«يۇمتال»نى ئىشلەتمەي تۇرىلى

بۇ سەھىپىدە ئاساسلىقى قوللىنىشچان كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، كومپىيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇچۇر تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى قويۇلىدۇ.
Flash
يازمىلار: 2
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ماي 26, 2007 1:38 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Flash » جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 10:52 am

بىدار-قۇتلان ئەپەندى ... ئۆپكە زاسۇنى پەش قىلىپ باشقلارنىڭ مەخسىتىنى ئۇياق بۇياققا بۇرىماڭ.
سىزنىڭ ئەسلى كەسپىڭىز تىلشۇناسلىقمۇ ؟



Izbas
يازمىلار: 10
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئىيۇن 08, 2007 4:41 pm
ئالاقىلىشىش:

تالاشماڭلار

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Izbas » يەكشەنبە ئۆكتەبىر 21, 2007 8:38 am

مۇنازىرە بىر-بىرىگە قىيداش تۈسىنى ئېلىپ قالمىسۇن.... ھەممىمىزنىڭ مەقسىدى تىلىمىزغا بىر يېڭى ئاتالغۇنى ماسلاشتۇرۇش بولغاندىكىن، ئويلىغىنىمىزنى قويساقلا بولىدىغۇ؟
ئەمدى قاتتىق، يۇمشاق دېتال ئاتالغۇسىغا كەلسەك يۇمتال دېگەن سۆزنى مەنمۇ تازا ياقتۇرۇپ كەتمىدىم... بۇنى ياقتۇرمىغانلىقىم ئۈچۈن «ئاتالغۇلارنىڭ ئومۇملىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلغۇچى ياكى تىلىمنى سۆيمەيدىغان ئۇنسۇر» دېگەن قالپاقنى كەيدۈرۈپ قويۇش بىھاجەت، دېمەكچى،ئەگەر بۇ سۆز مۇشۇنداق ئومۇملىشىپ كەتسە مەن يەنىلا يۇمتال دېگەن سۆزنى ئىشلىتىمەن... لېكىن ئومۇملىشىشتىن بۇرۇن بۇ سۆزگە پىكىر بېرىش ھوقۇقىمىز ھەممىمىزنىڭ بار.
مەن ئۆتكەندە 系统进程 دېگەن سۆزنى «سىستېما ئىجراۋۇللىرى» دەپ ئالغان ئىدىم... ( پەقەتلا ۋاقتلىق ئىشلىتىپ تۇردۇم، باشقىلارغا ياقامدۇ ياقمامدۇ كارىم يوق.... ناۋادا باشقا مۇۋاپىق سۆز بولسا شۇنى ئىشلىتىمەن ) . بۇ سۆزنى ئىشلىتىشتە مەشقاۋۇل، تۇرشاۋۇل، مۇشاۋۇر... دېگەندەك سۆزلەردىكى «ۋۇل» سۆزىنى مەلۇم كەسپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى خادىم ياكى ئەمەل نامى دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا «ئىجرا» (运行 ) دىگەن تۈپسۆزنى قوشۇپ، كومپيۇتېر خىزمىتىدە زۆرۈر بولغان، ئىجرا بولۇۋاتقان دېتاللارنى «ئىجراۋۇل» دېسەك قاملىشىپ قالىدىكەن دەپ ئويلاپلا ياساپ ئىشلەتتىم خالاس.
قاتتىق -يۇمشاق دېتاللارغا يەجۈجى-مەجۈجى، مۇنكىر-نەكىر ياكى ھەسەن-ھۈسەن دېگەندەك سۆزلەر ياسالغان بولسا ياغدەك بولاتتى. قاتتىق دېتاللارنى «قاتتىغۇل» ، يۇمشاق دېتاللارنى «يۇمشىغۇل» دېسەك بەلكىم كۈلۈپ كېتەرسىلەر، لېكىن مۇشۇنداق ئاددىي بولسا كىمگە ياقمايدۇ؟....:D . كومپيۇتېر خىزمىتىدىكى ئىككى چوڭ ھۇل ئاساس -- قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال بولغاندىكىن، «قاتتىق ھۇل»، «يۇمشاق ھۇل» ( قاتتىغۇل ۋە يۇمشىغۇل )دېسەك بولماسمۇ؟ قاتتىقنى تاشقا سىموۋۇل قىلىپ «تاشاۋۇل»، يۇمشاقنىڭ مەنىداش سۆزى بوش نى ئىلىتىپ «بوشاۋۇل» ياكى « يۇمشاۋۇل» دېسەك... بولمىسا مەيلى...
كۈلۈپ كەتمىگەنسىلەر ھە؟ :lol
كومپيۇتېر يۇمشاۋۇللىرى -- كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى؛
يۇمشاق دېتال ساۋادلىرى-- يۇمشاۋۇل ساۋادلىرى؛
«ئىجراۋۇل» غا يېقىن بولغۇدەك «يۇمشاۋۇل» دىسە..:lol
...............
گەپنىڭ قىسقىسى قىيداش، ئاغرىنىش پوزىتسىيىسىدە بولماي ئوبدانراق ئويلىشىلى... نېمىلا دېگەن بىلەن ياسىغان سۆزىمىز كېيىنلىكتە بىزنى خىجىل قىلمىسىلا بولدى

Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » شەنبە نويابىر 03, 2007 3:17 pm

چۈشۈرۈش سۆزىلا كۈپايە....يۇمتال دىمىسەكمۇ بولىدۇ. باشقا مىللەتلەرمۇ چۈشۈرۈش دەپلا ئالىدىغۇ. چۈشۈرۈش دىسەك توردىن كەڭ دائىرلىك بولىدۇ. ۇنى قەستەن تۇرلەرگە ئايرىپ توربەت قېشىنى بىھۇدە بوياشنىڭ نىمە ھاجىتى. ئەمىلىيەتتە چۈشۈرۈش دىسەك دەرسلىك ۋە كىنولارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇمتال چۈشۈرۈش دەپ بارلىق يۈكلىمىمىزنى ئاشۇ تار دائىرىدىكى ئۇقۇمغا يىغىنچاقلاشقا لوگىكىلىق تەپەككۈرىمىز يول قويمايدۇ.

يۇمشاق دېتال دىكى يۇمشاق ئەسلىدىنلار قىسقارتىلما سۆز ئۇنى يەنە يېڭى قىسقارتىلما سۆز ياساشتا ئىشلەتسەك تىل قانۇنىيىتىمىزگە ماس كەلمەيدۇ. ئاساسىي تىل رايۇنىدىكى سۆزلەرنىلا قىسقارتىپ سۆز ياسىساق ئىخچام چۈشىنىشلىك بولىدۇ. دىئالىكىتلارنى، ئىستىمالدىن قالغان سۆزلەرنى، ياسالما سۆزلەردىن ياسىساق قەتئىي بولمايدۇ. مەسىلەن؛ مەشقاۋۇل ئەسلى بىرىكمە ياسالما سۆز. مەشقاۋۇل كىيىمىنى قىسقارتىمەن دەپ ئۇنىڭغا مەشقكىي دەپ قويساق قاملاشمىغاندەك ئىش بولۇپ قالىدۇ. ئۇيغۇر گىراماتىكىسى 99% نەزىريەلىشىپ بولغان پەن بولغاندىكىن ئۇنىڭ ئەقەللىي قايدىلىرىگە بوي سۇنساق. ئاقىلانە بولغان بولىمىز.

Erdewil
يازمىلار: 27
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئۆكتەبىر 06, 2007 2:58 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Erdewil » شەنبە يانۋار 12, 2008 9:28 am

قىسقارتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا تامامەن بولىدۇ، بىراق قىسقارتىشقا تېگىشلىكىنى قىسقارتىش شەرت مەسىلە: ب د ت ، ش ئا ئە ت مۇشۇلار تازا باپ كەلدىغۇ.....
قالغانلىرىنى ئوبدان تەتىق قىلىش كېرەك....
قارغۇلارچە ئىش كۆرۈشكە بولماس!!:o

EnQa
يازمىلار: 11
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 01, 2008 2:48 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان EnQa » جۈمە سېنتەبىر 19, 2008 4:53 pm

ھاي ھاي كۆپچىلىك، بىر خىل تىلدا سۆلىشىپمۇ بىر بىرىڭلارنىڭكىنى چۈشەنمەي كېتىپسىلەر، بىدار ئەپەندى نەدە سىلەرگە يۇمشاقتىكى يۇم، دېتالدىكى تالنى قوشۇپ سۆز ياسىدىم دىدى، ئۇ دىگەن «يۇمتال» تۈپ سۆز ئىكەن، ئۇ نەچچە قېتىم چۈشەندۈرۈپتۇ بولمىسا.

koktash
يازمىلار: 54
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 31, 2007 5:37 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان koktash » دۈيشەنبە ئىيۇل 19, 2010 3:38 am

بۇ مۇنازىرە شۇ پېتى تۇرۇپ قاپتىغۇ. بەلكىم نەتىجسىسمۇ چىقىپ بولغان چېغى!
شۇنىسى، مەن «يۇمشاق دېتال»نى «يۇمتال» دەپ ئىشلىتپ كېلىۋاتقىلى 2-3 يىل بوپ قالدى. ھەم بۇندىن كېيىنمۇ ئىشلىتىمەن.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » دۈيشەنبە ئىيۇل 19, 2010 4:38 am

بۇ سۆزگە قارىتا كۆپچىلىكنىڭ رايى ( قوللىشى) نىڭ ئەۋھالىنى ئالدىنقى ئىنكارلاردىن بىلەلمىگەن بولسىڭىز توربەتلەرگە نەزەر سالسىڭىز بىلىۋالالايسىز.
بۇ تېما يوللىغان ۋاقىت: 2008-9-19 22:53 دا توختىغان ئىكەن مېنىڭچە يەنە قايتا قوزغىمايلى.

tayir
يازمىلار: 28
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئىيۇن 02, 2007 4:05 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان tayir » دۈيشەنبە ئىيۇل 19, 2010 5:27 am

بولدى قىلايلى ! يەنە دىسەك يەنە شۇ گەپ ! ئۇيغۇر تىلى ئەبجەشلىشىپ ھېلىمۇ بىريەرگە باردى !
ھېلىمۇ 100 يىل جەريانىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزگىرىشى بەك تېز بۇلۇپ كەتتى . مۇشۇ تېزلىكتە تەرەققى قىلسا 100 يىلدىن كىيىنكى ئەۋلاتلار بىز يىزىپ قالدۇرغان ماتىرياللارنى ئوقۇپ چۈشۈنەلمەسلىكى ئېنىق .

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » سەيشەنبە ئىيۇل 20, 2010 8:25 am

[size=4][quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Intil[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-19 10:38 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2785&ptid=86][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
بۇ سۆزگە قارىتا كۆپچىلىكنىڭ رايى ( قوللىشى) نىڭ ئەۋھالىنى ئالدىنقى ئىنكارلاردىن بىلەلمىگەن بولسىڭىز توربەتل ... [/quote]
مەن بۇ تىمىدىكى گەپنى ئەينى چاغدا بىلىكتە ئىزىپ، ئۈچۈرۈپ ھەممىنى دەپ بولغان ئىدىم، قوللىغانلارغىمۇ ياكى ئۇيغۇرچە گەپنى تەكرار چۈشەندۈرسەم يەنە چۈشەنمەي مېنى «تىللاپ» بۇ سۆزنىڭ تېخىمۇ كەڭ تەشۋىق قىلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەنلەرگىمۇ بىلىك مۇنبىرىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى ھەرقانداق تالاشمىغا قايتا پىكىر قىلىشنى توختاتقان ئىدىم. ھەتتا بۇ يەردە دوق قىلغانلارغىمۇ سۈكۈت قىلغان ئىدىم، ئەمما ئىنكاسىڭىزدىكى تەكشۈرۈكسىز، سانلىق مەلۇماتقا زىت، نا توغرىلىقنى كۆرۈپ، سۈكۈت قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمۈدۈم. تۆۋەندە دېمەكچى بولغانلىرىمنىڭ ھەممىسى مۇشۇ مەزمۇنغا مۇناسىبەتلىك بولسىمۇ سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز بىلەن مۇناسىبەتسىزلىرىمۇ بار. قىزىم ساڭا ئېيتاي كىلىنىم ئاڭلىسۇن دەپتىكەن بىزنىڭ بوۋىلىرىمىز، توغرا چۈشەنگەيسىز.

1- كۆپچىللىكنىڭ قىلغىنىنىڭ ھەممىسى توغرا، ئازچىللىقنىڭ خاتا بولىۋىرەمدۇ؟ بۇنى ئوبدان مۇلاھىزە قىلىپ بېقىڭ. مەن كىچىكلىكىمدە بۇ «سۆز»گە شەرتسىز ئىشىنەتتىم، ھازىر ئازچىللىقنىڭ كۆپچىللىكنىڭكىدىن توغرا بولىدىغان چاغلارنى كۆپ ئۇچرىتىدىغان بولۇپ قالدىم. ئىشەنمىسىڭىز ماۋۇ پاكىتقا قۇلاق سىلىڭ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسدىن تارتىپ، ئالىي مەكتەپنىڭ پراپپىسورلىرىغىچە، قاۋاقخانىنىڭ كۈتكۈچىلىرىدىن تارتىپ مەسچىتنىڭ ئىماملىرىغىچە رەقەملىرىمىزنى خەنزۇچە دەيدىغان بولۇپ كەتتى، ھەتتا بەزىلىرىگە ئۇيغۇرچە بىرەر رەقەمنى قىستۇرۇپ قويسىڭىز سۆزىنىڭ داۋامىنى دېيەلمەيدىغان ھالەتكە يەتتى، مانا بۇ كۆپچىللىكنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى، سىزچە بۇ توغرىمۇ؟ ياكى ئازچىللىقنىڭ جايىللىقى توغرىمۇ؟
2- كۆكتاش ئەپەندىم «كىرئالغۇ، ئۈنئالغۇ»لار ھەققىدە پىكىر قىلىپتۇ، مەن بۇسۆزنىمۇ يېڭىدىن ياسالغان سۆز دەپ قارىمايمەن، سەۋەپ «كىر، ئۈن، ئالغۇ» دېگەن سۆزلەر بىزنىڭ زامانىمىزدا ياسالغان سۆزلەر ئەمەس، كونا سۆزنى بىرىكتۈرۈپ ياسالغان يېڭى سۆزلەردۇر، يېڭىدىن سۆز ياسالدى دېيىلسە، مەيلى ئۇ كىرمە سۆز بولسۇن، ياكى ئۆزىمىز ياسىغان بولايلى، مەن يېقىنقى سۆزدىن پەقەت «كىملىك»، «تىزگىنەك»، «ئېلخەت» دىن ئىبارەت مۇشۇ ئۈچ سۆزنىلا دېيەلەيمەن. بىزدە نېمىشقا سۆز ياساش توختاپ قالدى؟ بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىگەن ئىدىم، ئەمدە بىلدىم، يۈزەكى كۈزۈتۈشۈمچە مۇنداق 3 سەۋەپ بار ئىكەن.
1) [color=Blue]مەن كۆتۈمنى ياراتمايمەن باسۇرۇپ ئولتۇرۇپ، كۆتۈم مېنى ياراتمايدۇ ئوسۇرۇپ ئولتۇرۇپ، [/color]دەپتىكەن بىزنىڭ تىل - يېزىق ئىدارىسىدىن مۇئاش ئېلىپ باقمىغان دانىشمەن تىلشۇناس بوۋىلىرىمىز. بۇ سۆز ئاجايىپ توغرا ئېيتىلغان ئىكەن، بىزنىڭ پىسخكىمىزنىڭ ئەينى سۈرىتى مانا مۇشۇ شۇ.
2) [color=Blue]ئانا تىلغا بولغان مۇھەببەتنىڭ سۇسلىقى.[/color] بۇ سۇسلۇق قاچاندىن بىرى بىزدە بار بىلمەيمەن، ئەمما ئېنىقكى تىلىمىزدىكى سۆزلەرنىڭ تاكى مۇشۇ يېقىنغىچە بىر - بىرلەپ ئەرەپ، پارسچە سۆزلەرگە، ئۇنىڭدىن كىيىن روسچە، خەنزۇچە، ئۇنىڭدىن كېيىن ئېنگىلىزچە سۆزلەرگە ئورۇن بشۇتۇپ بېرىشىدىن بىزنىڭ تىلىمىزغا بولغان ھۆرمىتىمىزنىڭ قاچىلىك ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ. بۇ جەرياننىڭ ھەممىسىدە ئاددى خەلق ئەمەس، بەلكى ھەرقايسى دەۋر زىيالىلىرى باشلامچىلىق قىلغان.
3) يېقىندىن بىرى تىل يېزىق كومېتىتىغا زىيادە يۆلۈنىۋالىدىغان تەييارچاقلارنىڭ قانداق بىر يېڭى سۆزنىڭ گىپى چىقسا، «بۇ سۆز ئاللا قاچان بىكىتىلىپ بولغان»، «سىزنىڭ دېگەن سۆزىڭىزنى تىل - يېزىق كومېتىتى ئىتراپ قىلسا ئاندىن ھېساپ» دېگەن ئىككى جۈملىنى يادقا ئېلىۋىلىپ، ھەرقانداق بىر تېمىغا يازىدىغان بۇ مەزلۇمانە ئىنكاسى، ئىزدەنگۈچىلەرگە سوغۇق سۇ سەپمەكتە.
مەن تۆۋەندە يېڭى سۆزلەرنى قانداق ياسايمىز، قانداق ئومۇملاشتۇرىمىز دېگەن مەزمۇندا ئاچچىق - تاتلىق تەسىراتلىرىمغا ئاساسەن بىلجىرلاپ باقاي.
(1) سۆز ياسىغاندا مۇمكىن قەدەر ھازىرقى زامان كىشىلەر قوللىنىۋاتقان سۆزلەرگە سۆز قوشۇمچىلىرىنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق سۆز ياساش
شامالدات+غۇچ=شامالدۇرغۇچ، كىم+لىك=كىملىك، توڭلات+قۇ=توڭلاتقۇ، ئېل+خەت=ئېلخەت،
(2) سۆز ياسىغاندا مۇمكىن قەدەر ھازىرقى زامان كىشىلەر قوللىنىۋاتقان بىرقانچە سۆزنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق سۆز ياساش
كىر+ئالغۇ=كىرئالغۇ، رەسىم+تارتىش+ئاپىراتى=رەسىم تارتىش ئاپىراتى(ئەسلىدە رەسىم تارتقۇ دېسىلا بولىۋىرەتتى، ئەمما «ئاپىرات»نى ئوبدان ئۈگۈنۈپ، تىلىمىزنىڭ سۆز ياساش قوشۇمچىلىرىنى ئۈگەنمىگەن تىلشۇناسنىڭ بىكىتكىنى شۇ ئىكەن.)
(3) تىلىمىزدىكى سۆز بوغۇملىرىدىن پايدىلىنىپ يىپيېڭى سۆزنى بارلىققا كەلتۈرۈش،
يۇم+تال=يۇمتال، غەللە+ئەك=غەللەك، دىرەپ+تىشە=دىرەپشە، ئەينەن+ئەك=ئەينەك، غەللە+ئەك=غەللەك.
تەخسە، پىيالە، چىنە، ماياق، گەندە، پوق، ئېغىل، كاتەك، قۇمرا، چاۋار، تارىشا، تەمەچ، شىشىق دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنىڭ قانداق ياسىلىپ قانداق ئومۇملاشقىنىغا نەزەر سېلىپ، ھازىر نېمە ئۈچۈن مۇشۇندا تۈپ سۆزلەر ياسالمايدۇ؟ دېگەننى مۇھاكىمە قىلىپ باقساق، مەن يۇقۇرىدا ئوتتۇرىغا قويغان 3 سەۋەپنى ھىس قىلالايمىز.
[size=4]3 سۆزلەرنى كېڭەيتىشنىڭ ئۇسۇلى، [/size]
[color=Blue]1- توردا مۇنازىرىنى كۈچەيتىش، [/color]ئىنكار قىلىدىغانلارنىڭ ئاز بولغىنىدىن كۆپ بولغىنى يامان ئىش ئەمەس، سۈكۈت قىلغانلاردىن ئىنكار قىلىپ ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغانلار مىڭ ياخشى، ئىشەنمىسىڭىز، «خەتلىتىشنى»نى چۈشۈنىدىغان، بىلىدىغانلاردىن «يۇمتال»نى بىلىدىغانلار نەچچە ھەسسە كۆپ، سىز «يۇمتال»نى «ياقتۇرمىسىڭىز»مۇ، بىر يەردە «يۇمتال» دېگەن سۆزنى كۆرسىڭىز ئۇنىڭغا قانچىلىك ئۆچلىكىڭىزدىن قەتئىي نەزەر مەنىسى سىزگە شۇ قەدەر تونۇش. ئەپسۇس «خەتلىتىش»نى تەشەببۇس قىلغىنىمدا ھىچكىم قارشى چىقمىدى، قوللايدىغانلار كۆپ بولدى، ئەمما بۇنى توربەتلىرىدە «يۇمتال»چىلىك قوللانغۇچىلىرى بولمىدى. سىز يۇمتالنى ئىشلىتىۋاتقانلارنى ئاز كۆرۈپ قاپسىز گوگلىغا كىرىپ «يۇمتال» دەپ كىرگۈزۈپ بېقىڭ قانچىلىك ئۇچۇر چىقىدىكىن، مۇشۇ مۇنبەرنىڭ بېشىدىكى تىزىملىك ئارىسىىغىمۇ يەنە بىر قېتىم قارىۋىتىڭ، ھەتتا يۇمتالىم كوم دەپ توربېتىنىمۇ قۇرۇپ ئۈلگۈرۈپتۇ، ھازىر گوگلىدا چىققان ئۇچۇرنىڭ سانىنى دېمەيلا قوياي، 12 بەتلىك ئۇچۇر (ھەتتا خەنزۇچە مۇنبەردىكى ئۇچۇرلار)نىڭ ئۆزى يېتەرلىك بولماسمۇ؟
[color=Blue]2 نوپۇزلۇق كىشىلەرنىڭ يازمىلىرى، نۇتۇقلىرىدا قوللانغۇزۇش، ئۆزىنىڭ يازمىلىرىغا ئۈنتۈنسىز سىڭدۈرۋىتىش.[/color]
مەن بىلىۋال توربىتىدە بىزنىڭ بىر تونۇلغان كىشىمىز مەلۇم ئۈسكىنىنى ئېنگىلىزچە ئىسمىنى يېزىپ، ئۇنىڭ رولىنى ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈپ ئۇيغۇرچىدا نېمە دەيمىز؟ دېگەن پىكىرنى قالدۇرغان ئىكەن، مەن چۇڭقۇر ئويلانمايلا ئالەم ئۇچقۇچىسى دەيلى دەپتىمەن، دەسلەپكى يازمىغا شۇنداق ئالغان ئىدى، كېيىن سۈرۈشتۈرۈپ بىلدىمكى بۇ ئۈسكىنە ئادەمسىز ئۇچىدىكەن، ئالەم ئۇچقۇچىسى دېسەك، ئادەمنى بىلدۈرۈپ قويىدىكەن، شۇڭا ئالەم ئۇچقۇرى دەيلى دېۋىدىم، كېيىنكى يازمىلىرىدا ئالەم ئۇچقۇرى دەپ ئالدى، ئۇزۇنغا قالماي تىلۋىزورنىڭ خەلقئارا خەۋەردە بۇ ئاتالغۇ ئىشلىتىلدى.
تۈگرە دېگەن بۇ سۆزنى مەن شۇنداق ياقتۇرغان ئىدىم، بىراق ھىچبىر مەتبۇئاتلىرىمىزدا ئۇچرىتالمىدىم، تىل - يېزىق كومېتىتىدىكى مۇشۇ كەسپ بىلەن مۇئاش ئالىدىغانلاردىنمۇ سادا ئاڭلىمىغان ئىدۇق، تىلۋىزوردىكى بىرقانچە تەرجىمە فىلىملەردە ئاڭلاپ سۆيۈنۈپ كەتتىم.
كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن، توردىكى يازمىسىدىن دومىتى كارتا دېگەن سۆزنى تولا ئاڭلاپ كەتتىم، بىرەر مۇۋاپىق ئىسىم چىقمىدى، بۇ ھەقتە ئىسىم ياساپ داۋراڭ سالغاندىن كۆرە يازمىلىرىمغا كىرگۈزىۋەتسەم، شۇنىڭدىن بىلىپ قالار دەپ، ازمىلىرىمدا تېلفۇننىڭ نۇمۇر كاتىسىدىن پەرقلەندۈرۈپ، «سىغىم كارتا» دىۋىدىم، بۇ سۆزمۇ خىلى ئومۇملىشىپ قاپتۇ.
شۇنداق خۇلاسىغا كەلدىمكى، سىز بىرەر سۆزنى ياساپ ئوتتۇرىغا قويسىڭىز ھامان قارشى چىقىدىغانلار كۆپ بولىدىكەن، ياسىغان ياكى تەشەببۇس قىلغان سۆزلەرنىڭ ھىچ بىرىدە قارشىلىقسىز بولغان ئەمەس، ئېلكىتابنى تۇنجى تەشەببۇس قىلغان چىغىمدا چەتئەلدە ئىشلەۋاتقان داڭلىق زىيالىلىرىمىز بىلەنمۇ «تۇتۇشۇپ» قالغىنىم ھىلىمۇ ئېسىمدە، شۇ توربەت ھازىرمۇ بولىشى مۇمكىن. ئاخىرىدا بۇ سۆزمۇ يۇمتالغا ئوخشاش كەڭ قوولۇنۇش باسقۇچىغا كىردى. شۇڭا قانچە قارشى پىكىر چىقسا شۇنچە ياخشى دەيدىغان بولدۇم، سۈكۈتتىن كۆپ ياخش بولىدىكەن، كۆپ مۇنازىرىگە ئەرزىمەيدىغان، يالىڭاچ ئوتتۇرىغا تاشلانسا ھەممىگە قارشى تۇرۇپ كۆنۈپ قالغانلارغا قوبۇل كۆرۈلمەيدىغان سۆزلەرنى يازمىلارغا سىڭدۈرۋەتسىڭىز ھىچكىم قارشى چىقمايلا قوبۇل قىلىنىپ كىتىدىكەن، سايىلىغۇچ ياكى شۇلىلىغۇچ، فۇنپۈتۈك، نۇتۇقدۇق، دوقدوق ماشىنا، لۆملۆم پالاس دېگەنگە ئوخشاش.[/size]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Bidar-Qutlan ، ۋاقتى: 2010-7-20 17:06 [/i]]

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » سەيشەنبە ئىيۇل 20, 2010 11:18 am

مەن بىر مىسال ئالاي:
چوڭ قاتناش يوللىرىنىڭ مەكتەپ ئەتراپىدىكى ئىككى بۆلىكىگە قويۇپ قويىدىغان سۈرئەت ئاستىلاتقۇچقا مەن بىرەر ئىسىمنى ئوتتۇرىغا قويسام، قانداق ئىسىم قويۇشىمدىن قەتئىي نەزەر چوقۇم قارشى چىقىدىغانلار كۆپ بولىدۇ، ئەڭ يېقىشلىق ئىسىم بولغان تەقدىردىمۇ قارشى تۇرىدىغان ئادەملەر بىزدە تولا. ئەمما ئۇنى باشقا بىر تىلدىكى ئاتالغۇسىدا قوللانسام ئاشۇ مانقۇرتلاردا ھىچقانداق سادا بولماسلىقى مۇمكىن. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئاشۇ سۈرئەت ئاستىلاتقۇچقا سىزنى ئىسىم قوي دېسە نېمە دەپ ئىسىم قويىسىز؟

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار