ئوچۇق ئامبارلىق كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرى تور لۇغىتى قۇرۇش توغرىسىدا
ئوچۇق ئامبارلىق كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرى تور لۇغىتى ق
ئەسسامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،
ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىشلىرى ھەر قايسى تور بېكەتلەردە مەخسۇس تۈر سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئاتالغۇلارنىڭ ئومومىيلىشىشى ۋە مەركەزلىشىشىدە يەنە تۈزىتىشكە تېگىشلىك ئىشلار كۆپ.
مەن كوللېكتىپ تەرجىمە خىزمىتىنىڭ ئۇيغۇرئېدىت، ئىنتىل، بىلىك تورلىرىدىلا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلىدىكەنمەن (بۇرۇن ئاناتىلىم تور بېكىتىدىمۇ ئېلىپ بېرىلغان ئەمما ھازىر ئېچىلمايدىكەن). بۈگۈن [url]http://www.alip.biz[/url] تورىدىمۇ بۇ جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەر ئىشلەنگىنىنى كۆرۈپ كۆپ خۇرسەن بولدۇم...
ئوچۇق ئامبارلىق كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرى تور لۇغىتى قۇرۇش خىزمىتىنى باشلىغان تور بېكەت بارمۇ-يوق بىلمىدىم. ئەگەر بولمىسا، ھەر قايسى تور بېكەتلەر تەرجىمە قىلغان سۆزلۈكلەرنى توپلاپ UKIJ تورىدا ئېچىلىدىغان تور لۇغىتى قۇرساق قانداق قارايسىلەر؟ ئەگەر بۇ تۈر قۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى بار دەپ قارالسا، مەندە ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغان 3000 دىن ئارتۇق ئاتالغۇ بار، ئۇنى لۇغەت ئامبىرىغا قوشساق بولىدۇ. ئەگەر كۆپچىلىك مۇۋاپىق كۆرسە، بولغۇسى لۇغەتنىڭ ئىقتىدارلىرى، ئامبار لايىھىسى، پروگرامما تىلى ... قاتارلىقلارنى داۋاملىق مۇزاكىرىلەشسەك. پىكىر بەرگەيسىزلەر...

سالام ۋارىس ئا. جانباز ئەپەندى،
پروگرامما ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى خالىس قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇرچە ۋە ئۇيغۇرچىلاشقان پروگراممىلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ئاتالغۇلارمۇ ھەرخىل ئېلىنماقتا، بۇ ئىشنىڭ توغرا يۆنىلىشتە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى، ئۇيغۇرچە پروگراممىلارنىڭ مۇكەممەل بۆلىشى، Windows ۋە باشقا سىستېمىلارنىڭ بالدۇرراق ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر تۇرنىڭ قۇرۇلۇش ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ. سىز ئېيتقاندەك باشقىلار بۇ ھەقتە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بۆلىشى مۇمكىن، ئىمكان بولسا ھەممىسىنى مۇشۇ جايغا توپلاپ، تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ نامىنى قوشۇپ قويساق، ھەم مەسىلە بار دەپ قارالغان ئاتالغۇلارنى مۇشۇ يەردە ئورتاقلىشىپ بېكىتسەك.
ھۆرمەت بىلەن،
مۇھەممەد ئەردەم

كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى توپلاش ۋە تەرجىمە جەريانىدا ئەمەلىي ئىشلىتىش خېلى بۇرۇنلا باشلانغان ئىدى، شۇغىنىسى ئاۋاز قوشىدىغان ئادەم يوقنىڭ ئورنىدا، ئاتالغۇلارنى توپلايدىغان جايمۇ بار ئىدى.
ئادرېسى: [url]http://kenjisoft.homelinux.com/atalghu/[/url]
مۇشۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئېلان قىلىنماقچى بولغان Ubuntu ئۇيغۇرچە قوللاش ۋە ئارايۈزىنىڭ ئۇيغۇرچىلىشىش سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى سىستېما بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتى بولسا يېڭىدىن ئېلان قىلىنماقچى بولغان Ubuntu نىڭ ئەڭ يېڭى نەشرىنى ئىگە تەرەپ تور بېكىتىدىن چۈشۈرۈپ، شارائىتى بارلار كومپيۇتېرنىڭ ئۆزىگە، شارائىتى يوقلار ھەقسىز مەۋھۇم كومپيۇتېر دېتالى VirtualBox نى كومپيۇتېرغا ئورنىتىپ سىناپ، قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىشىڭلارنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمىز.

ساھران ئەپەندىمنىڭ [url]http://kenjisoft.homelinux.com/atalghu[/url] نى خەۋەردار قىلغىنىغا رەھمەت. بۇ ئىش باشلىنىپ خېلى بىر يەرگە بارغان بولغاچقا قايتىدىن تۈر تۇرغۇزۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ئەمدى، بارلىق دىققەت ۋە كۈچىمىزنى ئەشۇ تۈرگە مەركەزلەشتۇرۇپ قانداق قىلىپ ئۇنى تېخىمۇ ياخشىلاش ۋە تولۇقلاشقا پىكىر بېرەيلى...
بۇ تۈرنى تەشكىللىك ئاساستا ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئاتالغۇ توپلاش، بېكىتىش ۋە تېخنىكا گورۇپپىسىدىن ئىبارەت 3 گورۇپپىغا تەشكىللىنەيلى. تەپسىلىي ئويلىغانلىرىم تۆۋەندىكىچە:
1. ئاتالغۇ توپلاش گورۇپپىسى
بۇ گورۇپپا ئۇيغۇر تىلىدا تېخى قېلىپلاشمىدى دەپ قارالغان ياكى يوق بولغان ھەر قانداق چەتئەل تىلىدىكى ئاتالغۇلارنى ئامبارغا قوشۇپ يېڭى سۆز توپلاشقا ۋە مۇمكىن بولسا ئۆز تەرجىمىسىنى تەۋسىيە قىلىپ قوشۇشقا مەسئۇل بولسۇن.
2. ئاتالغۇ بېكىتىش گورۇپپىسى
بۇ گورۇپپا ئاتالغۇ توپلاش گورۇپپىسى تەۋسىيە قىلغان سۆزلەر ۋە تەرجىمىلەرنى كۆرۈپ چىقىپ زۆرۈر بولغاندا بۇ گورۇپپىدىكىلەر ئاۋاز بېرىش -- بېلەت تاشلاش -- ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىدۇ. بۇ گورۇپپىغا تىل ۋە تەرجىمە ساھەسىدە تەجرىبىسى بار 5، 7 ياكى 9 كىشىدىن تەركىپ تاپىدۇ.
[url]http://kenjisoft.homelinux.com/atalghu[/url] دىكى ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسى ياخشى بولغانلىرى كۆپكەن. ئەمما ئۇلارنى بىرلىككە كەلگەن ئاتالغۇلار دەپ ئاتاشقا بولامدۇ-يوق؟ بۇنى ئويلىشىش كېرەك. مېنىڭچە كونۇپكا ۋە تىزىملىكتە ئىشلىتىدىغان بەزى ئاتالغۇلارنى بۇيرۇق پېئىدا (مەسىلەن : باس، ئىزدە، تىزىملا) ئالماستىن ھەرىكەتنام شەكلىنى (مەسىلەن : بېسىش، ئىزدەش، تىزىملىتىش) ئىشلىتىش ياخشىراق. شۇنداق قىلىش 90-يىللاردا ئىشلەنگەن ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللاردىمۇ ئومۇمىيلاشقان.
3. تېخنىكا گورۇپپىسى
بۇ گورۇپپا يۇقىرىدىكى 2 گورۇپپىدىكىلەرنىڭ خىزمىتىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن لازىملىق قوراللارنى تەمىنلەيدۇ. بۇ تۈرنى تور لۇغىتى شەكلىدە ياسىلىپ ئىزدەش، تەھرىرلەش، سۆز تەۋسىيە قىلىش، ئاتالغۇ بېكىتىش، ئىملا تەكشۈرۈش ... قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ھازىرلايدۇ. قانداق ئىقتىدارلىرىنىڭ بولۇشىنى كۆپچىلىك تەۋسىيە قىلسا ئاستا-ئاستا تولۇقلىساق ...

[url]http://kenjisoft.homelinux.com/atalghu/[/url]
بۇ توربەت بەك ياخشى تەييارلىنىپتۇ. لېكىن كىچىككىنە تەكلىپىم بار، مۇمكىن بولسا خەنزۇچە ئاتالغۇ ستونىنىمۇ قوشۇپ قويسىكەن دەيمەن. چۈنكى ھازىرقى تەرجىمانلار ياكى كومپىيۇتېرشۇناسلار بولسۇن، كۆپىنچىسى خەنزۇچە بىلىدۇ، ئېنگلىزچە بىلىدىغانلار بەكمۇ ئاز، ھەتتا بەزىدە يوقنىڭ ئورنىدا.
شۇنداق بولغاندا، كەنجى سوفتقا ئېنگلىزچە، ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچەدىن ئىبارەت ئۈچ يانداش ستون بېرىلسە، ئىختىيارىي قىلغانلار ئۆز ئاتلغۇلىرىنى قوشۇپ قويسا دەيمەن. قوشقان ئاتالغۇنى باشقىلار ھەم تەھرىرلىيەلەيدىغان بولسا، تېخى ياخشى. چۈنكى بەزى خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە ئاتالغۇنى بەرگەنلەرگە، يەنە ئېنگلىزچەسىنىمۇ قوشۇپ قويغىلى بولىدۇ.
ئويغان ئەپەندى ئېيتقاندەك، 3 گۈرۈپپا ئادەم بولسا، 1-گۇرۇپپىدىكىلەر چوقۇم تىزىملاتمىسىمۇ (ياكى تىزىملاتسىمۇ) ئاتالغۇ قوشالايدىغان بولۇشى ، يەنى خالىغان ئادەم يازالايدىغان بولۇشى كېرەك. مۇنداق بولغاندا، ئاتالغۇ ئەۋرىشكىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ توپلىغىلى بولىدۇ.
2-گۇرۇپپىغا قاتناشقۇچىلار چوقۇم تاللانغان ئابونتلار بولۇشى كېرەك. بۇنىڭغا ئۆزەمنىمۇ تەۋسىيە قىلىمەن.
3- گۇرۇپپىغا ئويغان ئەپەندى ئېيتقاندەك تور-كومپ تېخنىكىلىرىغا ئۇستا كىشىلەر بولۇشى كېرەك.

ئۇزۇن بولۇپتۇ تورغا چېقىش ئىمكانىيىتى بولمىغىلى ....
ئېلگىرىمۇ باشقا بېكەتلەردە بۇ ئىش بولۇنغان ... <ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ، ئىنگىلىزچە كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش سېستىمىسى > نامىدىكى ئاددى پروگىراممىدىم بىرنى ئىشلەپ ئاساسەن پۈتتۈرگەنىدىم ،،،،،، كىيىن ئۆگىنىش خىزمەت ئالدىراشلىقى تۈپەيلى قايتا قولۇمغا ئالامىدىم ... چىكىت نىت قۇرۇلمىسىدا يېزىلغان بەت بولغاچقا مۇلازىمىتىرغا قويۇپ بولالماي ، كىيىنچە ئىنتىل بىلىكلەردە مۇشۇ قۇرۇلمىدا يېزېلغان پروگراممىنى چۈشىنىدىغانلار بولسا شۇلار تاپشۇرۇپ بىرىشنى ئىيتىپ ئىنكاس قالدۇرساممۇ بىرەرسى ئالمىغانىدى .... كىيىن راسلام ئالدىراش بولۇپ قالدىم (قوڭۇم بوش كەلدى دىسەممۇ بولىدۇ) .... يۇقۇردا كۆكتاش ئىيتقاندەك تىزىملاتمايلا سۆز قوشسا ، ياكى ئىلگىرى بار بولغان تەرجىمىگە پىكىر بەرسە ياكى سۆز قالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ ، ئاندىن سۆز بېكىتكۈچى ئەزا (ھوقۇق بېرىلگەن تەستىقلىغۇچى) ئارقا سەھنىسىدىن تەكلىپ بېرىلگەن ياكى يېڭىدىن قوشۇلغان سۆزنى كۆرۈپ چىقىپ تۈزىتىپ ئاساسى ئامبارغا قوشۇش قوشماسلىقنى تاللاپ بەرسە بولاتتى ....
پروگرامما ناھايىتى ئاددى .... سانداننى MS SQL ياكى Access ئىككى خىل قىلىپ .net ئاستىدا aspx بېتى قىلىپ يازغان....
مۇمكىن بولسا مۇشۇ ukij ئاستىدىلا مۇشۇنداق سېستېمىدىن بىرنى ماڭدۇرساق ... سۆز قوشۇش ، سېستېمىغا تەكلىپ بىرش ۋەزىپىسى يۈكلەنسە ۋاقتىمنىڭ يېتىشىچە ھەسسەمنى قوشىمەن ...
ئاللاغا ئامانەت .

توردىكى ئەزالار
مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار