[تەرجىمە فىلىم]iPad نى تارقىتىش يىغىنى

بۇ سەھىپىدە ئاساسلىقى قوللىنىشچان كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، كومپىيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇچۇر تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى قويۇلىدۇ.
Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » جۈمە ئىيۇل 23, 2010 8:13 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Eagle[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-23 13:52 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2867&ptid=560][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئەسلىدىكى ئىنگىلىزچە ۋە ياكى خەنزۇچە «كۆك چىش» ئاتالغۇسىنى ئۇيغۇرچىغا شۇنداق ئەپلىك، دەلمۇ-دەل تەرجىمە قىلغىلى بولىدىغان تۇرۇقلۇق، يەنە ئۇنىڭدىن قۇسۇر ئىزدەپ يۈرسەك، بۇ بىزنىڭ ھاماقەتلىگىمىزدۇر. «كۆك چىش» نىڭ نىمە مەنا بېرىدىغانلىقى ئۇ 2-مەسىلىدۇر.[/quote]
مەقسەت مۇشۇلا بولسا، ئارتۇق گەپنىڭ ھىچقانداق ھاجىتى يوق، مەن پەقەت مەنانى 1- ئورۇنغا قويۇپ پىكىر قىلدىم، سىزدېگەن نۇقتىدا چۈشۈنۈش ئۈچۈن «كۆكچىش» دەپلا چۈشۈنۈش كېرەككى «كۆك چىش» دەپ چۈشەنمىگۈلۈك.



Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » جۈمە ئىيۇل 23, 2010 8:23 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Bidar-Qutlan[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-23 12:56 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2860&ptid=560][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

ئېنگىلىزچىدىكى سۆزنى تەرجىمە قىلغاندا «كۆك چىش» بولىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇيغۇرچىدىكى «كۆك چىش» دېگەن سۆزنىڭ ئاشۇ ئۈسكىنىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشۈنۈپ كېتەلمىدىم، مەن ھازىر ئۇنى سۆز مەنىسى بويىچە ئەمەس، بەلكى «نان» دېگەن سۆزنى كۆرسەم بىزنىڭ يىمەكلىكىمىزنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگەندەك چۈشۈنىمەن. كۆك بىلەن چىشنى مۇستەقىل مەنىلىرى بويىچە ئەمەس، بەلكى بىر گەۋدە سۈپىتىدە ئۆز مەنالىرىدىن خالى ھالدا چۈشىنىپ تۇرىۋاتىمەن.[/quote]

دەل شۇنداق.

بىزدىكى «نان» دىگەن سۆزنىڭ ئۆزىدىن ئۇنىڭ بىر خىل يىمەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلىش مۇمكىن ئەمەس. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، «كۆك چىش» دىگەن سۆزدىن «سىمسىز ئۇلىغۇچ، تۇتاشتۇرغۇچ» دىگەن مەنانى كۈتۈش ئاخماقلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇڭا «ئىزاھلىق لۇغەت» لەر تولىمۇ زۆرۈر.

مېنىڭ ۋەتەندە 10 يىل تۇرۇپ، ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلىيەلەيدىغان بىر ئامېرىكىلىق تونۇشۇم بار ئىدى. بىر قېتىم كۆرۈشكەندە، ئۇ مەندىن ئۇيغۇر تىلىدىكى «كەتمەن» دىگەن سۆزنى ئىنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلالماي، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر ماقالىسىدە بىۋاستىلا Ketmen ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىپ، ئۇنى ماقالىسى ئاخىرىسىدا ئىزاھلاپ قويغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئىنگىلىزچە Bluetooth تىن ھىچقانداق بىر خەۋەرلىشىش مەنىسى چىقمايدۇ، لېكىن بۇ نەرسىنى Bluetooth دىسەك بولمايدۇ دىگەن بىرمۇ غەرپلىكنى مەن ئاڭلاپ باقمىدىم.

بىز ھازىر شەيئىلەرگە ئىسىم قويماي، ئۇنى ئىزاھلايمىز دەپ ئاۋارە بولىۋاتىمىز.

بۇخۇددى يېڭى تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاققا ئانىسى «موسا» دەپ ئىسىم قويايلى دىسە، دادىسى، بۇ ئىسىمنىڭ مەسىسى ئېنىق ئەمەس، بوۋاققا «اللە نىڭ ئۇلۇق پەيغەمبەرلىرىنىڭ بىرى، اللە ئۇنىڭغا تەۋرات ناملىق مۇقەددەس كىتابنى چۈشۈرۈپ، ئۇنى يەھۇدى قەۋمىنى توغرا يولغا باشلاشقا بۇيرۇغان، ئۇنىڭ «اللە نىڭ سۆزى» ناملىق ئىسمىمۇ بار ئۇلۇق پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى...» دەپ ئىسىم قويىمەن دىگەندەكلا ئىش.

خۇلاسە قىلساق، «نان» دىن يىگىلى بولىدۇ دىگەن مەنا چىقمايدۇ. «كەتمەن» دىن يەر-توپا چاپىدۇ دىگەن مەنا چىقمايدۇ. شۇڭا «كۆك چىش» تىن ئۇچۇر-ئالاقە مەنىسى چىقمايدىكەن دەپ تۇرىۋالمايلى. شەيئىلەرنىڭ ئىسمى باشقا نەرسە، ئۇ ئىسىمنىڭ ئىزاھاتى يەنە باشقا نەرسە.

يېزىغا بېرىپ، «مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ» دەپ بىر دېھقانغا سۆزلەپ بېقىڭ. گەرچە ھەممە گەپ ئۇيغۇرچە بولسىمۇ، ئۇ دېھقان كۆز ئالدىغا ھەممىنى مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرىدىغان يېزىنىڭ باش سېكىرتارى - جاڭ سېكىرتارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىشى، يەنى، بارماقچىلىق بىر مېتالنى ئەمەس، 2 پۇتى، 2 قولى، جېنى بار، ج ك پ يېزىلىق كومىتېتىنىڭ سېكىرتارى، جانلىق بىر ئادەمنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىشى مۇمكىن.

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » جۈمە ئىيۇل 23, 2010 8:38 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Bidar-Qutlan[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-23 14:13 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2873&ptid=560][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

سىزدېگەن نۇقتىدا چۈشۈنۈش ئۈچۈن «كۆكچىش» دەپلا چۈشۈنۈش كېرەككى «كۆك چىش» دەپ چۈشەنمىگۈلۈك.[/quote]

«كۆك چىش» دەپ چۈشەنسىڭىزمۇ ھېچنىمە بولمايدۇ.

كوچىلاردا ماڭىدىغان چوڭ ئاپتوبۇسلارنى ئىنگىلىزلار Bus دەيدۇ.

كومپيۇتېرنىڭ ئىچكى توك يولىدا، (ھەتتا سىزنىڭ قولىڭىزدىكى كىچىككىنە يانفون، بىلىكىڭىزدىكى ئېلىكترونلۇق قول سائىتىڭىزدە)، ئۇچۇر توشۇيدىغان بىر گۇرۇپپا پاراللىل توك سىملىرىنىمۇ
ئىنگىلىزچە Bus دەيدۇ (总线, 数据总线, 控制总线). لېكىن تاكى ھازىرغىچە «كىچىككىنە بىر كومپيۇتېر، ياكى يانفون، ياكى قول سائەتىنىڭ ئىچىگە شۇنچە يوغان ئاپتوبۇس قانداق سىغىدۇ» دىگەن بىر گەپنى بىرەر ئىنگىلىزلارنىڭ ئاغزىدىن بىرەر يەرلەردە چىقىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم.

دىمەكچى بولغىنىم، «كۆك چىش» دەمسىز، «كۆكچىش» دەمسىز بەرىبىر. چۈشىنىدىغانلار چۈشىنىدۇ، چۈشەنمەيدىغانلار يەنىلا چۈشەنمەيدۇ. ھەممە ئادەم چۈشىنەلەيدىغان بىر ئىسىم تاپىمەن دېسىڭىز، بىر ئابزاس ئۇزۇنلۇقتىكى مەزمۇندا ئىسىم قويسىڭىز بولىدۇ. لېكىن بۇ ۋاقىتتا بۇ «ئىسىم» بولماي، «مەنىسى» بولۇپ قالىدۇ.

شۇڭا پات ئارىدا «لەنيا» بولۇپ قېلىشتىن بۇرۇن، بۇ يەردە تولا تالاشماي، «كۆكچىش» دەمدۇق ياكى «كۆك چىش» دەمدۇق بىر نىمە دەيلى. كېيىن قالساق، سىزگىمۇ يوق، ماڭىمۇ يوق بولۇپ قالىدۇ.

مۇشۇنداق «گۈلى-گۈلىگە كەلگەن» تەرجىمە ئاتالغۇلىرىدىمۇ مۇشۇنداق تولا تالىشىپ يۈرگىنىمىزنى ئويلىسام، «ھەسەلنىڭ قىلىنى ئىلغاپتۇ، ھۆپۆپنى يۇڭدىماي يەپتۇ» دىگەن ئەجدادلار ھېكمىتىنى ئويلاپ قالىمەن.

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » جۈمە ئىيۇل 23, 2010 2:26 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Eagle[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-23 14:38 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2875&ptid=560][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
مۇشۇنداق «گۈلى-گۈلىگە كەلگەن» تەرجىمە ئاتالغۇلىرىدىمۇ مۇشۇنداق تولا تالىشىپ يۈرگىنىمىزنى ئويلىسام، «ھەسەلنىڭ قىلىنى ئىلغاپتۇ، ھۆپۆپنى يۇڭدىماي يەپتۇ» دىگەن ئەجدادلار ھېكمىتىنى ئويلاپ قالىمەن.[/quote]
بۇ سۆزىڭىز بايا ئىچكى ساقلىغۇچ ئۈچۈن قىلغان گىپىڭىزگە زىت بولۇپ قالىدۇ، ئىچكى ساقلىغۇچمۇ 内存 نى گۈلىگۈلىگە كەلتۈرۈپ تەرجىمە قىلىنغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، مەن بۇ يەردە «ئىچكى ساقلىغۇچ»نى ئاقلىماقچى ئەمەسمەن، ماتېرىياللاردا «ساقلىغۇچ ئىككى خىل بولىدۇ، بىرسى ئىچكى ساقلىغۇچ، ئۇنىڭ كومپيۇتېرنىڭ ئىچىدىلا رولى بولىدۇ، توك ئۈزۈلسە بارلىق ئۇچۇرلار يوقۇلۇپ كېتىدۇ، يەنە بىرسى تاشقى ساقلىغۇچ، ئۇ كومپيۇتېرنىڭ دىسكىسى، ...... قاتارلىقلار نى كۆرسىتىدۇ، دىسكىدىكى ئۇچۇرلارنى بىز يوقاتمىغىچە ئۆزلىگىدىن يوقۇلۇپ كەتمەيدۇ، ئىچكى ساقلىغۇچتىكى ئۇچۇرلار تاشقى ساقلىغۇچقا كۆچۈرۈلگەندىلا ساقلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشىدۇ، ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ سىغىمى چەكلىك بولىدۇ، تاشقى ساقلىغۇچنىڭ سىغىمى چەكسىز بولىدۇ، ..... » دەپ چۈشەندۈرۈلگەن، مانا بۇ مەنادىن «ئىچكى ساقلىغۇچ»مۇ «گۈلگىلىگە» كەلگەن بولىدۇ، پەقەت ئېنگىلىزچىگە ئوخشىمىغانلا يېرى بار.
مەقسەتكە كەلسەك، يۇقۇرىدىكى سۆزۈم پەقەت «گۈلگۈلىگە كىلىش»كە قارىتىلغان بولۇپ، ئىچكى ساقلىغۇچ دېگىنىمىز توغرا ئىدى دېمەكچى ئەمەسمەن، سىز ئېنگىلىزچىدىكى سۆزىگە قاراپ خاتىرە دېسەك توغرا بولاتتى دېدىڭىز، خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغانلارمۇ ئېنگىلىزچىنى ياخشى بىلىدىغانلاردىن بولسا كېرەك، ئەمما ئۇلار memoryنى 记录 دېمەي 内存 دەپ ئېلىپتۇ، ئۇلارنىڭ memoryنى 内存 دەپ ئالغىنى memoryنىڭ ھەقىقى مەنىسىى بىلمىگەنلىكىمىدۇ؟
سىزنىڭ بىرقانچە تېمىدىكى ئىنكاسىڭىزدىن شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى، ئېنگىلىزچىدىن ئۇدۇل تەرجىمە قىلىنغان بولسا، بۇ تەرجىمىنىڭ مەنا جەھەتتىن قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر گۈلىگۈلىگە كەلگەن بولىدىكەن، باشقا تىللاردىن ئۇدۇل تەرجىمە قىلىنغان بولسا ئۇ توغرا تەرجىمە قىلىنغان بولماىدىكەن؟ بۇ قانداق مەنتىقە؟ كۆكچىشتىن كۆك چىش مەناسىنىڭ چىقماسلىقى ئېنگىلىزچىدىمۇ، خەنزۇچىدىمۇ «كۆك چىش(چىشنىڭ كۆكلىكى)» دېگەن مەنانىڭ چىقمىغانلىقى ئۈچۈنلا توغرا دېيىش، تىلىمىزدىكى «توغرا-خاتا»نىڭ ئۆلچىمى باشقا تىلغا ئاساسەن بەلگىلىنەمدۇ؟
قاچانلاردا بىرسىنىڭ ئېنگىلىزچىدىكى ئاكا بىلەن ئۇكىنى پەرقلەندۈرىدىغان سۆزنىڭ بولمىغانلىقىنى ئېنگىلىزلاردىكى باراۋەرلىكنىڭ يۈكسەكلىكى، ئۇيغۇرچىدا ئۇنىڭ بولغانلىقى ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېتەرسىزلىكى، ئېنگىلىزچىدا زاماننىڭ كۆپلىكى يەنە بىرنېمىلىكى، بىزدىكى بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى كېرەكسىز نەرسە، بولمىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تۇتىيا نەرسە، ئېنگىلىزلاردىكى بارلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسى ئۇلۇغ نەرسە، بولمىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت نەرسە دېگەن مەزمۇندىكى ماقالىنى يېزىپ توردىمۇ ياكى ژورنالدىمۇ ئېلان قىلغان ئىكەن، كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولۇپ، بۇ ئاپتۇرغا شۇنداق ئېچىنغان ئىدىم.

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » جۈمە ئىيۇل 23, 2010 2:43 pm

بۇ يەردە مەن نوقۇل مەناغا ئېسىلىۋالىدىغانلاردىن ئەمەسمەن، تىلىمىزدىكى سۆزلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۆزىدىن ھىچقانداق مەنا چىقمايدۇ، كەتمەن، نان، بۇغداي، چۈچۈرە، سۇ، موزاي، قوغۇن، موزدوز، .... دېگەنگە ئوخشاش، يەنە نۇرغۇنلىرىدىن مەنا چىقىدۇ، يەريىغى(كىرسىن)، قىرىنداش، ياغاچچى، سەتىراچ، سۇيۇقئاش، تۈگرە دېگەنلەردەك، ئەمما ئاشۇ مەنا چىققان سۆزلەرنى پارچىلىساق، بۇلارنى ھاسىل قىلغان تۈپ سۆزلەردىن يەنە مەنا چىقمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىمىز، شۇڭا يېڭى ئىسىملارنىڭ مەناسى چىقسا ئاسانراق ئومۇملىشىىشى ئۈچۈن ئەلبەتتە ياخشى بولىدۇ، مەناسى چىقمىسىمۇ ھىچگەپ يوق، بۇمەنىدىن ئېيتقاندا سىزنىڭ ھەم مېنىڭ سۆزىمىز بويىچىمۇ «كۆك چىش»نىڭ كۆك ۋە چىش سۆزى بىلەن ھىچقانداق مەنا ئالاقىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى كۆكچىش دېيىش بىلەن «[size=3][color=Blue]كۆسمىش[/color] [/size](كۆكچىشقا ئاھاڭداش قىلىپ شۇنداقلا يېزىپ قويغان بىر سۆز)» ديىشنىڭ ھىچقانداق پەرقى يوق. شۇڭا، بۇنداق يېڭى سۆز باشقا بىر مەنسى بار كونا سۆزدىن ياسالماي، ئىلگىرى ئىشلىتىلىپ باقمىغان، كونا مەنىسى بىلەن ھىچقانداق باغلىنىش ھاسىل قىلمايدىغان سۆزدىن ياسالغىنى ياخشى، شۇنداق بولغاندا ئۇقۇم خاتالىقى كىلىپ چىقمايدۇ، مەسىلەن «يۇمتال»دەك.
سىزنىڭ «تۇتاشتۇرغاق» دېگەن سۆزگە «ئوتياش، پەمىدۇر» دېگەن مىسالىڭىزدىن بەكلا قايىل بولدۇم.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Bidar-Qutlan ، ۋاقتى: 2010-7-23 21:49 [/i]]

Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » جۈمە ئىيۇل 23, 2010 3:45 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Eagle[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-23 12:02 PM [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2854&ptid=560][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
编译 نى تەرجىمە قىلىش دەپ ئالساق بولىدۇ.

[/quote]
编译 نى ئۆزبىكچىدە كومپىلىياتسىيە قىلماق دەپ ئاپتۇ
ئەزەربەيجانچىدا kompilyasiya etmək دەپتۇ
تۈرۈكچىدە بولسا derlemek دەپ ئاپتۇ .....مۇشۇنىڭغا «翻译 تەرجىمە قىلىش» تىن باشقا سۆز ئويلىشىشقا مۇمكىن بولارمۇ ؟

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » شەنبە ئىيۇل 24, 2010 8:40 am

تەرجىمە دېسىلا ئىش پۈتەر؟
تەرجىمە قىلغان ئادەم تەھرىرلىمەي قالمايدۇ (سېلىشتۇرۇدۇ، ئۆزگەرتىدۇ)
بەك ئايرىپ دەيمىز دېسەك «تەرجىمىلەش» دەمدۇقيا؟

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » شەنبە ئىيۇل 24, 2010 10:48 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Omar14[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-23 21:45 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2898&ptid=560][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

مۇشۇنىڭغا «翻译 تەرجىمە قىلىش» تىن باشقا سۆز ئويلىشىشقا مۇمكىن بولارمۇ ؟[/quote]

بۇ ئاتالغۇنى «تەرجىمە قىلىش» دەپ ئېلىش ناھايىتى ماس كەلگەن.

Compiler 编译器 ناملىق بۇ نەرسىنىڭ تۈپكى ۋەزىپىسى ئادەملەرنىڭ ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئەسلى كود ياكى مەنبە كودىنى كومپيۇتېر ئۈچۈن تۈزۈلگەن، ئىجرا قىلىشقا بولىدىغان ماشىنا كود ياكى ئاسسېمبىل كودىغا «تەرجىمە قىلىپ چىقىش» ياكى «ئايلاندۇرۇپ چىقىش» تۇر. بۇ نۇقتا سىزگە ئوخشاش كومپيۇتېر كەسپىنى ئوقۇغانلارغا نىسبەتەن ناھايىتى روشەن ئۇقۇملاردۇر.

بۇ نۇقتىدا Compile نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغاندا ئۇنى «تەرجىمە قىلىش» دەپ ئېلىشنى ناھايىتى مۇۋاپىق دەپ ئويلايمەن. سەۋەبى، ھازىرچە ئۇ ئەسلى ماھىيەتكە ناھايىتى يېقىن ۋارىسلىق قىلغان ۋە بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئۇيغۇرچە سۆز تېپىش مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايمەن.

شۇڭا كاللىمىزنى بۇنداق %99 مۇكەممەل بولۇپ بولغان ئاتالغۇلارغا قاراتماي، تېخى %0 ھالىتىدە تۇرىۋاتقان Buffer 缓冲 دىگەندەك ئاتالغۇلارغا قاراتساق تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن.

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » شەنبە ئىيۇل 24, 2010 11:19 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Bidar-Qutlan[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-23 20:26 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2893&ptid=560][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

بۇ سۆزىڭىز بايا ئىچكى ساقلىغۇچ ئۈچۈن قىلغان گىپىڭىزگە زىت بولۇپ قالىدۇ، ئىچكى ساقلىغۇچمۇ 内存 نى گۈلىگۈلىگە كەلتۈرۈپ تەرجىمە قىلىنغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ،[/quote]

زىت ئەمەس. نېيسۇن گۈل-گۈلىگە كەلتۈرۈپ قىلىنغان تەرجىمە ئەمەس.

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Bidar-Qutlan[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-23 20:26 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2893&ptid=560][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

مانا بۇ مەنادىن «ئىچكى ساقلىغۇچ»مۇ «گۈلگىلىگە» كەلگەن بولىدۇ، پەقەت ئېنگىلىزچىگە ئوخشىمىغانلا يېرى بار.
[/quote]

پەقەت سىزگە شۇنداق تۇيغۇ بېرىدۇ، لېكىن ماڭا ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى كومپيۇتېر دىگەن بۇ نەرسىنى نېيسۇن دەيدىغان ئادەملەر كەشپ قىلمىغان، مېمورى دەيدىغان ئادەملەر كەشپ قىلغان.

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Bidar-Qutlan[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-23 20:26 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2893&ptid=560][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغانلارمۇ ئېنگىلىزچىنى ياخشى بىلىدىغانلاردىن بولسا كېرەك، ئەمما ئۇلار memoryنى 记录 دېمەي 内存 دەپ ئېلىپتۇ، ئۇلارنىڭ memoryنى 内存 دەپ ئالغىنى memoryنىڭ ھەقىقى مەنىسىى بىلمىگەنلىكىمىدۇ؟ [/quote]

خەنزۇچىغا قىلىنغان ئېسىل تەرجىمە ئاۋال گومىنداڭ رەھبەرلىكىدىكى تەيۋەندە مەيدانغا چىققان. جۇڭگۇدىكى كەسپ ئەھلى خەنزۇ زىيالىلىرى مۇشۇ تەرجىمىنىڭ ئېسىللىكىنى، شۇڭا ئۇنى قوبۇل قىلىش تەكلىپىنى بەرگەندە، «گومىنداڭ بىلەن گوڭچەنداڭنىڭ مەيدانى ئوخشىمايدۇ، شۇڭا بىز ئۇلارغا ئەگەشسەك بولمايدۇ. بۇنىڭغا چوقۇم باشقا سۆز تېپىڭلار» دەپ داڭجوڭياڭدىن يوليورۇق چۈشكەن. شۇڭا بۇ گەپ جۇڭگۇدا نېيسۇن بولۇپ قالغان، لېكىن تەيۋەندە بۇنداق دىمەيدۇ.

ئەينى ۋاقىتتا بۇ تەرجىمىگە قاتناشقان كەسپ ئەھلى بىر خەنزۇ زىيالىسى، ھازىر ئامېرىكىدا پروفېسسورلۇق قىلىۋاتىدۇ. يۇقۇردىكى گەپلەرنىڭ مەنبەسى مۇشۇ زىيالى.

نېيسۇن دىگەن بۇ تەرجىمىگە ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن كومپيۇتېر كەسپىدىكى خەنزۇ ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلار نارازى بولۇپ، بۇ تەرجىمىنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈپ، يۇقۇردىكى زىيالىنى تاپغان ۋە ئۇنىڭدىن شۇنداق جاۋاپقا ئېرىشكەن.

نېيسۇن دىگەن گەپنىڭ كېلىش ئارقا كۆرۈنۈشى مانا مۇشۇنداق.

ھازىرمۇ كومپيۇتېر كەسپىنى قىلىدىغان نۇرغۇن ھەقىقى زىيالى خەنزۇلار بۇ تەرجىمىگە نارازى بولسىمۇ، بۇ سۆز بۇرۇن بەك ئومۇملىشىپ كەتكەچكە، ئامالسىزلىقتىن مەجبۇرى قوبۇل قىلىقلىق. خۇددى مەن «ئىچكى ساقلىغۇچ» غا ئۈنسىز نارازى بولغاندەك.

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » شەنبە ئىيۇل 24, 2010 11:31 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Bidar-Qutlan[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-23 20:26 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2893&ptid=560][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

سىزنىڭ بىرقانچە تېمىدىكى ئىنكاسىڭىزدىن شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى، ئېنگىلىزچىدىن ئۇدۇل تەرجىمە قىلىنغان بولسا، بۇ تەرجىمىنىڭ مەنا جەھەتتىن قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر گۈلىگۈلىگە كەلگەن بولىدىكەن، باشقا تىللاردىن ئۇدۇل تەرجىمە قىلىنغان بولسا ئۇ توغرا تەرجىمە قىلىنغان بولماىدىكەن؟ بۇ قانداق مەنتىقە؟[/quote]

بۇ يەردە مۇتلەق كومپيۇتېر ھەققىدە گەپلەر بولىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ مەنبەسىنى مۇشۇ نەرسىنى ئىجات قىلغان كىشىلەرنىڭ ئانا تىلى بولغان ئىنگىلىز تىلىدىن ئىزدەش كېرەك. ناۋادا ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ئاتالغۇ بولسا، بۇنى ئەسلى مەنبەسى ئەرەب تىلىدىن ئىزدەش كېرەك. ئۇيغۇر تىبابىتىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگەنمەكچى بولغان كىشى خارۋارد تىببى ئىنىستىتوتى ۋە ياكى جوڭسەن تىببى پەنلەر ئۇنۋېرىستېتىغا بارماي، بەلكى خوتەنگە بېرىپ ئۆگىنىشى كېرەك. مانا بۇ مېنىڭ «مەنتىقەم.»

باشقا تىلنى مەنبە قىلسىڭىز ئارىغا بىر ۋاستىچى قىستۇرۇلۇپ قالىدۇ. بۇ ۋاستىچىنىڭ راستچىللىقى ئاقىۋەتتە سىز ئېرىشكەن نەتىجىگە تەسىر قىلىدۇ.

ئاتاقلىق ئۇيغۇر خەلق كۈلدۈرگە ئەرتىسى ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ يېڭى ئىتوتىدا، «بىرسىنىڭ ئۆلۈم پەتىسىگە كەتكەن» دىگەن گەپ، بىر ئىشەنچسىز ۋاستىچىنىڭ سەۋەبى بىلەن «ئۆلۈپ كەتكەن» گە ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكى ئېسىڭىزدىدۇ؟

شۇڭا مېنىڭ مەنتىقەم، ئارىغا ۋاستىچى قىستۇرماسلىق. چۈنكى بۇ ۋاستىچى بەزى ۋاقىتلاردا سىزنى ئالداپ قويىشى ياكى خاتا يولغا يېتەكلەپ قويۇشى مۇمكىن.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار