«تىز» ۋە «تېز» نىڭ مەنىسى ئوخشىمايدۇ

بۇ سەھىپىدە ئاساسلىقى قوللىنىشچان كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، كومپىيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇچۇر تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى قويۇلىدۇ.
kulke0997
يازمىلار: 111
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە نويابىر 29, 2007 10:40 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997 » دۈيشەنبە ئىيۇل 19, 2010 3:03 am

بۇنداق خاتا ئېلىنغان يەنى ھەرىپلەر ئالماشتۇرۋېتىلگەن سۆزلەر خېلى كۆپ. ئەينى چاغدا تەرجىمە فىلىم تورى ۋە گۇرۇپپىمىز قۇرۇلغاندا بىر قائىدە تۈزۈم ۋە تىنىش بەلگە قائىدىسى دەپ ئىككى قىسىم PDF كىتاب تۈزگەن. شۇنىڭدىمۇ يۇقىرقىدەك ھەرپلەرنى ئالماشتۇرۋېتىدىغان ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ تۆۋەندىكىدەك كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر قانچە سۆزنى قوشۇپ قويغانىدۇق:
خاتاسى توغرىسى
مىنىڭ(بۇ يەردە ئىشەككە مىنىڭ نى كۆرسەتمەيدۇ) مېنىڭ
لىكىن لېكىن
نىمە نېمە
ھىكايە ھېكايە
نىمىشقا نېمىشقا
ھىچقانداق ھېچقانداق
تىز (يۇقىردا دېيىلگەندە) تېز
تېلفۇن، تىلفون، تىلفۇن،تېلېفۇن تېلېفون
ئامىركا ئامېرىكا
فىرانسىيە فرانسىيە
راسىتىنىلا راستتىنلا، راستىنىلا
بولىشى بولۇشى
كىرەك كېرەك
تىرەك(ئورمان دېگەنلىك، ئەمما تېرەك بىلەن سېلىشتۇرغاندا خاتا) تېرەك(تىيەك، يۆلەك، بىر نەرسىگە يۆلەپ قويغان نەرسە دېگەن سۆز)
تۇققان تۇغقان

................
مانا مۇشۇنداق،،، خېلى كۆپ سۆزلەر بار ئىدى مىسال ئۈچۈن مۇشۇلارنىلا ئالغان. خېلى كۆپ كىشىلەر بەزى ھەرىپلەرنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۋېتىدىغان ئەھۋاللار بەكلا ئېغىزكەن. ھەممىمىز دىققەت قىلساق بولىدۇ. بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتقۇچىلار بەكرەك دىققەت قىلىشى كېرەك دەپ قارايمەن. مەن خېلى كۆپ ئوقۇتقۇچىلارنى كۆرگەن مۇشۇ ئىملا قائىدىسىگە ياكى ھەرىپلەرگە دىققەت قىلماي خەت يېزىۋېرىدىغان.



koktash
يازمىلار: 54
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 31, 2007 5:37 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان koktash » دۈيشەنبە ئىيۇل 19, 2010 4:09 am

كىچىككىنە سۇئال: ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئۆز ئىملاسىنى توغرا يازالمايدۇ؟
:'( :'( :'( :'( :'( :'( :'( :'(

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » دۈيشەنبە ئىيۇل 19, 2010 4:15 am

بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيمەن دېسىڭىز ئىشەنمەيمەن. بەك چوڭقۇرلاپ كەتمەيلى.
يۇقارقىدەك ئۇسۇلدا ئىملانىڭ ئەھمىيىتىنى بىلدۈرۈپ تۇرساق شۇ يىتەرلىك.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار