[تەۋسىيە] بىرقانچە ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇرچىسى

بۇ سەھىپىدە ئاساسلىقى قوللىنىشچان كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، كومپىيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇچۇر تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى قويۇلىدۇ.
Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » جۈمە ئىيۇل 23, 2010 9:18 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Bidar-Qutlan[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-23 13:33 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2865&ptid=553][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

بىز دەۋاتقان قەغەز خاتىرە، كاللىمىزدىكى ساقلانغان يۇمتال خاتىرە بىلەن بىرئاز پەرقلەندۈرۈپ دەل چۈشۈنۈشكە قولاي بولۇش ئۈچۈن «خاتىرەك» دېسەك قانداق بولاركىن؟ تىزگىنەك دېگەندەك.[/quote]

نىمىشقا «ك» نى ئارتۇق قوشۇپ قويىمىز؟

ئىنگىلىزلار كوچىدا ئادەم توشۇيدىغان چوڭ ماشىنىلارنىمۇ Bus دەيدۇ، كومپيۇتېر، يانفون، قول سەئەتىدىكى ئۇچۇر توشۇيدىغان توك يوللىرىنىمۇ Bus دەيدۇ. ئۇلار ئەجىبا «ئارىلىشىپ كەتمىگەي، كېيىنكىسىگە بىر k نى ئارتۇق قوشۇپ، Busk دەيلى» دىمەپتۇ.

ئۇلار كوچىدىكى Bus بىلەن كومپيۇتېردىكى Bus نى ئارىلاشتۇرۇپ قويمايدىكەن، لېكىن بىز قەغەزدىكى «خاتىرە» بىلەن مېڭىمىزدىكى «خاتىرە» ۋە كومپيۇتېردىكى «خاتىرە» نى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدىكەنمىز. شۇڭا كېيىنكىسىگە بىر «ك» نى ئارتۇق قوشۇپ، «خاتىرەك» قىلايلى... چۈنكى ئىنگىلىزلار ئەقىللىق مىللەت، ئۇلار ئارىلاشتۇرۇپ قويمايدۇ، بىز ئۇيغۇرلار دىگەن دۆت مىللەت، ئاسان ئارىلاشتۇرۇپ قويىمىز، شۇنداقمۇ؟...

ئا: - يېڭى ياسالغان «خاتىرەك» نى قاچانمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قاچانمۇ تەشۋىق قىلىپ، ئومۇملاشتۇرۇپ بولارمىز؟
ئە: - بۇنىڭدىن ئەنسىرىمەڭ، بىز ئۇيغۇرلار دىگەننىڭ مۇھىم ئىشقا بىر سېكۇنت ۋاقتى بولمىسىمۇ، ئەرزىمەس ئىشلارغا يىللارچە ۋاقتى بار «ئاشۇنداق نوچى» خەق بىز. بىر «ك» نى قوشۇپ قويغىنىمىز، بىزنىڭ ئىنگىلىزلاردىنمۇ بەكرەك «ئىجادچان» مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن تېخى لۇغەت تەركىۋىمىز «بېيىپ»، بۇرۇنقى ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى ئۆگىنىپ بولالمىغاننىڭ ئورنىغا بىر يېڭى سۆزىمىز «كۆپىيىدۇ، بېيىيدۇ»...
ب: - نىمە تولا گەپ بۇ، بېشىم ئاغرىپ كەتتى، يەنىلا شۇ «كۇچانىڭ كونا سوپۇنى»، «نېيسۇن» ياخشىكەن. مەن كەتتىم، خوش، زەيجەن!
...



Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » يەكشەنبە ئىيۇل 25, 2010 1:48 am

دۇرۇس، ئوت دېگەن بۇ سۆز تاقىشىپ قالمىدى، تاقاشماسلىقى بۇ ئىككى سۆز جۈملىدە تاقىشىپ قالىدىغان ئەھۋالنى ئۇچرات قىلى بولمايدىغان سۆزلەر جۈملىدىدىن، مەن تاقىشىپ قالىدىغان بىرەر جۈملىنى تۈزۈپ باقاي دەپمۇ تۈزەلمىدىم.
باشقا تىللاردا بۇنداق شەكىلداش سۆزلەر شۇنچە كۆپ بولسىمۇ بىزدە يوقنىڭ ئورنىدا، بۇمۇ بىزنىڭ تىلىمىزدىكى بىر ئارتۇقچىلىق بولسا كېرەك، بۇ ئارتۇقچىلىقنى يەنىلا ساقلاپ قالغىنىمىز ياخشى.

