«يۇمتال»نى ئىشلەتمەي تۇرىلى

بۇ سەھىپىدە ئاساسلىقى قوللىنىشچان كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، كومپىيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇچۇر تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى قويۇلىدۇ.
Nezeri
يازمىلار: 53
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئىيۇن 06, 2007 4:51 pm
ئالاقىلىشىش:

پېنىخان ئەپەندى قىنى سۆزلەڭ .

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Nezeri » پەيشەنبە ئىيۇن 21, 2007 11:55 am

ھەممىز مىللەتنى سۆيۈش مەقسىتىدە يۇغلىنىپ مۇشۇ مۇنبەرنى قۇرۇپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتىمىز . مەن گەرچە تىلشۇناسلىقتىن خەۋىرىم بولمىسىمۇ ( مىنىڭ ئېسمىممۇ سەل غەلىتە شۇڭا قاراپلا بىلەلەيسىز ) يەنىلا ئازراق گەپ قىلاي .
بۇ بىر سۆزنىڭ قىسقىراپ كىتىشى ئەگەر بىۋاستە ئېقتىسادى مەنپەئەتەك چىتىلغان بولسا ئىدى بۇ يەر مۇنازىرىگە توشۇپ كىتەتتى . ئەپسۇس ، نۇرغۇن بۇرادەرلىرىمىز كۆرمىدىمۇ ياكى تىما ئېنكاس يازغۇچىلارنى < بىكارچىلار > دەپ ئويلىدىمۇ ھىچقانداق مۇنازىرە يوق . بىرەر سۆزنىڭ ئۆزگىرىشى ھەتتا ئۇيغۇرنىڭ دىققتىنى چاچالمىسا ... مانا بۇنىڭ ئۆزى پاجىئە . ئالدى بىلەن مۇشۇ تىمىنى يازغۇچى ۋە قىزغىن ئېنكاس يازغۇچى مۆھتىرەملىرىمىزگە رەھمەت ئېيتىمەن . بىر سۆزنىڭ ئالمىشىپ قىلىشى ياكى ئۆزگەرتىلشىنى ئۆزىنىڭ بىر ئېنكاس نوقتىسى دەپ قارىيالىغانلىقنىڭ ئۆزى شۇ مىللەت ئۈچۈن ئويلىيالىغانلىقنىڭ ئۆزى ناھايتى ئۇلۇغ ئېش .
ئەمدى تىمىغا كەلسەك ، مەن بۇنداق ئۆزگەرتىشكە قارشى ئەمەسمەن . باشتا ئېيتقىنىمدەك تىلنىڭ مەلۇم بىر تارىخى دەۋىردە ئۆزگىرىپ ، قوشۇلۇپ تۇرىشى ناھايتى نورمال ئەھۋال . ( ئەگەر شۇنداق بولمىسا ئۇ تىل دەل يوقىلىش گىردابىغا بىرىپ قالىدۇ .) دەۋىر ئۆزگەردى مەدىنيەت يىڭىلاندى تىلنىڭ يىڭىلىنىشى تەخىرسىزدۇر .
بەزى دوسلار بۇ سۆزنىڭ تۈزلىشى جەھەتتىن يىشىپ بىقىپتۇ . يۇم دىگەن سۆز ھەقىقەتەن يىپىق مەۋھۇم دىگەندەك مەنىلەردە كىلىدۇ . تال دىگەن سۆز دانە ، ئۈزۈم تال ( ئۈزۈممۇ دانە دانە بولىدۇ ) ، دىگەندەك مىقدار سۆزلۈك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ . بۇ نوقتىدىن قارىغاندا بۇ سۆزدە غەلىتە مەنە دىگەنلەر مەۋجۇت ئەمەس .
دوسلارنىڭ قىينىلىدىغىنى ئوموملاشتۇرۇش بولسا كىرەك ( مىنىڭمۇ غىمىم شۇ ). بىر سۆز ياسالدى دىگەن گەپ چوقۇم تەشۋىق ، ئوموملاشتۇرۇش تەلەپ قىلىدىغان ئېش . دوستلار ئادەت سەۋەبىدىن قارشى تۇرىۋاتقان بولسا مەنچە بۇ ئارتۇقچە . بىز ھىلىمۇ نۇرغۇن سۆزلەرنى ( ئۆزىمىز ئەمەس خەق ياساپ بەرگەننى ھەتتا باشقىلارنىڭكىنى )ئەكىلىپلا ئېشلىتىپ خىلى يىتىشىپ قالدۇق ( نىمە دەيمىز ئەمدى ؟؟؟) . بىز شۇ مۈجىمەل ئېددىينى تاشلاپ شۇ سۆزنى ئېشلىتىشنىڭ ئەھمىيتىنىلا ئويلىساق بولارمۇ ؟ ئەگەر بۇ سۆز نىڭ قوشۇلىشى بىزگە نۇرغۇن بوشلۇق تىجەپ بەرسە ، لاھىيەدە قولايلىق ياراتسا ، ئېخچاملاشسا بۇنىڭ نىمىسى يامان ؟؟؟



Nezeri
يازمىلار: 53
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئىيۇن 06, 2007 4:51 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Nezeri » پەيشەنبە ئىيۇن 21, 2007 12:03 pm

شۇڭا ئاخىردا دەيدىغىنىم ئادەتكە ئېسىلۋالماي تەرەققىياتنى كۆزلەپ (ئانا تىلدىن كىچىپ ئەمەس ) دەۋرگە سەل يىتىشىپراق ماڭايلى . كونا گەپ بىزنى ناخشا بىلەن ئۇسۇلدىلا ئەمەس مۇشۇنداق تىخنىكا مۇھىتىدىمۇ تونىسۇن خەق . بۇنىڭ ئۈچۈن بىز تىرىشمىساق ، ياشلار ئېشدەنمىسەك ، سەل دادىل بولمىساق بولماس .

Saqal
يازمىلار: 23
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 11:24 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Saqal » پەيشەنبە ئىيۇن 28, 2007 12:05 pm

يۇمشاق دىتال سۆزىدىكى « يۇمشاق » سۆزىنى تاشلىۋەتسەك بولمايدۇ. نىمە ئۈچۈن يۇمشاق دىتال دەپ ئېلىنىشى توغرىسىدا ئېنگىلىز تىلىدىمۇ چۈشەندۈرۈشلەر بار، چۈنكى بۇ سۆز «قاتتىق دىتال> سۆزىگە ئوخشاش كومپيۇتىر كەسپى پەيدا بولغاندىن كىين ئاندىن پەيدا بولغان سۆز. ئەگەر < قاتتىق دىتال> دەپ ئالىدىكەنمىز، چوقۇم يەنە بىرىنى < يۇمشاق دىتال > دەپ ئېلىشىمىز كېرەك.

ئادەتتە ئاخبارات ۋاستىلىرى(تاراتقۇلار) نىمۇ يۇمشاق دىتال تارقىتىدۇ دەپ ئالىمىز. ئادەمنىڭ بەدىنىنى قاتتىق دىتالغا ئوخشاتساق، ئادەمنىڭ ئېڭى يۇمشاق دىتالغا ئوخشاش، بەدەننى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ، ئىككىسى ئايرىلماس بىر گەۋدە. بىرسىنى قاتتىق، بىرسىنى يۇمشاق دەپ ئېلىشتا، ئۇلارنىڭ مەۋجۈت بولۇش شەكلى كۆزدە تۇتۇلغان. يەنى «يۇمشاق » دىتال دىكى «يۇمشاق > سۆزىنىڭ ئەسلى مەنىدە ئېلىنىشى بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاپ بېرىشتە بەك مۇھىم. قىسقارتماسلىق كېرەك، قىسقارتىشقا توغرا كەلسە تىلىمىزدىن < يۇمشاق> نى ئىپادىلەيدىغان ، پەقەت < يۇمشاق> لا مەنىسى بار باشقا قىسقا سۆزلەر بولسا ئىشلەتسەك بولىدۇ.

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » جۈمە ئىيۇن 29, 2007 2:56 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Saqal[/i] ، ۋاقتى: 2007-6-28 18:05 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=520&ptid=86][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئادەمنىڭ بەدىنىنى قاتتىق دىتالغا ئوخشاتساق، ئادەمنىڭ ئېڭى يۇمشاق دىتالغا ئوخشاش، [/quote]
ئەپسۇس ئەپەندىم، 1. بەتتىكى شۇنچە كۆپ تەكرار - تەكرار دېيىلگەن تالاشمىلارنى كۆرمەيلا بۇ ئىنكاسنى يازغان ئوخشايسىز.
مەن سىزدىن سوراپ باقاي، ئادەمنىڭ ئەزالىرىنىڭ(قاتتىق دېتالىنىڭ)مۇ قاتتىق ۋە يۇمشاق قىسمىي بولىدۇ، مەسىلەن تىل، قۇلاق يۇمشاق، يۈز يۇمشاق، باش ۋە سۆڭەك قىسىملىرى قاتتىق بولىدۇ، شۇڭا ئادەمنىڭ قاتتىق ئەزالىرى، يۇمشاق ئەزالىرى دېيىلسە، سىز قايسى ئەزالىرىنى «يۇمشاق» دەپ ئاتايسىز؟

[color=Blue]مەن شۇڭا يەنە دەيمەنكى:[/color]
[color=Red] يۇمتال ئەزالىرى:[/color] بىلىمى، ۋىژدانى، ئىمانىي. [color=Red]يۇمشاق ئەزالىرى: [/color]قۇلاق، تىل، كۆز، يۈز، ئۈچەي، ئۆپكە، .....
يۇمتال، يۇمشاق دەپ پەرقلەنگەن ئىككى سۆز بولغاندىلا ئۇقۇمدا ئازغاشمايمىز.
ھەيرانمەن، ناۋادا خەنزۇچىدا ياكى ئېنگىلىزچىدە مۇشۇنداق مەنا پەرقىگە ئىگە ئىككى سۆز بولغان بولسا، ھەر ئىككىلىسىنى «يۇمشاق» دېيىشكە ھەرگىزمۇ ئۇنماس ئىدۇقكى، بىر يېڭى سۆز ياساش ئەمەس، ھەتتا مەدەنىيەتكە يانداشتۇرغان ھازارەتتەك يەنە بىر كەلگۈندىنى بەرپا قىلاتتۇق. ئۆزىمىز ياسىغانلىقىمىز ئۈچۈنلا «قاملاشمىغان»لىقىغا ھەيرانمەن. ناۋادا مۇشۇ «يۇمتال» چەت تىلدىن كىرگەن بولسا، بىرقىسىملار قانداق پوزۇتسىيەدە بولاركىن؟ بەكمۇ بىلگىم بارئىدى.

Nezeri
يازمىلار: 53
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئىيۇن 06, 2007 4:51 pm
ئالاقىلىشىش:

قىنى ئويلىنىڭ دوستۇم

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Nezeri » شەنبە ئىيۇن 30, 2007 3:15 am

نەقىل :


يۇمتال، يۇمشاق دەپ پەرقلەنگەن ئىككى سۆز بولغاندىلا ئۇقۇمدا ئازغاشمايمىز.
ھەيرانمەن، ناۋادا خەنزۇچىدا ياكى ئېنگىلىزچىدە مۇشۇنداق مەنا پەرقىگە ئىگە ئىككى سۆز بولغان بولسا، ھەر ئىككىلىسىنى «يۇمشاق» دېيىشكە ھەرگىزمۇ ئۇنماس ئىدۇقكى، بىر يېڭى سۆز ياساش ئەمەس، ھەتتا مەدەنىيەتكە يانداشتۇرغان ھازارەتتەك يەنە بىر كەلگۈندىنى بەرپا قىلاتتۇق. ئۆزىمىز ياسىغانلىقىمىز ئۈچۈنلا «قاملاشمىغان»لىقىغا ھەيرانمەن. ناۋادا مۇشۇ «يۇمتال» چەت تىلدىن كىرگەن بولسا، بىرقىسىملار قانداق پوزۇتسىيەدە بولاركىن؟ بەكمۇ بىلگىم بارئىدى.




جاۋاب بارمۇ ؟؟؟؟؟؟؟

Saqal
يازمىلار: 23
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 11:24 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Saqal » شەنبە ئىيۇن 30, 2007 10:43 am

بۇ يەردىكى پوزىتسىيە پەقەتلا ئىلمىي پوزىتسىيە، سىزنىڭ ئۇيغۇرلىغىڭىز ئىككىنچى ئورۇندا، يەنى بۇ سۆزنى قايسى مىللەتنىڭ ياسىشى مۇھىم ئەمەس، ئەمما ئۇ كىشى ئۇيغۇرچە سۆز ياساۋاتىدۇ،شۇڭا مۇنازىرلىشىۋاتىمىز.كەمسىتىش مەسىلىسى مەۋجۈت ئەمەس.

«يۇمشاق دىتال» ۋە « قاتتىق دىتال» دىگەن سۆزنى تۈپ سۆز دىگىنىڭىزگە قوشۇلىمەن. يەنى ئېنگىلىز تىلىدىمۇ : soft ware ئەمەس بەلكى software. ئەمما بۇ سۆزنىڭ ئاشۇ ئىككى سۆزنىڭ بېرىكىشىدىن ياسىلىپ، يېڭى مەنا بېرىلگەنلىگى راست. ئۇلار نىمە ئۈچن شۇنداق قىلغاندۇ -دىسەك، بىر ئىسىم ئۈچۈن بىر تۈپ سۆز لازىم بولغان بولسا كېرەك. ئەمما نىمە ئۈچۈن soft سۆزىنى ئىشلەتكەن دىگەن مەسىلە ئۈچۈن ئويلانساق، ئاۋۋال «قاتتىق دىتال» ، يەنى hardware دېگەن سۆزنىڭ كومپيۇتىر پەيدا بولۇشتىن بۇرۇنقى ئىشلىتىلىشىگە قاراپ باقايلى، ئۇنىڭغا مۇنداق ئېنىقلىما بېرىلگەن:
the mechanical equipment necessary for conducting an activity, usually distinguished from the theory and design that make the activity possible.
تەرجىمە قىلساق: مەلۇم بىر ئىش-ھەركەتنى بىجىرىش ئۈچۈن لازىم بولىدىغان مىخانىكىلىق ئۈسكۈنە، ئادەتتە ئۇشبۇ ئىش-ھەركەتنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن لازىم بولىدىغان نەزەرىيە ۋە لايىھەدىن پەرىقلىنىدۇ.

ئۇيغۇر تىلىدا يۇقارقى مەنىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان سۆز بارمۇ ؟ ئەگەر شۇنداق سۆز بولسا، شۇ سۆزنى «قاتتىق دىتال» دىگەن سۆز ئورنىدا ئىشلىتەيلى.
ئېنىقكى، ئېنگىلىزچە software دىگەن سۆز يۇقارقى hardware دىگەن سۆزگە ماسلاشتۇرۇپ ياسالغان، software سۆزى بۇ يەردە دەل ئاشۇ لازىملىق نەزەرىيە ۋە لايىھە نى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇ سۆز John Tukey دىگەن كىشى تەرىپىدىن 1958 -يىلى تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلگەنكەن، «نىيو يورك ۋاقىت گېزىتى» دىكى ماقالىسىنى ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولمىدى، بولمىسا تېخىمۇ تەپسىلىي يازغان بولاتتىم. ئەمما software دىگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسنى ئېنىق دەپ بېرەلەيمەن( مەنبە - Wikipedia, Dictionary.com):
1. كومپيۇتىرنىڭ خىزمىتىگە يىتەكچىلىق قىلىدىغان پروگراممىلار. پەقەت بەلگۈلەنگەن ۋزىپىلەرنىلا ئىجرا قىلالايدىغان كومپيۇترىنىڭ فىزىكىلىق دىتاللىرى(قاتتىق دىتال) نىسبەتەن ئېيتىلغان.
2.hardware ئەمەس، ئەمما hardware بىلەن ئىشلەيدىغان بارلىق نەرسىلەر، مەسىلەن، سىن فىلىم،لىنتا، رىكورد قاتارلىقلار.

ئەگەر يۇقارقى ئېنىقلىمىلار ئېنگىلىزلارنىڭ ئېنىقلىمىسى، بىز ئۇنى ئىشلەتمەيمىز دىسەك، تەكلىۋىم، «قاتتىق دىتال» ۋە «يۇمشاق دىتال» نىڭ ھەر ئىككىسى ئۈچۈن ئايرىم سۆز ئىجاد قىلايلى، چۈنكى بۇ ئىككى نەرسە ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك، ئىجاد قىلىنغان سۆزلەر مەلۇم مۇناسىۋەتتە بولسا تېخى ياخشى، مەسىلەن « ھەسەن» ۋە « ھۈسەن» دىگەندەك ( بۇ گەپ تەنە گەپ ئەمەس جۇمۇ،:o ).

ھازىرغىچە « قاتتىق دىتال» دىكى «قاتتىق» ۋە «يۇمشاق دىتال» دىكى « يۇمشاق» نىڭ ، « پاختا يۇمشاق، تۆمۈر قاتتىق» دىگەن مەنىدىكى « يۇمشاق» ۋە « قاتتىق» ئەمەسلىگىنى چۈشەنگەن بولساق كېرەك. شۇڭا، «يۇمتال» توغرىسىدا مېنىڭ كۆز قارىشىم:
1. ئەگەر بۇ سۆز « يۇمشاق دىتال» دىكى « يۇمشاق » ۋە « دىتال» لاردىن ئېلىنغان بولسا، سۆز ياساش قائىدىسىگە ئۇيغۇن ئەمەس، چۈنكى « يۇم» نىڭ يۇمشاق دەپ مەنىسى يوق، «تال» نىڭ دىتال دەپ مەنىسى يوق.
2.ئەگەر بىز software ،يەنى «يۇمشاق دىتال» دىگەن سۆزگە ئېسلىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارىساق، ھازىرقى «يۇمشاق دىتال» دىگەن سۆز كۆرسىتىۋاتقان ئاشۇ سۆز نەرسىنىڭ( بىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتمىزغۇ) رولىنى ئويلۇشۇپ، مۇۋاپىق بىر سۆز ئىجاد قىلايلى. «يۇمشاق» ۋە «دىتال» دىگەنلەرگە ئېسىلىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق.ئەكسىچە « يۇمتال» دەپ ئېلىش ئۇقۇشماسلىق پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا باشقا سۆز ئالايلى.

پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن، software نىڭ بىرنەچچە خىلدىكى تەرجىمىسى:

Arabic: بَرامِج الحاسوب
Chinese (Simplified): 软件
Chinese (Traditional): 軟件
Czech: programové vybavení počítače
Danish: software
Dutch: programmatuur
Estonian: tarkvara
Finnish: ohjelmisto
French: logiciel
German: die Software
Greek: λογισμικό Η, *Υ
Hungarian: szoftver
Icelandic: forrit, hugbúnaður
Indonesian: perangkat lunak
Italian: software
Japanese: ソフトウェア
Korean: 소프트웨어
Latvian: (datora) programmatisks nodrošinājums
Lithuanian: programinė įranga
Norwegian: programvare
Polish: oprogramowanie
Portuguese (Brazil): software
Portuguese (Portugal): software
Romanian: soft­ware
Russian: программное обеспечение
Slovak: softvér
Slovenian: programska oprema
Spanish: software
Swedish: mjukvara
Turkish: yazılım

بىدار-قۇتلان ئەپەندىم «يۇمتال ئەزالىرى» دەپ ئالسىڭىز، تېخىمۇ كۆپ مەنا يۈكلىگەن بولىسىز، ئالدى بىلەن ئۇلار «ئەزا» ئەمەس.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Saqal ، ۋاقتى: 2007-6-30 16:48 [/i]]

Aptap
يازمىلار: 2
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاۋغۇست 08, 2007 2:05 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Aptap » پەيشەنبە ئاۋغۇست 09, 2007 3:29 am

ھەممىڭلەرگە سالام!

مەن بۇ مۇنبەرگە نامى بىلەن تۇنجى قېتىم كىرىشىم. تۆۋەندە ، لەر توغرىسىدا ئۆزۈمنىڭ پىكرىنى بېرىپ باقاي:

= ئۇيتال
= ئويتال

"ئۇيۇ" ئۇيغۇرچىدا "قېتىماق" دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. "ئۇيغۇر" دېگەن مىللەت نامىمىزمۇ بەلكىم دەسلەپتە "ئۇيۇغۇر" دەپ ياسىلىپ، كېيىن "ئۇيغۇر"غا ئايلانغان بولۇشى مۇمكىن. يېڭى سۆز ياساشتا ئىپادىلىمەكچى بولغان مەنىگە يېقىنلاشساق، يەنە بىر تەرەپتىن مەنىدە قېيىپ كېتىش يۈز بەرمەيدىغان بولسا، مېنىڭچە بولۇۋېرىدۇ. شۇڭا نىڭ ئورنىغا "ئۇيۇ (ئۇي)"نى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىمەن.

"ئوي" سۆزى بولسا "تەپەككۇر، خىيال" دېگەن مەنىلەرنى بېرىپ، "رېئاللىق"قا (مەسىلەن، قاتتىق جىسىملارغا) ئوخشىمايدىغان ئۇقۇمنى بېرىدۇ --- بۇ دەل "يۇمشاق دېتال" دېگەن ئۇقۇمدىكى "يۇمشاق "نىڭ مەنىسىگە يېقىنلىشىدۇ.

ئىنگلىز تىلىدىكى سۆزىنىڭ مەنىسى "بۇيۇم، نەرسە، جىسىم" دېگەندەك بولۇپ، تىلىمىزدىكى "تال" سۆزىنىڭ مەنىسى بۇنىڭغا خېلىلا يېقىن: لۇغەت مەنىسىدە مىقدار سۆز قىلىپ ئىشلىتىلىپ، "دانە، پاي" دېگەنلەرنى بىلدۈرىدۇ؛ "تاللا" دېگەن پېئىل "نۇرغۇن بۇيۇم (نەرسە)لار ئارىسىدىن يارىغىنىنى ئال"، دېگەن مەنىنى بېرىدۇ، بۇنىڭدىن بىز "تال"نىڭ "بۇيۇم، نەرسە" دېگەن مەنىلىرىنى ئېنىق ھېس قىلالايمىز.

شۇنداق قىلىپ، نى "ئۇيتال"، نى "ئويتال" دەپ ئالساق، ھەم مەنە جەھەتتىن ئەسلى سۆزلەرنىڭ مەنىلىرىگە يېقىن بولىدۇ، ھەم بۇ ئىككى ئۇقۇمنىڭ بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر جۈپ ئۇقۇم ئىكەنلىكىمۇ نەزەردىن چۈشۈپ قالمىغان بولىدۇ.

uyghurbala
يازمىلار: 1
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئاۋغۇست 11, 2007 8:35 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان uyghurbala » شەنبە ئاۋغۇست 11, 2007 8:39 pm

بىدار ئەپەندى 3 خاتالىق ئۆتكۈزدى دەپ قارايمەن !
1- يۇمشاق سۆزنى <يۇم> غا قىسقارتتى.
2- دېتال سۆزىنى <تال> غا قىسقارتتى .
3- شۇنچە كۆپ ئادەم پولاتتەك ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويسىمۇ كۆپچىلىكنىڭ گېپىگە كىرمىدى !
ئەمما aptapنىڭ يۇمشاق دېگەن سۆزنى ئوي غا قىسقارتقانلىقىغا ئاپرىن ئېيتىمەن! لېكىن دېتالنى تال غا قىسقارتقانلىقىغا قارشى تۇرىمەن !
يۇمشاق دېتالنى ئۇدۇنيا بۇدۇنيا ئۆزگەرتىش توغرا كەلسە ئوي دېتال غا ئۆزگەرتىشنى قوللايمەن.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: uyghurbala ، ۋاقتى: 2007-8-12 02:42 [/i]]

Aptap
يازمىلار: 2
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاۋغۇست 08, 2007 2:05 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Aptap » سەيشەنبە ئاۋغۇست 14, 2007 10:28 am

سالام، ئۇيغۇربالا!

ئۇقۇشماسلىق بولغان ئوخشايدۇ. مەن دىگەن «ئويتال»دىكى «تال» سىز دىگەندەك «دېتال»دىن جىسقارتىلغان بولماستىن، بەلكى ئېنگلىز تىلىدىكى «ware» سۆزىدىن تەرققىمە قىلىنغان.

[بۇ يەرگە لاتىنچە ھەرپلەرنى كىرگۈزۈش ئۈچۈن بەك ئاۋارە بولۇپ كەتتىم. ئەسلى كىرگۈزگىلى بولمامدۇ، ياكى مەن بىلەلمىدىممۇ؟]

Flash
يازمىلار: 2
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ماي 26, 2007 1:38 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Flash » جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 10:50 am

قىلىدىغان باشقا ئىشىڭلار يوقما ؟؟ توۋا ... (يۇمتال) .... ھاھاھاھاھا...
قىسقارتمىسا بىر يەلىرىڭلارغا پۇتلىشامدىكەن ....
بوممىسا software دىگەندەك . يۇمشاقدېتال دەڭلا ...

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار