<< ئۆزلۈك ۋە كىملىك >> كىتابىدىكى ۋارىس ئەپەندى ھەققىدىكى ئۇزۇندىلەر

كومپىيۇتېر ۋە كومپىيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرگە پايدىلىق بولغان ئۇچۇر ماتېرىياللار يوللىنىدۇ ۋە تونۇشتۇرىلىدۇ.
TwoSak
يازمىلار: 26
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 10:44 am
ئالاقىلىشىش:

<< ئۆزلۈك ۋە كىملىك >> كىتابىدىكى ۋارى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان TwoSak » شەنبە يانۋار 05, 2008 12:54 pm

ukij جەمئىيىتىنىڭكى ئالدىنقى نوۋەتلىك رەئىسى ۋارىس جانباز ئەپەندىنى بۇ تور پونكىتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەن ھەر قانداق كىشى بىلىمىز . ۋارىس جانباز ئەپەندى ھەققدىكى سۆھبەتتە ئوزى توغرىسىدا بىر قىسىم چۇشەنچىلەرنى بەرگەن . تۇۋەندە مەن ئەسەت سۇلايمان ئەپەندى يازغان ، كوپ خىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن << ئۆزلۈك ۋە كىملىك >> كىتابىدىكى ۋارىس جانباز ئەپەندى توغرىسىدىكى بىر قىسىم ئۇزۇندىلەرنى تورداشلارغا سۇنماقچى . بۇ ئۇزۇندىلەر كىتابنىڭكى يىگىرمە تۆتىنچى بابى بولغان '' پارىژغا بېرىش : فرانسىيىگە نىمە بولدى ؟ '' دىن ئىلىنغان :
...
مەن بېلەتنى زاكاز قىلىپ بولۇپلا پارىژدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر يىگىت ۋارىسقا خەت يازدىم . ۋارىس شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپيۇتېر ئىلمى ئىنستىتۇتىدا ماگىستىرلىق ئاسپىرانتلىقىنى تاماملىغاندىن كېيىن پارىژ خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتاتتى . ئىككى كۈندىن كېيىن ۋارىستىن جاۋاب خەت كەلدى . ئۇ خېتىدە بىز ئۈچۈن پارىژدىكى بىر خۇسۇسىي مېھمانخانىدىن ياتاق زاكاز قىلىپ قويغانلىقىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ بىزگە ھەمراھ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ . مەن يەنە ئۇنىڭغا رەھمىتىمنى بىلدۇرۇپ خەت يازدىم .
...
ئاپتوۋۇز تارچوق كوچىلاردىن ئۆتۈپ ، شەھەرنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى قاتناش بېكىتىگە كېلىپ توختىدى . بىز يولۇچىلار بىلەن بىللە نەرسە - كېرەكلىرىمىزنى يىغىشتۇرۇپ ئاپتوبۇستىن چۈشتۇق . دېيىشكىنىزدەك ۋارىسجان بېكەتتە بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن ، ئۇنى كۆرۈپ تولىمۇ خۇشال بولدۇق .
- ئەسسالام ، خۇش كەپسىلەر ، ھامىغانسىلەر !
- خۇداغا شۈكۈر ، تىنچ - ئامان كېلىۋالدۇق !
ۋارىسجان خۇش پېئىل ، ئوچۇق مىجەزلىك يىگىت ئىدى . ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپىيۇتېر ئىلمى فاكۇلتېتىدا ماگىستىر ئاسپرانتلىقى بويىچە ئوقۇۋاتقىنىدا سىرتتىن تونۇشاتتۇق . بۇ يىل 5 - ئايدا ستوكھولمغا ئوينىغىلى بارغىنىدا بىللە بولغانىدۇق .
...
نېمىلەرنى ئويلاۋاتىسىز ، دەرياغا قاراپ جىمىپ كەتتىڭىزغۇ ؟
ۋارىسجاننىڭ ئاۋازى مېنى خىياللرىمدىن ئويغاتتى . مەن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم - دە، ئۇنىڭدىن قايتۇرۇپ سورىدىم :
- بۇ دەريا قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرى ۋە ئىجادىيەت ئىلھامىنى قوزغىغاندۇ ؟ ئۆز دەۋرىدە بالزاك ۋە مۇپاسسانلار بىز تۇرغان مۇشۇ قىرغاقتا تۇرۇپ نېمىلەرنى ئويلغاندۇ ؟ مەن مۇشۇ تۇرقىدا ئلفونېس داۋدېتنىڭ << ئاخىرقى دەرس >> ناملىق ھېكايىسىنى ئويلاپ قالدىم .
- ھەي ، ئدەبىياتچى دېگەن ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشىمايدۇ - دە، - دىدى ۋارىسجان كۈلۈپ تۇرۇپ ، - مەن سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىزنى چۈشىنىۋاتىمەن ، شەخسەن ئۆزۈممۇ پارىژغا دەسلەپ كەلگەن چاغلىرىمدا خۇددى سىزدەك ھېسسىياتتا بولغانىدىم . ھەممە نەرسىگە قىزىقىش ۋە ھاياجان ئىلكىدە قاراپ يۈرگەنىدىم . لېكىن پارىژنىڭ سۈر - ھەيۋىتى ۋە سەنئەت گۈزەللىكى بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئادەمنى يىغلىتىدىغان رەھىمسىز رېئاللىقىنىڭمۇ مەۋجۇتلىقىنى ئاستا - ئاستا چۈشىنىپ يەتتىم . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىراش ھايات رىتىمى ، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ۋە ئۆگىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ كۆپلۈكى مېنىڭ ىىيال سۈرىدىغان بوش ۋاقىتلىرىمنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلدى . ھازىر مەندە ھەننىۋا پارىژلىقلارغا ئوخشاشلار كۆز ئالدىمدىكى شەھەر بوشلۇقىغا نىسبەتەن ئۇزاق مەزگىللىك كۆنۈشتىن شەكىللەنگەن بىر خىل بىپەرۋا كەيپىيات مەۋجۇت . لېكىن شۇنداقتىمۇ فرانسۇزلارغا ئوخشاش رومانتىكىلىقنى تامامەن ئۇنتۇپ كەتمىدىم .
كۈن كەچ بولۇپ قالغانىدى . ئۇپۇققا باش قويغان قۇياشنىڭ قىزغۇچ نۇرلىرى سېنا دەرياسىنىڭ تىنىچ يۈزىدە يالتىرىماقتا ئىدى . بىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ دەريا قىنىنى بويلاپ ماڭدۇق . پۇت - قوللىرىمىز ئارام تېپىپ خېلى ھاردۇقىمىز چىقىپ قالغانىدى . ۋارىسجان سائىتىگە قاراپ :
- ھازىر بىزنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتقا بارايلى ، مېنىڭ ياتىقىمنى كۆرۈپ بېقىڭلار ، شۇ يەردە تاماق يېگەندىن كېيىن مەن سىلەرنى ئاپىرىپ قوياي . تاماق يېگەچ ئەتىكى پىلانىمىزنى سۆزلىشىۋالايلى ، - دېدى .
بىز ۋارىسجاننىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ دەريا بويىدىن ئايرىلدۇق ، ئاندىن مېتروغا چۈشۈپ پارىژنىڭ شەرقىي تەرىپىگە جايلاشقان پارىژ خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىغا يېتىپ باردۇق . بۇ يەردە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ چوڭراق بىر رايونى ئىدى . كەچلىك تاماقنى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئاشخانىسىدىن يېدۇق . ئاشخانا پاكىز ۋە ئازادە بولۇپ ، فرانسىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ جانلىق بىر كارتىنىسىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى . ۋارىسجان بىلەن سۆزلىشىپ ئەتىكى پائالىيىتىمىز توغرۇلۇق كېلىشتۇرق . كۈندۈزدە ئۆزىمىز ئايلىنىپ مۇزېي ۋە ساياھەت نوقتىلىرىنى كۆرىدىغان بولدۇق . كەچقۇرۇن ۋارىسجاننىڭ يېقىن دوستى ژان دۇئال ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا بارىدىغان بولدۇق .
...
دېگەندەك سائەت 5:00 بىلەن ۋارىسجان بىزنى ئالغىلى كەلدى . مېھمانسارايدىن چىقىپ ، يېقىن ئەتراپتىكى كوچىلارنىڭ بىرىگە كىردۇق . دۇكان ۋە ئاشخانىلار كۆپ قايناق بىر كوچا ئىدى . تۈركلەر ، جۇڭگولۇقلار ۋە ۋيېتناملىقلار ئاچقان دۇكانلار كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى . كوچا بويىدىكى زىچ سېلىنغان ئائىلىلىكلەر ئولتۇراق بىناسىنىڭ بىرىگە كىردۇق . بۇ ئاز دېگەندىمۇ بىر - ئىككى يۈز يىل بولغان كونا بىنا بولۇپ ، پەلەمپەي ۋە ئاسما چىراغلىرىدىن كىلاسسىك ياۋرۇپا بىناكارلىقىنىڭ ئۇسلۇبى چىقىپ تۇراتتى ھەمدە كىشىگە مۇستەھكەم تۇيغۇ بېرەتتى . ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن ئىشلەنگەن سىم تور بىلەن ئورالغان ئالاھىدە لىفىت بىلەن بەشىنچى قەۋەتكە چىقتۇق . بىز ئەزەلدىن بۇنداق ئۆزگىچە لىفىتنى كۆرۈپ باقمىغاچقا ھەممىمىز ھەيران قالدۇق . ژان دۇئال ئەپەندى ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرغانىكەن ، بىزنى كۆرۈپلا راۋان ئۇيغۇر تىلىدا سالام بەردى :
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! خۇش كەلدىڭىزلار ، مېھمانلار ، قېنى ئۆگە كىرىڭلار !
بىز ژان دۇئال ئەپەندى بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۇق . ئۇ پەسكە ئېڭىشىپ قىزىم بىلەن سۆزلەشتى :
- ھە ، ئۇيغۇرىيە قىز ، پارىژ قانداقكەن ، سىز بۇ شەھەرنى ياخشى كۆردىڭىزمۇ ؟
- سىز ئۇيغۇرمۇ ؟ - دەپ قايتىلاپ سورىدى قىزىم دۇئال ئەپەندىدىن - ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلەيدىكەنسىزغۇ !
- شۇنداق مەن ئۇيغۇر ، - دېدى دۇئال ئەپەندى قاقاقلاپ كۈلۈپ ، - ئۇيغۇر بولغاندىكىن ئۇيغۇرچە سۆزلەيمەن - دە !
- ياق ! ... چوقۇم چاقچاق قىلىۋاتىسىز ، ئەمىسە ، نېمىشاق كۆزلىرىڭىز كۆپكۆك خۇددىي چەت ئەللىكلەردەك !
ھەممىمىز قىزىمنىڭ گېپىدىن كۈلۈشپ كەتتۇق . ژان دۇئال ئەپەندى يەنە قىزىم بىلەن قېرىشتى :
- قاراڭ قىزچاق ، فرانسىيىدە مەن چەت ئەللىك ئەمەس ، بەلكى سىلەر چەت ئەللىك ھىساپلىنىسىلەر ، شۇنداق ئەمەسمۇ ؟
- لېكىن ، لېكىن بىزنىڭ يۇرتىمىزدا سىزگە ئوخشاش سېرىق چاچ ، كۆزى كۆك ئادەملەرنى چەت ئەللىك دەيمىز ، سىز راستتىنلا چەت ئەللىك ئەمەسما ؟
- ئۇ دېگەن جۇڭگو - دە ، جۇڭگوغا بارساق ئەلۋەتتە بىزنى چەت ئەللىك دەيدۇ ، سىلەر بۇ يەرگە كەلسەڭلار بىز سىلەرنى چەت ئەللىك دەيمىز !
- ھە مۇنداق دەڭ ! ئەمدى چۇشەندىم ، سىز ئۆزىڭىز ئۇيغۇر ئەمەس ، لېكىن ئۇيغۇر تىلىدا ياخشى سۆزلىيەلەيسىز ، شۇنداقمۇ ؟
- شۇنداق ، توغرا دېدىڭىز ، ئەقىللىق قىزكەنسىز !
ژان ئەپەندى قىزىم بىلەن سوزلەشكەچ بىزنى مېھمانخانىغا تەكلىپ قىلدى . دۇئال ئەپەندىنىڭ ئۆيى پارىژغا نىسبەتەن چوڭ ھەم ئازادە ھېسابلىنىدىغان ئۆي ئىدى . ھۇجرا ئۆيلەر ئۇنچىلىك چوڭ بولمىسىمۇ ، لېكىن ئەپلىك ۋە يارىشىملىق قىلىپ لايىھلەنگەنىدى . ئۆي جاھازلىرى ۋە تۈرلۈك زىننەت بۇيۇملىرىدىن بۇ ئۆينى ئادەتتىكى تۇرالغۇ جاي دېگەندىن كۆرە بىر كىچىك مۇزېي دېيىش توغرا ئىدى .
- قېنى ئازادە ئولتۇرۇڭلار ، ئۆز ئۆيۈڭلەردەك ھېس قىلىڭلار ، مەن شىنجاڭغا كۆپ بارغان ، ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندوستلۇقىنى ئوبدان بىلىمەن ، بۈگۈن كەچلىك تاماقنى بۇ يەردە يەيمىز . ۋارىسجان بىلەن مەسلىھەتلىشىپ توخۇ قوردىقى قىلىدىغان بولدۇق ، سىلەر ئۈرۈمچىدە خەنزۇچە ئاتالغۇسى بويىچە << داپەنجى >> دەيدىكەنسىلەرغۇ !
-رەھمەت ، مەن ياردەملىشەي ، - دېدى ئايالىم ئورنىدىن تۇرۇپ .
- بوپتۇ ، ۋارىسجان بىلەن خانىم توخۇ قوردىقى قىلىشقا مەسئۇل بولسۇن ، بىز سۇلايمان ئەپەندى بىلەن بىردەم پاراڭلىشىۋالايلى .
ژان دۇئال ئەپەندى ئېگىز بوي ، گەۋدىلىك كىشى ئىدى ، ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى راخمان ژال دۇئال بولۇپ ، ئۇ خەنزۇچىنى سۇدەك سۆزلەيتى . ئۆزىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىگە قارىغاندا يىلدا نەچچە قېتىم ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن جۇڭگوغا بېرىپ تۇرىدىكەن . بولۇپمۇ فرانسىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەمەلدارلىرى جۇڭگونى زىيارەت قىلغاندا دۇئال ئەپەندىمۇ خەنزۇ تىلى تەرجىمانى بولۇپ جۇڭگوغا كۆپ قېتىم بارغانىكەن . ئۇ ھەتتا بىر قېتىم كانادا زۇڭلىسىغا خەنزۇچە تىلى تەرجىمانى بولۇپ جۇڭگوغا بارغانىكەن . شىنجاڭغا 80 - يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ كۆپ قېتىم بارغان بولۇپ ، ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە نىسبەتەن چوڭقۇر قىزىقىشى ۋە ئىشتىياقى بار ئىكەن . شۇڭلاشقا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ خېلى پۇختا ئىگىلەپتۇ . بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە كىتاب - ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىش سەۋىيىسى خېلى يۇقىرى ئىكەن ، لېكىن ئۇيغۇر تىلىدا داۋاملىق سۆزلەش مۇھىتى بولمىغاچقا ئادەتتىكى سالام - سەھەت سۆزلىرىدىن باشقا بىۋاسىتە سۆزلىشىشتە بىر ئاز قىينىلىدىكەن .
دۇئال ئەپەندى فرانسۇزلارغا خاس ئوچۇق - يورۇق ۋە يۇمۇرلۇق تۇيغۇغا باي كىشى ئىدى . ئۇنىڭ ھەر بىر جۈملە سۆزلىرىدىن يۇمۇر تۆكۈلۈپ تۇراتتى . بىز بىردەم ئىنگلىزچە ، بىردەم خەنزۇچە قىلىپ ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەشتۇق . مەن ھەتتا دۇئال ئەپەندىنىڭ خەنزۇچە تەلەپپۇزىنىڭ ياخشىلىقىدىن ئۆزۈمنى چېنىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم .
- مۇنداق قىلايلى ، تاماق پىشقىچە مەن سىلەرگە مېنىڭ بۇ كىچىك دۇنيايىمنى زىيارەت قىلدۇراي ، قېنى ، ئۇيغۇرىيە قىز ئۈستىگە چىقايلى .
قىزىم بىلەن ئىككىمىز دۇئال ئەپەندىنىڭ كەينىدىن ئگىشىپ ماڭدۇق . ئۇ ياندىكى كارىدورغا چىقىپ بىر بالداقنى تارتقانىدى ، ئۈستۈكى قەۋەتكە چىقىدىغان بىر يىغام پەلەمپەي پەسكە سىيرىلىپ چۈشتى . مەن شۇ چاغدىلا بۇ ئۆينىڭ ئۈستىدە يەنە بىر قەۋەت بارلىقىنى بىلدىم . ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ لايىھىلىنىشىدىكى بۇ خىل ئەپچىللىك ۋە قۇلايلىق مېنى ھەيران قالدۇردى . دۇئال ئەپەندىنىڭ كەينىدىن يىغما پەلەمپەي ئارقىلىق ئۈستىگە چىقتۇق . يائاللا ! كۆزلىرىم ئالىچەكمەن بولۇپ كەتتى ... پۈتۈن ئۈستۈنكى قەۋەت گويا بىر فولكلور ۋە سەنئەت مۇزېيىنىڭ ئۆزى ئىدى ! يەردە تۈرلۈك گىلەم - زىلچىلەر ، تامدا ھەر خىل ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەكلەر ، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ، زىننەت ماتېرىياللىرى ، ئىشقىلىپ ئوتتورا ئاسىيا ۋە يىپەك يولى بويلاپ ياشىغان خەلقلەرنڭ ئەنئەنىۋى فولكلور ئۈلگىلىرىنىڭ ھەممىسى بار ئىدى .
مانا بۇ مېنىڭ كىچىك جەننىتىم . مەن ھەر قېتىم شەرققە ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭغا بارغىنىمدا مۇشۇنداق قول ھۈنەر ۋە سەنئەت بۇيۇملىرىنى يىغىمەن ، ساقلايمەن ، ئۇلاردىن ھۇزۇرلىنىمەن . مەن شۇنداق ئادەم .
- مەن ئۆز كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ، - دېدىم ئەتراپىمغا ھايرانلىق بىلەن قاراپ ، - پارىژغا كېلىپ دۇنياغا داڭلىق مۇزېيلاردىن باشقا يەنە سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە بىزنىڭ يۇرتىمىزغا دائىر مۇنداق مەخپىي بىر فولكلور مۇزېيىنىڭ بارلىقى مېنى راستتىنلا ھەيران قالدۇردى . شۇنچە كۆپ ئەۋرىشكىلەرنى قاچانمۇ يىغىپ بولغانسىز ؟
- بۇ مېنىڭ قىزىقىشىم ، بۇلارنى خۇددىي چۈمۈلە توختىماستىن دان يىغقاندەك بىر تال - بىر تالدىن يىغىپ توپلىدىم . ھەر قېتىم ئوتتۇرا ئاسىياغا ، بولۇپمۇ شىنجاڭغا بارغىنىمدا كۆزلىرىم مۇشۇ نەرسىلەردىلا بولىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار سەنئەتكە ئەڭ باي خەلقسىلەر ، سىلەرنىڭ قولۇڭلار قەلەم توختىمىغان بىلەن ھۈنەر - سەنئەت تاشلانماي داۋاملىشىپ كەلگەن خەلقسىلەر . شۇڭلاشقا ئۆز دۇنيايىڭلارنى ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى ئارقىلىق ئىپادىلەپ كەلگەنسىلەر .
...
دۇئال ئەپەندى يەنە بىر كىچىك ئۆيىدىكى ئەينەكلىك ئىشكاپىنى ئېچىپ كۆرسەتتى . بۇ ئىشكاپنىڭ ئىچى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك باش كىيىملىرى بىلەن تولغانىدى . ئۇنىڭدا شىنجاڭدىكى ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئەر - ئاياللار دوپپىلىرى ، تۇماقلار ، قۇلاقچىلار ، لېچەك - ياغلىقلار ، ھەتتا كېرىيىنىڭ كىچىك تەلپىكىگىچە رەتلىك تىزىقلىق تۇراتتى . ئىككىنچى ئىشكاپتا شىنجاڭدا ئىشلەنگەن يەرلىك پىچاقلارنىڭ تۈرلۈك نۇسخلىرى تىزىلغان ئىدى . ئۈچىنچى ئىشكاپتا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىشلەنگەن ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەكلەر ، بولۇپمۇ كەشتە ۋە گۈل ئىشلەنگەن قويۇملۇق تونلار ئېسىلغانىدى . بۇلاردىن باشقا بۇ ئۆيدە يەنە ئاتا ۋە باشقا ئۇلاغلارنىڭ ئېگەر - جابدۇقلىرى ، تۈرلۈك قامچىلار ، خۇرجۇنلار ، مەسە - كالاچ ، پوتا - بەلۋاغ ، ھاۋانچا ، ئاپتۇۋا - چىلاپچا قاتارلىق تۈرلۈك - تۈمەن تۇرمۇش بۇيۇملىرى رەت - تېتى بىلەن تىزىلغان ئىدى . مەن بۇ نەرسىلەرنى كۆرۈپ شىنجاڭدىكى ھەر قانداق بىر فلكلور مۇزېيىدا ، ھەتتا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فولكلور مۇزېيىدىمۇ بۇنچىلىك بۇيۇملارنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلدىم توۋا ، پارىژدا تۇرۇپ يۇرتىمىزنىڭ مەدەنىيەت ۋە فوكلور بايلىقلىرىنى كۆرۈش ، يەنە كېلىپ ئادەتتىكى بىر شەخسنىڭ ئائىلە مۇزېيىدىن بۇنچىلىك كۆپ نەرسىلەرنى كۆرۈش ھەر قانداق ئادەمنى ھاياجانغا سالمامدۇ !؟...

...
ۋاقىت خېلى كەچ بولۇ پكەتكەنىدى . بىز دۇئال ئەپەندى بىلەن خوشلىشىپ مېھمانسارايغا قايىتتۇق . ۋارىسجانمۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ياتىقىغا قايىتتى . ھاۋا تۇتۇلۇپ يەنە يامغۇر يېغىشقا باشلىدى . دۇئال ئەپەندىنىڭ لۇغىتى مېنىڭ خىياللىرىمنى خېلى ئۇزۇنغىچە ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالدى .
ئەتىسىدىن باشلاپ يەنە پارىژدىكى كۆرىدىغان جايلارنى ئايلىنىپ كۆردۇق . سودا سارايلارنى ھەتتا ئەتىر بازىرىنىمۇ ئايلىنىشقا ۋاقىت چىقاردۇق . پارىژدىكى بىر ھەپتىمىز ئەنە شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى . 9 - ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن ستوكھولمغا قايتىدىغان بولغاچقا << ۋېينا >> سارىيىدىن ئەتىگەندىلا ھۋساباتىمىزنى ئۈزۈپ ، نەرسە - كېرەكلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتتۇق . دۇئال ئەپەندى نەرسىلىرىمىزنى ئۆز ئۆيىدە قويۇپ تۇرۇشىمىزنى ئېيىتتى . شۇ كۈنى دۇئال ئەپەندى بىزنى ئۆيى ئەتراپىدىكى بىر تۈرك رېستورانىدا مېھمان قىلدى . ۋارسجان ئاپتوبۇس بېكىتىگە قەدەر ىزنى ئاپىرىپ قويدى . ۋارىسجان بىلەن خوشلىشىدىغان چاغدا تۇيۇقسىزلا چېلەكلەپ قۇيغاندەك يامغۇر يېغىپ كەتتى . ھەمىمىمىز ھۆل بولۇپ كەتتۇق . بىز ئايرودرومغا بارىدىغان ئاپتوبۇسقا چىقىۋالغاندىن كېيىن ۋارىسجان چاقچاق قىلىپ بىز بىلەن خوشلاشتى :
- خەير ، قېرىنداشلار ، ئامان بولساق كۆرۈشەرمىز ، سىلەرنى پارىژ يامغۇر بىلەن كۈتۈۋېلىپ ، يەنە يامغۇر بىلەن ئۇزىتىپ قويىدىغان بولدى ! ...
ئاپتوبۇس قوزغالدى . بىز قول پۇلاڭلىتىپ بۇ ئاق كۆڭۈل يگىت بىلەن خوشلاشتۇق .يامغۇر تۇمانلىرى ئىچىدە ۋارسجاننىڭ گەۋدىسى كۆرۈنمەي قالدى .

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: TwoSak ، ۋاقتى: 2008-1-5 18:56 [/i]]



Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » يەكشەنبە يانۋار 06, 2008 7:36 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيلۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار،

دوكتۇر ئەسەت سۇلايمان ئەپەندى ئائىلىسى بىلەن پارىژدا ساياھەت قىلغاندا ئۇلارغا ھەمراھ بولغانىدىم. ئەمما پېقىرنىڭ << ئۆزلۈك ۋە كىملىك >> ناملىق بۇ ساياھەت خاتىرىسىدە تىلغا ئېلىنىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن... ئەسەت سۇلايمان ئەپەندىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەتقىقات ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن. ئاخىرىدا، فرانسىيەگە كېلىدىغان ھەر قانداق قېرىندىشىمىزنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈمەن.

ئىنكاس يوللاش

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار