Vista تەجىربىلىرى(1)_ قاچىلاش

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Computer
يازمىلار: 88
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 3:53 am
ئالاقىلىشىش:

Vista تەجىربىلىرى(1)_ قاچىلاش

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Computer » جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 9:38 am

[size=3]Vistaنى قاچىلاش[/size]

ئاۋۋال Vistaنىڭ ئۈنۈملۈك، يېڭى، كىيىن يەنە ياماق قاچىلىغىلى بولىدىغان نەشىرىنى تاللىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ.
بۇنىڭ ئامالى نۆۋەتتە 3خىل:
1) رەسمىي نەشىرىنى سىتىۋىلىش.
بۇخىل چارە ئەڭ تەۋسىيە قىلىنىدىغان چارە، بۇنداق بولغاندا سىز ھەقىقىي يوسۇندا MicroSoftنىڭ قانۇنلۇق ئىشلەتكۈچىسى بولىسىز، ھەمدە داۋاملىق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقوقىغا ئىرىشىسىز.
كەمچىللىكى: ئادەتتىكى ئايرىم سىتىۋىلىپ ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسپەتەن سەل قىممەت توختايدۇ، بۇنىڭ ئامالى يىڭى كومپىيۇتېر سىتىۋالماقچى بولغانلار ئالماقچى بولغان كومپىيۇتېرىدا مۇشۇ خىل ئىقتىدار بارمۇ يوق؟ يەنى Vistaقاچىلانغانمۇ يوق؟ دىگەن مەسىلىنى سوراپ سىتىۋالغاندا Vistaغا ئىرىشتۇق دىگەن گەپ، ھازىر كۆپلىگەن ماركىلىق كومپيۇتېرلار مۇشۇ خىل مۇلازىمەتنى يولغا قويدى.
2) باشقىلار سىتىۋالغان رەسمىي نەشىرىنى ئارىيەتكە ئىلىپ ئىشلىتىش.
بۇ خىل ئامالمۇ بولىدۇ، لىكىن تاپالىسىڭىز:D
3) رەسمىي نۇسخىسىنىڭ يىشىۋىتىلگەن نۇسخىسىنى[u] قاچىلاپ كۆرۈپ بىقىش[/u].
دۆلىتىمىز قانۇنىدا يۇمشاق دىتاللارنى [u]ئۈگىنىش، تەتقىقات ئۈچۈن [/u]يىشىپ ئىشلەتسە بولىدۇ، دەيدىغان بەلگىلىمىسى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ خىل ئامالنى يامان ئەمەس دىيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭدا سىز مۇككەممەل يىشىۋىتىلگەن نۇسخىسىنى تاپالىسڭىزلا كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.

لىكىن توردا Vistaنىڭ يىشىۋىتىلگەن نۇسخىسىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بىز زادى قايسسىنى كۆرۈپ بىقىشنى زادى بىلەلمەي كىتىمىز، دەل ياخشى نۇسخىسىنى تاپقاندا ئاندىن خاتىرجەم بولۇپ كۆرۈپ باقىدىغان گەپ، دەل مۇشۇ يامان ئەمەس رەسمىي نۇسخىسىنى تاپماق بەسى مۈشكۈل.
لىكىن سىز ئالدىرىماڭ، تۆۋەندە Vistaنىڭ مۇشۇنداق نۇسخىسىدىن بىرسى بار، سىناقتىن ئۆتكەن، مەن ئالدىنقى كۈنى سىناپ باقتىم، Windows.Vista.Ultimateنەشىرىنىڭ 2007-يىل 5-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە بولغان ياماقلار قوشۇلغان نۇسخىسى، توردىن مۇتلەق يىڭىلىغىلى بولىدۇ (بۇ سىناقتىن ئۆتكەن، مۇناسىۋەتلىك رەسىمنى كۆرۈڭ.)
دىسكا قوزغالغاندىكى دەسلەپكى كۆرۈنۈشى:
[img]http://photo6.yupoo.com/20070526/210017_267230697.jpg[/img]

قاچىلاش جەريانى:
[img]http://photo8.yupoo.com/20070526/210019_1643143320.jpg[/img]

[img]http://photo8.yupoo.com/20070526/210018_1196004993.jpg[/img]

نەشىر ئەھۋالى:
[img]http://photo8.yupoo.com/20070526/210019_404304506.jpg[/img]



توردىن چۈشۈرۈش:
چۈشۈرۈش ئادرىسى: [url=http://down.long-jf.com/data/soft/568.html]http://down.long-jf.com/data/soft/568.html[/url]

يۇقاردىكى تور بەتتىن چۈشۈرگەندىن كىيىن، مەن Dدىسكامغا قاچىلىدىم، Cدىسكىدا بىلىك&ئىنتىل تارقاتقان ئۇيغۇرچە XPبار ئىدى.
ھازىر قوش سىستىما ئىشلىتىۋاتىمەن.
چۈشۈرگەن Vistaنى قاتتىق دىسكىغا قويۇپ، ھۆججەتنى تەقلىدىي نۇر دىسكىدىن پايدىلىنىپ XPشارائىتىدا قاچىلاشنى باشلىۋەتتىم، قاچىلاش جەريانى XPنى قاچىلاشتىن كۆپ ئاسان ئىكەن. ئاپتۇماتىك قاچىلايدىكەن، دىمەكچى بولغىنىم قاچىلاش جەريانىدا بىزىدىن ھىچنىمە سورىمايدىكەن، پەقەت دەسلەپتە قايسى دىسكىغا قاچىلايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپلا بەرسەك بولىدىكەن، قاچىلاش جەريانىدا بىر قانچە قىتىم قايتا قوزغىلىدىكەن. سىز ھىچقايسى كونۇپكىنى باسماي قاراپ ئولتۇرسىڭىزلا بولىدىكەن.

قاچىلىنىپ بولغاندىن يەنى كىيىن ئەڭ ئاخىرقى قېىتم قايتا قوزغالغاندا قاپقارا ئىكران ھالىتىدە بەك ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتى، بەلكىم يىرىم سائەتتۇر، بۇ باسقۇچتا Vistaچىققاندىن تارتىپ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە تارقىتىلغان ياماقلارنى قاچىلايدىكەن، شۇڭلاشقا شۇنداق ھالەت شەكىللىنىدىكەن، مەن نىمىشقا قوزغالمايدىغاندۇ، دەپ ئاساسىي ئاپراتنىڭ ئۇچۇر ئوقۇش چىرىغىغا (قىزىل چىراققا) قارىسام توختىماي ئۆچۈپ يىنىپ تۇرىدۇ، ھە، قاچىلاۋىتىپتۇ، دەپ بىلدىم. يىرىم سائەت كىتىدىكەن، سەۋىر قىلىپ ساقلىغاندا ھالۋىغا ئىرىشكىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ، :D ئاخىرى ھالۋىغا ئىرىشتىم.

پەقەت قەدىرلىك ئۈستەل يۈزىگە ئىرىشكەندە ئاندىن قاچىلاش تامام بولدى دەپ بىلسىڭىز بولىدۇ.
ئاندىن يەنە يىرىم سائەتتىن كىيىن 1-2قېتىم قايتا قوزغاتتىم.
ئاندىن تورغا ئۇلاپ، يىڭىلاش پىروگراممىسىنى ئىجرا قىلدىم.
مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نۇرغۇن ياماق تاپتى، بۇنىڭ ئىچىدىن مۇھىم دىگەنلىرىگە ئۆزى چۈشۈرۈش بەلگىسىنى قويىدىكەن، مەن ئۇنىڭدىن يەنە كومپيۇتېرىمنىڭ قاتتىق دىتال سەپلىمىسىگە ئائىت ئىككى يىڭىلاش يامىقىغىمۇ بەلگە ئۇرۇپ قويدۇم. (باشقىلارنىڭمۇ مۇشۇنداق قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.)
ياماق چۈشۈرۈش رەسىملىرى:
[img]http://xjboy.xinwen520.net/v/001.png[/img]

[img]http://xjboy.xinwen520.net/v/002.png[/img]

[img]http://xjboy.xinwen520.net/v/003.png[/img]

[img]http://xjboy.xinwen520.net/v/004.png[/img]

[img]http://xjboy.xinwen520.net/v/005.png[/img]

[img]http://xjboy.xinwen520.net/v/006.png[/img]


(ئەگەر رەسىملەر چىقمىسا ئۈستىدىكى رەسىملەرنى Vista چۈشۈرۈش بىتىدىن كۆرۈڭ.
ئاستىدىكى رەسىملەرنى بىرىنجى چىقمىغان رەسىمنى چەكسىڭىز ئايرىم بەتتە كۆرۈنىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ ئادرىسىدىكى 001دىگەن رەسىم نامىنى 002،003،004،005،006گە ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز مۇناسىپ رەسىم چىقىدۇ.)

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Computer ، ۋاقتى: 2007-8-31 16:10 [/i]]



Computer
يازمىلار: 88
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 3:53 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Computer » جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 10:02 am

ھەقسىز بوشلۇق دىگەننى زە.................>>>>>>>..:Q



[color=White]خەت ئاز دەيدۇ، ھوي، مانا بۇلار خەت بولدىمۇ ئەمدى، بولمىغان بولسا بۇغۇ بولار، بۇمۇ بولمىسا نېمە دىگۈلۈك ئەمدى، ھەييييييييييييي........[/color]

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » دۈيشەنبە سېنتەبىر 03, 2007 5:03 am

ياخشى باشلىنىش، ياخشى تاللاش بوپتۇ، ھىرىپ قالمىغايسىز، رەھمەت.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار