تەشەببۇسىمدىن تېخى ۋاز كەچمىگەن بولساممۇ، ئورۇنلۇق تەشەببۇسلىرىڭىزغا ئاۋاز قوشۇپ، بىز دەۋاتقان قەغەز خاتىرە، كاللىمىزدىكى ساقلانغان يۇمتال خاتىرە بىلەن بىرئاز پەرقلەندۈرۈپ دەل چۈشۈنۈشكە قولاي بولۇش ئۈچۈن «خاتىرەك» دېسەك قانداق بولاركىن؟ تىزگىنەك دېگەندەك.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار