«يۇمتال»نى ئىشلەتمەي تۇرىلى

بۇ سەھىپىدە ئاساسلىقى قوللىنىشچان كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، كومپىيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇچۇر تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى قويۇلىدۇ.
koktash
يازمىلار: 54
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 31, 2007 5:37 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان koktash » چارشەنبە ئىيۇل 21, 2010 1:50 am

ئەسلى مۇشۇ تېمىنىڭ ماۋزۇسى خاتا قويۇلغان!
«يۇمتال» سۆزىنى ئىشلىتىش- ئىشلەتمەسلىكنى كۆپچىلىك، ۋاقىت ۋە تىلكوملار بەگىلەيدۇ، ھەرگىزمۇ بىرەر تېما ياكى شەخس بەلگىلىمەيدۇ. شۇڭا تېمىنىڭ ماۋزۇسى «يۇمتال سۆزىنى ئىشلەتسەك بولامدۇ؟» دېگەن مەسلىھەت سېلىش تەللەپپۇزىدا دېيىش كېرەك ئىدى.

قايسىدۇر «ياپونىيەگە ساياھەت قىلىدىغان» بىرەيلەننىڭ (ئىسمى ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ) ھاۋا تەڭشىگۈچنى «ھاۋادان»، ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقىنى «ئېلخەت» دەپ ئالغانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ ئاتالغۇلارنى ياقتۇرۇپ قالدىم، ھەمدە ھازىرغىچە ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن.

ئۇيغۇر تارىخىدىكى تىلشۇناسلىق قالپىقى بارلار ئەڭ كۆپ بولغان بۈگۈنكى كۈندە، تىلىمىزنىڭ ئالغا باسالمايۋاتقانلىقىغا ھەيرانمەن! ماھمۇد كاشغەرى ۋە ئەلشىر ناۋائىيلارنىڭ زامانىسىدا قانداقلار قىلىپ تەرەققىي قىلغان بولغىيتتىكى!؟

قانداقلىكى ئاتالغۇ بولسا، مەيلىگە قويىۋەتكىنىمىز ياخشى، ئىشلىتىدىغانلار ئىشلەتسۇن، ئىشلەتمەيدىغانلار كارى بولمىسۇن.
ھەر قانداق بىر ئاتالغۇ، مەيلى ئۇ ئەڭ ناچار ھالەتتە ياسالغان ئاتالغۇ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم قوللاشقا ئېرىشىشى كېرەك. ھەقىقەتەن ناچار بولسا، ئۇ تەبئىي ھالدا شاللىنىپ كېتىدۇ. مەسىلەن: «ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى» «چۈكۈەنجى»غا ئورۇن بەردى(ئېغىز تىلىدا)، «ش ئا ئە ت» بولسا «ناتو»غا ئورۇن بەردى، «ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى» - «ئېلخەت» كە ئورۇن بەردى.
«ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى»، «ش ئا ئە ت» ۋە «ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى» دېگەنلەرنى نوپوزلۇق ئورنلار ۋە داڭلىق تىلشۇناسلار تۈزىگەن. «چۈكۈەنجى»، «ناتو»، «ئېلخەت» لار خەلق ئاممىسىدىن چىققان.



Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » چارشەنبە ئىيۇل 21, 2010 6:30 pm

ئېلخەتنى ئابدۇقادىر جالالىدىن تۇنجى بولۇپ مەتبۇئاتتا قوللانغان.
ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى دېگەن بۇ كىلەڭسىز ئىسىمنى مەن ھەرقانداق جايدا ئېزىقماستىن ئاپتۇماتىك پۇلدان دەپ قوللىنىۋاتىمەن.
بۈگۈن بىر پوۋستنى ئاڭلاۋىتىپ، مەن بىرچاغدا بىلىكتە «كوتكوت» دېيىشنى تەشەببۇس قىلغان ئاتالغۇنىڭ ئەمەلىلەشكىنىدىن سۆيۈنۈپ قالدىم. كوتكوتنىمۇ ئىشلەتمەي تۇرامدۇق؟

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Bidar-Qutlan ، ۋاقتى: 2010-7-22 00:31 [/i]]

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » چارشەنبە ئىيۇل 21, 2010 6:50 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Intil[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-20 19:22 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2806&ptid=86][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
بىز توختىمىساق بۇ توربەت توختاپ قېلىپ يۈرمىسۇن قېرىنداشششلار. [/quote]

يۇمتالنىڭ قانداق سەزگۈر، نازۇك ئارقا كۆرۈنىشى بارلىقىنى بىلمىدىم؟

Awral
يازمىلار: 34
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە فېۋرال 01, 2008 7:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Awral » پەيشەنبە ئىيۇل 22, 2010 2:59 am

ئەسلى ئايرىم تېمىدا يازاي دىگەن ئىدىم،لېكىن يەنىلا بۇ يەرگە ئىنكاس شەكىلدە يېزىشنى لايىق كۆردۈم .
«يۇمتال» ئاتالغۇسىنى UKIJ مۇنبىرىدە رەسمىي بىرلىككە كەلگەن ئاتالغۇ سۈپىتىدە ئىشلىتىشنى قوللاشقا بولمايدۇ . سەۋەبى:
1 - بۇ ئاتالغۇنىڭ ياسىلىشى ئۆزىدىلا چوڭ سەۋەنلىك بار ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز ياساش قائىدىسگە ماسلاشمىغان ، تەپسىلى چۈشەندۈرۈشىنى يوقۇردىكى تورداشلار خىلى قايىل قىلارلىق دەپ ئۆتۈپتۇ ، مەن يەنە تەكرارلاپ يۈرمەيمەن.
2 - بۇ ئاتالغۇ نوپۇزلوق ئورگان بولغان شۇئار تىلكوم تەرىپىدىن بېكىتىلىپ ئىلان قىلىنغانمۇ ؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ، ھىچقانداق ئاممىۋى ئاساسىي بولمىغان بىر يۇچۇن ئاتالغۇنى UKIJ غا ئوخشاش ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى نوپۇزلوق ئورگان تور بىكىتىدە يەڭگىللىك بىلەن ئىشلىتىش نىمىگە زۈرۈر بولۇپ قالدى ؟ ئەزالارنىڭ رازىلىقى ئىلىندىمۇ ؟
3- «يۇمتال چۈشۈرۈش» دەپ ئىلىنسا شۇنچە قىسقا ، چۈشىنىشلىك بولامىدكەن ؟ ئەجىبا «چۈشۈرۈش» ياكى قىرىنداش تۈركى تىللاردا ئاللىقاچان بىرلىككە كەلگەن سۆز «يۈكلەش» دەپ ئالسىمۇ ھىچقانداق مەنا ئۆزگىرىش يۈز بەرمەيتىتىغۇ؟ بۇ يەردە قەستەن «يۇمتال» سۆزى قوشۇپ قويۇلغانمۇ قانداق ؟
4- ئەگەر يومشاق دىتال دىگەن ئاتالغۇنى «يۇمتال» دەپ ئالساق ، ئۇنداقتا قاتتىق دىتال دىگەن ئاتالغۇنى «قاتدال» دەپ ئالامدۇق ؟ مۇشۇنداق خالىغانچە قىسقارتىپ سۆز ياساۋەرسەك ئۇيغۇر تىلى قانداق بىر تىلغا ئايلىنىپ قالار ؟
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم مۇنبەرنىڭ ئۈستىدىكى «يۇمتال چۈشۈرۈش» دىگەن سەھىپىدىكى «يۇمتال» سۆزىنى تىزدىن ئېلىۋىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن . مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ UKIJ مۇنبىرىنى ئۆزىنىڭ شەخسىي بويۇمى قاتارىدا كۆرمەسلىكىنى ،ئومۇمىيلىقنى كۆزدە تۇتىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » جۈمە ئىيۇل 23, 2010 3:16 am

جىنسىڭىز مەخپى، ئۆزىڭىز يېڭى ئەزا بولسىڭىزمۇ، مەن باشقا مۇنبەرلەر ئارقىلىق ئۇزۇندىن بىرى تونۇيدىغان، ھۆرمىتىم چۇڭقۇر ھۆرمەتلىك ئاۋرال ئەپەندىم بولسىڭىز تۆۋەندىكى چۈشەندۈرۈشلىرىمگە ئەستايىدىل قۇلاق سىلىڭ ھەم سىزگە قالدۇرغان ھەربىر سۇئاللىرىمغا ئەستايىدىل جاۋاپ بېرىڭ. بىرمۇنبەرگە نەچچە ئىسىم بىلەن تىزىملىتىپ، .... «ئاۋرال» بولىۋالغان ئەپەندىم ياكى خانىم بولسىڭىز بىلجىرلاشلىرىمغا قۇلاق سالماي، ئۆز گىپىڭىزدە قىلىۋىرىڭ.
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Awral[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-22 08:59 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2829&ptid=86][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئەسلى ئايرىم تېمىدا يازاي دىگەن ئىدىم،لېكىن يەنىلا بۇ يەرگە ئىنكاس شەكىلدە يېزىشنى لايىق كۆردۈم .
«يۇمتال» ئاتالغۇسىنى UKIJ مۇنبىرىدە رەسمىي بىرلىككە كەلگەن ئاتالغۇ سۈپىتىدە ئىشلىتىشنى قوللاشقا بولمايدۇ . سەۋەبى:
1 - بۇ ئاتالغۇنىڭ ياسىلىشى ئۆزىدىلا چوڭ سەۋەنلىك بار ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز ياساش قائىدىسگە ماسلاشمىغان ، تەپسىلى چۈشەندۈرۈشىنى يوقۇردىكى تورداشلار خىلى قايىل قىلارلىق دەپ ئۆتۈپتۇ ، مەن يەنە تەكرارلاپ يۈرمەيمەن. [/quote]
ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياساش قايىدىسى قانداق بولىدۇ؟ «چۈچۈرە» دېگەن سۆز قايسى قايىدە بويىچە ياسالغان؟ ماڭا بۇلارنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمسىز؟ «چۈچۈرە» قانداق قايىدە بويىچە ياسالغان بولسا «يۇمتال»مۇ شۇنداق قايىدە بويىچە ياسالغان.
[quote]2 - بۇ ئاتالغۇ نوپۇزلوق ئورگان بولغان شۇئار تىلكوم تەرىپىدىن بېكىتىلىپ ئىلان قىلىنغانمۇ ؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ، ھىچقانداق ئاممىۋى ئاساسىي بولمىغان بىر يۇچۇن ئاتالغۇنى UKIJ غا ئوخشاش ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى نوپۇزلوق ئورگان تور بىكىتىدە يەڭگىللىك بىلەن ئىشلىتىش نىمىگە زۈرۈر بولۇپ قالدى ؟ ئەزالارنىڭ رازىلىقى ئىلىندىمۇ ؟[/quote]
ئاممىۋى ئاساس دېگەن نېمە؟ تىل - يېزىق كومېتىتى بىكىتسىلا ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولغان بولامدۇ؟ ياكى ئامما ئارىسىدا مەلۇم قوللۇنۇشقا ئىگە بولغاندىن كېيىن ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولغان بولامدۇ؟ ULY غا تىل - يېزىق كومىتىتى رەسمىي ھۆججەتمۇ چىقاردى، سىزچە بولغاندا ئۇ ئاممىۋى ئاساسقا ئىلگىرى ئىگە بولالمىغان، ھازىر ئىگە بولۇپ بولغان بولىدۇ، ئەمما ھۆكۈمەت توربىتى بولغان تەڭرىتاغ تور بىتى تىل - يېزىق كومېتىتىنىڭ ھۆججىتى چىقىشتىن بۇرۇنلا ULY نۇسخىسىنى چىقىرىپ بولغان، سىزنىڭ مەنتىقىڭىز بويىچە بۇنى قانداق چۈشۈنۈش كېرەك؟ سىز تەڭرىتاغ توربىتىگە يۇقۇرىدىكىدەك سۇئالنى قويۇپ باققانمۇ؟
[quote]3- «يۇمتال چۈشۈرۈش» دەپ ئىلىنسا شۇنچە قىسقا ، چۈشىنىشلىك بولامىدكەن ؟ ئەجىبا «چۈشۈرۈش» ياكى قىرىنداش تۈركى تىللاردا ئاللىقاچان بىرلىككە كەلگەن سۆز «يۈكلەش» دەپ ئالسىمۇ ھىچقانداق مەنا ئۆزگىرىش يۈز بەرمەيتىتىغۇ؟ بۇ يەردە قەستەن «يۇمتال» سۆزى قوشۇپ قويۇلغانمۇ قانداق ؟ [/quote]
ئۇيغۇر تىلىدا «چۈشۈرۈش»نىڭ قانچى خىل مەنىسى بار؟ چاچ چۈشۈرۈش، يۈك چۈشۈرۈش، يۇمتال چۈشۈرۈش، ... لەردىكى چۈشۈرۈشنىڭ ھىچ بىرىنىڭ مەناسى ئوخشاش ئەمەس، بۇلارنى باشقا تىلغا تەرجىمە قىلسىڭىز ئۈچ سۆزدىكى «چۈشۈرۈش» سۆزى ئۈچ خىل سۆز بىلەن ئىپادىلىنىشى مۇمكىن. توربەتكە «چۈشۈرۈش» دەپلا قويسىڭىز ماقالا چۈشۈرۈش، كىتاب چۈشۈرۈش، ناخشا چۈشۈرۈش، كىنو چۈشۈرۈش، ... لەرنىڭ قايسىسىلىقىنى قانداق بىلىسىز؟
[quote]4- ئەگەر يومشاق دىتال دىگەن ئاتالغۇنى «يۇمتال» دەپ ئالساق ، ئۇنداقتا قاتتىق دىتال دىگەن ئاتالغۇنى «قاتدال» دەپ ئالامدۇق ؟ مۇشۇنداق خالىغانچە قىسقارتىپ سۆز ياساۋەرسەك ئۇيغۇر تىلى قانداق بىر تىلغا ئايلىنىپ قالار ؟[/quote]
يۇمتالنىڭ قانداق ئارقا كۆرۈنىشى بارلىقىنى بىلىكتە ھەم مۇشۇ ماۋزۇدا چۈشەندۈرگەن ئىدىم، تەپسىلى كۆرمىگەن بولسىڭىز تۆۋەندىكى سۆزلىرىمگە ئەستايىدىل قۇلاق سىلىڭ.
ئاتالمىش «يۇمشاق دېتال»دىكى يۇمشاق سۆزىنىڭ قانداق كىلىپ چىققانلىقىنى مەندىن ياخشى بىلسىڭىزمۇ سىزگە يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ قويۇش زۆرۈر ئوخشايدۇ. يۇمشاق دېتال دېگەن سۆز 高速公路نى ئويلاشمايلا «مىنكاۋخەن»چە تەرجىمە قىلىپ، تىز سۈرەتلىك يول(تىز ماڭىدىغان يول) دېگەنگە ئوخشاش 软件دىن كىلىپ چىققان. ئادەمنىڭ سۆڭەكلىرى قاتتىق ئەزاسى بولىدۇ، تىل، كالپۇك، ئەتلىرى يۇمشاق ئەزاسى بولىدۇ بۇنى ئىنكار قىلمايدىغانسىز؟ ئادەمنىڭ ئىددىيىسى، ئىتىقادى، بىلىمى، ۋىژدانى، ئىمانى قانداق ئەزاسى بولىدۇ؟ بۇلار ئەزاسى ئەمەسمۇ؟ ئەپسۇس ئاتا - بوۋىلىرىمىز بۇلارغا ئەينى چاغدا بىرەر ئىسىم قويۇشنى ئۇنتۇلۇپ قالغانمۇ ياكى قويغان ئىسىملىرى نۇرغۇن نەرسىلەرنى يوقۇتۇشقا سەۋەپ بولغان، بولىۋاتقان ساداقەتسىزلىكىمىزدىن بىزگىچە يېتىپ كىلەلمىگەنمۇ بىلمىدىم، بۇلارغا ماس كىلىدىغان تەييار سۆز يوق كەن. شۇڭا بۇنداق قول بىلەن تۇتقىلى، كۆز بىلەن بىۋاستە كۆرگىلى بولمايدىغان، مەۋجۇتلىقىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان، ئەمما مەلۇم ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۇنى بىلىشكە، چۈشۈنۈشكە بولىدىغان «نەرسە»لەرنى بىرەر سۆز بىلەن ئاتاش كېرەكقۇ ئاخىر؟ قانداق سۆز بىلەن ئاتاش كېرەك؟ قانداق كېڭەيتىش كېرەك؟ مانا بۇلار مېنى ئۇزۇندىن بىرى ئويلاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ئويلاشنىڭ، ئىزدىنىشنىڭ نەتىجىسى «يۇمتال»نى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يۇمتال دېمەي، قوزا، ياغاچ، ... دېگەندەك ساپ ئۇيغۇچە سۆزلەرگە ئىشلىتىلگەن بوغۇملارنىڭ خالىغان بىر ئىككىسىنى بىرىكتۈرۈپ، (مەسىلەن: قولاتىغ، تالدەنكاش) ئۇنى «يۇمشاق دېتال»نىڭ ئورنىغا ئىشلىتەيلى دېسەكمۇ بولاتتى، ئەمما بىزدە بۇنداق گەپكە ئەمەس، ھەتتا «يۇمشاق دېتال» دېگەن سۆزگە شۇنداق يېقىنلاشتۇرۇلغان سۆزگىمۇ ئۇنىمايۋاتقان چۇۋالچاقلىقلىقىمىزغا نېمە دېگۈلۈك؟ بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، قوينىغۇ قوي دەپ پۈتۈن ئۇيغۇرغا تونۇتۇپتىكەندۇق، قوزىنى قوينىڭ بالىسى دېمەي قوزا دەپ قانداق كېڭەيتكەن بولغىيتى، ھازىر شۇنداق بىر سۆزنى كېڭەيتىشكە نېمىشقا مۇمكىن بولمايدىغاندۇ؟ بۇ ھەممە ئادەملەرنىڭ شۇنچە ئەقىللىق بولۇپ كەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسىمىدۇ؟ دەپ ئويلاپ قالىمەن.
[quote] ئاخىرىدا دەيدىغىنىم مۇنبەرنىڭ ئۈستىدىكى «يۇمتال چۈشۈرۈش» دىگەن سەھىپىدىكى «يۇمتال» سۆزىنى تىزدىن ئېلىۋىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن . مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ UKIJ مۇنبىرىنى ئۆزىنىڭ شەخسىي بويۇمى قاتارىدا كۆرمەسلىكىنى ،ئومۇمىيلىقنى كۆزدە تۇتىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.[/quote]
مەن ئىزدىنىش تورىدا «مەتبۇ ئاتلىرىمىزدىن ئانا تىلىمىزدىكى بىرقانچە مەسىلىگە نەزەر» ناملىق ماقالامنى يوللىغاندا ماقالامغا بىر تورداش جۇۋاۋا(كىچىك چاغلىرىمدا سۇمانتىسى دەيتۇق)غا تۈگرە دەپ ئىسىم قويدۇق دەپ ئىنكاس يېزىپتىكەن، بۇ ئىسىم ماڭا شۇنداق ياققان ئىدى، بۇ ئىسىمدىن بەلكىم تىل - يېزىق كومىتىتىدىكى مۇئاشلىق كادىرلىرىمىزنىڭ ھەتتا خەۋىرىمۇ بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما تىلۋېزوردا بېرىلگەن تەرجىمە فىلىملەرنىڭ نەچچىسىدە قوللىنىلىۋاتىدۇ، سىزچە تېلۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى خادىملار تەرجىمە قىلغان فىلىمنى، فىلىمنى تارقاتقان ئىستانسىنى شەخسى بۇيۇمى قاتارىدا كۆرۈپ شۇنداق قىلغانمىدۇ؟ بۇ مۇنبەردىن ئېلىنىپ كەتسە بۇ سۆز بارلىق مۇنبەردىن ئېلىنىپ كىتەرمۇ؟ بۇ مۇنبەردىن ئېلىۋىتىش سىزچە شۇنچە مۇھىم بولۇپ قالدىمۇ؟ بىز قاچانلىققا بىرەر ئىشتا (ULY، يۇمتال، ..... غا ئوخشاش نۇرغۇن ئىشلاردا) ئاسانراق بىرلىككە كىلەلەيدىغاندىمىز؟ مۇشۇ يېزىقتىمۇ كود بىرلىككە كىلەلمەي، مۇتەخەسىسلىرىمىز ھەممىمسى ئۆزىنىڭكىنى توغرا دەپ، كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرنى 10 يىل نۇرغۇن قىينچىلىقلارغا سالغان ئىدى، بۇ مەسىلىنى ئاخىرى ئۇيغۇر كومپيۇتېر جەمىيىتىدىكى ئەزىمەتلەر ھەل قىلدى. ئەمدە بۇمەسىلىلەردە كىممۇ بىرلىككە كەلتۈرەر؟

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Bidar-Qutlan ، ۋاقتى: 2010-7-23 10:24 [/i]]

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » جۈمە ئىيۇل 23, 2010 3:45 am

ناۋادا مېنىڭ يۇقۇرىدا دېگەنلىرىم سىزگە قانائەتلىنەرلىك بولمىغان بولسا، ئايرىم تىما ئاچسىڭىزمۇ بولىدۇ، قايىل بولغىچە مۇنازىرىگە تەييار مەن.

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » جۈمە ئىيۇل 23, 2010 4:32 am

بىدار ئاكا،

ئۈستىدە بانكىلارنىڭ «ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى» غا سىز «ئاپتوماتىك پۇلدان» دەپ سۆز ياساپسىز. بۇنىڭدىكى «ئاپتوماتىك» نى ئېلىۋېتىپ، «پۇلدان» دىسەكلا بولماسمۇ؟

يەنە بىرى، «ئېلخەت»، «ئېلكىتاب» لارنى «ئېخەت»، «ئېكىتاب» دىسەكچۇ؟

بۇ يەردىكى «ئې»، «ئېل» لار بولسا «ئېلېكتىرونلۇق» دىگەن سۆزلەردىن كەلگەن بولۇپ، «ل» بولسا، 2-بوغۇم، يەنى «لېك» قا تەۋە ھەرپتۇر. شۇڭا «خەت»، «كىتاب» لارغا «ل» نى زورمۇ-زور باغلاپ قويغاننىڭ ئانچە ئەھمىيىتى يوق دەپ قارايمەن.

مەقسىدىمىز، قىسقا، ئىخچام قىلىش بولغاندىكىن، «ئېخەت»، «ئېكىتاب» دەپ قوبۇل قىلساق بولماسمۇ؟

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » جۈمە ئىيۇل 23, 2010 6:25 am

شۇ ئۈسكىنىنىڭ قېشىدا تۇرغاندا چىغىمىزدا ئېلېكترۇننى قوشۇش ھاجەت ئەمەس، ئەلبەتتە. ئۈسكىنە يىراق، يەنى ئاڭلىغۇچى «پۇلدان»نىڭ قانداق پۇلدانلىقىنى بىلمەيدىغان ئەھۋالدا «ئېلېىكترۇنلۇق»نى قوشۇپ قويساق تېخىمۇ چۈشۈنۈشلۈك بولارمىكىن. تېلېفۇن دىكى «فۇن»نى باشقا سۆزلەرگە قوشۇپ ئالاقە ئۇچۇرىغا مۇناسىبەتلىك ئۈسكىنىلەرنىڭ نامىنى ياساۋاتىمىز، بۇ مېنىڭچە ناھايىتى ياخشى قوبۇل قىلىش. ئېلېكترۇننى سىز يۇقۇرىدا ئېيتقاندەك «ئېل» ياكى «ئې» بىلەن ئىخچاملاپ ئېلكىتاب، ئېلخەت دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ، بۇ ھالەتتىن ئېلپۇلدان ياكى ئېپۇلدان دېسەكمۇ بولامدۇ نېمە؟
ئېلېكترۇننى «ئېل» دەپ ئېلىشىمدىكى سەۋەپ «شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ» 90- يىللارنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى 6- ساندا ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ «دىدارسىز .....» دېگەن ماۋزۇدىكى بىر تور ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان زىيارەت خاتىرىسىدە Emailنى ئېلخەت دەپ ئالغان ئىكەن، ماڭا تورنىڭ نېمىلىكىنى تۇنجى قېتىم تونۇتقان سابىق پۇقرا تورىدا Emailنى مەنمۇ شۇ بويىچە ئېلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم، قوللىغانلار شۇ بويىچە قوللاپ، رەت قىلغانلار ئۆز پىكىرىدە قىلىپ، 7، 8 يىللاردىن بىرى كۆپ كىشىلەردە «ئېلخەت» دەپ ئۆزلىشىپ قالدى، ھازىر بۇنى «ئېخەت» دەيمىز دېسەك، بىرمۇنچە ئىختىلاپلارغا سەۋەپكار بولىشىمىز مۇمكىن، «ئېلخەت»، «ئېلكىتاب»، «ئېلپۇلدان»لاردا تەلەپپۇزدىكى قولايلىق بولۇش - بولماسلىقتىن باشقا ئىخچاملىقلا مەسىلىسى بولسا، بۇنى يەنە «ئې»غا ئۆزگەرتىشكە ئەرزىمەيدۇ. باشقا چوڭراق پىرىنسىپال مەسىلە بولسا، يەنە قايتا تالاشمىغا ئەرزىسە، پىكىرلەشسەك بولىدۇ.
«ئەرزىمەيدۇ» دېيىشىمدىكى سەۋەپ، بۇ يەردە ئارتۇقىمۇ ، كېمىمۇ پەقەت بىرلا «ل» ھەرپى بولۇپ، ئۇنىڭ بىرەر بوغۇمنى ئاشۇرۇش ياكى كېمەيتىش ئىقتىدارىنىڭ يوقلىقى.

ئەسكەرتىش: مەن بۇ يەردىكى «ل» ھەرىپىنى «لىك»نىڭ قىسقارتىلمىسى دەپ چۈشەنمەي «ئېلىكترۇن»نىڭ 1- بوغۇمى «ئېل»دىكى ھەرپ دەپ چۈشىنىمەن.
سۆز بېشى ئوچۇق بوغۇملۇق سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلىشتىن يېپىق بوغۇملۇق سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلىش ئېنىقراق، ئېغىزغا ئاسانراق بولامدۇ قانداق؟

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Bidar-Qutlan ، ۋاقتى: 2010-7-23 12:40 [/i]]

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » جۈمە ئىيۇل 23, 2010 7:13 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Bidar-Qutlan[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-23 12:25 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2857&ptid=86][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

ئەسكەرتىش: مەن بۇ يەردىكى «ل» ھەرىپىنى «لىك»نىڭ قىسقارتىلمىسى دەپ چۈشەنمەي «ئېلىكترۇن»نىڭ 1- بوغۇمى «ئېل»دىكى ھەرپ دەپ چۈشىنىمەن.
[/quote]

«ئېلىكترون» نى بوغۇمغا ئايرىساق، «ئې---لىك---ترون» بولۇپ، «ل» ھەرىپى بولسا، 2-بوغۇمدا.

شۇڭا بىزمۇ ئۇيغۇرچە سۆز ياسىغاندا، 2-بوغۇمدىكى «ل» نى مەجبۇرى قوشۇۋالماي، پەقەت 1-بوغۇمىنى ئېلىپلا، «ئېخەت»، «ئېكىتاب» دىسەك، تېخىمۇ مۇۋاپىق بولاتتى دەپ ئويلايمەن. ئىنگىلىزچىدىمۇ Email, Ebook دەپ، پەقەت ئالدىنقى سۆزنىڭ 1-بوغۇمى بولغان E ھەرىپىنىلا ئالغان.

ناۋادا «يۇم---شاق» «دې---تال» نى «يۇمتال» دەپ قىسقارتماي، «يۇمشاقتال» دەپ قىسقارتايلى دىسەم، 1-بوغۇمىلا كۇپايە دېيىشىڭىز مۇمكىن ئىدى. خۇددى شۇنىڭدەك، بۇ يەردىمۇ 1-بوغۇمى، يەنى، «ئې» نىلا ئىشلەتسەك بولىدۇ. 2-بوغۇمدىكى «ل» نىمۇ قىستۇرۇپ قويغانلىق، خۇددى «يىلان سىزىپ بولۇپ، ئۇنىڭ پۇتى كام قاپتۇ دەپ، ئۇنىڭغا پۇتنى قوشۇپ سىزىپ قويغاندەك» تەسىرات بېرىدىكەن.

«پۇلدان» نى «ئېپۇلدان» دىسەك تامامەن چۈشىنىشلىك بولىدۇ، ھەم «ئېلپۇلدان» غا قارىغاندا، تەلەپپۇزغا تېخىمۇ مۇۋاپىق.



[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Bidar-Qutlan[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-23 12:25 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2857&ptid=86][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

سۆز بېشى ئوچۇق بوغۇملۇق سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلىشتىن يېپىق بوغۇملۇق سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلىش ئېنىقراق، ئېغىزغا ئاسانراق بولامدۇ قانداق؟[/quote]

ئۇنداق ئەمەستۇ؟ 1-بوغۇمى ئوچۇق بوغۇملۇق بولغان «ئەزىز»، «كىتاب» دىگەن سۆزلەرمۇ تەلەپپۇزى ئېنىقراق، ئېغىزغا ئاسانراققۇ؟

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » جۈمە ئىيۇل 23, 2010 7:24 am

«پۇلدان» Automated Teller Machine دىگەن مەنبەدىن كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ سۆز مەنىسى «ئاپتوماتلاشقان كاسسىر ماشىنىسى» بولىدۇ.

بۇ نۇقتىدىن پايدىلانساق، بۇلارنىڭ 1-سۆزىنىڭ 1-بوغۇمى «ئاپ» بولۇپ، بۇنى كېيىنكى «پۇلدان» غا قوشساق، «ئاپپۇلدان» بولىدۇ. قولايلىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ يەردىكى تەكرار 2 «پ» نىڭ بىرىنى قىسقارتىپ، «ئاپۇلدان» دەپ قوبۇل قىلساقمۇ بولىدۇ.

ياكى خۇددى «ب د ت» دەپ قىسقارتقاندەك، «ئاپتوماتلاشقان كاسسىر ماشىنىسى» نى «ئا ك م» دەپ قىسقارتىپ، «ئا كى مى» دەپ ئوقۇپ، قوبۇل قىلساقمۇ بولىدۇ.

مېنىڭچە «ئا ك م» غا قارىغاندا «ئاپۇلدان» تېخىمۇ مۇۋاپىق.

ئەسلى سۆزدە «ئېلىكترون» دىگەن گەپ بولمىغاچقا، «ئېپۇلدان» ياكى «ئېلپۇلدان» دېيىش مۇۋاپىق ئەمەسكەن.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار