[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • ئۇيغۇر تىلدىكى يۇمشاق دىتاللار كاتولۇگى ئىشلەش پىلانى -
جەمئىي3 بەتنىڭ 2 - سى

يېزىلغان: يەكشەنبە دېكابىر 23, 2007 9:37 am
تەرىپىدىن يوللانغان hekmat
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
تۆۋەندە مەن ئىشلىگەن كاتالوگدىن بىر نەچچە پارچە سۈرەت.

[img]http://tadbirkor7.googlepages.com/catalog1.jpg[/img]
[img]http://tadbirkor7.googlepages.com/catalog2.jpg[/img]
[img]http://tadbirkor7.googlepages.com/catalog3.jpg[/img]

يېزىلغان: چارشەنبە دېكابىر 26, 2007 8:42 am
تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997
كاتتا ئىشلار بولىۋېتىپتىغۇ . نېمدىگەن ياخشى . قولۇڭلارغا دەرت بەرمىسۇن دوستلار .... مەنمۇ بىر تىرىشىپ باقاي كۈچ قوشالامدىم يوق ؟

يېزىلغان: پەيشەنبە دېكابىر 27, 2007 2:58 pm
تەرىپىدىن يوللانغان hekmat
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم،
مەن ئىشلىگەن كاتالوگنىڭ سىناق بېتىنى پەرھات ئەپەندىم [url=http://www.uighurtibbi.com/catalog/index.html]http://www.uighurtibbi.com/catalog/index.html[/url]غا قويغان ئىدى،تورداشلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلەرنى ئايىماي بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
پەرھاد ئەپەندىم سىز ئوتتۇرىغا قويغان ئېقتىدارلارنى مەن پات ئارىدا ئىشلەپ سىزگە ئەۋەتىپ بېرەي،ئۇندىن باشقا بۈگۈن مەن دېتال قوشسام قوشۇلدى،سىناپ باقارسىز...
سالام بىلەن:
ھېكمەت
2007-يىلى 27-دېكابىر

يېزىلغان: جۈمە يانۋار 04, 2008 3:06 pm
تەرىپىدىن يوللانغان hekmat
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
تورداشلارنىڭ (بولۇپمۇ باشتا بۇ ئىشقا ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان تورداشلار،ھازىر جىمىپ كەتتى) ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار كاتالوگى ھەققىدە پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن سىناق بەتنى تۈزگەندەseyyare ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ بويىچە (ھازىرچە)نامى، تۈرى، ئاپتورى، تور بېكىتى، ئىشلەنگەن ۋاقتى، چۈشۈرۈش ئادرېسى، ھۆججەت سىغىمى ، ھەقسىز دېتالمۇ ، خىزمەت مۇھىتى، باشقا ئۇچۇرلار قاتارلىق ئۇچۇرلارنى قوشقان ئىدىم،باشقا ئۇچۇرلار قوشۇلۇشى كېرەك دەپ قارالسا تەكلىپ بەرسەڭلار، ئېقتىدار جەھەتتىن دېتال قوشۇش،ئۆزگەرتىش،ئۆچۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا مەلۇم ھوقۇقى بار ئەزالار مەشغۇلات قىلىدىغان قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمىز. تورداشلارنىڭ ئاكتىپ پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

سالام بىلەن
ھېكمەت
2008-يىلى 4-يانۋار

يېزىلغان: دۈيشەنبە يانۋار 07, 2008 8:05 am
تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھېكىمەت ياخشىمۇ سىز،
كاتالوگ بىتى دىتاللىرىغا قاراپ چىقىپ، شۇ تەرتىپ بويىچە ئىلىپ بىرىۋاتىمىز، لىكىن سەل ئاستا.
بۇنىڭدا سىزنىڭ لايھىلىگەن بەت ئىقتىدارلىرى مۇۋاپىق كىلىدىكەن، بىر تەرەپتىن شۇنىڭ پۈتۈشىگە ساقلاۋاتىمەن.
سىز قوشقان تۈرلەر ئاساسەن بوپتۇ، بۇنىڭغا يەنە قوشۇش كىرەك بولسا، «ئاپتۇرنىڭ ئالاقە ئىلخىتى»، «چۈشۈرۈش ئادرىسى»نىڭ ئالدىغا «ئەڭ يېڭى نەشىرى»، «ئەڭ ئاخىرقى يىڭىلانغان ۋاقتى» دىگەن تۈرلەرنى قوشساق.
ئۇنىڭدىن باشقا، قوشۇش ۋە ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىنى مەلۇم چەكلىمە بىلەن قىلىش ئىقتىدارىنى قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى ئىيتىپسىز، كۆپ رەھمەت.:handshake

سىناق بىتى باش بىتىدە قوشۇش ئۇلانمىسى بولمىغاچقا تورداشلار بىلەلمىگەن بولىشى مۇمكىن،
قوشۇش بىتى ئادرىسى [url=http://www.uighurtibbi.com/catalog/add.asp]http://www.uighurtibbi.com/catalog/add.asp[/url] نى مەن تولدۇرۇپ بولۇپ، ئەڭ ئاستىدىكى «قوشۇش» كونۇپكىسىنى باسسام تور بەت تاپالمىغانلىق خاتالىق بىتى چىقىۋىلىپ، يەنە قوشالمىدىم.
بولمىسا سىز ئاشۇ تور بەت ئۈستىدە قوشۇپتىكەنسىز، مەخپىي تېخنىكا ئىشلەتمىگەنسىز-ھە؟ (چاخچاق، لىكىن مەن قوشالمىدىم، سىز شۇ تور بوشلۇقىدا قوشۇپسىز بولمىسا، بەكمۇ خىجىلمەن. :$ )

يېزىلغان: دۈيشەنبە يانۋار 14, 2008 4:21 am
تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k
سالام ھېكىمەت ياخشىمۇ سىز،
11-چىسلا ئەۋەتكەن ئىلخىتىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، ياخشى تۈزۈلۈپتۇ.
[color=DarkGreen][size=4]سىزگە UKIJ نامىدىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز. تېنىڭىزگە سالامەتلىك، ئائېلىڭىزگە خاتىرجەملىك، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق يار بولسۇن.[/size][/color]

جاۋاب ئېلخەت ئەۋەتتىم، كۆرۈپ باقارسىز.

يېزىلغان: چارشەنبە يانۋار 16, 2008 2:39 pm
تەرىپىدىن يوللانغان hekmat
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
پەرھاد ئەپەندى بۇنداق تۈزۈت قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئەگەر مەن تۈزگەن كاتالوگ تورداشلار ئۈچۈن ئازراق قولايلىق ئېلىپ كەلسە شۇ كۇپايە.
سىز دېگەن ئېقتىدارلارنى پات ئارىدا قوشۇپ سىزگە ئەۋەتىپ بېرەي .
سالام بىلەن
ھېكمەت
2008-يىلى 16-يانۋار

يېزىلغان: دۈيشەنبە يانۋار 21, 2008 3:31 am
تەرىپىدىن يوللانغان seyyare
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى يۇمشاق دىتاللار كاتولۇگىنى ئىشلەش ئۈچۈن تىنىمسىز. خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلارغا، كەمىنە سەييارىدىن سالام. پەرھات ئەپەندى ئوتتۇرغا قويغان، كۆپ قىسىم دوستلارنىڭ ئارزۇسى بولغان كاتولۇگ خىزمىتى باشلانغىلى ئۈچ ئاي بولدى.
ھىكمەت ئەپەندى تۈزگەن كاتولۇگ بىتىنى ، يەنىمۇ ئېقتىدارلىق ۋە كۆرنىشىنى كۆركەملەشتۈرۈپ چىقسا. پەرھات ئەپەندى تۈزۈپ بولغان كاتولۇگ نىڭ رەسمي نۇسخىسىدىن بىر-ئىككىنى مەزكۇر تور بەتكە تەمىنلەپ بەرسە.
(ھىكمەت ئەپەندى. مەن پەرھات ئەپەندىگە يوللاپ بەرگەن كاتولۇگ لاھىيسى بويىچە تور بەتنى رەتلەپ چىقسىڭىز ، قانداق؟ كۆرنىشلىرىگە ئىمكان بار رەسىم ئىشلەتمەي. رەڭ ئارقىلىق كۆركەملەشتۈرسەك. )
پەرھات ئەپەندى: مەن قىلىشقا تىگىشلىك خىزمەت بولسا ئېلخىتىمگە يولانما يوللىسىڭىز بولىدۇ.
سالام بىلەن
سەييارە (سەيياھ)
2008-1-21

يېزىلغان: دۈيشەنبە يانۋار 28, 2008 11:32 am
تەرىپىدىن يوللانغان hekmat
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ،
مەن پەرھات ئەپەندىنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرى ئاساسىدا كاتالوگنىڭ ئىشىنى مەلۇم دەرىجىدە پۈتتۈرگەن بولدۇم، لېكىن يەنىلا يېتەرسىزلىكلەردىن خالىي ئەمەس،شۇڭا كاتالوگ تورغا چىقىرىلغاندىن كېيىن تورداشلار پىكىرلىرىنى ئايىماي بەرسە، بىز تىرىشىپ ئۆزگەرتسەك دىگەن ئۈمىددىمەن.
سالام بىلەن
ھېكمەت
2008-يىل 28-يانۋار

يېزىلغان: چارشەنبە يانۋار 30, 2008 3:30 am
تەرىپىدىن يوللانغان Computer
بوپ قويىدىكەن.
تەكلىۋىم: چۈشۈرۈلۈش قېتىمى، تەۋسىيە دەرىجىسى (5يۇلتۇز دەرىجىلىك رەسىم ئورنى)، شۇ بەتكە يوللىغۇچى نامى، كاتالوگقا قىتىلغان ۋاقتى، دىگەنلەردىن مۇۋاپىقىنى ئويلىشىپ كۆرسىڭىزلەر.