[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • بالىلارغا كومپيۇتېر ئېلىپ بەرسە بولامدۇ يوق!
جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

بالىلارغا كومپيۇتېر ئېلىپ بەرسە بولامدۇ يوق!

يېزىلغان: شەنبە ماي 10, 2008 8:17 am
تەرىپىدىن يوللانغان Newruz
مەن 2000-يىلدىن بۇيان كومپيۇتېر سېتىپ ۋە رېمونت قىلىش جەريانىدا ھېس قىلغىنىم شۇ بولدىكى بالىلارغا ئىقتىساد يار بەرسە چوقۇم ئېلىپ بېرىش كېرەك. قانچە بالدۇر بولسا شۇنچە ياخشى. بەلكىم بۇ سۆزۈم بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن.


قوللاشقا ئېرىشمەسلىكنىڭ سەۋەبلىرى مۇنداق دەپ قارايمەن


1< بالام كىچىك دېگۈچىلەر؛

گەرچە بالىسى كىچىك بولسىمۇ، ئۆزلىرى ئاۋال ئۆگىنىشى كېرەكتە. پەرۋىش قىلىدىغان باغۋەن بولغۇچى ئاتا-ئانا كومپيۇتېرنى ئۆزلىرى ئۇقماي تۇرۇپ كېيىن بالىلىرىغا قانداق ئۆگىتىدۇ؟ قانداق توغرا يولغا باشلايدۇ؟ كۆزى ئوچۇق قارغۇ، 21 -ئەسىرنىڭ بىر ساۋاتسىز ئادىمى تۇرۇقلۇق بالىلارغا قانداق ئۈلگە بولغىلى بولىدۇ؟ لېكىن، كۆپلىگەن ئاتا- ئانىلار ھەمىشە كومپيۇتېر ئۆگىتىش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشى دەپ قارايدۇ. شۇنىسى، بىز شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى بالىنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى بىلمەيدىغان ھالدا كومپيۇتېرنى ئېلىپ بەرگىنىمىزنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ زۆر ئەمەس. مەن بىر مىسال ئېلىپ بەرسەم. مەلۇم ئىقتىسادى كىرىمى ياخشى بىر ئائىلە كىشىلىرى بالىسىغا 2002-يىلى 8000 مىڭ يۈەنگە بىر كومپيۇتېر ئېلىپ بەرگەن ئىدى. شۇ چاغلاردا مەن ئۇلاردىن بەكمۇ مەمنۇن بولغان ئىدىم. ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بىر كۈنى مېنى كومپيۇتېرىنى ئوڭشاپ بېرىشكە چاقىرىپتۇ. مەن بېرىپ ھەيران قالدىم. بالىلىرى كومپيۇتېرنىڭ ئىچىگە ئويۇنلارنى قاچىلاپ توشقۇزىۋېتىپتۇ. نە ئاسراشنى، نە ئۇندىن بۆلەك بىرەر قىممىتى بار بىلىمنى ئۆگەنمەپتۇ. دادىسى ماختىنىپ تۇرۇپ "قاراڭ بالىلىرىم كومپيۇتېرنى بەك بىلىپ كەتتى. كومپيۇتېرنىڭ ئىچىدىكى ئادەملەرنى ئۇياقتىن بۇياققا ماڭدۇرۇپ ئوينىيالايدۇ " دەپ بالىلىرىنى ماختىغىلى تۇردى. ئىككى يىلدا بالىسى پەقەت ئويۇن ئويناشنى. نۇر دېسكىسىدىن ئويۇن قاچىلاش مەشغۇلاتىنىلا بىلىپتۇ. ئويۇن ئويناشقۇ يامان ئىش ئەمەس ئىدى. لېكىن، بالىغا ئويۇن دائىرىسى ۋە ۋاقت چەكلىمىسىنى بىلدۈرمىگەچكە يەنە كېلىپ بالىسىنىڭ ياتىقىغا كومپيۇتېرنى قويۇپ قويغاچقا بالىلار دادىسى ئۇخلاپ قالغاندا ۋە توي-تۆكۈنلەرگە كەتكەندە ئۇزۇن ئولتۇرۇپ ئوينىغاچقا ئۇچ يىلدىن كېيىن، بالىسىنىڭ كۆزىنى ئىككى تۈمەنگە يېقىن پۇل خەچلەپ داۋالىتىپتۇ. ئەسلى بالىنى كىچىك دېمەيلا كومپيۇتېر قانچە بالدۇر ئالسا، شۇنچە ياخشى بولار ئىدى. تولىمۇ ئەپسۇس بالىغا كومپيۇتېرنى ئېلىپ بېرىپ پەرۋىشنى تاشلىۋەتكەنلىك ئىقتىسادى ياربەرگەن ئەھۋالدىمۇ زامانىۋى قارغۇ بولۇپ قېلىپ بالىنى ئەتراپلىق پەرۋىش قىلىشنى ئۇنتۇپ قېلىش تولىمۇ كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان مەسىلىدۇ. تەلەيگە يارىشا بالىغۇ ساقايدى. لېكىن، ساقايماي قالغان بولسا مەڭگەئۈلۇك بۇ ئازاپنى يەنىلا ئاتا-ئانا ئۆزلىرى تارتىدىغان گەپ. ئېسىل سەۋەبلەردىن بىرى شۇكى ئاتا-ئانا بولغۇچى زامانىۋى مەنزىلگە بالىسى بىلەن تەڭ ئىلگىرلەشنى بىلىشى كېرەك. ئەمىلىيەتتە بالا تۇغۇلۇپلا كومپيۇتېر بار ئۆيدە پائالىيەت قىلسا، كېيىن ئېلىپ بەرگەنگە قارىغاندا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى-ھە!


2> بالام ئوقۇشتىن چېكىنىپ كېتىدۇ؛

بۇ نىسپى گەپ. ئۆيىدە كومپيۇتېر بولغاچقا ئوقۇشتىن چېكىنىپ كەتكەن بالىلار بولغىنى بىلەن ئۆيىدە كومپيۇتېرى بار ئەلىيۇل ئەلالارمۇ ئاز ئەمەس. گەپ بىزنىڭ بالىغا قانداق كۆز-قۇلاق بولۇشىمىزدا. ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ پۇل ۋە يىمەك بىلەنلا ئەمەس روھى ئۆزۇقنى ۋە ئۈلگىلىك رولىنى قانچىلىك ئوينىغانلىقىغا باغلىق. بالىنى كۆپتەرەپلىمىلىك كۆپخىل مۇھىتقا ماسلىشالايدىغان، كىشىلەر بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلەيدىغان، ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش روھىغا باي ساغلام چوڭ قىلىشمۇ ئەڭ مۇھىم. بالىغان بىرنى چەكلەپ يەنە بىر مۇھىتنىڭ پايدىلىق تەرىپىنى چەتكە قاقماسلىقىمىز كېرەك.


3> ئەھمىيىتى يوق؛

ئاتا-ئانىلار دائىم ماڭا "بالىلارغا كومپيۇتېر ئېلىپ بەرگەن بىلەن بالىلار ئويۇن ئوينايدىكەن>تور چۈشۈرۈپ بەر، مۇئەللىم توردىن ئىزدەپ كېلىڭلار دەپ تاپشۇرۇق بېرىدۇ< دەپ تور ئويۇنى ياكى قۇرۇق پاراڭ قىلىشىدىكەن" دەپ ۋايسايدۇ. ۋايساشلار داۋامىدا "قاراڭ مەنمۇ كومپيۇتېر بىلمەي جان بېقىۋاتىمەنغۇ" دەيدۇ. مەنچە كومپيۇتېرنى بۇنداق تۇرمۇشىمىزدىن، ئائىلىدىن يىراقلاشتۇرۇپ ئويلاش ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس. ئەينى يىللىرى رەڭلىك تېلېۋىزور توغرىسىدا قارشى پىكىر ئېقىمىدىكىلەرمۇ كۆپ بولغان ئىدى. مانا ھەممىلا ئۆيدە دېگۈدەك بار ئائىلە جابدۇقىغا ئايلاندىغۇ. كومپيۇتېر تېلېفون، چىراغ، ئۈنئالغۇ، رادىيودەكلا ئائىلە ئۇسكىنىسى شۇنداقلا كارخانىلارنىڭ جان تۆمۈرى بولۇپ بىز بارغانسېرى ئۇنىڭغا مەھكەم باغلىنىمىز. ئۇنى ئۆگىنىش قېرى-ياشقا ئوخشاشلا كۈچلۈك شەرت.


4> ئىقتىسادىم يار بەرمەيدۇ؛

مەنچە مىڭ سوم دىن ئۈچ مىڭ سومغىچە پۇل بىرەر خالىس نەزىر قىلغانچىلىك پۇل. مەنچە ئاشۇ مىڭ سوملۇق يانفۇن ئېسىۋالغان ئاتا-ئانىلاردىن بۇنچىلىك پۇل چىقماسلىقىغا مەن ئىشەنمەيمەن. ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار يەنى بالا ئوقۇتۇۋاتقان ياكى ئېغىر كېسەل كۇتكەن ئائىلىلەردىن باشقا.


5< كومپيۇتېرنى قانداق ئېلىشنى بىلمەيمىز، چۈشەنمەيمىز؛

قىممىتىنى ئېلىشقا قارىغاندا ئىقتىسادچىل يەتكۈدەك سەپلىمىدە قۇراشتۇرغاننى ئېلىش ئەڭ مۇۋاپىق. بالىنىڭ كۆڭلىنى ئوبدان قىلاي دەپ "بالىغا ئۇزۇن ئىشتان- جاپان" ئېلىپ بەرگەنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق. قىممەت سۈرەت كارتىسىنى ئېلىشنىڭ، مودا قوغلىشىشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق. بۇ ھەقتە ھەقسىز مۇلازىمىتىمىز بىلەن تەمىنلەيمىز. كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار كۆمپىيۇتېرنى ئېلىپ بولۇپ مەندىن مەسلىھەت سورايدۇ. مەنغۇ كۆمپىيۇتېرنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇسكىنىلىرى ئورۇنلۇق تەلەپلىرى بولسا ئالماشتۇرۇپ بېرىمەن. لېكىن ھەممە كىشىنىڭ ئۇنداق قىلىپ كېتىشى ناتايىن. ئويلاپ باقسام مەن تۇغۇلغاندا ئۆيىمىزدە رادىئو باركەن. شۇڭلاشقىمۇ رادىئونى بەك چوڭمۇ بىلىپ كەتمىگەن ئىدىم. كىچىكىمدىلا رادىئونى ئېچىپ كۆرۈپ باققان ئىدىم ھەم ئۇنىڭ توك يولىنى تېپىپ مۇئەللىم ئوتكەن دەرستىكى مەزمۇنلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرگەن ئىدىم. تېلېۋىزور كۆرىمەن دەپ ماڭغاندەك نەمۇ-نە كىشىنىڭ ئۆيلىرىگە ماڭمىغان ئىدىم. ئەمدىكى بۇ كۈندە بالىلارغا قۇربىمىز يىتىپ تۇرۇپمۇ ئادەتتىكىدەك كومپىيۇتېردىن بىرنى ئېلىپ بېرەلمەسكىكىمىزگە قەتئىي ئىشەنمەيمەن.


ساقلانغان مەسىلىلەر


سېتىۋالغاندا ياخشىراق مۇلازىمەت شىركىتىنىمۇ تاللاش كېرەك. بالىلارغا يۈرەكلىك مەشغۇلات قىلىشقا يول قويماسلىق. " بۇزۇلۇپ قالىدۇ" دەپ بالىنى دەككە-دۈككە قىلىپ ئۇ يەر بۇ يېرىنى كۆرۈپ بېقىشقا ئىلھاملاندۇرماسلىق. بالىلار ئىچىنى كۆرۈپ بېقىش نىيىتىدە ساندۇقىنى ئاچقام بولسا، ھەتتا بۇزۇپ قويغان بولىمۇ بالىغا ئاچچىقلاپ بالىنىڭ ئەمدىلا قوزغالغان ھەۋىسىنى بىخ ھالىتىدىلا تۇنجۇقتۇۋەتمەسلىك كېرەك. مەن كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنىڭ يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ تۇرۇپ ئالدىدىكى نەچچە يۈز يۇئەنلىك پۇلنى دەپ ئاچچىقلانماسلىقى بالىنىڭ ھەۋەس، ئارزۇ، كىشىلىك كەسپىي قىزىقىشىنىڭ بالدۇر يېتىلىشىگە يىتەكچى بولۇشى ھەمدە مەلۇم ئىقتىسات ئاجرىتىپ قوللىشى كېرەك. كېيىن، ئالىي مەكتەپكە ماڭغان بالىغا نەچچە ئون مىڭ يۇئەن خەچلەپمۇ بالىغا مەلۇم كەسىپكە زۆر ئىشتىياق باغلىيالىغان ئۆز نېنىنى ئۆزى يىيەلەيدىغان قىلىپ تەربىيەلىگىلى بولمايدۇ. نەتىجىدە بالىنى ئوقۇتىمەن، كەسىپ تاللاپ بېرىمەن، تونۇش ئىزدەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمەن، ئۆي ئېلىپ بېرىمەن دىگەندەك بىرقاتار خىجالەتچىلىكلەردىن خالاس بولالماي بالا ئۈچۈن بىر ئۆمۈر بىھۈدە)ئولچەمدىن سىرت( پاي-پىتەك بولىدىغان گەپ.ئادەتتە مەن كومپيۇتېر ساتسام "سۇ قۇيۇۋەتمىسىڭىز، يەرگە ئۇرۇپ چېقىۋەتمىسىڭىزلا بولدى. بىز رېمونت قىلىمىز" دەپ ۋەدە قىلىمىز. لېكىن، بەزى شىركەتلەر ئاۋارچىلىق ياكى بېرىپ توختىماي ياساشتىن قورقۇپ بىرقاتار چەكلىمىلەرنى قويۇپ ئاتا-ئانىلارنى بالىلارغا چەك قويۇشقا قىستاپ قويىدۇ. خاتالاشمىسام بېيجىڭدا يىلدا بىر بەش ياشلىق بالىلارنىڭ كومپيۇتېر قۇراشتۇرۇپ سېستىما قاچىلاش مۇسابىقىسى بارغۇ دەيمەن. مەن تېلىۋىزىيەدىن نەق مەيدان ئۇلىنىشىنى كۆرۈپ "ئىچىمدە ئالىملار تەييار ياساپ قويغان نەرسىنىمۇ ئىشلىتىشنى بىلمىسەك، نىمە دېگەن نومۇس، بەزى ئۆيلەردە تىزنەكنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان كىشىلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس دەپ" ئويلانغان ئدىم.


تورغا ئۇلاشتا مەقسەت ئېنىق بولماسلىق.

بالا "مۇئەللىم توردىن ئىزدەپ تېپىڭلار دەيدۇ" دېگەننى بانا قىلىپ ئاتا-ئانىسىغا تورغا ئۇلاتقۇزۇپ. تورغا ئۇلىغاندىن كېيىن پاراڭلىشىش ياكى كۆپلەپ ۋاقتى، زېھنى، قۇۋۋىتى ۋە پۇلنى ئىسراپ قىلىپ تور ئويۇنى ئويناپ ئەنئەنىۋى ئويۇنلاردىن يىراقلىشىپ بالىلار، خولۇم-خوشنىدارچىلىق، ئۇرۇق-تۇققانلىق ۋە سالام-سائادەت ئەنئەنىنى ئۇنتۇپ قېلىش بىلەن بىللە بەدەن چېنىقتۇرۇشقىمۇ سەل قاراپ قالىدۇ-دە سالامەتلىككە ئېغىر زىيانلىق يەتكۈزىدۇ. ئالدىدا دەپ ئۆتكۈنۇمدەك بالا كىشىلىك ھايات نىشانىنى، كەسپىنى بالدۇرراق بېكىتىپ بولمىغاچقا ئازغان قېيىقتەك ئۇياق بۇياققا مېڭىپ بېقىپ. ئاتا-ئانىسى ۋە مۇئەللىمى ئۈچۈن ئىمتىھان بېرىش، كۆز ئالدىدىكى ئۆتكەللەرنىلا ئويلاپ قانداق ئادەم بولۇش ئىرادىسىنى يېتىلدۇرمىگەچكە بالا ئاسانلا ئويۇنغا قاتتىق بېرىلىپ ئويۇن ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنى ئالداشتىن ۋە ئوغۇرلۇقچە پۇل ئېلىپ چىقىپ خەچلەشتىن نومۇس قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەسلىغۇ تور ۋە ئويۇن بالىنىڭ ئەڭ زۆر خوشاللىقى ھېساپلانسىمۇ، ئوخشاش ئىشنى تەكرارلاپ ئوينايدىغان ئوينىغانسېرى ئەتىنى قانداق ئادەم بولۇشنى ساۋاغداشلىرى، خوشنىلىرى بىلەن چىقىشىپ ئويناشنى بىلمىگەن، ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ-ئادەتلەرنى ئۈنتىغان ماشىنا ئادەمدەك بالىنىڭ جەمئيەتكە زۆر توھپىسىمۇ بولمايدۇ. ئاتا-ئانىلار " مەلۇم كەسىپكە ماھىر بولماق ئاسان، ئادەم بولماق تەس" دەيدىغان قانۇنىيەتنى ئۈنتۇپ قالماسلىقىمىز. ھەم بالىنى قۇياش بولسۇن دەپ غايىمىز بويىچە بالىنىڭ قىزىقىش ھەۋەسلىرىنى بالىلىق دەۋرىگە دەپنە قىلىۋەتمىگىز لازىم. بالىنىڭ قىزىقىش ۋە ھەۋەسلىرىنى بايقىغان ھامان ئاتا-ئانىلىق بۇرچ ۋە مەسئۇلىتىمىزنى ئىشقا ئاشۇرىشىمىز كېرەك. دېمەك تور دېگەن بىلگەن ئادەمچۈن كەڭرى بىلىم بۇلىقى گەپ ئاتا ئانىلارنىڭ بالىغا ئىلمىي يوسوندا كۆڭۈل بولىشىگە باغلىق.


ئاسىراشنى بىلمەسلىك

كوپىنچە كىشىلەر "كومپيۇتېرنى ئالساقلا ئىش پۇتمەمدۇ" دەپ ئويلايدۇ. ئۇنى ئاسراشنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ۋىرۈسلىرىنى تازلاپ تۇرۇشنى، ھۆججەتلەرنى رەتلىك قىلىپ باشقۇرۇشنى بىلمەيدۇ. ھەم قىزىقىپ ئۆگەنمەيدۇ. ئائىلىنى رەتلىك پاكىزە تۇتقىنىمىزدەك، ئۇنىمۇ ئاسراشنى بىلىشچۈن خىجىل بولماي سورش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى ئۆگۈتۈش يۇمشاق دېتاللىرىنى سېتىۋېلىش كېرەك. ئامال بار يېشىۋەتكەن ساختىلىرىنى ئىزدەپ شۇ شىركەتكە زۆر زىيان سالىمىز. بالىلارغىمۇ يامان كېسەل يۇقتۇرۇپ قويىمىز. بىلىشىمچە ۋىندوۋس سېستىمىسىنىڭ ھەقىقىي نەشرىنى ئىشلىتىدىغان بىرمۇ كىشى بولمىسا كېرەك. ھازىرغۇ ئىقتىسادىمىز ئاجىز دەپ شامالغا باقىمىز. لېكىن ۋاقت ئۇزارغانچە بىزگە بىر يوغان بالايى ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇيغۇر شىركەتلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى مەيدانغا كېلىپ نۇرغۇن ئۇيغۇرچە دەرسلىكلەرنى، يۇمشاق دېتاللارنى ساتتى. لېكىن، ئۇلارنى قوللايدىغان ئادەم ئاز بولماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ئۇيغۇر تىلىدىكى يۇمشاق دېتاللار بازىرىغا ۋە تەرەققىياتىغا يامان ئۆسمە بولۇپ تۆرىلىپ ئۇيغۇر ياشاملىرىغا ئۇزۇن-ئۇزۇنلارغىچە يامان تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.


ۋاقت ۋە پائالىيەتكە نازارەت قىلىش كەمچىلىكى.

بالىنى قانداق ۋاقتتا كومپيۇتېر ئالدىدا مەشغۇلات قىلدۇرۇش، قانچىلىك ۋاقت ئولتۇرۇش، قانداق قىياپەتتە ئولتۇرۇش، بارماقلارنى قانداق ئىشلىتىشقا نىسبەتەن قاتتىق تەلەپ قويۇۋالمىساقمۇ سالامەتلىكنىمۇ ئاسرايدىغان، بىلىمگىمۇ قىزىقىدىغان ياخشى ئادەت يېتىلدۇرۇشكە يېتەكلىشىمىز ۋە ھەمدەمدە بولىشىمىز لازم. "ئۆزەڭ ئوينىۋال، مەن بىلمىسەم" دەپ ئىختىيارىغا قويۇۋەتسەك قەتئىي بولمايدۇ. بۇ ساھەدىمۇ بالىغا ئاتا-ئانىلىق مېھرىمىزنى يەتكۈزىشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. بارا-بارابالىنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن كومپيۇتېرغا ئۇلايدىغان قوشۇمچە ئۇسكىنىلەرنى ئېلىپ بەرسەك بولىدۇ. بىراق، قوشۇمچە ئۇسكىنىلەرنى ئېلىپ بېرىشنىڭ قىسقا قىزىقىشى بىلەن ئۇزۇن مەزگىللىك قىزىقىۋاتقان كەسىپ- ساھەنى بايقاشقا ماھىر بولىشىمىز كېرەك. كومپىيۇتېر بىر ياشتىن يۇز ياشقىچە، شۇنداقلا ھەرقانداق كەسىپكە ماس كېلىدىغان ئۇسكىنە بۇ نۇقتىنى چىقىش قىلىپ بالىغا كۆپلەپ چەك قويىۋالماي قىزىقىشىغا قانداق مەزمۇندىكى ئويۇنلارنى ئويناۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. "ئىدارىدە بار، بالامنىڭ مەكتىۋىدە بار" دەپلا ئىقتىسات يار بەرسىمۇ بالىغا كومپىيۇتېرنە ئېلىپ بەرمەسلىك بالىنىڭ قىزىقىشىنى بايقاشقا ماھىت بولماسلىق بالا تەربىيلەشكە توسالغۇلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. يەنە كېلىپ كومپيۇتېر يېزا ۋە بازار شەھەرلەرگە ئوخشاشلا ماس كېلىدۇ. كومپيۇتېر ماكان، تەبىقە، دۆلەت، كەسپنىڭ تەسىرىگە ئۈچۈرمايدۇ.


بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە بالاغەت دەۋرىگە قەدەم قويىدىغان بولغاچقا كومپيۇتېردىن غىدىقلىغۇچ مەزمۇنلارنى ۋە سېرق مەزمۇندىكى ئويۇنلارنى ئويناشقا كىرىشىپ كېتىشى ياكى بالدۇرلا توردا مۇھەببەتلىشىش يولىغا مېڭىپ يېشىغا ماس كەلمىگەن ھالدا ئۆگىنىشىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. شۇڭا بالىلارغا بولغان كۆز-قۇلاق بولۇشنى، كۆڭۈل بولۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. بۇنداق نازۇك دەۋردە، بالىلارغا ئىشىنىش ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈشىگە ئۈلگە بولىشىمىز كېرەك. كەڭرى كىيىملەرنى ئېلىپ بېرىپ ساياھەتكە، بالىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا، تۇرمۇشىنىڭ مول مەزمۇنلۇق بولىشىغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. مەن دائىم بالىلارنىڭ "داداملا بۈگۈن چايغا كېتىدۇ، تويغا كېتىدۇ. مەكتەپتىلا تاپشۇرۇقۇمنى ئىشلەپ بولدۇم. ماڭا، ھېلقىنقىدەك بەتلەرنى ياكى ٭٭٭ ئويۇن قاچىلاپ بېرىڭە يېرىم كېچىگىچە ئوينىۋالاي" دېگەندەك تەلەپلىرىنىمۇ ئاڭلاپ تۇرىمەن. مانا بۇلار بالىلارغا بولغان كغزىتىشىمىزنىڭ ۋە كۆڭۈل بولىشىمىزنىڭ يېتەرسىزلىكىنىڭ مەھسۇلى. كومپيۇتېرى ئېغىرلىشىپ كەتكەندە تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ كومپيۇتېرىنى تەكشۈرۈپ باقسام دادىسىنىڭ ياكى بالىسىنىڭ)ئوغۇللاردا كۆپرەك( سېرىق مەزمۇننى كۆرگەنلىك خاتىرىسىنى كۆرۈپ قالىمەن. بۇلار ئۇلارنىڭ شەخسىيىتى بولغاچ ئارتۇقچە گەپ قىلالماي مەزمۇنلىرىنى رەتلەپ بېرىپ كېتىپ قالىمەن. لېكىن، ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇشۇ سەۋەبنى بالىلارغا كومپيۇتېر ئېلىپ بەرمەسلىكنىڭ سەۋەبى قىلىۋالماسلىقىنى سورايمەن. بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ كومپيۇتېرغا مەخپىي نومۇر بېكىتىپ بېرىشىمنى سورايدىغانلىقىنى بىلىمەن. لېكىن، بالىسى ئاسانلا مەخپىي نومۇردىن ئاتلاپ ئوتۇپ كېتىشنى بىلمەي قالارمۇ. مەنچە بۇمۇ ياخشى ئۇسۇل ئەمەس. بالىغا كومپىيۇتېر بار بولغان مۇھىت يارىتىپ بېرىش بىلەن ئۈلگە بولىشىمىز ۋە ياخشى ياردەمچى بولۇپ ئىلمىي كىشىلىك قارىشىنىڭ يېتىلىشىگە ھەمدەمدە بولىشىمىز كېرەك. شۇندىلا كومپيۇتېرغا مەخپىي نومۇر بەلگىلەپ ئېچىشنىڭ بالىدىن ئارتۇقچە ئەنسىرەپ كومپيۇتېر ئېلىپ بەرمەسلىكتەك قاتمال) غۇۋا( چۈشەنچىلەردىن خالىي بولىشىمىز. بالىنىڭ پسىخىكىلىق ۋە فىزىلوگىيەلىك ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىپ ئۆگۈنۈشكە ماسلاشقان تۇرمۇش ئادىتىگە ھەمدەمدە بولساق بالىغا قانچىكى ئىشەنسەك ۋە ئارتۇقچىلىقىنى ئېيتىپ بەرسەك، ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرساق. بالا ئۆز نىشانىنى بالدۇر بېكىتىپ بالدۇر ئۆزلىگىدىن بىلىم ئىگەللەشنىڭ پەرۋانىسىغا ئايلىنالايدۇ. شۇندا بايىقى ئەنسىرەشلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ھېس قىلىمىز. ساغلام كىشىلىك ھاياتقا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يۇزلىنەلەيمىز. ئەنسىراش ئالغا مېڭىش يولىمىزنى توسىۋالمىسۇن.