[تەرجىمە فىلىم]iPad نى تارقىتىش يىغىنى

بۇ سەھىپىدە ئاساسلىقى قوللىنىشچان كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، كومپىيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇچۇر تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى قويۇلىدۇ.
Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » شەنبە ئىيۇل 24, 2010 12:05 pm

نېيسۇن ھەققىدە يەنە پىكىر،

بەزى ئانا تاختىلارنىڭ تاختا ئۈستىدە USB ئۇلىنىش سىملىرى بولىدۇ. مەن بىر بارماق دىسكىنى تېپىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى توك ئۈزۈلسە ئۇچۇرلار ساقلىنىپ قالىدىغان ئۈزەكنى توك ئۈزۈلسە ئۇچۇرلار يوقاپ كېتىدىغان ئۈزەككە ئالماشتۇرۇپ، ئاندىن بۇ بارماق دىسكىنى شۇ ئانا تاختا ئۈستىگە ئۇلاپ قويۇپ، كومپيۇتېر ساندۇقىنى يېپىۋەتسەم، بۇ بارماق دىسكا پۈتۈنلەي سىز ئېيتقان «ئىچكى ساقلىغۇچ» نىڭ ئېنىقلىمىسىغا كىرىدۇ. ئۇنداقتا مەن بۇ بارماق دىسكىنى ئىچكى ساقلىغۇچ دىسەم سىزچە بولامدۇ؟

شۇڭا يۇقۇردا سىز ئېيتقان گەپلەرنى ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە ياكى %100 تولۇق ئىزاھاتى دېيىشكە بولمايدۇ.

مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن ياغاچچى ئۇستاملارمۇ ئوتتۇرا مەكتەپ گېئومېتىرىيە بىلىملىرىنىڭ بىر قىسمىنى بىلىدۇ. ئۇلار بىلگەن بۇ بىلىمنى بىر گېئومېتىرىيە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بىلىمى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولامدۇ؟ يەنى بىر ساۋاتسىز ياغاچچى ئۇستام بىلەن سىز ساقىشچى ئۇستامنىڭ تەكشىلىكتىكى گېئومېتىرىيە بىلىملىرى تەڭ سەۋىيەدىمۇ؟



Abdurehim
يازمىلار: 6
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 16, 2009 4:04 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Abdurehim » سەيشەنبە ئاۋغۇست 17, 2010 11:37 am

بۈركۈت ئاكا، قارىسام يۇقارقى بىر قانچە ئىنكاسىڭىزدا Buffer غا ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ بېرىشنى تەشەببۇس قىپسىز، بۇ ئاتالغۇ 90-يىللادا نەشىردىن چىققان كومپيۇتېر كىتابلىرىنىڭ بەزىلىرىدە (غەيرەت ئاكىمىزنىڭ تۈزگەن كىتابى، كومپيۇتېر تېخنىكىسى، كومپيۇتېر ئېنگىلىز تىلى، Basic تىلى..) ئېنگىلىزچە ئوقۇلىشى بىلەن باففېر دەپ ئېلىنغاندەك ئېسىمدە (بۇنى دەپ ئولتۇرمىساممۇ سىز مەندىن ئېنىقراق بىلىسىز)،ئەينى يىللاردا ئىشلىتىلگەن توپ بىر تەرەپ قىلىش بۇيرۇقلىرىدا ھەم شۇ پېتى Buffer دەپ قوللانغان، شۇ چاغلاردا بىز باففېرنىڭ ئۇيغۇرچە نىمە مەنىسى بارلىقىنى بىلمىسەكمۇ، ئۇنىڭ كومپيۇتېردىكى رولىغا قاراپ مەنىسىنى تەخمىنىي چۈشەنگەن ھەم شۇ پېتى باففېر دەپ ئاتاپ كېتىۋەرگەن ئىدۇق. Buffer نىڭ تىلىمىزغا كىرىش تارىخى كۆك چىش، USB، بارماق دېسكا... دېگەنلەردىن خېلىلا ئۇزۇن، مېنىڭچە يەنىلا شۇ كونىنى (باففېر) ساقلاپ قالساق قانداق بولار .

Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » سەيشەنبە ئاۋغۇست 17, 2010 1:21 pm

ئىلگىرى بىلىكتە باففىر سۆزىنى غەملەك دەپ خىلى مۇنازىرە بوپ كەتكەن ھەم شۇنداق غەملەك دەپمۇ ئاتىۋىتىدىغان بولغان.....................:)

kulke0997
يازمىلار: 111
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە نويابىر 29, 2007 10:40 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997 » چارشەنبە ئاۋغۇست 18, 2010 6:16 am

ھازىر UKIJ دا ئاتالغۇ كۆرەشلىرى بولۇپ كېتىپتۇيا...قايسى تېمىغا قارىسا شۇ ئاتالغۇنىڭ گېپى.. بەزىلىرىدە تېخى ئومۇملشىپ بولغان ئاتالغۇلارنى ئۆزىمىزچە ئۆزگەرتىپ كېتىپتىمىز. مۇشۇنى ئۆزگەرتكىچە باشقا بىرەر ئىش قىلساق ياكى بىرەر يېڭى بىلىم تېمىلىرى يوللاپ قويساق نېمە بولا دەيمەن.

Epshani
يازمىلار: 7
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاۋغۇست 02, 2010 12:42 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Epshani » چارشەنبە ئاۋغۇست 18, 2010 10:15 am

بەزى ۋاقىتتا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كومپىيۇتىر-ئىلىكتىرون تەرەققىيات يولى بەكمۇ ئەگرى توقاي بولغانلىقىنى ھىس قىپ قالىمەن شۇنداقلا سەۋەبى ئۈستىدە ئويلىنىپمۇ جاۋاب تاپالماي قالىمەن ،ئۇيغۇرلاردا توربەت تىخنىكىسىنىڭ تەرەققى قىلىشى شۇنداقلا ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ يۇنىكود مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقىتى ،مۇشۇ مۇنبەردىكى كۆپ سانلىق كىشىلەر كونا بىلىك كۇلۇبىدىكى ئەزالار ۋە تۆھپىكار تورداشلاردۇر .مانا بۇگۈن پۇتۇنلەي ئومۇملاشتى دىگىلى بولمىسىمۇ لىكىن ئاساسى جەھەتتىن ئومۇملاشتى ،ئەمما كۆپچىلىكنىڭ ئويلىنىپ كۆرۈشىگە
ئەرزىيدىغىنى شۇكى يۇنىكودنى ئومۇملاشتۇرۇپ يىزىقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە4-5يىل ۋاقىت كەتتى بۇ ۋاقىتلاردا كۈندە يۇنىكود فونىت،،
ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ھەققىدە تالاش تارتىش قىلىپلا ئۆتتى .ئەجەبا بۇ جەريان بىزگە بىر ساۋاقنى ھىس قىلدۇرالمىدى-مۇ؟ ئەمدى تەرجىمە
مەسىلىسىگە كۆچسەك ھىلىھەم شۇ يىزىق مەسلىسى ، بىر ئاتالغۇ ئەمدى ئومۇملىشىۋاتسا توساتتىن بىر زىيالى چىقىپ ئۇنىڭ خاتالىقىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ يىڭىدىن بىرنى كەشىپ قىلىپ چىقىپ شۇنى ئىشلىتىش كىرەكلىكىنى ئىسپاتلايدۇ ،قارىساق بۇ ئىسپاتلار شۇنداق توغرا ھەم ئىسىل ،بىراق كىم شۇنى ئومۇملاشتۇرۇش مەسىلىسنى ئويلىنىپ باقتى، بۇ ئومۇملىشىپ بولغىچە يىڭى ئاتالغۇلار خالىغان ئىسىمدا بۆسۈپ كىرىپ بولىدۇ بۇنى يەنە بىر مۇتەخەسس ئۆزگەرتىشنىڭ مۇھىملىىنى ئىسپاتلايدۇ .
ئۇيغۇرلانىڭ نوپوسىنى 8 مىليوندىن ئاشىدۇ دىيشىدۇ بەلكىم پۇتۇن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى قوشۇپ كەلسە 10مىليونغىمۇ بىرىپ قالار ،مۇشۇ 10 مىليون ئۇيغۇرلانىڭ ئارىسىدا قانچىلىك تور پۇقرالىرى باردۇ ؟
1 مىليوندىن ئاشىدۇ دىسەكمۇ مۇشۇ بىر مىليون تورداشلارنىڭ ئىدىيىسىنى كىم باشقۇرالايدۇ ،ھازىر 21-ئەسىرگە كىرىپ بولدۇق ، ئىلىكتىرون -ئۇچۇر تىخنىكىسىنىڭ تەرەققى قىلىشى پۈتۈن يەرشارىنى كىچىك بىر كەنىتكە ئايلاندۇرۇپ بولدى ،بىزنىڭ ھەرخىل مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىمىز ھەرقانداق دەۋىردىن كۆپ ،يىقىندا ئامرىكا زوڭتۇڭ
سايلىمى ئۇيغۇر تورلىرىدا زور تەسىر قوزغىدى .دىمىكراتىيە -دىكتاتۇرا ھەققىدىكى تونۇشلىرىمىز تىخىمىۇ ئىنىقلاشتى . دىمەككى بىزنىڭ <قوبۇل قىلىش > ئىدىيىمىز زور دەرىجىدە يۈكسەلدى ،مەن قانداقتۇر مەلۈم سىياسى تۈزۈلمە ياكى باشقا ئىدىيىۋى مەسىلە ئۈستىدە گەپ ساتماقچى ئەمەسمەن .ئەمما بىز زىھنىمىزنى تىخىمۇ يىراققا قويىشىمىز دىمەكچىمەن . ئۇيغۇرلانىڭ يزىق تونۇش سىسىتىمىسى تىخى يىقىندا ئوتتۇرىغا چىقتى ،بەلكى بىر قىسىم تورداشلانىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا ئۇنىڭ تونۇش نىسبىتىمۇ تىخى ئادەمنى ياخشى رازى قىلالمايدۇ ،ئاۋاز بىر تەرەپ قىلىش ،(تونۇش ،بىرىكتۈرۈش،كونتىرۇل سىگنىالىغا ئايلاندۇرۇش )قاتارلىق ساھەلەر ۋە باشقا مەن دىققەت قىلمىغان شۇنداقلا بىلمگەن ساھەلەر تىخىمۇ چوڭ بوشلۇق بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ ئەمما بىز كۈندە ئاتالغۇ يىزىق تالىشىۋاتىمىز ،مۇشۇ ئاتالغۇ ھەققىدە ساددىلارچە پىكىرىمىنى دەپ باقسام مەيلى جوڭگۈدا بولسۇن ياكى چەتئەلدە بولسۇن نۇرغۇن ئاتالغۇلار ئاۋۋال شۇ تىخنىكا ئەسۋابنى ئوتتۇرىغا چىقارغۇچىلار تەرىپىدىن سىمىۋۇل خارەكتىرلىك سۆزلەرنى تىپىپلا قويۇلىدۇ ياكى بىز ئويلىمىغان بىر قىسىم مەنىلەرنى ئىشارە قىلىپ قويۇلىدۇ شۇ ئاتالغۇ ئومۇملاشقاندىن كىيىن ھىچكىمنىڭمۇ ئۇنىڭ مەلۇم تىشۇناسلىق قائىدىسىگە خىلاپ ئىكەنكلىكىنى ،ياكى ئۇنىڭ شۇ تىخنىكا بىلەن مۇناسىۋىتى بار يوقلۇقىنى ئىيتىپ باشقا بىرىنى تىىپىۋالغانلىقىنى ياكى بىر ئاتالغۇنىڭ نەچچە خىل ئىسىمى پەيدا بولغانلىقىنى شۇنداق ساقلىنىپ قالغىننى مەن شەخسەن ئاڭلاپ باقمىدىم .ئالايلۇق ئۇيغۇر تىلىمىزدا نۇرغۇن شەكىلداش ۋە مەنىداش ئىسىملار بار بەلكى ھەممە تىلدا شۇنداق ،ئەجەبا بۇنىڭ ھەممىنى بىر باشتىن تۈزىتىپ ئارلىشىپ كەتمەيدىغان ھالەتتە تۈزىتىپ چىقامدۇق ؟ تارىخىمىزدىكى نەچچە قىتىملىق يزىق ئۆزگەرتىشنىڭ بىزگە كەلتۈرگەن پايدا زىيىنى ھەققىدە
سۆزلەشنىڭ ئورنى يوقتۇ- بەلكىم . مەن شۇنداق ئىلتىماس قىلىمەنكى ئاللىبۇرۇن ئومۇملىشىپ بولغان ئاتالغۇلار پەقەت ئۇيغۇرچە(بىۋاستە باشقا تىلدىن ئوقۇلىشى بويىچە ئەكىرىۋالغان بولمىسىلا) بولسىلا ئۇنىڭغا ئەمدى تەگمىسەك ئاندىن كىيىن يىڭى ئاتالغۇلار ھەقىقىدە پىكىر بىرلىككە كەلمىسە دەرھاللا بىلەت تاشلاش بىلەن ھەل قىلساق ھەرگىزمۇ تالاش-تارتىش قىلىپ شەخسىتىگە تىگىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ ئازارلىشىپ يامانلىشىپ يۈرمىسەك ،مىنىڭچە بولسا 4قىتىملىق ئۆزئارا ئىنكاس-مۇنازىرىلىشىتىن نەتىجە چىقمىسا دەرھال بىلەت تاشلاشقا قويساق دەپ ئويلايمەن بەلكى شۇنداق قائىدە بىكىتىپ قويساقمۇ بولىدۇ . بىرەر تورداش گاچچىدە بىر <كىچىك بىلەت تاشلاش بىتى >دىن بىرنى يىزىپ قويسا (مەن C/c++ باشقا تور پىروگراممىلىرىنى ئۇقمايمەن ،بولمىسىا مەن يازاتتىم )بۇ بەك تەسكە توختىمايدۇ.
شۇندىن كىيىن قانداق مەسىلە بىرلىككە كىلىنمىسە گاچچىدە شۇ بەتنىڭ بەت يۈزىنى ئۆزگەرتىپلا بىلەت تاشلاش ئىلىپ بارساق بولاتتى دەپ
قارايمەن .

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار