ئوچۇق ئامبارلىق كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرى تور لۇغىتى قۇرۇش توغرىسىدا

بۇ سەھىپىدە ئاساسلىقى قوللىنىشچان كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، كومپىيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇچۇر تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى قويۇلىدۇ.
seyyare
يازمىلار: 14
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ماي 27, 2007 12:24 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان seyyare » شەنبە نويابىر 05, 2011 11:58 am

يازغان ئىنكاسىمىنىڭ بىر جۈملىسىدىن باشقىسى يوققۇ؟
بوشلۇق مەن تەمىن ئىتەي [url]www.ukij.org[/url] نىڭ ئاستىدىكى بىر نامغا ئۇلانما قىلساق. بۇ يەردە جاۋاب قايتۇرسىڭىزمۇ ياكى ئېلخەت يازسىڭىزمۇ بولىدۇ. [email]seyyare@163.com[/email]



باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » سەيشەنبە نويابىر 08, 2011 3:47 am

سالام كۆپچىلىك،

ياخشى مۇنازىرىلەر بۆلۈۋېتىپتۇ. بىراق يەنە ئايىغى چىقماپتۇ. بۇنىڭ ئايىغىنى قانداق چىقىرىشنى ئويلاشتىڭلار؟ پىلان ياخشى تۈزىلىپتۇ، بىراق بۇ پىلاننى قول سېلىپ ئىشلەيدىغان ئادەم بارمۇ؟ ئالدى بىلەن قول سېلىپ ئىشلەيدىغان ئادەم بولمىسا گەپ مۇشۇ يەردە تۈگەپ كېتەرمىكىن.

[url]http://kenjisoft.homelinux.com/atalghu/[/url] نى ئوتكەن يىلى ئۇبۇنتۇنى تەرجىمە قىلىشنى قايتا باشلاشتىن ئاۋۋال، بىر قېرىندىشىمىز ئاتالغۇنى شۇ ھامان خاتىرىلەپ قويغىلى بولىدىغان بىر يەر بولسا دېگەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن مۇنداقلا ئىشلەپ قويغان. ئۇبۇنتۇنىڭ بارلىق تەرجىمە ئۇچۇرلىرىدىكى ئىنگلىزچە سۆزلەرنى ستاتىستىكا قىلىپ 2000 سۆزنى تاللاپ، ئۇنىڭ تەرجىمىسىنى مۇھەممەد ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ ياردىمى بىلەن ھازىرقى ئاتالغۇ بېتىنىڭ ساندىنىغا كىرگۈزۈپ، ساھران ئەپەندى توپلىغان ئاتالغۇلارنى بىر قانچە قېتىم ئوز-ئارا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق تۇنجى قەدەمدە يۇقىرىقى بەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ئىدىم.
كېيىن بۇنىڭدىكى ئۇچۇرلارنى باشقا بەتلەردە ئىشلىتىپ، ھازىرقى مۇشۇ تەمىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپتۇ.
بۇ گەرچە «بىرلىككە كەلگەن ئاتالغۇ» بولمىسىمۇ، ھازىر ئۇبۇنتۇ تەرجىمىسىدە ئىشلىتىلگەن «بىرلىككە كەلگەن ئاتالغۇ»دۇر، دېمەكچى بولغىنىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 84% تاماملانغان ئۇبۇنتۇنىڭ تەرجىمىسىدە ئىشلىتىلگەن ئاتالغۇدۇر.
مەنمۇ پىلانىمنى دەپ باقسام:
نوقۇل ئاتالغۇ توپلايمەن، ئاتالغۇنى تەرجىمە قىلىمەن... دەپ ئولتۇرماي، ئىشنى تەرجىمىدىن باشلىساق، تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ئۇچرىغان ئاتالغۇنى مۇشۇ يەردە مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىپ ئاندىن يۇقىرىقى يەرگە قوشۇپ ماڭساق. شۇنداقتا ئەڭ ياخشى ئاتالغۇ ياسىغان بولىمىز.
ئۇبۇنتۇنىڭ تەرجىمىسىنىڭ ئەھۋالىنى دېسەم: ھازىر ئۈزلۈكسىز تەرجىمە قىلىۋاتقان ئادەم ساھران ئەپەندى ۋە مەن ئىككىمىزلا. يەنە بەزىلەرمۇ بار، بىراق ئۇلار بەزىدە بار، بەزىدە يوق. شۇنداقتىمۇ 84% نى تاماملىدۇق.
مېنىڭ پىكرىم شۇ. ئالدى بىلەن تەرجىمە ئارقىلىق ئاتالغۇ توپلاش. يۇقىرىقى بەتتىكى ئاتالغۇمۇ دەپ مۇشۇنداق توپلانغان.(يېقىندا بىر قانچە سوز قوشۇلۇپ قېلىپتۇ، ئۆچۈرۈشكە ۋاقتىم يەتمىدى).
ئۇبۇنتۇ ۋە باشقا سىستېمىلارنىڭ تەرجىمىسى ھەققىدە [url]https://launchpad.net/~ubuntu-l10n-ug[/url] دە ئازراق ئۇچۇرلار بار. سىزگە زۆرۈر ئۇچۇرلار يوق بولسا بىۋاسىتە ماڭا ياكى ساھران ئەپەندىگە خەت يېزىڭ.
غەيرەت كەنجى

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » پەيشەنبە نويابىر 17, 2011 2:40 pm

پىكىرلەر تۈگىگەندەك قىلىدۇ. مېنىڭچە تۈنجى قەدەمنى [url]http://kenjisoft.homelinux.com/atalghu[/url] نىڭ يازمىلاردا تىلغا ئالغان بولۇشقا تېگىشلىك ئىقتىدارلىرىنى(ئاتالغۇ قوشۇش، تەھرىرلەر، تەستىقلاش ...) قوشۇشتىن باشلىساق. مەندە تەخمىنەن 3000 غا يېقىن خام ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمە جۈملە، سۆزلۈك بار. باشقىلاردىمۇ بولۇشى مۇمكىن. شۇلارنى قوشۇش ئىمكانىيىتى يارىتىلغان بولسا...

pengiyar
يازمىلار: 14
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئىيۇل 23, 2010 5:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان pengiyar » سەيشەنبە نويابىر 22, 2011 12:28 pm

خېلى بوپتىكەن ماۋۇ تور بېكەتكە كىرىپ باقمىغىلى (كىرگۈم كەلمەي ئەمەس شۇ يېڭىلىق بولمىغاچ كىرمىگەن) بۈگۈن ئېزىپ تېزىپ دېگەندەك كىرىپ قاپتىمەن. قارىسام ياخشى گەپلەر بولىۋېتىپتۇ.
مۇمكىن بولسا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇنداق ئىشلار ئۈزۈلۈپ قالمىسا، بۇرۇنغۇ ئۈمىدنى بىلىكتىن كۈتەتتۇق. ئەمما ھازىر بىلىكمۇ بېشى يوق قايان تارتسا شۇ ياققا ماڭىدىغان بولۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ. بىلىككە قارىغاندا ماۋۇ مۇنبەر ياخشىراق ماڭامدۇ نېمە؟
بولسا ئۇستازلار كۆپرەك باش بولۇپ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىشلارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا يىتەكچىلىك قىلسا دېگەن ئۈمىدىم بار ئىدى.
مەن بىر مەسىلىنى سوراپ باقسام، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئاتالغۇ ئىشى يالغۇز كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ئاتالغۇلارنىلا ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ ياكى باشقا ساھەدىكى ئاتالغۇ بولسىمۇ بولامدۇ؟
مەن بايا تېخى ئالىم ئەھەت مۇئەللىم بىلەن مۇشۇ ئاتالغۇ مەسىلىسىدە تېلېفۇندا خېلى ئۇزۇن پاراڭلىشىپتىكەنمەن.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 4 ۋە 0 مېھمانلار