201108-UKIJ بەتنى باشقۇرۇۋاتقانلارغا

كومپىيۇتېر ۋە كومپىيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرگە پايدىلىق بولغان ئۇچۇر ماتېرىياللار يوللىنىدۇ ۋە تونۇشتۇرىلىدۇ.
Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

201108-UKIJ بەتنى باشقۇرۇۋاتقانلارغا

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » يەكشەنبە ئاۋغۇست 28, 2011 11:33 am

ھازىر توربەتنى كىم باشقۇرۇۋاتىدۇ بىلگىلى بولماۋاتىدۇ. نەيلى كىم باشقۇرۇۋاتقان بولسۇن بۇ سۆز قالدۇرۇلدى.
UKIJ نىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش، تېخىمۇ كۆپ توربەتنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىشلارغا جىددىي قاراش كېرەك.

1- دوستانە ئۇلىنىش ئېلىۋىتىلدى، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ، بېيىتىشنى تەلەپ قىلىمەن.
2-باشقىلارنىڭ ئەزا بولىشى قولايسىز. بۇ ھەل قىلىنسا.
3- بەتنى تەڭشەش- ئۆزگەرتىش قىلىۋاتقان ياكى مەسئۇل بولغۇچى ئىشنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلسا.
4- تېخنىكىلىق ئىشلارغا يىتىشەلمىگۈدەك بولسا قولىدىن كېلىدىغان تورداشلارنى ياردەمگە چاقىرسا.



koinlun
يازمىلار: 4
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئىيۇل 01, 2010 7:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان koinlun » يەكشەنبە ئاۋغۇست 28, 2011 2:34 pm

توغرا، ئاقىلانە پىكىر، بۇ بەت ئېچىلغانكەن باشقۇرۇش ئىقتىدارى بارلاردىن تاللاپ باشقۇرۇشقا قويۇپ مۇنبەرنى ئاز تولا بېيىتىشقا تىرىشسا، تېزىملاتقانلارغا قولايلىق يارىتىپ بىرىلسە، مەنمۇ بىر يىلدىن ئۆتكەندە ئاران ئەزالىق سالاھىيتىگە ئىرىشىپتىمەن.

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » يەكشەنبە سېنتەبىر 04, 2011 12:05 pm

ئىنتىل ئەپەندىمنىڭ قالدۇرغان سوئاللىرىغا شەخسەن قوللاش پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرىمەن. UKIJ ئەزا بولۇپ كىرگەن تورداشلارنىڭ سانى خېلى كۆپ، بۇ تور بېكەت نورمال ئېچىلىپ تۇرۇۋاتقانىكەن، بىر قىسىم تەلەپ قىلىنغان مەسىلىلەر ھەل قىلىنىشى كېرەك. ھازىر تور بېكەتنىڭ قانداق باشقۇرۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلمىسەكمۇ، مەلۇم باشقۇرغۇچىلارنىڭ باشقۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئېنىق، شۇڭا بۇ تور بېكەتنى تاشلاپ قويماي ئازراق بولسىمۇ ئەزا بولغۇچىلارنىڭ ئىلتىماسىنى تەستىقلاش، ئىنكاسلارغا جاۋاب بېرىش دېگەندەك ئىشلارنى بولسىمۇ قىلىش كېرەك ئىدى، باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىنتىل ئەپەندىم ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى ئويلىشىپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
خېلىدىن بېرى UKIJ توربېكىتىگە دائىم كىرىپ تۇرساقمۇ، تور بېكەتكە ھېچنىمە قىلىپ بېرەلمىدۇق، ھەممىمىز ئۆز ئىشىمىز بىلەن بولۇپ كېتىپ، بۇ يەرنى تاشلاپ قويىۋاتىمىز. ھەپتىدە بىرەر قېتىم بولسىمۇ بۇ بېكەتكە ئەھمىيەتلىك بىرەر تېما يوللاپ ئاز-تولا ئاۋاتلاشتۇرۇپ تۇرۇش ھەر بىرەيلەننىڭ مەجبۇرىيىتى ئىدى، كونا ئەزالارنىڭ بۇ نۇقتىنىمۇ ئويلىشىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

serdar
يازمىلار: 6
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە يانۋار 16, 2008 8:07 pm
ئالاقىلىشىش:

مەن ھەم قوللايمەن!

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان serdar » دۈيشەنبە سېنتەبىر 05, 2011 2:41 pm

ئىنتىلكامنىڭ دېگەن سۆزلىرى تۆۋەندىكى جامائەتلەرنىڭ قارىشى بىلەن ئوخشاش دەپ قارايمەن.
يۇقىرىدا ئوتۇرغا قويۇلغان مەسىلىنى بىرەر باشقۇرغۇچى بىرەكۈن ئولتۇرسىلا قىلىپ كېتەلىشى مۇمكىن..

مەن بۇ توربېكەتنى ياخشى كۆرىمەن..سەۋەبى، بۇ توربېكەت ماڭا ھەقىقىي تور مەدەنىيىتىنى ئۆگەتكەن بايلىق كانى!

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » دۈيشەنبە سېنتەبىر 05, 2011 9:21 pm

سالام Intil ئەپەندىم،

ئەگەر ماقۇل كۆرسىڭىز سىزنىمۇ باشقۇرغۇچىلار قاتارىغا قوشۇپ قوياي. مەن ھازىر ئالدىراش بولغاچقا ۋاقىت چىقىرالمايمەن، باشقا باشقۇرغۇچىلارمۇ شۇندق بولسا كېرەك...
UKIJ تورىنىڭ ماھىتىنى مەن ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىنى ئۆلچەم ۋە تەرتىپكە سالىدىغان بېكەت دەپ قارايمەن. كۆپچىلىكنىڭ ئويلىغىنىدەك قايناق سورۇن بولۇشىنى ئۈمىد قىلسامما، ئۇنداق بولالماي قالسا مەيۈسلىنىش ھاجەتسىز دەپ قارايمەن.

Nezeri
يازمىلار: 53
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئىيۇن 06, 2007 4:51 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Nezeri » سەيشەنبە سېنتەبىر 06, 2011 1:49 am

ئىنكاسمۇ تەستىق كۈتىدىغان بولۇپ قاپتۇ. مۇمكىن بولسا مۇشۇ توسالغۇنى بىر ئىلىۋەتسەك، رەھمەت!

يەنە بىر گەپ. ماۋۇ يەرگە باشقۇرغۇچىلار ئوبدان يۇغلىشىپتۇ. [url]http://bbs.bilik.co/thread-23089-2-1.html[/url] دىكى ئىنكاسىمغا ھازىرمۇ UKIJ باشقۇرغۇچىلىرى، بىزنىڭ ئۇستاز-يولباشچىلىرىمىزدىن جاۋاب ئاڭلاشنى خالايمەن.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

# Oyghan غا يوللانغان جاۋاب

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » سەيشەنبە سېنتەبىر 06, 2011 3:29 pm

ۋەئەلەيكۇم ئەسسىلام
جاۋاپ قايتۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت، ھازىرمۇ پات-پات كىرىپ تېما- ئىنكاسلارغا قاراپ تۇرۇۋاتىمەن، تور بېتىم بولغاچقا توردا بولىدىغان ۋاقتىم كۆپرەك ئىكەن، ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتىنىڭ ئىشى ئۆزەمنىڭ ئىشى دەپ بىلەن، ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتىنىڭ كونا ئەزالىرى ئىچىدىن ماڭا ئوخشاش تورغا كۆپرەك چىقالايدىغانلارنىڭ ھوقۇقى تەڭشەپ قويۇلسا .

DolanliK
يازمىلار: 34
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە سېنتەبىر 13, 2007 1:13 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان DolanliK » پەيشەنبە سېنتەبىر 08, 2011 5:12 pm

كومپيوتىرغا دەسلەپتە كىرىشكەن ۋاقتىلىرىمدا تۇنجى بۇلۇپ دوستۇمدىن UKIJ ۋە بىلىك دەپ تور بېكەت بارلىقنى ، كومپيوتىردا كامالەتكە يەتكەنلەرنىڭ مۇشۇ يەرگە يىغىلىدىغانلىقىنى ، مەسلىگە يۇلۇققاندا مۇشۇ يەردە ھەل قىلسام بۇلدىغانلقىنى بىلگەندىن بېرى بۇ تور بېكەتلەرگە دائىم كېلىپ تۇراتتىم، ھەم بىلمىگەن نەرسىلەرنى سوراپ ئۆگەنگەن ئېدىم.
لېكىن تور توختاش سەۋەبى بىلەن بۇ ئىككى تور بېكەتلەر بۇرۇنقىدەك قىززىماس (ئىلگىرى يېڭى تېمىلار كۈندە ئاز دېگەندىمۇ 50 دىن كۆپرەك يوللىناتتى) بۇلۇپ قالدى. ھازىرمۇ دائىم كىرىپ تۇرىمەن، ئەمما يېڭى مەزمۇنلار بەك ئاز. ساپلا تېلفۇننىڭ گېپى. كومپيوتىرغا ئائىت تېمىلار ناھايىتى ئاز.

گەرچە كۆپ نەرسىلەرنى بىلىپ كەتمىسەممۇ، كۇلۇپقا بىر نەچچە تەكلىپىمنى بېرىپ باقسام:
1. ئالدى بىلەن كۇلۇپ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كۆرۈنىشىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرسەڭلار. (كۆپۈنچىڭلار بېلىم بولسلا بولمىدىمۇ؟ چىرايلىقلاشتۇرۇپ نېمە قىلىمىز دېيشىڭلار مۇمكىن، ئادەم دېگەندە گۈزەللىككە ئېنتىلىش تۇيغۇسى بۇلىدۇ، سىزنىڭ بېلىمىڭىز بۇلۇپ، سىرتقى قىياپىتىڭىزگە ئەھمىيەت بەرمىسىڭىز، ئاندا-ساندا باشقىلار تەرپىدىن سەل قارىلىپ قالىسىز. ھەم بېلىملەر كۆپ، ھەم كۆركەم بولسا تېخىمۇ كۆپ كىشلەرنى جەلىپ قىلالىشى مۇمكىن)
2. باشقۇرغۇچىلارنى كۆپەيتىپ يېڭى مەزمۇنلارنىڭ يوللىنىشىغا كۈچ چىقارساڭلار. ( باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھەممىڭلار چوڭ ئىشلار بىلەن بەك ئالدىراش ئىكەنسىلەر، بولسا ھەر بىرىڭلار بىرنەچچىدىن شاگىرت تەربىيلەپ، شۇلارنىمۇ باشقۇرۇشقا ياردەملەشتۈرسەڭلەر)
3. ھەر قايسى تور بېكەتلەرنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆز تور بېكەتلىرىدە UKIJ نى تەشۋىق قىلسا، مەسلەن: توغ بەلگىسنى ئۇلىنىش قىلىش، رەسمىلىك ئېلان قىستۇرۇش دېگەندەك. ( ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى UKIJ نىڭ فونتلىرنى ئشىلتىمىز، نېنىنى يەپ ئىگىسىنى ئۇنتۇپ قالساق بولماس، شەخسەن ئۆزۈم بۇندىن كېيىن UKIJ نى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تەشۋىق ققىلىمەن ۋە داۋاملاشتۇرىمەن)
4.

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » پەيشەنبە سېنتەبىر 08, 2011 8:31 pm

Intil ۋە Alpsoft ئەپەندىلەرگە مۇنبەر باشقۇرۇش ھوقۇقى بېرىلدى.

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » يەكشەنبە سېنتەبىر 11, 2011 7:48 am

UKIJ مۇنبىرى باشقا مۇنبەرلەرگە ئوخشاپ كەتمەيدۇ، بۇ يەردە ئاساسەن ئويغان ئەپەندىم ئېيتقاندەك ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىدىكى ئۆلچەم ۋە تەرتىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ھەل قىلىنىۋاتقان. بۇندىن كېيىنمۇ ھەم شۇنداق بولسا دەپ ئۈمىد قىلىمىز. ئاساسەن تەتقىقات نەتىجىلىرى توغرىسىدا ئىزدىنىشنى ئاساس قىلساق دېمەكچى.
دولانلىق ئەپەندىمنىڭ ئېيتقىنىدەك مۇنبەر سىستېمىسىنى يېڭىلاش پىكرىگە شەخسەن قوشۇلساممۇ، بىراق ھازىر ۋاقتى ئەمەستەك قىلىدۇ. ھازىرقى مۇنبەر سىستېمىسىنىڭ نەشرى تۆۋەنرەك بولسىمۇ، نۆۋەتتىكى ئېھتىياجلارنى قاندۇرۇپ كېتەلەيدۇ دەپ قارايمەن. يەنە كېلىپ بۇ تور بېكەتنىڭ ھازىرقى ئۇسلۇبى ۋە رەڭگى بىزدە تەسىرات قالدۇرغان، بۇ خىل كۆنۈش ھالىتىنى كۆپىنچىمىزدە تور بېكەتنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ياخشى كۆرۈش تۇيغۇسىنى كەلتۈرگەن. ھازىر باشقۇرغۇچىلار سەل تارقاق ھالەتتە ھەمدە بەزىلىرىمىزنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئىشلىرى تۈپەيلىدىن باشقۇرۇشقا يېتىشەلمەسلىك ئەھۋاللىرىمۇ مەۋجۇد. بۇ خىل ھالەتنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن يەنە ئازراق ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، مۇنبەر سەل جانلانغاندىن كېيىن، باشقۇرغۇچىلار مەسلىھەتلىشىپ سىستېمىنىنىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدەنسە دەپ ئويلايمەن.
ھازىر UKIJ مۇنبىرىدە يېڭى-يېڭى جانلىق تېمىلار خېلىدىن بېرى ئازلاپ كەتتى، ھازىرقى مەسىلە قانداق قىلغاندا UKIJ نىڭ خارەكتېرىگە ماس كېلىدىغان تەتقىقات، ئۆلچەم، يېتەكلەش جەھەتلەردىكى تېمىلارنى يېزىپ، ئوقۇرمەنلەرگە بۇرۇنقىدەك بىلىم ئېلىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش شارائىتىنى يارىتىپ بېرىش توغرىسىدا كۆپرەك ئويلىنىش زۆرۈر. باشقۇرغۇچىلار ھېچبولمىغاندا بىر ھەپتە ئىچىدە بىرەر پارچە ئىلمى تەتقىقات توغرىسىدىكى قىسقىچە بايان، ياكى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بىرەر پارچە يازما يوللاپ تۇرالىغان بولساق، ئۇ چاغدا بۇ مۇنبەرنىڭ ئەسلىدىكى جانلىق ھالىتىگە قايتىشى ئۈچۈن تولىمۇ پايدىلىق بولغان بولاتتى.
مەن UKIJ فونتلىرىنىڭ يېڭىلىنىشىغا مەسئۇل بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتاتتىم، ھەم بۇ توغرىسىدىمۇ مۇنبەرلەردە پارچە-پارچە يوللىنىپ كەتكەن يازمىلارنى يېغىنچاقلاپ بىر تەتقىقات يازمىسى قىلىپ رەتلەپ چىقىشنى ئويلىغان بولساممۇ، كۆپىنچە ھاللاردا فونتلارنىڭ ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كېتىپ، بۇنىڭغىمۇ پۇرسەت چىقىرالماي قالدىم. بىراق، بۇندىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا مەنمۇ خىزمەت، تۇرمۇش ئىشلىرىمدىن بىر قىسىم ۋاقىتنى UKIJ ئۈچۈن ئاجرىتىشنى ئويلاشتىم، ھەم ھەر ھەپتىدە ئۆزۈمگە بىر پارچە جانلىق يازما يوللاش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىمەن. ھېچبولمىغاندا ئۆزى ياسىغان ياكى ئۆزى يەرلىكلەشتۈرگەن بىرەر يۇمشاق دېتالىنى تەمىنلەپ، يۇمشاق دېتالنىڭ ئىشلىتىشىنى تەپسىلىيرەك تونۇشتۇرغان يازما بولسىمۇ، بۇ بىر قانچە ۋاقىتلارغىچە مۇنبەردىكى ئوقۇرمەنلەرگە تېگىشلىك مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلەيدۇ دەپ قارايمەن. دېمەكچىمۇ، ماتېرىياللىرىمىزنى ۋەياكى يۇمشاق دېتاللىرىمىزنى ئىشلەپ بولۇپلا، كومپيۇتېرنىڭ بىر بۇرجىكىگە تاشلاپ قويۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرگە سۇنمىساق، بۇ ئىشلىگەن يۇمشاق دېتاللىرىمىزمۇ بۇرۇقتۇم بولۇپ كېتىشى مۇمكىن.
يۇقىرىقىلار مېنىڭ كۆزقاراشلىرىم.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار