جەمئىي7 بەتنىڭ 7 - سى

يېزىلغان: چارشەنبە ئىيۇل 28, 2010 6:39 am
تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Eagle[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-28 10:24 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2994&ptid=553][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
بىدار ئاكا،

«كۆكچىش» ھەققىدىكى پارىڭىمىز تۈگىگەن بولسا، خۇلاسە قىلىپ، «كۆك چىش» ياكى «كۆكچىش» نىڭ بىرىنى تا ... [/quote]
كۆك چىش دەپ يېزىشى قەتئىي خاتا، چۈنكى ئۇ بىرەر نەرسىنىڭ كۆك رەڭلىك چىشى ئەمەس.
كۆكچىش يېزىپ، ئوقۇلسا مۇۋاپىق بولىدۇ دەپ قارايمەن.
ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان ماتېماتىكا كىتابلىرىدا «ئۈچ بۇلۇڭ» بىلەن «ئۈچبۇلۇڭ»نىڭ ھەر ئىككىلىسى بار بولۇپ،
«ئۈچ بۇلۇڭ» __ بۇلۇڭنىڭ 3 ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ،
«ئۈچبۇلۇڭ»__ ئۈچ كىسىك بىلەن قورشالغان، ئۈچ بۇلۇڭى بار گىومېتىرىك شەكىلنىڭ نامىنى بىلدۈرىدۇ.
مانا بۇلاردىن ئىككى سۆزنى ئاجرىتىپ يېزىش بىلەن ئاجراتماي يېزىشنىڭ پەرقىنى بىلىمىز.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Bidar-Qutlan ، ۋاقتى: 2010-7-28 12:59 [/i]]

يېزىلغان: چارشەنبە ئىيۇل 28, 2010 8:29 am
تەرىپىدىن يوللانغان majeed
[img]http://a.imagehost.org/0538/1_110.jpg[/img]
بىدار ئاكىنىڭ گېپى ئورۇنلۇق.

يېزىلغان: چارشەنبە ئىيۇل 28, 2010 9:48 am
تەرىپىدىن يوللانغان Eagle
بىدار ئاكامنىڭ يۇقۇرىدىكى چۈشەندۈرىشىگە تولۇق قايىل بولدۇم.

ئۇنداقتا بۇنىڭدىن كېيىن «كۆكچىش» دەپ ئالايلى.

يېزىلغان: چارشەنبە ئىيۇل 28, 2010 2:12 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
قوبۇللىدىم: Bluetooth يەنى 蓝牙 نى «كۆكچىش» دەيمىز

يېزىلغان: دۈيشەنبە نويابىر 29, 2010 11:44 am
تەرىپىدىن يوللانغان ghazi
مەنمۇ ئىسىمداش (ھەركەتنام) ھالەتتە ئېلىشنى مۇۋاپىق كۈرىمەن. چۈنكى ھازىرغىچە ھەركەتنام ھالەتتە تەرجىمە قىلىنغان پىئىل خاراكتىرلىك ئاتالغۇلار خېلى قۇبۇل قىلىنغان. بىۋاستە پىئىل ھالەتتە ئېلىنغانلىرى تازا ئومۇملاشمايۋاتىدۇ. پىئىل ھالەتتە ئېلىنسا ماڭا ئۆز- ئارا گەپلىشىۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرىدىكەن.
ئەلۋەتتە، ئۇستازلار قانداق ئومۇملاشتۇرسا، مەن مۇتلەق بويسۇنىمەن.

يېزىلغان: شەنبە مارت 12, 2011 7:09 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Erdewil
مۇشۇ ئاتالغۇلارنى بىر مۇزاكىرە قىلىشقا توغرا كەلگۈدەك. تېزراق قىلىپلاشتۇرۇش زۆرۈر! بۇ ھەقتىكى يىغىنمۇ ئاخرى ئېچىلدى:
[url]http://www.bilik.biz/bbs/thread-23772-1-1.html[/url]

يېزىلغان: پەيشەنبە مارت 17, 2011 6:14 am
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
قايسى ئورۇن تەشكىللەپتۇ؟ كىملەر مەسئۇل ئىكەن؟