afrasyap
يازمىلار: 14
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە نويابىر 03, 2007 4:24 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان afrasyap » يەكشەنبە ئىيۇل 25, 2010 4:01 am

بىر ئۇبدان ئومۇملاشقان يۇمشاق دېتال دېگەن سۆزنى تۇرۇپلا «يۇمتال» قىلىپ قويدۇڭلار. تورغا كىرىپ (توردىن باشقا يەردە بۇ ھەرپ تىزمىسى زادىلا يوق) «يۇمتال» نى كۆرگەن ئادەملەر بىر-بىرسىدىن يۇمتال دېگەن نېمە دەپ سورايدۇ. مەندىن سورىغانلارغا يۇمشاق دېتال دېگەن گەپمىش دەپ ئىزاھات بېرىمەن. ئاندىن چۈشىندۇ.
ئىچكى ساقلىغۇچمۇ لۇغەت تەركىبىمىزگە كىرىپ بولغان، ئومۇملاشقان سۆز. ئەمدى نەرىڭلارغا پۇتلاشتى.
ئەينى ۋاقىتتا بۇ سۆزنى لۇغەتكە كىرگۈزگەن چوڭلىرىمىزمۇ ئانچە-مۇنچە بىر نەرسىنى بىلدىغان بولغىيتى.
[«ئىچكى ساقلىغۇچ» دىگەن بۇ سۆز دەرھاللا «تاشقى ساقلىغۇچ» دىگەن ئۇقۇمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇلار قارمۇ-قارشى نەرسىلەر ئوخشايدۇ دىگەن خاتا ئۇچۇرنى بېرىپ قويىدۇ]
«ئىچكى ساقلىغۇچ» «تاشقى ساقلىغۇچ» دېگەن ئۇقۇمنى كەلتۈرۈپ چىقارسا نېمە بولۇپتۇ؟ تاشقى ساقلىغۇچ بارغۇ. نۇر دېسكا، قاتتىق دېسكا، بارماق دېسكىلار تاشقى ساقلىغۇچ بولماي نېمە؟
مەن كۇرسانتلارغا دەرس ئۆتكەندە ئىچكى ساقلىغۇچ كومپىيۇتېرنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ، توك ئۇلىنىپ كومپىيۇتېر قوزغالغاندا تاشقى ساقلىغۇچتىكى (قاتتىق دېسكا، نۇر دېسكا) ئۇچۇرلار CPU نىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىچكى ساقلىغۇچقا كىرىدۇ، توك ئۈزۈلگەن ھامان ئىچكى ساقلىغۇچتىكى نەرسىلەر يوقايدۇ دەپ چۈشەندۈرگەن.
لۇغەتكە كىرىپ بولغان سۆز-ئاتالغۇلارنى تارتىپ چىقىرىپ ئۆزگەرتىپ يېڭى سۆز ياسىمىساقمۇ بىز ياساشقا تىگىشلىك، قەتئى ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇلمىغان سۆزلەر مىڭلاپ تۇرمامدۇ. بىزنىڭ بۇنىڭدىن باشقا قىلدىغان ئىشىمىز يوقمۇ؟!
تورغا چىقىۋېلىپ ئۇيغۇر ئەرەپ يېزىقى، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى، ئۇيغۇر كومپىيۇتېر يېزىقى، يۇمتال، خاتىرەك..نى تالىشپ ئاق تاغلىق، قارا تاغلىق بولۇۋالغىنىمىز بىلەن، مەن ماۋۇ جەنۇبى شىنجاڭدا تۇرۇپ قىزىمغا ئۇيغۇر ئانا تىلدىن دەرس بېرىدىغان يەسلى، مەكتەپ تاپالماي ئاۋارە.

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » يەكشەنبە ئىيۇل 25, 2010 12:45 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Bidar-Qutlan[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-25 07:48 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2940&ptid=553][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

باشقا تىللاردا بۇنداق شەكىلداش سۆزلەر شۇنچە كۆپ بولسىمۇ بىزدە يوقنىڭ ئورنىدا، بۇمۇ بىزنىڭ تىلىمىزدىكى بىر ئارتۇقچىلىق بولسا كېرەك، بۇ ئارتۇقچىلىقنى يەنىلا ساقلاپ قالغىنىمىز ياخشى.[/quote]

ئارتۇقچىلىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن «تىزگىن»، «ئەسلە»، «خاتىرە» ... لەرگە ئۆز مەيلىمىزچە «ك»، «ئەك» لەرنى قوشۇپ قويۇپ، «تىزگىنەك»، «خاتىرەك»، «ئەسلەك» قىلىپ قويمايلى. ئۇيغۇر تىلىنى پەقەت «دېھقان تىلى» غىلا ئايلاندۈرۈپ قويمايلى، بولمىسا باشقىلار «ئۇيغۇر تىلى يېڭى زامانغا ماسلاشمايدىغان قالاق تىل» دىگەن شان-شەرەپلەرنى مۇكاپاتلاپ كۆپلەپ بېرىۋېتىدۇ.

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » يەكشەنبە ئىيۇل 25, 2010 1:49 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]afrasyap[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-25 10:01 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2943&ptid=553][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

ئىچكى ساقلىغۇچمۇ لۇغەت تەركىبىمىزگە كىرىپ بولغان، ئومۇملاشقان سۆز. ئەمدى نەرىڭلارغا پۇتلاشتى.
ئەينى ۋاقىتتا بۇ سۆزنى لۇغەتكە كىرگۈزگەن چوڭلىرىمىزمۇ ئانچە-مۇنچە بىر نەرسىنى بىلدىغان بولغىيتى.[/quote]

بۇ سۆز ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە، ھەۋەسكارلارغا، تولۇقسىز مەلۇماتىدىكى كومپيۇتېر كۇرسانتلىرىغا، ۋە ياكى دېھقان كومپيۇتېرچىلارغا پۇتلاشمايدۇ، لېكىن ئىلمىي ساھەلەردە قەدەمدە بىر پۇتلىشىدۇ. ئۇيغۇر تىلى پەقەت دېھقان، زاغرا تىل بولۇپلا قالماي ئۇ يەنە ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ يېڭى،ئەڭ زامانىۋى بىلىم-تېخنىكلار ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلىشى ۋە قىلالىش كېرەك، بولمىسا، باشقىلارنىڭ قولىدا، بىزگە بېرىدىغان قالاق تىل دىگەن شەرەپ ھەر ۋاقىت تەييار.

بىزدە «ئې» گە 10 يىل بۇرۇن é دەپ بېلەت تاشلاپ، 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 200-100 يۈئەن چاي پۇلى (ياكى سۆڭەك تاشلاپ) بەرسە، دەرھال كۆتىنى ئۆرۈپلا يۈزىگە چاپلاپ، قايتىدىن ë دەپ بېلەت تاشلايدىغان شۇ شاپاشچىلارنى شۇ ئىشلارنى ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇيغۇر تىلىغا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن قىلىدۇ دەپ ئويلامسىز؟

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]afrasyap[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-25 10:01 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2943&ptid=553][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

«ئىچكى ساقلىغۇچ» دىگەن بۇ سۆز دەرھاللا «تاشقى ساقلىغۇچ» دىگەن ئۇقۇمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇلار قارمۇ-قارشى نەرسىلەر ئوخشايدۇ دىگەن خاتا ئۇچۇرنى بېرىپ قويىدۇ]
«ئىچكى ساقلىغۇچ» «تاشقى ساقلىغۇچ» دېگەن ئۇقۇمنى كەلتۈرۈپ چىقارسا نېمە بولۇپتۇ؟ تاشقى ساقلىغۇچ بارغۇ. نۇر دېسكا، قاتتىق دېسكا، بارماق دېسكىلار تاشقى ساقلىغۇچ بولماي نېمە؟[/quote]

كومپيۇتېرنىڭ «ئىچىدە» تۇرىدىغان قاتتىق دىسكا، نۇر دىسكىلارنى نىمىشقا «تاشقى» ساقلىغۇچ دەيمىز؟ مەن «ئىچكى ساقلىغۇچ» ئۇمنى كومپيۇتېر ساندۇقىنىڭ سىرتىغا قويۇپ، ئۇنى ئۇزۇن سىملار بىلەن ئانا تاختىغا ئۇلاپ ئىشلەتسەم (چوڭ تىپتىكى كومپيۇتېرلاردا، سىز دەۋاتقان «ئىچكى ساقلىغۇچ» ئايرىم ساندۇقتا، سىرتتا تۇرىدۇ.) سىز بۇنى بۇ ۋاقىتتا «ئىچكى ساقلىغۇچ» دەمسىز ياكى «تاشقى ساقلىغۇچ» مۇ؟

ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئىچكى»، «تاشقى» دىگەن ئۇقۇملار قارمۇ-قارشى مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنداقتا بۇلار ئارقىلىق تەسۋىرلەنگەن، سىز دەۋاتقان «ئىچكى ساقلىغۇچ» بىلەن قاتتىق دىسكىلار قارمۇ-قارشى رول، ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدىغان ئۈسكۈنىلەرمۇ؟

شۇ كومپيۇتېرنى ئىجاد قىلغان كىشىلەر «ئىچكى ساقلىغۇچ» (Internal Storage) دىگەن گەپنىمۇ بىلەتتى، ئۇنداقتا شۇ ئىجادچىلار شۇ ئۈسكۈنىگە نىمىشقا ئەينى ۋاقىتتا، «ئىچكى ساقلىغۇچ» دەپ نام بەرمىگەن؟

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]afrasyap[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-25 10:01 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2943&ptid=553][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

ئىچكى ساقلىغۇچمۇ لۇغەت تەركىبىمىزگە كىرىپ بولغان، ئومۇملاشقان سۆز. ئەمدى نەرىڭلارغا پۇتلاشتى.[/quote]

بۇ سۆز ماڭا پۇتلاشمايدۇ، چۈنكى مەن بۇ سۆزنى مۇشۇ يەرگە ئىنكاس يازغاندىن باشقا ۋاقىتتا ئىشلەتمەيمەن.

لېكىن كومپيۇتېر كەسپىدىن كەسپى بىلىم ئالىدىغانلارغا (كۇرسانتلار ئەمەس، باكلاۋۇر، ماگىستىر، دوكتۇر، ئىنژېنىر بولىدىغانلارغا) بۇ سۆز پۇتلىشىدۇ. بىلىمنى توغرا، ئىنىق، ئىخچام، دەل يەتكۈزۈشكە پۇتلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ پەن-تېخنىكا ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالىدىغان ھالىتى شەكىللىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ تىلىم ھەقىقەتەن قالاق تىل ئوخشايدۇ دىگەن خىيالغا سەۋەب بولىدۇ. (ئىسلام دىنى ئۆزى ئۇلۇق، مۇقەددەس، مۇكەممەل، ھەممىگە قادىر دىن ئىدى، لېكىن شۇ مۇھىت ئىچىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ئۇنى ئۆزلىرى خۇنۇكلەشتۈرىۋېتىپ، ئاقىۋەتتە، ئۆزىدىن ئەمەس، دىنىدىن شۈبھىلىنىۋاتقانلار ئەرەبلەر ئىچىدىنمۇ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىنمۇ چىقىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئىچىدە ھەتتا بۇ دىن بىزگە يېتىپ كەلمىسە، ياكى بۇ دىننى بىز قوبۇل قىلماي، دىنسىز بولغان بولساق، ۋە ياكى بۇنداق قالاق دىننى قوبۇل قىلغۇچە، دىنسىز ياشىساق بوپتىكەن دىگەن ئىدىيىدىكىلەرمۇ بار.) مېنىڭ بۇ يەدە دىمەكچى بولغىنىم، ئۇيغۇر تىلىمىزنى ئۆزىمىز بۇزۇپ، خۇنۇكلەشتۈرىۋېتىپ، كېيىن ئۇنىڭدىن ئۆزىمىز شۈبھىيلىنىدىغان ئىشلار بولۇپ قالمىغاي دىگەن مەقسەتتە پىكىر قىلىۋاتىمەن.

بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا، ھازىر بىر دەملىك قىزغىنلىق بىلەن، ئىشنىڭ ئالدى-كەينىنى ئويلىمايلا، يېڭى ئاتالغۇلارغا ئىسىم قويىۋاتقان، تەرجىمە قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ئۆز ئانا تىلىغا، ئۆز قېرىنداشلىرىغا سۆيگۈ مۇھەببىتى بىلەن بولۇۋاتقان ئىشلار. لېكىن شۇنداقتىمۇ، بۇ ئىشقا پەقەت شۇ سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك ئەمەس. بولمىسا تىلىمىزغا «غەملەك، ئەسلەك، خاتىرەك، پەن سانار، يۇمتال، ئۇلاي، ئۇكىجان ...» دىگەندەك كەسپىي، 'ىلمىي بولمىغان سۆزلەر كۆپلەپ كىرىپ كېتىپ، تىلىمىز «قالاق، دېھقان تىلى» بولۇپ قالىدۇ. (ئىسىم قويغانلار، تەرجىمە قىلغانلارنى مەسخىرە قىلىش ئوي-خىيالىم يوق. بۇ ياخشى ئەھۋال. لېكىن يەنىمۇ سوغۇققان بولساق دەيدىغان ئۈمىدىم بار.)

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]afrasyap[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-25 10:01 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2943&ptid=553][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

مەن كۇرسانتلارغا دەرس ئۆتكەندە ئىچكى ساقلىغۇچ كومپىيۇتېرنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ، توك ئۇلىنىپ كومپىيۇتېر قوزغالغاندا تاشقى ساقلىغۇچتىكى (قاتتىق دېسكا، نۇر دېسكا) ئۇچۇرلار CPU نىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىچكى ساقلىغۇچقا كىرىدۇ، توك ئۈزۈلگەن ھامان ئىچكى ساقلىغۇچتىكى نەرسىلەر يوقايدۇ دەپ چۈشەندۈرگەن.
لۇغەتكە كىرىپ بولغان سۆز-ئاتالغۇلارنى تارتىپ چىقىرىپ ئۆزگەرتىپ يېڭى سۆز ياسىمىساقمۇ بىز ياساشقا تىگىشلىك، قەتئى ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇلمىغان سۆزلەر مىڭلاپ تۇرمامدۇ. بىزنىڭ بۇنىڭدىن باشقا قىلدىغان ئىشىمىز يوقمۇ؟!
تورغا چىقىۋېلىپ ئۇيغۇر ئەرەپ يېزىقى، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى، ئۇيغۇر كومپىيۇتېر يېزىقى، يۇمتال، خاتىرەك..نى تالىشپ ئاق تاغلىق، قارا تاغلىق بولۇۋالغىنىمىز بىلەن، مەن ماۋۇ جەنۇبى شىنجاڭدا تۇرۇپ قىزىمغا ئۇيغۇر ئانا تىلدىن دەرس بېرىدىغان يەسلى، مەكتەپ تاپالماي ئاۋارە.[/quote]

سىزنىڭ ئۇ چۈشەندۈرگنىڭىز پەقەت كۇرسانتلار سەۋىيىسىدىكى ئىزاھلاشتۇر، توغرا، ئېنىق ئىلمىي ئېنىقلىمىسى ئەمەس. سىز پەقەت بۇنىڭلىق بىلەن كۇپايىلىنىپ يۈرىۋەرسىڭىز، تىلىمىزنىڭ سەۋىيىسى ئاشۇ كۇرسانتلارنىڭ سەۋىيىسىدە توختاپ قالىدۇ. كېيىن باشقىلار، سېنىڭ تىلىڭ قالاق تىل دىسە، قايناپ قالىسىز شۇ.

مەن بۇ يەردە ئىچكى ساقلىغۇچ ئاتالغۇسىنى ئاغدۇرىۋېتىش مەقسىدىدە ئىنكاس يازمىدىم، پەقەت يېڭىدىن سۆز ياساپ ياكى تەرجىمە قىلىۋاتقانلارغا بىر ئاددى نۇقتىنى ئۆز خىيالىم بىلەن بىلدۈرۈپ قويغۇم كەلدى.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Eagle ، ۋاقتى: 2010-7-27 09:17 [/i]]

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » يەكشەنبە ئىيۇل 25, 2010 3:57 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۈركۈت ئەپەندىم، مەن سىزنىڭ بىرقىسىم چۈشەندۈرۈشلىرىڭىزگە قايىل بولساممۇ، ئەمما ئېنگىلىزچىدا نېمە دېيىلگەن بولسا شۇ بويىچە دېيىشىمىز كېرەك، ئېنگىلىزلار ئىجات قىلغان نەرسىگە ئېنگىلىزلار ئەڭ توغرا ئىسىم قويىدۇ دېگەن نۇقتىڭىزغا قايىل ئەمەسمەن.
يەنە بىرسى «يېشىل چىش» بىلەن «يېشىلچىش»نىڭ مەنىسى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئېيتىلىشى «ئوت» دېگەنگە ئوخشاش سۆز بولۇپ، سىز «يېشىلچىش»نى «يېشىل چىش» دەپ چۈشەنسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ دەپ سىز، ئۇنى «يېشىل چىش» دەپ چۈشەنسەم بولىۋېرىدىغان بولسا، بۇ ئىسىم قەتئىي مۇۋاپىق بولمىغان بولىدۇ.
يېشىل چىش- رەڭگى يېشىل بولغان چىش،
يېشىلچىش- تۇتاشتۇرغاقلار ئىچىدىكى يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن «ئۈسكىنە».

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » سەيشەنبە ئىيۇل 27, 2010 1:42 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Eagle[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-25 18:45 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2946&ptid=553][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئارتۇقچىلىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن «تىزگىن»، «ئەسلە»، «خاتىرە» ... لەرگە ئۆز مەيلىمىزچە «ك»، «ئەك» لەرنى قوشۇپ قويۇپ، «تىزگىنەك»، «خاتىرەك»، «ئەسلەك» قىلىپ قويمايلى. [/quote]
«ك»، «ئەك»لەرنىڭ قوشۇلىشى ئۆز مەيلىمىزچە بولماستىن، تىلىمىزدا ئەزەلدىن بار قانۇنىيەت بويىچە بولىۋاتىدۇ.
چاي-چايدان-چاينەك، پاكار-پاكىنەك، غىت-غىتمەك، ھەزىل-ھەزىلەك، تىزگىن-تىزگىنەك، خاتىر-خاتىرەك، .....
بۇ ئىسىملارغا دىققەت قىلسىڭىز ئەسلى ئىسىم مەلۇم نەرسىنى بىلدۈرسە، «ئەك، نەك»لەرنىڭ قوشۇلىشى بىلەن شۇ نەرسىنى سالىدىغان ئورۇننىڭ ئىسمىغا ئايلانغان، مەسىلەن: چاي-چاينەك، خاتىر-خاتىرەك، ياكى شۇ نەرسىنىڭ كىچىكلەپ، ئۆزگەرگەن ھالىتىنىڭ «ئەركىلەتمە» ئىسمىغا ئايلانغان. مەسىلەن:پاكار-پاكىنەك، تىزگىن-تىزگىنەك، ..... مانا مۇشۇنىڭ ئىلھامىدا تۇتاشتۇرغاقنىڭ ئەۋلادى بولغان «كۆكچىش»نى «تۇتاشتۇرەك» دېسىڭىزمۇ خاتا دېگەن بولمايسىز.
تىلىمىزدا نۇرغۇن ئىسىملار تۈپ سۆز بولسىمۇ يەنە نۇرغۇن ئىسىملار ئەقىللىق ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا خۇدايىم بەرگە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلىرى ئارقىلىق ياسالغان، مىڭ يىللاردىن بىرى تىلىمىزغا قان بولۇپ كەلگەن بۇ قوشۇمچىلارنى بۈگۈنكى كۈنلۈكتە سۆز ياساش قوشۇمچىسى يوق، «زامانغا ماسلاشقان»، «كادىر تىلى» بولغان «ئىلغار» تىللارنى دوراپ شاللىۋېتەمدۇق؟ بىزنىڭ سۆز ياساش قوشۇمچىلىرىنى شاللىۋېىتىشكە ھىچقانداق ئاساسىمىز يوقكى، بەلكى ئىھتىياج بولغاندا چەتتىللاردىن «بى(بىئەدەپ، بىنۇمۇس)»، «فۇن(يانفۇن، ئۆيفۇن، شەفۇن، ئەقلىفۇن)»لارغا ئوخشاش سۆز ياساش قوشۇمچىلىرىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك.

[quote]ئۇيغۇر تىلىنى پەقەت «دېھقان تىلى» غىلا ئايلاندۈرۈپ قويمايلى، بولمىسا باشقىلار «ئۇيغۇر تىلى يېڭى زامانغا ماسلاشمايدىغان قالاق تىل» دىگەن شان-شەرەپلەرنى مۇكاپاتلاپ كۆپلەپ بېرىۋېتىدۇ. [/quote]
تىلىمىزنى دىھقان تىلىغا ئايلاندۇرۇپ قويىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، ئۇ ئەسلىدىنلا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 90 پىرسەنتىدىن ئارتۇقىنى تەشكىل قىلىدىغان دىھقاننىڭ ھەق -ھوقۇقلۇق تىلى، بىزنىڭ ئاشۇ دىھقانلىرىمىز بولغاچقىلا تىلىمىزنىڭ بۈگۈنىمۇ ئۇيغۇر تىلى بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ، ئاشۇ دىھقانلىرىمىز قالاق قىياپىتى بىلەن تىلىمىزنى بۈگۈنگە قەدەر داۋاملاشتۇرغانلىقى ئۈچۈنلا ھەرقايسى دەۋىردىكى زىيالىرىمىزنىڭ تۆھپىسى بولمىش «ئەرەپچىلىشىپ» كېتىشتىن، «پارسچىلىشىپ» كېتىشتىن، «روسچىلىشىپ، خەنزۇچىلىشىپ» كېتىشتىن ساقلاپ كىۋاتقان ئىدى، ئەمدىلىكتە يۇقۇرى ساپالىق «ئالىملىرىمىز»نىڭ ھىممىتى بولمىش «ئېنگىلىزچىلىشىپ» كېتىشتىن، ئىناۋەتلىك رەھبەرلىرىمىزنىڭ شەپقىتى بولمىش «خەنزۇچىلىشىپ» كېتىشتىن ئاجىز ھالەتتە بولسىمۇ مۇداپىئە قىلىپ تۇرىۋاتىدۇ.

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » سەيشەنبە ئىيۇل 27, 2010 1:49 am

[quote]مەن ماۋۇ جەنۇبى شىنجاڭدا تۇرۇپ قىزىمغا ئۇيغۇر ئانا تىلدىن دەرس بېرىدىغان يەسلى، مەكتەپ تاپالماي ئاۋارە.[/quote]
بۇنىڭغا ئوخشاش ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش بۇ مۇنبەرنىڭ ۋەزىپىسى بولمىغاندىكىن، مۇنبەرگە مۇناسىبەتسىز گەپلەرنى قىلمىساق، مۇنبەر 2 كۈن ئېچىلمىۋىدى، يىغلىغىدەك بولۇپ كەتتىم. بۇنىڭدىن ئارتۇق جىق گەپ قىلىشنىڭ ئورنى يوق.

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » سەيشەنبە ئىيۇل 27, 2010 3:34 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Bidar-Qutlan[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-25 21:57 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2949&ptid=553][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۈركۈت ئەپەندىم، مەن سىزنىڭ بىرقىسىم چۈشەندۈرۈشلىرىڭىزگە قايىل بولساممۇ، ئەمما ئېنگىلىزچىدا نېمە دېيىلگەن بولسا شۇ بويىچە دېيىشىمىز كېرەك، ئېنگىلىزلار ئىجات قىلغان نەرسىگە ئېنگىلىزلار ئەڭ توغرا ئىسىم قويىدۇ دېگەن نۇقتىڭىزغا قايىل ئەمەسمەن.[/quote]

ئۇنداقتا، «ئۇيغۇر» دىگەن نامنىڭ ئىنگىلىزچە يېزىلىشىنى كىملەر ئەڭ توغرا قىلالايدۇ؟ غەرپلىكلەر «Uighur» دەپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقىلى 300-200 يىللار بولغان ئىدى، سىز نىمىشقا «Uyghur» بولۇشى كېرەك دەپ تۇرىۋالىسىز؟ بىزنىڭ Bluetooth نى ئۇيغۇرچە نىمە دېيىشىمىزگە تېخى بىر ئىنگىلىز كېلىپ ئارىلىشىۋالمىدى، ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭ «ئۇيغۇر» نى ئىنگىلىزچە قانداق ئېلىشىغا بىز نىمىشقا ئارىلىشىۋالىمىز؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنگىلىز تىلىدا بىرەر ھەققى بارمۇ؟

Bluetooth نى سىز «تۇتاشتۇرغاق» دەۋالسىڭىز، شۇنى ئىجاد قىلغان كىشىلەر ناۋادا «بۇنداق دىسەڭ توغرا بولمايدۇ، مۇنداق دەيسەن» دەپ تامغىلىق ھۆججەت چۈشۈرۈپ قالسا، سىز قانداق پوزىتسىيەدە بولىسىز؟

سىز ماتېماتىكىچى بولغاچقا بۇ يەردىكى مەنتىقىنى چۈشىنەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن.

ئەسلى مەنبەسىگە ۋارىسلىق قىلايلى دىسەم، سىز ئۇنداق قىلمىساقمۇ بولىدۇ دەۋاتىسىز. ئۇنداقتا ئىنگىلىزلارنىڭ «ئۇيغۇر» نى قانداق ئېلىشىدا، ئەسلى مەنبەگە ۋارىسلىق قىلمىسىمۇ بولامدۇ؟

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Bidar-Qutlan[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-25 21:57 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2949&ptid=553][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

يەنە بىرسى «يېشىل چىش» بىلەن «يېشىلچىش»نىڭ مەنىسى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئېيتىلىشى «ئوت» دېگەنگە ئوخشاش سۆز بولۇپ، سىز «يېشىلچىش»نى «يېشىل چىش» دەپ چۈشەنسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ دەپ سىز، ئۇنى «يېشىل چىش» دەپ چۈشەنسەم بولىۋېرىدىغان بولسا، بۇ ئىسىم قەتئىي مۇۋاپىق بولمىغان بولىدۇ.
يېشىل چىش- رەڭگى يېشىل بولغان چىش،
يېشىلچىش- تۇتاشتۇرغاقلار ئىچىدىكى يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن «ئۈسكىنە».[/quote]

بۇنى «يېشىل چىش» دەمسىز، «يېشىلچىش» دەمسىز بەرىبىر.

بۇ يەردە سىز ئارىلىشىپ كەتسە بولمايدۇ دەپ پىكىر قىلىۋاتىسىز. مەن يۇقۇرىدىمۇ دېدىم، باشقىلار كوچىدىكى ئادەم توشۇيدىغان چوڭ ماشىنىلارنىمۇ Bus دەيدۇ. ئۇچۇر ئۈسكۈنىلىرى ئىچىدىكى ئۇچۇر توشۇيدىغان توك سىملىرىنىمۇ Bus دەيدۇ. يەنى ئۇلار بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتسىز بولغان شەيئىلەرگە ئوخشاش ئىسىم قويسىمۇ، ئۇماچ بولۇپ كەتمەيدۇ. ئەجىبا بىز «يېشىل چىش» بىلەن ئاغزىمىدىكى «ئاق چىش» لىرىمىزنى ئارىلاشتۇرىۋېتىپ، ئۇماچ قىلىۋېتەرمىزمۇ؟ بىز ئۆز-ئۆزىمىزگە، ئۆزىمىزنىڭ قابىلىيىتىگە ئىشىنەلمەيمىزمۇ؟

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » سەيشەنبە ئىيۇل 27, 2010 3:37 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Bidar-Qutlan[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-27 07:49 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2956&ptid=553][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

بۇنىڭغا ئوخشاش ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش بۇ مۇنبەرنىڭ ۋەزىپىسى بولمىغاندىكىن، مۇنبەرگە مۇناسىبەتسىز گەپلەرنى قىلمىساق، مۇنبەر 2 كۈن ئېچىلمىۋىدى، يىغلىغىدەك بولۇپ كەتتىم. بۇنىڭدىن ئارتۇق جىق گەپ قىلىشنىڭ ئورنى يوق.[/quote]

قوللايمەن. بۇ يەر «... كومپيۇتېر ...» تور بېتى بولغاندىكىن، شۇ كومپيۇتېرنىڭ گېپىنى قىلىشساق.

مەنمۇ ئۈستىدىكى جاۋاب ئىنكاسىمدىكى «يەسلى» ھەققىدىكى گەپلىرىمنى ئۆچۈرىۋەتتىم. دېمىسىمۇ بۇ يەر «... يەسلى ...» تور بېتى بولمىغاندىكىن.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار