[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى
جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى

يېزىلغان: دۈيشەنبە ئىيۇل 11, 2011 3:39 am
تەرىپىدىن يوللانغان Nezeri
ئارىمىزدا ئالما مەھسۇلاتلىرىنى يىڭىدىن تونۇغانلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. شۇڭا خالاستان بىلوگىدىن نەزەرى ۋە مۇركەبىر بىرلىكتە يىڭى ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ بۇ «قىممەت» ئۈسكىنىدىن ئەتراپلىق پايدىلىنىشى ئۈچۈن «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» تۈزۈپ تارقاتتۇق.
[img]http://www.halastan.com/wp-content/uploads/2011/06/2-300x202.jpg[/img]
كىرىش سۆزى:

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!

قەدىرلىك ئاكا-ئىنى، ھەدە سىڭىل! مەن خالاستان بىلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى نەزەرى. خالاستان بىلوگى بولسا «شىنجاڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى»(XJMac.com) نىڭ تارمىقىدىكى كىچىك بېكەت. مەن «شىنجاڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى» تە ئۇستازلاردىن ئۆگەنگەن بىلىملەرنى تېخىمۇ چۈشىنىشلىك، ئاددى يوسۇندا بىلوگ ئارقىلىق تارقىتىۋاتىمەن خالاس.

ئىلمنىڭ زاكىتىنى بېرىش تەشۋىقى بىلەن بىلوگ قۇرۇلغاندىن بىرى نۇرغۇن ئىلىمسۆيەر قىرىنداشلارنىڭ مەدىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە بىلوگلار ئارسىدا مەلۇم تەسىرگە ئىگە بولدى. بولۇپمۇ زامانىمىزنىڭ ئەڭ ئەركە مەھسۇلاتى بولغان iPhone,iPod,iPad قاتارلىق ئۈسكىنىلەرگە كەسپىي تېخنىكىلىق مەسلىھەت تەمىنلەش شۇئارى بويىچە يول تۇتۇپ كەڭ ئالما ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ.

ئىنىمىز مۇركەبىر يىقىندا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئالما ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن تەييارلىغان iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسنىڭ ئورگىنالىنى ماڭا تاپشۇرغان.مەن بىخلان ئەپەندىنىڭ كۆرۈپ بەرگەن پىكىرى ۋە ئۆزۈمنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق مەزمۇنلارغا يىڭىلاش ئېلىپ باردىم. ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىشلىرى بىلەن كود ئالماشتۇرۇش(ئەسلى مەزمۇن پۈتۈنلەي كىڭەيتىلگەن رايۇندا يېزىلغان)، تەھرىرلەش، بەت ياساش ئىشلىرىنى سەل كىچىكتۈرۋەتتىم.

ئاددىي چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي :بۇ كىتابتا سۆزلەنگەندە مەزمۇنلار گەرچە iPhoneھەققىدە بولسىمۇ بارلىق مەزمۇنلار دېگۈدەك ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن بولغان iPhone,iPod,iPadغا ماس كىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ 3 مەھسۇلاتنىڭ مەشغۇلات سىيستېمىسى پۈتۈنلەي ئوخشاش. iPhoneئەسلى ipod touch ئاساسىدا ئىشلەنگەن. ipod touchقا تېلفون ئۇرۇش، يول باشلاش ئىقتىدارى قوشۇلسا iPhoneغا تەڭداش كىلىدۇ. iPad بولسا ئىكرانى چوڭايتىلغان ipod touchقا باراۋەر دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.

ئاددىيلا كىتابچە، ئاددىيلا لايىھە، ئاددىيلا مەزمۇن… خالاستان بىلوگىنىڭ كەڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى، يىڭىدىن ئالما مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۇچراشقانلار ۋە ئۇچراشماقچى بولغانلارغا بەرگەن ئاددىي سوۋغىسى.

كىتابچىنىڭ بارلىق مەزمۇنلىرىنى يېزىپ، رەسىملىرىنى بىر-بىرلەپ سىزىپ چىققان مۇركەبىرگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. بىلىك كۇلۇبىدىكى ئالىمجاننىڭ قىممەتلىك پىكىر بەرگىنىگىمۇ كۆپ رەھمەت. خوش، ئوقۇرمەننىڭ دىققىتى تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولغاي…

[url=http://dl.dbank.com/c0ni7d0io7]كىتابچىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى[/url]
خالاستان بىلوگى ئەڭ كەسپىي مەسلىھەت بىلەن سىزگە تېخنىكىلىق ياردەم بېرىدۇ.
[url]http://www.halastan.com/[/url]

يېزىلغان: چارشەنبە ئىيۇل 13, 2011 11:27 am
تەرىپىدىن يوللانغان Nezeri
مۇنبەر ئاتامانلىرىغا تەكلىپ:
مىنىڭ نامىمنى Nezeri دەپ ئۆلچەملىك قىلىپ ئۆزگەرتىپ بېرىلسە.
كۆپ رەھمەت.
مەن ئۇزۇن بولدى، ئىچكى خەتتىنمۇ جاۋاب ئالالماي كونا نامىم بىلەن قالدىم.

يېزىلغان: چارشەنبە ئىيۇل 13, 2011 5:06 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
ھازىر بەتنى كىم باشقۇرۇۋاتىدۇ بىلگىلى بولماۋاتىدۇ. دوستانە ئۇلىنىش ئېلىۋىتىلدى، باشقىلارنىڭ ئەزا بولىشى قولايسىز.

يېزىلغان: يەكشەنبە ئاۋغۇست 21, 2011 11:29 am
تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin
نەزەرى گە ئۆزگەرتىلدى.