[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • ئۇيغۇرچە دىتاللار كاتالوگ سىستىمىسى پۈتتى!
جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

ئۇيغۇرچە دىتاللار كاتالوگ سىستىمىسى پۈتتى!

يېزىلغان: جۈمە فېۋرال 01, 2008 11:40 am
تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k
[size=5][align=center]ئۇيغۇرچە دىتاللار كاتالوگ سىستىمىسى پۈتتى![/align][/size]

[size=3]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك،
كاتالوگ پروگراممىسى توردىشمىز ھېكمەتنىڭ ئەجرى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىپ، بىر نەچچە قىتىم سىناش، ئۆزگەرتىشلەردىن كىيىن بۈگۈندىن ئىتىبارەن رەسمىي ئىشقا كىرىشتى.

پايدىلىنىش مەنزىلى:
[url=http://www.ukij.org/catalog/]http://www.ukij.org/catalog/[/url]

([url]http://www.ukij.org[/url] باش بەت ئۈستىدىكى [url=http://www.ukij.org/catalog/]كاتالوگ[/url] ئۇلانمىسى ئارقىلىق پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.)

دىتاللار دىتال يىغىش تىيمىسىغا چۈشكەن ئىنكاس دىتاللارغا ئاساسەن كاتالوگقا قوشۇلىدۇ. [url=http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=173]دىتال يىغىش تىيمىسىغا[/url] تورداشلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ دىتال يىغىش خىزمىتىگە يىقىندىن ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمد قىلىمىز.

[color=Purple]ئەسكەرتىش:[/color] دىتال ئۇچۇرىدا دىتالنىڭ ئىشلەنگەن ۋاقتى ۋە يىڭىلانغان ۋاقتى قاتارلىقلاردا ئاي كۈنى ئىنىق بولمىغان دىتاللارغا بىردەك شۇ يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى قىلىپ توشقۇزۇپ قويۇلدى، ئىنىق ۋاقتىنى بىلىدىغان تورداشلارنىڭ [url=http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=173]دىتال ئۇچۇرىنى يىغىش تىيمىسىغا[/url] ئىنكاس قايتۇرۇشىنى ياكى بولمىسا ئىلخەت يوللىشىنى ئۈمد قىلىمىز، رەھمەت.

ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى
2008-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنى [/size]
[img]http://www.ukij.org/munber/images/default/logo.gif[/img]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Perhat_k ، ۋاقتى: 2008-2-2 08:24 [/i]]

يېزىلغان: جۈمە فېۋرال 01, 2008 2:39 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Omar14
ھەي بۇ بەتنىڭ ئىقتىدارى سەل كەمچىل بوپ قالدىمۇ قانداق !
بۇ بىر كاتالوگ بولغانىكەن، مەنچە بىر دىتالغا نىسبەتەن بىر بەت يۈزىدىكى كىچىككىنە بىر كاتاكچە ئاجرىتىپ ئۇيغۇرچە دىتالكلارنى توپلاشقا نىسبەتەن كىچىكلىك قىلىدۇ !
ئەسلى بۇ پىكىرنى بۇرۇن بەرمەكچى ئىدىم (پەقەت تور پىروگراممىسىغا نىسبەتەن دىمەكچى) ۋاقتىم قىس بوپ قىلىپ پىكىرى بىرەلمىدىم .
مەنچە بۇ سىستىمىدا بولۇشقا تىگىشلىك ئىقتىدار
1.مەلۇم بىر دىتالغا نىسبەتەن شۇنىڭ ئۇلىنىشىنى باسقاندىن كىيىن ئايرىم بىر بەت ئىچىلىپ شۇ بەتتە بۇ دىتالنىڭ تەپسىلى چۈشەندۈرلىشى (ئەلۋەتتە بىر دىتال ياسىغانىكەنمىز ئۇنىڭ چوقۇم چۈشەندۈرلىشى بولىدۇ .چۈنكى پروگراممىر نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرىدۇ ئەمەسمۇ، ) .
بۇ بەتتە يەنە مۇشۇ دىتالنىڭ ئاساسلىق كۆرنۈش رەسىملىرى بولىشى .ئەگەر تەمىنلىگۈچى خالىسا شۇ يۇمشاق دىتالنى تۈزۈشتە ئىشلەتكەن پروگرامما تىلى ئەسكەرتىلىشى كىرەك (بۇ ئۆگەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن چوڭ ياردەمچى بولىدۇ ) .
2.بۇ سىستىمىدا يەنە يۇمشاق دىتال تۈزگۈچىلەر ئۆز دىتالىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلالايدىغان بولىشى كىرەك . خۇددى ئادەتتىكى تور بىكەتلەردە زىيارەتچىلەر سۆز قالدۇرغاندەك ئۆز دىتالىنى كاتالۇگقا قوشۇش توغۇرلۇق ئىلتماس قىلالىشى (بۇنى يەنە بۇنىڭغا ئوخشىتىش مومكىن يەنى بىكەتلەردىكى ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش) . بۇنداق قىلىشىمىزدىكى مەقسەت كاتالوگ باشلىقلىرى ھەممە دىتالنى ئۆزلىرى يىغىپ بولالمايدۇ ،ھەممىسى ئۇ ك ئى ج غا تېما يىزىپ بولالمايدۇ ، مۇشۇ كاتالوگ توغۇرلۇق باشقا بىكەتلەردە ئىلان بىرىۋەتسەك دىتال ياسىغۇچىلار ئۆزلىرى ئىلتىماس قىلسا تىخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرچە دىتاللارنى يغقىلى بولىدۇ .
3.مۇكەممەل بولغان ئىزدەش ئىقتىدارى بولىشى كىرەك! بۇنداق بولغاندا باشقىلارنى دىتال چۈشۈرىشىگە تولىمۇ قۇلايلىق بولىدۇ ! ئۆز نۆۋىتىدە بۇ كاتالوگىمىز ئۇيغۇرچە دىتال چۈشۈرۈش ھەقلىقلىرىگە نىسبەتەن ياخشى بىر سودا ئالاقىسىنىڭ ياردەمچىلىك رولىنى ئۆتەپ خەلقىمىزگە قۇلايلىق يارتىپ بەرسىمۇ مەيلى !


ئەمدى بۇ تەلەپلەرنى پروگراممىدا ئورۇندا دىسە ئۆزۈممىغۇ قىلالمايمەن ! ھىكىمەت ئەپەندىنىڭ شۈنچىلىك قىلغىنىغىمۇ تەشەككۈر ! ئەگەر تورداشلار مۇۋاپپىق كۆرسە مۇشۇ تەلەپلەرنى ئاساسى جەھەتتىن ھازىرلىغان ~ سىستىمىدىن بىر نى ئۆزلەشتۈرۈپ چىقساق بولىدۇ ! بۇنىڭ بىر مۇكەممەل بولغان بىر چۈشۈرۈش سىستىمىسىنى ئۆزگەرتىپ ئۆزلەشتۈرۈپ چىقساق مىنىڭچە بولامىكىن دەيمەن !

يېزىلغان: شەنبە فېۋرال 02, 2008 2:40 am
تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k
تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلۈشى ـــ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلۈشى دەل سىز دىگەندەك رەسىملىرى بىلەن قوشۇپ چۈشەندۈرۈش تەييارلغان (ياكى تىپىلغان) ئىدى. تولۇقلانغاندىن كىيىن، باشقا ئۇچۇرلار قىسمىغا ئۇلانما قىلىنىدۇ.

ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ تۈرلەر بويىچە كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
كۆرسىتىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ بارلىق دىتاللار كۆرۈنىدۇ. چۈشۈرۈشكە قولايلىق.
كۆپلىگەن دىتاللارنىڭ يەنە نۇرغۇن ئۇچۇرلىرى كەمچىل، بۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇش دىگەندەك ئالاقە توغۇرلۇق ئۇچۇرلار بولسا مانا [size=4]مۇشۇ كەڭ سورۇن[/size] دەل ئۇلارنىڭ سۆز قالدۇرۇش، پىكىرلىشىش، سورۇنى بولالايدۇ، دەپ قارايمەن.

كاتالوگ بىتى يۇقارقىدەك پۈتۈپ ھاجىتىمىزدىن نىسبەتەن ياخشى چىقالايدۇ، دەپ قارايمەن.
يەنىمۇ ياخشى لايىھە، توغىرىسىنى ئىيتقاندا نەتىجە قاچان ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، بۈگۈنمۇ؟ ئەتىمۇ؟ يىرىم يىلدىن كىيىنمۇ؟ ياكى بىر يىلدىن كىيىنمۇ؟ ياكى بىر ئەسرىدىن كېيىنمۇ؟ بۇنى ھىچكىم بىلمەيدۇ.
بۇ ئىش تېخمۇ راۋرۇس، ھەممە رازى بولغۇدەك قىلىپ، نەتىجە مەيلى قايسى ۋاقىتتا، قايسى ئەسىردە ۋۇجۇدقا چىقسا مۇشۇ مۇنبەردە كەڭ تاشا مۇنازىر قىلىپ، ھەممە « ھە راۋرۇس بوپتۇ، » دەپ قارالسا كاتالوگنىڭ 2.0نەشىرى قىلىپ شۇنىڭغا تولۇقلانسا بولىدۇ. ئۇچاغدا يەنە كاتالوگنىڭ يۇقارقى 1.0 نەشىرى شۇ كاتالوگ ئۇچۇرىنى تولۇقلاشقا %95ئاساس بولالايدۇ. رەتلەشكە جىق كۈچ، ۋاقىت كەتمەيدۇ.

يېزىلغان: پەيشەنبە فېۋرال 21, 2008 11:38 am
تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997
مەن ئاۋۇ كاتالوگقا ئۆزۈم ئۇيغۇچىلاشتۇرغان بىر قانچە دىتاللارنى قوشاي دېسەم قوشقىلى بولمىدى . قانداق قىلسام بولىدۇ .

يېزىلغان: جۈمە فېۋرال 22, 2008 2:34 am
تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k
قوشماقچى بولغان دىتالىڭىز ئۇچۇرلىرىنى دىتال يىغىش تىيمىسىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرسىڭىز، باشقۇرغۇچىلار كاتالوگ بىتىگە قوشۇپ قويىدۇ.
قانۇنسىز دىتال، ۋىرۇس بار دىتال، لۈكچەك دىتال، ... قاتارلىقلارنىڭ يوللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە قالايمىقان ئۆچۈرۈلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن دىتال قوشۇش، ئۆچۈرۈش، ئۆزگەرتىش مەشغۇلاتلىرىنى خالىغان كىشى قىلالمايدۇ، UKIJنىڭ كۆپ قىسىم دائىمى ئەزالىرى قىلالايدۇ.
دىتال قوشۇشتا UKIJ مۇنبىرىدىكى دىتال ئۇچۇرى يىغىش تىيمىسىدىغا چۈشكەن ئىنكاس ئۇچۇرلارغا ئاساسەن يىغىش، رەتلەش، كۆرۈش، يوللاش مەشغۇلاتى ئىلىپ بىرىلىدۇ.
(خۇددى مۇنبەرلەرنىڭ تىيما تەستىقلاش ئىقتىدارى بىلەن ئوخشايدۇ، دىگەن گەپ.)

يېزىلغان: جۈمە فېۋرال 22, 2008 9:22 am
تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997
بولىدۇ ئەمسە مەن شۇنداق قىلاي . دىتال يىغىش تېمىسىنىڭ ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭز بوپتىكەن . مەن تاپالمىدىميا ؟

يېزىلغان: جۈمە ماي 09, 2008 7:08 pm
تەرىپىدىن يوللانغان adiljan
ئۇنداقتا مەنمۇ ئۆزۈم ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان ھەم تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن بىر قانچا دىتاللار نىقوشۇپ قۇياي

يېزىلغان: جۈمە ماي 09, 2008 7:12 pm
تەرىپىدىن يوللانغان adiljan
مەن دىتاللارنى قوشۇپ قۇياي دىسەم قوشقىلى بولمىدى.
سىزنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىڭىز يوق دەپ ئۇچۇر چىقىۋالدىغۇ؟
قانداق قوشىمىز دىتالنى تەپسىليرەك كۆرسەتمە بېرىۋەتسىڭىز بوپتىكەن.
بۇ بىر ياخشى ئىشكەن